خىتايچە سوتسىيالىزم، ئىدېئولوگىيەلىك  ھۆكۈمرانلىق ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان گىرەلەشمە زۇلۇم

2026-يىلى 10-مارت

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

قىسقىچە مەزمۇنى

بۇ ماقالىدە 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (خ ك پ) نىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئاياللارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىش» ماۋزۇلۇق ماقالە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەنقىدىي تەھلىل قىلىنىدۇ. مەزكۇر تېكىست، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا ئاياللار باشلىقلار يىغىنىدىكى ئېچىلىش سۆزىنى ئاساس قىلىپ، خىتايچە سوتسىيالىزمنىڭ دۇنيا ئاياللار ھوقۇقى ئۈچۈن بىر «مەدەنىيەت كوئوردىناتى» ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بۇ تەھلىل، ئانتونىئو گرامشى (Antonio Gramsci) نىڭ «ئىدېئولوگىيەلىك ھۆكۈمرانلىق» ئۇقۇمى ۋە كىمبېرلې كرېنشاۋ (Kimberlé Crenshaw) نىڭ «گىرەلىشىش نەزەرىيەسى» (intersectionality) ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. رەسمىي سىياسىي باياننىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە «ئاياللار ھوقۇقى» بايانىنى قانداق قورال قىلىۋالغانلىقى ۋە بۇ ھۆكۈمرانلىق بايانىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان كۆپ قاتلاملىق زۇلۇمنى قانداق يوشۇرغانلىقى تەھلىل قىلىنىدۇ. ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەننىڭ ئەكسىچە، ب د ت دوكلاتلىرى ۋە مۇستەقىل ئاكادېمىك تەتقىقاتلار ئىسپاتلىغىنىدەك، خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، سىستېمىلىق جىنسىي زوراۋانلىق ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.
بۇ تەنقىدىي تەھلىل، مەزكۇر زىددىيەتنىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكىنى، بەلكى دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىدىن كېلىپ چىققان سىستېمىلىق ۋە قۇرۇلمىلىق بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى نىشان قىلىدۇ.


ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىدېئولوگىيەلىك ھۆكۈمرانلىق، گىرەلىشىش نەزەرىيەسى، ئۇيغۇر ئاياللىرى، خىتايچە سوتسىيالىزم، بىيوپولىتىكا، مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە، شەرقىي تۈركىستان.


1. كىرىش سۆز: تېكىستنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سوئاللار

8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنى خ ك پ نىڭ ئورگان گېزىتى «خەلق گېزىتى» نىڭ 14-بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە، شەكىل جەھەتتىن ئاكادېمىك بىر باھالاشتەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتە دۆلەت ئىدېئولوگىيەسىنىڭ بىر ھۆججىتىدۇر. ئاپتور جېڭ چاڭجۇڭ (Zheng Changzhong)، شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىدىن 47 قېتىم بىۋاسىتە نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئاياللار ھوقۇقى ساھەسىدىكى «تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى» نى ۋە بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ يەرشارىۋى ئۈلگە ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تېكىستتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ ئاساسلىق ئىددىئا تۆۋەندىكىچە:

  1. ئاياللارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» نى قۇرۇپ چىقىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان شەرتىدۇر.
  2. خىتايچە سوتسىيالىزم، جىنسىي باراۋەرلىكنى تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تەڭداشسىز بىر ئۈلگە سۇنىدۇ.
  3. خىتاي بۇ ئەندىزىنى يەر شارى جەنۇبىغا كېڭەيتىش ئارقىلىق يەرشارى ئاياللار ھوقۇقىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندى.

بۇ ماقالە تۆۋەندىكى نېگىزلىك سوئاللارغا جاۋاب تېپىشنى مەقسەت قىلىدۇ: بۇ ئىددىئالار ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئۆز-ئارا ماس كېلەمدۇ؟ بۇ بايانلار قايسى ھەقىقەتلەرنى يوشۇرماقتا؟ دۆلەت بايانىنىڭ جىنسىي باراۋەرلىك ئارقىلىق قانداق بىر مەشرۇئىيەت بەرپا قىلغانلىقىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قانداق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ؟ ۋە ئەڭ جانلىق نۇقتا شۇكى، ئاياللار ھوقۇقىنى مۇشۇنچىلىك كۈچلۈك قوغدايدىغانلىقىنى ئىددىئا قىلىۋاتقان بىر تۈزۈم، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە زۇلۇمغا دۇچار قىلىدۇ؟

2.  ئۇقۇم رامكىسى (نەزەرىيەۋى ئاساس)

1.2. ئىدېئولوگىيەلىك ھۆكۈمرانلىق: ئانتونىئو گرامشى

ئىتالىيەلىك مۇتەپەككۇر ئانتونىئو گرامشى (1891-1937)، ھۆكۈمرانلىق ئۇقۇمىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: ھۆكۈمران سىنىپ پەقەت بىۋاسىتە بېسىم قىلىش ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت، بىلىم ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى يېتەكچىلىك ئارقىلىقمۇ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ «تۈرمە خاتىرىلىرى» دە ئوتتۇرىغا قويغان بۇ نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمران سىنىپ ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتلىرىنى جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرىغا «ئۇنىۋېرسال ھەقىقەت» ياكى «ئورتاق تونۇش» سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇرالىغاندا، ھۆكۈمرانلىق ئورناتقان بولىدۇ (گرامشى 1971).

«ھۆكۈمرانلىق زوراۋانلىق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ماقۇللۇق (رازىلىق) يارىتىش ئارقىلىق مۇستەھكەملىنىدۇ. ھۆكۈمرانلىق، زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەي تۇرۇپ رازىلىقنى شەكىللەندۈرۈشتۇر ».
— ئانتونىئو گرامشى، تۈرمە خاتىرىلىرى (1929-1935)

گرامشىنىڭ بۇ ئۇقۇمى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاياللار ھوقۇقى ھەققىدىكى سۆز-بايانلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. دۆلەت تاراتقۇلار («خەلق گېزىتى» گە ئوخشاش رەسمىي ئورگانلىرى)، مائارىپ سىستېمىسى ۋە خەلقئارا دىپلوماتىيە يوللىرى ئارقىلىق مەلۇم بىر رېئاللىق رامكىسىنى يارىتىدۇ. بۇ رامكىدا خىتايچە سوتسىيالىزم، جىنسىي باراۋەرلىكنىڭ ھەم كاپالىتى ھەم دۇنياۋى ئۈلگىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ. تەنقىد ۋە ئۆكتىچىلىك بولسا «خىتاينى چۈشەنمەسلىك» ياكى «غەرب ئىمپېرىيالىزمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىق» سۈپىتىدە چەتكە قېقىلىدۇ.
ھۆكۈمرانلىق بايانىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالاھىدىلىكى، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى قايتا ئىشلەپچىقىرىدىغان يېپىق بىر لوگىكا سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشىدۇر. خىتاي مىسالىدا بۇ مۇنداق مەنىنى بىلدۈرىدۇ: مۇستەقىل ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكەتلىرى باستۇرۇلىدۇ، چۈنكى «دۆلەت ئاللىقاچان ئاياللار ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ»؛ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەر «قالاقلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» قېلىپىغا سېلىنىدۇ؛ خەلقئارانىڭ تەنقىدلىرى بولسا «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش» دەپ رەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلىق ئۆز-ئۆزىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بىر ئايلانما پەيدا قىلىدۇ.

2.2 .گىرەلىشىش نەزەرىيەسى: كىمبېرلې كرېنشاۋ

كىمبېرلې كرېنشاۋ -1989 (Kimberlé Crenshaw) يىلى ھوقۇقشۇناسلىق ساھەسىدە ئوتتۇرىغا قويغان «گىرەلىشىش» (intersectionality) ئۇقۇمى ئارقىلىق، شەخسلەرنى پەقەت بىرلا كىملىك تۈرى (مەسىلەن، «ئايال» ياكى «قارا تەنلىك») بويىچە تەھلىل قىلىشنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، جىنس، ئىرقى، مىللەت، دىن، سىنىپ ۋە باشقا كىملىك ئامىللىرى بىر-بىرىدىن مۇستەقىل كاتېگورىيەلەر ئەمەس، ئەكسىچە، بۇ كىملىكلەر كېسىشىدۇ ۋە ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس، كۆپ قاتلاملىق بېسىم ۋە كەمسىتىش كەچۈرمىشلىرىنى پەيدا قىلىدۇ (كرېنشاۋ1989, 1991).

«بېسىم پەقەت بىرلا تەرەپلىك بولمايدۇ. ئىرق، جىنس، سىنىپ ۋە باشقا كىملىك ئوقلىرىنىڭ كېسىشىشى، جۇغلانما ۋە ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىق بولغان تەڭسىزلىك شەكىللىرىنى تۇغدۇرىدۇ».
— كىمبېرلې كرېنشاۋ، «Mapping the Margins», Stanford Law Review (1991)

ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ ئۇقۇمنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئەڭ جانلىق مىساللارنىڭ بىرىدۇر. بىر ئۇيغۇر ئايال بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك پايدىسىز كىملىك سالاھىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ: ئايال بولۇش (ئاتا مىراسلىق بېسىم)، ئۇيغۇر/تۈركىي مىللىي كىملىككە تەۋە بولۇش (مىللىي بېسىم)، مۇسۇلمان بولۇش (دىنىي بېسىم) ۋە خىتايچە سۆزلىمەيدىغانلاردىن بىرى بولۇش (تىل بېسىمى). بۇ كىملىكلەر بىر-بىرىنى كۈچەيتىدۇ ۋە بېسىم كەچۈرمىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى دەل مۇشۇ گىرەلىشىپ كەتكەن كىملىك سالاھىيەتلىرىنى نىشان قىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر كىملىك قاتلىمىغا ئايرىم-ئايرىم ھۇجۇم قىلىدۇ.

3. تېكىستنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاناتومىيەسى

1.3. بايان قۇرۇلمىسى: ئۇ قانداق ئىشلەيدۇ؟

تەھلىل قىلىنغان «خەلق گېزىتى» دىكى بۇ ماقالە، قۇرۇلما جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق بايان يارىتىشنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدىكىدەكلا بىر تىپىك ئۈلگىسىدۇر. تېكىستنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغىنىمىزدا، بىر قانچە ئاساسلىق سۆزلەم ئىستراتېگىيەسى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ:

1.1.3. ئومۇملاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى

تېكىست خىتايغا خاس بولغان سىياسەت ۋە قوللىنىشلارنى ئۇنىۋېرسال ئىنسانىي قىممەت قاراش سۈپىتىدە سۇنىدۇ. «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى»، «يەرشارى مەدەنىيەت كوئوردىناتى»، « يەر شارى جەنۇبى ئۈچۈن ئۈلگە» دېگەندەك ئىبارىلەر خىتاينىڭ تەجرىبىسىنى بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن كۈچكە ئىگە نورما (ئۆلچەم) سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ ئىستراتېگىيە، گرامشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق تەھلىلىدىكى «خۇسۇسىي مەنپەئەتلەرنى ئۇنىۋېرسال قىممەت قاراش قىلىپ كۆرسىتىش» جەريانى بىلەن تولۇق ماس كېلىدۇ.

1.2.3. تارىخىي مۇقەررەرلىك (تارىخىي دېتېرمىنىزم)

تېكىست ماركسىزملىق تارىخىي قاراش ئۇقۇملىرىنى («ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى»، «ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى»، «تارىخىي ماتېرىيالىزم») ئىشلىتىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئاياللار سىياسىتىنى تارىخىي زۆرۈرىيەت سۈپىتىدە سۇنىدۇ. رەقەملىك تىپ ئۆزگەرتىش ۋە سۈنئىي ئەقىل ئىنقىلابى ئاياللارنى «ئازاد قىلغۇچى» كۈچلەر قاتارىدا تەسۋىرلىگەندە، دۆلەتنىڭ بۇ جەرياندىكى بەلگىلىگۈچى ۋە يېتەكچى رولى تەبىئىي بىر ھادىسىدەك كۆرسىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت سىياسىتى تارىخىي مۇقەررەرلىككە، يەنى تالاش-تارتىش قىلغىلى بولمايدىغان بىر پاكىتقا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
3.1.3. سىتاتىستىكىلىق مۈجمەللىك

ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان «خىتايدىكى تور ئايال ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى» گە ئوخشاش مەلۇماتلار ئۈچۈن، مەنبە كۆرسىتلمەيدۇ. بۇ ئەھۋال ھۆكۈمرانلىق بايانىنىڭ تىپىك بىر ئالاھىدىلىكىدۇر، يەنى، ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق رېئاللىق يارىتىش. خەلقئارا مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ مۈجمەللىك قەستەن قىلىنغان ئۇچۇر كونترول قىلىشنىڭ بىر قىسمىدۇر.

3.2. تېكىستتە يوشۇرۇلغان ھەقىقەتلەر

بايان تەھلىلى پەقەت ئېيتىلغانلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئېيتىلمىغانلارنىمۇ تەكشۈرىدۇ. بۇ تېكىست تۆۋەندىكىدەك ھالقىلىق رېئاللىقلارنى سىستېمىلىق ھالدا سىرتتا قالدۇرماقتا:

  • مۇستەقىل فېمىنىست ھەرىكەتلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى -2015:يىلى «فېمىنىست بەشلىك» دەپ تونۇلغان بەش نەپەر ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىسى تۇتقۇن قىلىندى-2021. (Human Rights Watch, 2015) يىلى ۋېيبو ۋە ئۈندىدار (WeChat) دىكى فېمىنىست ھېساباتلار تۈركۈملەپ تاقىۋېتىلدى. #MeToo ھەرىكىتىنىڭ غول ئەزالىرىدىن بىرى بولغان شيەنزى (Xianzi) ۋە ئادۋوكات يۈ ۋېنشېڭ (Yu Wensheng) غا ئوخشاش ئاياللار ھوقۇقى قوغدىغۇچىلىرى سوتلاندى. تېكىست بۇ ئاكتىۋىستلارنىڭ ھېچبىرىنى تىلغا ئالمايدۇ.
  • نوپۇس كونترول قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ جىنسىي كەمسىتىش تەرىپى: نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى نەچچە مىليونلىغان مەجبۇرىي بويىدىن ئالدۇرۇش ۋە تۇغماس قىلىش (كېسىۋېتىش) دېلولىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئاياللار بولغان . (Greenhalgh, 2008) تېكىستتە ھۆكۈمرانلىق ھېكايىسى بىلەن زىددىيەتلىشىدىغان بۇ تارىخ پەقەتلا تىلغا ئېلىنمايدۇ.
  • شەرقىي تۈركىستاندىكى رېئاللىق: تېكىستنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە «ئۇيغۇر»، «ئاز سانلىق مىللەت» دېگەندەك سۆزلەر بىرەر قېتىممۇ ئۇچرىمايدۇ. بۇ چوڭقۇر سۈكۈت قىلىش تاسادىپىي ئەمەس، بەلكى مەقسەتلىكتۇر.
  •  گىرەلەشمە زۇلۇم: ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى
    • خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسەتلىرىنىڭ دەلىللىنىشى

خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى، كۆپلىگەن مۇستەقىل خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە ئاكادېمىيە ساھەسى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە دەلىللەندى. بۇ ھۆججەتلەر تۆۋەندىكىچە تەھلىل قىلىنىدۇ:


1.1.4.  ب د ت دوكلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ دەلىللىرى
-2022يىلى 8-ئايدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى ئىشخانىسى (OHCHR) شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلغان ئەتراپلىق بىر دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا خىتاينىڭ بۇ رايوندا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن بولغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى بېكىتىلدى . (OHCHR, 2022) بۇ بايقاشلار تۆۋەندىكى كونكرېت قوللىنىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش دېلولىرى،  تەن جازاسى ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلە، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى چەكلەش، دىن ۋە مەدەنىيەت ئۈستىدىكى چەكلىمىلەر
2.1.4. نوپۇس قۇرۇلۇشى ۋە ئاياللار تېنى

خىتاي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) نىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئائىت نوپۇس تەھلىللىرى (Zenz, 2020a, 2020b)، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز سانلىق مەلۇماتلىرىدىن توپلىنىپ يېزىلغان بولۇپ، ئىنتايىن چۆچۈتەرلىك پاكىتلارنى سۇنىدۇ:

«-2015يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى تەخمىنەن %80 تۆۋەنلىگەن. ئوخشاش مەزگىلدە خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ياشايدىغان ناھىيەلەردە ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا ئۈزۈك سېلىش (RİA) ۋە تۇغماس قىلىش ئوپېراتسىيەسى قىلىش نىسبىتىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئېشىش كۆرۈلگەن».
ئادرىيان زېنز،   (2020) .

بۇ سانلىق مەلۇماتلار، دۆلەتنىڭ بىيولوگىيەلىك قاتلامدا نوپۇسنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان سىستېمىلىق سىياسىتىدىن نوپۇس ئۆزگىرىشنىڭ بىيولوگىيەلىك مەركىزىدە تۇرىدۇ.
3.1.4. سىستېمىلىق جىنسىي زوراۋانلىق

ئەنگلىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى جوئاننا چىيۇ (Joanna Chiu) ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئايال گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغان تەتقىقاتىدا (2021)، جازا لاگېرلىرىدا يۈز بەرگەن سىستېمىلىق جىنسىي زوراۋانلىق دېلولىرىنى دەلىللىدى. لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ۋە باشقا گۇۋاھچىلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى (Uyghur Tribunal) گە سۇنغان گۇۋاھلىق سۆزلىرى (2021)، لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان جىنسىي پاراكەندىچىلىكنىڭ سىستېمىلىق ۋە قەستەنلىك خاراكتېرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئەنگلىيە ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى 2021-يىلى 12-ئايدا چىقارغان ھۆكۈمىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلغانلىقىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن مۇئەييەنلەشتۈردى (Uyghur Tribunal, 2021). بۇ سوت مەھكىمىسى گەرچە رەسمىي خەلقئارالىق ئورگان بولمىسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئاكادېمىكلار ۋە ئادۋوكاتلاردىن تەشكىل تاپقانلىقى ھەمدە مۇستەقىل خاراكتېرى سەۋەبىدىن مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

2.4.  گىرەلىشىش نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن تەھلىل

كرېنشاۋنىڭ گىرەلىشىش (كېسىشىش) رامكىسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەچۈرمىشى بىر قانچە بېسىم ئوقلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەتكە كەلگەن ئۆزگىچە كېسىشكەن ئورنىنى ۋەكىللىك قىلىدۇ:
1.2.4.  بىرىنچى : جىنس

ئۇيغۇر ئاياللىرى بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى ئومۇمىي ئاتا مىراسلىق قۇرۇلمىلارنىڭ پاسسىپ تەسىرلىرىگە دۇچ كېلىدۇ. ئەمما دۆلەتنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە تۈرىدە ئاياللارنىڭ تېنى، مىللىي ۋە بىيولوگىيەلىك كۆپىيىشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئالاھىدە نىشان قىلىنىدۇ. مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالىياتقۇغا ئۈزۈك سېلىش ۋە مەجبۇرىي بويىدىن ئالدۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەر، بىۋاسىتە ئاياللار تېنىنى ۋە تۇغۇش ئىقتىدارىنى كونترول قىلىشقا قارىتىلغان سىياسەتلەردۇر.
2.2.4.  ئىككىنچى: مىللىي كىملىك

ئۇيغۇر كىملىكى خىتاي دۆلىتى قۇرۇپ چىققان «خەنزۇ» نى مەركەز قىلغان مىللىي كىملىك دائىرىسىدە تەھدىت ئېلېمېنتى سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. تۈركىي تىل، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئادەتلىرى ۋە مىللىي ھەمكارلىق تورلىرى سىستېمىلىق ھالدا باستۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئاخىرقى نىشانى، ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتە «خىتايلاشتۇرۇش» (sinicization) ۋە نوپۇس جەھەتتە شالاڭلاشتۇرۇشتۇر.

3.2.4.ئۈچىنچى: دىن

ئىسلام دىنى خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن «ئەسەبىيلىك» ۋە «تېررورلۇق» ئۇقۇملىرى بىلەن باغلىنىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە. بۇ خىل قاراش، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىنىشىنى (روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، ياغلىق ئارتىش)، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشىنى ۋە دىنىي مائارىپنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىدۇ. مۇسۇلمانلىق كىملىكى مىللىي كىملىك بىلەن بىرلىشىپ، قوش قاتلاملىق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىدۇ.

4.2.4. كېسىشىشنىڭ نەتىجىسى: قاتلاملىق زۇلۇم

بۇ ئۈچ ئوق كېسىشكەندە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان مەنزىرە شۇكى، ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەم ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن (جىنسىي بېسىم)، ھەم ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن (مىللىي بېسىم)، ھەم مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن (دىنىي بېسىم) ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. لېكىن، بۇ ئۈچ كاتېگورىيەنىڭ بىر-بىرى بىلەن كېسىشىشى پەقەت قوشۇمچە بىر ئەۋزەلسىزلىك بولماستىن، بەلكى ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىق ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر بىر بېسىم شەكلىنى يارىتىدۇ. كرېنشاۋنىڭ ئۇقۇمى دەل مۇشۇ رېئاللىقنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان.

  •  زىددىيەتنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىزاھاتى: ھۆكۈمرانلىق بىلەن چەتكە قېقىشنىڭ ئۇچرىشىشى
    • «يېرىم تاللانما» ئومۇمىيلىق

 ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئاياللار ھوقۇقى بايانى ھەقىقىي مەنىدە ئۇنىۋېرسال ئەمەس، ئۇ مەلۇم  بىر سۇبيېكتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويسا، باشقىلارنى سىرتتا قالدۇرىدۇ. بۇ ھېكايىنىڭ سۇبيېكتى خىتاي مىللىتىگە مەنسۇپ، زىيالىي، شەھەرلىك، رەقەملىك ئىقتىسادقا ماسلاشقان خىتاي ئايالىدۇر. بۇ سۇبيېكت دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىش ۋە تەرەققىيات ھېكايىسىنىڭ سىمۋوللۇق پېرسوناژى سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ. ئۇيغۇر ئايالى بۇ ھېكايىنىڭ سىرتىدىدۇر، ئۇ ياكى پۈتۈنلەي تىلغا ئېلىنمايدۇ ياكى «زامانىۋىلاشتۇرۇلۇشى كېرەك بولغان قالاق رايونلاردىكى ئاياللار» سۈپىتىدە چەتكە قېقىلغان بىر ئوبيېكت ئورنىدا كۆرۈنىدۇ. بۇ قۇرۇلما، سىتۇئارت ھال (Stuart Hall, 1997) كۆرسىتىپ ئۆتكەن «ۋەكىللىك سىياسىتى» (politics of representation) نىڭ كلاسسىك بىر ئۈلگىسىدۇر: كىمنىڭ سۆزلەۋاتقانلىقى، كىمنىڭ نامىدىن سۆزلەۋاتقانلىقى ۋە كىمنىڭ يوشۇرۇۋېتىلگەنلىكى ھاكىمىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

2.5. زۇلۇم بايانىنى قانۇنلاشتۇرۇش

ھۆكۈمرانلىق ھېكايىسىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ تەرىپى شۇكى، خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنى ماقالىنىڭ ئۆزىدىمۇ ئورۇن ئالغان «ئاياللارنى ئازاد قىلىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش» بايانى رامكىسى ئىچىدە سۇنماقتا. جازا لاگېرلىرى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش «پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى»، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە بولسا «قالاقلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە. بۇ ئەھۋالنى فوكالت (Foucault) نىڭ بىيوپولىتىكا (جانلىقلار سىياسىتى) ئۇقۇمى بىلەنمۇ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. فوكالتنىڭ قارىشىچە، زامانىۋى دۆلەت نوپۇسنى باشقۇرۇش ۋە ئۈنۈملۈك قىلىش ئۈچۈن شەخسلەرنىڭ تېنىنى، كۆپىيىشىنى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تەڭشەش ھوقۇقىنى ئۆزىدە دەپ بىلىدۇ (فوكالت، 1976). خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسەتلىرى بۇ بىيوپولىتىكىلىق لوگىكىنىڭ خىتاي دۆلەت ئۆلچىمى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئەسەبىي بىر ئۈلگىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ: دۆلەت ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىنى دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى دەپ بېكىتمەكتە ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن مۇداخىلە قىلىدۇ.

3.5. زىددىيەت ئەمەس، بەلكى بىر تۈزۈم

«بىر تەرەپتىن ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى زۇلۇمغا دۇچار قىلىش» بىر قاراشتىلا زىددىيەتتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى پوزىتسىيە ئوخشاش بىر ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىنىڭ ئوخشىمىغان قوراللىرىدۇر. سىستېما مۇنداق ئىشلەيدۇ:

  • كۆپ سانلىقلار ئۈستىدە رازىلىق – ماقۇللۇق شەكىللەندۈرۈش يارىتىش: خىتاي نوپۇسى ئۈچۈن ئاياللار ھوقۇقى بايانى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ قاتلامنىڭ قوللىشى ۋە پاسسىپ تەستىقى قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.
  • ئاز سانلىقلار ئۈستىدە بىۋاسىتە بېسىم: ئۇيغۇر نوپۇسى ئۈستىدە مەجبۇرلاش ۋە بېسىم ئاپپاراتلىرى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلىدۇ، بۇ سىياسەتلەر بولسا «خەۋپسىزلىك» ۋە «زامانىۋىلاشتۇرۇش» شۇئارلىرى بىلەن يوللۇق كۆرسىتىلىدۇ.
  • خەلقئارا سەھنىدە ئوبراز يارىتىش: يەرشارىۋى سۇپىلاردا سۇنۇلغان ئاياللار ھوقۇقى بايانى، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يوشۇرۇش ۋە خىتاينىڭ خەلقئارادىكى قانۇنلۇق ئورنىنى (مەشرۇئىيىتىنى) كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر قورال بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.

گرامشىنىڭ تەھلىل رامكىسىنى ئىشلەتكىنىمىزدە، مايىل قىلىش (رازىلىق) ۋە مەجبۇرلاش (كۈچ)، ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى يۈزى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. رازىلىق ياكى ماقۇللۇق پەقەت تاللانغان قاتلاملار ئۈچۈن، كۈچ ئىشلىتىش بولسا «تەھدىت» دەپ بېكىتىلگەنلەر ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.

 خۇلاسە
«خەلق گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە، يۈزەكى جەھەتتىن ئاياللار ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئاكادېمىك تېكىست قىياپىتىگە كىرگۈزۈلگەن. ئەمما جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قىلىنغان سۆز تەھلىلى ۋە سېلىشتۇرما ئەمەلىي مەلۇماتلارغا تايانغان تەھلىل، بۇ تېكىستنىڭ ئەسلىدە خ ك پ نىڭ خەلقئارالىق مەشرۇئىيەت بەرپا قىلىشى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان ئىدېئولوگىيەلىك ھۆكۈمرانلىق ھۆججىتى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. گرامشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئۇقۇمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تېكىستنىڭ ئۈچ خىل نېگىزلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ: خىتايچە سوتسىيالىزمنى ئاياللار ئازادلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈلگىسى قىلىپ كۆرسىتىدىغان بىر بايان يارىتىش؛ مۇستەقىل فېمىنىست ئۆكتىچىلەرنى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈنمەس قىلىش؛ ھەمدە ئەڭ مۇھىمى، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن يىراقلاشتۇرۇش. كرېنشاۋنىڭ گىرەلىشىش نەزەرىيەسى بولسا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ تۈزۈمنىڭ ئەڭ ئېغىر بېسىمىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جىنس، مىللەت ۋە دىن كىملىكلىرى كېسىشكەن بۇ كىملىك سالاھىيەتلىرىدە، دۆلەتنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى بىر نەچچە ئوقنى ئاساس قىلىپ تەڭ ۋاقىتلىق ۋە جۇغلانما بىر بېسىم سىستېمىسى شەكىللەندۈرمەكتە. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تېنى مىللىي نوپۇسنىڭ قايتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ماكانى سۈپىتىدە بىۋاسىتە سىياسەتنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانماقتا.
ئاخىرىدا، بۇ تەھلىل شۇنداق بىر تۈپ يەكۈنگە كېلىدۇ: خىتايچە سوتسىيالىزم ئۇنىۋېرسال ئاياللار ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان سىستېما ئەمەس. ئەكسىچە، ئاياللار ھوقۇقىنى دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ۋە گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەتى يولىدا قورال قىلىدىغان مۇستەبىت بىر قۇرۇلمىدۇر. رەسمىي باياندىكى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان مەدەنىيەت ۋە  جىسمانىي قىرغىنچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، بۇ قۇرۇلمىنىڭ نەقەدەر كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن ئىسپاتىدۇر.

ئ‍ۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*