گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدىكى تارىخىي بۇرۇلۇش

2025-يىلى 13-دېكابىر

«زايتېنۋېندې»نىڭ ئىستراتېگىيەلىك خىرىسلىرى ۋە تىرانس-ئاتلانتىك بىخەتەرلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە مۇھاكىمە

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار

بۇ ماقالىدە، 2022-يىلى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىقىدىن كېيىن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز (Olaf Scholz) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «زايتېنۋېندې» (Zeitenwende – دەۋر بۆلگۈچ پەيت) ئىستراتېگىيەسىنىڭ گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىغا كۆرسەتكەن چوڭقۇر تەسىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ماقالىدە ئاساسلىقى گېرمانىيەنىڭ «تىنچلىقنىڭ پايدىسى» (Peace Dividend)  دەۋرىدىن ھالقىپ، قايتىدىن قوراللىنىش مۇساپىسىدىكى قۇرۇلمىۋى توسالغۇلار، جۈملىدىن ھەربىي سېتىۋېلىش سىستېمىسىدىكى ئۈنۈمسىزلىك، دۆلەت مۇداپىئە سانائەت بازىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىكى زەنجىرسىمان مەسىلىلەر ۋە ھۆكۈمەت بىلەن سانائەت ساھەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچ كىرىزىسى قاتارلىق ئامىللار چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا، بولۇپمۇ خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيەلىك دىققىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىدە گېرمانىيەنىڭ زىممىسىگە چۈشىدىغان مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا گېرمانىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى—ناتونىڭ ياۋروپا تۈۋرۈكىنى كۈچەيتىشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى تەكتلىنىدۇ.

ئىستراتېگىيەلىك ئويغىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى

ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي موتورى ۋە قىتئەدىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسقا ئىگە دۆلەت بولغان گېرمانىيە، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىدا «بەخىرامان » (Benign Neglect) پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى ئوتتۇز يىل مابەينىدە، بېرلىن ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھەربىي خامچوتىنى ئىزچىل قىسقارتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يۇمشاق دىپلوماتىيەنىڭ سايىسىدا قالدۇرۇپ قويدى. بۇ دەۋردە گېرمانىيە ئۆزىنى «تىنچلىقپەرۋەر سودا دۆلىتى» دەپ تونۇتۇپ، ھەربىي كۈچنى دىپلوماتىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە كۆرۈشتىنمۇ بەكرەك،ھەتتا  ئۇنىڭدىن قاچىدىغان بىر پوزىتسىيەدە بولدى.

بىراق، 2022-يىلى 24-فېۋرالدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن ياۋروپانىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىخەتەرلىك تەرتىپى ۋە قۇرۇلمىسىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. بۇ ۋەقە گېرمانىيە ئۈچۈن  ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك پەلسەپەسىدىكى چوڭقۇر خاتالىقلارنى تونۇپ يېتىش پۇرسىتى بولدى. بۇنىڭغا جاۋابەن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز «زايتېنۋېندې» يەنى تارىخىي دەۋر بۆلگۈچ بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى جاكارلاپ، گېرمانىيە فېدېراتىپ دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى (Bundeswehr) نى جىددىي زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن 100 مىليارد ياۋرولۇق ئالاھىدە فوند (Sondervermögen) تەسىس قىلىدىغانلىقىنى ۋە دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ %2 ىدىن ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى [1].

بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزگىرىش  گېرمانىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى پاسسىپ ھەربىي مەدەنىيىتىنىڭ ئاكتىپ ۋە توسقۇنلۇق قىلغۇچى كۈچكە ئايلىنىش جەريانىدۇر. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىدە خىتاينى ئاساسلىق رىقابەتچى دەپ بېكىتىشى ۋە دىققىتىنى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكىشى، ياۋروپانىڭ، بولۇپمۇ گېرمانىيەنىڭ ئۆز قىتئەسىدىكى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەقەززا قىلماقتا. شۇڭلاشقا، گېرمانىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتا قوراللىنىشى پەقەت بېرلىن ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ۋاشىنگتون ۋە پۈتكۈل ناتو ئىتتىپاقى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى كۈچتىن «تىنچلىق پايدىسى» غىچە بولغان چېكىنىش

خەلقئارا جەمئىيەتتە كۆپىنچە كىشىلەر گېرمانىيەنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تامامەن تىنچلىقپەرۋەر، ھەربىي ئىشلارغا قىزىقمايدىغان دۆلەتكە ئايلانغان دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، بۇ قاراش تارىخىي رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى غەربىي گېرمانىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەتتىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىگە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. 1980-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، غەربىي گېرمانىيە ئارمىيەسى 500 مىڭ ئەسكەر ۋە 12 ئېغىر تانكا دىۋىزىيەسىگە ئىگە بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتى قىسىملىرىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغانىدى[2]. بۇ دەۋردىكى گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئەسى پەقەت گېرمانىيەنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل غەرب دۇنياسىنىڭ قالقىنى ئىدى.

بىراق، 1989-يىلى بېرلىن تېمىنىڭ ئۆرۈلۈشى ۋە 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن، گېرمانىيە ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىدا زور ئۆزگىرىش ياسىدى. 1990-يىلىدىكى گېرمانىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشى توغرىسىدىكى «ئىككى قوشۇلغان تۆت» (Two Plus Four) شەرتنامىسىدە، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئومۇمىي سانىنى 370 مىڭدىن ئاشۇرماسلىق بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ ساننى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈردى. گېرمانىيە «تىنچلىقنىڭ پايدىسى»دىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن ھەربىي خىراجەتنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مەبلەغ سالدى. بۇ جەرياندا، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ رولى ۋەتەننى قوغداشتىن خەلقئارالىق تىنچلىق ساقلاش ۋە كىرىزىسنى باشقۇرۇشقا قاراپ يۆنەلدى.

بۇ ئىستراتېگىيەلىك چېكىنىش جەريانىدا، گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ كەسكىن ئازىيىشى سەۋەبىدىن ئاساسلىقى ئېكسپورت مەقسەتلىك ئىشلەپچىقىرىشقا مەجبۇر بولدى ياكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى تاقىدى. نەتىجىدە، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، بولۇپمۇ يۇقىرى سىجىللىقتىكى ئۇرۇشقا لازىملىق ئوق-دورا، زەمبىرەك ۋە ئېغىر تىپتىكى بىرونېۋىكلىق قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە چېكىندى. يەنى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە سانائىتى ئايدا تەخمىنەن 20 دانە «لېۋپارد-2» (Leopard 2)  جەڭ تانكىسى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىقتىدار ئايدا ئاران 3-4 دانىگە چۈشۈپ قالدى.  سانائەت قۇرۇلمىسىدىكى بۇ خىل ئاجىزلىشىش، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان جىددىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇشتا زور توسالغۇ بولماقتا.

«زايتېنۋېندې» ۋە ھەربىي سېتىۋېلىش سىستېمىسىدىكى قۇرۇلمىۋى توسالغۇلار

2022-يىلى ئېلان قىلىنغان «زايتېنۋېندې» خىتابنامىسى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تەسىس قىلىنغان 100 مىليارد ياۋرولۇق ئالاھىدە فوند، نەزەرىيە جەھەتتىن گېرمانىيەنىڭ قايتا قوراللىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك مالىيە ئاساسى ياراتتى. لېكىن، ئۆتكەن ئۈچ يىللىق تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پۇلنىڭ بولۇشى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ پەقەت بىرىنچى قەدىمى خالاس. بۇ غايەت زور مەبلەغنىڭ ئەمەلىي جەڭگىۋارلىققا ئايلىنىش سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن كۆپ ئاستا بولماقتا. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى گېرمانىيەنىڭ ھەربىي سېتىۋېلىش (Procurement)  سىستېمىسىدىكى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان قۇرۇلمىۋى ۋە مەدەنىيەت خاراكتېرلىك توسالغۇلاردۇر.

بىرىنچىدىن، گېرمانىيە فېدېراتىپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى (BMVg) ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق بولغان كوبلېنزدىكى قورال-ياراق، ئۇچۇر تېخنىكىسى  ئىدارىسى (BAAINBw) نىڭ بىيۇروكراتلىق تۈزۈلمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ، قاتمال ۋە ئۈنۈمسىز. بۇ ئورگانلاردا «خەتەردىن قېچىش» (Risk-averse)  مەدەنىيىتى ھۆكۈمران بولۇپ، ھەرقانداق بىر سېتىۋېلىش قارارى چىقىرىلىشتىن بۇرۇن تۈگىمەس تەكشۈرۈش، قانۇنىي باھالاش ۋە مەمۇرىي تەستىقلاردىن ئۆتۈشى كېرەك. نەتىجىدە، بىرەر تۈرلۈك ئاددىي ھەربىي جابدۇقنى سېتىۋېلىش ئۈچۈنمۇ ئايلاپ، ھەتتا يىللاپ ۋاقىت سەرپ قىلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ [2].

ئىككىنچىدىن، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ قورال-ياراق تېخنىكىلىق ئۆلچىمى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى ۋە مۇرەككەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ ھادىسە ھەربىي سانائەت ساھەسىدە «ئالتۇن يالىتىش» (Gold-plating) دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى، خەلقئارا بازاردا مەۋجۇت بولغان، سىناقتىن ئۆتكەن ۋە ئىشەنچلىك قورال سىستېمىلىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىشنىڭ ئورنىغا، گېرمانىيە سېتىۋېلىش ئەمەلدارلىرى ئۇلارغا تۈرلۈك ئۆزگىچە، ئەمما  ھاجەتسىز بولغان تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، يېڭى بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىۋالغاندا، ئۇنىڭ پەقەت گېرمانىيەگىلا خاس بولغان ئالاھىدە ئالاقە سىستېمىسى ياكى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يېتىشىنى تەلەپ قىلىش، تەننەرخنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىشىنى ۋە يەتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىنىڭ يىللارچە كېچىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

ئۈچىنچىدىن، پارلامېنتنىڭ خامچوت تەستىقلاش جەريانىدىكى چەكلىمىلەردۇر. گېرمانىيە قانۇنىغا ئاساسەن، قىممىتى 25 مىليون ياۋرودىن ئاشىدىغان ھەرقانداق ھەربىي توختام پارلامېنت خامچوت كومىتېتىنىڭ ئايرىم تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. بۇ بەلگىلىمە ئەسلىدە دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سېتىۋېلىش جەريانىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، جىددىي ئېھتىياجلارنىڭ قاندۇرۇلۇشىنى كېچىكتۈرمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن مۇددەتلىك (مەسىلەن، 5-10 يىللىق) رامكا كېلىشىملىرىنى ئىمزالاشتا قانۇنىي ۋە مالىيە جەھەتتىن قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئەھۋال سانائەت كارخانىلىرىنىڭ كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىشىغا توسالغۇ بولماقتا.

دۆلەت مۇداپىئە سانائەت بازىسى: ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كىرىزىس

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى زامانىۋى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇرۇشلارنىڭمۇ يەنىلا غايەت زور مىقداردىكى ئوق-دورا، ئارتىلېرىيە ۋە ئېغىر تىپتىكى قوراللارغا تايىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى كۈنىگە مىڭلىغان، بەزىدە ئون مىڭلىغان 155 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك ئوقى سەرپ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، گېرمانىيە ۋە باشقا غەرب ئەللىرىنىڭ ئىسكىلاتلىرىدىكى زاپاسلار تېز سۈرئەتتە تۈگىمەكتە. بۇ خىل «يۇقىرى سىجىللىقتىكى توقۇنۇش» (High-intensity conflict) ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېزدىن ئاشۇرۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا.

بىراق، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى نۆۋەتتە «تۇخۇم بىلەن توخۇ» مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. بىر تەرەپتىن، «Rheinmetall», «KNDS», «Diehl Defence»  قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى كېڭەيتىش، يېڭى زاۋۇتلارنى قۇرۇش ۋە ئىشچىلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن ئۇزۇن مۇددەتلىك، كاپالەتلىك توختاملارنى تەلەپ قىلماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەت مالىيە قائىدىلىرى ۋە خامچوت چەكلىمىلىرى (Schuldenbremse – قەرز تورمۇزى) سەۋەبىدىن، كۆپىنچە قىسقا مۇددەتلىك زاكازلارنى قوبۇل قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماقتا. بۇ ئېنىقسىزلىق سانائەت كارخانىلىرىنىڭ زور كۆلەمدىكى مەبلەغ سېلىشىغا توسالغۇ بولماقتا.

تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۈزۈلۈشلەرمۇ ئېغىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. پارتلاتقۇچ دورا ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك نىترو سېللۇلوزا (Nitrocellulose) نىڭ كەمچىل بولۇشى، بىرونېۋىك ئۈچۈن كېرەكلىك ئالاھىدە پولاتلارنىڭ تەمىنلىنىشىدىكى قىيىنچىلىقلار ۋە ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلارنىڭ يېتىشمەسلىكى ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىنى ئۇزارتىۋەتمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، گېرمانىيەدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ قېرىلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ماھارەتلىك ئىشچىلارنىڭ (Skilled Labor) كەمچىل بولۇشىمۇ سانائەت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى چوڭ بىر توسالغۇدۇر.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بەزى ئاكتىپ ئالامەتلەرمۇ يوق ئەمەس. مەسىلەن، «Rheinmetall»  شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ تۆۋەنكى ساكسونىيە ئىشتاتىدا يېڭى ئوق-دورا زاۋۇتى قۇرۇشقا كىرىشتى. بۇ زاۋۇت پۈتكەندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ زەمبىرەك ئوقى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ. ئەمما، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدىكى ھۆكۈمەت ياردىمى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ئاستىدىلا بۇ خىل تىرىشچانلىقلار ئۈنۈم بېرەلەيدۇ.

تىرانس-ئاتلانتىك مۇناسىۋەت، ياۋروپا ئاپتونومىيەسى ۋە قورال سېتىۋېلىش سىياسىتى

گېرمانىيەنىڭ قايتا قوراللىنىش جەريانىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تاللاش – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ياۋروپا ئىچىدىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسىدۇر. «زايتېنۋېندې» دىن كېيىن، گېرمانىيە قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئارمىيەنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، «تەكچىدىن ئېلىپلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان» (Off-the-shelf) تەييار قوراللارنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. گېرمانىيەنىڭ ئامېرىكىدىن 35 دانە F-35 كۆرۈنمەس ئايروپىلانى، 60 دانە «چىنۇك» (Chinook) تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە «ۋەتەنپەرۋەر» (Patriot) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

بۇ قارار بىر تەرەپتىن گېرمانىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىقىنى ۋە ناتو نىڭ يادرو توسۇش كۈچىدىكى رولىنى (Nuclear Sharing) ساقلاپ قېلىشنى كۈچلەندۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن فىرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى شېرىكلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. پارىژ ھۆكۈمىتى «ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقى» (Strategic Autonomy) نى تەشەببۇس قىلىپ، ياۋروپانىڭ ئۆزىنىڭ ھەربىي سانائەت بازىسىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا قوراللىرىنى سېتىۋېلىشنىڭ كەلگۈسىدىكى «كەلگۈسى ھاۋا ئۇرۇشى سىستېمىسى» (FCAS) ۋە «ئاساسىي قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى سىستېمىسى» (MGCS) قاتارلىق فىرانسىيە-گېرمانىيە ھەمكارلىقىدىكى تۈرلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بىراق، گېرمانىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، رۇسىيەنىڭ تەھدىتى «بۇرنىنىڭ ئۇچىدىلا» بولغاچقا، 2040-يىللىرىغىچە تەتقىق قىلىپ چىقىلىدىغان ياۋروپا سىستېمىلىرىنى ساقلاپ تۇرۇشقا ۋاقىت يوق. شۇڭلاشقا، گېرمانىيە «ياۋروپا ئاسمان قالقىنى تەشەببۇسى» (ESSI) نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە (Arrow-3 سىستېمىسى) ۋە گېرمانىيەنىڭ (IRIS-T سىستېمىسى) ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ياۋروپانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۈچەيتىشنى نىشان قىلدى. بۇ، گېرمانىيەنىڭ ئەمەلىيەتچىل (Pragmatic) ۋە ئاتلانتىكپەرۋەر (Atlanticist) سىياسىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى: سانائەت ھەمكارلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىخانىسى

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا   تەمىنلىگۈچى بولۇپلا قالماي، چوڭقۇر سانائەت ھەمكارلىقى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىر سۇپىسىغا ئايلاندى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى ئىككىلىنىشلىرىدىن كېيىن، ئۇكرائىناغا «لېۋپارد» تانكىلىرى، «ماردېر» (Marder) پىيادە ئەسكەرلەر ئۇرۇش ماشىنىلىرى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بولغان «IRIS-T» نى تەمىنلىشى، گېرمانىيە قوراللىرىنىڭ رېئال جەڭ مەيدانىدىكى ئۈنۈمىنى ئىسپاتلىدى.

تېخىمۇ مۇھىمى، گېرمانىيە شىركەتلىرى ئۇكرائىنا بىلەن بىۋاسىتە سانائەت ھەمكارلىقى ئورنىتىشقا باشلىدى. مەسىلەن، «Rheinmetall»  شىركىتى ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇكرائىنا زېمىنىدا تانكا رېمونت قىلىش زاۋۇتى ۋە كەلگۈسىدە بىرونېۋىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇرۇشنى پىلانلىدى[4]. بۇ خىل ھەمكارلىق ئۇكرائىنانىڭ ئۆز ئالدىغا مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىشى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە ياخشىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. ئۇكرائىنا، بولۇپمۇ ئۇچقۇلار ۋە سۈنئىي ئەقىل (AI) تېخنىكىلىرىنىڭ ھەربىي ساھەدە قوللىنىلىشى جەھەتتە، گېرمانىيە ئۈچۈن بىر «تېخنىكا تەجرىبىخانىسى» رولىنى ئوينىماقتا.

خۇلاسە

خۇلاسىلىگەندە، گېرمانىيەنىڭ «زايتېنۋېندې» سىياسىتى دۆلەتنىڭ ھەربىي مەدەنىيىتىدىكى بىر قېتىملىق تارىخىي بۇرۇلۇش بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەمەلىيلىشىش جەريانى نۇرغۇنلىغان ئىچكى ۋە تاشقى توسالغۇلارغا دۇچ كەلمەكتە. گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، پەقەت خامچوتنى ئاشۇرۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئەكسىچە، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىش، بىيۇروكراتلىقنى ئىسلاھ قىلىش، سانائەت بازىسى بىلەن بولغان ئىشەنچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلاش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشى مۇقەررەر بولغان بىر ۋەزىيەتتە، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كۈچلۈك بىر  گېرمانىيەنىڭ بولۇشى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. گېرمانىيە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي قۇدرىتىنى ھەربىي ۋە سانائەت قۇدرىتىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ناتو نىڭ ياۋروپا تۈۋرۈكىنى كۈچەيتىشى، شۇنداقلا رۇسىيەدىن كېلىۋاتقان تەھدىتكە ۋە خىتاي كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان سىستېماتىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىشى زۆرۈر.   غەرب دېموكراتىك دۇنياسىنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى قوغداشتا  ۋاشىنگتون بىلەن بېرلىن ئوتتۇرىسىدىكى زىچ ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ماسلىشىش اچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

[1]  The Heritage Foundation. (2025). Next Steps for Germany’s National Security Zeitenwende. Backgrounder No. 3900.

[2]  National Defense University (NDU). (2025). The German Defense-Industrial Zeitenwende: Implications for Transatlantic Security. Strategic Perspectives, No. 44.

[3]  International Institute for Strategic Studies (IISS). (2025). Transforming European Defence Procurement and Industry. Strategic Dossier, Chapter Four.

[4]  Lviv Herald. (2025). The German Military in 2025: Capabilities, Commitments, and Strategic Evolution.

[5]  German Marshall Fund. (2025). Germany’s Defense Budget Increase.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*