رەقەملىك سەھنە، كۆرۈنمەس زوراۋانلىق: خىتاينىڭ «ئورتاق تەقدىر» ھېكايىسىدىكى ئۇيغۇر ئوبرازى

2025-يىلى 21-دېكابىر


ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار

قىسقىچە مەزمۇنى

بۇ ماقالىدە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت كىملىكى قۇرۇلۇشى سىياسەتلىرىنىڭ رەقەملىك تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق قانداق قانۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ياكى يوللۇقلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى تەنقىدىي نۇقتىئىنەزەردىن ئانالىز قىلىنىدۇ. ماقالىدە شى جىنپىڭ دەۋرىدە تېزلەشكەن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» بايانىنىڭ  مەۋھۇم رېئاللىق (VR)، كۈچەيتىلگەن رېئاللىق (AR) ۋەمەخسۇس ياسالغان  تور ئويۇنلىرى ئارقىلىق قانداق قىلىپ بىر «تېخنىكىلىق رازىلىق» مېخانىزمىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى تەھلىل قىلىنىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى فىرانكفورت ئېقىمىنىڭ  مەدەنىيەت سانائىتى نەزىرىيەسى، گىرامشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئۇقۇمى ۋە سپىۋاكنىڭ بېقىندىلىققا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرى نۇقتىسىدىن؛ خىتاينىڭ رەقەملىك ھېكايىلىرىنىڭ پەقەت بىر ئالاقە قورالى ئەمەسلىكى، ئەكىسچە  ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي خاتىرىسىنى قايتا يېزىپ، ئۇيغۇر كىملىكىنى فولكلورلۇق بىر ئوبيېكتىغا تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق سىياسىي سۇبيېكت يەنى كۈچ بولۇشىنى توسىدىغان ئىدېئولوگىيەلىك قوراللار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ماقالىدە يەنە، رەقەملىك ئېستېتىكىنىڭ زوراۋانلىقنى قانداق پەردىلەيدىغانلىقى ۋە  كەڭ قوللىنىلىۋاتقان تاراتقۇ تېخنىكىلىرىنىڭ قانداق قىلىپ بىر «نازارەت جەمئىيىتى» قورالىغا ئايلانغانلىقى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

كىرىش سۆز

رەقەملىك دەۋرگە قەدەم قويۇش بىلەن بىرگە، دۆلەتلەرنىڭ كىملىك ۋە ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشىدا قوللىنىدىغان قوراللىرى تۈپتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. ئەمدىلىكتە پەقەت مائارىپ سىستېمىسى، يازما تاراتقۇ ياكى تارىخ دەرسلىكلىرىلا ئەمەس؛ بەلكى مەۋھۇم رېئاللىق (VR)، كۈچەيتىلگەن رېئاللىق (AR) ياكى ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان رەقەملىك ھېكايىلەرمۇ مىللىي كىملىك قۇرۇلمىسىنىڭ سەھنىلىرىگە ئايلاندى( كېللنېر، 1995).  يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى»  بايانىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن قوللانغان رەقەملىك تاراتقۇ ئىستراتېگىيەلىرى، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان مىساللىرىدىن بىرىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان نۇقتىسىدىن، بۇ بايان   مەدەنىيەت بىرلىكى چاقىرىقى ئەمەس؛ خىتاي دۆلىتىنىڭ  ئېتنىك كۆپ خىللىقنى سىياسەت بىلەن كونتروللۇق قىلىشنىڭ رەقەملىك ئىپادىسىدۇر. بۇ رامكىدا رەقەملىك ھېكايە، بىر «تېخنىكىلىق يېڭىلىق» بولۇشتىن ھالقىپ،  ئۇيغۇرلارنىڭ رازىلىقىنى شەكىللەندۈرىدىغان بىر تاراتقۇ مەيدانىغا ئايلىنىدۇ (جاۋ، 2008).

بۇ ماقالىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسەتلىرى دائىرىسىدە تەرەققىي ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان«ئورتاق كىملىك»كە دائىر رەقەملىك ھېكايىلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىرىنى تەنقىدىي تاراتقۇ نەزەرىيەسى ۋە مەدەنىيەت ۋەكىللىكى نۇقتىسىدىن يېشىپ بېرىش مەقسەت قىلىنىدۇ. تاراتقۇ تېخنىكىلىرىنىڭ ھېسسىيات، كۆرۈنۈش ئارقىلىق قانداق قىلىپ بىر «ئىدېئولوگىيەلىك قايىل قىلىش ئۈسكۈنىسى»گە ئايلانغانلىقى مۇلاھىزە قىلىنىش بىلەن بىرگە،  مەدەنىيەت ۋەكىللىكىنىڭ چېگرالىرى ھەققىدىمۇ سوئاللار جاۋابلىنىدۇ: رەقەملىك ھېكايىلەردە كىمنىڭ ياكى كىملەرنىڭ ھېكايىسى، كىمنىڭ تىلىدىن، قانداق مەقسەت بىلەن بايان قىلىنىدۇ؟

  1. نەزەرىيەۋى رامكا: تاراتقۇ، ئىدېئولوگىيە ۋە ۋەكىللىك

تەنقىدىي تاراتقۇ نەزەرىيەسى، بولۇپمۇ فىرانكفورت ئېقىمى مۇتەپەككۇرلىرى ئارقىلىق تاراتقۇلارنى، ھاكىمىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك قوراللىرىنىڭ كۆرۈنمەس ھالەتلەردە قايتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بىر «مەدەنىيەت سانائىتى» دەپ تەرىپلەيدۇ. ئادورنو ۋە خوركخېيمېرنىڭ قارىشىچە، ئاقارتىش دەۋرىدە تېخنىكا ۋە تاراتقۇ، شەخسنى ئەركىنلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى سىستېمىنىڭ پاسسىپ ئىستېمالچىسىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۆلچەملىك پۇقرا قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان «رەقەملىك ھېكايە» (数字叙事) سىياسىتى، بۇ نەزەرىيەۋى رامكىدا  ئادورنونىڭ ئىبارىسى بىلەن ئېيتقاندا «پۇقرالىق لېيىنىڭ» تېخنىكىلىق جەھەتتىن قايتا يۇغۇرۇلىشىدۇر(ئادورنو ۋە خوركخېيمېر، 2010).

ئا. تېخنىكىلىق ئەقلىيلىك ۋە مەدەنىيەت سانائىتى

تاراتقۇ تېخنىكىلىرى پەقەت ئۇچۇر تەمىنلىمەيدۇ؛ ھېسسىياتلارنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئىستەكلەرنى  بىر خىللاشتۇرىدۇ ۋە شەخسنىڭ سىياسىي ئېڭىنى بىر خىللاشتۇرىدۇ. خېربېرت ماركۇسېنىڭ «بىر ئۆلچەملىك ئادەم»  ئۇقۇمى  دەل بۇنى ئىپادىلەيدۇ. خىتاي تاراتقۇلىرى سۇنغان يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆرۈنۈشلەر، تەنقىدىي ئەقىلنى پاسسىپ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدىغان «تېخنىكىلىق تاكتىكا» تۇر. كۆرۈرمەن، «ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش» ۋە «ئويۇن » شۇئارلىرى تەسىرىدە ئۆزىنىڭ ئەركىن ئىكەنلىكىنى ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە سىستېما بەلگىلىگەن چېگرالار ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. ماركۇسې كۆرسەتكەندەك، تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىنىڭ راھەتلىكى ۋە كۆرۈرمەننىڭ كۆڭلىنى ئېچىشى، «رىجىمنىڭ ئەقلىي تاكتىكىسى»دۇر ( ماركۇسېن، 1964) .  شۇڭامەۋھۇم دۇنيادىكى ساختا رېئاللىق ئېكرانلىرى (VR) بىلەن سۇنۇلغان «بەختلىك شىنجاڭ» ئويدۇرما كۆرۈنۈشى، رېئاللىقتىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۈستىنى ياپقان ئېستېتىك بىر پەردىدۇر.

ب. ھۆكۈمرانلىق ۋە رەقەملىك «رازىلىق»نى شەكىللەندۈرۈش

ئانتونىيو گىرامشىنىڭ «رازىلىق شەكىللەندۈرۈش» (manufacture of consent) ئۇقۇمى، خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» سىياسىتىنى چۈشىنىشتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. دۆلەتنىڭ سۆزلەم كۈچى، بىۋاسىتە بېسىمدىن (زوراۋانلىققا تايانغان ھۆكۈمرانلىق) بەكرەك، «تەبىئىي» ۋە «سەگەك ئەقىل» دەك كۆرۈنىدىغان مەدەنىيەت ئەمەلىيەتلىرى بىلەن ئىجتىمائىي ھۆكۈمرانلىق يارىتىدۇ  (گىرامش، 1971) . بۇ نۇقتىدىن تەھلىل قىلىنغىنىدا،  خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر رەقەملىك تاكتىكىلىرى، «رازىلىققا تايانغان ئىتتىپاقلىق» كۆرۈنۈشىنى سەھنىلەشتۈرىدۇ. رەقەملىك مۇزېيلار، تەسىرچان ئويۇنلار (مەسىلەن، «Black Myth: Wukong» ئارقىلىق قۇرۇلغان مىللەتچىلىك) ياكى «قىزىل ساياھەت» ئەپلىرى ئارقىلىق، كۆرۈرمەننى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىتتىپاقلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. ھالبۇكى بۇ ئىتتىپاقلىق، كۆپ خىللىقتىن بەكرەك خىتاي مەركەزلىك كىملىكنى  مۇقەددەسلەشتۇرىدۇ؛ گىرامشىنىڭ قارىشى بىلەن ئېيتقاندا، تۆۋەن قاتلاملارنىڭ ياكى ئاز سانلىقلارنىڭ، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئۆز مەنپەئەتىگە  ئۇيغۇن بىلىپ رازىلىق بىلەن قوبۇل قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

ج. ۋەكىللىك (تەمسىل) سىياسەتلىرى ۋە ئىچكى شەرقشۇناسلىق

مەدەنىيەت ۋەكىللىك قىلىش نەزەرىيەسى، رېجىمنىڭ «نىمىنى، قانداق سەھنىلەشتۈرگەنلىكىنى» چۈشىنىش ئۈچۈن ئىشقا يارايدۇ. ستۇئارت ھول (Stuart Hall) نىڭ قۇرۇلمىۋى ۋەكىللىك قىلىش قارىشى، مەدەنىيەت مەنىلىرىنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكىنى، شەكىللىنىش جەريانىدا ھۆكۈمرانلىق مۇناسىۋەتلىرى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ  (ھول، 1997) . خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى «ئانار دانىلىرىدەك زىچ ئۇيۇشقان خەلق» مېتافورىسى، مەنىنىڭ ھاكىمىيەت تەرىپىدىن سىڭدۈرۈلۈش تىرىشچانلىقىدۇر.

ئېدۋارد سەئىدنىڭ «شەرقشۇناسلىق» ئانالىزى بولسا، بۇ يەردە خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى «شەرقى»گە قارىشىغا، يەنى «ئىچكى شەرقشۇناسلىق»قا (Internal Orientalism) تەتبىقلىنىشى مۇمكىن( سچېين، 1997 ۋە سەئىد 1978).  مەركەزنىڭ (بېيجىڭ/خىتاي مەدەنىيىتى) چەت-ياقىغا (ئۇيغۇر) قارىشى، بىتەرەپ بىر ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئەمەس، بىر ھۆكۈمرانلىق مۇناسىۋىتىدۇر. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، رەقەملىك ھېكايىلەردە ئۇسسۇل، ناخشا ۋە مەنزىرىدىن ئىبارەت «سىرلىق ۋە باشقىچە» بىر ئوبيېكتقا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي سۇبيېكتلىق ۋە ئىسلامىي كىملىك چاپىنى سالدۇرۇلۇپ ، خىتاي مىللىي ھېكايىسىنىڭ زىيانسىز، رەڭدار ۋە فولكلورلۇق «ئېلېمىنتلىرى» ھالىغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇئەھۋال، سەئىد كۆرسەتكەندەك، «شەرقنىڭ شەرق تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى غەرب (بۇ يەردە مەركەز) تەرىپىدىن تەبىرلىنىشى»دۇر.

د. بېقىندىلىق ۋە بىلىش زوراۋانلىقى

گاياترى چاكىراۋورتى سپىۋاكنىڭ بېقىندىلار (ئېزىلگەنلەر)سۆز قىلالامدۇ؟»  دېگەن سوئالى، بۇ رەقەملىك ھېكايىلەرنىڭ ئەخلاقىي تەرىپىگە سوئال قويۇش ئۈچۈن زۆرۈردۇر. « VR » مۇزېيلىرىدا، «3D » كارتونلاردا ياكى «شىنجاڭ كۆرۈنۈش خاتىرىلىرى» دە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئوبرازلار، ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بايان قىلىنىۋاتامدۇ، ياكى دۆلەت سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزگەن بىر ۋەكىل كۆرۈلۈۋاتامدۇ؟ سپىۋاكنىڭ قارىشچە، بېقىندىلار (ئېزىلگەن) نامىدىن سۆزلەيدىغان ھۆكۈمرانلارنىڭ سۆزلەملىرى، بېقىندىلارنىڭ ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلانماس قىلىدۇ؛ بۇ دەل «بىلىش خاراكتېرلىك زوراۋانلىق» تۇر. (سپىۋاك، 1988).

تېكىستتە تىلغا ئېلىنغان «كونا سۈرەتلەرنىڭ جانلاندۇرۇلۇشى» ۋە «قىزىل مىراس» تەكىتلىمىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت  خاتىرىسىنىڭ ئۆچۈرۈلۈپ، ئورنىغا خىتاي دۆلىتى ئويدۇرۇپ چىقارغان خاتىرىنىڭ دەسسىتىلىشىدۇر. ئۇيغۇرلار، بۇ رەقەملىك سەھنىدە سۆزلەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىگە بېرىلگەن سىنارىيەنى (مەسىلەن «پارتىيەگە مىننەتدارلىق» سۆزىنى) تەكرارلايدىغان ئارتىسلارغا ئايلىنىدۇ. سپىۋاكنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، رەقەملىك تېخنىكا بۇ يەردە بېقىندىلارغا يەنى ئېزىلگەنلەرگە سۆز ھوقۇقى بەرمەيدۇ؛ ئەكىسچە، ئۇنىڭ سۈكۈتىنى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى شاۋقۇن بىلەن نىقابلايدۇ.

  • خىتاينىڭ «ئورتاق كىملىك» شۇئارىنىڭ رەقەملىك يۈزى

شى جىنپىڭ دەۋرىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» شۇئارى، «بارلىق مىللەتلەرنىڭ بىرلا مىللىي كىملىك ئاستىدا بىرلىشىشى» نى  تەكىتلەيدۇ. بۇ سىياسەت، رەسمىي باياناتلاردا «بىرلىكتە گۈللىنىش»، «ھەمكارلىق» ۋە «مىللىي ئىناقلىق» كەبى ئىجابىي تېمىلار بىلەن رامكىلىنىدۇ. بىراق، شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش ئېتنىك كۆپ خىللىق قويۇق بولغان رايونلاردا، بۇ ئىتتىپاقلىق تەكىتلىمىسى تەبىئىي ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىشىشتىن ئەمەس، سىياسىي نىشاننىڭ ئىپادىسىدۇر.

دۆلەت قوللىغان تاراتقۇ تېكىستلىرى ۋە رەقەملىك تۈرلەر، بۇ كىملىك سىياسىتىنى يېڭى تېخنىكىلار ئارقىلىق يايىدۇ. مەسىلەن، «شىنجاڭ كۆرۈنۈشلىرى» ناملىق رەقەملىك ئارخىپ خىزمىتى، كونا سۈرەتلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق «شىنجاڭنىڭ داۋاملىق ئۆزگىرىۋاتقان ئەمما بىرلىككە كەلگەن كىملىكىنى» تەبرىكلەيدۇ. كۆرۈنۈشى جەلپ قىلارلىق بولغان بۇ  «ئەسەرلەر»، كۆرۈرمەنگە ھەم تارىخىي ئىزچىللىق ھەمدە مەدەنىيەت پۈتۈنلۈكى تۇيغۇسى سىڭدۈرىدۇ. بىراق بۇ «پۈتۈنلۈك»،  مەدەنىيەت كىملىكلىرىنىڭ پەرقى ۋە  ئۆزگىچىلىكىنىڭ ئۈستىنى يېىپىۋېتىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ، قازاقلارنىڭ ياكى تۇڭگانلارنىڭ سۆزلىرى ياكى ھېكايىلىرى، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرالار بىلەن، رەڭدار كىيىملەر ياكى ئۇسسۇل كۆرۈنۈشلىرى بىلەن سەھنىلەشتۈرىلىدۇ، ئەمما سۆزلەۋاتقان ئاۋاز كۆپىنچە مەركەزنىڭ ئاۋازىدۇر. بۇ، بېنېدىكت ئاندېرسوننىڭ «خىيالىي جامائەت»   ئۇقۇمىغا ماس كېلىدۇ: مىللەت، ئوخشاش ھېكايىنى سۆزلەيدىغان مىڭلىغان شەخسنىڭ ئورتاق تەسەۋۋۇرى تۈرتكىسىدە مەۋجۇت بولىدۇ. بىراق خىتاي مۇھىتىدا بۇ تەسەۋۋۇر، دۆلەت تەرىپىدىن ماسلاشتۇرۇلغان بىر رەقەملىك چۈش سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ.

شۇڭلاشقا رەقەملىك ھېكايىلەر، پەقەتلا بىر مەدەنىيەت ھەمبەھرىلىنىش قورالى ئەمەس، ئوخشاش ۋاقىتتا مىللىي كىملىك ئىنژېنېرلىقىنىڭ بىر داۋامىدۇر. بۇ ئىنژېنېرلىق، كۆرۈش سېزىمى كودلاش (رەڭ، بەلگە، سىمۋول) ۋە ھېسسىيات پىروگراممىلاش (مۇزىكا، ئاۋاز تونى، VR ماكان تەجرىبىلىرى)  ئارقىلىق ئىشلەيدۇ.

3.  ھېسسىيات ۋە تېخنىكا: رەقەملىك تېخنىكا ئارقىلىق قايىل قىلىش ئېستېتىكىسى ۋە سۈنئىي ئەستە ساقلاش

تەنقىدىي تاراتقۇ نەزەرىيەسى، ھېسسىياتلارنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك قايىل قىلىش جەريانلىرىدىكى ئاساسلىق رولىنى پات-پات تەكىتلەيدۇ. ئادورنو ۋە خوركخېيمېر «ئاقارتىش دىيالېكتىكىسى» ناملىق ئەسىرىدە، «مەدەنىيەت سانائىتى»نىڭ شەخسلەرنىڭ رېئال تەنقىدىنى ۋاقىتلىق ھېسسىي قانائەت بىلەن ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ: ئىنسان ئەمدى ئويلىمايدۇ، پەقەت ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە،  كۆڭۈل ئېچىش ۋە تېخنىكىلىق سېھىر، «كېيىنكى كاپىتالىزمنىڭ»  (ياكى بۇ دائىرىدە دۆلەت كاپىتالىزمىنىڭ ئالدىمچىلىقىدۇر) مەۋھۇم رېئاللىق ياكى كۈچەيتىلگەن رېئاللىق تاكتىكىلىرى بىلەن «ئورتاق كىملىكنىڭ ھېسسىياتىنى تونۇش» ئىدىيەسى، دەل مۇشۇ «تېخنىكىلىق-ھېسسىي» باشقۇرۇش شەكلى دائىرىسىدە چۈشىنىلىشى كېرەك.

ئا. سۈنئىي ئەستە ساقلاش ۋە «گۇۋاھلىق» ئىنژېنېرلىقى (لاندسبېرگ)

مەسىلەن، خەۋەر تېكىستىدە تىلغا ئېلىنغان «رەقەملىك بىرىنچى قۇرۇلتاي – دەسلەپكى نىيەت ساياھىتى» ناملىق VR تۈرى، كۆرۈرمەنلەرنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەپسانىسىگە «ئېلىپ بارىدۇ». بۇنىڭدا كۆرۈرمەن، پاسسىپ بىر ئوقۇرمەن ئەمەس، ئالىسون لاندسبېرگنىڭ «سۈنئىي ئەستە ساقلاش»  (Prosthetic Memory) ئۇقۇمى بىلەن چۈشەندۈرگەن تەرىقىدىكى «سۈنئىي گۇۋاھچى ياكى شاھىت» دۇر. لاندسبېرگنىڭ قارىشچە، ئاممىۋى ئالاقە تېخنىكىلىرى، شەخسنىڭ بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرمىگەن ۋەقەلەرنى، خۇددى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۆتمۈشىنىڭ بىر پارچىسىدەك جىسمانىي ۋە ھېسسىي جەھەتتىن تەجرىبە قىلىپ ھېس قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ (لانسبېرگ، 2004). كۆرۈرمەن فىزىئولوگىيەلىك جەھەتتىن ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەتراپتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلايدۇ ۋە قۇرۇلغان سەھنىنىڭ كۈچى بىلەن ھېسداشلىق قىلىدۇ. بىراق دەل مۇشۇ كۈچلۈك ھېسسىي باغلىنىش، بېرتولت برېخىتنىڭ تىياتىردا ئىزدىگەن «ياتلاشتۇرۇش ئېففېكتى»نى يوقىتىپ، تەنقىدىي پىكىرنى يوققا چىقىرىدۇ. كۆرۈرمەن ئەمدى بىر ئانالىز سۇبيېكتى ئەمەس، ھېسسىي جەھەتتىن ماسلاشقان، جىسمانىي جەھەتتىن قايىل قىلىنغان بىر پۇقرا بولىدۇ،

ب. ئۆز-ئارا پاسسىپلىق ۋە قاتنىشىشچان ھاكىممۇتلەقلىق

بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ رەقەملىك ھېكايە ئويدۇرۇش تاكتىكىسى «قاتنىشىشچان ھاكىممۇتلەقلىق»نى قايتا ئىشلەپچىقىرىدۇ. قاتنىشىش، قارىماققا دېموكراتىك ۋە ئەركىنلەشتۈرگۈچى بىر تەجرىبىدۇر؛ ئەمما ئىشلەتكۈچى ياكى ئىستېمالچى ئالدىن كودلانغان بىر ئالگورىزىمنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ئايلىنىپ يۈرگەن بىر يولۇچىدۇر. سلاۋوي جىژەك، بۇ ئەھۋالنى «ئۆز-ئارا پاسسىپلىق» ئۇقۇمى بىلەن چۈشەندۈرىدۇ: ئىشلەتكۈچى، ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق (چېكىش، « VR » كۆزەينىكى بىلەن قاراش ئارقىلىق)  ئاكتىپ ئىكەنلىكى خام خىيالىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ئەمەلىيەتتە سىستېمىنىڭ (بۈيۈك ئۆزگىنىڭ) ئۇنىڭ ئورنىغا ھۇزۇرلىنىشىغا ياكى ئويلىشىغا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق پاسسىپ ئورۇندا قالىدۇ (جىژەك، 1999). « VR »   نىڭ سۇنغان «تاللاش خام خىيالى» – يەنى ئىشلەتكۈچىگە سەھنىگە پەرقلىق بۇلۇڭلاردىن قاراش پۇرسىتى بېرىلىشى – ئەمەلىيەتتە ھاكىمىيەتنىڭ ئوخشاش ھېكايىلىرىنى پەرقلىق نۇقتىلاردىن قايتا-قايتا مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە خىزمەت قىلىدۇ.

ج. سىياسىي ئېستېتىكىلاشتۇرۇش ۋە «بەختلىك ئاز سانلىقلار» ئوبرازى

ھېسسىي قويۇقلۇق بۇ يەردە ئىستراتېگىيەلىك ھېسابلىنىدۇ: ئۆتمۈش بىلەن ھېسسىي باغلىنىش قۇرغان شەخس، بۈگۈنكى سىياسىي توغرىلارغا تېخىمۇ ئاسان رازىلىق كۆرسىتىدۇ. ھېسسىيات بۇ شەكىلدە ئىدېئولوگىيەلىك بىر توشۇغۇچىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال، ۋالتېر بېنيامىننىڭ فاشىزم ئانالىزى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر: «سىياسەتنىڭ ئېستېتىكىلاشتۇرۇلۇشى». بېنيامىننىڭ قارىشىچە ، ئاممىغا ھەق-ھوقۇقلىرىنى بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا ئۆزىنى ئىپادىلەش (ياكى ئىپادىلىگەندەك كۆرۈنۈش) پۇرسىتى بەرگەن تۈزۈملەر، سىياسەتنى بىر سەنئەت ئەسىرىگە، بىر تاماشاغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئاممىنى پاسسىپلاشتۇرىدۇ (بېنيامىن، 1936، 2008).

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ رەقەملىك تۈرلىرىدە كۆپىنچە خۇشال بايرام سەھنىلىرى، گارمونىيە ئىچىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كىشىلەر توپى ياكى «ئانار دانىلىرىدەك» زىچ ئۇيۇشقان جەمئىيەت مېتافورلىرى بىلەن تەسۋىرلىنىشى، بۇ ئېستېتىك مەشغۇلاتنىڭ مەھسۇلىدۇر. خىتايشۇناس درۇ گلادنېي، خىتاينىڭ ئاز سانلىقلار ۋەكىللىكىنى «ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئاز سانلىقلار» ئوبرازى ئارقىلىق تەنقىد قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۆلەت تاراتقۇلىرى، ئاز سانلىقلارنى (بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى) دائىم رەڭدار، جىنسىي جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ۋە خۇشال كىشىلەر سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ،  ئۇلارنى سىياسىي سۇبيېكتلاردىن مەدەنىيەت ئوبيېكتلىرىغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ (گلادنېي، 1994) .  ھەقىقىي كۈندىلىك مەسىلىلەر – مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى، نازارەت، تىل سىياسەتلىرى – بۇ «ئىناقلىق ئېستېتىكىسى» ۋە رەقەملىك خۇشاللىق نىقابى ئاستىدا كۆرۈنمەس ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ.

4.  ئويۇنلاشتۇرۇلغان ھۆكۈمرانلىق: تەرتىپلىك رېتورىكا ۋە ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان كىملىك قۇرۇلۇشى

رەقەملىك دەۋرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قايىل قىلىش قوراللىرىدىن بىرى ئويۇنلاشتۇرۇشتۇر. خىتاينىڭ يېڭى ئەۋلاد مەدەنىيەت سىياسىتى، پەقەت دىداكتىك ئۇچۇر يەتكۈزۈشنىلا ئەمەس، بەلكى ئوخشاش ۋاقىتتا كۆڭۈل ئېچىش ئارقىلىق تەرتىپكە سېلىشنى نىشان قىلىدۇ. « H5» ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلەر، كۆچمە ئويۇنلار ياكى تەقلىدىي كۆرۈنۈشلەر (سىمۇلياتسىيەلەر)، ئىشلەتكۈچىنى پاسسىپ بىر قوبۇل قىلغۇچىدىن چىقىرىپ ئاكتىپ بىر «قاتناشقۇچى سۇبيېكت» كەبى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ. بىراق بۇ قاتنىشىش، ئىئان بوگوستنىڭ «تەرتىپلىك رېتورىكا» ئۇقۇمى بىلەن چۈشەندۈرگىنىدەك، پەقەت كۆرۈنۈشلەر بىلەنلا ئەمەس، قائىدىلەر بىلەن قايىل قىلىش سەنئىتىدۇر. ئوينىغۇچى، ئويۇننىڭ قائىدىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق سىستېمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ماڭىدۇ؛ نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن سىستېمىنىڭ لوگىكىسىنى (ئىدېئولوگىيەسىنى) قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ (بوگوست، 2007).

ئا. تېخنىكىلىق مىللەتچىلىك ۋە مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى

مەسىلەن، دۇنيا مىقياسىدا تەسىر قوزغىغان «قارا ئەپسانە: ۋۇكۇڭ»  (Black Myth: Wukong) ئويۇنى، بىۋاسىتە بىر دۆلەت تەشۋىقات مەھسۇلاتى بولمىسىمۇ، خىتاينىڭ «تېخنىكىلىق مىللەتچىلىك» ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇكەممەل بىر ئىپادىسىدۇر. ئويۇن، خىتاي تاراتقۇ بايانلىرىدا «مىللىي پەخىرنىڭ يەرشارىۋى سەھنىسى» سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ. جوسېف ناي (Joseph Nye) نىڭ «يۇمشاق كۈچ» ئۇقۇمىنىڭ رەقەملىك بىر ئىپادىسى ھېسابلىنىدىغان بۇ ئەھۋال، خىتاينىڭ پەقەت ئىقتىسادىي چوڭ كۈچ ئەمەس، ئوخشاش ۋاقىتتا يۇقىرى ئېستېتىك ۋە تېخنىكىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يارايدۇ   (ناي، 2004، جىن 2016) . مەدەنىيەت سانائىتى، «مىللىي بولغاننىڭ يەرشارىلىشىشى» (سىرتقا چىقىش) ئىستراتېگىيەسى بىلەن بىرلىشىپ، ئويۇننىڭ شېئىرىي كۈچىنى سىياسىي بىر قانۇن قورالىغا ئايلاندۇرىدۇ.

ب. كونتروللۇق قاتنىشىش ۋە سەھنىلەشكەن كۆپ خىللىق

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ رەقەملىك ئويۇنلاردىكى ۋە ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆرگەزمىلەردىكى ۋەكىللىك قىلىنىشى (تەمسىلى) بولسا، خىتاي ھۆكۈمرانلىق قۇرۇلمىسىنىڭ «سەھنىلەشكەن» تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇسسۇللار، نەقىشلەر ۋە مۇزىكىلار، ئويۇنلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىرى ئىچىدە «خىتاي موزايكىسىنىڭ تەبىئىي ۋە زىيانسىز رەڭلىرى» سۈپىتىدە سەھنىلەشتۈرۈلىدۇ. ھېنرى جېنكىنس تەرىپلىگەن تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ تەرەققىي قىلغان «قاتنىشىشچان مەدەنىيەت»، بۇ يەردە دۆلەت قولى بىلەن تەتۈرىگە ئۆرۈلۈپ بىر «باشقۇرۇلىدىغان ياكى كونتروللۇق قاتنىشىش» مودېلىغا ئايلىنىدۇ (جېنكىنس، 2006). ئىشلەتكۈچى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت مەزمۇن ئىشلەپچىقارغاندا ياكى ئىستېمال قىلغاندا، سىستېما ياكى تۈزۈم بەلگىلەپ بەرگەن «ئىناق جەمئىيەت» چېگرالىرىدىن ھالقىيالمايدۇ. ئېتنىك كىملىك، سىياسىي تەلەپلىرىدىن خالىي، پەقەت ئېستېتىك بىر ئىستېمال ئوبيېكتى (تېرە/كىيىم) سۈپىتىدە مەۋجۇت بولىدۇ.

ج. ئىدېئولوگىيەلىك چاقىرىق ۋە «ئويۇن ئەمگىكى»

لۇئىس ئالتۇسسېر ئوتتۇرىغا قويغان «ئىدېئولوگىيەلىك چاقىرىق»  (Interpellation) ئۇقۇمىنى رەقەملىك دۇنياغا تەدبىق قىلساق بولىدۇ. بۇ سىستېما ئىشلەتكۈچىگە «ھەي، پۇقرا!» دەپ بۇيرۇق قىلمايدۇ، ئەكسىچە «كەل، ئوينا ۋە بايقا» دەپ چاقىرىق قىلىدۇ. ئىشلەتكۈچى ئويۇنغا قاتنىشىش ئارقىلىق، ئۆزلۈكىدىن سىستېمىنىڭ بىر سۇبيېكتىغا ئايلىنىشنى قوبۇل قىلىدۇ. گىرامشىنىڭ « خەلقنىڭ رازىلىقىنى شەكىللەندۈرۈش » نەزەرىيەسى، بۇ يەردە كۇكلىچ ئوتتۇرىغا قويغان «ئويۇن ئەمگىكى» (Playbour) ئۇقۇمى بىلەن بىرلىشىدۇ (كۇكلىچ، 2005). ئىشلەتكۈچى مەۋھۇم ھېكايىدە ئىلگىرىلەش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقىت ۋە زېھنىي ئەمگىكى ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە ھاكىمىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ھېكايىلىرىنى ئۆز قولى بىلەن قايتا ئىشلەپچىقىرىدۇ.

ھېكايىگە سېلىنغان ھېسسىي مەبلەغ (مەسىلەن، رەقەملىك پېرسوناژنى قۇتقۇزۇش ياكى مەۋھۇم شىنجاڭ ساياھىتىدە نومۇر يىغىش) ئاستا-ئاستا سىياسىي جەھەتتىن ماسلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شەخس ئويۇندىكى «مۇۋەپپەقىيەت» تۇيغۇسىغا مەست بولغانسېرى، پەرق ئەتمەستىن ياكى سەزمەستىن خىتاينىڭ «مىللىي ئورتاق گەۋدىسى» ناملىق كوللېكتىپ مىللەت تەسەۋۋۇرىغا سىڭىپ كېتىدۇ. ئويۇن ئاخىرلاشقاندا قولدا قالغىنى پەقەت بىر مەۋھۇملۇق ئەمەس، بەلكى كاللىغا ئورنىتىلغان ماسلىشىش خام خىيالىدۇر.

5. مەدەنىيەت ۋەكىللىكى (تەمسىل) ۋە جىمىقتۇرۇش: «سەھنە» تۈزۈمى ۋە ئېستېتىك ئېكىسپىلاتاتسىيە

ۋەكىللىك قىلىش (تەمسىل) مەسىلىسى، بولۇپمۇ «ئاز سانلىق» كىملىكلىرى تىلغا ئېلىنغاندا تېخىمۇ سەزگۈرلۈك تەلەپ قىلىدۇ. مەدەنىيەت ۋەكىللىكى ھېچقانداق ۋاقىتتا بىتەرەپ ئەينەك ئەمەس؛ ئۇ مىشېل فۇكو (Foucault) تەرىپلىگەن «سەھنە تۈزۈمى»نىڭ مەھسۇلىدۇر. فۇكونىڭ قارىشىچە، ھاكىمىيەت پەقەت بېسىم ئىشلىتىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ؛ ئۇ نەرسىلەرنى كۆرۈنەرلىك قىلىش يەنى سەھلىنەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى بىلىم ۋە كونترول ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرىدۇ (فۇكو، 1977). خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى رەقەملىك تۈرلىرى گەرچە مەدەنىيەت پەرقلەرنى  ۋە بايلىقلىرىنى تەبرىكلەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ پەرقلەرنى ئېستېتىكىلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي تەسىرىنى يوقىتىدۇ.

ئا. ھېس قىلىنغۇچىنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە سۆزلىيەلمەيدىغان سۇبيېكتلار

ئۇيغۇرلارنىڭ رەقەملىك سەھنىدىكى «مەۋجۇتلۇقى»، ئۇلارنىڭ ئۆز ھېكايىلىرىنى سۆزلەش ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنىشى بەدىلىگە كېلىدۇ. ژاك رانسىيېر (Jacques Rancière) نىڭ «ھېس قىلىنغۇچىنىڭ تەقسىملىنىشى» ئۇقۇمى بۇنى ئېنىق چۈشەندۈرىدۇ: ھاكىمىيەت كىمنىڭ سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى، كىمنىڭ پەقەت ئاۋاز چىقىرالايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئېستېتىك بىر تۈزۈمدۇر (رانسىيېر، 2004). خىتاينىڭ رەقەملىك ھېكايىلىرىدە ئۇيغۇرلار «سەھنىدىكى ئارتىسلار»دۇر، ئەمما سىياسىي «سۆز» (logos) ئىگىسى ئەمەس؛ ئۇلار پەقەت مەدەنىيەت خاراكتېرلىك بىر «ئاۋاز»  (phone) سۈپىتىدە مەۋجۇت. بۇ ئارتىسلىق رولى ھەقىقىي ۋەكىللىك ئەمەس، بەلكى دۆلەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى بىر نازارەت مۇنارى رولىنى ئوينايدۇ.

ب. مەنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ستېرېئوتىپ فېتىشىزمى

ستۇئارت ھول (Stuart Hall) تەكىتلىگەندەك، ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقىنىڭ كۈچى «مەنىنى مۇقىملاشتۇرۇش» جەھەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. خىتاينىڭ مىللىي بىرلىك بايانى ياكى ھېكايىلىرى «ئورتاق كىملىك»نى تالاش-تارتىشسىز ئۆلچەم قىلىپ بېكىتىدۇ؛ بۇنىڭ سىرتىدىكىلەر يا «تېررورچى» ياكى «تەربىيەلىنىشكە مۇھتاج غەلىتە ئۆزگە» دەپ قارىلىدۇ (ھول، 1997). ھومى بابھا (Homi Bhabha) بۇنى «قېلىپلاشقان ئوبراز دەپ ئاتايدۇ. يەنى ھۆكۈمرانلىق سالاھىيىتىدىكى ھېكايىلەر، ئۆزگىنى «بىلىنگەن ۋە تەكرارلىغىلى بولىدىغان» بىر قېلىپقا (مەسىلەن: پەقەت ئۇسسۇل ئوينايدىغان، گىلەم توقۇيدىغان ئۇيغۇر) قاماپ، ئۇنىڭ تارىخىي ئېقىشچانلىقى ۋە سىياسىي تەھدىت سېلىش يوشۇرۇن كۈچىنى توڭلىتىپ قويىدۇ (بابھا، 1994).

ج. «ئۆزگىنى يېيىش» ۋە تاۋار سۈپىتىدە ئېتنىكلىق

رەقەملىك دۇنيادا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پەقەت «زىيانسىز نەقىش» (ئانار، مۇزىكا، رەڭدار كىيىملەر) سۈپىتىدە كۆرسىتىلىشىنى، بېل ھۇكس (bell hooks) نىڭ «ئۆزگىنى يېيىش»  (Eating the Other) نەزەرىيەسى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. ھۆكۈمران مەدەنىيەت، ئۆزگىنىڭ «تەم-تۇزلۇق» تەرەپلىرىنى ئىستېمال قىلىپ ئۆزىنىڭ زېرىكىشلىك ھاياتىنى جانلاندۇرىدۇ، ئەمما شۇ «ئۆزگە»نىڭ سىياسىي يۈكى ۋە تارىخىي ئازابىنى رەت قىلىدۇ (بېل ھۇكس، 1992). بۇ جەرياندا مەدەنىيەت «مۇزېيلاشتۇرۇلىدۇ»؛ يەنى ياشىتىلمايدۇ، بەلكى توڭلىتىلىپ ئىستېمال بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

د. ئېستېتىكىلاشتۇرۇلغان كونترول

بۇ خىل ۋەكىللىك ئەمەلىيەتتە «ئېستېتىكىلاشتۇرۇلغان كونترول»دۇر. رەقەملىك تاراتقۇلار دۆلەتنىڭ قاتتىق كۈچىنى يۇمشىتىپ كۆرسىتىدۇ؛ پارقىراق رەڭلەر ۋە جەلپ قىلارلىق ئاۋازلار ھەقىقىي سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى پەردىلەيدۇ. گايې تۇچمان بۇنى «سىمۋوللۇق يوقىتىش» دەيدۇ. يەنى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر تاراتقۇدا يا پۈتۈنلەي كۆرۈنمەيدۇ، ياكى پەقەت قېلىپلاشقان ئوبرازلار بىلەنلا كۆرسىتىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ، جىسمانىي يوقىتىش ئەمەس، بەلكى سىياسىي كىملىكلىرىنىڭ ئۆچۈرۈلۈپ، ئورنىغا فولكلورلۇق بىر نىقاب كىيگۈزۈلۈشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان مەۋجۇتلۇق يوقىتىشىدۇر (تۇچمان، 1978).

6.رەقەملىك مۇھىتتا ھۆكۈمرانلىق ۋە ئەخلاقىي سوئاللار: بىلىشنى كونترول قىلىۋالغان ھاكىمىيەت ۋە ئالگورىزىملىق باشقۇرۇش

رەقەملىك بايانلار ۋە ھېكايىلەردىكى مونوپۇللۇق ياكى ھۆكۈمرانلىق پەقەت ئىدېئولوگىيەلىك رامكا بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بىلىش نەزەرىيەسى (ئېپىستېمولوگىيە) جەھەتتىنمۇ تەھلىل قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە «كىملىك» ۋە «ھەقىقەت»نىڭ نېمىلىكى ئىنسان ئېڭىدىن بەكرەك ئالگورىزىملار ۋە سانلىق مەلۇماتلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىۋاتىدۇ. جىللېس دېلۆز زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ «ئىنتىزام جەمئىيىتى»دىن (تاملار ۋە قاماش ئارقىلىق) «نازارەت جەمئىيىتى»گە (Societies of Control) ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. يېڭى ھاكىمىيەت ئەمدى تاملار بىلەن ئەمەس، شىفىرلار ۋە سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىشلەيدۇ (دېلۆز، 1992). خىتاي تېخنىكىنىڭ ماكان ۋە ھېسسىيات كۈچىدىن پايدىلىنىپ، نازارەتنى ئېستېتىك بىر تەجرىبىگە ئايلاندۇرماقتا.

ئا. قوراللاشقان ھاكىمىيەت ۋە ئالگورىزىملىق «ئۆزگىلەر»

شوشانا زۇبوف (Shoshana Zuboff) نىڭ «قوراللاشقان ھاكىمىيەت» (Instrumentarian Power) ئۇقۇمى بۇ يەردە مۇھىم. زۇبوفنىڭ قارىشىچە، بۇ يېڭى ھاكىمىيەت ئىنسانلارنى مەجبۇرلاشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى «مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان مەھسۇلات» سۈپىتىدە باشقۇرىدۇ (زۇبوف، 2019). خىتاي مۇھىتىدا بۇ، ئانتورپولوگ داررېن بايلېر (Darren Byler) نىڭ «تېررور كاپىتالىزمى» دەپ ئاتىغان سىستېمىسى بىلەن بىرلىشىدۇ. بىر تەرەپتىن رەقەملىك سىستېما ئۇيغۇرلارنى «يوشۇرۇن خەتەر» دەپ كودلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن (VR) ساياھەتلىرىدە«بەختلىك ئۇسسۇلچىلار» دەپ قايتا كودلايدۇ. سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، كىمنىڭ «رەقەملىك پۇقرا»، كىمنىڭ «رەقەملىك جىنايەتچى» ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان سوتچىغا ئايلىنىدۇ (بايلېر، 2022).

ب. ئارخىپنىڭ زوراۋانلىقى ۋە ئەستە ساقلاش ياكى كوللېكتىپ خاتىرە

«دۆلەتنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرى قايسى بايانلارنى ۋە ھېكايىلەرنى قوللايدۇ؟» دېگەن سوئالغا ژاك دېررىدانىڭ «ئارخىپ قىزىتمىسى» (Archive Fever) ئەسىرى جاۋاب بېرىدۇ. ئارخىپ (بۇ يەردە دۆلەت مۇلازىمېتىرلىرى) پەقەت ساقلاش ئورنى ئەمەس، بەلكى نېمىنىڭ ئەستە ساقلىنىپ، نېمىنىڭ ئۇنتۇلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان سىياسىي قورالدۇر. رەسمىي ئارخىپقا كىرمىگەن ھەر تۈرلۈك ئېغىز تارىخى ۋە ئۆكتىچى ئەسلىمىلەر «ئارخىپ جىمجىتلىقى»غا مەھكۇم قىلىنىدۇ (دېررىدا، 1996). شۇڭا، ئاز سانلىقلارنىڭ ئۆز رەقەملىك ئەسلىمىلىرىنى ساقلاپ قېلىشى تېخنىكىلىق مەسىلە ئەمەس، بىر مەۋجۇتلۇق كۈرىشىدۇر.

ج. ئالاقە كاپىتالىزمى ۋە تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ يوقىلىشى

جودى دىن (Jodi Dean) نىڭ «ئالاقە كاپىتالىزمى»  (Communicative Capitalism) نەزەرىيەسىگە كۆرە، ئىنتېرنېتتىكى قويۇق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئەمەلىيەتتە سىياسىي ئۆزگىرىشكە توسالغۇ بولىدۇ. چۈنكى مۇھىمى مەزمۇن ئەمەس، بەلكى ئۇچۇرنىڭ ئايلىنىشى (چېكىش، ھەمبەھرىلەش)دۇر. كىشىلەر بىرەر ئويۇن ياكى مەۋھۇم كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئارقىلىق «بىر ئىش قىلدىم» دەپ ئويلايدۇ، ئەمما بۇ تۇيغۇ ئۇلارنى ھەقىقىي سىياسىي ھەرىكەتتىن توسىدىغان بىر ئالداشقا ئايلىنىدۇ (دىن، 2009). نەتىجىدە تەنقىدىي تەپەككۇر ئورنىنى ئالگورىزىملىق ماسلىشىشقا بوشىتىپ بېرىدۇ.

د. سۈزۈك جەمئىيەت ۋە پىسخىكىلىق سىياسەت

ئاخىرىدا، بيۇڭ-چۇل خەن (Byung-Chul Han) نىڭ «پىسخىكىلىق سىياسەت» ئۇقۇمى بۈگۈنكى ۋەزىيەتنى ناھايىتى ياخشى تەسۋىرلەيدۇ. خەننىڭ قارىشىچە، زامانىۋى ھاكىمىيەت چەكلەش ئارقىلىق ئەمەس، خۇش قىلىش ۋە سۈزۈكلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىشلەيدۇ. كىشىلەر ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلىپ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاشكارىلىغاندا، ئەمەلىيەتتە سىستېمىنىڭ ئۆزىنى ئەلالاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ (خەن، 2017). خىتاي مىسالىدا تېخنىكا، شەخسنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ۋە ئارزۇلىرىغا سىڭىپ كىرگەن بىر سىياسىي قورالدۇر. بۇ جەريان تېخنىكىنىڭ بىتەرەپ قورال ئەمەس، بەلكى ئىدېئولوگىيەنىڭ ئەڭ ساپ ھالىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىشلەتكۈچى «كۆرۈۋاتىمەن، دېمەك بىلىمەن» دەپ ئويلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كۆرگىنى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن سىزىپ بېرىلگەن دۇنيادۇر.

خۇلاسە

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى رەقەملىك كىملىك قۇرۇلۇشى، كلاسسىك تەشۋىقاتتىن ھالقىپ، تېخنىكا ئارقىلىق ھېسسىي ۋە بىلىش جەھەتتىن بىر قورشاۋ ھاسىل قىلماقتا. تەتقىقاتىمىز شۇنى كۆرسەتتىكى، «ئورتاق كىملىك» بايانى ۋە ھېكايىسى مەدەنىيەت بىرلىشىشى ئەمەس، بەلكى رەقەملىك تېخنىكىلار (VR ، ئويۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ) يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تېڭىلغان بىر ھۆكۈمرانلىقتۇر

ئادورنودىن سپىۋاكقا، زۇبوفتىن خەنگە قەدەر بولغان نەزەرىيەلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، رەقەملىك بايانلار «بىغۇبار» ئەمەس. ئەكسىچە، بۇ قوراللار:

  1. تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ ئورنىغا ھېسسىي تەجرىبىلەرنى (قورقۇش ياكى ھېسداشلىق) دەسسىتىدۇ؛
  2. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك كىملىكلىرىنى سىياسىي سۇبيېكتتىن مەدەنىيەت ئىستېمال بۇيۇمىغا ئايلاندۇرىدۇ؛
  3. ئىشلەتكۈچىنى ئويۇن ئارقىلىق ئۆز ئىدېئولوگىيەسىنى ئۆزلۈكىدىن قايتا ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشتۇرىدۇ.

نەتىجىدە، رەقەملىك دەۋردە «ئۇيغۇر ھېكايىسى»نىڭ كىم تەرىپىدىن سۆزلىنىشى تېخنىكىلىق مەسىلە ئەمەس، بەلكى بىر مەۋجۇتلۇق كۈرىشىدۇر. «سەھنىدە ۋە مۇنبەردە كۆرىنىش» ھەمىشە «مەۋجۇت بولۇش» دېگەنلىك ئەمەس؛ بەزىدە رەڭدار ئۇسسۇللار ۋە مەنزىرىلەر، بىر خەلقنىڭ ھەقىقىي ئازابىنى يوشۇرىدىغان ئەڭ قېلىن پەردە بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، رەقەملىك دۇنيا ھەققىدىكى  ساۋات پەقەت كودنىلا ئەمەس، شۇ كودنىڭ ئارقىسىدىكى ھاكىمىيەت مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ كۆرەلەيدىغان ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ.

پايدىلانمىلار

  • Adorno, T. W., & Horkheimer, M. (2002). Dialectic of Enlightenment: Philosophical Fragments (G. S. Noerr, Ed.; E. Jephcott, Trans.). Stanford University Press.
  • Adorno, T. W., & Horkheimer, M. (2010). Aydınlanmanın Diyalektiği (Çev. N. Ülner & E. Öztarhan). İstanbul: Kabalcı Yayınevi.
  • Althusser, L. (1971). Lenin and Philosophy and Other Essays. Monthly Review Press.
  • Anderson, B. (2006). Imagined Communities: Reflections on the Origin and Spread of Nationalism. Verso.
  • Benjamin, W. (2008). The Work of Art in the Age of Mechanical Reproduction. Penguin.
  • Bogost, I. (2007). Persuasive Games: The Expressive Power of Videogames. MIT Press.
  • Byler, D. (2022). In the Camps: China’s High-Tech Penal Colony. Columbia Global Reports.
  • Dean, J. (2009). Democracy and Other Neoliberal Fantasies: Communicative Capitalism and Left Politics. Duke University Press.
  • Deleuze, G. (1992). Postscript on the Societies of Control. October, 59, 3-7.
  • Derrida, J. (1996). Archive Fever: A Freudian Impression. University of Chicago Press.
  • Foucault, M. (1977). Discipline and Punish: The Birth of the Prison. Pantheon Books.
  • Gladney, D. C. (1994). Representing Nationality in China: Refiguring Majority/Minority Identities. The Journal of Asian Studies, 53(1), 92-123.
  • Gramsci, A. (1971). Selections from the Prison Notebooks. International Publishers.
  • Hall, S. (1997). Representation: Cultural Representations and Signifying Practices. Sage Publications.
  • Han, B.-C. (2017). Psychopolitics: Neoliberalism and New Technologies of Power. Verso Books.
  • hooks, b. (1992). Black Looks: Race and Representation. South End Press.
  • Hu, X. (2025, Aralık 11). Digital Narrative Empowering the Story of the Community of the Chinese Nation. Xinjiang Daily.
  • Jenkins, H. (2006). Convergence Culture: Where Old and New Media Collide. NYU Press.
  • Jin, D. Y. (2016). The construction of platform imperialism in the globalization era. TripleC: Communication, Capitalism & Critique, 15(1).
  • Kellner, D. (1995). Media Culture: Cultural Studies, Identity and Politics Between the Modern and the Postmodern. Routledge.
  • Kücklich, J. (2005). Precarious Playbour: Modders and the Digital Games Industry. Fibreculture Journal, (5).
  • Landsberg, A. (2004). Prosthetic Memory: The Transformation of American Remembrance in the Age of Mass Culture. Columbia University Press.
  • Marcuse, H. (1964). One-Dimensional Man: Studies in the Ideology of Advanced Industrial Society. Beacon Press.
  • Nye, J. S. (2004). Soft Power: The Means to Success in World Politics. PublicAffairs.
  • Rancière, J. (2004). The Politics of Aesthetics: The Distribution of the Sensible. Continuum.
  • Said, E. W. (1978). Orientalism. Pantheon Books.
  • Schein, L. (1997). Gender and Internal Orientalism in China. Modern China, 23(1), 69-98.
  • Spivak, G. C. (1988). Can the Subaltern Speak? In Marxism and the Interpretation of Culture. University of Illinois Press.
  • Tuchman, G. (1978). Hearth and Home: Images of Women in the Mass Media. Oxford University Press.
  • Zhao, Y. (2008). Communication in China: Political Economy, Power, and Conflict. Rowman & Littlefield.
  • Žižek, S. (1999). The Interpassive Subject. Centre Georges Pompidou.
  • Zuboff, S. (2019). The Age of Surveillance Capitalism. PublicAffairs.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*