يېڭى دەۋردىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇۋازىنەت: 2025-يىللىق ياپونىيە – ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ۋە ئۇنىڭ گېئو-سىياسىي تەسىرى

2025-يىلى 23-دېكابىر

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار

مەزكۇر ماقالىدا، 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «ياپونىيە – ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى» نىڭ نەتىجىلىرى، ئىمزالانغان قوشما باياناتلار ۋە ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىملەر گە ئاساسلىنىپ ياپونىيەنىڭ رايوندىكى يېڭىدىن كۈچەيگەن رولى ئانالىز قىلىنىدۇ. ماقالىدە ياپونىيەنىڭ كاربونسىزلاشتۇرۇش، سىيرەك مەدەنلەر  ۋە «ئوتتۇرا كارىدور» قاتارلىق ساھەلەردىكى تەشەببۇسلىرىنىڭ رايوندىكى باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ  ئىستىراتىگىيەسىگە ۋە رايون تەڭپۇڭلۇقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىلمىي نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىندى.

1. «دىيالوگ» مېخانىزمدىن «شېرىكچىلىك» باسقۇچىغا ئۆتۈش

2025-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى، رايوننىڭ دىپلوماتىيە تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 2004-يىلى تەسىس قىلىنغان «ياپونىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دىيالوگى» مېخانىزمىنىڭ 20 يىلدىن بېرى تەرەققى قىلىپ، مىنىستىرلار ئۇچرىشىشى دەرىجىسىدىن دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى، ياپونىيەنىڭ ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى گېئو-سىياسىي ئىستراتېگىيەسىنى قايتىدىن تەڭشىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ياپونىيە تەرەپ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق، رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە پەقەت ئىقتىسادىي ياردەم بىلەنلا كۇپايىلەنمەي،  يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ھەمكارلىق باسقۇچىغا ئېلىپ چىقىشنى نىشان قىلماقتا[3].

ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، يەر شارىۋىي تەمىنات زەنجىرىنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بولۇپمۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان سىيرەك مېتاللار (Rare Earths) بىلەن تەمىنلەش ساھەسىدە، مەلۇم بىر دۆلەتكە بولغان بېقىنىشنى ئازايتىش ئېھتىياجى، ياپونىيەنى قېزىلما  بايلىق زاپىسى مول ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشقا ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە تېخنىكا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، سانائەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ياپونىيە بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىماقتا.

بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان «توكيو خىتابنامىسى» ۋە ئۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىنغان ھەرىكەت پىلانلىرى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرىنى «ئەنئەنىۋى دوستلۇق» مۇناسىۋېتىدىن  «ئەمەلىي مەنپەئەت ئاساسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك» كە ئۆزگەرتتى. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى — «ئىنسانىي قەدىر-قىممەت» (Human Dignity) ۋە «قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپلىرى دائىرىسىدە، رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشتۇر[1]. بۇ يېڭىچە پىرىنسىپلار، ياپونىيەنىڭ رايوندىكى  ئۆز رولىنى پەقەت «مەبلەغ سالغۇچى» لىقتىن «قىممەت قاراش شېرىكى» گە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

2. گېئو-سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ: كۆپ قۇتۇپلۇق دىپلوماتىيە ۋە تەڭپۇڭلۇق

ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك گېئو-سىياسىي مۇھىتنى ئانالىز قىلىش مۇھىم. 2025-يىلىغا كەلگەندە، «يەر شارى جەنۇبى» (Global South) دەپ ئاتىلىدىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئورنى گەۋدىلىك بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ مەركىزىي نۇقتىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. بۇ شارائىتتا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى سىياسەتتە بىر تەرەپكە بېقىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۆپ تەرەپلىمىلىك دىپلوماتىيەنى تېخىمۇ ئاكتىپ يۈرگۈزمەكتە. ياپونىيەنىڭ رايونغا يۈزلىنىشى دەل مۇشۇنداق بىر ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىقتى.

بىخەتەرلىك ۋە سىياسىي مۇستەقىللىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان، يېقىنقى يىللاردىكى خەلقئارا توقۇنۇشلار ۋە رايون ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن، دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە سىياسىي مۇقىملىقنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ قارىشىچە، ياپونىيە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنى قوللاش ئارقىلىق، رايوننىڭ مەلۇم بىر قۇتۇپنىڭ تولۇق كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىجابىي رول ئويناشنى كۆزلىمەكتە[4]. بۇ ئىستراتېگىيە، ياپونىيەنىڭ رايوندا مەۋجۇت بولۇۋاتقان گېئو-سىياسىي خەتەرلەرگە قارىتا «تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى» بولۇش رولىنى كۈچەيتىدۇ[7].

بۇ جەرياندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئامىل، رايوندىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىر كۈچلىرىنىڭ تەڭپۇڭلىشىشىدۇر. خىتاي «شىئەن باشلىقلار يىغىنى» (C5+1) ئارقىلىق رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ياپونىيە ئۆزىنىڭ «ئاسىيادىكى G7 ئەزاسى» بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، سۈپەتلىك ئۇل-ئەسلىھە ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى يېتىشتۈرۈشنى ئاساس قىلغان پەرقلىق ئىستراتېگىيەنى تاللىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ كۆلەملىك قەرز تۈرلىرىگە ئەمەس، بەلكى تېخنىكا يۆتكەش ۋە يەرلىك ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ قەرز خەۋپىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى پەسەيتىش ۋە سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كەلمەكتە[6].

ياپونىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، باش ۋەزىر ئوتتۇرىغا قويغان «تۈگۈن ئەمەس، بەلكى كۆۋرۈك بولۇش» (Bridges not Blocs) ئىدىيەسىدۇر[13]. بۇ ئۇقۇم، رايون دۆلەتلىرىنى غەرب بىلەن شەرق ئارىسىدا ياكى تۈرلۈك لاگېرلار ئارىسىدا تاللاشقا مەجبۇرلىماستىن، بەلكى ھەممە تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىش ئىمكانىيىتىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ياپونىيە ئۆزىنىڭ تېخنىكىلىق ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكىنى «تەڭداش تاللام» سۈپىتىدە سۇنۇش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك ھەرىكەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ئەمەلىي شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە.

رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمۇ كۈنتەرتىپنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولدى. 2025-يىللىق باشلىقلار يىغىنىدا، تەرەپلەر ئافغانىستان ۋەزىيىتى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە چېگرا بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى بىلدۈردى[10]. ياپونىيە ئىلگىرى ئاساسەن تەرەققىيات ياردىمى (ODA) بىلەن تونۇلغان بولسا، ئەمدىلىكتە چېگرا باشقۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، رايوننىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىغىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تۆھپە قوشۇشقا باشلىدى.

ئىجتىمائىي ۋە ئىنسانىي ئامىل جەھەتتە، ياپونىيەدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ قېرىلىشىشى ۋە ئەمگەك كۈچى ئېھتىياجى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ياش نوپۇسىغا بولغان قىزىقىشنى ئاشۇردى. باشلىقلار يىغىنىدا تىلغا ئېلىنغان «ماھارەتلىك ئىشچىلارنى تەربىيەلەش» (Skilled Workers Training) پىلانى، بىر تەرەپتىن ياپونىيەنىڭ ئەمگەك كۈچى بازىرىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ[8].

ئاخىرىدا، رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيانى «خەلقئارا قائىدىلەرگە ئاساسلانغان تەرتىپ» نىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالايدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ، ياپونىيەنىڭ بۇ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقى، خەلقئارا نورمىلار ۋە ئۆلچەملەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ساقلىنىپ قېلىشىغا ۋە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ[11].

3. ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ۋە بايلىق دىپلوماتىيەسى

بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرىدىن بىرى ئىقتىسادىي ساھەدە، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە، يېشىل تېخنىكا ۋە قېزىلما بايلىقلار ساھەسىدە كۆرۈلدى. ياپونىيە ئىقتىساد، سودا ۋە سانائەت مىنىستىرلىقى (METI) نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھالقىلىق قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇستەھكەملەش بويىچە بىر قاتار كېلىشىملەر ھاسىل قىلىندى[2]. بۇ كېلىشىملەر پەقەت خام ئەشيا سودىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى بايلىقلارنى قېزىش، پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىنى يۆتكەش ۋە تەننەرخ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ھالقىلىرىغا ئۆتۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلار بولغان سىيرەك مەدەنلەر ھېساپلىنىدىغان (Rare Earths) لىتىي ۋە ئۇران مەسىلىسىدە، ياپونىيە تەمىنلەش مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ مول  ئۇران ۋە مېتال زاپىسى، ياپونىيەنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائىتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلەر ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئېنىقسىزلىقلار، ياپونىيە بايلىق مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى ئۆگەتتى، 5].

ئېنېرگىيە ئۆزگىرىشى (Energy Transition) ساھەسىدە، ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ «كاربونسىزلاشتۇرۇش» مۇساپىسىگە تېخنىكىلىق شېرىك بولۇش ئارزۇسىنى بىلدۈردى. ياپونىيەنىڭ «يېشىل ئۆزگىرىش» (GX) تەشەببۇسى دائىرىسىدە، ئاساسلىقى ئىپتىدائىي ئېنېرگىيەگە تايىنىدىغان دۆلەتلەرگە، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، ئاممىياك ئارىلاشتۇرۇپ كۆيدۈرۈش تېخنىكىسى ۋە كاربون سۈزۈش تېخنىكىسى (CCUS) نى ئېكسپورت قىلىش پىلانلاندى. بۇ ھەمكارلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پاكىز ئېنىرگىيە نىشانىغا يېتىشىگە ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە، ياپونىيە كارخانىلىرى ئۈچۈن يېڭى بازار پۇرسىتى يارىتىدۇ.  12].

بايلىق ئېچىش جەريانىدا، ياپونىيەنىڭ «JOGMEC» (ياپونىيە نېفىت، گاز ۋە مېتاللار مىللىي شىركىتى) ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرى، تېخنىكىلىق ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ياپونىيە تەرەپ پەقەت قېزىلما بايلىقنى ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇتەخەسسىسلەرنى   قىدىرىش ۋە باشقۇرۇش بويىچە تەربىيەلەپ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز بايلىقىنى ئۆزى ئېچىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە ھەسسە قوشماقتا.

ئاخىرىدا، ياپونىيە بانكىلىرى ۋە سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى (NEXI, JBIC) نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى مەبلەغ سېلىش خەۋپىنى كونترول قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ۋەدە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيەنىڭ خۇسۇسىي شىركەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا مەبلەغ سېلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «سۈپەتلىك ئۇل ئەسلىھە» ئۆلچىمىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپىيىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

4. قاتناش ۋە تەمىنات : «ئوتتۇرا كارىدور» ۋە كۆپ خىللاشقان سودا يوللىرى

ياپونىيە – ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى — خەلقئارا قاتناش ۋە تەمىنات لىنىيەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش مەسىلىسىدۇر. يېقىنقى يىللاردىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى  قۇرۇقلۇق يوللىرىدا بەزى توسالغۇلار كۆرۈلدى. بۇ ئەھۋالدا، كاسپىي دېڭىزى ئارقىلىق ئۆتىدىغان «ئوتتۇرا كارىدور» نىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى ئاشتى. 2025-يىللىق باشلىقلار يىغىنىدا، ياپونىيە بۇ كارىدورنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىدى[14].

ياپونىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ كارىدور پەقەت بىر توشۇش لىنىيەسىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دۇنيا بازىرى بىلەن تۇتىشىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تۈگۈنىدۇر. ياپونىيە شىركەتلىرى كاسپىي دېڭىزىدىكى پورتلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پورت كرانلىرى ۋە رەقەملىك باشقۇرۇش سىستېمىلىرىنى تەمىنلەشنى پىلانلىدى. بۇ تىرىشچانلىق، رايوننىڭ تەمىنات مۇستەقىللىقىنى ئاشۇرۇپ، سودا يوللىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ.

بۇ كارىدورنىڭ راۋانلىشىشى تەمىنات لىنىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم. ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىمپورت قىلىدىغان بايلىقلارنى ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە ئازراق بېقىنغان ھالدا بىۋاسىتە ياۋروپا ياكى تۈركىيە ئارقىلىق دېڭىز يولى بىلەن توشۇشى، خەۋپ-خەتەرنى تارقاقلاشتۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. 2025-يىلىدىكى يىغىندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى «يېڭى يىپەك يولى» نى رەقەملىك ۋە يېشىل تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى، بۇ ئارقىلىق ئەنئەنىۋى سودا يوللىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشان قىلىندى[9].

بۇ ساھەدە ياپونىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى (EU) بىلەنمۇ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش يۈزلىنىشىدە بولماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «Global Gateway» تەشەببۇسى بىلەن ياپونىيەنىڭ «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» (FOIP) ئىستراتېگىيەسى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا ئۆز-ئارا تولۇقلاش خاراكتېرىگە ئىگە. بۇ خىل كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق، رايوندىكى قاتناش تورىنى ياخشىلاشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

 ئەشيا ئوبورۇتى ۋە تەمىنات ھەمكارلىقى قاتتىق دېتال (يول، كۆۋرۈك، پورت) قۇرۇلۇشى بىلەن بىرگە، «يۇمشاق دېتال» (قانۇنىي بەلگىلىمىلەر، تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش) ئىسلاھاتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى. ياپونىيەنىڭ چېگرا باشقۇرۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتىنى باشقۇرۇشتىكى تەجرىبىلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى سودا توسالغۇلىرىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىپ، رايون ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

5. خۇلاسە

يۇقىرىدىكى تەھلىللەر شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، 2025-يىللىق ياپونىيە – ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. ياپونىيەنىڭ  ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە، پەقەت قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك گېئو-سىياسىي تەڭپۇڭلۇقنى، سىجىل تەرەققىياتنى نىشان قىلغانلىقى ئېنىق. ياپونىيە ئۆزىنى مەزكۇر رايوندا مەۋجۇت باشقا شىرىكلەرگە تەڭداش، ئىشەنچلىك ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىق شېرىكى سۈپىتىدە نامايان قىلدى.

بىراق، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا يەنىلا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى رېئال مەسىلىلەر ۋە خىرىسلار مەۋجۇت. مەسىلەن، رايوندىكى باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تەسىرى ۋە مەۋجۇت بىخەتەرلىك قۇرۇلمىلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە مەلۇم دەرىجىدە ئېھتىياتچان بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇغراپىيەلىك ئارىلىق ۋە توشۇش تەننەرخىمۇ سودا رىقابەت كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئوبيېكتىپ ئامىلدۇر.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، 2025-يىلىدىكى بۇ باشلىقلار يىغىنى، ياپونىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئاكتىپ رولىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. «يېڭى دەۋردىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك»، ئەگەر «توكيو خىتابنامىسى» دە بەلگىلەنگەن يۆنىلىش بويىچە ئەمەلىي قەدەملەر بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلسە، كەلگۈسى ئون يىلدا ياۋرو-ئاسىيا رايونىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنزىرىسىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

[1] Ministry of Foreign Affairs of Japan. (2025, December 20). Joint Statement of the Central Asia plus Japan Summit. Tokyo. https://www.mofa.go.jp/mofaj/erp/ca_c/pageit_000001_02664.html

[2] Ministry of Economy, Trade and Industry (METI). (2025, December 20). Agreement on Critical Minerals and Decarbonization Cooperation with Central Asia. Tokyo. https://www.meti.go.jp/press/2025/12/20251220001/20251220001.html

[3] Prime Minister’s Office of Japan. (2025, December 20). Press Conference by Prime Minister regarding the Central Asia Summit. https://www.kantei.go.jp/jp/104/statement/2025/1220kaiken.html

[4] Ministry of Foreign Affairs of Japan. (2025). Central Asia and Japan Dialogue. https://www.mofa.go.jp/mofaj/area/europe/caj/index.html

[5] Nikkei. (2025, December 18). Japan seeks rare earth stability in Central Asia Summit. https://www.nikkei.com/article/DGXZQOUA18CWR0Y5A211C2000000/

[6] Asahi Shimbun. (2025, December 20). New Era of Diplomacy: Japan and Central Asia strengthen ties. https://www.asahi.com/sp/articles/ASTDN1HB7TDNUHBI00CM.html

[7] Yomiuri Shimbun. (2025, December 20). Strategic Partnership against Geopolitical Risks. https://www.yomiuri.co.jp/politics/20251220-GYT1T00088/

[8] Jiji Press. (2025, December 20). Focus on Decarbonization and Human Resource Development. https://www.jiji.com/jc/article?k=2025122000094&g=pol

[9] Euronews. (2025, December 20). Central Asia and Japan discuss new cooperation formats at inaugural Tokyo summit. https://www.euronews.com/2025/12/20/central-asia-and-japan-discuss-new-cooperation-formats-at-inaugural-tokyo-summit

[10]     Prime Minister’s Office of Japan. (2025, December 20). Diplomatic Relations: Central Asia Dialogue. https://japan.kantei.go.jp/104/diplomatic/202512/20cajad.html

[11]     Eurasian Research Institute. (2025). Japan’s Engagement with Central Asia: 15 Years of the Dialogue. https://www.eurasian-research.org/publication/japans-engagement-with-central-asia-15-years-of-the-dialogue/

[12]    Embassy of Uzbekistan in France. (2025). Uzbekistan and Japan: New Horizons. https://www.ouzbekistan.fr/news/3146?language=en

[13]     The Times of Central Asia. (2025). Bridges Not Blocs: Japan’s Central Asia Approach. https://timesca.com/bridges-not-blocs-japans-central-asia-approach/

[14]     South China Morning Post (SCMP). (2025, December 21). Japan back in Central Asia: New summit, AI, minerals and transport. https://www.scmp.com/week-asia/economics/article/3336861/japan-back-central-asia-new-summit-ai-minerals-and-transport

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*