خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان كەسپىي تەربىيەلەش سىياسىتىدىكى بايانى:  نازارەت ۋە نورماللاشتۇرۇش

2026-يىلى 6-ماي

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

  1.  كىرىش سۆز

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2026-يىلى 30-ئاپرېلدىكى «نەزەرىيەۋى ئۆگىنىش» قوشۇمچە بېتىدە ئېلان قىلىنغان «يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك»  (加快培养高技能人才) ماۋزۇلۇق ماقالە، شەرقىي تۈركىستاندىكى كەسپىي مائارىپ ۋە سانائەت سىياسىتىنى شەكىللەندۈرگەن بايان ئەمەلىيەتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن مول بىر تېكىست بىلەن تەمىنلەيدۇ. ۋاڭ يۈن  تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ تېكىست، بىر قاراشتا كەسپىي تېخنىكا مائارىپ سىياسىتىگە قارىتىلغان ئاكادېمىك مۇھاكىمە تەسىراتىنى بەرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەلۇم ھاكىمىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن بەرپا قىلىدىغان، ئىدېئولوگىيەلىك مۇھىم نۇقتىلارنى نورماللاشتۇرىدىغان ۋە بايان رامكىلىرى ئارقىلىق مەلۇم ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتلەرنى ھەقلىقلەشتۈرىدىغان بىر ھۆججەتتۇر.

تەنقىدىي بايان ئانالىزى نەزەرىيەسى، تىلغا پەقەت بىر ئالاقە قورالى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت قۇرۇلمىلىرى، كۈچ مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئىدېئولوگىيەلەر قايتا بەرپا بولىدىغان،  داۋاملاشتۇرۇلغان ۋە ئۆزگەرتىلىدىغان بىر ئەمەلىيەت سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. نورمان فايركلوۋ ، تېئۇن ئا. ۋان دىجك  ۋە رۇت ۋوداك  تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ مېتود، تېكىستنىڭ نېمە دېگەنلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى نېمىلەرنى سۈكۈتتە قالدۇرغانلىقىنى، قايسى ئاكتىيورلارنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىپ قايسىلىرىنى ئارقا پىلانغا ئىتتىرىۋەتكەنلىكىنى ۋە قايسى بايان ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن مەلۇم بىر رېئ‍اللىق قۇرۇلمىسىنى ھۆكۈمران ھالەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە  تېكىستنى ئۈچ سەۋىيەدە ئانالىز قىلىدۇ: تىل/تېكىست ئەمەلىيىتى، بايان ئەمەلىيىتى (بەرپا قىلىش، تارقىتىش، ئىستېمال) ۋە جەمئىيەت ئەمەلىيىتى.

بۇ ماقالىدە، تىلغا ئېلىنغان گېزىت يازمىسى تەنقىدىي بايان نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىپ، ئۈچ ئاساسىي سوئالغا جاۋاب ئىزدىلىدۇ: (1) تېكىستنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك رامكىلاش ئىستراتېگىيەلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت ۋە بۇ رامكىلار قايسى بايان نىشانلىرىغا خىزمەت قىلىدۇ؟ (2) ھاكىمىيەت مۇناسىۋەتلىرى تېكىستتە قانداق قايتىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ۋە قانۇنلاشتۇرۇلىدۇ ياكى ھەقلىقلەشتۈرۈلىدۇ؟ (3) تېكىستتىكى سۈكۈتلەر ۋە تاللانغان ۋەكىللىك شەكىللىرى، شەرقىي تۈركىستانغا خاس ئىجتىمائىي رېئ‍اللىقنى قانداق يوشۇرماقتا؟ بۇ سوئاللار، بىر كەسپىي مائارىپ تېكىستىنىڭ قانداق بولۇپ ئەينى زاماندا بىر ھاكىمىيەت بايانى ھۆججىتى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ.

2. تېكىستنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك رامكىلاش ئىستراتېگىيەلىرى

1.2.  «دۆلەت ئىستراتېگىيەسى» بايانىنىڭ باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى

ماقالىنىڭ ئەڭ روشەن بايان ئىستراتېگىيەسى، سىياسەت مەسىلىسىنى (شىنجاڭدىكى كەسپىي مائارىپ) دۆلەتلىك ۋە يەرشارىۋى بىر ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياج رامكىسىغا قويۇشىدۇر. تېكىست شى جىنپىڭنىڭ «چوڭ دۆلەتنىڭ ئۇستىلىرىنى، ماھىر ھۈنەرۋەنلەرنى ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى زور كۆلەمدە يېتىشتۈرۈڭلار» دېگەن سۆزىنى بىۋاسىتە نەقىل كەلتۈرۈش بىلەن باشلىنىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق بارلىق دەلىللەش قۇرۇلمىسىنى رەھبەرنىڭ بايانى بىلەن ھەقلىقلەشتۈرىدۇ. بۇ، فايركلوۋ تەرىپىدىن «نوپۇزغا چاقىرىش» (appeal to authority) دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن بايان ئىستراتېگىيەسىنىڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر [1]: سىياسەت مۇنازىرىسى، ئىلمىي دەلىللەر ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەڭ يۇقىرى سىياسىي نوپۇزنىڭ بايانى ئارقىلىق قانۇنىيلىققا ئېرىشىدۇ.

تېكىست «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلەش»  (五大战略定位) رامكىسىنى بەلگىلىگۈچى بىر پايدىلىنىش نۇقتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ھەم «سۇبيېكت» (ئىگە) ھەم «ئوبيېكت» (جىسىم) ئورنىغا قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان بىر تەرەپتىن «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى» ۋە «ئېنېرگىيە زاپاس بازىسى» سۈپىتىدە  خىتاي دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغان ئاكتىپ سۇبيېكت ئورنىدا بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن «چېگرا بىخەتەرلىكى» ۋە «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» ئېھتىياجلىرى بىلەن تەسۋىرلەنگەن، باشقۇرۇلۇشى كېرەك بولغان بىر ئوبيېكت دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇلىدۇ. بۇ بايان خاراكتېرلىك ئىككىگە بۆلۈنۈش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي دۆلىتى نۇقتىسىدىن ھەم ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچى ھەم بىخەتەرلىك خەۋپى رامكىسىدا بىرلا ۋاقىتتا بەرپا بولۇشىنى مۇمكىن قىلىدۇ.

2.2. «مۇقىملىق» ۋە «تەرەققىيات» بايانلىرىنىڭ بىرىكىشى

ۋاڭنىڭ تېكىستى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق بايانلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا بىر-بىرىگە باغلاپ، ئۇلارنى بىر-بىرىنى شەرت قىلىدىغان پۈتۈن بىر لوگىكا رامكىسىدا سۇنىدۇ. ماقالىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ قىممىتى چۈشەندۈرۈلگەندە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر بايان ئەندىزىسى كۆرۈلىدۇ: تېكىست «سانائەت تەرەققىياتى»، «ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملىقى» ۋە «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» ئۇقۇملىرىنى ئوخشاش بىر جۈملىنىڭ ئىچىدە قاتار تىزىپ، بىر سەۋەب-نەتىجە زەنجىرى ھاسىل قىلىدۇ [2]. بۇ زەنجىردە كەسپىي مائارىپ ھەم ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرىدىغان ھەمدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قوش ئىقتىدارلىق بىر قورالغا ئايلىنىدۇ.

بۇ ئۇسۇل، فۇكو (Foucault) نىڭ «تەرتىپ-ئىنتىزام جەمئىيىتى» ئۇقۇمى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك [3]: بەدەن/سۇبيېكت (يەنى ئۇيغۇرلار) ئىشلەپچىقىرىشچان ۋە يۇۋاش بولىدىغان شەكىلدە تەربىيەلىنىدۇ. كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى، پەقەت بىر ئىقتىسادىي سېلىنما سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى نوپۇسنى مەلۇم ئەمەلىيەتلەر، تەرتىپلەر ۋە قىممەت قاراشلىرى رامكىسىدا شەكىللەندۈرىدىغان بىر باشقۇرۇش تېخنىكىسى سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ.

فۇكونىڭ ئىنتىزام تەھلىلى تېخىمۇ تەپسىلىي تەھلىل قىلىنغىنىدا، پانوتىك نازارەت مېخانىزمىنىڭ [4] ۋاڭنىڭ تېكىستىدىكى ئورگان قۇرۇلمىسى بىلەن ئىقتىدار جەھەتتىن ماسلاشقانلىقى كۆرۈلىدۇ. فۇكو، ئىنتىزام ھاكىمىيىتىنىڭ شەخسنى تاشقى جەھەتتىن زورلايدىغان بىر بېسىم مېخانىزىمى بولۇشتىن چىقىپ، شەخسنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەرتىپكە سالىدىغان، ئۆز ئۆزىنى نازارەت قىلىدىغان ئىچكى كونترولغا  ئايلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ۋاڭنىڭ تېكىستىدىكى «سۈپەت باھالاش سىستېمىسى»  (质量评价体系) ۋە «ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىنى ئاساس قىلغان باھالاش» (企业标准运行评价) مۇھىم نۇقتىلىرى، دەل بۇ تېخنىكىنىڭ ئورگان تەرەپتىكى ئەكس ئېتىشىدۇر: ئوقۇغۇچىلار/ئەمگەكچىلەر، مەلۇم نورمىلار ئىچىدە ئۆزىنى توختىماي ئۆلچەيدىغان ۋە تۈزىتىدىغان شەخسلەر سۈپىتىدە قايتىدىن شەكىللىنىپ تۇرىدۇ. مائارىپ  بولسا بىر ئىنتىزام  سۇپىسى سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ، ئىشىكلەرنىڭ ئارقىسىدا ئاشكارا كۆرۈنمىسىمۇ، ئورگان نوپۇزى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولغان بىر كۆزەتكۈچى كۈچ سۈپىتىدە يوشۇرۇن ھالدا ئىشقا كىرىشىدۇ.

بۇ تەھلىل رامكىسىنى ئاگامبېن (Agamben) نىڭ «مۇستەسنا ھالەت» ئۇقۇمى بىلەن [5] بىر يەرگە ئەكەلگىنىمىزدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى كەسپىي مائارىپ سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر بىر قاتلىمىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ. ئاگامبېننىڭ نەزەرىيەسىدە مۇستەسنا ھالەت، پەقەت پەۋقۇلئادە بىر جەريانلا ئەمەس، بەلكى ھاكىمىيەتنىڭ نەدە ۋە كىمنىڭ ئۈستىدە مۇستەسنا قانۇن يۈرگۈزەلەيدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان بىر قۇرۇلمىلىق كوردىنات سىستېمىسىدۇر. كەسپىي مائارىپ، بۇ نۇقتىدا پەقەت بىر مائارىپ سىياسىتى بولۇشتىن چىقىپ، ھاكىمىيەتنىڭ قايتىدىن ئىشلەپچىقىرىدىغان مېخانىزمىغا ئايلىنىدۇ: مەلۇم سۈپەتتىكى ياشاش شەكىللىرى (ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تىرىكچىلىك ئۇسۇلى، دىنىي مائارىپ، مۇستەقىل ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر)، «كەمچىل ماھارەت» ۋە «تەرەققىياتتىن ئارقىدا قېلىش» رامكىسىدا ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. بۇ ئېنىقلىما بولسا تىلغا ئېلىنغان ئىجتىمائىي قاتلاملارنىڭ دۆلەتنىڭ مۇداخىلىسىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر «مەسىلىگە» ئايلاندۇرۇلۇشىنى مۇمكىن قىلىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، تېكىستنىڭ «ھازىرقى ۋە ۋاقىتلىق» جەريانلاردا كۈچكە ئىگە نورمىلار بىلەن ئېنىقلىما بېرىلگەن شەخستىن «يېڭى ئادەم» نىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى بايانى، بۇ نەزەرىيەۋى رامكا بىلەن كۈچلۈك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ.

تېكىست، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى بىۋاسىتە ئاتاشتىن قاچسىمۇ، لېكىن باياننىڭ مەزمۇنى ئۇلارغا قارىتىلغان سىياسەت تەڭشىلىشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقلىقلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، بايان تەھلىلىدە «سىمۋوللۇق ئۆچۈرۈۋېتىش»  (symbolic erasure) دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن تەبىرگە توغرا كېلىدۇ، يەنى، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي گۇرۇپپىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ۋە كىملىك تەلىپى تېكىستتىن چىقىرىۋېتىلىدۇ، ئۇ گۇرۇپپىنى ئوبيېكتلاشتۇرىدىغان ھاكىمىيەت ئەمەلىيەتلىرى ياكى سىياسەتلىرى بولسا بايان جەھەتتىن نورماللىقنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇلىدۇ. بۇ يوشۇرۇش قىلمىشىنىڭ ئەڭ روشەن كۆرسەتكۈچى، تېكىستنىڭ «تەرەققىيات» ۋە «مائارىپ» سۆزلىرىگە يۈكلىگەن ئومۇمىيۈزلۈك ئىجابىي مەنىسىدۇر: بۇ سۆزلەر، ئوبيېتكلىرىنى كىملىك ۋە تارىختىن ئايرىۋېتىپ، ئۇلارنى «پەقەت بىر ئىشلەپچىقىرىشچان پۇقرا» ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

«چېگرا بىخەتەرلىكى»، «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» ۋە «زېھىن/قەلبلەرنى قوغداش» دېگەندەك  ئىبارىلەر [6] پەقەت جۇغراپىيەلىك-ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىنىشلارلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ھەم تەرەققىياتنىڭ ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلاندۇرۇلۇشى ھەمدە  بىخەتەرلىك لوگىكىسى رامكىسىدا توختىماي نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئىشارەت قىلىدىغان بايان قۇرۇلمىسىدۇر. بۇ ئۇقۇملار بىر يەرگە ئەكىلىپ قارالغىنىدا، «بايان خاراكتېرلىك باراۋەرلىك زەنجىرى» دەپ ئاتىلىدىغان قۇرۇلمىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: بىخەتەرلىك = مۇقىملىق = تەرەققىيات = كەسپىي مائارىپ. بۇ زەنجىر ئىچىدە كەسپىي مائارىپ ئەمدى پەقەت بىر پېداگوگىكىلىق پائالىيەتلا ئەمەس، بەلكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان، مۇقىمسىزلىق ئېھتىمالىنى يوقىتىدىغان ۋە تەرەققىياتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر گەۋدىلەشكەن باشقۇرۇش تېخنىكىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش، مائارىپنى سىياسىي ئەمەس دەپ ئىددىئا قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئەڭ سىياسىي بولغان نەرسە، يەنى بىر مىللەتنىڭ باشقۇرۇلۇشى بىلەن چىڭ باغلايدۇ.

ئاخىرىدا، بۇ بايان قۇرۇلمىسىنىڭ ياراتقان ئېپىستېمولوگىيەلىك (بىلىم جەھەتتىكى) تەسىرىنىمۇ ئېتىراپ قىلىش كېرەك. ۋاڭنىڭ تېكىستى، ئۆزى سۆزلىگەن سىياسەت نىشانلىرىنى «ئوبيېكتىپ ئېھتىياجلار» ۋە «تېخنىكىلىق زۆرۈرىيەتلەر» سۈپىتىدە سۇنىدۇ. بۇ بىلىم ئىپادىسى بىلەن بىرگە، تىلغا ئېلىنغان نىشانلارغا سوئال قويالايدىغان ھەر قانداق بىر قاراش يا «تېخنىكىلىق بىلىمدىن مەھرۇم» ياكى «تەرەققىياتقا قارشى» دەپ ئېلان قىلىنىشقا ئوچۇق ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ مېخانىزم، فايركلوۋنىڭ «naturalization» (تەبىئىيلەشتۈرۈش) ئۇقۇمى بىلەن بىۋاسىتە ماس كېلىدۇ، يەنى، ئىدېئولوگىيەلىك ئاساستا ئىشلەپچىقىرىلغان باغلىنىشلار، تەكرارلاش ۋە ئورگانلارنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، گويا تەبىئىي ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەقىقەتلەردەك كۆرۈنىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. كەسپىي مائارىپنىڭ بىخەتەرلىك سىياسىتى بىلەن بىرلىشىشى، تېكىست ئىچىدە ھېچقاچان ئاشكارا تەرغىب قىلىنمايدۇ، بۇنىڭ ئورنىغا بۇ بىرلىشىش، ھەر قانداق بىر سوئال تەلەپ قىلمايدىغان، قاچقىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەت سۈپىتىدە سۇنۇلىدۇ. مانا بۇ نۇقتا، ۋاڭنىڭ تېكىستىنىڭ پەقەت بىر سىياسەت ھۆججىتىلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر تۈزۈمنى قايتىدىن ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.

3. ئاكتىيور قۇرۇلمىسى ۋە ھاكىمىيەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن ئىشلەپچىقىرىلىشى

1.3. پاسسىپ ئوبيېكت سۈپىتىدىكى ئىختىساسلىقلار

تېكىستنىڭ ئاكتىيور قۇرۇلمىسى تەھلىل قىلىنغىنىدا، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ دېگۈدەك مۇستەسناسىز ھالدا پاسسىپ بىر ئوبيېكت ئورنىدا سۇنۇلغانلىقى كۆرۈلىدۇ. «يېتىشتۈرۈش»  (培养)، «تەربىيەلەش» (训练)، «قۇرۇپ چىقىش»  (构建) دېگەندەك پېئىللار ئارقىلىق ئىختىساسلىقلار، دۆلەتنىڭ، مەكتەپلەرنىڭ ۋە كارخانىلارنىڭ  قارىمىقىدا ھەرىكەت قىلىدىغان بىر جىسىم ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويۇلىدۇ. بۇ بايان تاللىشىنى ۋان دىجكنىڭ «ئاكتىيورنى رامكىلاش» ئۇقۇمى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ [7]: تېكىستنىڭ سۆزلۈكى، ئىختىساسلىقلارنى ھېچقاچان ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە مەنپەئەتلىرى، تاللاشلىرى ياكى قارشى بايانلىرى بار سۇبيېكتلار سۈپىتىدە قۇرمايدۇ، ئەكىسچە، ئۇلارنى ئورگان نىشانلىرىغا ئاساسەن شەكىللەندۈرۈلۈشى كېرەك بولغان خام ئەشيالار سۈپىتىدە سۇنىدۇ.

بالىبار (Balibar) ۋە ۋاللېرستېيننىڭ (Wallerstein) مىللەت-دۆلەت ۋە ئەمگەك كۈچى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيەلىرىگە ئاساسەن[8]، ئۇلۇس كىملىكى بەرپا قىلىش تۈرلىرى مەلۇم مىللەتلەرنى «ئىشلەپچىقىرىشچان پۇقرالار» سۈپىتىدە سىستېمىغا ئېلىپ كىرىش بىلەن بىرگە، سىنىپىي ۋە مىللىي پەرقلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئىقتىسادىي بايان ئارقىلىق كۆرۈنمەيدىغان قىلىۋېتىدۇ. ۋاڭنىڭ تېكىستىمۇ دەل مۇشۇ ئىقتىدارنى ئادا قىلىدۇ: مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ھېچ تىلغا ئېلىنمايدۇ، «ئىقتىسادىي سىغدۇرۇشچانلىق» ۋە «دۆلەت تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش» ئۇقۇملىرى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. نەتىجە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرى دۇچ كەلگەن قۇرۇلمىلىق تەڭسىزلىكلەر، كەسپىي ماھارەت جەھەتتىكى يېتەرسىزلىك سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈپ قويۇلىدۇ ۋە سىياسىي بولمىغان بىر تېخنىكىلىق مەسىلە سۈپىتىدە رامكىلىنىدۇ.

2.3. «مەكتەپ-كارخانا ھەمكارلىقى»نىڭ بايان جەھەتتىن قۇرۇلۇشى

تېكىست، ھازىرقى سىستېمىنىڭ ئاساسىي مەسىلىسىنى «مەكتەپ قىزغىن، كارخانا سوغۇق» (校热企冷) ھادىسىسى دەپ [9] تەبىرلەيدۇ ۋە بۇنى يېڭىش ئۈچۈن كارخانا-مەكتەپ بىرىكىشىنى كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەمما بۇ دىئاگنوز قويۇش ئىنتايىن چەكلىك بىر بايان رامكىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، مەسىلە، سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلىرىدىن ئەمەس، بەلكى مېخانىزىملارنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. كارخانىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەمكارلىقتىن قاچىدىغانلىقى، تەننەرخنى كىمنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى، پايدا تەقسىماتىنىڭ قانداق تەشكىللىنىدىغانلىقى، ئەمگەك ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ بۇ جەرياندا قانداق قوغدىلىدىغانلىقىغا ئوخشاش ھالقىلىق سوئاللار تېكىستنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلىدۇ.

فايركلوۋنىڭ بايان ئىستراتېگىيەسى تەھلىلىنى ئاساس قىلغاندا [10]، بۇ تاللانغان سۈكۈتلەرنىڭ ئەسقاتىدىغانلىقى كۆرۈلىدۇ: كارخانا تەرەپتە بولغان كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقلىرى ھەقلىقلەشتۈرۈلىدۇ، ئەمگەكچى زىيىنىغا بولغان تۈزۈلمىۋى باراۋەرسىزلىكلەر نورماللاشتۇرۇلىدۇ. «زامانىۋى شاگىرتلىق سىستېمىسى» ۋە «ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان پىراكتىكا» مودېللىرى، تېكىستنىڭ سۇنۇشىدا ئىجابىي ئىسلاھاتلاردەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما بۇ مودېللارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمگەك كۈچى تېمىسىدا جىددىي ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى تۇغدۇرىدىغانلىقىغا كۆز يۇمۇلىدۇ. بۇ سوئال بەلگىلىرى ئاكادېمىك ساھەلەردە ۋە خەلقئارالىق دوكلاتلاردا ئەتراپلىق ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، تېكىستتە ھېچ ئورۇن ئالمايدۇ.

4.  قۇرۇلمىلىق بايان مەسىلىلىرى: كەسپىيلىشىش سىياسىتىنىڭ رامكىلىنىشى

تېكىستنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكى، كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي مەسىلىلىرىنى تىزىپ چىقىدۇ. بايان نۇقتىسىدىن ئەڭ دىققەت تارتىدىغان نۇقتا، كەسپىي دەرس پىلانىنىڭ سانائەت ئېھتىياجى بىلەن ماسلاشماسلىقىغا ئائىت بۆلەكتىدۇر [11]. تېكىست، «ئەنئەنىۋى سانائەت ساھەلىرىدە نىسپىي تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش» ۋە «ئېنېرگىيەنى پاكىز ئىشلىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېشىل يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق ساھەلەردە ئېغىر دەرىجىدە كېچىكىش ۋە يېتەرسىزلىك» بارلىقىنى ئېنىقلايدۇ. بۇ ئېنىقلاشلار تېخنىكىلىق نۇقتىدىن توغرىدەك كۆرۈنسىمۇ، بايان رامكىسىدا ئىنتايىن ئ‍ېغىر مەسىلە باردۇر.

بىرىنچىدىن، كەسپىي ساھەلەرنىڭ «جىددىي ئېھتىياج» ۋە «كېچىككەن» دەپ سۈپەتلىنىشى، كىمنىڭ ئېھتىياجلىرىدىن سۆز ئېچىلىۋاتىدۇ؟ دېگەن سوئالنى تۇغدۇرىدۇ. ئېنېرگىيە ۋە يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىگە قارىتىلغان كەسپىيلىشىش تەلىپى كۆپىنچە خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئېنېرگىيە سىياسىتى رامكىسىدا ۋە مەركىزىي پىلانلاش لوگىكىسى بىلەن شەكىللەندۈرۈلىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تاللاشلىرى، ئەنئەنىۋى تىرىكچىلىك ئەمەلىيەتلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسىغا تايانغان كەسپىي كىملىكلىرىنىڭ بۇ پىلانلاش بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقى تېكىستنىڭ پۈتۈنلەي سىرتىدا قالدۇرۇلغان. ئىككىنچىدىن، «قۇرۇلمىلىق ماسلاشماسلىق» بايانى، مەكتەپ بىلەن سانائەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى سىياسىيسىزلاشتۇرىدۇ :  مەسىلە، تەرەققىيات مودېلىنىڭ سىياسىي تاللاشلىرىدىن مۇستەقىل، تەرەپسىز بىر تېخنىكىلىق قىيىنچىلىق سۈپىتىدە رامكىلىنىدۇ ۋە شۇنداق قىلىپ ھازىرقى تەرەققىيات مودېلىنىڭ ئۆزى سوئال ئاستىغا ئېلىنالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ.

تېكىستنىڭ ھەل قىلىش تەۋسىيەلىرىمۇ ئوخشاش شەكىلدە «ھەر ساھەدە توپ يېتىشتۈرۈش مودېلى»، «زامانىۋى شاگىرتلىق سىستېمىسى» ۋە «ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان پىراكتىكا ئۇل ئەسلىھەسى» دېگەندەك تېخنىكىلىق ئۇقۇملار ئەتراپىدا شەكىللىنىدۇ [12]. بۇ مودېللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق تەرىپى، مائارىپ جەريانىنى ئىمكانقەدەر ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىگە باغلاش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى سانائەت ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن ئۆلچەشتۇر. بۇ ئۇسۇل، غەربنىڭ (ئانگلو-ساكسون) كەسپىي مائارىپ ساھەسىدىمۇ مۇنازىرە قىلىنغان «ئىنسانىي كاپىتال» پارادىگمىسىنىڭ خىتايچە نۇسخىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، ئەمما پەرقى شۇكى، تىلغا ئېلىنغان مودېل، دېموكراتىك مۇزاكىرە ۋە ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتلىرى مېخانىزىملىرىدىن زور دەرىجىدە مەھرۇم قالغان بىر سىياسىي ئىقتىساد مۇھىتىدا ئەمەلىيلەشمەكتە.

5. سۈكۈتلەرنىڭ بايانى: تېكىستتە ئورۇن ئالمىغان مەسىلىلەر

تەنقىدي بايان نەزەرىيەسىدە، بىر تېكىستنىڭ دېمىگەنلىرى دېگەنلىرىدەكلا ئەھمىيەتلىكتۇر [13]. ۋاڭنىڭ ماقالىسىدىكى ئەڭ دىققەت تارتىدىغان سۈكۈت، شەرقىي تۈركىستانغا خاس ئىجتىمائىي رېئ‍اللىقنىڭ دېگۈدەك پۈتۈنلەي كۆرۈنمەس قىلىنىشىدۇر. ماقالە بويىچە «مۇقىملىق»، «بىخەتەرلىك» ۋە «چېگرانى قوغداش» ئۇقۇملىرى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالى، كەسپىي مائارىپقا ئېرىشىشتە مەۋجۇت بولغان باراۋەرسىزلىكلەر ۋە ئۆتكەن ئون يىلدا يولغا قويۇلغان مۇداخىلە خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنىڭ نەتىجىلىرى ھېچ تىلغا ئېلىنمايدۇ.

ئىككىنچى ھالقىلىق سۈكۈت، تەرەققىيات مودېلىنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. تېكىست، شەرقىي تۈركىستاندىكى كەسپىي مائارىپنى «دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ بىر قىسمى» ۋە «رايونلۇق ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشنىڭ موتورى» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئەمما بۇ تەرەققىياتنىڭ كىمنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، كىرىم ۋە بايلىقنىڭ قانداق تەقسىم قىلىنغانلىقىنى ۋە كۆچۈش سىياسەتلىرى بىلەن قانداق باغلانغانلىقى پۈتۈنلەي كۆرمەسكە سالىدۇ. بايلىق قېزىش، توقۇمىچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىدىكى ئەمگەك كۈچى شارائىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان ئىقتىسادىنىڭ قايسى ئاكتىيورلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغانلىقىغا ئوخشاش مەسىلىلەر ئاكادېمىك ۋە تەتقىقات ساھەلىرىدە جىددىي  مەسىلىلەرگە ئايلانغان بولسىمۇ، سىياسەت تېكىستلىرى بۇ رېئاللىقلارنى بايان جەھەتتىن نەزەردىن ساقىت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئۈچىنچى سۈكۈت بولسا مائارىپقا قاتنىشىش ئۈستىدىكى چەكلىمىلەر مەسىلىسىدۇر. ماقالە، كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ سان جەھەتتىن كېڭىيىشىنى ۋە سۈپەت جەھەتتىن ياخشىلىنىشىنى مۇنازىرە قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى تىل سىياسەتلىرى بىلەن خىتايچىدىن باشقا تىللاردىكى كەسپىي مائارىپ ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ئەھۋالى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپ تاللاشلىرىغا قايسى دەرىجىدە ئەركىن قارار بېرەلەيدىغانلىقى ۋە يېپىق مائارىپ مودېللىرىنىڭ بار-يوقلۇقىغا ئوخشاش سوئاللار پۈتۈنلەي سىرتتا قالدۇرۇلغان. بۇ كەمتۈكلۈكلەر، تېكىستنىڭ پەقەت مەلۇم بىر سىياسىي قاراشتىن شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەلۇم رېئاللىقلارنى بايان خاراكتېرلىك ئىمكانسىزلاشتۇرغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

6. بايان خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىش مەزمۇنى ۋە نەشر قىلىش مۇھىتىنىڭ رولى

فايركلوۋنىڭ بايان ئەمەلىيەتلىرى دەرىجىسىدە قاراپ چىققان ئىشلەپچىقىرىش-تارقىتىش-ئىستېمال زەنجىرى مەزمۇنىدا تېكىستنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرىلىش شارائىتى ھەققىدىمۇ ئايرىم ئانالىز قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ماقالە، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ «نەزەرىيەۋى ئۆگىنىش» قوشۇمچە بېتىدە ئېلان قىلىنغان، بۇ بەت، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك تەشۋىقاتى ئۈچۈن قۇرۇلغان كونا بىر سۇپىدۇر. يازغۇچىنىڭ ئورگاندىكى ئورنىمۇ بايان خاراكتېرلىك بىر مەنە ئېلىپ كېلىدۇ: ۋاڭ يۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بىر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكتور ئوقۇغۇچىسى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماركسىزم ئىنستىتۇتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئاكادېمىكتۇر. بۇ قوش ئورۇن، يازغۇچىنىڭ ھەم ھازىرقى سىياسەت رامكىسىنىڭ ئىچىدە ھەمدە ئۇنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشىنى تەمىنلەيدىغان ئورگان قۇرۇلمىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئاشكارىلايدۇ.

نەشر قىلىش سۇپىسى سۈپىتىدە «شىنجاڭ گېزىتى»، پەقەت ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان بىر قاناللا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باياننىڭ «رەسمىي ھەقىقەت» سۈپىتىدە تەستىقلانغان ۋە كەڭ بىر ئوقۇرمەن توپىغا تارقىتىلغان بىر ھەقلىقلەشتۈرۈش قورالىدۇر. بۇ جەھەتتىن تېكىستنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولغان «مائارىپ سىياسىتىنى ئىجرا قىلغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە ئورگان باشقۇرغۇچىلىرى» شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باياننىڭ قايتىدىن ئىشلەپچىقارغۇچىسى ئورنىغا قويۇلىدۇ. بايان، نەتىجىدە ھەم ھازىرقى ئەمەلىيەتلەرنى قايتىدىن بەرپا قىلىدۇ ھەمدە كەلگۈسىدىكى ئەمەلىيەتلەرنى ئالدىن شەكىللەندۈرىدۇ.

خۇلاسە

ۋاڭ يۈننىڭ «يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك» ماۋزۇلۇق ماقالىسى، تەنقىدىي بايان تەھلىلى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغىنىدا، يۈزەكى مەنىسىنىڭ بەكلا نېرىسىدىكى بىر مەنە قاتلىمىنى نامايان قىلىدۇ. تېخنىكىلىق بىر كەسپىي مائارىپ مۇھاكىمىسى دائىرىسىدىكى بۇ تېكىست، بىر-بىرىگە باغلانغان نۇرغۇن بايان خاراكتېرلىك روللارنى ئادا قىلىدۇ: خىتاي دۆلىتىنىڭ دۆلەتلىك ئىستراتېگىيەسىنى شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى بىلەن بىرىكتۈرۈش، رەھبەرنىڭ بايانىنى قانۇنلاشتۇرغۇچى بىر مەنبە سۈپىتىدە ئىشلىتىش، نىشانلىق قاتلاملارنى سۇبيېكتلار ئەمەس ئوبيېكتلار سۈپىتىدە بەرپا قىلىش، ھازىرقى باراۋەرسىزلىكلەرنى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە باشقا بايان ئىمكانىيەتلىرىنى كۆرۈنمەس قىلىۋېتىش قاتارلىقلار.

بۇ تەھلىل، تىلغا ئېلىنغان تېكىستنىڭ «نىيىتى بۇزۇق بىر تەشۋىقات ھۆججىتى» ئىكەنلىكى دېگەن خۇلاسىگە كېلىشتىن بەكرەك، ھەر بىر سىياسەت تېكىستىنىڭ مەلۇم بىر سىياسىي ئىقتىساد ئىچىدە ۋۇجۇدقا چىقىرىلىدىغانلىقى، مەلۇم ھاكىمىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ۋە مەلۇم بايان چەكلىرى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان نۇقتىسىدىن كەسپىي مائارىپ سىياسىتىنىڭ ھەقلىقلەشتۈرۈلۈشىدە قوللىنىلغان بايان ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، ھەم بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئاكادېمىك جەھەتتىن تەھلىلى، ھەمدە  شەرقىي تۈركىستاندىكى رېئال مائارىپ ئېھتىياجلىرىنىڭ تېخىمۇ پۈتۈن بىر نۇقتىدىن قاراپ چىقىلىشى جەھەتتىن زۆرۈر بىر باشلانغۇچ قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

پايدىلانمىلار

[1] Fairclough, N. (2013). Critical Discourse Analysis: The Critical Study of Language. Routledge.
[2] «Yüksek vasıflı insan gücü, modern sanayi sisteminin inşasında temel taşıdır…» ifadesi ile sanayi-güvenlik eklemlenmesi.
[3] Foucault, M. (1977). Discipline and Punish: The Birth of the Prison. Vintage.
[4] Panoptikon, bireyin her an izlendiği hissiyle kendi davranışlarını denetlediği mimari ve toplumsal model.
[5] Agamben, G. (2005). State of Exception. University of Chicago Press.
[6] «Eşdizim» (Collocation): Kelimelerin metin içinde yan yana gelme sıklığı ve yarattığı anlamsal aura.
[7] van Dijk, T. A. (1993). Elite Discourse and Racism. Sage.
[8] Balibar, É. & Wallerstein, I. (1991). Race, Nation, Class: Ambiguous Identities. Verso.
[9] Metindeki terminaloji: «校热企冷» – Okulun hevesli, işletmenin ilgisiz olduğu durumu anlatan Çince siyasi deyim.
[10] Fairclough’nun strateji analizi: Sessiz bırakma ve varsayma (presupposition) teknikleri.
[11] Makalenin 3. bölümündeki teknik-yetersizlik vurgusu.
[12] Çin mesleki eğitimindeki güncel reform kavramları.
[13] Wodak, R. & Meyer, M. (2009). Methods of Critical Discourse Analysis. Sage.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*