خىتاينىڭ 15-بەش يىللىق پىلانى: «ھەيۋەتلىك پىلان»، سەزگۈر رېئاللىق

2026-يىلى 10-ئاپرېل

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھازىرقى زامان سىياسىي تارىخىدىكى ئەڭ ئەتراپلىق ۋە ئەڭ تەرتىپلىك تېكىست ئىشلەپچىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرىدۇر. بېيجىڭدىن تارقىتىلغان ئەڭ يېڭى باياناتلار، 15-بەش يىللىق پىلان (2026-2030) تەييارلىقلىرىنى ۋە «2035-يىللىق تەسەۋۋۇر»ىنى (2035远景目标) بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسى، ھەتتا نۇقسانسىز بىر ئىلگىرىلەش مارشى سۈپىتىدە تەقدىم قىلماقتا. ئەمما، بۇ «ھەيۋەتلىك پىلان» (宏伟蓝图) ۋە «خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇش» (中国式现代化) شوئارلىرىنىڭ قۇر ئارىلىرىغا يېقىندىن نەزەر سالغاندا، بۇنىڭ پەقەت تېخنىكىلىق پىلانلاش ھۆججىتىدىن ھالقىپ كەتكەن باشقا بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ: غايەت زور بىر قانۇنىيلىق (ھوقۇق تەلەپ قىلىش) قۇرۇلۇشى، سىياسىي يۆنىلىش بەلگىلەش ۋە بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى.

بۇ ماقالە  خىتاينىڭ يېڭى پىلانلاش دەۋرىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىددىئالىرىنى ئىقتىسادىي رېئاللىق، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى «بىخەتەرلىك» سىياسەتلىرى دائىرىسىدە، تەنقىدىي ۋە ئاكادېمىك سەزگۈرلۈك بىلەن ئانالىز قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى پىلان تېكىستلىرى پەقەت تەرەققىيات نىشانلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزىنى قانداق تەبىرلەيدىغانلىقىنى، جەمئىيەتنى تەرتىپكە سېلىشنى قانداق لايىھەلىگەنلىكىنى ۋە ئۆكتىچى ياكى ماسلىشالمايدىغان ساھەلەرنى قانداق چەكلىمىگە ئالىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ يەردىكى «پىلان» پەقەت بىر ئىقتىسادىي پىروگرامما ئەمەس، بەلكى سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قۇرغان تەسەۋۋۇرىنىڭ، جەمئىيەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ۋە مەركىزىي ھوقۇقنىڭ ئۆزىنى قايتا ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ بىر ئەينىكىدۇر.

  1. قانۇن ۋە سىياسەتنىڭ سۆزلەم ئۇسۇلى: «دۆلەت ئىرادىسى»مۇ ياكى «پارتىيە بۇيرۇقى»مۇ؟

خىتاي سىياسىي تېكىستلىرىدە كۆپ تەكرارلىنىدىغان ۋە كۆرۈنۈشتە ئىنتايىن تېخنىكىلىق، ھەتتا تەرەپسىزدەك كۆرۈنىدىغان بىر ئىبارە بار:

(  (党的主张通过法定程序转化为国家意志ئۇيغۇرچىغا «پارتىيەنىڭ تەشەببۇسلىرى قانۇنىي تەرتىپلەر ئارقىلىق دۆلەت ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغان بۇ جۈملە، ئەمەلىيەتتە خىتاي سىياسىي سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىجرا قىلىنىش لوگىكىلىرىدىن بىرىنى خۇلاسىلەيدۇ. ئەمما بۇ ئىبارە پەقەت قانۇنىي بىر جەرياننىلا تەسۋىرلىمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىياسىي قانۇنىيلىقنىڭ قانداق بەرپا قىلىنىدىغانلىقىنى، ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزىنى قايسى تىل ۋاستىسى ۋە ئورگان مېخانىزملىرى ئارقىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە پارتىيە ئىرادىسىنىڭ دۆلەت فورماتى ئىچىدە قانداق قايتا ئورالغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلايدۇ.

بۇ جۈملىنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان تەرىپى، «قانۇنىي جەريان» تەكىتلىمىسىنىڭ ئۆزىدۇر. غەرب ئەركىن-دېموكراتىك ئەنئەنىسىدە «قانۇنىي جەريان» دېگەنلىك كۆپ خىللىقنىڭ، رىقابەت خاراكتېرلىك سىياسەتنىڭ، مۇستەقىل قانۇن تۇرغۇزۇش مۇنازىرىلىرىنىڭ ۋە ئورگانلار ئارا تىزگىنلەش-تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مېخانىزملىرىنىڭ بىر نەتىجىسى دەپ چۈشىنىلىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي نۇقتىسىدىن ئالغاندا، بۇ ئىپادە كۆپ ئاۋازلىق بىر سىياسىي مۇزاكىرە ساھەسىدىن بەكرەك، ئالدىن بەلگىلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشنىڭ ئورگانلارنىڭ تەستىقىغا ئايلاندۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە قانۇن، سىياسىي ئىرادە چەكلىنىدىغان بىر ساھە بولۇشتىن بەكرەك، ئۇ ئىرادىنىڭ رەسمىيلەشتۈرۈلىدىغان، شەكىللەندۈرۈلۈپ نورما خاراكتېرلىك بىر رامكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بىر قورالى سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ. شۇڭا مەسىلە پەقەت «قانۇن بارمۇ-يوقمۇ؟» دېگەن سوئال ئەمەس، بەلكى ئەسلى سوئال قانۇننىڭ قايسى ئىرادىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ۋە قايسى سىياسىي مەركەز تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقىدۇر.

خىتاي سىياسىي سۆزلىمىدە كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان «قانۇنىيلاشتۇرۇلغان ئىشتىراك»، كۆپىنچە ئەھۋالدا ۋەكىللىك بىر مۇزاكىرە ئەمەس، بەلكى كونترول قىلىنىدىغان ئىشتىراك قۇرۇلمىسى شەكلىدە ئىشلەيدۇ. 70 مىڭدىن ئارتۇق تەكلىپنىڭ يىغىلغانلىقى، يۈزلەرچە يىغىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ۋە مىڭلارچە پىكىرنىڭ پىلانلاش جەريانىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ئىددىئا قىلىنغاندا، بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىر قاراشتا كەڭ دائىرىلىك بىر ئىجتىمائىي ئىشتىراك تەسىراتىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما مىقدار جەھەتتىكى كۆپلۈك، سۈپەت جەھەتتىكى كۆپ خىللىقنى بىلدۈرمەيدۇ. نۇرغۇن تەكلىپنىڭ يىغىلغان بولۇشى، قارار چىقىرىش جەريانىنىڭ ھەقىقەتەن ئوچۇق ۋە سۈزۈك ئىكەنلىكىنى، ئوخشىمىغان ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشلەرنىڭ رىقابەتلەشكەنلىكىنى ياكى ئۆكتىچى پىكىرلەرنىڭ باراۋەر شارائىتتا باھالانغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، بۇ خىل ئىشتىراك ئەمەلىيەتلىرى كۆپىنچە ئەھۋالدا ئالدىن بەلگىلەنگەن قارارلارنىڭ ئىجتىمائىي ماقۇللۇق كۆرۈنۈشى بىلەن كۈچەيتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. يەنى، ئىشتىراك قارارنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتىن بەكرەك، قارارنىڭ قانۇنىيلىقىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

دەل مۇشۇ نۇقتىدا ۋان دىجىكنىڭ«  ئىدېئولوگىيەلىك كۋادرات نەزەرىيەسى» ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ۋان دىجىكقا  كۆرە، ھاكىمىيەت سۆزلەملىرى ئۆزىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىرىپ، سەلبىي تەرەپلىرىنى ئارقىغا ئىتتىرىدۇ، «بىز»نىڭ ياخشىلىقىمىزنى تەكىتلەپ، «ئۇلار»نىڭ كەمچىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، قىلمىشلىرىنى رېئال، خەلقچىل ۋە زۆرۈر دەپ چۈشەندۈرىدۇ (ۋان دىجىك 1998: 25-30). خىتاينىڭ بەش يىللىق پىلان سۆزلىمىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر تىل قۇرۇلمىسى كۆرۈلىدۇ. دۆلەت ئۆزىنى «ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە ئىشلەپچىقىرىدىغان»، «خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان»، «مۇقىملىقنى قوغدايدىغان» ۋە «تەرەققىياتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان» رېئال بىر سۇبيېكت سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا قارشى، جەرياننىڭ سىرتىغا ئىتتىرىلگەن ئۆكتىچى ئاۋازلار، ئوخشىمىغان تەرەققىيات مودېللىرى ياكى باشقىچە سىياسىي تەسەۋۋۇرلار كۆرۈنمەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا پىلان پەقەت بىر باشقۇرۇش قورالىلا ئەمەس، بەلكى بىر سۆزلەم ئاپپاراتىغا ئايلىنىدۇ.

48  يەردە كىچىك ئۆزگەرتىش قىلىنىشىمۇ بۇ سۆزلەم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسىدۇر. بۇ خىل ئۆزگەرتىشلەر سىستېمىنىڭ «ئەۋرىشىم»، «ئۆگەنگۈچى» ۋە «قاتناشقۇچى» ئىكەنلىكى تەسىراتىنى كۈچەيتىدۇ. ئەمما مەسىلە ئۆزگەرتىشنىڭ كۆپلۈكىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزگەرتىشنىڭ ماھىيىتىدىدۇر. ئەگەر قىلىنغان ئۆزگەرتىشلەر پىلاننىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىك لىنىيەسىنى، يەنى پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ مەركىزىي رولىنى، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ۋە بىخەتەرلىك مەركەز قىلىنغان باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئۆزگەرتىشلەر ئاساسلىق بىر بۇرۇلۇش ئەمەس، بەلكى زىننەتلەش خاراكتېرلىك تۈزىتىش بولۇپ قالىدۇ. بۇمۇ پىلانلاش جەريانىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر مۇنازىرە ۋە كېلىشىش ساھەسىدىن بەكرەك، سىياسىي جەھەتتىن ئالدىن بەلگىلەنگەن بىر تېكىستنىڭ تەستىقلىنىش مۇراسىمىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ يەردە «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى» (全过程人民民主) سۆزلەمىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ ئۇقۇم بىر قاراشتا خەلقنىڭ قارار چىقىرىش جەريانىغا تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ ئۈزلۈكسىز قاتنىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ قاتنىشىشنىڭ قايسى چەكلىمىلەر ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلىگۈچى ئامىلدۇر. ئەگەر قاتنىشىش پەقەت ئالدىن بەلگىلەنگەن تاللاشلار ئارىسىدا پىكىر بېرىش بىلەنلا چەكلەنسە ياكى خەلقنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئېتىرازلىرى سىستېمىلىق ھالدا ئېلىپ تاشلانسا، ئۇنداقتا بۇ مودېل دېموكراتىك كۆپ خىللىقنى كۈچەيتىش ئورنىغا، ئۇنى كونترول قىلىنغان بىر ۋەكىللىك تۈزۈمىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇ يەردە قاتنىشىش بار، ئەمما ھەقىقىي مەنىدە سىياسىي رىقابەت يوق؛ پىكىر ئېلىش بار، ئەمما يۆنىلىش ئۆزگەرتىش ئېھتىماللىقى چەكلىك؛ خەلقنىڭ ئاۋازى بار، ئەمما ئۇ ئاۋاز پەقەت بەلگىلىك ئورگانلارنىڭ سۈزگۈچىدىن ئۆتكەندىلا ئاڭلىنىدۇ.

تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل سىياسىي تۈزۈمدە «دۆلەت ئىرادىسى» بىلەن «پارتىيە بۇيرۇقى» ئوتتۇرىسىدىكى چەك قەستەن مۈجمەللەشتۈرۈلىدۇ. قانۇنىي شەكىل پارتىيە ئىرادىسىنى دۆلەت فورماتىغا ئايلاندۇرىدۇ؛ دۆلەت تىلى پارتىيە تىلىنى ئومۇمىيۈزلۈك ۋە قانۇنىي بىر نورما سۈپىتىدە تەقدىم قىلىدۇ؛ پىلانلاش جەريانى بولسا مەركىزىي ھوقۇقنىڭ قارارلىرىنى مىللىي مەنپەئەت بىلەن ئوخشاش دەپ كۆرسىتىدۇ. قانۇنىي جەريانلار پارتىيە قارارلىرىنى «دۆلەت ئىرادىسى»گە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ھاكىمىيەتنىڭ يەككە خاراكتېرىنى كۆرۈنمەس قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئورگانلىق بىر تەرتىپ نىقابى ئاستىدا ئومۇمىيلاشتۇرىدۇ (رىنگېن 2016: 138).  نەتىجىدە پارتىيە رەھبەرلىكى پەقەتلا بىر تەشكىلىي قۇرۇلما بولۇشتىن توختاپ، دۆلەتنىڭ تەبىئىي ئەقلى ۋە تارىخىي زۆرۈرىيىتى سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. بۇ خىل گەۋدىلەندۈرۈش شەكلى سىياسىي قانۇنىيلىقنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوراللىرىدىن بىرىدۇر، چۈنكى ئۇ ھاكىمىيەتنىڭ يەككە-يەككە خاراكتېرىنى كۆرۈنمەس قىلىش ئارقىلىق، ئۇنى كوللېكتىپ ئەقىل، ئورگانلىق تەرتىپ ۋە تارىخىي زۆرۈرىيەت قىياپىتىدە قايتا ئىشلەپچىقىرىدۇ (ئالتۇسسېر1971:142-145) .

ئەمما دەل مۇشۇ سەۋەبتىن مۇنۇ تەنقىدىي سوئاللار تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ: ئەگەر قارارلار ئالدىن بەلگىلەنگەن بولسا، خەلقنىڭ قاتنىشىشى ھەقىقەتەن قارارلارغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ ياكى پەقەت ئۇلارنى يوللۇق (قانۇنىي) كۆرسىتىشكىلا خىزمەت قىلامدۇ؟ ئەگەر «قانۇنىي جەريان» پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىنى رەسمىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولسا، بۇ يەردە قانۇن ھاكىمىيەتنى چەكلەيدىغان قانۇنىي بىر رامكىمۇ ياكى ھاكىمىيەتنى ئېستېتىك ۋە تۈزۈلمىۋى جەھەتتىن ئوراپ قاچىلايدىغان بىر قورالمۇ؟ ئەگەر رەت قىلىنغان تەكلىپلەرنىڭ تىزىملىكى، قايسى پىكىرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن سىرتتا قالدۇرۇلغانلىقىغا ئائىت ئوچۇق-ئاشكارە بىر خاتىرە سۈپىتىدە تۇتۇلمىسا، ئاشكارىلىق ھەقىقەتەن جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن بولامدۇ ياكى پەقەت ئىقتىدارنىڭ ئۆزىنى چۈشەندۈرۈش ئېھتىياجىغىلا خىزمەت قىلامدۇ؟

بۇ سوئاللار خىتاينىڭ پىلانلاش مودېلىنى پەقەت مۇستەبىتلىك ياكى پەقەت ئۈنۈم نۇقتىسىدىنلا ئوقۇشنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى مەسىلە پەقەت بېسىملا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا  خەلقنىڭ رازىلىقىنى شەكىللەندۈرۈش، ئورگان تىلى، پىلانلاش تېخنىكىسى ۋە سىمۋوللۇق سىياسەت مەسىلىسىدۇر. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پىلان تېكىستلىرى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن پەقەت ئىقتىسادىي نىشانلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي تەرتىپنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقىنىڭمۇ خەرىتىسىدۇر. «دۆلەت ئىرادىسى» دەپ تەقدىم قىلىنغان نەرسە، كۆپىنچە پارتىيە ئالدىن شەكىللەندۈرگەن سىياسىي يۆنىلىشنىڭ قانۇن ۋاسىتىسى بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلۇشىدىن ئىبارەتتۇر. «قانۇنىي جەريان» بولسا بۇ مۇقىملاشتۇرۇش مەشغۇلاتىنىڭ قانۇنىي، تەرتىپلىك ۋە قاتنىشىشچان كۆرۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئورگانلىق سەھنىدۇر.

شۇڭا بۇ يەردىكى ھەقىقىي سوئال، پىلاننىڭ قانچىلىك تېخنىكىلىق ئىكەنلىكى ئەمەس، بەلكى قانچىلىك سىياسىي ئىكەنلىكىدۇر.  خىتاي پىلانلاش ئەنئەنىسى رەقەملەر، نىشانلار، كۆرسەتكۈچلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر ئەقىل-پاراسەت (لوگىكا) تىلى بەرپا قىلغاندا، بۇ لوگىكىلىق تىلنىڭ تېگىدە ئىنتايىن ئېنىق بىر سىياسىي مەركەزچىلىك ياتقان بولىدۇ. پىلان تېكىستلىرى پەقەت كەلگۈسىنىلا لايىھەلىمەيدۇ، بەلكى بۈگۈنكى كۈچ مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ قايتا ئىشلەپچىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا «پارتىيەنىڭ تەشەببۇسلىرى دۆلەت ئىرادىسىگە ئايلىنىدۇ» دېگەن جۈملە ئادەتتىكى بىر بيۇروكراتلىق مەشغۇلات ئەمەس، بەلكى رېجىمنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش شەكلىدۇر. بۇ شەكىلنىڭ ئىچىدە قانۇن، سىياسەت ئالدىدا مۇستەقىل بىر ساھە بولۇشتىن بەكرەك، سىياسەتنىڭ شەكىل ئۆزگەرگەن رولىنى ئالىدۇ.

مانا مۇشۇ سەۋەبتىن، 15-بەش يىللىق پىلاننىڭ تەييارلىنىش جەريانىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار قانچىلىك كۆپ، يىغىنلار قانچىلىك ئادەم كۆپ، تەكلىپلەر قانچىلىك كۆپ خىل كۆرۈنۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئەسلى تەھلىل سوئالى ئۆزگەرمەيدۇ: بۇ جەرياندا كىملەر سۆزلىيەلەيدۇ؟ كىملەر پەقەت ئاڭلايدۇ؟ كىملەر قارار چىقىرالايدۇ؟ كىملەر پەقەت تۆھپە قوشقان دەپ ھېسابلىنىدۇ؟ كىملەر جەريانغا يۆنىلىش بېرىدۇ؟ كىملەر جەريان ئاخىرىدا «پىكىرى ئېلىنغان» دەپ خاتىرىگە كىرىدۇ؟ ھەقىقىي كۆپ خىللىق پەقەت تەكلىپ يىغىش بىلەن ئەمەس، بەلكى باشقىچە ۋە پەرقلىق يۆنىلىشلەرنىڭ باراۋەر رەۋىشتە سىياسىي كۈرەشكە كىرەلىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئەگەر بۇ باراۋەرلىك بولمىسا، قاتنىشىشنىڭ ئۆزى دېموكراتىك بىر ساھە ئەمەس، بەلكى بىر قانۇنىيلىق يەنى يوللۇقلاشتۇرۇش ياكى ھەقلىقلەشتۈرۈشنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بولۇپ قالىدۇ.

بۇ نۇقتىدا خىتاينىڭ پىلانلاش رېجىمى زامانىۋى سىياسەتشۇناسلىقنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سوئاللىرىدىن بىرىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدۇ: قانۇن ھاكىمىيەتنى چەكلەش ئۈچۈن بارمۇ؟ ياكى ھاكىمىيەتنى (قانۇنىيلاشتۇرۇش) ئورگانلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارمۇ؟ خىتاي مىسالىدا جاۋاب كۆپىنچە ئىككىنچى تاللاشقا يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى قانۇنىي شەكىل پارتىيە مەركەزچىلىكىنى يوشۇرمايدۇ، ئەكسىچە، ئۇنى دۆلەت شەكلىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ تەرتىپلىك ۋە تېخىمۇ تالاش-تارتىش قىلغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرىدۇ. بۇمۇ «دۆلەت ئىرادىسى» بىلەن «پارتىيە بۇيرۇقى» ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ بەزىدە پەقەت ئۇسلۇب پەرقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  • ئىقتىسادىي ئۈمىدۋارلىقنىڭ قۇرۇلمىلىق كورلۇقى: «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقارغۇچى كۈچلەر»

پىلاننىڭ ئىقتىسادىي تەرىپى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» (高质量发展) ۋە «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقارغۇچى كۈچلەر»(新质生产力) ئۇقۇملىرى ئەتراپىدا توقۇلغان. رەسمىي بايانلار خىتاي  ئىقتىسادىنى «ئاساسى پۇختا، ئەۋزەللىكى كۆپ، چىدامچانلىقى يۇقىرى ۋە يوشۇرۇن كۈچى زور» بىر قۇرۇلما دەپ تەسۋىرلىگەندە، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقنى خۇددى ئۆزلۈكىدىن ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەتتەك تەقدىم قىلىدۇ. ئەمما دەل مۇشۇ نۇقتىدا نۇقتىلىق سوئال شۇدۇر: بۇ پارلاق رامكىنىڭ ئاستىدا، نېمە ئۈچۈن خىتاي ئىقتىسادى بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان قۇرۇلمىلىق ئاجىزلىقلار كۆرۈنمەيدۇ؟

يېڭى پىلانلاش دەۋرىنىڭ تىلى تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىددىئاسىنى ئۈزلۈكسىز ئالدىنقى ئورۇنغا چىقارماقتا. ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش، سۈنئىي ئەقىل، رەقەملىك ئىقتىساد، يۇقىرى تېخنىكا، يېشىل بۇرۇلۇش ۋە ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار بۇلار تېكىستنىڭ مەركىزىدىكى ئاساسلىق تېمىلاردۇر. ھەتتا پىلاننى ياقلىغۇچىلار 2035-يىلىغا تۇتىشىدىغان يولنىڭ پەقەت «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقارغۇچى كۈچلەر» ئارقىلىق ئېچىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەمما بۇ ئۇقۇم قانچىلىك تەسىرلىك كۆرۈنۈشىدىن قەتئىينەزەر، بىر نۇقتىدا تۆۋەندىكى سوئاللار بىلەن يۈزلىنىشكە مەجبۇر: ئىشلەپچىقارغۇچى كۈچلەر ھەقىقەتەن يېڭىمۇ؟ ياكى كونا تەرەققىيات مودېلىنىڭ يېڭى بىر ماركا بىلەن قايتا ئورالغان شەكلىمۇ؟ تېخنىكىلىق بۇرۇلۇش قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئورنىغا، ئۇلارنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا خىزمەت قىلىدىغان بىر ھېكايىمۇ؟

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرىدىن بىرى يەرلىك قەرز كىرىزىسىدۇر. ئۆلكىلەر ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى، يەر كىرىملىرى ۋە كۆلەڭگە پۇل-مۇئامىلە مېخانىزملىرى ئارقىلىق تەرەققىيات يارىتىشقا تىرىشتى. بۇ مودېل قىسقا مۇددەتتە يۇقىرى مەبلەغ سېلىش ۋە كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات بىلەن تەمىنلىدى، ئەمما ئوتتۇرا مۇددەتتە دۆلەت مالىيەسىگە ئېغىر يۈك ئېلىپ كەلدى. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز يۈكى پەقەت بىر بوغالتېرلىق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ داۋاملىشىشىغا، يېڭى مەبلەغ سېلىشنىڭ مەبلەغ مەنبەسىگە ۋە مەركىزىي پىلانلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان قۇرۇلمىلىق بىر خەتەردۇر. بۇنىڭغا قارىماي، پىلان تېكىستلىرىدە قەرز مەسىلىسى كۆپىنچە تېخنىكىلىق بىر تەپسىلات دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇلىدۇ. ھالبۇكى ئەسلى مەسىلە، بۇ قەرز يۈكىنىڭ تەرەققىيات مودېلىنىڭ ئۆزىدىن كېلىپ چىققان-چىقمىغانلىقىدۇر (ما ، 2020: 112 ).

ئىككىنچى چوڭ ئاجىزلىق نوپۇس قۇرۇلمىسىدۇر. خىتاي تېز سۈرئەتتە قېرىۋاتقان بىر نوپۇسقا ۋە كىچىكلەۋاتقان ئەمگەك كۈچى بازىسىغا ئايلىنىشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇزۇن يىللار بويى تەرەققىياتنىڭ ماتورى بولغان ياش ۋە مول ئەمگەك كۈچى ئەمدى ئىلگىرىكى ھەرىكەتچانلىقىنى يوقاتتى. بۇ ئەھۋال پەقەت پېنسىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسى جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئىستېمال ئېھتىياجى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېكوسىستېمىسى جەھەتتىنمۇ ئېغىر نەتىجىلەرنى تۇغدۇرىدۇ (سەي ، 2021: 58).  شۇڭلاشقا 2035-يىللىق نىشان پەقەت ئىقتىسادىيلا ئەمەس، بەلكى بىئولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي بىر چەككىمۇ تايىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرىۋاتقان جەمئىيەت تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي چىقىم، تېخىمۇ كۆپ بېقىش يۈكى ۋە تېخىمۇ چەكلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭغا قارىماي، رەسمىي تېكىستلەر نوپۇس بېسىمىنى قۇرۇلمىلىق بىر سىگنال سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى باشقۇرغىلى بولىدىغان بىر ئۆتۈش جەريانى سۈپىتىدە كۆرسىتىش مەقسىتىدە بولماقتا.

ئۈچىنچى مەسىلە ئىشسىزلىقتۇر. بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى ئىقتىسادىي بايانلارنىڭ ئەڭ نازۇك نۇقتىلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى پەقەت ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدنىڭ، ئىجتىمائىي يۆتكىلىشچانلىقنىڭ ۋە ئىجتىمائىي ئىشەنچنىڭ ئاجىزلىشىشى دېگەنلىكتۇر. ياش ئەۋلادلار ئىش تېپىشتا قىينىلىۋاتقان بىر مۇھىتتا «ئىجتىمائىي ماسلىشىش» شوئارى رېئاللىقتىن يىراق بىر ئۈمىدۋارلىق تەسىراتىنى يارىتىشى مۇمكىن. مائارىپ سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئەمما يېتەرلىك سۈپەتلىك ئىش تاپالمىغان ئەۋلادلار سىستېمىنىڭ ئۈنۈم ۋەدىسىدىن گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ. شۇڭلاشقا ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى ئىقتىسادىي بىر كۆرسەتكۈچ بولۇشتىن سىرت، سىياسىي قانۇنىيلىق جەھەتتىنمۇ ئىنتايىن نازۇك بىر كۆرسەتكۈچتۇر. ئەمما پىلانلاش تىلىدا بۇ مەسىلە كۆپىنچە سىتاتىستىكىلىق بىر تەۋرىنىش ياكى ۋاقىتلىق بىر ماسلىشالماسلىق دەپلا قارىلىدۇ.


پىلاندىكى «تەتقىق قىلىپ ئېچىش چىقىملىرىدا يىللىق %7 تىن ئارتۇق ئېشىش» ۋە «رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىدىكى نىسبىتىنى %12.5 كە يەتكۈزۈش» دېگەندەك نىشانلار بىر قاراشتا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. چۈنكى رەقەملەر جىددىيلىك ھېسسىياتىنى يارىتىدۇ. ئەمما سورىلىشقا تېگىشلىك ئەسلى سوئال شۇدۇر: بۇ ئېشىشنىڭ مەبلىغى نەدىن كېلىدۇ؟ ئۈنۈم قانداق ئۆلچىنىدۇ؟ قايسى ساھەلەر ھەقىقىي قوشۇمچە قىممەت يارىتىدۇ؟ قايسى رايونلار بۇ بۇرۇلۇشتىن مەنپەئەتلىنىدۇ؟ قايسىلىرى ئارقىدا قالىدۇ؟ پەقەت چىقىم نىسبىتىنىلا چوڭايتىش، ئۆزلۈكىدىن يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرالمايدۇ. ئەگەر بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمسىز بولسا، تۈرلەر سىياسىي رىغبەتلەندۈرۈشلەر بىلەن تاللانسا ۋە مۇۋەپپەقىيەت كۆرسەتكۈچلىرى يۇقىرىنى مەمنۇن قىلىشقا قاراپ شەكىللەندۈرۈلسە، ئۇنداقتا يۇقىرى نىشانلار ھەقىقىي نەتىجىنىڭ ئورنىنى ئېلىۋالىدۇ.

دەپ دەل مۇشۇ يەردە پىلانلاش مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلمىلىق بىر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: زىيادە ئۈمىدۋارلىق. خىتايدىكى مەركىزىي پىلانلاش ئەنئەنىسى، يەرلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۇقىرىغا قاراپ ئىجابىي مەنزىرە كۆرسىتىش بېسىمى بىلەن بىرلەشكەندە، نىشانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرىغا قاراپ تەڭشىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەھۋال گودخارت قانۇنىنىڭ (Goodhart Yasası) كىلاسسىك بىر كۆرۈنۈشىنى پەيدا قىلىدۇ: بىر كۆرسەتكۈچ نىشانغا ئايلانغاندا، ئۇ ئەمدى ياخشى بىر كۆرسەتكۈچ بولۇشتىن قالىدۇ. يەرلىك باشقۇرغۇچىلار يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن تەرەققىيات رەقەملىرىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىشى، مەبلەغ سېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇبالىغە قىلىشى ياكى مەسىلىلەرنى كېچىكتۈرگىلى بولىدىغان شەكىلدە تەقدىم قىلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا پىلان تېكىستلىرىدىكى يۇقىرى نىسبەتلەر پەقەت ئىقتىسادىي ئۈمىدۋارلىقنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئورگانلىق رىغبەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىسىنىڭمۇ مەھسۇلىدۇر.

ئۆتۈپ كەتكەن بەش يىللىق پىلانلاردىكى نىشانلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا ئائىت سېلىشتۇرمىلىق بىر تەھلىلنىڭ رەسمىي بايانلاردا ئارقا ئورۇندا قېلىشى تاسادىپىي ئەمەس. چۈنكى بۇنداق بىر سېلىشتۇرۇش، مۇۋەپپەقىيەت بىلەن بىرگە مەغلۇبىيەتلەرنىمۇ كۆرۈنەرلىك قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھالبۇكى، پىلانلاش سۆزلىمى ئادەتتە ئىزچىللىق، مۇۋەپپەقىيەت ۋە تارىخىي ئىلگىرىلەش ھېسسىياتىنى يارىتىشنى خالايدۇ. نىشانلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىش نىسبىتى، پەرقلەرنىڭ سەۋەبلىرى ۋە تۈزىتىشلەرنىڭ تەننەرخى ئوچۇق شەكىلدە مۇنازىرە قىلىنمىغاندا، پىلانلاش جەريانى بىر نەتىجە باھالاش بولۇشتىن توختاپ، بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ھېكايىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، ھەم خەلقنى ھەم كادىرلارنى كەلگۈسىنىڭ ئاللىبۇرۇن بىخەتەر شەكىلدە كونترول ئاستىدا ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشتۇر.

ئەمما قۇرۇلمىلىق كورلۇق دەل مۇشۇ يەردە باشلىنىدۇ. ئەگەر يەرلىك قەرزلەر، نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە ئىشسىزلىق كەبى تېمىلار پىلاننىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك يېرىدە تۇرمىغان بولسا، بۇنىڭ سەۋەبى بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئەھمىيەتسىزلىكىدىن ئەمەس، ئەكسىچە پىلاننىڭ ئۈمىدۋارلىقىنى بۇزىدىغان دەرىجىدە مۇھىم بولغانلىقىدىندۇر. پىلان تېكىستلىرى كۆپىنچە ھەل قىلىش چارىسىگە مەركەزلەشكەن تېخنىكىلىق ھۆججەتلەردەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قايسى مەسىلىلەرنىڭ سۆزلىنىشكە بولىدىغانلىقىنى ۋە قايسىلىرىنىڭ ئارقىغا ئىتتىرىلىدىغانلىقىنىمۇ بەلگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئىقتىسادىي سۆزلەم، بىر تەرەپتىن كەلگۈسى يارىتىۋاتقاندا، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقى ئاجىزلىقلارنى كۆرۈنمەس قىلىدىغان بىر پەردە رولىنى ئوينايدۇ.

«يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقارغۇچى كۈچلەر» شوئارى بۇ پەردىنىڭ ئەڭ پارلاق تەركىبلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى بۇ ئۇقۇم يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى تېخنىكا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە رەقەملىك بۇرۇلۇشنى بىر گەۋدىگە جەم قىلىدۇ. ئەمما ئۇقۇمنىڭ كەڭلىكى ئۇنى ھەم كۈچلۈك ھەم مۈجمەل قىلىپ قويىدۇ. كۈچلۈكتۇر، چۈنكى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېخنىكا بىلەن باغلايدۇ. مۈجمەلدۇر، چۈنكى قايسى ساھەلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقى، قايسى مەبلەغ سېلىشلارنىڭ قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ۋە قايسى ئورگانلىق ئىسلاھاتلارنىڭ بۇ بۇرۇلۇشنى قوللايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. شۇڭلاشقا، بۇ ئۇقۇم سىياسىي جەھەتتىن يۆنىلىش كۆرسەتكۈچى سۈپىتىدە پايدىلىقتۇر، ئەمما تەھلىلىي بىر ئۆلچەم سۈپىتىدە چەكلىك بولىدۇ.

شۇڭا پىلاننىڭ ئىقتىسادىي بايانى پەقەت بىر تەرەققىيات پىروگراممىسىلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر ئىشەنچنى يېڭىلاش ھەرىكىتىدۇر. دۆلەت ئىقتىسادنىڭ يۆنىلىشىنى بىلىدىغانلىقىنى، قىيىنچىلىقلارنى كونترول قىلالايدىغانلىقىنى ۋە 2035-يىللىق نىشانلارغا ئىشەنچ بىلەن مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. ئەمما قەرز يۈكى ئېشىۋاتقان، نوپۇس بېسىمى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ۋە ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى ئىجتىمائىي بىئاراملىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى ساقلاپ قېلىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ ئىشەنچ تىلى بارغانچە تېخىمۇ قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئەسلى مەسىلە، تەرەققىيات رەقەملىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئەمەس، بەلكى بۇ رەقەملەرنىڭ ئاستىدا قايسى تەننەرخ ۋە خەتەرلەرنىڭ يىغىلىۋاتقانلىقىدۇر.

مانا مۇشۇ سەۋەبتىن ئىقتىسادىي ئۈمىدۋارلىق، كۆپىنچە قۇرۇلمىلىق كورلۇق بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. پىلانلاش تىلى كىرىزىسنى يوققا چىقارمايدۇ، ئەمما كىرىزىسنى بىر ھېكايە چەكلىمىسىنىڭ ئىچىگە قاماپ، ئۇنى باشقۇرغىلى بولىدىغان قىلىپ كۆرسىتىدۇ. «ئاساسى پۇختا، ئەۋزەللىكى كۆپ، چىدامچانلىقى يۇقىرى ۋە يوشۇرۇن كۈچى زور» دېگەن ئىپادە پەقەت ئىقتىسادىي بىر ئېنىقلىما ئەمەس، بەلكى سىياسىي بىر مەنىۋى باياناتتۇر. ئەمما مەنىۋىيەت بىلەن رېئاللىق ھەمىشە بىر نەرسە ئەمەس. ئەگەر بۇ تېكىست ھەقىقەتەن كەلگۈسى ئۈچۈن قايىل قىلارلىق بولىدىغان بولسا، پەقەت تەرەققىيات نىشانلىرىنىلا ئەمەس، تەرەققىياتقا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان زىددىيەتلەرنىمۇ ئوچۇق شەكىلدە مۇنازىرە قىلىشقا مەجبۇردۇر.

  • شەرقىي تۈركىستان: «بىخەتەرلىك» نامىدا كىملىكنى يوقىتىش

تېكىستتىكى ئەڭ مەسىلىلىك ۋە ئەڭ دىققەت بىلەن ئوقۇلۇشى كېرەك بولغان قىسىم، «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» (社会稳定)، «دۆلەت بىخەتەرلىكى» (国家安全) ۋە «ئىجتىمائىي باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ زامانىۋىلىشىشى» (社会治理体系现代化) كەبى ئۇقۇملارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دائىرىسىدە قانداق شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىدۇر. يۈزەكى قارىغاندا بۇلار ئادەتتىكى باشقۇرۇش پىرىنسىپلىرىدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما بۇ رايونغا كەلگەندە بۇ تىل، تەرەپسىز بىر مەمۇرىي ئاتالغۇدىن كۆرە بىر خەۋپسىزلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىنى پەيدا قىلىدۇ. يەنى مەسىلە پەقەت جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداشلا ئەمەس، بەلكى بىر جەمئىيەتنىڭ كىملىكىنى، كۆرۈنۈشچانلىقىنى ۋە سىياسىي قانۇنىيلىق ساھەسىنى تارايتىدىغان تېخىمۇ كەڭ بىر كونترول قىلىش لوگىكىسىدۇر.

كوپېنھاگېن ئېقىمىنىڭ  خەۋپسىزلەشتۈرۈش نۇقتىئىينەزىرى كۆرسەتكەندەك، بىر مەسىلە بىخەتەرلىك ساھەسىگە يۆتكەلگەندە، ئادەتتىكى سىياسىي مۇنازىرىلەر توختىتىلىدۇ. نورمالدا مۇزاكىرە تېمىسى بولىدىغان ھوقۇقلار، «جىددىي ئەھۋال» سەۋەبى بىلەن ئىككىنچى ئورۇنغا ئىتتىرىلىدۇ (بۇزان ، ۋېۋېر  ۋە دې ۋىلدې ، 1998 18:).  شەرقىي تۈركىستاندا دەل مۇشۇنداق بىر سۆزلەم ئۆزگىرىشى كۆزگە چېلىقىدۇ: مەدەنىيەت، دىن، مائارىپ ۋە تىل كەبى ساھەلەر ئىجتىمائىي كۆپ خىللىق تېمىسى ئاستىدا ئەمەس، بەلكى مۇقىملىق، تەھدىت ۋە باشقۇرۇش تېمىسى ئاستىدا ئوقۇلىدۇ. بۇ رامكا ئىچىدە ئۇيغۇر كىملىكى قوغدىلىشى كېرەك بولغان بىر ئىجتىمائىي رەڭدارلىق سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى باشقۇرۇلۇشى كېرەك بولغان بىر خەتەرلىك ساھە سۈپىتىدە تەقدىم قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ «بىخەتەرلىك» تىلى ئەمەلىيەتتە كىملىكنىڭ سىياسىي چېگرالىرىنى قايتىدىن سىزىپ چىقىدۇ.

بۇ رامكىنىڭ بىرىنچى تۈۋرۈكى، «بىر تاختا شاھمات» چۈشەنچىسىدۇر. «بىر گەۋدىلەشكەن پىلانلاش سىستېمىسى» ۋە «پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھماتتۇر» (全国一盘棋) دېگەن قاراش، مەركىزىي ماسلاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈم يارىتىدىغان بىر تېخنىكىسىدەك كۆرسىتىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاپتونومىيەنىڭ (ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشنىڭ) سۆزلەم جەھەتتىن ئاجىزلىتىلىشىنى بىلدۈرىدۇ. شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش كۆپ مىللەتلىك ۋە كۆپ تىللىق بىر رايوندا بۇ قاراش، يەرلىك مەدەنىيەت پەرقلىرىنىڭ مەركىزىي «دۆلەت بىخەتەرلىكى» ئەۋزەللىكلىرى ئىچىدە ئېرىتىۋېتىلىشىنى تېزلىتىدۇ. يەرلىك تىل، يەرلىك مائارىپ، دىنىي ئىپادىلەش ۋە ئىجتىمائىي خاتىرە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ بىرلىكى پىكرى ئاستىدا قايتىدىن تۈرگە ئايرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ كۆپ خىللىق ئېتىراپ قىلىنىدىغان بىر بايلىق بولۇشتىن توختاپ، باشقۇرۇلۇشى كېرەك بولغان بىر «ئالاھىدە ئەھۋال»غا ئايلىنىدۇ.


بۇ نۇقتىدا بىخەتەرلىك سۆزلەمى پەقەت بىر باشقۇرۇش تىلىلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قانۇنىيلىق (ھوقۇق تەلەپ قىلىش) ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدۇر. «مۇقىملىق» ۋە «بىرلىك» نامىدىن سۆزلىگەن دۆلەت، ھەر قانداق ئېتىرازنى يوشۇرۇن بۆلگۈنچىلىك، ماسلىشالماسلىق ياكى ئىجتىمائىي خەتەر سۈپىتىدە تەرىپلەيدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى قوغداش، يەرلىك ۋەكىللىكنى كۈچەيتىش ياكى تىل كۆپ خىللىقىنى ساقلاش كەبى تەلەپلەر، ئاسانلا «بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزگۈچى» تەلەپلەر سۈپىتىدە كۆرسىتىلىشى مۇمكىن. مۇنداق بىر زېمىندا ھوقۇقلار مۇنازىرە قىلىنمايدۇ، بەلكى بىخەتەرلىك باھانىسى بىلەن چەتكە قېقىلىدۇ. بۇ ئەھۋال شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتنى ئادەتتىكى مەمۇرىي باشقۇرۇش ساھەسىدىن ھالقىتىپ، تېخىمۇ چوڭقۇر بىر كىملىك ئىنژېنېرلىقى مەسىلىسى سۈپىتىدە ئالدىمىزغا قويىدۇ.

ئىككىنچى ۋە تېخىمۇ تالاش-تارتىشلىق تەرىپى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەك دەۋالىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتۇر. پىلاننىڭ «شىنجاڭ» ئۈچۈن كۆزلىگەن ئىقتىسادىي نىشانلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سانائەتلىشىش ۋە رايون خاراكتېرلىك بىر گەۋدىلىشىش تېمىلىرى ئاستىدا ئىجابىي بىر تەرەققىيات مەنزىرىسىنى سىزىپ بېرىدۇ. ئەمما خەلقئارالىق ئەدەبىياتلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كونترول قىلىنغان ئەمگەك كۈچى يۆتكەش دەۋالىرى، بۇ كۆرۈنۈشتىن تۈپتىن گۇمانلىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ (زېنز ، 2020 2-15:).  ئەگەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىروگراممىلىرى پەقەت كىرىم يارىتىشلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجتىمائىي تەرتىپ ئورنىتىش ۋە سىياسىي سادىقلىقنى ئاشۇرۇش قورالى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولسا، بۇ يەردە تەرەققىيات بىلەن بېسىم ئوتتۇرىسىدىكى چەك تۇتۇقلىشىدۇ.  شۇنداق قىلىپ ئىقتىسادىي رىغبەتلەندۈرۈش، ئەركىنلىشىشنىڭ ئەمەس، بەلكى يۆنىلىش بېرىلگەن بېقىندىلىقنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

شۇڭلاشقا « ئورتاق بېيىش» ۋە «پاراۋانلىقنى مەركەز قىلىش» دېگەندەك ئىپادىلەر دىققەت بىلەن ئوقۇلۇشى كېرەك. بۇ ئۇقۇملار يۈزەكى قارىغاندا باراۋەرلىك ۋە ئىجتىمائىي كەڭ قورساقلىقنى ۋەدە قىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كەسپىي يۆتكىلىشچانلىقى ۋە ئىقتىسادىي قاتنىشىشىغا ئائىت ئالاھىدە ۋە ئۆلچىگىلى بولىدىغان كاپالەتلەر تېكىستتە ئېنىق ئورۇن ئالمىغاندا، بۇ ۋەدىلەر ئاسانلا سۇسلىشىپ كېتىدۇ. تەرەققىيات نىشانلىرى رايون خەلقىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قۇرۇلغان بىخەتەرلىك ۋە تەرتىپ مېخانىزملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندە، «پاراۋانلىق» سۆزلەمى بىر كونترول قىلىش نىقابىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا ئەسلى سوئال شۇدۇر: ئىقتىسادىي تەرەققىيات يەرلىك جەمئىيەتنى كۈچەيتىدىغان بىر قورالمۇ؟ ياكى تېخىمۇ كەڭ بىر ئىجتىمائىي قايتا تەرتىپلەش تۈرىنىڭ بىر قىسمىمۇ؟

بۇ سوئالنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ئۈچىنچى تەرەپ، زېھنىي بۇرۇلۇش ياكى «قەلبلەرنى ۋە زېھىنلەرنى قولغا كەلتۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىدۇر. بىخەتەرلىك بۇ يەردە ئەمدى پەقەت فىزىكىلىق ساھەنى كونترول قىلىشلا ئەمەس، ئۇ شەخسنىڭ تەپەككۇر دۇنياسىغا، ئېتىقاد ساھەسىگە ۋە كىملىك قارىشىغا مۇداخىلە قىلىشقىچە كېڭىيىدۇ. دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ، ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلارنىڭ ۋە مەدەنىيەت تەۋەلىك شەكىللىرىنىڭ «ئارقىدا قالغانلىق»، «ئاشقۇنلۇق» ياكى «مەسىلىلىك تەپەككۇر» سۈپىتىدە كودلاشتۇرۇلۇشى، كىملىكنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى بىۋاسىتە نىشان قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىجتىمائىي ماسلىشىش، ئوخشىمىغان كىملىكلەرنىڭ بىرلىكتە ياشىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى بىر خىل سىياسىي ۋە مەدەنىيەت نورمىلىرىغا بويسۇنۇش بىلەن ئېنىقلىنىدۇ.

دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىدە بىخەتەرلىك تىلى ئادەتتىكى بىر جەمئىيەت تەرتىپى تىلى ئەمەس. بۇ تىل ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قايسى كىملىكنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغان، قايسى كىملىكنىڭ گۇمانلىق سانىلىدىغانلىقىنىمۇ بېكىتىدۇ. مائارىپ سىستېمىسىدىكى تىلنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى، ئىجتىمائىي ساھەدىكى كۆرۈنۈشچانلىق، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ رامكىسى ۋە يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ داۋاملىشىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سىياسىي لوگىكا ئىچىدە قايتىدىن لايىھەلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ «ئىجتىمائىي باشقۇرۇش» تېمىسى، ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتنى باشقۇرۇشتىن كۆرە، جەمئىيەتنى مەلۇم بىر كىملىك ئۇپۇقى ئىچىگە قىسىپ قويىدىغان بىر نورمالاشتۇرۇش رېجىمىغا ئايلىنىدۇ.

بۇ رامكا ئىچىدىكى ئەڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان نەتىجە، ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ بىر ئىجتىمائىي رېئاللىق سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى سۈپىتىدە كۆرۈلۈشىدۇر. ھالبۇكى، بىر كىملىكنى بىخەتەرلىك مەسىلىسى سۈپىتىدە تەرىپلەش، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي كۆرۈنۈشچانلىقىنى تارايتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولىدۇر. چۈنكى بىخەتەرلىك بىر قېتىم ئىشقا سېلىنغاندا، ئادەتتىكى سىياسىي ئېتىراز مېخانىزملىرى ئىشلىمەس ھالغا كېلىدۇ. تەنقىد — تەھدىت؛ مەدەنىيەت تەلىپى — بۆلگۈنچىلىك؛ مائارىپ ھوقۇقى — ئاسسىمىلياتسىيە مۇنازىرىسى ئىچىدە بېسىقتۇرۇلۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى «بىخەتەرلىك» سۆزلىمى پەقەت رايون خاراكتېرلىك مۇقىملىقنىلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ تارىخىي داۋاملىشىشىنىمۇ بېسىم ئاستىغا ئالىدىغان بىر يوقىتىش لوگىكىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

شۇڭلاشقا تېكىستنىڭ بۇ قىسمىنى ئادەتتىكى بىر يەرلىك تەرەققىيات پىلانى دەپ ئوقۇشقا بولمايدۇ. بۇ يەردە سۆزلىنىۋاتقىنى، بىخەتەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي كۆپ خىللىقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن، تەرەققىياتنىڭ تەرتىپ بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن ۋە كىملىكنىڭ باشقۇرۇش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇلغان سىياسىي بىر تەرتىپىدۇر. «مۇقىملىق» بۇ تەرتىپتە كۆپ خىللىقنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى كۆپ خىللىقنى چەكلەشنىڭ نامىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەت پەقەت بىر بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىلا ئەمەس، كىملىكنىڭ ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇقىنى قايتىدىن ئېنىقلاش ئۇرۇنۇشىدۇر.

خۇلاسە: ئىستراتېگىيەلىك يوقىتىش (Strategic Ontocide) ۋە قانۇنىيلىق كىرىزىسى

خىتاينىڭ 15-بەش يىللىق پىلانى بىيۇروكراتىك بىر ھۆججەت بولۇشتىن بەكرەك، ج ك پ نىڭ 21-ئەسىردىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش خىتابنامىسىدۇر. ئەمما بۇ خىتابنامىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى، ئىنسان ھەقلىرىنى ۋە قۇرۇلمىلىق ئىقتىسادىي خەتەرلەرنى «تېخنىكىلىق مۇۋەپپەقىيەت» ۋە «مۇتلەق بىخەتەرلىك» سۆزلەمى بىلەن يېپىشقا تىرىشىشىدۇر.

رېيسىگل  ۋە ۋوداكنىڭ (2001) سۆزلەم-تارىخىي نۇقتىئىنەزىرى  بىلەن قارىغاندا، تېكىستنىڭ مەقسىتى ھەقىقىي بىر دىيالوگ قۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئاسسىمىلياتسىيەنى «جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىگە قايتىش»، كونترولنى بولسا «ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش» دەپ قايتىدىن ناملاشدۇر. ئوتتۇرىغا قويۇلغان «سۆزلەم خاراكتېرلىك يوقىتىش»  ئۇقۇمى بۇ پىلاننىڭ جەۋھىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى (تىل، تارىخ، ئېتىقاد) بىخەتەرلىك تەھدىتى دەپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا قىلىنغان مۇداخىلىنى بىر «ياخشىلاش» تۈرى سۈپىتىدە تەقدىم قىلىش.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان»(国家发展规划法) يېڭى قانۇنىي بەلگىلىمىلەر  بىلەن پىلانلاشنى بىر كونترول مېخانىزمىغا ئايلاندۇردى. ئەمما «پىلاننىڭ ھاياتى ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىدۇر» پىرىنسىپى، پەقەت رەقەملەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇ رەقەملەرنىڭ ئارقىسىدىكى ئىنسانلارنىڭ (بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىنىڭ) غۇرۇرى ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى بىلەن ئۆلچىنىشى كېرەك. ئەپسۇسكى، ھازىرقى «ھەيۋەتلىك پىلان» بۇ غۇرۇرنى بىخەتەرلىكلەشتۈرۈش دولقۇنلىرى ئاستىدا بوغۇپ ئۆلتۈرمەكتە.

پايدىلانمىلار

Althusser, L. (1971). Lenin and Philosophy and Other Essays (B. Brewster, Çev.). London: New Left Books.

Buzan, B., Wæver, O., & de Wilde, J. (1998). Security: A New Framework for Analysis. Boulder, CO: Lynne Rienner Publishers.

Cai, F. (蔡昉). (2021). 人口创新力:大国人口转型与经济高质量发展 [Nüfus İnovasyonu: Büyük Güçlerde Nüfus Dönüşümü ve Yüksek Kaliteli Ekonomik Kalkınma]. Beijing: CITIC Press.

ÇHC Devlet Konseyi Basın Ofisi. (2024). Xinjiang’da Kalkınma ve Modernleşme Belgeleri. Beijing: Foreign Languages Press.

Fanon, F. (1963). The Wretched of the Earth. New York: Grove Press.

Ma, J. (马骏). (2020). 中国地方政府债务:风险、预警与管控 [Çin Yerel Yönetim Borçları: Risk, Uyarı ve Kontrol]. Beijing: China Financial Publishing House.

Ma, Y. (2022). Chángzhì jiǔān: Xi Jinping döneminde Xinjiang stratejisi. Journal of Chinese Political Science, 12(2).

Reisigl, M., & Wodak, R. (2001). Discourse and Discrimination: Rhetorics of Racism and Antisemitism. London: Routledge.

Renmin Ribao [人民日报]. (2026, 31 Mart). “2035’e kadar sosyalist modernleşmenin temelini güçlendirmek: 15. Beş Yıllık Plan taslağı süreci.” https://paper.people.com.cn/rmrb/pc/content/202603/31/content_30148282.html

Van Dijk, T. A. (1998). Ideology: A Multidisciplinary Approach. London: Sage.

Zenz, A. (2019). “Break Their Lineage, Break Their Roots”: China’s campaign for ethno-cultural transformation in Xinjiang. The Journal of Political Risk, 7(7).

Zenz, A. (2020). Coercive labor in Xinjiang: Labor transfer and the mobilization of ethnic minorities to pick cotton. Newlines Institute for Strategy and Policy.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*