ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
مەزكۇر ماقالىدە نۆۋەتتىكى خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئەڭ يادرولۇق مەسىلىسىگە ئايلانغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ قاتلاملىق، مۇرەككەپ ۋە يەرشارىۋى تەسىرگە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى ئاساسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل كۈچ سىنىشىشى پەقەتلا ئىككى تەرەپلىك سىياسىي مۇناسىۋەت بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنيا تەرتىپىنىڭ يۆنىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تارىخ، ئىقتىساد، گېئو-سىياسەت ۋە ئىدېئولوگىيەدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئوقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ [1].
تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆپ قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك داۋالغۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، دەسلەپكى سودا ئالاقىسىدىن تارتىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئىتتىپاقداشلىق ۋە نۆۋەتتىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك قارشىلىشىشقىچە بولغان جەريان ئىنتايىن مۇرەككەپ سىياسىي لوگىكا بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئۈستۈنلۈك ئورنىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشسا، خىتاي ئۆزىنى خەلقئارا سەھنىدە قايتىدىن بۈيۈك دۆلەت قىلىپ تىكلەشكە ئۇرۇنماقتا [2].
بۇ ماقالىنىڭ ئەھمىيىتى دەل مۇشۇ رىقابەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد، تېخنىكا، ھەربىي كۈچ ۋە ئىدېئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە قانداق ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خەلقئارا لىبېرال تەرتىپكە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى ئاكادېمىك نۇقتىدىن يورۇتۇپ بېرىش بىلەن گەۋدىلىنىدۇ. ئانالىز جەريانىدا «تۇكىدىدېس تۇزىقى» ۋە «ھۇجۇمچان رېئالىزم» قاتارلىق نوپۇزلۇق خەلقئارا سىياسەت نەزەرىيەلىرى قوللىنىلىپ، بۇ رىقابەتنىڭ ئىچكى قوزغاتقۇچ كۈچلىرى ۋە پەلسەپەۋى ئاساسلىرى ئېچىپ بېرىلىدۇ [3]. ئۇنىڭدىن باشقا، تەيۋەن بوغۇزى، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق سەزگۈر جۇغراپىيەلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق توقۇنۇش نۇقتىلىرى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى بىلەن خىتاينىڭ ئۈستۈنلۈك ئارزۇسىنىڭ قانداق كېسىشىدىغانلىقىنى تارىخىي دەلىللەر بىلەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ قىزىق نۇقتىلار رىقابەتنىڭ مەركىزى بولۇپلا قالماي، ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگىمۇ بىۋاسىتە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىر كۆرسەتمەكتە [4].
ئاخىرىدا، نۆۋەتتىكى خەلقئارا سىياسىي رېئاللىقلار ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيەلىرىگە ئاساسەن، بۇ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزئارا قايسى خىل سېنارىيەلەر ئارقىلىق مۇناسىۋەت قىلىدىغانلىقى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ يېتىپ كېلىش ئېھتىماللىقى ۋە رىقابەتلىك بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ لوگىكىلىق يەكۈنىنى چىقىرىپ چىقىمىز.
تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش: سودا ئالاقىسىدىن ئىستراتېگىيەلىك بۇرۇلۇشقىچە
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي مۇناسىۋەت ئەسلىدە ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى ساپ سودا مەنپەئەتى ئاساسىدا باشلانغان بولۇپ، 1784-يىلى ئامېرىكىنىڭ سودا پاراخوتى گۇاڭجۇ پورتىغا يېتىپ كېلىش بىلەن تۇنجى قەدەمنى باسقان [5]. بۇ مەزگىلدە خىتاي ئۆزىنى مەركىزىي ئىمپېرىيە دەپ قارايدىغان يېپىق بىر دۆلەت بولسىمۇ، غەرب ئەللىرىنىڭ يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان سودا ئارزۇسى بىلەن ئۇچرىشىشقا مەجبۇر بولغان. 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيەنىڭ ئەپيۈن ئۇرۇشى ئارقىلىق خىتاينىڭ دەرۋازىسىنى زورلۇق بىلەن ئېچىشى، ئامېرىكىنىڭمۇ رايوندىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى. 1844-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاي بىلەن تۇنجى رەسمىي دىپلوماتىك كېلىشىم ھېسابلانغان ۋاڭشيا شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، خىتاي پورتلىرىدا سودا قىلىش ۋە ماكانلىشىش ئىمتىيازىغا ئېرىشتى [5]. بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئامېرىكا ئەڭ كۆپ ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەت سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.
گەرچە دەسلەپكى مەزگىللەردە ئالاقە كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 1882-يىلى خىتاي كۆچمەنلىرىنى چەكلەش قانۇنى ماقۇللاپ، خىتايلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى ئون يىل چەكلىدى. بۇ سىياسەت ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى دەسلەپكى ئىرقىي كەمسىتىش ۋە زىددىيەتلەرنىڭ باشلىنىشى سۈپىتىدە تارىخ بېتىگە يېزىلدى[5]. 1899- يىلى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان «ئوچۇق ئىشىك» سىياسىتى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن باراۋەر سودا پۇرسىتى يارىتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ سىياسەت ياۋروپا ئىمپېرىيالىستىك كۈچلىرىنىڭ خىتاينى پۈتۈنلەي پارچىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەلۇم رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى بىر دىپلوماتىك تاكتىكىسى ئىدى [5].
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىككى دۆلەت ياپونىيەگە قارشى ئىتتىپاقداش سەپكە ئۆتتى. ئامېرىكا ئۇچقۇچىلىرىدىن تەركىب تېپقان ئۇچار يولۋاسلار ئەترىتى خىتايغا ھەربىي جەھەتتىن زور ياردەم بەردى ۋە بۇ مەزگىلدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى دوستلۇق پەللىسىگە يەتتى [5]. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ياردەملىرى خىتاي مىللەتچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ئاساس ياراتتى. ئەمما 1949-يىلى ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەيۋەنگە قېچىپ بارغان مىللەتچى ھۆكۈمەتنى داۋاملىق قوللاپ، يېڭى قۇرۇلغان كوممۇنىست ھاكىمىيەتنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى [1]. شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي ئالاقە نەچچە ئون يىلغىچە ئۈزۈلۈپ قالدى. 1950 – يىللاردا پارتلىغان كورېيە ئۇرۇشى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بىۋاسىتە ۋە قانلىق تىركىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەنى قوللاپ ئۇرۇشقا كىرىشى ئامېرىكىنىڭ خىتاينى قورشاۋغا ئېلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولدى، بۇ ئەھۋال سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ يىراق شەرق سەھنىسىدىكى كەسكىنلىشىشى ئىدى [1]. شۇ يىللاردا ئامېرىكا ئىچىدە خىتاينى كىم يوقاتتى؟ دېگەن سىياسىي مۇنازىرە قىزىپ كەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ كوممۇنىستلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كونتروللۇقىدىن سىرتتىكى ئىش ئىكەنلىكىنى ئاقلاپ ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى [6]. بۇ دەۋردىكى ماككارتىزم كۆپلىگەن خىتايشۇناسلارنى زەربە ئوبيېكتىغا ئايلاندۇردى.
-1960يىللارغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق يېرىلدى. بۇ جەريان 1969-يىلىدىكى چېگرا توقۇنۇشى بىلەن ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈچۈن خىتاينى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بىر قوز بېلىتى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، كوممۇنىست لاگېرىنى پارچىلاش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى [7]. نەتىجىدە 1971-يىلىدىكى تىك تاك توپ دىپلوماتىيەسى ۋە ھېنرى كىسسىنگېرنىڭ مەخپىي زىيارىتى ئارقىلىق باشلانغان يۇمشاش جەريانى، 1972-يىلى رىچارد نىكسوننىڭ تارىخىي خىتاي زىيارىتى بىلەن يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى ھەمدە 1979-يىلى رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلىپ، بۈگۈنكى گىرەلىشىش ھالىتىنىڭ ئۇلى سېلىندى [1].
ئىقتىسادىي گىرەلىشىش، يېڭى مەنپەئەت توقۇنۇشى ۋە تېخنىكا ئۇرۇشى
-1979يىلىدىن باشلاپ، خىتاي ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، غەربنىڭ كاپىتالىغا قۇچاق ئاچتى. دېڭ شياۋپىڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا غەربنىڭ ئەركىن بازار ئىقتىسادىنى تاللاپ قوبۇل قىلدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ ئۆزگىرىشنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى ھەمدە خىتايغا نۇرغۇنلىغان مەبلەغ ۋە تېخنىكا كىرگۈزدى [2]. گەرچە 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زەربە بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىگە سەۋەب بولغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن مۇناسىۋەتنى تامامەن ئۈزۈپ تاشلىماسلىقنى تاللىدى. بۇ قارار كېيىنكى مەزگىللەردە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ قايتىدىن قويۇقلىشىشىغا سەۋەب بولدى [6].
-1990يىللاردا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئىقتىسادىي ئەركىنلىشىش مۇقەررەر ھالدا سىياسىي لىبېراللىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ دېگەن خام خىيال يىلتىز تارتتى. غەرب سىياسەتچىلىرى خىتاي بايلىشىپ كاپىتالىزمغا يۈزلەنگەنسېرى دېموكراتىيەلىشىدۇ، دەپ ئۈمىد كۈتتى ۋە خىتاينىڭ خەلقئارا لىبېرال تەرتىپكە سىڭىپ كىرىشىگە پۈتۈنلەي يول قويۇپ بەردى [2]. بۇ خاتا چۈشەنچىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2001-يىلى ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى تولۇق قوللىدى. بۇ قەدەم خىتاينىڭ يەرشارى مىقياسىدا دۇنيانىڭ زاۋۇتىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغان ئەڭ چوڭ تارىخىي بۇرۇلۇش بولۇپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىگە ئەڭ چوڭ رەقىب يېتىشتۈرۈپ بېرىشىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالدى [5].
ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسى غەربنىڭ ئەركىن بازار ئىقتىسادى تۈزۈلمىسىگە ماس كەلمىدى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقىدىكى دۆلەت كاپىتالىزمى – يەنى بېيجىڭ ئورتاق تونۇشى – غەربنىڭ مۆلچەرىدىكى دېموكراتىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەت ئۈستىدىكى تىزگىنىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى [4]. تاشقى سودىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز كارخانىلىرىغا زور مىقداردا دۆلەت ياردەم پۇلى بېرىشى خەلقئارالىق رىقابەتتە ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. نەتىجىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا قىزىل رەقىمى نەچچە يۈز مىليارد دوللارغا يېتىپ، ئامېرىكا سانائىتىنىڭ كاساتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى [4]. بۇنىڭدىن سىرت، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش، غەرب شىركەتلىرىدىن مەجبۇرىي تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ۋە بازارغا كىرىش چەكلىمىلىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتى رامكىسىدا خىتاي ئۈستىدىن ئەرز قىلىنىدىغان ئاساسلىق مەسىلىلەرگە ئايلاندى. بۇ خىل ئادالەتسىز رىقابەت ئامېرىكىنىڭ سەۋر قاچىسىنى توشقۇزۇشقا باشلىدى [4].
-2018يىلى پرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ ئادالەتسىز سودا قىلمىشلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك تاموژنا بېجى ئۇرۇشى قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىش دەۋرى ئاخىرلىشىپ، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئاشكارا قارشىلىشىش ۋە ئۈزۈلۈش باسقۇچىغا قەدەم قويدى [1]. نۆۋەتتە بۇ رىقابەت پەقەتلا تاۋار سودىسى بىلەن چەكلەنمەي، يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىگىمۇ كېڭەيدى. سۈنئىي ئەقىل ، 5G تورى ۋە ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىدا كىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە شۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقى رېئاللىققا ئايلانغان بولغاچقا، ئامېرىكا بۇ ساھەلەردە ئېكسپورت چەكلىمىلىرىنى كۈچەيتمەكتە [8]. بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكسپورت چەكلىمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى خىتاينىڭ ھەربىي ۋە تېخنىكىلىق زامانىۋىلىشىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال نۆۋەتتە يەرشارىۋى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ پارچىلىنىشىغا تۈرتكە بولماقتا [2].
سىياسىي نەزەرىيەلەر نۇقتىسىدىن ئامېرىكا-خىتاي كۈچ سىنىشىشى
ئامېرىكا ۋە خىتاي رىقابىتىنى ئانالىز قىلىشتا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەلىرى ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. نۆۋەتتىكى ئىككى قۇتۇپلۇق ۋەزىيەت ئاكادېمىكلار تەرىپىدىن تۈرلۈك قېلىپلارغا سېلىنىپ، بۇ ئىستراتېگىيەلىك سۈركىلىشنىڭ ماھىيىتى ۋە يۆنىلىشى چۈشەندۈرۈلمەكتە [2].
بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ يادرولۇق ۋە كەڭ تارقالغان كۆزقاراشلاردىن بىرى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گراخام ئاللىسون (Graham Allison) ئوتتۇرىغا قويغان «تۇكىدىدېس تۇزىقى» نەزەرىيەسىدۇر. بۇ نەزەرىيە تارىخىي كۈچ ئالمىشىش جەريانىدىكى قانۇنىيەتلەرنى يورۇتۇپ بېرىشكە مەركەزلەشكەن [9].
بۇ ئاتالغۇ قەدىمكى يۇنان تارىخچىسى تۇكىدىدېسنىڭ ئافېنا بىلەن سىپارتا ئوتتۇرىسىدىكى پېلوپوننېس ئۇرۇشىنى چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغان بولۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بىر كۈچ بىلەن مەۋجۇت ھۆكۈمران كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا مۇقەررەر ئۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ياقلايدۇ [9]. ئاللىسوننىڭ تەتقىقاتىغا كۆرە، ئۆتكەن 500 يىل جەريانىدىكى 16 قېتىملىق كۈچ ئالمىشىش ھادىسىسىنىڭ 12 قېتىمى زور كۆلەملىك ئۇرۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۇنياۋى كۈچ سۈپىتىدە سەھنىگە چىقىشى ئامېرىكىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە ۋە تارىخىي پاجىئەنىڭ تەكرارلىنىش خەۋپىنى پەيدا قىلماقتا [9].
يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنياغا داڭلىق سىياسىيشۇناس جون مېرشايمېر (John Mearsheimer) نىڭ «ھۇجۇمچان رېئالىزم» نەزەرىيەسىمۇ بۇ رىقابەتنى يېشىپ بېرىشتە ئاچقۇچلۇق ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك قاتلام بىلەن تەمىنلەيدۇ [3]. مېرشايمېرنىڭ كۆزقارىشىچە، خەلقئارا سىستېما تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئانارخىيەلىك، يەنى دۆلەتلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان بىرەر ئالىي باشقۇرغۇچى ئاپپارات بولمىغان بىر مۇھىت بولۇپ، دۆلەتلەر پەقەت ئۆز بىخەتەرلىكىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قوغداش ۋە باشقىلاردىن كۈچلۈك بولۇش ئارقىلىقلا ھايات قالالايدۇ [3]. بۇنداق مۇھىتتا، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش بىر خىل ساقلانغىلى بولمايدىغان پاجىئە بولۇپ، ھەرقانداق قۇدرەتلىك دۆلەت ئۆز ئەتراپىدىكى رايوندا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ئورنىتىشقا تىرىشىدۇ، چۈنكى پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن تولۇق ئامان قالغىلى بولىدۇ [3]. مېرشايمېرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇشى رېئالىزم نۇقتىسىدىن ئىنتايىن تەبىئىي ھالەت، شۇڭلاشقا ئامېرىكىنىڭ سىياسەتچىلىرىنىڭ خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلەپ دوستلىشىشقا ئۇرۇنۇشى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق ھېسابلىنىدۇ [10].
ئىجتىمائىي قۇرۇلمىچىلىق (Social Constructivism) نەزەرىيەسى بولسا، ئىككى دۆلەت رىقابىتىنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىشىگە ئىدېئولوگىيە، قىممەت قاراش ۋە مىللىي كىملىكنىڭ كۆرسىتىدىغان پىسخولوگىيەلىك تەسىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ھەر ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنى دۇنيانىڭ ئالاھىدە مەركىزى دەپ بىلىدۇ [2]. ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىنى دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى، خەلقئارا لىبېرال تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ قارىسا، خىتاي بولسا «يۈز يىللىق خورلىنىش» تارىخىنى ئەسلەپ، دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك بۈيۈك ئورنىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئارزۇسى بىلەن ياشايدۇ. بۇ ئىككى قۇتۇپلۇق مىللىي ئاڭ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش گېئوپولىتىكىلىق كۈرەشنى تېخىمۇ مۇرەسسە قىلغۇسىز ھالەتكە ئەكېلىپ قويىدۇ [2].
سەزگۈر جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش نۇقتىلىرى: تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىز
ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ نازۇك ۋە پارتلاش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان جۇغراپىيەلىك تۈگۈن تەيۋەن مەسىلىسىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى دۆلەتنىڭ ئەڭ يادرولۇق مەنپەئەتى دەپ جاكارلاپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ قوشۇۋېلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە [1].
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا بىر تەرەپتىن «بىر خىتاي» سىياسىتىگە ئەمەل قىلغاندەك قىلسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن «تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى» غا ئاساسەن تەيۋەننى ھەربىي قورال بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ. رايوندىكى دېموكراتىيەنى قوغداشتا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۈجمەللىك سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلىشىنى توسماقتا [1].
بۇ سەۋەبتىن، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە كۈچىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن سۈرئەتتە كېڭەيتىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ ھەربىي زامانىۋىلىشىشى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى كۈچىنى چەكلەشنى، يەنى «كىرىشنى چەكلەش ۋە رايوننى قوغداش» (A2/AD) ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەنگە ياردەم بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلماقتا [2].
يەنە بىر مۇرەسسە قىلغۇسىز مۇھىم سەھنە بولغان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا، خىتاي توققۇز سىزىقلىق خەرىتە باھانىسى بىلەن پۈتكۈل دېڭىز تەۋەلىكىدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ۋە دۇنيا سودا لىنىيەسىنى مۇتلەق ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال پۈتۈن دۇنيا سودا ئەركىنلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ دەپ قارالماقتا [4]. گەرچە بۇ ھەرىكەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز قانۇنى ئەھدىنامىسىگە ئېغىر خىلاپ بولسىمۇ، خىتاي بۇ دېڭىز تەۋەسىدە كۆپلىگەن سۈنئىي ئاراللارنى قۇرۇپ ئۇنى تولۇق ھەربىيلەشتۈردى ھەمدە ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىن قاتارلىق قوشنىلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ھەربىي تەھدىت ئاستىدا قويماقتا [4].
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارمىيەسى بولسا بۇ خىل بېسىمغا قارشى «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكىنى قوغداش» ھەرىكىتى نامىدا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى مەزكۇر رايونغا توختىماي ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ رايوندىكى مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇقى دەۋاسىغا ئوچۇق-ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىپ كەلمەكتە [4]. بۇ ئىككى قۇتۇپنىڭ كۆز-كۆزگە تىكىشىشى دېڭىزدىكى سۈركىلىش خەۋپىنى كۈچەيتمەكتە. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بولسا، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي تەسىرىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قوغدىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئۇلار بۇ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ ئارىسىدا مۇرەككەپ بىر سىياسىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ [4].
شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى سېنكاكۇ ئاراللىرى مەسىلىسىدە، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ تارىخىي ئاداۋەت ۋە ھازىرقى تىركىشىش ئەھۋالى، ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىتتىپاقدىشى ياپونىيەنى قوغداش ۋەدىسى بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ چوڭ بىخەتەرلىك خەتىرى پەيدا قىلىۋاتىدۇ [4].
بۇ جۇغراپىيەلىك سىياسىي قىزىق نۇقتىلاردا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كىچىككىنە بىر ھەربىي سۈركىلىش ياكى تاكتىكىلىق خاتا ھۆكۈمنىڭمۇ كونترولدىن چىقىپ غايەت زور يەرشارىۋى ھەربىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. شۇڭلاشقا بۇ نۇقتىلار ئامېرىكا ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ دىپلوماتىك تاللاشلىرىنى ئىنتايىن چەكلىك ۋە سەزگۈر قىلىپ قويماقتا [2].
ئىدېئولوگىيەلىك كۈرەش ۋە يەرشارىۋى تەسىر دائىرىسى
ئامېرىكا ۋە خىتاي رىقابىتىنىڭ يەنە بىر كۈچلۈك ئامىلى بولسا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قىممەت قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياۋى ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇشتۇر. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتى ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا [2]. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلغان جازا لاگېرلىرى، نوپۇس قىرغىنچىلىقى ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ يىغىپ بولمايدىغان ئىدېئولوگىيەلىك زىددىيەتكە ئايلاندى [1].
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە پارلامېنتى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى رەسمىي ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلىپ، خىتايغا قارىتا بىر يۈرۈش جازا تەدبىرلىرىنى قوللاندى ھەمدە خىتايغا بولغان ئەخلاقىي ۋە دىپلوماتىك بېسىمنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە كۆتۈردى [1]. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ئارقىلىق ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇلۇشى ۋە ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىنىشى، غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا كېلىشىملەرگە ۋە ئەركىنلىك نورمىلىرىغا رىئايە قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنى يوققا چىقاردى [1].
خىتاي بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارشى غەربنىڭ ئۆلچەملىرىنى قەتئىي رەت قىلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى» ئارقىلىق ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە يېڭىچە بايلىق تەقسىماتى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسى سۇنۇشقا تىرىشماقتا ھەمدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى سىستېمىغا ئالترناتىپ بىر يول ئېچىۋاتىدۇ [7]. ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە سېلىنغان غايەت زور ئۇل ئەسلىھە مەبلەغلىرى خىتاينى ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا ئاساسلىق مەبلەغ ۋە قەرز مەنبەسى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى بېيجىڭغا قايتۇرۇشقا سەۋەب بولماقتا [7].
خىتاينىڭ يەرشارىۋى ئىدېئولوگىيەلىك ئىستراتېگىيەسى غەرب دېموكراتىيەسىنىڭ سىياسىي قۇتۇپلىشىش ئاجىزلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ «مۇستەبىت ئەۋزەللىكى» نى تەرغىب قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا سىستېمىدا ئامېرىكا تەسىر دائىرىسىنى سىقىپ چىقىرىشنى ۋە دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئۆلچەملىرىنى قايتىدىن يېزىشنى نىشان قىلماقتا [2].
ئۇچۇر ئۇرۇشى، ساختا خەۋەر تاراتقۇلىرى، چەتئەل سىياسەتچىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە دېموكراتىك ئاپپاراتلارغا سىڭىپ كىرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ۋە ئامېرىكىنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرۈش رىقابىتىدىكى يەنە بىر يۇمشاق قورالىغا ئايلاندى ھەمدە بۇ خىل جەڭ كۈنسېرى كەسكىنلەشمەكتە [2].
كەلگۈسى سېنارىيەلەر: يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىمۇ ياكى رىقابەتلىك بىللە مەۋجۇت بولۇشمۇ؟
بۇنچە كۆپ زىددىيەت، گىرەلىشىش ۋە مۇناسىۋەتلەر تورى ئارىسىدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى پەرەز قىلىش تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن بىر تېما. شۇنداقتىمۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى ئاساسىدا كەلگۈسىگە نىسبەتەن بىر نەچچە خىل ئاساسلىق سېنارىيە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا [2].
بىرىنچى سېنارىيە، خەلقئارا سەھنىدە «G2 بىللە باشقۇرۇش» مودېلىنى شەكىللەندۈرۈش. بۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ يەرشارى مەسىلىلىرىدە ئىستراتېگىيەلىك چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، دۇنيانىڭ يادرولۇق مەسىلىلىرىنى بىرلىكتە ھەل قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما نۆۋەتتىكى ئۆزئارا چوڭقۇر ئىشەنچسىزلىك ۋە رەقىبلىك ھالىتىدە بۇ سېنارىيەنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى نۆلگە يېقىنلىشىپ قالدى [2].
ئىككىنچى سېنارىيە، مۇتلەق قارشىلىشىشقا يۈزلىنىش، يەنى «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى». بۇ ئەھۋالدا ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە تېخنىكىلىق تەرەپتىن پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ، دۇنيانى بىر-بىرىگە دۈشمەن ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈۋېتىدۇ ھەمدە تەيۋەندە بىۋاسىتە ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىش خەۋپى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ [10].
لېكىن يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى خىتاي دۇنيا ئىقتىسادى ۋە ئامېرىكا بازىرى بىلەن مىڭلارچە يىپ ئارقىلىق باغلانغان. بۇ خىل ئۈزۈلۈشنىڭ دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىگە ۋە يەرشارى ئىقتىسادىغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ۋەيران قىلغۇچ بولىدۇ، شۇڭا ئىككى تەرەپ بۇنىڭدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ [7].
ئۈچىنچى سېنارىيە، «پاتقاق ئىچىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت». يەنى نۆۋەتتىكىگە ئوخشاش سوغۇق ۋە جىددىي ھالەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھالەتتە ئۇرۇشمۇ يوق، ئۆزئارا ھەمكارلىقمۇ يوق بىر مۇجمەل، بېسىملىق داۋالغۇش جەريانى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىنى چارچىتىپ قويىدۇ [2].
تۆتىنچى سېنارىيە، «رىقابەتلىك بىللە مەۋجۇت بولۇش» (Competitive Coexistence). ئامېرىكا تەتقىقات ئورۇنلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن سېنارىيە دەل مۇشۇ بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ قىزىل سىزىقلىرىنى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى ئېتىراپ قىلىپ، رىقابەتنى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدا باشقۇرۇشقا ماقۇل بولىدۇ [2].
بۇ خىل سېنارىيەدە، ئىككى دۆلەت مەنپەئەت توقۇنۇشىنى قوراللىق ھەربىي توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، دۆلەت مۇداپىئەسىدە قورال-ياراغ كونترول قىلىش ۋە ئورتاق كىرىزىس باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ ھەمدە كېلىشەلمەيدىغان ئىدېئولوگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە ئۆز يولىغا مېڭىشنى خالايدۇ [2].
مۇرەككەپ يەرشارىۋى خىرىسلار، مەسىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى، يەرشارى سەھىيە كىرىزىسى، قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە سۈنئىي ئەقىل بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە تاقىلىدىغان مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئىختىيارسىز ھالدا مەلۇم دەرىجىدە ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ، چۈنكى بۇلار ئىككىلا دۆلەتنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر [8].
خۇلاسە
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت شەخسلەرنىڭ ياكى ئايرىم سىياسىيونلارنىڭ كەيپىياتىغا باغلىق تاسادىپىيلىق بولماستىن، بەلكى سىستېمىلىق ۋە قۇرۇلمىلىق خاراكتېرگە ئىگە مۇقەررەر تىركىشىش. مەيلى ئامېرىكىدا قايسى پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسۇن، بۇ قارشىلىشىشنىڭ يۆنىلىشى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرمەيدۇ [7].
«تۇكىدىدېس تۇزىقى» ۋە «ھۇجۇمچان رېئالىزم» قاتارلىق چوڭقۇر نەزەرىيەلەر بىزنى ئاگاھلاندۇرغىنىدەك، خەلقئارا سىستېمىدا بۈيۈك دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى كۆپىنچە ھاللاردا يەرشارى مىقياسىدىكى پاجىئەلىك توقۇنۇشلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، بۇ بىزگە ناھايىتى قاتتىق ۋە كەسكىن بولغان تارىخىي ۋە سىياسىي زەربە بېرىدۇ [3]. ئەمما، يادرو قوراللىرى دەۋرىدىكى ئۆزئارا يوقىتىش قورقۇنچى ۋە خەلقئارا سودىدىكى چوڭقۇر ئىقتىسادىي گىرەلىشىش بۇ ئىككى كۈچنى ھەر ۋاقىت سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىدىغان كۈچلۈك بىر توسالغۇ بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. شۇ سەۋەبتىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ۋە ئۇرۇش ھالىتى ئاسانلىقچە قىزىق ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتمەيدۇ [2].
ئاخىرقى ھېسابتا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى رەھبەرلەرنىڭ سىياسىي ئىرادىسى، دىپلوماتىك ئەقىل-پاراسىتى ۋە كىرىزىس باشقۇرۇش ئىقتىدارىغىمۇ بىۋاسىتە باغلىق بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان ۋە ئاقىلانە باشقۇرۇلغان «رىقابەتلىك بىللە مەۋجۇت بولۇش» ئەندىزىسى كەلگۈسىدە ئىنسانىيەتنى دۇنياۋى پاجىئەدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان ئەڭ مەنتىقىلىق ۋە سىستېمىلىق يول بولۇپ قېلىشى مۇمكىن [2].
پايدىلانغان مەنبەلەر:
- Council on Foreign Relations. (2025). U.S.-China Relations. Council on Foreign Relations.
- Richelson, J. T. (1999). «China and the United States: From Hostility to Engagement, 1960-1998». The National Security Archive, George Washington University.
- Monroe, E. (N.D.). U.S.-China Relations: A Brief Historical Perspective. U.S.-China Policy Foundation.
- Chivvis, C. S., Cuéllar, M. F., Medeiros, E. S., et al. (2024). U.S.-China Relations for the 2030s: Toward a Realistic Scenario for Coexistence. Carnegie Endowment for International Peace.
- Wikipedia Contributors. (2026). «Thucydides Trap». Wikipedia, The Free Encyclopedia.
- SuperSummary. (N.D.). The Tragedy Of Great Power Politics Summary and Study Guide. SuperSummary.
- Mearsheimer, J. J. (2021). «The Inevitable Rivalry: America, China, and the Tragedy of Great-Power Politics». Foreign Affairs, 100(6), 48-59.
- Farrell, T. J. (2015). «The Rise of China and the Future of the International Political System». Political Science Student Scholarship, College of the Holy Cross.
- Center for Strategic and International Studies (CSIS). (2026). Insights on U.S.–China Technology Competition. CSIS Events.
- Öğütçü, M. (2025). «ABD- Çin ›Soğuk Barış’ı ve Türkiye». Yetkin Report.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















