ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قاراتقان ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرى 2019-يىلىدىن باشلاپ تۈپتىن ئۆزگىرىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئەنئەنىۋىي ھالدا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۆزئارا بېقىندىلىققا ئاساسلانغان ۋە «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق» دەپ قارىلىپ كەلگەن بۇ مۇناسىۋەت، يېقىنقى يىللاردا گېئوسىياسىي تەھدىتلەرنىڭ كۈچىيىشى بىلەن «ھەمكارلىق»تىن «خەتەرنى ئازايتىش» (de-risking) لىنىيەسىگە يۆتكەلدى[5، 10]. بۇ يۆنىلىش ئۆزگىرىشىنى پەقەت ئىقتىسادىي مەقسەتلەر بىلەنلا چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ؛ بۇ ھەم خىتاينىڭ «بۆرە پالۋان» دىپلوماتىيەسىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىدە كەسكىن تونۇلۇشى، ھەم رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قارىتا بېيجىڭنىڭ تۇتقان ئارىلىق ساقلاش پوزىتسىيەسىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن بېكىتىش ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان. ياۋروپا ئەمدى خىتاينى پەقەت بىر ئىقتىسادىي پۇرسەت دەپلا ئەمەس، بەلكى لىبېرال خەلقئارا تەرتىپكە نىسبەتەن سىستېمىلىق بىر خىرىس دەپ قارىماقتا[5، 6].
لېكىن بۇ كوللېكتىپ ئىستراتېگىيەلىك ئويغىنىش، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك بىردەكسىزلىك مەسىلىسىنى يوشۇرۇپ تۇرماقتا. بىر تەرەپتىن، فىرانسىيەنىڭ ئامېرىكىغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە، خىتاي بىلەن ھالقىلىق مەسىلىلەردە دىيالوگ ئىشىكىنى ئوچۇق تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقى»نى قوغداش تىرىشچانلىقى[3] مەۋجۇت بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، پولشاغا ئوخشاش دۆلەتلەر رۇسىيە-خىتاي يېقىنلىشىشى پەيدا قىلغان بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى بىلەن ۋاشىنگتون بىلەن تولۇق ماسلاشقان گۇمانخورلۇق لىنىيەسىگە كىرىپ قالماقتا[7]. بۇ ئوخشىمىغان مىللىي مەنپەئەتلەر ۋە ئوخشمىغان بىخەتەرلىك قاراشلىرى ، ئورتاق بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى مەيدانىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىشنى بىريۇسسېل ئۈچۈن دىپلوماتىك جەھەتتىن بىر قىيىنچىلىققا ئايلاندۇرماقتا [6].
چېخىيە بولسا، دەسلەپكى ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىشتىن تېزلىكتە تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك يېقىنلىشىشقا ۋە بىخەتەرلىكنى ئاساس قىلغان قاتتىق بىر سىياسەتكە يۈزلىنىشنىڭ ئەڭ روشەن مىسالىدۇر[2]. بۇ پەرقلەر، بىريۇسسېلنىڭ ئورتاق بىر تاشقى سىياسەتنى شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقىغا توختىماي توسالغۇ بولماقتا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئالدىدىكى ۋەزنىنى پارچىلىماقتا. شۇ سەۋەبتىن، ياۋروپانىڭ خىتاي سىياسىتى يەككە تاردىن چىققان بىر ئاۋازدىن كۆرە، ئوخشىمىغان تارلاردىن چىققان ئاھاڭلارنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن مۇرەككەپ بىر مۇزىكىغا ئوخشايدۇ [6].
بۇ شەرھ ماقالىسىدە، ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان كەڭ دائىرىلىك دوكلات ۋە ئانالىزلارنى ئاساس قىلىپ، ياۋروپانىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ ھازىرقى مۇرەككەپ يۆنىلىشىنى، بۇ ئىچكى پەرقلەرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرىنى ۋە ترانسئاتلانتىك ماسلىشىشىنىڭ مۇمكىن بولغان چېگرالىرىنى ئىزاھلاش ۋە باھالاش مەقسەت قىلىنىدۇ. چۈنكى ياۋروپانىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ كەلگۈسى، پەقەت ئىقتىسادىي تەمىنات زەنجىرى نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى جەھەتتىنمۇ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئاچا يول ئېغىزىدا تۇرماقتا [10].
ماقالىمىزنىڭ ئاساسىي تېزىسى شۇكى: ياۋروپا ھازىر خىتاي قارشىسىدا نە تولۇق بىرلىككە كەلگەن، نە تولۇق بۆلۈنۈپ كەتكەن بىر ئەھۋالدا تۇرماقتا؛ ياۋروپا ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىش نىشانى بىلەن مۇقەررەر بولغان ترانسئاتلانتىك بېقىندىلىق ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلاشقا تىرىشىۋاتقان بىر «ئىستراتېگىيەلىك رېئالىزم» ئىزدىنىشى ئىچىدىدۇر . بۇ تەڭپۇڭلۇق ئىزدىنىشى، «خەتەرنى ئازايتىش» ئۇقۇمىنىڭ ئاساسىدىكى نېگىزلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى شەكىللەندۈرمەكتە ۋە ياۋروپانىڭ خىتايغا قارشى ھەم تاقابىل قابىلىيىتىگە ئىگە ھەم چىداملىق بولۇش ئارزۇسىنى نامايەن قىلماقتا [1].
I. تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش: ھەمكارلىقتىن رىقابەتچى رېئالىزمغا
2000-يىللاردىن 2019-يىلىغىچە داۋاملاشقان مەزگىل، ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋىتىدە «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق» سۆزلەمىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بىر باسقۇچى ئىدى. ياۋروپانىڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلىرى، بولۇپمۇ گېرمانىيە، خىتاي بازىرى سۇنغان چەكسىز پۇرسەتلەرگە مەركەزلىشىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۆزئارا بېقىندىلىقنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سىياسىي مۇقىملىقنىمۇ ئېلىپ كېلىدىغانلىقى پەرىزى بىلەن ھەرىكەت قىلاتتى. بۇ دەۋر، سىياسىي پەرقلەرگە قارىماي سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغانلىقى، خىتاينىڭ دۇنيا سىستېمىسىغا باغلىنىش ئارقىلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دېموكراتىيەلىشىدىغانلىقىغا ئائىت ئۈمىد باغلانغانلىقى ئىستراتېگىيەلىك ساددىلىق بىلەن خاراكتېرلەنگەن ئىدى[10]. ياۋروپا، بېيجىڭغا ئاساسەن سىياسىي نىشانلاردىن كۆرە سودا مەنپەئەتلىرى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلاتتى.
بۇ ساددىلىق، 2020-يىللاردىن ئىلگىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. COVID-19 ۋاباسى دۇنيا تەمىنات زەنجىرىدە كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىق، ياۋروپانىڭ ھالقىلىق ساھەلەردە (سەھىيە، تېخنولوگىيە، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال ئېلېمېنتلىرى) خىتايغا بولغان يۇقىرى دەرىجىدىكى بېقىندىلىقىنىڭ نەقەدەر چوڭ بىر ئىقتىسادىي ئاجىزلىقنى پەيدا قىلغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا نامايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە يۈرگۈزگەن تاجاۋۇزچى «بۆرە پالۋان دىپلوماتىيەسى» ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا كۈچىيىۋاتقان تونۇش، ياۋروپا جامائەت پىكرى ۋە سىياسىي سەرخىللىرىدە تۈپتىن بىر تونۇش ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بېيجىڭنىڭ بىر ھەمكار ئەمەس، بەلكى بىر رەقىب بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى پىكىرنى كۈچەيتتى [10].
بۇ تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىنىڭ رەسمىي رامكىسى، 2019-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى تۇنجى قېتىم ئۈچ قىرلىق بىر رول بىلەن تەرىپلىگەن ئىستراتېگىيە ھۆججىتى ئارقىلىق بىكىتىلگەن بولدى: بىرلا ۋاقىتتا ھەم ھەمكارلىشىش كېرەك بولغان بىر «ھەمكار»، ھەم ئادىل رىقابەتلىشىش كېرەك بولغان بىر «ئىقتىسادىي رەقىب» ۋە ھەم قىممەت قاراشلىرى ھەمدە باشقۇرۇش سىستېمىلىرى جەھەتتىن پەرقلىق بولغان بىر «سىياسىي رەقىب». بۇ ئېنىقلىما، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەمدى يەككە ئۆلچەملىك بولالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ھەمكارلىق، رىقابەت ۋە توقۇنۇش ئامىللىرىنى بىرلىكتە نەزەردە تۇتۇپ باشقۇرۇشنى نىشان قىلغان يېڭى بىر رىقابەتچى رېئالىزم دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسەتتى[9].
ياۋروپا كومىتېتى، بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئويغىنىش جەريانىدا مەركىزىي بىر رول ئوينىدى. كومىتېت، بولۇپمۇ سودا ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى يېڭى ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىمىغان مەنپەئەتلەرگە قارىماي، بىريۇسسېلنى مەركەز قىلغان ئورتاق بىر ئىستراتېگىيەلىك كۆز قاراشنى يېتەكلەش ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش رولىنى ئوينىدى[9]. بۇ ئارقىلىق، مىللىي سىياسەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان پارچىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر مېخانىزم بولۇشقا باشلىدى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى بىردەك ئاۋازدا سۆزلەش ئىقتىدارىنى مۇئەسسەسەلەشتۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشكە تىرىشتى [6].
II. مىللىي سىياسەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقى
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسەتلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكىگە، بىريۇسسېلنىڭ ماسلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىغا قارىماي، مىللىي سىياسەتلەرنىڭ يەنىلا كۆپ خىل بولۇشى سەۋەپ بولغان. بۇ كۆپ خىللىق، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى ئىزچىل بىر گېئوسىياسىي كۈچ سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى توختىماي قىيىنچىلىققا ئۇچراتماقتا [6].
1. چېخىيە: ھەمكارلىقتىن خەتەرنى ئازايتىشقا
چېخىيە، 2010-يىللاردا خىتاي مەبلەغلىرىگە زور ئىشتىياق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بىر مەزگىل بېيجىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپادا بىر كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغان ئىدى. لېكىن بۇ ئېچىۋېتىش دەۋرى، خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرى ئارىلىشىپ قالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىچىدىكى سەتچىلىكلەر، كۈتۈلگەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنىڭ قولغا كەلمەسلىكى ۋە مىللىي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقان ئاگاھلاندۇرۇشلىرى نەتىجىسىدە، تېزلىكتە بىخەتەرلىكنى ئاساس قىلغان بىر گۇمانىي پوزىتسىيەگە ئايلاندى[2]. چېخىيە سىياسىيونلىرى ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرى، خىتاي مەبلىغىنىڭ ئومۇمەن بىر «ترويا ئېتى» رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
بۇ گۇمانىي پوزىتسىيە ۋە يۆنىلىش ئۆزگىرىشى، چېخىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنى تۈپتىن تەۋرەتتى. پىراگا، تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك ۋە سىياسىي يېقىنلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەيۋەنلىك ئەمەلدارلارنى يۇقىرى ئەلچىلىك دەرىجىسىدە قوبۇل قىلىش جاسارىتىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دۆلەت رايوندىكى چەت ئەل مەبلەغلىرىنى ئەڭ قاتتىق تەكشۈرۈش مېخانىزملىرىدىن بىرىنى يولغا قويۇپ، تېزلىكتە خەتەرنى ئازايتىش يولىغا كىردى[2]. چېخىيەنىڭ بۇ تېز ئۆزگىرىشى، بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلەردىن كۆرە، دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى ۋە مىللىي بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنى مەركەز قىلىپ، ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىمۇ پۈتۈنسۈرۈك بىر خەتەرنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئۆتەلەيدىغانلىقىنىڭ ئەڭ كونكرېت دەلىلىدۇر.
2. فىرانسىيە: ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق ۋە رېئالىزم
فىرانسىيە، جۇمھۇر رەئىس ئېممانۇئېل ماكروننىڭ رەھبەرلىكىدە، «ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق» پىلانىنى خىتايغا قارىتا سىياسىتىدىمۇ ئەكس ئەتتۈرمەكتە[3]. پارىژ، ۋاشىنگتوننىڭ خىتايغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان «ئالاقىنى ئۈزۈش» (decoupling) ئۇسۇلىدىن ئارىلىق ساقلىماقتا ۋە دۇنياۋى خىرىسلاردا (بولۇپمۇ كىلىمات ئۆزگىرىشى، يۇقۇملۇق كېسەل ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن كېيىنكى مۇقىملىق) خىتاي بىلەن دىيالوگ ئىشىكىنى ئوچۇق تۇتۇشنىڭ ياۋروپانىڭ دۇنياۋى تەسىر دائىرىسى ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە[3]. بۇ، ياۋروپانىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى بېكىتىش ۋە ئامېرىكىدىن مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئىزدىنىشىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر.
لېكىن بۇ مۇستەقىللىق ئىزدىنىشى، ئىلگىرىكى دەۋرنىڭ ساپ ئۈمىدۋارلىقىدىن كۆپ پەرقلىق بولۇپ ئۇ يېڭى بىر رىئاللىق بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇلماقتا. فىرانسىيە، خىتاينىڭ سودا بېسىملىرى ۋە ئادالەتسىز ياردەم پۇللىرىغا قارشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «مەجبۇرلاشقا قارشى تۇرۇش مېخانىزمى» (ACI) ۋە «چەت ئەل ياردەم پۇلى نىزامى» (FSR) قاتارلىق قاتتىق سودا مۇداپىئە مېخانىزملىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىنى ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلاردىن بىرى بولدى[3]. بۇ ئەھۋال، فىرانسىيەنىڭ ئۇسۇلىنىڭ دىيالوگ بىلەن ئىقتىسادىي قورۇقچىلىقنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، يەنى ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقنىڭ پەقەت ئامېرىكىدىن مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىشلا ئەمەس، بەلكى يەنە ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى خىتايغا قارشى قوغداش مەنىسىنىمۇ بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
3. پولشا: ھەمكارلىقتىن گۇمانخورلۇققا
پولشانىڭ خىتاي سىياسىتى، ھەمكارلىق باشلىنىشىدىن تېزلىكتە گۇمانخورلۇققا قاراپ كەسكىن بىر U شەكىللىك بۇرۇلۇش ياسىدى[7]، كۈتۈلگەن سوممىدىكى مەبلەغنىڭ سېلىنماسلىقى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىشى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا دەسلەپتە بېرىلگەن قىزغىن قوللاش تەدرىجى ئازايدى. پولشانىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان كۈچلۈك ترانسئاتلانتىك مۇناسىۋىتى، بۇ يۆنىلىش ئۆزگىرىشىدە ھالقىلىق رول ئوينىدى ۋە پولشانى بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى مەسىلىسىدە ۋاشىنگتون بىلەن بىر سەپكە تىزدى.
ئەڭ مۇھىمى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى، پولشانىڭ بىخەتەرلىك تونۇشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى[7]. ۋارشاۋا، خىتاينىڭ رۇسىيەگە بەرگەن ياردىمىنى، ياۋروپا بىخەتەرلىكىگە قارىتىلغان ۋاسىتىلىك بىر تەھدىت دەپ قارىماقتا ۋە بېيجىڭغا قارشى ئەڭ ئاشكارا گۇمانخور پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن كۆرە گېئوسىياسىي بىخەتەرلىكىنى مۇھىم بىلىپ ئەھمىيەت بەرمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، پولشا 16+1 غا ئوخشاش خىتاي مەركەزلىك ھەمكارلىق سۇپىلىرىدىن تېزلىكتە يىراقلاشتى [7].
4. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىنىڭ رولى: كومىتېتنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرگۈچى ۋە ماسلاشتۇرغۇچى رولى
مىللىي پەرقلەر قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ياۋروپا كومىتېتى بۇ مۇرەككەپ جەرياندا بىر گەۋدىلەشتۈرگۈچى رول ئوينايدۇ[9]. كومىتېت، بولۇپمۇ سودا ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئالاھىدە ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىللىي چىقىش يوللىرىنى ئورتاق بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى لىنىيەسىگە توغرىلاشقا تىرىشىدۇ. يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «مەجبۇرلاشقا قارشى تۇرۇش مېخانىزمى» ۋە «چەت ئەل ياردەم پۇلى نىزامى» قاتارلىق قوراللار، كومىتېتقا خىتاينىڭ ئادالەتسىز سودا قىلمىشلىرى ياكى ئىقتىسادىي بېسىملىرىغا قارشى پۈتۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى نامىدىن تېز ۋە كوللېكتىپ ھالدا جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىدۇ[4، 9]. بۇ ھوقۇق، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى يەككە بىر گېئو-ئىقتىسادىي كۈچ سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلالىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم قۇرۇمسال كاپالىتىدۇر [6].
III. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق سىياسەت ساھەلىرى: سودا، تېخنولوگىيە، بىخەتەرلىك
ياۋروپانىڭ يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى، ئۈچ ئاساسىي ساھەدە كونكرېت سىياسەت ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە: سودا، تېخنولوگىيە ۋە بىخەتەرلىك. بۇ ساھەلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەتەرنى ئازايتىش ئۇسۇلىنىڭ ئەمەلىي تەتبىقلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە ياۋروپانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ[4، 10].
سودا ساھەسىدە، ئاساسىي نۇقتا «ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك» ئۇقۇمىدۇر. بۇ ئۇقۇم، قىممەتلىك مىنېراللار (مەسىلەن، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال ئېلېمېنتلىرى)، يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەر، مىكرو ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە سەھىيە ماتېرىياللىرى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك تەمىنات زەنجىرىدىكى خىتايغا بېقىندىلىقنى ئازايتىشنى ۋە دېموكراتىك ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ[4]. ياۋروپا ئىتتىپاقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ دۆلەت ياردەم پۇلى سايىسىدا ئادالەتسىز رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئېرىشىشىگە قارشى، بولۇپمۇ ئېلېكتىرلىك ماشىنا ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىلىرى ساھەسىدە باشلىغان تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق، ياۋروپالىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا.
تېخنولوگىيە سېپى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىك سىياسەتلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى. 5G تورلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، كومىتېتنىڭ «5G قورال ساندۇقى» ئارقىلىق باشقۇرۇلدى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ Huawei/ZTE غا ئوخشاش «يۇقىرى خەتەرلىك» تەمىنلىگۈچىلەرنى تورلىرىدىن تەدرىجىي چىقىرىپ تاشلىشى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىندى[4]. بۇ، ياۋروپانىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تاشقى مۇداخىلىگە قارشى قوغداش تىرىشچانلىقىنىڭ ئەڭ كونكرېت قەدىمىدۇر.
سۈنئىي ئىدراك (AI) ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ساھەلىرىدە بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆز قىممەت قاراشلىرى ۋە ئۆلچەملىرىنى دۇنيا مىقياسىدا بېكىتىدىغان «سۈنئىي ئىدراك قانۇنى» ۋە قاتتىق «سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىق بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق، خىتاي تېخنولوگىيەسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىغا كىرىشىگە رەسمىي چەكلىمىلەرنى قويدى[4]. بۇ بەلگىلىمىلەر، خىتاينىڭ تېخنولوگىيەلىك مۇستەبىتلىكى ۋە كۆزىتىش سىستېمىلىرىنى ياۋروپاغا يۆتكىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان بىر ئۆلچەملەر ئۇرۇشى ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
بىخەتەرلىك ئۆلچىمى، خىتاينىڭ گېئوسىياسىي خىرىسىنىڭ ئەمدى تولۇق قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ[10]. ياۋروپا ئىتتىپاقى، «ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى» ئارقىلىق رايوندا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئېلىشنى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ خەلقئارا تەرتىپ ئۈچۈن مۇھىملىقىنى توختىماي تەكىتلىمەكتە[4]. بۇ ئىستراتېگىيەلەر، خىتاينىڭ ھەربىي تەلەپلىرىگە قارشى توسۇشتا ئامېرىكا بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئاخىرىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) بىلەن خىتاي سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش كۈنسېرى چوڭقۇرلاشماقتا. خىتاينىڭ رۇسىيەگە قوش ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال تەمىنلەش ئېھتىماللىقى ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان «چەكسىز ھەمكارلىقى»، بېيجىڭنى بىۋاسىتە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتىلغان ۋاسىتىلىك بىر تەھدىتكە ئايلاندۇردى[10]. بۇ ئەھۋال، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ ئەمدى پەقەت بىر سودا سىياسىتى ئەمەس، بەلكى بىر گەۋدىلەشكەن گېئوسىياسىي بىخەتەرلىك سىياسىتى ئىكەنلىكىنىڭ ۋە ترانسئاتلانتىك ئىتتىپاقنىڭ خىتاي ئوقىدا قايتىدىن جانلانغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.
IV. ترانسئاتلانتىك ئۆلچەم: ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىش مەسىلىسى
ياۋروپانىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسى، مۇقەررەر ھالدا ترانسئاتلانتىك ئىتتىپاق ئىچىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئىزدىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئۇسۇللىرىدا مۇھىم ماسلىشىش نۇقتىلىرى بولسىمۇ، ئاساسىي ئىستراتېگىيەلىك پەرقلەر سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى ۋە ئورتاق بىر سەپ بەرپا قىلىشنى قىيىنلاشتۇرماقتا [1].
ماسلىشىش نۇقتىلىرى ئاساسلىقى تېخنولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋە تەمىنات زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئۈستىگە قۇرۇلغان. ھەم ۋاشىنگتون ھەم بىريۇسسېل، يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەر، ھالقىلىق مىنېراللار ۋە 5G تېخنولوگىيەلىرى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە خىتايغا بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىش ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەمىنات زەنجىرى بەرپا قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا كۈچلۈك بىرلىككە ئىگە[1]. بۇ ئورتاق ئاساس، ئورتاق ئىستىخبارات ھەمبەھرىلەش، تېخنولوگىيە كونترول مېخانىزملىرىدا ھەمكارلىشىش ۋە ئېكسپورت چەكلىمىلىرىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە كونكرېت ھەمكارلىقنى تېزلەتمەكتە.
لېكىن ئىككى ئاكتيور ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي پەرق نىشاننىڭ دائىرىسى ۋە ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇلاردىكى پەرق بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سۆزلىمى ئادەتتە تولۇق «ئالاقىنى ئۈزۈش» (decoupling) چاقىرىقى قىلسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاللىشى زىيانلىق خەتەرلەرنى تاللاپ ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان «خەتەرنى ئازايتىش» (de-risking) ئىستراتېگىيەسىدۇر[1]. بۇ پەرق، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي رېئاللىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ: گىرمانىيە باشلىق نۇرغۇن چوڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي گەۋدىلىرى، خىتاي بازىرىنى پۈتۈنلەي تاشلاشقا ياكى بۇ بازارغا كىرىشنى زور دەرىجىدە چەكلەشكە تەۋەككۇل قىلالايدىغان سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە ئەمەس؛ شۇڭلاشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى، سودىنى توختىتىشنىڭ ئورنىغا، سودىنىڭ گېئوسىياسىي خەتەرلىرىنى ئازايتىشنى تاللىدى.
سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەتەرنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسىگە ھۆرمەت قىلىشى ۋە بۇ ئىستراتېگىيەنى قوللىشى زۆرۈردۇر[8]. تەكلىپلەر ئارىسىدا، ھالقىلىق تېخنولوگىيەلەردە ئورتاق مەبلەغ فوندى قۇرۇش، خىتاينىڭ مەجبۇرلىغۇچى ئىقتىسادىي قىلمىشلىرىغا قارشى ئورتاق مۇداپىئە مېخانىزملىرىنى قۇرۇش ۋە تېخنولوگىيە، سودا، بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە تېخىمۇ رەسمىيلەشكەن ۋە سىستېمىلىق ھالدا سانلىق مەلۇمات ھەمبەھرىلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىقلار بار[8]. بۇ ھەرىكەتلەر، ترانسئاتلانتىك سەپتە ئىزچىل بىر ئىستراتېگىيەلىك ئەقلىيلىك يارىتىشنىڭ ۋە خىتايغا قارشى ئورتاق بىر توسۇش كۈچى بەرپا قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.
V. كەلگۈسىگە نەزەر: ياۋروپا خىتاي رېئاللىقىغا ئويغىنىۋاتامدۇ؟
ھازىرقى ئانالىزلار، ياۋروپانىڭ خىتاي پەيدا قىلغان گېئوسىياسىي خىرىسقا قارشى ئاخىرى «ئويغانغانلىقى» دىن دىرەك بېرىدۇ[5]. بۇ ئويغىنىش، خىتاينىڭ پەقەت ئىقتىسادىي بىر رەقىب ئەمەس، بەلكى لىبېرال خەلقئارا تەرتىپنىڭ نورمىلىرىغا ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا قارشى سىستېمىلىق بىر تەھدىت دەپ قارىلىشى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بۇ يېڭى ۋە كەسكىنلەشكەن تونۇش،ياۋروپا كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك قوراللىرىنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى مۇستەھكەملىمەكتە ۋە بىريۇسسېلنىڭ تېخىمۇ تەشەببۇسكار قەدەملەرنى ئېلىشىغا زېمىن ھازىرلىماقتا[5، 10].
لېكىن بۇ ئويغىنىش جەريانى، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىچكى ماسلاشماسلىق ۋە ئىقتىسادىي بېقىندىلىق ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقلار بىلەن تېخىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا. ۋېنگىرىيەگە ئوخشاش بەزى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ (ۋە ئۆتمۈشتە گىرېتسىيەنىڭ) بېيجىڭ بىلەن يېقىنلاشقان سىياسەتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق ئاۋازىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا[6]. ئۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا ئىقتىسادلىرىنىڭ خىتاي بازىرىدىكى ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىگە بولغان بېقىندىلىقى، خەتەرنى ئازايتىش تىرىشچانلىقىنىڭ سۈرئىتى ۋە دائىرىسىنى تەبىئىي ھالدا چەكلىمەكتە، بۇمۇ سىياسىي قارارلارنىڭ ئىقتىسادىي بېسىملار بىلەن كېچىكتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولماقتا.
بۇ جىددىيچىلىكلەرگە قارىماي، گېئوسىياسىي بېسىملارنىڭ كۈچىيىشى ۋە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مەركىزىي ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى، ياۋروپانىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ۋە رېئال بىر زېمىندا تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ[9]. كەلگۈسىدىكى يۆنىلىش، ئورتاق بىر ياۋروپا «خىتايغا قارشى سىياسىتى»نىڭ ئاستا-ئاستا شەكىللىنىش ئېھتىماللىقىنى كۆرسەتمەكتە[5]. بۇ سىياسەت، ئىقتىسادىي بېقىندىلىقنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاجىزلىققا ئايلىنىشىنى توسۇش
ۋە تەشكىلىي قوراللار بىلەن قوراللانغان ۋە خەلقئارا ئۆلچەملەرنى بېكىتىشنى نىشان قىلغان ئورتاق بىر مەيداننىڭ كۈچىيىشى دېگەنلىك بولىدۇ.
VI. خۇلاسە: ئىستراتېگىيەلىك ئىزچىللىققا قاراپمۇ ياكى ۋاقىتلىق تەڭپۇڭلۇققىمۇ؟
ياۋروپانىڭ خىتاي سىياسىتى، تارىخىي بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرماقتا ۋە ئۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئىزچىللىققا قاراپ ئىلگىرىلەشتىن كۆرە، ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق ۋە ترانسئاتلانتىك ھەمكارلىق ئارىسىدا توختىماي ھەرىكەت قىلىدىغان، قىيىن بىر ۋاقىتلىق تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىدا قېلىشقا مەھكۇم[1، 3]. بۇ تەڭپۇڭلۇق، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بىلەن دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى ۋە گېئوسىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇقەررەر جىددىيچىلىكتىن كېلىپ چىقماقتا.
بۇ قىيىن تەڭپۇڭلۇقنىڭ مەركىزىدە، ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى بىلەن گېئوسىياسىي قىممەت قاراشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىق ياتىدۇ. خىتاي، ياۋروپا ئۈچۈن ھېلىھەم غايەت زور بىر بازار ۋە ھالقىلىق بىر مەبلەغ سېلىش مەنزىلىدۇر؛ بۇ ئەھۋال، گېرمانىيەگە ئوخشاش چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى خەتەرنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئالاقىنى ئۈزۈش دەرىجىسىگە ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە ئىككىلەندۈرمەكتە [1]. شۇڭا ياۋروپانىڭ ئاخىرقى نىشانى، خىتايغا قارشى ئىدېئولوگىيەلىك بىر خىرىستىن كۆرە، ئىقتىسادىي ئاجىزلىقلارنى ئەقىلگە مۇۋاپىق ھالدا يېڭىشكە ۋە ئوخشاش بولمىغان بېقىندىلىقلارنى ئازايتىشقا ئاساسلانغان ئىستراتېگىيەلىك ئەقلىيلىككە مەركەزلىشىش بولۇشى كېرەك.
لېكىن بۇ ۋاقىتلىق تەڭپۇڭلۇق، دۇنيا ۋەقەلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن توختىماي تېخىمۇ مۈشكۈل بىر يۆنۈلۈشكە قاراپ سىلجىتىلماقتا. خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قارىتا ۋاسىتىلىك ياردىمىنى داۋاملاشتۇرۇشى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيچىلىكلەر ۋە خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مەجبۇرلىغۇچى ئىقتىسادىي قىلمىشلىرى، گۇمانىي پوزىتسىيە نى ئورتاق بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى پوزىتسىيەسىگە ئايلاندۇرماقتا[10].ياۋروپا كومىتېتى ئىشلىتىۋاتقان «مەجبۇرلاشقا قارشى تۇرۇش مېخانىزمى»غا ئوخشاش يېڭى ياۋروپا ئىتتىپاقى مېخانىزملىرى، بۇ ئورتاق تونۇشنىڭ رەسمىي بىر قورالغا ئايلانغانلىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە كونكرېت دەلىلىدۇر [9].
بۇ شارائىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى، مىللىي پەرقلەرگە قارىماي كوللېكتىپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى قايسى دەرىجىدە كۈچەيتەلەيدىغانلىقىغا باغلىق[6]. فىرانسىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئىزدىنىشى، گېرمانىيەنىڭ سودا مەنپەئەتى ۋە پولشانىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى، بىريۇسسېلنىڭ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزملىرى بىلەن ئورتاق بىر ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتكە خىزمەت قىلىدىغان شەكىلدە ماسلاشتۇرۇلۇشى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر پەيدا قىلغان يوشۇرۇن بىخەتەرلىك خەۋپلىرىنى ۋە ئىقتىسادىي تەۋرىنىشلەرنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈلۈشى كېرەك.
سىياسەت تەكلىپلىرى
بۇ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پايدىسىغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۈچ ئاساسىي سىياسەت قەدىمى تەلەپ قىلىنىدۇ:
- ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ماسلاشتۇرۇش مېخانىزملىرىنى مۇئەسسەسەلەشتۈرۈش: مىللىي پايتەختلەرنىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن ھالقىلىق كېلىشىملىرىنىڭ (ئۇل ئەسلىھە، تېخنولوگىيە يۆتكەش) كومىتېت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئورتاق بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك رامكىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇشى زۆرۈردۇر. چەت ئەل مەبلەغ سېلىنمىسىنى تەكشۈرۈش (FDI Screening) قاتارلىق مىللىي قوراللارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۆلچەملىرى كۈچەيتىلىشى ۋە ئۇچۇر ھەمبەھىرلەش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى خەۋپ بوشلۇقلىرى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈلۈشى كېرەك [8].
- تەشكىلىي ھەمكارلىق ۋە سودا نوپۇزىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا ساھەسىدىكى ھوقۇقلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «مەجبۇرلاشقا قارشى تۇرۇش مېخانىزمى» ۋە «چەت ئەل ياردەم پۇلى نىزامى» قاتارلىق مېخانىزملار، خىتاينىڭ ئادالەتسىز رىقابىتى ۋە مەجبۇرلىغۇچى سىياسەتلىرىگە قارشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىشلىتىلىشى كېرەك[4، 9]. بۇ قوراللار، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى يۇمشاق كۈچتىن نازارەت قىلىش كۈچىگە ئۆتۈشىنىڭ كونكرېت كۆرسەتكۈچلىرى بولۇشى ۋە خىتاينىڭ يەككە-يەككە ئەزا دۆلەتلەرنى نىشانلىشىنى توسۇشى كېرەك.
- ترانسئاتلانتىك ئىستراتېگىيەلىك كۆز قاراشتا ئېنىقلىق ۋە ئورتاق مەبلەغ سېلىش: ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، خەتەرنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر ياۋروپا تاللىشى ئىكەنلىكى ئېنىق بىلدۈرۈلۈشى ۋە بۇ ئىستراتېگىيەگە قارىتا تولۇق قوللاش تەلەپ قىلىنىشى كېرەك. ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش، ئىقتىسادىي ئايرىلىش نىشانىنى ئەمەس، بەلكى ھالقىلىق تېخنولوگىيەلەردە ۋە تەمىنات زەنجىرىدە تاللاپ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى بەرپا قىلىش نىشانىنى مەركەز قىلىشى كېرەك[1، 8]. بۇ، ئورتاق تەتقىقات-تەرەققىيات مەبلەغلىرى (مەسىلەن، يېشىل ۋە رەقەملىك تېخنولوگىيەلەردە) ۋە دېموكراتىك تەمىنات زەنجىرلىرى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. ياۋروپا، ئەمدى خىتايغا قارشى پاسسىپ بىر ئىستېمالچى ئەمەس، بەلكى ئۆز گېئوسىياسىي تەقدىرىنى سىزىدىغان، ئۆز ئۆلچەملىرىنى بېكىتىدىغان بىر ئاكتىيور بولۇشى كېرەك.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
بۇ شەرھ ماقالىسىدە ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى دوكلات ۋە ماقالىلەردىن پايدىلىنىلدى:
- Atlantic Council. Convergence and Divergence in US and EU Policies on China.
https://www.atlanticcouncil.org/in-depth-research-reports/report/convergence-and-divergence-in-us-and-eu-policies-on-china/ - Atlantic Council. Czechia’s Policy on China: Swinging between Partnership and De-risking.
https://www.atlanticcouncil.org/in-depth-research-reports/report/czechias-policy-on-china-swinging-between-partnership-and-de-risking/ - Atlantic Council. France’s Policy on China: Strategic Autonomy and Less Naivete.
https://www.atlanticcouncil.org/in-depth-research-reports/report/frances-policy-on-china-strategic-autonomy-and-less-naivete/ - Atlantic Council. How Europe Deals with China in Trade, Technology and Security.
https://www.atlanticcouncil.org/in-depth-research-reports/report/how-europe-deals-with-china-in-trade-technology-and-security/ - Atlantic Council. Is Europe Waking Up to the China Challenge? How Geopolitics are Reshaping EU and Transatlantic Strategy.
https://www.atlanticcouncil.org/in-depth-research-reports/report/is-europe-waking-up-to-the-china-challenge-how-geopolitics-are-reshaping-eu-and-transatlantic-strategy/ - Atlantic Council. Navigating the Complexity of European Policymaking on China.
https://www.atlanticcouncil.org/in-depth-research-reports/report/navigating-the-complexity-of-european-policymaking-on-china/ - Atlantic Council. Poland’s Policy on China: From Partnership to Skepticism.
https://www.atlanticcouncil.org/in-depth-research-reports/report/polands-policy-on-china-from-partnership-to-skepticism/ - Atlantic Council. Recommendations for Coordinating US-EU Policy.
https://www.atlanticcouncil.org/in-depth-research-reports/report/recommendations-for-coordinating-us-eu-policy/ - Atlantic Council. The European Commission’s Role in Steering Europe’s Strategic Outlook.
https://www.atlanticcouncil.org/in-depth-research-reports/report/the-european-commissions-role-in-steering-europes-strategic-outlook/ - Atlantic Council. The Geopolitical Trends Shaping the EU’s Policies on China.
https://www.atlanticcouncil.org/in-depth-research-reports/report/the-geopolitical-trends-shaping-the-eus-policies-on-china/
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















