ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
ئوتتۇرا شەرق رايونى تارىختىن بۇيان گېئوپولىتىكىلىق ۋەزىيەتتىكى زور تەۋرىنىشلەر ۋە ئۇرۇشلارنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ھەر قېتىملىق زور كىرىزىس بۇ رايوننىڭ سىياسىي خەرىتىسىدە ئەسلىگە كەلمەس ئۆزگىرىشلەرنى قالدۇرغان. 1948-يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇشى، 1967-يىلىدىكى ئۇرۇش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى شۇنداقلا غەززە رايونىنى ئىشغال قىلىشى، 1979-يىلىدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابى، سادام ھۈسەيىننىڭ 1980-يىلى ئىرانغا ۋە 1990-يىلى كۇۋەيتكە قىلغان ھۇجۇملىرى، شۇنداقلا 2003-يىلى ئامېرىكانىڭ ئىراققا بېسىپ كىرىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى رايوننىڭ مۇقىمسىزلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدۇر. نۆۋەتتە ۋاقىتلىق ئەمما ئېنىقسىز بىر ئۇرۇش توختىتىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان 2026-يىلىدىكى «ئىران ئۇرۇشى» مۇ خۇددى ئىلگىرىكى كىرىزىسلارغا ئوخشاشلا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ كەلگۈسىگە مەڭگۈلۈك ۋە چوڭقۇر تامغا باسىدىغان يېڭى بىر تارىخىي ۋەقەگە ئايلانماقتا.
دەل مۇشۇنداق بىر ئىستراتېگىيەلىك بۇرۇلۇش پەيتىدە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئوتتۇرا شەرق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئانالىزچىسى، دۆلەتلىك ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى بويىچە تەكلىپلىك پىروفېسسورى، شۇنداقلا ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشى تەتقىقات ئورنى ئوتتۇرا شەرق پىروگراممىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ئامىر ئاسمار (Amir Asmar) ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغان بىر تەھلىل ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ 2026-يىلى 14-ماي «ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا مەنبەسى» (MENASource) تورىدا ئېلان قىلغان «ئىران ئۇرۇشىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىدىغان بەش تەرىپى» (Five ways the Iran war will forever alter the Middle East) ناملىق ماقالىسىدە مەزكۇر ئۇرۇشنىڭ رايونغا كۆرسىتىدىغان بەش چوڭ تەسىرىنى شەرھلىگەن. گەرچە جەڭ مەيدانىدىكى ئىس-تۈتەكلەر ۋاقىتلىق بېسىققان بولسىمۇ، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكىتى ئوتتۇرا شەرقنىڭ گېئوپولىتىكىلىق تۈزۈلۈشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكى ماقالىدە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.
ئاسمارنىڭ كۆزىتىشىچە، بۇ ئۇرۇشنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى شۇكى، تېھران ھاكىمىيىتى گەرچە ئۆرۈلۈپ چۈشمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ، رەھبەرلىك قاتلىمى تېخىمۇ پارانويا (ۋەسۋەسە) ھالىتىگە كىرىپ قالىدۇ. ئۇرۇشتىن قېپقالغان ئازغىنە بايلىق ۋە كۈچ بىرىنچى نۆۋەتتە تاشقى تەھدىتكە ئەمەس، بەلكى ھاكىمىيەتنى ئىچكى قوزغىلاڭلاردىن قوغداشقا سەرپ قىلىنىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئاجىزلىق يېڭى خەلق نامايىشلىرىنى قوزغىتىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرسىمۇ، ھاكىمىيەتنىڭ بۇرۇنقىدەك قانلىق باستۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ئىقتىدارى چېكىنىپ، ئۆز زېمىنىنى تولۇق كونترول قىلىش كۈچىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى. بۇ خىل بوشلۇق، ماقالىدە تەكىتلەنگەندەك، مىللىي ۋە ئېتنىك قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە كەڭ يول ئېچىپ بېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېھران ھاكىمىيىتى بۇ خىل مەۋجۇدىيەت كىرىزىسى ئىچىدە يېڭى ئىستراتېگىيەلىك توسۇش كۈچى يارىتىش ئۈچۈن خەتەرلىك قەدەملەرنى بېسىشى مۇمكىن. ئاسمارنىڭ ئانالىزىچە، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا يادرو پىروگراممىسىنى چەكلەش بويىچە يېڭى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، ئىران رەھبەرلىكى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى «يادرو قورالى ياساش چېكىدە تۇرۇش» سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. نەتىجىدە، تېھران خۇددى شىمالىي كورېيەگە ئوخشاش، يادرو قورالىنى سىناق قىلىپ، ئۆزىنى يادرو دۆلىتى دەپ ئاشكارا ئېلان قىلىش ئارقىلىقلا تاشقى ھۇجۇملاردىن قوغدىنالايمىز، دېگەن قارارغا كېلىشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.
ئەمما بۇ نۇقتىغا نىسبەتەن ئوبيېكتىپ ۋە تەنقىدىي كۆز بىلەن قارىغاندا، غەرب ئانالىزچىلىرىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى توغرىسىدىكى مۆلچەرلىرى كۆپىنچە ھاللاردا رېئاللىقتىن سەل يىراقلاپ كەتتى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سىرتقى كۈچلەرنىڭ ھەربىي ھۇجۇمى مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ ئۆرۈلۈشىنى تېزلىتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرنى «دۆلەت خائىنى» ياكى «چەتئەلدىكى دۈشمەننىڭ قورچىقى» دېگەن نام بىلەن باستۇرۇشقا ئەڭ ياخشى سىياسىي باھانە تېپىپ بېرىدۇ. ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشى ئۇنىڭ مۇتلەق ھاكىمىيەت مېخانىزمىنىڭ پارچىلىنىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئۇ تېخىمۇ رادىكاللىشىپ، «دۆلەت بىخەتەرلىك» بايرىقى ئاستىدا ھاكىمىيەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇشى مۇمكىن.
ئاسمار ئوتتۇرىغا قويغان ئىككىنچى مۇھىم يۈزلىنىش ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن چېكىنىش ئارزۇسىنىڭ يەنە بىر قېتىم سۇغا چىلىشىشىدۇر. گەرچە ۋاشىنگتون بىر قانچە نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت مەزگىلىدە ئىستراتېگىيەلىك مەركىزىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، غەززە ئۇرۇشى ۋە ئارقىدىنلا پارتلىغان ئىران ئۇرۇشى ئامېرىكانى قايتىدىن بۇ رايونغا باغلاپ قويدى. ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، شۇنداقلا ۋاشىنگتوننىڭ غەززەنىڭ كەلگۈسى پىلانىغا ۋە ئىرانغا قارشى ئۇرۇشقا بىۋاسىتە ئارىلىشىشى ئامېرىكانىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.
بۇنىڭدىن سىرت، ھورمۇز بوغۇزىنى ئوچۇق تۇتۇش ۋە ئېنېرگىيە لىنىيەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسى يەنىلا ئامېرىكانىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ. گەرچە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ يۈكنى ياۋروپاغا ئىتتىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە (GCC) ئەزا دۆلەتلەر بەھرەين، كۇۋەيت، ئومان، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئامېرىكانىڭ ھەربىي قوغدىشىدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. بۇ دۆلەتلەر ئىراننىڭ ئۇلارنىڭ ئېنېرگىيە ۋە پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئامېرىكانىڭ توسۇپ قالالمىغانلىقىدىن نارازى بولسىمۇ، نۆۋەتتە رايوندا مۇكەممەل بىر بىرلەشمە مۇداپىئە قۇرۇلمىسى بولمىغانلىقتىن، پەقەت يەنىلا ۋاشىنگتونغىلا تايىنىشقا مەجبۇر بولماقتا.
تەنقىدىي نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلغاندا، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىنەلمەسلىكى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ نەچچە ئون يىللىق دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ قۇرۇلمىلىق مەغلۇبىيىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئامېرىكا ئۇزۇندىن بۇيان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل ۋە كۈچلۈك بولغان ئورتاق مۇداپىئە كۈچىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ سېتىۋالغۇچى خېرىدارلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋاشىنگتونغا بولغان بېقىندىلىقىنى مەقسەتلىك ساقلاپ كەلدى. شۇڭلاشقا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكاغا داۋاملىق تايىنىشى ئامېرىكانىڭ قۇدرىتىنى ئەمەس، بەلكى رايوننىڭ سۈنئىي ئاجىزلاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ماقالىدىكى ئۈچىنچى مۇھىم نۇقتا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىدىكى يوشۇرۇن يېرىقنىڭ كېڭىيىشىدۇر. ئاسمارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ئىران ئۇرۇشى ئامېرىكا خەلقى ئارىسىدا قەتئىي ئالقىشقا ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، «ئىسرائىلىيە ئامېرىكانى ئۆزى خالىمايدىغان بىر ئۇرۇش پاتقاقلىقىغا سۆرەپ كىردى» دېگەن قاراش كەڭ تارقالماقتا. بولۇپمۇ ئامېرىكا خەلقى بۇ ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلىرىنى ئۆزى بىۋاسىتە تارتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكانىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ جەڭگە قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر تېخىمۇ كەسكىنلەشمەكتە.
غەززە ئۇرۇشىدىكى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئامېرىكا خەلقى ئىچىدىكى ئوبرازى ئاللىقاچان ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئىسرائىلىيە ئۈچۈن، بۇ يېڭى ۋەزىيەت تېخىمۇ خەتەرلىك. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، سىياسىيونلار ۋە ئاۋام ئارىسىدا ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە بېرىدىغان ھەربىي ياردىمىنى مەلۇم شەرتلەرگە باغلاش، ئىسرائىلىيەنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىن كېلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلەرنى قايتىدىن باھالاپ چىقىش سادالىرى كۈچەيمەكتە.
گەرچە بۇ تەھلىل ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى يۈزلىنىشنى توغرا كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئوبيېكتىپ ئانالىزدا شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇكى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىسرائىلىيەگە بولغان نارازىلىقى بىلەن ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئاپپاراتى ۋە ھەربىي سانائەت گۇرۇھلىرىنىڭ سىياسىي قارارلىرى ئوتتۇرىسىدا غايەت زور پەرق بار. ۋاشىنگتوندىكى تۈزۈلمە خاراكتېرلىك ئىسرائىلىيەپەرەس سىياسىي كۈچلەر ۋە ئىزچىللاشقان ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت باغلىنىشى، قىسقا ۋە ئوتتۇرا مەزگىلدە ئاۋامنىڭ نارازىلىق سادالىرى بىلەنلا تۈپتىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. خەلق نارازى بولسىمۇ، دۆلەت مەشغۇلاتى ئۆز ئىزىدا كېتىۋېرىشى مۇمكىن.
ئاسمار ئوتتۇرىغا قويغان تۆتىنچى يۈزلىنىش بولسا، ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئىسرائىلىيەگە بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىگە چىقىشىدۇر. 2026-يىلى 28-فېۋرالدىكى ئىران ئۇرۇشى پارتلاشتىن ئىلگىرىلا، ئەرەب بارومېتىرى (Arab Barometer) نىڭ راي سىناش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، غەززەدىكى قىرغىنچىلىق ۋە ئېتنىك تازىلاش سەۋەبلىك ئىسرائىلىيە ئەرەب خەلقى ئۈچۈن ئەڭ نەپرەتلىك ئوبيېكت بولۇپ قالغان ئىدى. ئەرەب كۆزەتكۈچىلىرى ئىرانغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئايرىم بىر ۋەقە دەپ ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە، غەربىي قىرغاق، سۈرىيە، لىۋان ۋە قاتارغىچە سوزۇلغان يەرشارىۋى زومىگەرلىك كېڭەيمىچىلىكىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرمەكتە. بۇ جەرياندا ئىسرائىلىيەنى چەكسىز قوللىغان ئامېرىكامۇ ئەرەب خەلقى نەزىرىدە ئوخشاشلا رەزىل كۈچ بولۇپ نامايان بولماقتا.
ئەرەب پىكىر كۆرسەتكۈچى (Arab Opinion Index) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەرەب خەلقىنىڭ 44 پىرسەنتى ئىسرائىلىيەنى، 21 پىرسەنتى ئامېرىكانى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتى دەپ قارايدۇ؛ ئىراننى تەھدىت دەپ قارايدىغانلار پەقەت 6 پىرسەنتنىلا ئىگىلىگەن. زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ 87 پىرسەنتى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ خىل كۈچلۈك خەلق رايى ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتە رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ۋە قاتناش كارىدورلىرىنى بەرپا قىلىش پىلانىنى ئاساسەن ۋەيران قىلىدۇ. ئەرەب رەھبەرلىرى خەلقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، تېل ئاۋىۋ بىلەن ئاشكارا ھەمكارلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
ئەلۋەتتە، تەنقىدىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەرەب خەلقى بىلەن ئەرەب دىكتاتور ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەيدان پەرقىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك. ئەرەب ھاكىمىيەتلىرى تارىختىن بۇيان ئۆز خەلقىنىڭ رايىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن. گەرچە ئاشكارا دىپلوماتىيەلىك نورماللىشىش توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئەرەب رەھبەرلىرى تېخنىكا، ئىستخبارات ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە ئىسرائىلىيە بىلەن يەر ئاستى ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشى، ھەتتا كۈچەيتىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى ھاكىمىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىراننىڭ تەھدىتى خەلقنىڭ مىللىي ھېسسىياتىدىن بەكرەك رېئال ۋە تەخىرسىزدۇر.
ئاسمارنىڭ ماقالىسىدىكى بەشىنچى ۋە ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا، پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتە تېخىمۇ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش ئىزدىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىراننىڭ بۇ ئۇرۇشتا قولتۇق دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرى بۇ دۆلەتلەرنى قاتتىق چۆچۈتتى. ئۇلار شۇنى تونۇپ يەتتىكى، ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك ھەربىي كېلىشىملەر ئۇلارنى ھۇجۇمدىن قوغدىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنى ئىراننىڭ نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇ ساۋاق ئۇلارنى ئۆزئارا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە مەجبۇرلايدۇ.
شۇ سەۋەبتىن، گەرچە كېڭەشكە ئەزا ئالتە دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئىختىلاپلار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) غا ئوخشاش مۇكەممەل بىر شەرتنامە تۈزۈشكە توسالغۇ بولسىمۇ، لېكىن يېقىنراق مۇداپىئە بىر گەۋدىلىشىشى يەنىلا كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ئامېرىكانىڭ قوغداش ۋەدىلىرىگە بولغان گۇماننىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، قولتۇق دۆلەتلىرى خىتاي، پاكىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، ھەتتا كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار بىلەن ئۆزىنى قوغداش كۈچى يارىتىشنى ئويلىشىشى مۇمكىن.
قانداقلا بولمىسۇن، قولتۇق دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى ئىتتىپاقداش ئىزدەش يولىدىكى قەدەملىرىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تاكتىكىلىق بىر ئويۇن بولۇشى مۇمكىن. يەنى ئۇلارنىڭ خىتاي ياكى رۇسىيەگە يېقىنلىشىشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكاغا بېسىم ئىشلىتىپ، ۋاشىنگتوندىن تېخىمۇ كۆپ قورال-ياراغ ۋە سىياسىي مۇرەسسە تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئوينالغان بىر دىپلوماتىيەلىك كارتا بولۇشى كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە. چۈنكى خىتاي ياكى رۇسىيەنىڭ ھازىرچە ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان ھەربىي قۇرۇلمىسى ۋە ھەقىقىي ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارى يوق.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئامىر ئاسمارنىڭ تەھلىللىرى بىزگە يېڭى گېئوپولىتىكىلىق رېئاللىقنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونى ھەر دائىم ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان كۈتۈلمىگەن يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، ئىران ئۇرۇشىنىڭ ۋەيرانچىلىقى ئامېرىكا تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز يېڭى خىرىسلارنى يارىتىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئۇرۇش مەيدانىدىكى ھەربىي غەلىبىلىرىنى سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتكە ئايلاندۇرالمىسا، بۇ ئۇرۇش خۇددى ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى توقۇنۇشلىرىغا ئوخشاشلا، پەقەت قېنى تۆكۈلگەن ۋە پۇل-مال ئىسراپ قىلىنغان بىر تراگېدىيەلىك ئويۇن بولۇپ تارىخقا يېزىلىدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان رايونلۇق كىرىزىسلارنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















