(كارنىگى دوكلاتىغا باھا)
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
شىنا چېستنۇت گرېيتېنس، ئىسساك كاردون ۋە كامېرون ۋالتز تەرىپىدىن يېزىلىپ، كارنىگى خەلقئارا تىنچلىق فوندى تەرىپىدىن 2025-يىلى نويابىردا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ خەلقئارالىق ساقچى تەربىيلىشى: يەر شارىۋى ئىزلىرى» ناملىق دوكلات، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىگىرمە يىلدا خۇپىيانە ئەمما قەتئىيلىك بىلەن بەرپا قىلغان يەر شارىۋى بىخەتەرلىك تورىنى بۈگۈنگە قەدەر ئەڭ ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات ھېسابلىنىدۇ. 900 گە يېقىن ئۆزگىچە دېلو ئانالىزىغا ئاساسلانغان بۇ ئىنچىكە تەتقىقات، خىتاينىڭ خەلقئارا لىق ساقچى تەربىيلىشىنى نورمال بىر تېخنىكىلىق ياردەم ئۈچۈنلۈكتىن ھالقىپ كەتكەن، بېيجىڭنىڭ مۇستەبىت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى، تېخنولوگىيەلىك نازارەت قىلىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋە گېئوسىياسىي كەلگۈسىنى خەلقئارا مەيداندا كېڭەيتىش ئۈچۈن قوللانغان مۇرەككەپ ئىستراتېگىيەلىك قورال ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ. دوكلاتتا خىتاينىڭ «يەر شارى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى» (GSI) غا ئوخشاش چوڭ بايانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى كونكرېت ئىنكاسلىرىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىپ، بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادىي كۈچ ساھىبى بولۇشتىن يەر شارىۋى ئۆلچەملەرنى ۋە بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش ئارزۇسىدىكى بىر بىخەتەرلىك تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلىنىش جەريانى ئانالىز قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ تەتقىقات پەقەت خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنىلا ئەمەس، بەلكى 21-ئەسىردىكى يەر شارى بىخەتەرلىك مۇھىتىنىڭ كەلگۈسىنى چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ كەم بولسا بولمايدىغان مەنبە ھېسابلىنىدۇ.
خىتاينىڭ دۇنياۋى بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى ۋە خەلقئارالىق ساقچى تەربىيلىشى
دوكلات خىتاينىڭ خەلقئارالىق ساقچى تەربىيلەش پىروگراممىلىرىنى بېيجىڭنىڭ كېڭىيىۋاتقان يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەلىك كەلگۈسىنىڭ مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر يەككە ۋە ئايرىم تەشەببۇسلار بولماستىن، بەلكى خىتاينىڭ «ئومۇميۈزلۈك دۆلەت بىخەتەرلىكى نۇقتىنەزىرى» (CNSC) نى دۇنيا مىقياسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرىدۇر. «ئومۇميۈزلۈك دۆلەت بىخەتەرلىكى نۇقتىنەزىرى» بىخەتەرلىكنى پەقەت ھەربىي تەھدىتلەرگە قارشى مۇداپىئە دەپ قارىمايلا قالماستىن، بەلكى «سىياسىي بىخەتەرلىك» دەپ ئاتىغان، ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويىدىغان، ئىچكى مۇقىملىق ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇقنى ئاساس قىلغان بىر پۈتۈن ۋە مۇستەبىت تەلىماتتۇر[12-بەت]. خەلقئارا ساقچى تەربىيلەش بولسا بۇ تەلىماتنىڭ نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە ئۆتكەن ھالى بولۇپ، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك چۈشەنچىسىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق يولى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.
بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ يادروسىدا غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى تەكىتلەيدىغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئەندىزىسىگە قارىتا زاپاس بىر ئەندىزە سۇنۇش ئارزۇسى ياتىدۇ. بېيجىڭ «بىخەتەر خىتاي» بايانىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) مۇتلەق كونتروللۇقى ئاستىدا دۆلەتنىڭ قانداق قىلىپ بىر مۇقىم ۋە بىخەتەر ئارالغا ئايلانغانلىقىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە بۇ «مۇۋەپپەقىيەت ئەندىزىسى» نى بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ھەمبەھرىلەش ۋەدىسىنى بېرىدۇ[13-بەت]. بۇ تەكلىپ ئىچكى قالايمىقانچىلىقلار، سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە جىنايەت نىسبىتى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەربلىك شېرىكلىرىدىن كۈتكەن قوللاشنى ئالالمىغان ياكى بۇ قوللاشنىڭ سىياسىي شەرتلىرىدىن بىئارام بولغان مۇستەبىت ۋە ئاجىز ھاكىمىيەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن جەلپ قىلارلىق تاللاش سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خىتاي بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجلىرىنىڭ ھازىرقى دۇنيا مېخانىزملىرى تەرىپىدىن سەل قارىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنى تېخىمۇ ئىشىنى ياخشى بىلىدىغان ۋە ئۈنۈملۈك بىر شېرىك سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ[13-بەت].
خەلقئارا ساقچى تەربىيلەشنىڭ يەنە بىر مۇھىم رولى، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى (BRI) غا ئوخشاش غايەت زور ئىقتىسادىي تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتۇر. چەت ئەللەردىكى مىلياردلارچە دوللارلىق خىتاي مەبلىغى، ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى، ئېنېرگىيە لىنىيەلىرى ۋە بۇ تۈرلەردە ئىشلەۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى بېيجىڭ ئۈچۈن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم دۆلەت مەنپەئەتىگە ئايلاندى[12-بەت]. ساھىبخان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنى تەربىيەلەش بۇ مەنپەئەتلەرنى قوغداشنىڭ ۋاسىتىلىك شۇنداقلا ئەڭ تېجەشلىك يوللىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ تەربىيەلەش ئارقىلىق، قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك بىيۇروكراتىيەسى ئىچىدە بېيجىڭغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ۋە خىتاينىڭ ئۇسۇللىرىغا تونۇشلۇق بولغان بىر كادىرلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈلمەكتە بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە كېلىدىغان يوشۇرۇن تەھدىتلەرنىڭ يەرلىك كۈچلەر تەرىپىدىن تۈگىتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
دوكلات بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئارقىسىدىكى كۆپ قەۋەتلىك نىشانلارنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ كۆپ قەۋەتلىك نىشانلار خىتاينىڭ دۇنياۋى سىياسىي تەسىرىنى ئاشۇرۇش، ئامېرىكا بىلەن كەسكىنلىشىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتتە يېڭى شېرىكلىكلەرنى قۇرۇپ ئەۋزەللىككە ئېرىشىش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان خىتاي دىياسپوراسى ئۈستىدىكى سىياسىي كونتروللۇقنى كۈچەيتىش ۋە ئەڭ مۇھىمى، دۆلەتنى مەركەز قىلغان، ئىجتىمائىي كونتروللۇقنى ئاساس قىلغان بىخەتەرلىك نۇقتىنەزىرىنى يەر شارىۋى ئۆلچەم سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇرۇش قاتارلىقلاردۇر[12-بەت]. شۇڭا، خىتاي تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ھەر بىر تەربىيەلەش پىروگراممىسىنى بېيجىڭنىڭ دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە ئاساسەن قايتىدىن تەشكىللەش يۆنىلىشىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئومۇميۈزلۈك تىرىشچانلىقىنىڭ كىچىك بىر پارچىسى دەپ قاراش كېرەك.
يېڭى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ
خەلقئارالىق ساقچى تەربىبيلەش ھەرىكىتىگە ئومۇمىي نەزەر
دوكلاتنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى ئاشۇرغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل، 2000-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە 863 ساقچى تەربىيلەش پائالىيىتىنى ھۆججەتلەشتۈرگەن ئەتراپلىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدۇر[15-بەت]. بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن خىتاينىڭ دۇنياۋى بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئىزلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە ماھىيىتىنى كونكرېت شەكىلدە بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئانالىزلارغا قارىغاندا، كەم دېگەندە 138 دۆلەتنىڭ خىتايدىن ساقچى ياكى ئىچكى بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئالغانلىقى بېيجىڭنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن نەقەدەر كېڭەيگەنلىكىنىڭ ۋە خەلقئارالىق ساقچى تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بىلەن مەلۇم شەكىلدە ئالاقە ئورناتقانلىقىنىڭ ئەڭ ئېنىق ئىسپاتىدۇر[7-بەت، 15-بەت].
تەربىيەلەرنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلغاندا، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكى ۋە 2019-يىلى 138 دېلو بىلەن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى كۆرۈلىدۇ[17-بەت]. COVID-19 يۇقۇمى بىلەن مەجبۇرىي توختاپ قالغان تەربىيەلەرنىڭ تېزلىكتە قايتا باشلىنىشى، بۇ سىياسەتنىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس، بەلكى ئىنستىتۇتلاشقان ۋە دائىملىق بىر دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. دوكلات خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئون مىڭلىغان چەت ئەللىك بىخەتەرلىك خادىمىنى تەربىيەلەيدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەسكەرتىپ[10-بەت]، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بېيجىڭنىڭ تاشقى سىياسەت كۈنتەرتىپىنىڭ ئەڭ بېشىدا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما دوكلاتتىكى دىققەتلەرنى قەلب قىلغان مۇھىم بىر نۇقتا، ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن كۇرسانتلار سانىنىڭ بۇ رەسمىي ۋەدىلەردە ۋەدە قىلىنغان ساندىن خېلىلا تۆۋەن قېلىشىدۇر. بۇ ئەھۋال يا نىشانغا يېتەلمىگەنلىكىنى ياكى تەربىيەلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ قەستەن جامائەتچىلىكتىن يوشۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ[18-بەت].
خىتاينىڭ تەربىيەلەش مېتودولوگىيەسىمۇ خىلمۇخىللىققا ئىگە. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان شەكلى خىتايدىكى ساقچى ئىنىستىتۇتلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە ئادەتتە 10 دىن 30 كىشىگىچە بولغان گۇرۇپپىلارغا بېرىلىدىغان بىر نەچچە ھەپتىلىك نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي كۇرسلاردۇر. ئەمما دوكلات تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭمۇ قوللىنىلغانلىقىنى ھۆججەتلەشتۈرىدۇ. بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى «ساقچى مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى» ئەندىزىسىدۇر. بۇ ئەندىزىدە، خىتاي ساقچى مۇتەخەسسىسلەر ئەترەتلىرى 9 ئايغا يېقىن مۇددەت بىلەن بىر چەت ئەلگە ئەۋەتىلىپ، يەرلىك ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئىچىگە رەسمىي دېگۈدەك «ئورۇنلىشىپ»، ئۇلارغا كۈندىلىك ھەرىكەتلىرىدە مەسلىھەتچىلىك ۋە مەشقاۋۇللۇق قىلىدۇ. سۇلايمان تاقىم ئاراللىرى ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەتلەردە بۇ ئەندىزىنىڭ قوللىنىلىشى[20-بەت]، بېيجىڭنىڭ بىخەتەرلىك تەلىماتىنى بىۋاسىتە ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك شەكىلدە تارقىتىش نىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تەربىيەلەرنى تەشكىللىگەن ئورگانلارنىڭ كۆپ خىللىقىمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. مەركىزىي ۋە يەرلىك ساقچى ئىنىستىتۇتلىرى ئاساسلىق رولچىلار بولسىمۇ، بولۇپمۇ توپىلاڭ باستۇرۇش ۋە ئىچكى بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرىدە ئىختىساسلاشقان خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى (PAP) غا ئوخشاش يېرىم ھەربىي قۇرۇلمىلارمۇ بۇ جەرياندا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ[17-بەت]. دوكلاتتا شەندۇڭ ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ ئافرىقا، يۈننەن ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي تۈركىستان ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا مەركەزلەشكەن رايونلۇق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرگەنلىكى ئېنىقلانغان[26-بەت]. بۇ ئورگانلارنىڭ ئىختىساسلىشىشى بېيجىڭنىڭ «ھەممىگە ماس كېلىدىغان بىر فورمۇلا» ئۇسۇلىنىڭ ئورنىغا، نىشاندىكى رايونلارنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجلىرىغا ۋە ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىلىرىغا ئاساسەن ماسلاشتۇرۇلغان، مۇرەككەپ بىر تەربىيەلەش پروگراممىسىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
دوكلاتتا تەكىتلەنگەن ئەڭ ھالقىلىق نۇقتىلارنىڭ بىرى، سانلىق مەلۇمات توپلاشتا ئۇچرىغان خۇپىيانىلىك قىيىنچىلىقىدۇر. نۇرغۇن تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ مەزمۇنى، بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتىن سەزگۈر بولۇشى مۇمكىن بولغان تېمىلار، جامائەتچىلىككە يا ھېچ ئاشكارىلانمايدۇ ياكى «ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش» كە ئوخشاش مۈجمەل ئىبارىلەر بىلەن ياپسالىنىپ ئېيتىلىدۇ. دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستان ساقچى ئىنستىتۇتىدىن بىر مەشقاۋۇلنىڭ يازغان ماقالىسىدا، بەزى تەربىيە مەزمۇنلىرىنىڭ «غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر» تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىش خەۋپى سەۋەبىدىن مەخپىي تۇتۇلۇشى كېرەكلىكى ئىپادە قىلىنغان جۈملىلەرگە ئورۇن بېرىشى[19-بەت]، بۇ مەخپىيلىكنىڭ تاسادىپىي ئەمەس، بەلكى ئاڭلىق بىر دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر. بۇ ئەھۋال دوكلاتتا سۇنۇلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا ساقچى تەربىيلەش پائالىيەتلىرىنىڭ پەقەت كۆرۈنگەن يۈزىلا بولۇشى مۇمكىنلىكى ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىدۇ.
تەربىيەلەرنىڭ مەزمۇنى: ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشتىن ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكىگىچە
دوكلات خىتاي سۇنغان كۇرسلارنىڭ مەزمۇنىنى تەپسىلىي ئانالىز قىلىپ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ قانداق قىلىپ قوش مەقسەتلىك ئىستراتېگىيەگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ. بىر تەرەپتىن، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن قانۇنلۇق تېخنىكا دەپ قوبۇل قىلىنغان جىنايەتكە قارشى كۈرەش تېخنىكىلىرى ئۆگىتىلسە، يەنە بىر تەرەپتىن مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغدىشى مەقسەت قىلىنغان باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىش مېخانىزملىرى ئۆگىتىلىدۇ.نەتىجىدە بۇ قوش قۇرۇلما ھەم خىتاينىڭ خەلقئارا ساقچى تەربىيلەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىغا يول ئاچقان، ھەم ئۇنىڭ ئەسلى نىيىتىنى پەردىلىشىگە ياردەم بەرگەن بولىدۇ.
ساقچى كۇرسلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، تور جىنايەتلىرى، تېلېگراف ئالدامچىلىقى ۋە جىنايەتلەر گورۇھلىرىغا قارشى كۈرەش قاتارلىق ئۆلچەملىك قانۇن ئىجرا قىلىش تېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ[30-بەت، 32-بەت]. بۇ خىلدىكى تەربىيەلەر خىتاينىڭ ئۆزىنى دۇنياۋى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشىدىغان مەسئۇلىيەتچان بىر ئاكتىيور سۈپىتىدە كۆرسىتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ئوخشاش چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەر كۆپ بولغان رايونلاردا بۇ تېمىدىكى كۇرسلارغا ئەھمىيەت بېرىلىشى، ھەم بۇ دۆلەتلەرنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىرىنى قامدىغانلىق بولىسا، ھەم خىتاينىڭ ئۆز چېگرا بىخەتەرلىكىنى ۋاسىتىلىك ھالدا مۇستەھكەملىگەنلىكتۇر. بۇ تەربىيەلەر تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە سەزگۈر ھەمكارلىقلار ئۈچۈن بىر «سىڭىپ كىرىش ئېغىزى» رولىنى ئوينايدۇ.
ئەمما ئىشنىڭ كۆرۈنمىگەن يەنە بىر يۈزىدە، دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ باستۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا يۈزلەنگەن تەربىيلەش كۇرسلىرى بار. دوكلات بۇ ھەقتىكى ئەڭ كونكرېت مىسال سۈپىتىدە، كۇبادىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشى بىلەن تونۇلغان ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرىغا خىتاي خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى (PAP) تەرىپىدىن بېرىلگەن كۇرسنى كۆرسىتىدۇ[34-بەت]. يېقىن ئارىلىقتىكى جەڭ، مەرگەنلىك ۋە توپىلاڭنى كونترول قىلىش قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كۇرسلار، بېيجىڭنىڭ مۇستەبىت ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ باستۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى رەھىمىسىزلەرچە كۈچەيتىشتىن ئىككىلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ، كىشىلىك ھوقۇق زەئىپ بولغان ھاكىمىيەتلەرنى خىتاينىڭ بىۋاسىتە ۋە ئەمەلىي قوللىشىدۇر.
خەلقئارا ساقچى كۇرسلىرىنىڭ ئەڭ ئەندىشىلىك تەرىپى بولسا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تېمىسى ئاستىدا سۇنۇلغانلاردۇر. دوكلات خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇسۇلىنىڭ غەرب مىقياسىدا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۇسۇللاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ھالدا، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، رەقەملىك ئىز قوغلاش ۋە «ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك باستۇرۇش» نى ئاساس قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ[35-بەت]. دوكلاتنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مۇۋەپپەقىيىتى،دوكلاتتا بۇ ئەندىزىنىڭ يىلتىزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە تۇتىشىدىغانلىقىنى ۋە بېيجىڭنىڭ بۇ ئەندىزىنى بىر «مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسى» سۈپىتىدە ئېكسپورت قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغىنىدۇر. پاكىستان ساقچىلىرىغا بېرىلگەن بىر كۇرسنىڭ دەرس پىلانىدا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە ئېرىشكەن ئۈنۈمى» دېگەن تېمىنىڭ ئورۇن ئېلىشى[35-بەت]، بېيجىڭنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئىنسانىيلىققا قارشى جىنايەت دەپ سۈپەتلەنگەن قىلمىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە نورماللاشتۇرۇشنىڭ پېشىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
«جامائەت تەرتىپى ۋە ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكى» تۈرىدىكى كۇرسلارنىڭمۇ مەلۇم چاتىقى بار. «VIP دەرىجىلىك قوغداش»، «ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش» (维稳, wéiwěn) ۋە «توپىلاڭنى كونترول قىلىش» قاتارلىق تېمىلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ئاتالغۇلىرىدۇر [39-بەت]. فىلىپپىن ۋە گىۋىنېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنت مۇھاپىزەتچىلىرىگە قارىتا ئۇيۇشتۇرۇلغان كۇرسلار ياكى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاللانما مۇھاپىزەتچىلەر بىرلىكىگە رۇسىيە ۋاگنېر گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە خىتاي تەرىپىدىنمۇ كۇرس ئۇيۇشتۇرۇشى[40-بەت]، بېيجىڭنىڭ مۇستەبىت رەھبەرلەرنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكى ۋە ھاكىمىيىتىنى قوغداشتا نەقەدەر تەشەببۇسكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاخىرقى ھىساپتا، بۇ خىل كۇرسلارنىڭ ئېچىلىشى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيەلىك مەنپەئەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلانغان. يەنى«بىخەتەرلىك ۋە قوغداش» تېمىسى ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان كۇرسلار، ئادەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى ئېنېرگىيە لىنىيەلىرى، پورتلار ۋە تۆمۈر يوللارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەركەزلەشكەن[37-بەت]. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇاۋېي ۋە ZTE غا ئوخشاش خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرى تەرەققىي قىلدۇرغان، يۈز تونۇش ۋە زور سانلىق مەلۇمات ئانالىزىغا ئاساسلانغان «بىخەتەر شەھەر» نازارەت سۇپىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك كۇرسلارمۇ كۈنسېرى ئومۇملىشىۋاتىدۇ[38-بەت]. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ ئاتالمىش بىخەتەرلىك ياردىمى نامى ئاستىدا، ئۆز تېخنولوگىيە ئۆلچەملىرى ۋە سودا مەنپەئەتلىرىنى دۇنيا مىقياسىدا كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
رايون خاراكتېرلىك پەرقلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىلار
دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، خىتاينىڭ ساقچى تەربىيلەش ئىستراتېگىيەسى بېيجىڭنىڭ ئوخشىمىغان رايونلاردىكى گېئوسىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇھىم نۇقتىلىرىغا ئاساسەن ئەستايىدىللىق بىلەن شەكىللەندۈرۈلگەن، جانلىق ۋە نىشانلىق بىر قۇرۇلمىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ رايونلۇق پەرقلىنىش خىتاي تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتچىل ۋە ماسلىشىشچان تەبىئىتىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر.
ئوتتۇرا ئاسىيا خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تەربىيەلىرىنىڭ ئاساسلىق بازىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، بۇ رايوننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا بولۇشى ۋە بېيجىڭنىڭ بۇ يەردىكى مۇقىملىقنى ئۆزىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھاياتىي دەرىجىدە مۇھىم دەپ قارىشىدۇر[42-بەت]. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» (تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك،دىنىي ئاشقۇنلۇق) دەپ ئاتىغان تەھدىتلەرگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش كېلىشىمى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئارىلىشىشلىرى ئۈچۈن قانۇنلۇق بىر زېمىن ھازىرلاپ بېرىدۇ. بېيجىڭ بۇ كۇرسلار ئارقىلىق بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، شەرقىي تۈركىستان مەنبەلىك ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرنى ۋە يوشۇرۇن مۇقىمسىزلىقلارنى ئۆز چېگراسىغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن توسۇشنى نىشان قىلىدۇ.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۇرسلارنىڭ ئېغىرلىق نۇقتىسى چېگرا ھالقىغان جىنايەت گورۇھلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشتۇر. زەھەرلىك چېكىملىك، ئادەم ۋە قورال-ياراغ ئەتكەسچىلىكىگە ئوخشاش كىلاسسىك جىنايەتلەردىن باشقا، يېقىنقى يىللاردا بۇ رايوننى بازا قىلغان ۋە بىۋاسىتە خىتاي پۇقرالىرىنى نىشانلىغان غايەت زور تور ئالدامچىلىقى تورلىرى بېيجىڭ ئۈچۈن جىددىي بىر تەھدىتگە ئايلاندى[42-بەت]. شۇڭلاشقا، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە تور جىنايەتلىرى، رەقەملىك ئەدلىيەلىك دەلىل-ئىسپات توپلاش ۋە ئىستىخبارات ھەمبەھرىلەش قاتارلىق تېمىلاردا بېرىلگەن كۇرسلار خىتاينىڭ ئەمەلىي ۋە جىددىي مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈندۈر.
ئافرىقا قىتئەسى خىتاينىڭ ئەڭ كەڭ دائىرىدە كۇرس ئۇيۇشتۇرغان جۇغراپىيەسى بولۇپ، بۇ ئەھۋال قىتئەنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ۋە بېيجىڭنىڭ بۇ رايونغا قاراتقان كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ رايوندا، بىر تەرەپتىن ساقچىلىق ئاساسى ماھارەتلىرى ۋە جىنايەتكە قارشى كۈرەش قاتارلىق ئۇل ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش پىروگراممىلىرى تەمىنلەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئاجىز ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن «جامائەت تەرتىپى ۋە ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكى» مەركەز قىلىنغان كۇرسلارغا ئېغىرلىق بېرىلگەن[43-بەت]. خىتاينىڭ بۇ «تولۇق ئىسپېكتىرلىق» ئۇسۇلى ئۇنى ئافرىقا قىتئەسىدىكى نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر بىخەتەرلىك شېرىكىگە ئايلاندۇرىدۇ.
تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىدا خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىگە ئارىلىشىشلىرى نىسبەن ئەڭ چوڭ تەسىر پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئارمىيە بولمىغاچقا، ساقچى تەشكىلاتى بىردىنبىر ۋە ئەڭ مۇھىم بىخەتەرلىك ئاكتىيورى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى ساقچى تەشكىلاتلىرى ئۈستىدە قۇرغان تەسىرى پۈتكۈل دۆلەت بىخەتەرلىك ئاپپاراتى ئۈستىدىكى تەسىر دېگەنلىكتۇر. بېيجىڭنىڭ سۇلايمان تاقىم ئاراللىرىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك «ساقچى مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى» ئەۋەتىپ، ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىن قالغان ئىجتىمائىي كونتروللۇق ئەندىزىسى بولغان «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» نى ئېكسپورت قىلىشقا ئۇرۇنۇشى[42-بەت]، خىتاينىڭ ئۆز باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بىۋاسىتە باشقا دۆلەتلەرگە ئىكسپورت قىلىش، تەتبىقلاشلاشتا نەقەدەر جۈرئەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. ساموئادا بىر ساقچى ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇشى ۋە فىجى بىلەن كەڭ كۆلەملىك «ساقچى ئالماشتۇرۇش» پىروگراممىلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىمۇ بېيجىڭنىڭ بۇ رايوندا ئۇزاق مۇددەتلىك بىخەتەرلىك ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر[42-بەت].
خۇلاسە
خۇلاسىلىگەندە، كارنىگى خەلقئارا تىنچلىق فوندى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ خەلقئارادا ساقچى تەربىيلىشى: يەر شارىۋى ئىزلىرى» ناملىق بۇ دوكلات، خىتاينىڭ يەر شارى مىقياسىدا بىخەتەر بىلەن تەمىنلىگۈچى رولىنى ۋە بۇ رولنىڭ ئارقىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك لوگىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاساسلىق پايدىلىنىش مەنبەسىدۇر. دوكلات بىزگە سۇنغان مول ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار، مۇستەبىت بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى ئېكسپورت قىلىش، دۇنياۋى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە غەربنى مەركەز قىلغان لىبېرال تەرتىپكە ئالتېرناتىپ بىر قۇرۇلما بەرپا قىلىش ئۈچۈن ساقچى كۇرسلىرىنى قانداق پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق شەكىلدە قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ تەتقىقات بۇ كۇرسلارنىڭ «ياخشى» ۋە «يامان» تەرەپلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈر بىر پەرق يارىتىپ، خىتاينىڭ جىنايەتكە قارشى كۈرەش قانۇنلۇق ھەمكارلىقىنى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە مەخسۇس ياردەم بېرىش ۋە ئۆزىنىڭ باستۇرۇش خاراكتېرلىك ئىچكى بىخەتەرلىك ئەندىزىسىنى يېيىش قاتارلىق تېخىمۇ قاراڭغۇ نىيەتلەر ئۈچۈن بىر پەردە قىلىپ ئىشلەتكەن قوش مەقسەتلىك ئىستراتېگىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.
دوكلاتنىڭ ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ۋە خەلقئارا سەھنىدە ئېغىر تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى بىر «مۇۋەپپەقىيەت ھىكايىسى» سۈپىتىدە باشقا دۆلەتلەرگە قانداق بازارغا سالغانلىقىنى كونكرېت دەلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى بولۇپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە، بېيجىڭنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە دۇنيا مىقياسىدا مۇستەبىت ئۆلچەملەرنى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ ئەڭ ئەندىشىلىك تەرىپىنى ئېچىپ بەرگەنلىكتۇر.
بۇ تەتقىقات بۇ پائالىيەتلەرنىڭ كۇرسلارنى قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. خىتاينىڭ ياردىمى بەزى ئەھۋاللاردا دۆلەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرسىمۇ، كۆپىنچە ھاللاردا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ باستۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە زېمىن ھازىرلاش ۋە دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك بىيۇروكراتىيەسىدە بېيجىڭغا قارىتا بىر بېقىندىلىق يارىتىش خەۋپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، گرېيتېنس، كاردون ۋە ۋالتزنىڭ بۇ باشلامچى خىزمىتى پەقەت خىتاينى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنياۋى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىكنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان بارلىق سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر، ئاكادېمىكلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلات پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئويلىنىشى ئۈچۈنمۇ جىددىي ۋە ھالقىلىق سوئاللارنى ئوتتۇرىغا تاشلىماقتا.
تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار
پايدىلانغان دوكلات:
Greitens, Sheena Chestnut, Isaac Kardon, and Cameron Waltz. China’s Foreign Police Training: A Global Footprint. Washington, DC: Carnegie Endowment for International Peace, November 2025.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















