خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر ئاستى سۈيىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرى ۋە مۇستەملىكىچىلىك سۇ سىياسىتى

2025-يىلى 19-نويابىر


ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

كىرىش

              شەرقىي تۈركىستاندىكى سۇ تەقسىماتىدىكى ئادالەتسىزلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىك


شەرقىي تۈركىستان ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جۇغراپىيەلىك ئورنى، مول ئېنېرگىيە ۋە مەدەن ۋە باشقا تەبىئىي بايلىقلىرى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودا ۋە گېئو-سىياسىي ئالاقىسى سەۋەبىدىن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (خ خ ج) ئۈچۈن تارىختا ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەن. رايوننىڭ  قۇرغاق ۋە يېرىم قۇرغاق كېلىمات شارائىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، چەكلىك تاتلىق سۇ بايلىقلىرى ئىنسانلارنىڭ ياشاش شەرتلىرى، دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، سانائەت تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ئۈچۈن مۇتلەق ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە. خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان تارىخىي ھۆكۈمرانلىق تەشەببۇسلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىگە ئاساسەن ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش، يەنى مۇستەقىللىق ئارزۇسى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي خاراكتېرلىك زىددىيەت، خەلقئارا قانۇن، ئىنسان ھەقلىرى ۋە مىللىيەتچىلىك مۇنازىرىلىرى دائىرىسىدە دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان  سىياسەتلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئىلمىي مەنبەلەردە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقۇرۇش ئەمەلىيەتلىرى، خىتاي نوپۇسىنىڭ بۇ رايونغا كۆچمەن مۇستەملىكىچىلىك رامكىسى ئىچىدە تۈركۈم-تۈركۈم كۆچۈپ كىرىشى بىلەن دېموگرافىيەلىك قۇرۇلمىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشى، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق مىللەت ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويۇشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن «مۇستەملىكىچىلىك» ياكى «ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك» خاراكتېرىگە ئىگە دەپ كۈچلۈك مۇنازىرە قىلىنماقتا. بۇ ئەھۋال، مۇستەملىكىچى بىر كۈچنىڭ يەرلىك نوپۇس ئورنىغا ئۆز خەلقىنى ماكانلاشتۇرۇش ئارقىلىق يەر ۋە بايلىقنى مەڭگۈلۈك ئىگىلەش ئىستراتېگىيەسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى (ئىسلام)،مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى،ئەنئەنىلىرى ئۈستىدە قوللانغان كۈچلۈك بېسىم، «جازا لاگېرلىرى»، ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوقىتىش ۋە مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەر، مىللىي كىملىككە قارىتىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بولۇپ، ئۇيغۇر كىملىكىنى ئېرىتىش ۋە خىتاي مىللىي كىملىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈش مەقسىتىنى كۆزلەيدۇ.

ئىقتىسادىي جەھەتتىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە سۇيۇق يەر ئېلېمېنتلىرى قاتارلىق مول يەر ئاستى بايلىقلىرى شۇنداقلا پاختا،شوخلا ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق دېھقانچىلىق يوشۇرۇن كۈچى خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە؛ بىراق، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان بايلىقلار بىلەن ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ بايلىقلاردىن ئېرىشكەن نەپلىرى نىسبەت جەھەتتىن تۆگە بىلەن تۈگمە نىسبىتىدۇر. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ۋە سانائەت مەبلىغى  خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن ئىش پۇرسىتى يارىتىۋاتقاندا، ئۇيغۇرلار تۆۋەن ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارغا ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مەجبۇر قىلىنماقتا، بۇمۇ مەركەز-چەت رايون مۇناسىۋىتىدە «بېقىندىلىق نەزەرىيەسى» نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغىلى بولىدىغان بىر ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بىخەتەرلىك ساھەسىدە بولسا، شەرقىي تۈركىستان يۈز تونۇش تېخنىكىلىرى، كامېرالار، سۈنئىي ئىدراك ياردىمىدىكى كۆزىتىش سىستېمىلىرى، « DNA » ئەۋرىشكىسى ئېلىش ۋە كەڭ تارقالغان ساقچى پونكىتلىرى بىلەن بىر گەۋدە قىلىنغان «رەقەملىك ھاكىممۇتلەقلىق» تورى ئاستىدا كۈچلۈك نازارەت ئاستىدا تۇرماقتا. بۇ ئەھۋالنى فۇكولنىڭ پانۇپتىكون (Panopticon) ئۇقۇمى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ؛  شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر بىر شەخسنىڭ توختىماي كۆزىتىلىۋاتقانلىقى ۋە نازارەت ئاستىدا تۇرۇشى،ئۇلارنى ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت ئىنتىزامغا ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى نازارەت قىلىنىدۇ ۋە يوشۇرۇن «بۆلگۈنچى» ياكى «ئاشقۇن»لۇق خەۋپى بار دەپ قارالغان ھەر قانداق ھەرىكەت  خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلىدۇ. يەنە، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، تۇغۇت نىسىبىتىنى كونترول قىلىش، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق دەۋالىرى ۋە بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئېلىپ دۆلەتنىڭ ياتاقلىق «مەكتەپلىرى»گە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەر، بەزى ئالىملار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن خەلقئارا قانۇندا بېكىتىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىئولوگىيەلىك ۋە دېموگرافىيەلىك ئامىللىرى دائىرىسىدە باھالانغان،بىر مىللىي گۇرۇپپىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا قارىتىلغان نىيەتلىك ۋە مەقسەتلىك سىياسەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.


بۇ چوڭ كۆلەمدىكى گېئو-سىياسىي، دېموگرافىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت ئۆزگىرىشلىرىنىڭ دەل مەركىزىدە، سۇ بايلىقلىرىنى باشقۇرۇش خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مەركىزىي ۋە ھالقىلىق قوراللارنىڭ بىرى سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ. سۇنى كونترول قىلىش، پەقەت دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىلا ئەمەس، بەلكى نوپۇسنىڭ ئولتۇراقلىشىشىنى، دېموگرافىيەلىك تارقىلىشىنى، شەھەرلىشىش جەريانلىرىنى ۋە ھەتتا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق ۋە ھاكىمىيەت تەڭپۇڭلۇقىغىمۇ بىۋاسىتە تەسىر قىلىدىغان بىر بىئو-سىياسىي ھوقۇق ۋە ھاكىمىيەت قورالىدۇر. شۇڭلاشقا، رايوندىكى سۇ باشقۇرۇش سىياسەتلىرى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك ئەمەلىيەتلىرىنى چۈشىنىشتە ئاساسىي تەھلىل نۇقتىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

بۇ ماقالىدە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (خ خ ج) نىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلان قىلغان «يەر ئاستى سۈيى بايلىقلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ،[1] خىتاي دۆلىتىنىڭ رايوندىكى مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك ئەمەلىيەتلىرى دائىرىسىدە تەنقىدىي تەھلىل قىلىنىدۇ.

  1. نەزەرىيەۋى رامكا: مۇستەملىكىچىلىك سۇ سىياسەتلىرى ۋە بىئو-ھاكىمىيەت

بۇ ماقالىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى سۇ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر قاتار تەنقىدىي نەزەرىيەۋى ئۇقۇملاردىن پايدىلىنىلىدۇ.

مۇستەملىكىچىلىك: بۇ ئۇقۇم، بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتنى ياكى رايوننى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن كونترول ئاستىغا ئېلىشى، بايلىقلىرىنى ئىگەللىۋېلىشى ۋە باشقۇرۇشى جەريانىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇستەملىكىچى كۈچلەر، ئادەتتە مۇستەملىكە قىلىۋالغان زېمىنلاردىكى زېمىن ئىگىدارلىرىنى ئىشچى كۈچى سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ ۋە ئۆز مەدەنىيىتىنى تېڭىپ زېمىن ئىگىدارلىرىنى كىملىكسىزلەشتۈرىدۇ. بۇ جەرياندا،دىكتاتور ھاكىمىيەت، زوراۋانلىق، تەشۋىقات ۋە قانۇنىي بەلگىلىمىلەر قاتارلىق ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان نۇقتىسىدىن، خىتاينىڭ بۇ رايون ئۈستىدىكى يېقىنقى زاماندىكى ۋە ھازىرقى ھۆكۈمرانلىقىنى، بۇ كەڭ مۇستەملىكىچىلىك رامكىسى ئىچىدە باھالاشقا تامامەن بولىدۇ.

ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك: ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك، بىر دۆلەتنىڭ ئۆز چېگراسى ئىچىدىكى بەلگىلىك مىللىي، مەدەنىي ياكى جۇغراپىيەلىك گۇرۇپپىلارنى، تاشقى بىر مۇستەملىكىچى كۈچنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا يەرلىك   بايلىقلارنى سۈمۈرۈشى ۋە كونترول قىلىشىدۇر. بۇ، ئادەتتە دۆلەتنىڭ مەركىزىدىكى ھۆكۈمران گۇرۇھنىڭ، چەت ئەتراپتىكى ياكى «چەتكە قېقىلغان» گۇرۇپپىلار ئۈستىدىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت خاراكتېرلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىچكى مۇستەملىكىچىلىكتە، بايلىقلار مەركەزگە يۆتكىلىدۇ، يەرلىك خەلق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلىدۇ، مەدەنىيەت كىملىكلىرى بېسىمغا ئۇچرايدۇ ۋە «تەرەققىيات» نامى ئاستىدا بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى[2] يولغا قويۇلىدۇ. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ماكانلاشتۇرۇلۇشى،  كەڭ كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى (سۇ ئامبىرى، ئۆستەڭ، يوللار قاتارلىقلار) ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلەر (دېھقانچىلىق، سانائەت مەبلەغ سېلىشلىرى) بۇ ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك رامكىسى ئىچىدە باھالىنىپ، رايوننىڭ بايلىقلىرى ۋە ئىنسان كۈچىنىڭ قانداق قىلىپ مەركەزگە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ بايلىقلىرىنىڭ قانداق سۈمۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (ۋېركىنى، 2010: 2-10) .[3]

بىئو-ھاكىمىيەت: فۇكولنىڭ قارىشىچە بىئو-ھاكىمىيەت، زامانىۋى دۆلەتلەرنىڭ شەخسلەرنىڭ بەدەنلىرى ۋە بىر پۈتۈن نوپۇس ئۈستىدىكى كونترول ۋە باشقۇرۇش شەكىللىرىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ، پەقەت شەخسلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىنىلا ئەمەس، بەلكى نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى، ئۆلۈم نىسبىتىنى، كېسەللىكلىرىنى، ياشاش شارائىتىنى، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى، ئولتۇراقلىشىش ئورۇنلىرىنى ۋە ئومۇمىي پاراۋانلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىئو-ھاكىمىيەت، ئىنتىزام مېخانىزملىرى (مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلار، تۈرمىلەر) ۋە تەڭشەش مېخانىزملىرى (ستاتىستىكا، دېموگرافىيەلىك سانلىق مەلۇماتلار، ساغلاملىق سىياسەتلىرى) ئارقىلىق ئىشلەيدۇ. مەقسەت، نوپۇسنى «خىللاشتۇرۇش»، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە كونترول ئاستىدا تۇتۇشتۇر. شەرقىي تۈركىستاندا سۇ بايلىقلىرىنى باشقۇرۇش، بىئو-ھاكىمىيەتنىڭ كۈچلۈك بىر ۋاسىتىسى سۈپىتىدە نامايەن بولماقتا. سۇغا ئېرىشىشنى كونترول قىلىش، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ۋە تۇرمۇش مەنبەلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ. بۇ سۇ  كونترولى، شۇنداقلا نوپۇسنىڭ ئولتۇراقلىشىشىنى (مەجبۇرىي ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى ياكى بەلگىلىك رايونلارغا كۆچۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش)، ساغلاملىقىنى (ساپ سۇغا ئېرىشىش) ۋە ئومۇمىي ياشاش شارائىتىنى تەڭشەشتە رول ئوينايدۇ. سۇنىڭ ھايات ۋە ئۆلۈم ئۈستىدىكى بۇ بىۋاسىتە كۈچى، خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈستىدىكى بىئو-سىياسەتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يادرولۇق رول ئوينايدۇ (فۇكول، 2002: 43-44).[4]

مۇھىت ئادالەتسىزلىكى: بۇ ئۇقۇم، مۇھىت خەۋپ-خەتەرلىرى (بۇلغىنىش، خەتەرلىك چىقىرىندىلار، سۇ قەھەتچىلىكى قاتارلىقلار)، تەبىئىي بايلىقلار ۋە  پاكىز مۇھىتنىڭ،  ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىرق گۇرۇپپىلىرى ۋە تەبىقىلەر  ئارىسىدا پەرقلىق تەقسىملىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ. ئادەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەر، تۆۋەن كىرىملىك ۋە چەتكە قېقىلغان جامائەتلەر، مۇھىت بۇلغىنىشىدىن ۋە بايلىق كەمچىللىكىدىن ئادالەتسىز دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، تېخىمۇ ئالاھىدە ھوقۇقلۇق گۇرۇپپىلار بۇ يۈكلەرنىڭ ئازراق تەسىرگە ئۇچرايدۇ. مۇھىت ئادالەتسىزلىكى، مەۋجۇت ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىكلەرنى ، زىددىيەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ۋە بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە، ساغلاملىقىغا ۋە تۇرمۇش مەنبەلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ  (گونېنك، 2021:85) .[5]شەرقىي تۈركىستاندا سۇ بايلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇلۇشى ۋە تەقسىملىنىشى ، مۇھىت ئادالەتسىزلىكىنىڭ كونكرېت بىر مىسالىنى نامايەن قىلىدۇ.  سۇنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ياكى سانائەت رايونلىرىغا يۆتكىلىشى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى ۋە ئولتۇراق رايونلىرىنى سۇسىز قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەنبەلىرىگە ۋە ياشاش سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالماقتا. بۇ ئەھۋال، بايلىقلارنىڭ ۋە مۇھىت يۈكلىرىنىڭ ئادالەتسىز تەقسىملىنىشىنىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ زىيىنىغا بولىۋاتقانلىقىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.

مۇستەملىكىچىلىكتىن كېيىنكى مۇھىت تەتقىقاتلىرى: بۇ ساھە، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ مۇھىت باشقۇرۇش ۋە سىياسەتلىرىدىكى مەڭگۈلۈك تەسىرلىرىگە مەركەزلىشىدۇ. مۇستەملىكىچى كۈچلەر، ئادەتتە مۇستەملىكە رايونلارغا ئۆزلىرىنىڭ مۇھىتنى «ئىلمىي» باشقۇرۇش مودېللىرىنى، تەبىئىي بايلىقلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى ۋە مۇھىت سىياسەتلىرىنى قارىغۇلارچە تېڭىپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىڭلىغان يىللىق تەجرىبە جۇغلانمىلىرىنى، ئەنئەنىۋى مۇھىت باشقۇرۇش ئەمەلىيەتلىرىنى ۋە ئېكولوگىيەلىك چۈشەنچىلىرىنى يوققا چىقارىدۇ ياكى باستۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال، يەرلىك خەلقنىڭ تەبىئەت بىلىملىرى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنماسلىقىغا  ۋە مۇستەملىكىچى بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە «ئىلمىي» باشقۇرۇشنىڭ تېڭىلىشىغا يول ئاچىدۇ (ئېكسوبار، 1995:76) .مەزكۇر ماقالىدە،[6]شەرقىي تۈركىستاندىكى، خىتاينىڭ زامانىۋى سۇ باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە چوڭ كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى سۇ ئىشلىتىش ئەمەلىيەتلىرى، سۇغىرىش تېخنىكىلىرى ۋە ئېكولوگىيەلىك بىلىملىرى ئۈستىدىكى تەسىرلىرى ،بېسىمى نۇقتىسىدىن تەھلىل يۈرگۈزۈلىدۇ. بۇ تەھلىل ئارقىلىق، خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش سىياسەتلىرىنى ۋە تەبىئىي بايلىق باشقۇرۇش سىياسەتلىرىنى قانداق تۈزۈپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە بىلىم جۇغلانمىلىرىنىڭ قانداق چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقى ئېچىپ بېرىلىدۇ.

سۇ ھاكىمىيىتى: بۇ ئۇقۇم، بىر تەرەپنىڭ (ئادەتتە بىر دۆلەتنىڭ) سۇ بايلىقلىرى ئۈستىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنى قوللىنىش ئارقىلىق  باشقا تەرەپلەر ئۈستىدىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئەمەلىيەتلىرىنى ئىپادە قىلىدۇ. سۇ ھاكىمىيىتى، پەقەت سۇنىڭ فىزىكىلىق كونتروللۇقىنىلا ئەمەس، بەلكى سۇغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم، تېخنىكا، پۇل-مۇئامىلە ۋە قانۇنىي رامكىلار ئۈستىدىكى كونتروللۇقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھاكىمىيەت كۈچى، سۇ ئامبىرى قۇرالايدۇ، سۇنىڭ ئېقىنىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئېقىننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى  دۆلەتلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى چەكلىيەلەيدۇ ياكى سۇ كېلىشىملىرىنى ئۆز مەنپەئەتىگە كۆرە تۈزەلەيدۇ. بۇ، ئەينى ۋاقىتتا سۇنى قورال قىلىپ ئىشلىتىش ياكى سۇ بايلىقلىرى ئارقىلىق سىياسىي تەسىرگە ئېرىشىشتۇر (كاي، 2008:20)[7] .  خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سۇ بايلىقلىرى ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى، بولۇپمۇ رايوننىڭ ئورنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، سۇ ھاكىمىيىتى ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىزاھلاشقا بولىدۇ. ماقالىدە، خىتاينىڭ سۇ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى، سۇنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى ئۈستىدىكى بەلگىلىمىلىرى، رايوندىكى باشقا تەرەپلەر (يەرلىك خەلق، قوشنا دۆلەتلەر) ئۈستىدىكى تەسىرلىرى نۇقتىسىدىن بۇ ئۇقۇمغا باغلاپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىنىپ، خىتاينىڭ سۇ بايلىقلىرى ئۈستىدىكى كۈچىنى ۋە كونتروللۇقىنى قانداق مۇستەھكەملىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

2. يەر ئاستى سۈيى بايلىقلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرى ئۈستىدە تەھلىل
بۇ قىسىمدا، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار يەر ئاستى سۈيى بايلىقلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنىڭ ھەر بىر ئاساسىي ماددىسى، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن نەزەرىيەۋى رامكا بىلەن مۇناسىۋەتلەندۈرۈلۈپ تەھلىل قىلىنىدۇ.

1.2. ئومۇمىي رامكا ۋە پىلانلاش:

«以水定城、以水定地、以水定人、以水定产» (سۇغا قاراپ شەھەرنى، تېرىقچىلىقنى، نوپۇسنى ۋە سانائەتنى بەلگىلەش) پرىنسىپى، دۆلەتنىڭ مەركەزلىك پىلانلاش كۈچىنى ۋە بايلىق تەقسىملەشتىكى مۇتلەق ھوقۇقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. بۇ پرىنسىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى، دۆلەت قوللىغان چوڭ تىپتىكى سانائەت تۈرلىرى ۋە دېھقانچىلىق تۈرلىرىنى (مەسىلەن، خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان پاختا ئېتىزلىرى) ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشىغا شارائىت يارىتىدۇ. بۇ پىرىنسىپ، ئەنئەنىۋى كارىز سىستېمىلىرى ياكى كىچىك تىپتىكى تارقاق ئۇيغۇر دېھقانچىلىقىنىڭ ئېھتىياجىنى، زامانىۋى، مەركەزلەشتۈرۈلگەن ۋە سانائەت تىپىدىكى دېھقانچىلىق مودېللىرى ئالدىدا ئىككىنچى دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويۇش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. بۇ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش مەنبەلىرىنىڭ «دۆلەت» تەرەققىيات نىشانلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ۋە ئىچكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. بۇ پىلانلار ئادەتتە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ نوپۇزىنى ۋە ئىمتىيازىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقى سەۋەبلىك، يەر ئاستى سۈيى باشقۇرۇشىنى «دۆلەت ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانلىرى» غا كىرگۈزۈش،چوڭ كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى، سانائەت تەرەققىياتىنى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوللايدىغان سۇ تەقسىملەش، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ سۇ ئېھتىياجىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ؛ بۇمۇ سۇنىڭ بىئو-ھاكىمىىيەت ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ۋە مۇھىت ئادالەتسىزلىكىنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ  (فۇكول، 2002:44-43) . يەر ئاستى سۈيى بايلىقلىرىنى «تەتقىق قىلىش»نىڭ  تېخنىكىلىق ئورگانلار تەرىپىدىن زامانىۋى ئىلمىي مېتودولوگىيەلەرگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە چارۋىچىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېكولوگىيەلىك بىلىم،تەجرىبىلىرىنىڭ چەتكە قېقىلىشى مۇستەملىكىچىلىكتىن كېيىنكى نەزەرىيەلەر نۇقتىسىدىن ھالقىلىق بىر بىلىم قاتلام پەرقىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.  شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بارلىق قارارلاردىن ئۇزاق تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. يەر ئاستى سۈيىنى قوغداش، ئىشلىتىش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىلانلىرىنىڭ مەركىزىي ئورگانلار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي«يۇقىرىدىن تۆۋەنگە» يۈزلەنگەن ئۇسۇلدا تۈزۈلۈشى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجى، ۋە ئەنئەنىۋى سۇ باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنىڭ يېتەرلىك نەزەردە تۇتۇلماسلىقىغا سەۋەب بولۇپ، مۇھىت ئادالەتسىزلىكىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

2.2. ئېرىشىش ۋە تەقسىملەش:

يەر ئاستى سۈيى ئىشلىتىشتە قوللىنىلغان ئۇسۇللار ۋە سۇ سەۋىيەسىنى كونترول قىلىش سىستېمىلىرى، سۇ بايلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئۈستىدىكى دۆلەتنىڭ تولۇق ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەيدىغان شەكىلدە تۈزۈلگەن. تارىختىن بۇيان، بايلىق چەكلىمىلىرى ئادەتتە سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ چەتكە قېقىلغان گۇرۇپپىلارغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. كارىز سىستېمىسىغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى سۇ قۇرۇلمىلىرى، ئۇيغۇر خەلقنىڭ يۈزلىگەن يىللاردىن بېرى ئۆزلىرى باشقۇرغان مۇستەقىل سىستېمىلار بولسىمۇ، بۇ خىل مۇستەبىتلىكئەنئەنىۋى سىستېمىلارنىڭ «زامانىۋى» ۋە «دۆلەت كونترولىدىكى» سىستېمىلارنىڭ پايدىسى ھېسابىغا چەكلىنىشىگە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولماقتا. بۇ ئەھۋال، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى خورىتىدىغان بىۋاسىتە ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك تاكتىكىسىدۇر. يەر ئۈستى سۈيىنىڭ ۋە باشقا ئۆزگىرىشچان مەنبەلەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى سىياسىتى، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ دۆلەت قوللىغان چوڭ كۆلەملىك دېھقانچىلىق ياكى سانائەت تۈرلىرى ئۈچۈن ئاسانلا يۆتكىلىش خەۋپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، شەرقىي تۈركىستانلىقلار، تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان ۋە باج ئېلىنىدىغان يەر ئاستى سۈيىگە بېقىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ ياكى سۇ بايلىقلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالىدۇ؛ بۇمۇ دۆلەتنىڭ سۇ بايلىقلىرىنى تەقسىملەشنى ئۆز سىياسىي نىشانلىرى بويىچە ئۆزگەرتىدىغان  سۇ ھاكىمىيىتىنىڭ بىر مىسالىدۇر. يەر ئاستى سۈيى بايلىقلىرى ئئۈچۈن ئېلىنىدىغان سۇ بېجىنى، چوڭ كۆلەملىك ۋە دۆلەت قوللىغان كارخانىلار ئاسانلا تۆلىيەلەيدىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈچۈن ئېغىر بىر ئىقتىسادىي يۈك شەكىللەندۈرىدۇ. باج كەچۈرۈم قىلىنىش ياكى تۆۋەن باج نىسبىتى بولغان تەقدىردىمۇ، بىيۇروكراتىك جەريانلار ۋە بىلىم يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بۇ ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ، بۇمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەتكە قېقىش ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، مۇھىت ئادالەتسىزلىكى مەسىلىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ «تۇرۇبا سۈيى تەمىناتى ئېھتىياجنى قاندۇرغان» ئەھۋاللاردا، يەر ئاستى سۈيىنى كونترول قىلىش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئەنئەنىۋى سۇ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دۆلەت كونترولىدىكى مەركىزىي سىستېمىلارنىڭ پايدىسىغا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سۇ بايلىقلىرى ئۈستىدىكى مۇستەقىللىقىنى ئازايتىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە ئارقىلىق بىئو-ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى مۇستەھكەملەيدۇ، چۈنكى ئەنئەنىۋى سۇ  سىستېمىلىرى مەدەنىيەت مىراسلىرىدۇر ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ بىر قىسمىدۇر.


3.2.  كۆزىتىش ۋە ئىجرا قىلىش:

يەر ئاستى سۈيىنى سۈمۈرۈش تۈرىنى تىزىملاش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسى، بۈيۇروكراتىك جەريانلار، تىل توسالغۇلىرى ۋە يېزا رايونلىرىدىكى ئۇچۇر كەمچىللىكى سەۋەبىدىن يەككە ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈچۈن ئادەتتە قىيىن بىر جەريان. تىزىمغا ئېلىنمىغان ئەنئەنىۋى سىستېمىلارنىڭ «قانۇنسىز» دەپ ئېلان قىلىنىش خەۋپى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سۇ بايلىقلىرىغا ئېرىشىشىنى جىنايى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ جازالاش مېخانىزملىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كونترول قىلىشىغا شارائىت يارىتىدۇ. بۇ ئەھۋال، قانۇنىي ۋە مەمۇرىي رامكىلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بايلىقلارغا ئېرىشىشىنى چەكلەش ئەمەلىيىتى بولغان ئىچكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىدۇر. يەر ئاستى سۈيى بايلىقلىرىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش جاۋابكارلىق سىستېمىسى ۋە باھالاش سىستېمىسى، ئادەتتە ئىقتىسادىي ئېشىشقا، مەھسۇلات مىقدارى ئېشىشقا ۋە سۇ ئۈنۈمى قاتارلىق سانلىق ئۆلچەملەرگە ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇپ. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ  كۈندىلىك تۇرمۇش ئۈچۈن ياكى دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق ئۈچۈن سىجىل سۇغا ئېرىشىش ئىھتىياجى، «دۆلەت تەرەققىيات» نىشانلىرىغا بىۋاسىتە تۆھپە قوشمايدىغان ئامىللار سانىلىپ، ئادەتتە سەل قارىلىدۇ. بۇ ئەھۋال، بايلىق تەقسىملەشتە سانائەتنى ۋە خىتايلارغا قارىتىلغان كۆلەملىك دېھقانچىلىق تۈرلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان بىر مېخانىزمنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مۇھىت ئادالەتسىزلىكىنى پەيدا قىلىدۇ.  «ھېچقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇدۇق قازالمايدىغانلىقى» تۈزۈمى سەۋەبلىك،  شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئېھتىياجى ئۈچۈن قۇدۇق قېزىشى بۇ بەلگىلىمە ئاستىدا قانۇنسىز ھېسابلىنىدۇ. قانۇنلۇق قۇدۇق قېزىش جەريانى بولسا، رۇخسەتنامە، چىقىم ۋە تېخنىكىلىق تەلەپلەر سەۋەبىدىن  دېھقانلار ئۈچۈن  مۇرەككەپ جەريان بولۇپ قىممەتكە توختايدۇ. بۇ، دۆلەتنىڭ سۇ بايلىقلىرى ئۈستىدىكى مونوپوللۇقىنى كۈچەيتىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ؛ بۇمۇ دۆلەتنىڭ نوپۇسنىڭ ئاساسىي ھايات مەنبەسىگە ئېرىشىشىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ۋە تۇرمۇش مەنبەلىرىنى باشقۇرىدىغان بىئو-ھاكىمىيەتنىڭ بىۋاسىتە ئەمەلىيىتىدۇر.

3.مۇنازىرە: مۇستەملىكىچى سۇ سىياسەتلىرىنىڭ بولغۇسى تەسىرلىرى

شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر ئاستى سۈيىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئانالىزى، خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئىچكى مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ سۇ سىياسەتلىرىدە قانداق ئەكىس ئەتكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بەلگىلىمىلەر، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈستىدە كۆپ قىرلىق تەسىرلەرگە ئىگە بولۇپ، نامراتلىق،مەدەنىيەتنىڭ يېمىرىلىشى، سۇ بايلىقلىرى ئۈستىدىكى ئاپتونومىيەنىڭ يوقىلىشى ۋە ئېغىر مۇھىت ئادالەتسىزلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. سۇ، پەقەت بىر تەبىئىي بايلىق بولۇپلا قالماي، دۆلەتنىڭ نوپۇسنى، جۇغراپىيەنى ۋە ئىقتىسادنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا بىر بىئو-ھاكىمىيەت ۋاسىتىسى سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ ئەنئەنىۋى سۇ باشقۇرۇش سىستېمىلىرىنىڭ، مەسىلەن، كارىزلارنىڭ يوق قىلىنىشى ياكى ئەھمىيەت بېرىلمەسلىكى،  پەقەت ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپلا قالماي، شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ ئاساسىي ئامىللىرىنىمۇ خورىتىۋاتىدۇ. بۇ سۇ سىياسەتلىرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلاتسىيە ۋە كونترول ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى سۈپىتىدە چۈشەندۈرۈلسە تامامەن بولىدۇ. بۇ سىياسەتلەر يېزا-قىشلاقلارنى قايتا قۇرۇش، ئولتۇراقلىشىشنى كونترول قىلىش، ئۆز مەدەنىيىتىنى تېڭىش ۋە سىڭدۈرۈش سىياسەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىشى، مەدەنىيەت ئەمەلىيەتلىرىنى ئىمكانقەدەر داۋاملاشتۇرۇشى ۋە خەلقئارا سۇپىلاردا ھوقۇقىنى قوغدىشىغا ئوخشاش ھەر خىل قارشىلىق شەكىللىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە  شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈستىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن زور دەرىجىدە ئاجىزلىماقتا. سىستېمىلىق بېسىملار ۋە ئېغىر چەكلىمىلەر، خەلقنىڭ ھوقۇق تەلەپ قىلىش ۋە كىملىكىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە.

خۇلاسە

شەرقىي تۈركىستاندىكى سۇ باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنىڭ تەنقىدىي تەھلىلى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىنىڭ، مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك ئەمەلىيەتلىرىنىڭ سۇ بايلىقلىرى ئارقىلىق قانداق مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. «سۇغا قاراپ شەھەرنى، يەرنى، نوپۇسنى ۋە سانائەتنى بەلگىلەش» پرىنسىپى، مەركەزلىك پىلانلاش ئۇسۇلىنىڭ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى سۇ ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى ۋە تۇرمۇش مەنبەلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، خىتايلارنى مەركەز قىلغان سانائەت ۋە دېھقانچىلىق تۈرلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ئەھۋال، سۇنىڭ بىر بىئو-ھاكىمىيەت ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ۋە نوپۇسنىڭ دېموگرافىيەلىك قۇرۇلمىسىنى، ئولتۇراقلىشىش ئورۇنلىرىنى ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى بويىچە ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.

يەر ئاستى سۈيىنى تارتىپ چىقىرىشتا قوللىنىلغان بورىۋاي  ۋە سۇ سەۋىيەسىنى كونترول قىلىش سىستېمىلىرى، ئەنئەنىۋى كارىز سىستېمىسىغا ئوخشاش يەرلىك ۋە خاس قۇرۇلمىلارنى چەتكە قاقىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ سۇ بايلىقلىرى ئۈستىدىكى مۇتلەق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەيدۇ. بۇ ئۇسۇل، سۇ باجلىرى ۋە ئىجازەت ئېلىش شەرتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، مۇھىت ئادالەتسىزلىكىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ ئەقەللىي سۇ ئىھتىياجىنى  جىنايى ھەرىكەت سۈپىتىدە جازالاش يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئاتالمىش «ئىلمىي باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى»نى مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇش ، ئۇيغۇر خەلقنىڭ مىڭلىغان يىللىق ئېكولوگىيەلىك بىلىم جۇغلانمىلىرىنى، تەجرىبىلىرىنى ۋە ئەنئەنىۋى سۇ باشقۇرۇش ئەمەلىيەتلىرىنى چەتكە قېقىش بىلىم قاتلام پەرقىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى سۇ سىياسەتلىرى، خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى ئومۇمىي گېئو-سىياسىي، دېموگرافىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت كونترول ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر. سۇ، نامراتلىق ، مەدەنىيەتنىڭ يېمىرىلىشى ۋە مۇھىت ئادالەتسىزلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشلىمەكتە. بۇ سىياسەتلەر، شۇنداقلا رايوندىكى كەڭ نازارەت سىياسەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە كىملىكلىرىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان سىستېمىلىق بىر بېسىم مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرمەكتە. شەرقىي تۈركىستاندىكى سۇ باشقۇرۇش، زامانىۋى  مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە، بايلىقلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈمرانلىق ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئۈستىدىكى ۋەيران قىلغۇچى تەسىرلىرىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.


[1] 新疆维吾尔自治区地下水资源管理条例. https://xjrb.ts.cn/xjrb/20251117/250374.html

[2]  (Assimilation Policies)

[3] Lorenzo Veracini, Settler Colonialism-A Theoretical Overview, London, Palgrave Macmillan, 2010, s.1-14.

[4] Foucault, M. (2002). Toplumu savunmak gerekir (Ş. Aktaş, Çev.). İstanbul: Yapı Kredi Yayınları

[5] Gonenç, D. (2021). Çevresel Adalet. İçinde Çevre Hukuku ve Politikaları: Kavramlar, Teoriler ve Tartışmalar (s. 83-108). Seçkin.

[6] Escobar, A. (1995). Encountering development: The making and unmaking of the third world (STU – Student edition). Princeton University Press.

[7] Wegerich, Kai. «Hydro-hegemony in the Amu Darya Basin.» Water Policy, vol. 10, no. S2, July 2008, pp. 19-32. IWA Publishing, doi:10.2166/wp.2008.208.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*