تۈلكە بىلەن شىر | پەلسەپەنىڭ قىسقىچە تارىخى

2021-يىلى 22-مارت

تۈلكە بىلەن شىر

نىككولو ماكياۋىللى

 

تەرجىمان: ئابدۇلھەفىز مەخسۇم

تەرجىمە تەھرىرى: ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

 

ئۆزىڭىزنى 16- ئەسىردە ئىتالىيەنىڭ فىلورېنسىيە ياكى ناپلېسقا ئوخشاش شەھەر دۆلىتىنى(بىرەر شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردىن تەركىب تاپقان دۆلەت -ت) باشقۇرغان شاھزادە دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. سىزدە مۇتلەق ھوقۇق بار. قارار چىقارسىڭىز شەرتسىز ئىجرا قىلىنىدۇ. سىزنى ئەيىبلىگەنلىكى ياكى سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنى تۈرمىگە تاشلىيالايسىز. نېمە دېسىڭىز شۇنى ئىجرا قىلىدىغان قوشۇنلىرىڭىزمۇ بار. لېكىن  دۆلىتىڭىزگە تاجاۋۇز قىلىش نىيىتىدە يۈرگەن يەنە باشقا شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىمۇ دۆلىتىڭىزگە خىرىس قىلىپ تۇرماقتا. بۇ ئەھۋالدا سىز قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ سىز يەنىلا سەمىمىي، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان، رھىمدىل، كىشىلەر ھەققىدە داۋاملق ياخشى گۇمان قىلىدىغان بىرى بولۇشىڭىز كېرەكمۇ؟

گەرچە بىز شۇنداق قىلماقچى بولساقمۇ، نىككولو ماكياۋىللى (1469- 1527)  بۇنداق قىلىشنى ئانچە توغرا ئەمەس دەپ قارىغان. ئۇنىڭچە بولغاندا، بەزىدە يالغان سۆزلەش، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىق، ھەتتا بەزىدە دۈشمەننى ئۆلتۈرۈش ئەۋزەل. ھۆكۈمدار ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىقتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، قابىلىيەتلىك بىر ھۆكۈمدار چوقۇم «ياخشى بولماسلىقنى ئۆگىنىۋېلىشى» كېرەك، ئەڭ مۇھىمى ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇش بولۇپ، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ھەر قانداق ۋاسىتىسى دېگۈدەك دۇرۇس ئىدى. ماكياۋىللىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئ‍وخشاش پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يازغان «شاھزادە (ھۆكۈمدارلار دەستۇرى دېگەن ئىسىمدا ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان -ت)» ناملىق كىتابىنىڭ 1532- يىلى نەشر قىلىنغاندىن بۇيان يامان نامدا مەشھۇر بولۇپ قېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. بەزىلەر بۇ كىتابنى رەزىل كىتاب دەپ ئاتىغان،  ياكى باندىتلار قوللانمىسى دەپ ئاتىغان، يەنە بەزىلەر ئۇنى سىياسەتتە يۈز بەرگەن ئىشلار توغرىسىدا يېزىلغان ئەڭ توغرا كىتاب دېيىشىدۇ. بۈگۈنكى سىياسەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى»نى ئوقۇيدۇ، ئەمما كىتابتىكى پىرىنسىپلارنى قوللانغانلىقىنى ئاشكارىلىماسلىق ئۈچۈن، ناھايىتى ئاز بىر قىسمىلا ئوقۇغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ. بەزىلىرى ئېتىراپ قىلىشمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ۋە تۇتقان يوللىرى كىتابقا ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويماقتا.

 

داۋامىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*