ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
قىسقىچە مەزمۇنى
تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار
بۇ ماقالىدە روبېرت مىچېلسنىڭ «ئولىگارخىيەنىڭ (ئىمتىيازلار سىنىپى) تۆمۈر قانۇنىيىتى» نەزەرىيەسى ئاساس قىلىنىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى «مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيە» ۋە «مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي يوقىتىش» نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىنىدۇ. مىچېلسنىڭ دېموكراتىك قۇرۇلمىلارنىڭ مۇقەررەر ھالدا ئولىگارخىيەلىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىددىئاسى، خ ك پ نىڭ لېنىنىزملىق تەشكىلىي ئەندىزىسى ۋە شى جىنپىڭ دەۋرىدە سۈرئەت بىلەن كۈچەيگەن رەقەملىك توتالىتارىزىم (ھاكىممۇتلەقلىق) دائىرىسىدە قايتىدىن شەرھلىنىدۇ.
ماقالە، خىتاي كوممۇنستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كىملىك ۋە ئونتولوگىيەلىك (مەۋجۇتلۇق) قايتا ئېنىقلىما بېرىش، ئېتنىك ئايرىمچىلىق، ئىقتىسادىي بايلىقلارنى مۇستەملىكە قىلىش ۋە بىيوسىياسىي كونترول قوراللىرى بىلەن قوللانغان سىستېمىلىق بىر يوقىتىش لايىھەسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ماقالىنىڭ ئەسلى تۆھپىسى بولغان «مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى» ئۇقۇمى ئارقىلىق، بېسىۋېلىنغان بىر خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنىڭ رەقەملىك نازارەت، جازا لاگېرلىرى، مەدەنىيەت جەھەتتىن مەجبۇرى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق ئەسلىگە كەلمەيدىغان شەكىلدە يوقىتىلىش جەريانى بايان قىلىنىدۇ.
كۆرۈۋاتقانلىرىمىز، خ ك پ نىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنىڭ ئالتە ئاساسلىق مېخانىزم ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: (1) بېسىم ئاستىدىكىلەرنىڭ كىملىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭ خ ك پ نىڭ ئېپىستېمولوگىيەلىك (بىلىش ئەندىزىسى) ۋە ئىدىيەۋى رامكىسىدا قايتىدىن ئېنىقلىنىشى، (2) مەركىزىي ئولىگارخىيەلىك قۇرۇلمىنىڭ ھەربىي بېسىۋېلىش ئارقىلىق تېڭىلىشى، (3) ئۇچۇر ۋە تەجرىبە مونوپوللۇقىنىڭ ئېتنو-مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىق قورالىغا ئايلىنىشى، (4) تەبىئىي ۋە ئىقتىسادىي بايلىقلارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا مەركەزگە يۆتكىلىشى، (5) ئاممىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىتىلىشىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋىيەسىگە يېتىشى (6) رەقەملىك تېخنىكىلارنىڭ ھاكىممۇتلەق كونترول ۋە ئالدىن پەرەز قىلىش خاراكتېرلىك« جىنايەت» يۈكلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى.
خۇلاسە سۈپىتىدە، بۇ ماقالە مۇستەملىكە ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ 21-ئەسىردىكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تىپىك بىر ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ «ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئالدىدا جىددىي يېڭى ئېنىقلىمىلارغا ۋە مۇداخىلە مېخانىزملىرىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئولىگارخىيەنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى، شەرقىي تۈركىستان، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى، رەقەملىك ھاكىممۇتلەقلىق، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، ئونتولوگىيەلىك زوراۋانلىق، بىيوسىياسەت.
كىرىش سۆز
روبېرت مىچېلس 1911-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان «ئولىگارخىيەنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى»، ئەڭ دېموكراتىك غايىلەر بىلەن ئىش باشلىغان تەشكىلاتلارنىڭمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىر تۈركۈم ئىمتىيازلار گۇرۇھىنىڭ زومىگەرلىكى ئاستىغا كىرىپ قېلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ جەريان تەشكىلىي مۇرەككەپلىك، تېخنىكىلىق ئۇچۇر مونوپوللۇقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ «ئالماشتۇرۇلمايدىغان» بولۇش ئارزۇسى بىلەن شەكىللىنىدۇ. ئەمما، بۇ نەزەرىيەۋى رامكا بىر زامانىۋى ئۇلۇس-دۆلەتنىڭ ئۆز چېگراسى ئىچىدە «باشقىلار» (ئۆزگىلەر) دەپ تەرىپلىنىدىغان بىر زېمىن ۋە خەلق ئۈستىدىكى مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىغا تەدبىق قىلىنىپ، مۇستەملىكىچىلىك دىنامىكىلىرى بىلەن بىرلەشكەندە تېخىمۇ رادىكال بىر پەللىگە يېتىدۇ.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) 1921-يىلىدىكى قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ، 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ھەربىي بېسىۋېلىشىغىچە ۋە بۈگۈنكى رەقەملىك ھاكىممۇتلەقلىق باسقۇچىغىچە بولغان تارىخىي تەرەققىياتى، مىچېلس ئالدىن مۆلچەرلىگەن ئولىگارخىيەلىشىش جەريانىنىڭ ئەڭ چەككە يەتكەن نۇقتىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستان، خ ك پ نىڭ لېنىنىزملىق پارتىيە ئەندىزىسىنىڭ خىتاي شۆۋىنىزمى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت مېخانىزملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ مۇستەبىتلىك تەجرىبىخانىسىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ رايون خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە «بىر بەلباغ بىر يول» ئستىراتېگىيەسى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىقتىسادىي كارىدور بولۇشتىن سىرت، پارتىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن «ئالدىنى ئېلىش كېرەك بولغان» بىر تەھدىت سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ.
بۇ ماقالىدە مىچېلسنىڭ كلاسسىك نەزەرىيەسى ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەسىلە يورىتىپ بېرىلىدۇ: خ ك پ نىڭ ئىچكى ئولىگارخىيەلىك قۇرۇلمىسى شەرقىي تۈركىستاندا قانداق قىلىپ مۇستەملىكىچى بىر «تۆمۈر قانۇنىيەت» شەكىللەندۈردى ۋە بۇ قۇرۇلما ئاممىنى پاسسىپلاشتۇرۇش باسقۇچىدىن ھالقىپ قانداق قىلىپ بىر مەدەنىيەت ۋە مىللەتنى يوقىتىش پىلانىغا ئايلاندى؟
ماقالىدە مىچېلسنىڭ تۆت ئاساسلىق ئولىگارخىيەلىشىش مېخانىزمىنىڭ (تەشكىلىي ئېھتىياجلار، تېخنىكىلىق ئۇچۇر مونوپوللۇقى، ئاممىنىڭ پاسسىپلىقى ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكى) مۇستەملىكىچىلىك شارائىتىدا قانداق رادىكاللاشقانلىقى يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. كلاسسىك نەزەرىيەدە ئىچكى دىنامىكىلار بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن ئولىگارخىيە (ئىمتىيازلار سىنىپى)، شەرقىي تۈركىستاندا تاشقى زوراۋانلىق، ھەربىي بېسىۋېلىش ۋە ئېتنىك قاتلاممۇ-قاتلام ئايرىش ئارقىلىق تېڭىلىدۇ.
ماقالىمىزنىڭ ئەسلى تۆھپىسى، «مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى » ئۇقۇمىنىڭ نەزەرىيەۋى جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈشىدۇر. بۇ ئۇقۇم، بېسىۋېلىنغان بىر خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنىڭ سىستېمىلىق ۋە ئەسلىگە كەلمەيدىغان شەكىلدە يوقىتىلىش جەريانىنى بىلدۈرىدۇ. كلاسسىك ئولىگارخىيەدىن پەرقلىق ھالدا، مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيە پەقەت سىياسىي جەھەتتىن چەتكە قېقىش بىلەنلا چەكلەنمەي، بايلىق سۈمۈرۈش، مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك قىرغىنلىق، رەقەملىك نازارەت ۋە جىسمانىي تېرورلۇق قوراللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىرىكىشى ئارقىلىق مۇستەھكەملىنىدۇ.
مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى ئۈچ نەزەرىيەۋى ئەنئەنىنى بىرلەشتۈرىدۇ: مىچېلسنىڭ ئولىگارخىيەنىڭ مۇقەررەرلىكى ئىددىئاسى، فانوننىڭ مۇستەملىكىچىلىكنىڭ مەۋجۇتلۇققا قارىتىلغان زوراۋانلىق ئانالىزى ۋە فۇكونىڭ بىيوسىياسەت ئۇقۇمى. شەرقىي تۈركىستان مىسالى، بۇ ئۈچ ئامىلنىڭ رەقەملىك تېخنىكىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ 21-ئەسىردىكى ئەڭ ئەتراپلىق مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىنى ياراتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
1. ئولىگارخىيەنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى
1.1. نەزەرىيەۋى رامكا ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش
روبېرت مىچېلسنىڭ 1911-يىلى نەشر قىلىنغان «سىياسىي پارتىيەلەر: زامانىۋى دېموكراتىيەنىڭ ئولىگارخىيەلىك يۈزلىنىشلىرى ئۈستىدە جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ناملىق نوپۇزلۇق ئەسىرى، [1]زامانىۋى سىياسەتشۇناسلىقنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە تالاش-تارتىشلىق نەزەرىيەلىرىدىن بىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى (مىچېلىس، 1911-1962). مىچېلس گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەدىكى سوتسىيالىستىك ۋە سوتسىيال-دېموكرات پارتىيەلەرنى سىستېمىلىق كۆزىتىش ئاساسىدا، دېموكراتىك پرىنسىپلار بىلەن قۇرۇلغان تەشكىلاتلارنىڭمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مۇقەررەر ھالدا ئولىگارخىيەلىك قۇرۇلمىلارغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ «تۆمۈر قانۇنىيەت» پەقەت سىياسىي پارتىيەلەرگىلا خاس بولغان بىر ھادىسە بولماستىن، بەلكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ھەتتا ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال بىر تەشكىلىي دىنامىكا سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن(لىپسې 1962، بېتام، 1977) .
مىچېلسنىڭ نەزەرىيەسى ئولىگارخىيەلىشىش جەريانىنى تۆت ئاساسلىق مېخانىزم ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. بىرىنچىدىن، «تەشكىلىي ئېھتىياجلار» زامانىۋى چوڭ تىپتىكى تەشكىلاتلارنىڭ مۇرەككەپ ماسلاشتۇرۇش، ئالاقە ۋە قارار چىقىرىش جەريانلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن كەسپىي كادىرلارغا ۋە قاتلاملىق قۇرۇلمىلارغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ (مىچېلىس، 1962: 61-68). ئىككىنچىدىن، «تېخنىكىلىق بىلىم ۋە تەجرىبە» ئامىلى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەشكىلىي جەريانلار، بيۇروكراتىك مېخانىزملار ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر جەھەتتە ئىگە بولغان مونوپول خاراكتېرلىك بىلىملىرىنىڭ ئۇلارنى ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ (پانېبىيانكو، 1988) ئۈچىنچىدىن، «ئاممىنىڭ پاسسىپلىقى ۋە سۇسلۇققا يۈزلىنىشى» ئادەتتىكى ئەزالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش غەملىرى، چەكلىك ۋاقتى ۋە سىياسىي قىزىقىشىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن تەشكىلىي قارارلارغا ئاكتىپ قاتنىشالماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ئوستروگورسكى، 1902). ئاخىرىدا، «رەھبەرلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكلىرى» رەھبەرلەرنىڭ تەشكىلىي بايلىقلارنى، ئالاقە قوراللىرىنى، ئۇچۇر يوللىرىنى ۋە سىمۋوللۇق قانۇنىيەتنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئورۇنلىرىنى مۇستەھكەملىشىنى چۈشەندۈرىدۇ (ئالبرېرتونى، 1987).
مىچېلسنىڭ نەزەرىيەسى شۇنداقلا ۋېبېرنىڭ بيۇروكراتىيە ئانالىزى (ۋېبېر، 1922/1978)، موسكانىڭ ھۆكۈمران سىنىپ ئۇقۇمى (موسكا، 1896/1939) ۋە پارتونىڭ «ئالىي تەبىقىلەرنىڭ ئايلىنىشى» ئۇقۇمى (پارېتو، 1916/1935) بىلەن بىرلىكتە «ئالىي تەبىقىلەر سىياسەت نەزەرىيەسى» ئەنئەنىسىنىڭ ئۇل تېشىنىڭ بىرىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ نەزەرىيەۋى ئەنئەنە دېموكراتىيە غايىلىرىگە قارىتا رېئالىستىك بىر تەنقىد سۈپىتىدە، سىياسىي ھوقۇقنىڭ ھەر قانداق شارائىتتا بىر تۈركۈم ئاز سانلىق گۇرۇھنىڭ قولىدا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ياقىلايدۇ (بوتتومور، 1993). ئەمما، بۇ قاراش خۇسۇسەن 1960-يىللاردا يېڭى سولچىل ھەرىكەتلەر ۋە ئىشتىراكچىل دېموكراتىيەنى ياقىلىغۇچىلار تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان، «دېتېرمىنىزم» (تەقدىرچىلىك) ۋە «ئەنئەنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن (گولدنېر، 1955؛ ھاندىس، 1971).
1.2. مۇستەملىكىچىلىك، ئىمپېرىيە ۋە ئولىگارخىيەلىك كونترول
مىچېلسنىڭ كلاسسىك نەزەرىيەسى دېموكراتىك بىر ئۆزگىرىش باسقۇچىدىن ئۆتكەن تەشكىلاتلارنىڭ ئانالىزىغا مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن مۇستەملىكىچى ۋە ئىمپېرىيالىستىك كونتېكىستلاردا ئولىگارخىيەنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدە چەكلىك بىر چۈشەنچە بېرىدۇ. مۇستەملىكىچىلىككە دائىر ئاكادېمىك ئەسەرلەردە مەركەز بىلەن چېگرا رايون مۇناسىۋىتىدىكى قۇرۇلمىلىق تەڭسىزلىك (ۋاللېرستېين، 1974)، «ئۆزگىلەر» كىملىكىنىڭ بەرپا قىلىنىشى (سەئىد، 1978)، يەرلىك خەلقلەرنىڭ سىستېمىلىق ھالدا چەتكە قېقىلىشى (فانون، 1961) ۋە بايلىق سۈمۈرۈشنىڭ ئىقتىسادىي-سىياسىي دىنامىكىلىرى قاتارلىقلار تەكىتلىنىلىدۇ (رودنىي، 1972). بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئولىگارخىيە پەقەت تەشكىلىي بىر ئېھتىياجلا ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىچى ھوقۇقنىڭ ئاساسلىق مېخانىزمىغا ئايلىنىدۇ.
20- ئەسىردىكى مۇستەملىكىچىلىك تەجرىبىلىرى ئولىگارخىيەلىك كونترول مېخانىزملىرىنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستاندىكى «ۋاسىتىلىك باشقۇرۇش» (ۋاسىتىلىك باشقۇرۇش) سىستېمىسى يەرلىك ئالىي تەبىقىلەر قاتلىمىنى ئىمپېرىيە قۇرۇلمىسىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق ھەمكارلاشقۇچى ئولىگارخىيەلەرنى پەيدا قىلدى (كوھىن، 1996). فىرانسىيەنىڭ ئالجىرىيەدىكى مۇستەملىكىچىلىكى يەرلىك نوپۇسنى تۇپراقلىرىدىن ئايرىپ، مەركەز (فىرانسىيە)دىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئولىگارخىيەلىك ھۆكۈمرانلىقىنى قۇردى (بۇردىيۇ، 1958). بېلگىيەنىڭ كونگودىكى ۋەھشىيانە مۇستەملىكە تۈزۈمى ھاكىممۇتلەق كونترولنىڭ ۋە يەرلىك خەلقنىڭ پۈتۈنلەي مۈلۈكسىز قالدۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىنى ياراتتى (ھوچسچىلد، 1998). سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى سىياسەتلىرى بولسا «سوتسىيالىستىك مۇستەملىكىچىلىك» نى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، لېنىنىزملىق تەشكىللىنىش ئەندىزىسىنىڭ چېگرا رايونلاردا ئولىگارخىيەلىك بېسىم قورالىغا ئايلىنالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى (كاررېرە دەنىكاۋۇسسې، 1992).
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە تەشكىلىي خاراكتېرى
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخىي تەرەققىياتى لېنىنىزملىق يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلاتتىن مۇستەبىت پارتىيە-دۆلەتكە، ئۇ يەردىن ھاكىممۇتلەق كاپىتالىستىك سىستېمىغا ۋە ئاخىرىدا يېڭىچە ھاكىممۇتلەق خاراكتېرلىك رەقەملىك مۇستەبىتلىككە تۇتىشىدىغان مۇرەككەپ بىر ئۆزگىرىش جەريانىدۇر. بۇ تەرەققىيات مىچېلسنىڭ ئولىگارخىيە نەزەرىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي شارائىتلاردا قانداق نامايەن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش جەھەتتىن تىپىك بىر ئۈلگىدۇر.
لېنىنىزملىق تەشكىللىنىش ئەندىزىسى ۋە قۇرۇلۇش دەۋرى (1921-1949)
خ ك پ 1921-يىلى ئىيۇلدا شاڭخەيدە، كوممۇنىست ئىنتېرناتسىئونالنىڭ (كومىنتېرن) بىۋاسىتە قوللىشى ۋە يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان (سكرام، 1989؛ سايچ ۋە ۋان دې ۋېن، 1995). قۇرۇلتايدا پەقەت 13 ۋەكىل تەرىپىدىن ۋەكىللىك قىلىنغان 57 ئەزالىق بۇ كىچىك تەشكىلات، باشلىنىشتىن تارتىپلا بولشېۋىك ئەندىزىسىنى قوبۇل قىلغان. كومىنتېرن ۋەكىلى خېنك سنېۋلىتنىڭ (مارىڭ) پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، ئەزالىق ئۆلچەملىرى ۋە ئىنتىزام مېخانىزملىرى ئۈستىدىكى تەسىرى ھەل قىلغۇچ بولغان (ۋان دې ۋېن، 1991).
لېنىننىڭ «نېمە قىلىش كېرەك؟» (1902) ناملىق ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان «ئىنقىلابىي ئاۋانگارت پارتىيە» ئۇقۇمى، خ ك پ نىڭ تەشكىلىي گېنى (د ن ئا) نى شەكىللەندۈرگەن. لېنىننىڭ قارىشىچە، ئىشچىلار سىنىپى ئۆزلىكىدىن پەقەت «ئىشچىلار كەسپىي ئۇيۇشمىسى ئېڭى» نىلا يېتىلدۈرەلەيدۇ؛ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئۈچۈن زۆرۈر بولغان «ئىنقىلابىي ئاڭ»، كەسپىي ئىنقىلابچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئىنتىزاملىق بىر ئاۋانگارت پارتىيە تەرىپىدىن سىرتتىن ئېلىپ كېلىنىشى كېرەك (لېنىن، 1902/1969: 74-112). بۇ ئېپىستېمولوگىيەلىك (بىلىش) پەرەز تەبىئىي ھالدا ئولىگارخىيەلىك بىر قۇرۇلمىنى قانۇنىيلاشتۇرىدۇ: بىلىم ۋە ئاڭغا ئىگە ئاز سانلىق گۇرۇھ (پارتىيە)، ئاڭسىز كۆپچىلىكنى (پرولېتارىياتنى) يېتەكلەش ھوقۇقىغا ئىگە.
ئولىگارخىيەنىڭ قۇرغۇچى پرىنسىپى
خ ك پ نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنىڭ تۈپ پرىنسىپى بولغان «دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش»، پارتىيە ئىچىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ چەكلىك بىر ئەركىنلىك ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشىنى، ئەمما قارار چىقىرىلغاندىن كېيىن بارلىق ئەزالارنىڭ بۇ قارارغا مۇتلەق ئىتائەت قىلىشىنى بەلگىلەيدۇ (لىبېرتال، 2004؛ شامباۋ، 2008). بۇ پرىنسىپ مەزمۇنىدا «دېموكراتىك» دېگەن سۆز بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قاتتىق بىر قاتلاملىق كونترول ۋە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ ماڭىدىغان ھوقۇق سىستېمىسىنى بىلدۈرىدۇ.
دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ بەش ئاساسلىق تەركىبى تۆۋەندىكىچە:
- تۆۋەن قاتلامدىكى ئورگانلار يۇقىرى قاتلامدىكىلەرگە، ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىققا، شەخسلەر تەشكىلاتقا ئىتائەت قىلىدۇ.
- يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ قارارلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك ئورگانلار ئۈچۈن مەجبۇرىيەتتۇر .
- پارتىيە ئىچىدىكى مۇنازىرە پەقەت قارار چىقىرىشتىن بۇرۇنقى باسقۇچتا چەكلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
- قارار چىقىرىلغاندىن كېيىن تەنقىد قىلىش چەكلىنىدۇ، ئىنتىزام تولۇق ئىجرا قىلىنىدۇ.
- رەھبەرلەر كوللېكتىپ ئەمەس، بەلكى شەخسىي جەھەتتىن مەسئۇلىيەتكە ئىگە (بۇمۇ ئولىگارخىيەنى كۈچەيتىدۇ).
بۇ پرىنسىپ مىچېلسنىڭ «تەشكىلىي ئېھتىياجلار» ئىددىئاسىنى دەلىللەيدۇ: چوڭ تىپتىكى بىر تەشكىلاتنىڭ «ئۈنۈملۈك» ئىشلىيەلىشى ئۈچۈن مەركەزلىشىش مۇقەررەر. ئەمما بۇ مەركەزلىشىش، ئولىگارخىيەلىشىشنىڭ قۇرۇلمىۋى ئاساسىنى سالىدۇ (رىگبى، 1968).
ئاممىۋى لىنىيە ئىستراتېگىيەسى: ھۆكۈمرانلىقنى قۇرۇش
ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئاممىۋى لىنىيە» ئىستراتېگىيەسى، پارتىيەنىڭ جەمئىيەتتىكى قانۇنىي ئاساسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئاممىنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە ئىدىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قايتىدىن ئاممىغا سۇنۇش ئەمەلىيىتى ئىدى (سەلدېن، 1995؛ تەيۋېس، 1993). ماۋنىڭ فورمۇلاسى بىلەن ئېيتقاندا: «ئاممىدىن كېلىپ، ئاممىغا بېرىش؛ تارقاق ۋە سىستېمىسىز پىكىرلەرنى توپلاش، مەركەزلەشتۈرۈش ۋە سىستېمىغا سېلىش، ئاندىن تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئاممىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش» (ماۋ، 1943/1967: 119).
ئاممىۋى لىنىيە كۆرۈنۈشتە دېموكراتىك ئىشتىراكچىل مېخانىزمى سۈپىتىدە سۇنۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە گرامشىنىڭ (1971-يىلى) «ھۆكۈمرانلىق (زومىگەرلىك)» (ھۆكۈمرانلىق) ئۇقۇمىنىڭ تىپىك ئۈلگىسىدۇر: ئامما ئۆزلىرىنىڭ تەلىپىنى پارتىيە تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ «رازىلىق» بىلدۈرىدۇ، ئەمما بۇ جەرياندا پارتىيە ئىدىيەسى ئاممىغا تېڭىلىدۇ. بۇنى «كونترول قىلىنغان قاتنىشىش» ياكى «ئولىگارخىيە تۈسىنى ئالغان ئاممىغا تەخسىكەشلىك قىلىش» دەپ ئېنىقلاشقا بولىدۇ. ئاممىۋى لىنىيە ئىستراتېگىيەسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پارتىيەنىڭ ئاخبارات تورى سۈپىتىدىمۇ خىزمەت قىلىدۇ. يەرلىك پارتىيە كادىرلىرى دېھقانلار ۋە ئىشچىلارنىڭ مەسىلىلىرىنى مەلۇم قىلىش ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىنىڭ جەمئىيەتنى كۆزىتىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ فۇكونىڭ (1975-يىلى) «پانوپتىكون» (ئوچۇق تۈرمە) ئۇقۇمىنىڭ سىياسىي نۇسخىسىدۇر: جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز نازارەت ئاستىدا تۇرىدۇ، ئەمما بۇ نازارەت «خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن» دەپ قانۇنىيلاشتۇرۇلىدۇ ياكى يوللۇقلاشتۇرۇلىدۇ
كادىرلار تۈزۈمى ۋە خوجايىن-چاكار تورلىرى
خ ك پ نىڭ «كادىرلار تۈزۈمى» پارتىيە ئەزالىرىنى ئەستايىدىل تاللاش، تەربىيەلەش، باھالاش ۋە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئەتراپلىق بىر مېخانىزمدۇر (بۇرنس، 1989-يىلى؛ مەنيون، 1993-يىلى). بۇ سىستېما سوۋېت ئەندىزىسىدىن ئىلھام ئالغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بيۇروكراتىك مەدەنىيىتى بىلەن بىرىكىپ، ئۆزىگە خاس بىر شەكىلگە ئىگە بولغان.
كادىرلار تۈزۈمى ئىككى ئاساسلىق رولنى ئۆتەيدۇ. بىرىنچىدىن، سادىقلىقنى مۇكاپاتلاپ، قارشى پىكىرنى جازالايدىغان بىر «خوجايىن-چاكار تورى» قۇرىدۇ (ۋالدېر، 1986-يىلى). ئىككىنچىدىن، پارتىيە ئىچىدىكى كادىر تاللاش رىقابىتى لاياقەتلىك بولۇش ئۆلچەملىرىدىن بەكرەك، شەخسىي مۇناسىۋەتلەر ۋە پاراخورلۇق ئارقىلىق يۈرۈشۈپ ماڭىدۇ. بۇ مىچېلسنىڭ «رەھبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇلغۇسىز قىلىپ قويۇشى» ئىددىئاسىنىڭ كونكرېت ئىپادىسىدۇر.
بۇرنس (1989-يىلى) ۋە خۇاڭ (2000-يىلى) كادىرلار تۈزۈمىنىڭ پارتىيە ئىچىدە «غەيرىي رەسمىي قاتلاملار» ياراتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. رەسمىي قاتلاملاردىن سىرت، پارتىيەنىڭ قايسى گۇرۇھىغا تەۋە ئىكەنلىكىڭىز، قايسى رەھبەرگە باغلىق ئىكەنلىكىڭىز، قايسى جۇغراپىيەلىك تورنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىڭىز (شاڭخەي گۇرۇھى، شاھزادىلەر گۇرۇھى، ياشلار ئىتتىپاقى گۇرۇھى قاتارلىقلار) ھەقىقىي ھوقۇق دىنامىكىلىرىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ غەيرىي رەسمىي قۇرۇلمىلار ئولىگارخىيەنى تېخىمۇ تەبىقىلەشكەن ۋە مۈجمەل قىلىۋەتكەن.
ئىچكى ئۇرۇش دەۋرى ۋە ھەربىي-پارتىيە بىرىكمىسى (1927-1949)
1927- يىلى گومىنداڭ بىلەن بولغان ئىتتىپاقنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېيىن باشلانغان ئىچكى ئۇرۇش دەۋرى خ ك پ نىڭ خاراكتېرىنى رادىكال تۈستە ئۆزگەرتىۋەتكەن (گۇيلېرمەز، 1972-يىلى). ماۋ زېدۇڭنىڭ جياڭشى دەۋرى (1931-1934) ۋە يەنئەن دەۋرىدە (1935-1947) شەكىللەندۈرگەن «ھەربىي-پارتىيە بىرىكمىسى» خ ك پ نى پەقەت بىر سىياسىي پارتىيەلا ئەمەس، بەلكى بىر ھەربىي تەشكىلاتقا ئايلاندۇرۇپ قويغان.
ماۋنىڭ «سىياسىي ھاكىمىيەت مىلتىق ئۇچىدىن چىقىدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆزى خ ك پ نىڭ زوراۋانلىق مونوپوللۇقىنى ۋە ھەربىي-پۇقراۋى قاتلاملارنىڭ بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىشىنى قانۇنىيلاشتۇرغان (ماۋ، 1938/1967). ئەمما ماۋ شۇ جۈملىگە يەنە شۇنى قوشىدۇ: «بىزنىڭ پرىنسىپىمىز پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىشتۇر؛ مىلتىقنىڭ پارتىيەگە قوماندانلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويۇلماسلىقى كېرەك.» بۇ، ھەربىي كۈچنىڭ پارتىيە ئولىگارخىيەسىگە تولۇق بېقىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،يەنئەن دەۋرى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى بىردەكلىكى ۋە ئىچكى ئىنتىزامىنىڭ مۇستەھكەملەنگەن دەۋرىدۇر. «ئىسلاھات ھەرىكىتى» (1942-1944)، پارتىيە ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرنى بېسىقتۇرۇش، ماۋنىڭ رەھبەرلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىش تۈزۈمىنى تېڭىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن (ئاپتېر ۋە سايچ، 1994-يىلى). بۇ ھەرىكەت كېيىنكى بارلىق خ ك پ رىجىم ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەندىزىسى بولغان: ئىدىيەۋى تەربىيە، تەنقىد-ئۆز تەنقىد يىغىنلىرى، ئامما ئالدىدا مەسىكىسىنى تاپشۇرۇش ۋە ئىنتىزام جازالىرى.
2.2. ھاكىممۇتلەق پارتىيە-دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى (1949-1976)
1.2.2. پارتىيە-دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئورگانلىشىشى
1949- يىلى 1-ئۆكتەبىردە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىرگە، خ ك پ پەقەت بىر سىياسىي پارتىيە بولۇشتىن توختاپ، دۆلەتنىڭ ئۆزىگە ئايلانغان. ماۋنىڭ باياناتى بىلەن «خىتاي خەلقى ئورنىدىن شۇندىن بېرى دەس تۇردى» – ئەمما ئەمەلىيەتتە، خ ك پ ئولىگارخىيەسى ئۆزىنىڭ مۇتلەق ھوقۇقىنى قۇرۇپ چىققانىدى.
پارتىيە-دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئورگانلىشىشى ھەر بىر دۆلەت ئورگىنىدا پاراللېل بىر پارتىيە قۇرۇلمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان (بارنېت، 1967-يىلى؛ شۇرمان، 1968-يىلى). مەسىلەن:
ھەر بىر مىنىستىرلىكنىڭ ھەم بىر دۆلەت مىنىستىرى ھەم بىر پارتىيە سېكرېتارى بولىدۇ؛ ھەقىقىي ھوقۇق پارتىيە سېكرېتارىنىڭ قولىدا بولىدۇ.
ئارمىيە ( خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى) رەسمىي ھالدا « خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «پارتىيەنىڭ ئارمىيەسى»دۇر؛ ھەر بىر ھەربىي قىسىمدا پارتىيە كومىتېتى بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسىتېتلار، زاۋۇتلار، شەھەر،يېزا-كەنت،مەھەللە كومىتېتلىرىغا ئوخشاش بارلىق ئاساسى قاتلامدا پارتىيە ياچېيكىلىرى قۇرۇلۇشى شەرت.
ئەدلىيە سىستېمىسى «پارتىيە رەھبەرلىكى ئاستىدا» يۈرگۈزۈلىدۇ؛ ئەدلىيە مۇستەقىللىقى ئۇقۇمى رەت قىلىنىدۇ (پېرېنبوم، 2002-يىلى).
بۇ قۇرۇلما ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ كلاسسىك ئېنىقلىمىلىرىغا تولۇق ماس كېلىدۇ. ھاننا ئارېندت (1951/1973: 392-457) تەكىتلىگەندەك، ھاكىممۇتلەق رېجىملار دۆلەت بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ۋاسىتىلىك ئورگانلارنى يوقىتىش ئارقىلىق، شەخسلەرنى بىۋاسىتە ئىدىيەۋى ۋە تەشكىلىي كونترولغا ئىتائەت قىلدۇرىدۇ. كارل فرىدرىخ ۋە زبىگنيېۋ برزېزىنكسى (1965-يىلى) ئوتتۇرىغا قويغان ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ئالتە خاراكتېرلىك ئۆلچىمى خ ك پ رېجىمىدا مەۋجۇت: (1) رەسمىي ئىدىيە، (2) بىرلا ئاممىۋى پارتىيە، (3) تېررورلۇق، (4) تاراتقۇ مونوپوللۇقى، (5) قورال مونوپوللۇقى، (6) مەركەزلەشكەن ئىقتىساد.
2.2.2. ئىدىيەۋى ھۆكۈمرانلىق ۋە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى
1950- يىللار بويىچە خ ك پ ماركسىزم-لېنىنىزم ۋە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى جەمئىيەتنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە تېڭىلغان رەسمىي ئىدىيەگە ئايلاندۇرغان. «بارچە گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىش ھەرىكىتى» (1956-1957) ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن «ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» زىيالىيلارنى سۈكۈتكە مەجبۇر قىلغان ۋە ئىدىيەۋى چەك-چېگرانى بەلگىلىگەن (ماكفارخار، 1960-يىلى). ئەمما ھاكىممۇتلەق ئىدىيەۋى ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئەڭ ئۇچىغا چىققان ۋاقتى 1966-1976-يىللىرىدىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دۇر (ماكفارخار ۋە شۆنخالس، 2006-يىلى). بۇ دەۋر ماۋنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى رەقىبلىرىنى يوقىتىش، ياشلارنى سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئىنقىلابنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە باشلىغان قالايمىقان بىر ئاممىۋى ھەرىكەت ئىدى. «قىزىل قوغدىغۇچىلار» «تۆت كونا» (كونا ئىدىيە، كونا مەدەنىيەت، كونا ئۆرپ-ئادەت، كونا ئەنئەنە) نى يوقىتىش ئۈچۈن پۈتۈن مەملىكەتتە تېررورلۇق يۈرگۈزگەن.
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەسىرى ئالاھىدە ۋەيران قىلغۇچ بولغان:
مىڭلىغان مەسچىتلەر ۋەيران قىلىنغان ياكى ئاتېئىزىم تەشۋىقات مەركەزلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان.
قۇرئان ۋە ئىسلامىي ئەسەرلەر،كىلاسسىك قوليازمىلار كۆيدۈرۈلگەن، دىنىي زاتلار قامالغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى «فېئودال قالدۇقلىرى» دەپ تامغىلىنىپ، خىتايچە تېڭىلغان.
قەبرىستانلىقلار ۋە تارىخىي يادىكارلىقلار ۋەيران قىلىنىپ، مەدەنىيەت ئەسلىمىسى سىستېمىلىق ھالدا ئۆچۈرۈلگەن (ماككېررەس، 1994: 156-189).
بۇ دەۋر مىچېلسنىڭ «ئاممىنىڭ تەشكىللىنىش ئىقتىدارىنى پالەچلەندۈرۈش » ئۇقۇمىنىڭ ئەڭ ۋەھشىي ئەمەلىيىتىنى نامايەن قىلغان. ئەنئەنىۋى رەھبەرلىك قۇرۇلمىلىرىنىڭ (دىنىي ئۆلىمالار، جەمئىيەت سەر خىللىرى) يوقىتىلىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كوللېكتىپ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئونلىغان يىللار بويى ئاجىزلىتىۋەتكەن.
3.2.2. ئاممىۋى سەپەرۋەرلىك، تېررور ۋە جەمئىيەت كونتروللۇقى
ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى خ ك پ ئاممىۋى سەپەرۋەرلىكنى ھەم ئىدىيەۋى ھۆكۈمرانلىق (زومىگەرلىك) قورالى، ھەم تېررور مېخانىزمى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن. «ئۈچكە قارشى ھەرىكەت» (1951-يىلى)، «بەشكە قارشى ھەرىكەت» (1952-يىلى)، «ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» (1957-1959-يىللىرى)، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» (1958-1962-يىللىرى) غا ئوخشاش ئارقىمۇئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر جەمئىيەتنى ئۈزلۈكسىز سەپەرۋەرلىك ھالىتىدە تۇتۇپ، ئۆكتىچىلەرنى بېسىقتۇرغان ۋە پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن (مېيسنېر، 1999-يىلى).
بۇ ھەرىكەتلەر تېررورنىڭ ئورگانلاشقان ھالى ئىدى . «كۈرەش يىغىنلىرى»، ئامما ئالدىدا «مەسلىسىنى تاپشۇرۇش»، بىر-بىرىنى پاش قىلىش ۋە «سىنىپىي دۈشمەنلەر»نى جازالاش، جەمئىيەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىشىنى تەمىنلەيدىغان بىر ئوچۇق تۇرمە ياراتقان (ئۇنگېر، 2002-يىلى). ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ماۋ دەۋرىدىكى خاتا سىياسەتلەر سەۋەبىدىن 40 مىليوندىن 80 مىليونغىچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا (دىكۆتتېر، 2010-يىلى؛ ياڭ، 2012-يىلى).
3.2. ئىسلاھات دەۋرى ۋە ھاكىممۇتلەق كاپىتالىزم (1978-2012)
1.3.2 دېڭ شياۋپىڭنىڭ «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتى
دېڭ شياۋپىڭ 1978-يىلى باشلىغان «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسەتلىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسىدا تۈپ ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئەمما سىياسىي ھاكىممۇتلەقلىقنى ساقلاپ قالغان (ناۋتون، 2007-يىلى). دېڭنىڭ ئەمەلىيەتچىل ئۇسۇلى «قارا مۈشۈكمۇ مەيلى، ئاق مۈشۈكمۇ مەيلى، چاشقان تۇتسىلا ياخشى مۈشۈك» دېگەن شۇئار بىلەن يەكۈنلەنگەن:كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئىقتىسادىي نەتىجە ياراتسىلا بولدى دەيدىغان يۈزلىنىش ئوتتۇرىغا چىققان .
بۇ دەۋردە ئىقتىسادىي ئەركىنلىشىش بىلەن سىياسىي ھاكىممۇتلەق كونترولنىڭ بىرىكىشى، «ھاكىممۇتلەق كاپىتالىزم» (ھاكىممۇتلەق كاپىتالىزم) ياكى «بازار لېنىنىزمى» (بازار لېنىنىزمى) دەپ ئاتىلىدىغان ئارىلاشما بىر سىستېمىنى ياراتقان (دىكسون، 2003-يىلى؛ پىئېرسون، 2007-يىلى). خ ك پ ئىقتىسادتا بازار مېخانىزملىرىنى قوبۇل قىلسا، سىياسەتتە بىر پارتىيە مۇستەبىتلىكىنى ساقلاپ قالغان.
2.3.2. ھاكىممۇتلەق چىدامچانلىق ۋە قۇرۇلمىۋى ماسلىشىش
ئاندرېۋ ناتاننىڭ (2003-يىلى) «ھاكىممۇتلەقنىڭ چىدامچانلىقى» (ھاكىممۇتلەقنىڭ چىدامچانلىقى – ھاكىممۇتلەق سىستېمىنىڭ يىقىلماي تۇرۇش كۈچى) ئۇقۇمى، خ ك پ نىڭ نېمە ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپا كوممۇنىستىك رېجىملىرى يىقىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا پۇت تىرەپ تۇرالالىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ناتان تۆت ئامىلنى بېكىتكەن:
- ئورگانلىشىشنىڭ قېلىپلىشىشى: رەھبەرلىك ئالمىشىشنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ھالغا كېلىشى (ياش چەكلىمىسى، ۋەزىپە ئۆتەش قېتىم سانى چەكلىمىسى قاتارلىقلار).
- لاياقەتلىكلىككە ئاساسلانغان ئۆستۈرۈلۈش: كادىرلار تۈزۈمىنىڭ نىسبەتەن ئىقتىدار ۋە لاياقەتلىك ئۆلچەملىرىگە تايىنىدىغان بولۇشى.
- سايلامغا چەكلىمىلىك قاتنىشىش: يەرلىك دەرىجىدە چەكلىمىلىك سايلام ۋە سىياسىي كېڭەش مېخانىزملىرى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ بېسىمىنى باشقۇرۇش.
- نەتىجىگە تايانغان تۈزۈم: ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق رېجىمنى قانۇنىيلاشتۇرۇش (جاۋ، 2009-يىلى).
ئەمما بۇ «چىدامچانلىق» بارلىق يەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنمىغان. شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش «سەزگۈر رايونلار»دا، پارتىيە ئورگانلىرى جانلىقلىق كۆرسەتمىگەن، بەلكى يۈكسەك دەرىجىدە ھاكىممۇتلەق كونترول يۈرگۈزگەن.
3.2.2. تېخنو-ھاكىممۇتلەق كونترول مېخانىزملىرى
1990- يىللاردىن باشلاپ خ ك پ ئىنتېرنېت ۋە رەقەملىك تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىياتىغا قارشى مۇرەككەپ كونترول مېخانىزملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. «خىتاي چوڭ مۇداپىئە تېمى» (خىتاي تور مۇداپىئە توسىقى) دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەتراپلىق ئىنتېرنېت سېنزور سىستېمىسى بولغان (ماككىنون، 2011-يىلى؛ كىڭ ۋە باشقىلار، 2013-يىلى). بۇ سىستېما پەقەت بەزى تور بەتلەرنى چەكلەپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «سەزگۈر ئاچقۇچلۇق سۆزلەر»نى سۈزۈپ چىقىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىدۇ ۋە ئاپتوماتىك سېنزور ئالگورىزىملىرىنى ئىشلىتىدۇ.
تېخنو-ھاكىممۇتلەق كونترول رەقەملىك نازارەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر بىر ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى ھەقىقىي كىملىكى بىلەن تىزىملىتىشى شەرت؛ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى (ئۈندىدار، ۋېيبو) دۆلەت تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز كۆزىتىلىدۇ؛ ئۆكتىچى مەزمۇنلار ئاپتوماتىك ئۆچۈرۈلىدۇ ۋە بۇلارنى ھەمبەھىرلىگەنلەر جازالىنىدۇ (روبېرتس، 2018-يىلى).
4.2. شى جىنپىڭ دەۋرى ۋە يېڭچە ھاكىممۇتلەقلىق (2012-يىلدىن ھازىرغىچە)
1.4.2. ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىشى ۋە شەخسىي چوقۇنۇش
شى جىنپىڭ 2012-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى بولۇپ ھوقۇققا كېلىشى بىلەن، خىتاي سىياسىتىدە رادىكال بىر ئارقىغا بۇرۇلۇش باشلانغان. شى، دېڭ دەۋرىدىن كېيىنكى نىسبەتەن كوللېكتىپ رەھبەرلىك سىستېمىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى ئۆز ئەتراپىغا مەركەزلەشتۈرگەن (مىنزنېر، 2018-يىلى؛ لام، 2015-يىلى).
شىنىڭ ھوقۇقنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسلىق قەدەملىرى:
چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى: 2012-2017-يىللىرى ئارىسىدا 1.5 مىليون پارتىيە ئەزاسى «چىرىكلىك» باھانىسى بىلەن جازالانغان – بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شىنىڭ رەقىبلىرى ئىدى (ۋېدېمان، 2017-يىلى).
ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش: 2018-يىلى دۆلەت رەئىسىنىڭ ئىككى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەش چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، شى ئۆمۈرلۈك رەھبەر بولالايدىغان ھالغا كەلگەن.
ئىدىيەۋى چوقۇنۇشنىڭ ئورگانلىشىشى: «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى» پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلگەن، شى ماۋدىن كېيىن ھايات ۋاقتىدا ئىسمى ئاساسىي قانۇنغا يېزىلغان بىردىنبىر رەھبەر بولۇپ قالغان (تورنتون، 2016-يىلى).
مەركىزىي كونترول ئورگانلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى: مەركىزىي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى، مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئەتراپلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ئوخشاش شى رەئىسلىك قىلىدىغان «رەھبەرلىك كىچىك گۇرۇپپىلىرى» قۇرۇلغان.
بۇ تەرەققىياتلار مىچېلسنىڭ ئولىگارخىيە نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: ئولىگارخىيە شەخسىي مۇستەبىتلىككە ئايلىنىدۇ. شى پارتىيە ئولىگارخىيەسى ئىچىدىمۇ «بىرىنچى شەخس»كە ئايلانغان.
2.4.2. رەقەملىك ھاكىممۇتلەقلىق ۋە ئىجتىمائىي كونترول سىستېمىلىرى
شى دەۋرى رەقەملىك تېخنىكىلار ھاكىممۇتلەق كونترول بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بىر «رەقەملىك مۇستەبىتلىك» (رەقەملىك زومىگەرلىك) ياكى «يېڭى ھاكىممۇتلەقلىق» ياراتقان (رايت، 2021-يىلى). بۇ سىستېمىنىڭ ئۈچ ئاساسلىق تەركىبى بار:
ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى: 2014-يىلى باشلانغان بۇ سىستېما، ھەر بىر پۇقرانىڭ ھەرىكىتىگە نومۇر قويىدۇ، «ياخشى پۇقرالار»نى مۇكاپاتلاپ، «يامان پۇقرالار»نى جازالايدۇ. سىستېما سودا-سېتىقتىن تارتىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ھەمبەھىرلەرگىچە، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشتىن تارتىپ قوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكىچە ھەممىنى كۆزىتىدۇ (لياڭ ۋە باشقىلار، 2018-يىلى؛ كىرىمېرس، 2018-يىلى).
ئەتراپلىق رەقەملىك نازارەت ئۇل ئەسلىھەلىرى: خىتاي مىقياسىدا 600 مىليوندىن ئارتۇق بىخەتەرلىك كامېراسى ئورنىتىلغان بولۇپ، سۈنئىي ئىدراك قوللايدىغان چىراي تونۇش تېخنىكىلىرى ئىشلىتىلمەكتە. «تيەنيەن» (ئاسماندا تور – سكاينېت) ۋە «شۆلياڭ» (ئۆتكۈر كۆزلەر – شارپ ئايىس) دەپ ئاتالغان سىستېمىلار دەل ۋاقتىدا ئاممىنى نازارەت قىلىدىغان سېستىمىلاردۇر (چياڭ، 2019-يىلى).
چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە ئالدىن پەرەز قىلىش خاراكتېرلىك ساقچى پائالىيىتى: خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندا، پۈتۈن نوپۇسنىڭ د ن ئا (DNA) ئەۋرىشكىلىرى، بىيومېتىرىك مەلۇماتلىرى، تېلېفون خاتىرىلىرى ۋە ھەرىكەت تارىخلىرى توپلانماقتا؛ ئالگورىزىملار «يوشۇرۇن تەھدىت» بولۇشى مۇمكىن بولغان كىشىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىشقا تىرىشماقتا (كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، 2019-يىلى).
بۇ سىستېما ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق دىستوپىيەسىدىن (دىستوپىيە – قورقۇنچلىق كەلگۈسى تەسەۋۋۇرى) ھالقىپ كەتكەن بىر كونترول مېخانىزمى ياراتقان. فۇكو ئوتتۇرىغا قويغان ئوچۇق تۈرمە (پانوپتىكون) ئەمدى رەقەملىك ۋە ئاپتوماتىكلەشكەن تۇرمىدۇر؛ بېنتام تەسەۋۋۇر قىلغان «مۇكەممەل نازارەت» تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشقان.
2.4.3. «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت زومىگەرلىكى
شى جىنپىڭ دەۋرى، بارلىق دىنلار ۋە ئېتنىك كىملىكلەرنى «خىتاي ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان» ھالغا كەلتۈرۈش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى تېڭىۋاتىدۇ (زېنز، 2019-يىلى؛ لېيبولد، 2020-يىلى). بۇ سىياسەت ئۈچ ئاساسلىق نىشانغا قارىتىلغان:
- دىنىي خىتايلاشتۇرۇش: ئىسلام، خىرىستىيان، بۇددا ۋە باشقا دىنلارنى «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى»غا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش. ئەمەلىيەتتە بۇ، مەسچىتلەرنى خىتاي بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا قايتىدىن سېلىش، خۇتبىلەردە پارتىيە تەشۋىقاتى قىلىش، دىنىي زاتلارنى پارتىيە تەربىيەسىدىن ئۆتكۈزۈش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ (ھىلمەن، 2016-يىلى).
- تىل جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش: ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىللىرىدىكى مائارىپنى چەكلەش ياكى مەنئى قىلىش، خىتاي تىلىنى تېڭىش (لېيبولد ۋە چېن، 2014-يىلى).
- مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر تۇتاشلاشتۇرۇش: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى پەقەت «فولكلور» ۋە «ساياھەت» سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈپ قويۇش، جانلىق مەدەنىيەت ئەمەلىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش، خەنزۇ مەدەنىيەت ئۆلچەملىرىنى ھەر بىر تۇرمۇش قاتلاملىرىغىچە ئۇنىۋېرسال ھالدا تېڭىش.
خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى، سەئىدنىڭ (1978-يىلى) «شەرقشۇناسلىق» (ئورىيېنتالىزىم) ئۇقۇمىنىڭ زامانىۋى بىر نۇسخىسىدۇر: خەنزۇ كىملىكى «مەدەنىي»، «زامانىۋى» ۋە «تەرەققىي قىلغان» دەپ بېكىتىلسە، ئاز سانلىق مىللەت كىملىكلىرى «قالاق»، « ئىپتىدائىي» ۋە «خەتەرلىك» دەپ ئەيىبلىنىدۇ. بۇ خىل قۇرۇلمىۋى رەسمىي بايان، مەدەنىيەتنى يوقىتىشنى قانۇنىيلاشتۇرىدۇ.
2.4.4. «تۆت ئاڭ» ۋە «ئىككىنى قوغداش»: ئىدىيەۋى بىردەكلىك
شى دەۋرى پارتىيە ئىچىدىكى ئىنتىزامنى ۋە ئىدىيەۋى بىردەكلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەرنى باشلىدى.
«تۆت ئاڭ» : سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرولۇق ئاڭ (شىغا سادىق بولۇش)، سەپداشلىق ئېڭى.
«ئىككىنى قوغداش» (ئىككىنى قوغداش): شى جىنپىڭنىڭ يادرو لۇق ئورنىنى قوغداش ۋە پارتىيە مەركىزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش (ساي ۋە دىن، 2013-يىلى).
بۇ ھەرىكەتلەر پارتىيە ئىچىدىكى ئۆكتىچىلىك قالدۇقلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي يوقىتىشنى نىشانلايدۇ. تەنقىد قىلىش،قوللاش بىلدۈرمەي سۈكۈت قىلىش،بىتەرەپ پوزىتسىيە ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن قارشىلىقمۇ «سىياسىي ئىنتىزامسىزلىق» سۈپىتىدە جازالىنىدۇ. خ ك پ ئۆزىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى قايتىدىن مۇستەھكەملىدى.
خ ك پ نىڭ شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇشىدىكى ئولىگارخىيەلىك قۇرۇلما:
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى، كلاسسىك ئولىگارخىيەلىك دىنامىكىلارنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە تەكشۈرۈلگەندە، مىچېلس نەزەرىيەسىدە كۆرسىتىلگەن نۇرغۇن ئامىللارنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما ھاكىممۇتلەق تۈزۈم بىر پارتىيە-دۆلەت سىستېمىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئوخشىمىغان شارائىتلىرىدا ئوخشىمىغان شەكىللەرنى ئالىدۇ. مىچېلسقا كۆرە ئولىگارخىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئۈچ ئاساسلىق ئامىل رول ئوينايدۇ: تەشكىلىي زۆرۈرىيەتلەر، رەھبەرلەرنىڭ پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئاممىنىڭ پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى (مىچېلس، 1915-يىلى). تەشكىلىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چوڭ تىپتىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىلىرى قارار چىقىرىش جەريانلىرىدا سۈرئەت ۋە ئۈنۈمگە ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق ئەزالارنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشىنى تەمىنلەش تېخنىكىلىق جەھەتتىن مۇمكىن بولماي قالىدۇ. بۇ ئەھۋال ۋەكىللىك خاراكتېرلىك بىر قۇرۇلمىنىڭ شەكىللىنىشىنى ۋە قارار چىقىرىش ھوقۇقىنىڭ مەلۇم بىر گۇرۇپپىغا تاپشۇرۇلۇشىنى مەجبۇرىي قىلىدۇ. خ ك پ نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى تەكشۈرۈلگەندە، بۇ تەشكىلىي زۆرۈرىيەتلەرنىڭ ئاشۇرۇۋېتىلگەن بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى كۆرۈلىدۇ. پارتىيە تەشكىللىنىشى يەرلىكتىن مەركەزگە قاراپ قاتلاممۇ-قاتلام پىرامىدا شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ھەر بىر قاتلامدا ھوقۇقنىڭ يۇقىرىغا قاراپ مەركەزلىشىشى تەمىنلىنىدۇ (شامباۋ، 2008-يىلى). رايون دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيەدە يەرلىك پارتىيە ئەزالىرىغا ۋەكىللىك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بېيجىڭدىكى مەركىزىي رەھبەرلىكنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان بىر ئاپپارات سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.
دېموكراتىك تەشكىلاتلاردا ئولىگارخىيەنىڭ شەكىللىنىشىنى چۈشەندۈرىدىغان مىچېلس نەزەرىيەسى، بىر پارتىيەلىك سىستېمىلاردا تېخىمۇ كەسكىن شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. لىنز (1964-يىلى) ھاكىممۇتلەق رېجىملارنى تۈرگە ئايرىشىدا كۆرسەتكىنىدەك، ھاكىممۇتلەق سىستېمىلار ھەتتا چەكلىك كۆپ خىللىققىمۇ يول قويمايدۇ ۋە ئىدىيەۋى سەپەرۋەرلىكنى چىڭ تۇتىدۇ. خ ك پ نىڭ «شىنجاڭ» باشقۇرۇشى بۇ مەنىدىن كلاسسىك ئولىگارخىيەدىن پەرقلىق ھالدا، دېموكراتىك تەرتىپلەرنىڭ ئولىگارخىيەلىك قۇرۇلمىغا ئايلىنىشى ئەمەس، بەلكى باشتىن-ئاخىر ئولىگارخىيەلىك قىلىپ لايىھەلەنگەن بىر سىستېمىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقتىمۇ مىچېلس ئوتتۇرىغا قويغان مېخانىزملار بۇ سىستېمىدىمۇ ئېنىق كۆرۈلىدۇ. پارتىيە بيۇروكراتىيەسى ئىچىدە ئۆرلەش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىزمەت تەجرىبىسى ۋە سىياسىي سادىقلىق، مەلۇم بىر تاللانما گۇرۇپپىنىڭ قايتا-قايتىدىن شەكىللىنىشىگە يول ئاچىدۇ (پاينى، 1981-يىلى). بۇ تاللانما گۇرۇپپا پەقەت پارتىيە ئىچىدىكى پىرامىداسىمان قۇرۇلمىدىلا ئەمەس، بەلكى دۆلەت بيۇروكراتىيەسى، بىخەتەرلىك ئاپپاراتى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلارنىڭ كونتروللۇقىدىمۇ ھەل قىلغۇچ ئورۇنغا ئىگە.
ۋېبېرنىڭ (1978-يىلى) بيۇروكراتىيە نەزەرىيەسى بىلەن بىرلىكتە قارالغاندا، خ ك پ نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقۇرۇشى ئەقىل-قانۇنغا تايانغان ھوقۇقنىڭ (راتسىئونال-قانۇنىي ھۆكۈمرانلىق) ئەمەس، بەلكى ئىدىيەۋى ھوقۇق (ئىدىيەۋى ھۆكۈمرانلىق)نىڭ بيۇروكراتىيە بىلەن بىرىككەن ئارىلاشما قۇرۇلمىسىنى بىلدۈرىدۇ. ۋېبېر، زامانىۋى بيۇروكراتىيەنىڭ پىرامىداسىمان تەشكىلى قۇرۇلمىىسى، كەسپىيلىشىش ۋە قائىدىلەرنىڭ كودلىنىشى ھوقۇقنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىنى تەمىنلەيدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەخسىي ئەركىنلىكنى چەكلەيدۇ دەپ كۆرسەتكەن. شىنجاڭدا پارتىيە-دۆلەت بيۇروكراتىيەسى ۋېبېر ئېنىقلىما بەرگەن رېئال بيۇروكراتىيەنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولسىمۇ ، لېكىن بۇلار ئىدىيەۋى كونترول مېخانىزملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. تەشكىلىي قۇرۇلما پەقەت مەمۇرىي ئۈنۈم ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي كونترولنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈنمۇ قۇرۇلغان (تسۇ، 1986-يىلى). پىرامىداسىمان رەھبەرلىك قۇرۇلمىسىدا ھەر بىر بيۇروكرات ھەم بىر يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى، ھەم پارتىيە ئىنتىزامىغا بېقىنىدىغان كوئۇردىناتتادۇر.
مىچېلس نەزەرىيەسىنىڭ ئىككىنچى ئۆلچىمى بولغان رەھبەر پىسخىكىسى، خ ك پ سىستېمىسىدا پارتىيە كادىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ. مىچېلس رەھبەرلەرنىڭ بىر قېتىم ھوقۇققا ئىگە بولغاندىن كېيىن بۇ ھوقۇقنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ۋە ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تەشكىلىي بايلىقلارنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ياقىلايدۇ (مىچېلس، 1915-يىلى). شەرقىي تۈركىستاندا خ ك پ باشقۇرغۇچىلىرى مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كۆپىنچە مەركەزنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى قانچىلىك ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ (بو، 2002-يىلى). بۇ ئەھۋال يەرلىك كادىرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى چەكلەش بىلەن بىرگە، مەركىزىي ئولىگارخىيەنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىدۇ. پارتىيە سېكرېتارلىرىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىمۇ سىستېمىنىڭ ئولىگارخىيەلىك تەبىئىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ؛ پەقەت ئولىگارخىيە ئىچىدىكى شەخسلەرنىڭ ئالمىشىشىغا يول ئاچىدۇ. مەسىلەن، 2016-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا خ ك پ سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەن چېن چۈەنگونىڭ سىياسىي ھاياتى بۇ دىنامىكىنىڭ تىپىك بىر ئۈلگىسىدۇر؛ ئۇ تىبەتتە كۆرسەتكەن «مۇۋەپپەقىيەتلىك» رېجىم سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن ئۆستۈرۈلگەن ۋە شەرقىي تۈركىستاندا شۇنىڭغا ئوخشاش ئىستراتېگىيەلەرنى قوللىنىشى كۈتۈلگەن (زېنز ۋە لېيبولد، 2017-يىلى).
مىچېلسنىڭ ئۈچىنچى ئامىلى بولغان ئاممىنىڭ پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى، ھاكىممۇتلەق بىر سىستېمىدا باشقىچە بىر مەناغا ئىگە بولىدۇ. مىچېلس، مۇستەبىت تەشكىلاتلاردا خەلقنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقىنى، يول كۆرسىتىلىشكە نىسبەتەن پىسخىكىلىق بىر ئېھتىياج ھېس قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئولىگارخىيەنىڭ شەكىللىنىشىگە پاسسىپ ھالدا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ (مىچېلس، 1915-يىلى). ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا، «ئامما»نىڭ سىياسىيغا قاتنىشىشى باشتىن-ئاخىر پۈتۈنلەي چەكلەنگەن . ئارېندتنىڭ (1951-يىلى) توتالىتارىزىم (مۇتلەق مۇستەبىتلىك) ئانالىزىدا كۆرسەتكىنىدەك، بۇ خىل سىستېمىلاردا شەخسلەر پارچىلىنىپ ئاتوملاشتۇرۇلىدۇ ۋە كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، كونترول مېخانىزملىرى پەقەت بېسىمغىلا تايانمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خ ك پ، قانۇنىيلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەدىسى ۋە «بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى»نى پىسىخىكىلىق قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ (بېككۇلىن، 2004-يىلى). بۇنى گرامشىنىڭ (1971-يىلى) زومىگەرلىك ئۇقۇمى بىلەن باغلاشقا بولىدۇ؛ ھوقۇق پەقەت مەجبۇرلىغۇچى كۈچ ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى رازىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىقمۇ داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.
ئولىگارخىيەنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى دائىرىسىدە خ ك پ نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقۇرۇشىنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، كۆپ قاتلاملىق ئولىگارخىيەلىك قاتلاملارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر. مەركىزىي ئولىگارخىيەنىڭ پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ئاستىدا، رايون خاراكتېرلىك ئولىگارخىيەلەر (ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى)، ساھە خاراكتېرلىك ئولىگارخىيەلەر (بىخەتەرلىك ئاپپاراتى، بىڭتۇەن) ۋە يەرلىك ئولىگارخىيەلەر (ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلمىلىرى) مەۋجۇت (شامباۋ، 2008-يىلى). بۇ قاتلاملىق قۇرۇلما، مىچېلس ئالدىن مۆلچەرلىگەن يەككە بىر ئولىگارخىيەنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ ۋە ۋېبېرنىڭ «كۆپ قاتلاملىق ھوقۇق ساھەلىرى» ئۇقۇمىنى ئەسكە سالىدۇ. ئەمما بۇ بارلىق قاتلاملار ئاخىرىدا مەركىزىي ئولىگارخىيەگە باغلىق بولۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىستېما پەقەت ئولىگارخىيەلىك بولۇشتىن سىرت، مەركىزىي ئولىگارخىيەنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تەشكىللەنگەن «ئولىگارخىيەلەر تورى» سۈپىتىدە ئېنىقلىنىشى مۇمكىن.
بىڭتۇەن قۇرۇلمىسى، ئولىگارخىيەنىڭ ئالاھىدە بىر شەكلى سۈپىتىدە ئايرىم تەتقىق قىلىنىشقا ئەرزىيدۇ. 1954-يىلى قۇرۇلغان بۇ يېرىم ھەربىي تەشكىلات، يەرلىك ئاپتونوم ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل ھالدا بىۋاسىتە مەركىزىي ھۆكۈمەتكە باغلىقتۇر (كلىف، 2016-يىلى). بىڭتۇەننىڭ ئۆزىگە خاس باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى، ئىقتىسادىي كارخانىلىرى، بىخەتەرلىك قىسىملىرى،تەپتىش ،سوت ۋە تۇرمىلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئاپپاراتلىرى بار. بۇ قۇرۇلما، مىچېلس نەزەرىيەسىدە كۆرسىتىلگەن «تەشكىلىي ئاپتونومىيە»نىڭ ئاشۇرۇۋېتىلگەن بىر ئۈلگىسىدۇر؛ بىڭتۇەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ ئولىگارخىيەسىنى يېتىلدۈرگەن ۋە مۇھىم بىر ھوقۇق مەركىزىگە ئايلانغان. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئاپتونومىيە پەقەت مەركىزىي ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلغان دائىرىدە مەۋجۇت بولىدۇ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىلەردە بېيجىڭنىڭ كۆرسەتمىلىرى مۇتلەق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال مىچېلس نەزەرىيەسىدە كۆرۈلمىگەن بىر دىنامىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ئولىگارخىيە ئىچىدىكى ئولىگارخىيە، ئەمما ھەر بىرى يۇقىرىقى ئولىگارخىيەگە بېقىنىدۇ.
ئولىگارخىيەنىڭ قايتا ئىشلەپچىقىرىلىشى، خ ك پ سىستېمىسىدا ،پارتىيە مەكتەپلىرى، كادىر يېتىشتۈرۈش پىلانلىرى ۋە سىستېمىلىق ئىدىيەۋى تەربىيە، يېڭى ئولىگارخىيە ئەزالىرىنى تاللاش ۋە جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇش (جەمئىيەتلىشىش) ئۈچۈن قورال رولىنى ئوينايدۇ (لى ۋە ۋايت، 1990-يىلى). بۇ مېخانىزملارنى بوردىيۇنىڭ (1986-يىلى) «مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال» ئۇقۇملىرى بىلەن باغلاشقا بولىدۇ؛ پارتىيە ئىچىدە ئۆرلەش پەقەت خىزمەت ئىقتىدارىغىلا ئەمەس، بەلكى ماس كېلىدىغان سىياسىي پوزىتسىيە، ئىدىيەۋى سادىقلىق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورلىرىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شىنجاڭغا ئوخشاش سەزگۈر رايونلارغا تەيىنلىنىدىغان كادىرلارنى تاللاش ئالاھىدە زئەستايىدىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە ئادەتتە مەركىزىي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر تاللىنىدۇ. بۇ جەريان ئولىگارخىيەنىڭ بىر تۇتاشلىقىنى ۋە مەركەزگە بولغان سادىقلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
تېخنىكىلىق تەرەققىياتلار ئولىگارخىيەلىك كونترولنىڭ خاراكتېرىنى مۇھىم دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. فۇكونىڭ (1975-يىلى) پانوپتىكون (ئوچۇق تۇرمە) ئۇقۇمى، زامانىۋى نازارەت تېخنىكىلىرى ئىشلىتىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان شارائىتىدا يېڭى بىر مەناغا ئىگە بولدى. چىراي تونۇش سىستېمىلىرى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ۋە رەقەملىك ئىز قوغلاش ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئولىگارخىيەنىڭ جەمئىيەت ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئاشۇردى (بايلېر، 2021-يىلى). بۇ ئەھۋال مىچېلس يازغان دەۋردە مەۋجۇت بولمىغان بىر ئولىگارخىيەلىك كونترول شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تېخنىكا پەقەت ئۆكتىچىلەرنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنى شەكىللەندۈرۈش ۋە «مەسىلىلىك» شەخسلەرنى ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ، دېلېئۇزنىڭ (1992-يىلى) «كونترول جەمئىيىتى» ئۇقۇمى بىلەن ماس كېلىدۇ؛ يەنى نازارەت ئورگانلارنىڭ خىزمەت چەكلىمىلىرىدىن ھالقىغان، ئۈزلۈكسىز ۋە ھەممە يەردە مەۋجۇت بولغان بىر كونترول شەكلىدۇر.
ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلارنىڭ ئولىگارخىيەلىك كونترول ئاستىدا بولۇشى، خ ك پ باشقۇرۇشىنىڭ يەنە بىر تۈپ ئالاھىدىلىكىدۇر. پارتىيە-دۆلەت ئىقتىسادنىڭ قوماندانلىق نۇقتىلىرىنى قولىدا تۇتىدۇ ۋە بايلىقلارنى تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ (گۇدمەن، 2004-يىلى). بۇ ئەھۋال ماركىسنىڭ (1867-يىلى) «سەرمايە توپلىنىشى» ئانالىزىنىڭ دۆلەت كاپىتالىزمى شەكلىدىكى بىر تۈرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئولىگارخىيە پەقەت سىياسىي ھوقۇق مونوپوللۇقىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىقتىسادىي بايلىقلارنىڭ تەقسىملىنىشىنىمۇ كونترول قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلىرى (نېفىت، تەبىئىي گاز، پاختا) ئۈستىدىكى كونترول، مەركىزىي ئولىگارخىيە ئۈچۈن ھەم ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە. «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانى دائىرىسىدە رايوننىڭ گېئوئىستراتېگىيەلىك ئورنى، بۇ كونترولنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى (كلارك، 2017-يىلى).
مىچېلس نەزەرىيەسى ئولىگارخىيەنىڭ دېموكراتىيە ئۈچۈن مۇقەررەر بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ياقىلىغان بولسا، بەزى زامانىۋى تەتقىقاتچىلار بۇ «تەقدىرچىلىك» (دېتېرمىنىزم) نى تەنقىد قىلدى. نەزەرىيەنى شەرقىي تۈركىستان دائىرىسىدە باھالىغىنىمىزدا، ئولىگارخىيەنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى دېموكراتىك تەرتىپلەر بولمىغان ئەھۋالدا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە سۇندۇرغىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىدۇ. داھلنىڭ (1971-يىلى) «پوليارخىيە» (كۆپ ھوقۇقلۇق تۈزۈم ) نەزەرىيەسى، دېموكراتىك رېجىملارنىڭ ئولىگارخىيەلىك يۈزلىنىشلەرنى تورمۇزلاش ئۈچۈن كۆپ خىللىق ۋە رىقابەتكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا بۇ مېخانىزملارنىڭ ھېچقايسىسى مەۋجۇت ئەمەس؛ ئۆكتىچىلىك قانۇنىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بېسىقتۇرۇلىدۇ ۋە تاراتقۇلار پۈتۈنلەي كونترول ئاستىدا بولۇپ، بۇ شارائىتتا ئولىگارخىيە ھېچقانداق قارشى كۈچ تەرىپىدىن چەكلەنمەي مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق قۇرىدۇ.
شۇنداقتىمۇ، ئولىگارخىيەلىك سىستېمىنىڭ مۇتلەقلىقى ئۇنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەت بېرەلمەيدۇ. مەنيوننىڭ (1986-يىلى) «ئاپتونوم دۆلەت ھوقۇقى» نەزەرىيەسى دۆلەتنىڭ جەمئىيەتتىن مۇستەقىل ھالدا ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ چەك-چېگرىسىغا دىققەت تارتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا خ ك پ نىڭ ھوقۇقى جەزمەن ئاپتونوم كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ ئاپتونوم ھوقۇقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز بېسىم ۋە كونترول قىلىش زۆرۈر بولىدۇ. سكاتنىڭ (1990-يىلى) «يوشۇرۇن سېنارىيە» (يوشۇرۇن خاتىرە) ئۇقۇمى، زالىم رېجىملاردا جەمئىيەتتىكى قارشىلىقنىڭ يوشۇرۇن شەكىللەردە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئولىگارخىيە قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جەمئىيەت دىنامىكىلىرىنى پۈتۈنلەي توڭلىتىپ قويۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. رايوندىكى جىددىيلىكلەر، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ھەر زامان زۆرۈر بولۇشى ۋە خەلقئارادىكى ئىنكاسلار، ئولىگارخىيەلىك كونترول ئاشقانچە ئۆزىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى يارىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئولىگارخىيەنىڭ قانۇنىيلىق مەسىلىسى، خ ك پ نىڭ «شىنجاڭ» باشقۇرۇشىدا ئالاھىدە بىر ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋېبېرنىڭ (1978-يىلى) ھوقۇق تۈرلىرىدىن قارىغاندا، خ ك پ نىڭ ھوقۇقىنىڭ ھەم ئىدىيەۋى ھەم ئەقىل-قانۇنغا تايانغان ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى، خۇسۇسەن ئۇيغۇر نوپۇسى ئۈچۈن ھەقىقىي بىر رەسمىيلىك(قانۇنىيلىق) يارىتالمايدۇ. بۇ ئەھۋالنى خابېرماسنىڭ (1975-يىلى) «قانۇنىيلىق كىرىزىسى» ئۇقۇمى بىلەن باغلاشقا بولىدۇ؛ سىستېما ئۆزىنىڭ قانۇنىيلىق ئۇللىرىنى يارىتالمىغاندا ۋە پەقەت بېسىم بىلەنلا داۋاملاشقاندا، سوزۇلما خاراكتېرلىك بىر قانۇنىيلىق كەمتۈكلۈكى شەكىللىنىدۇ. خ ك پ نىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق قانۇنىيلىق بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقلىرى بۇ كەمتۈكلۈكنى پۈتۈنلەي يامىيالمايدۇ.
ئولىگارخىيەنىڭ دۆلەت ھالقىغان ئۆلچىمىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك. خ ك پ نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقۇرۇشى پەقەت يەرلىك بىر ئولىگارخىيەلا ئەمەس، بەلكى يەر شارى گېئوسىياسىي دىنامىكىلىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن بىر قۇرۇلمىدۇر. ۋاللېرستېيننىڭ (1974-يىلى) «دۇنيا-سىستېمىلىرى» نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئولىگارخىيەلىك كونترول خىتاينىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك كاپىتالىستىك سىستېمىدىكى ئۆسۈشىنىڭ بىر قىسمىدۇر. رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە بايلىقلىرى پەقەت دۆلەت دائىرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى دۆلەت ھالقىغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتلەر كېسىشكەن بىر ساھەگە ئايلاندى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئولىگارخىيە يەرلىك ئەمەس، بەلكى دۆلەت ھالقىغان بىر ھوقۇق قۇرۇلمىسىنىڭ يەرلىك نامايەندىسىدۇر.
خۇلاسە قىلغاندا، خ ك پ نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقۇرۇشى، مىچېلسنىڭ ئولىگارخىيەنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى نەزەرىيەسىدە كۆرسىتىلگەن دىنامىكىلارنىڭ ھاكىممۇتلەق بىر پارتىيە-دۆلەت سىستېمىسىدا قانداق نامايەن بولىدىغانلىقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر ئۈلگىسىدۇر. تەشكىلىي زۆرۈرىيەتلەر، جەمئىيەت سەرخىللىرى پىسخىكىسى ۋە جەمئىيەت كونترول مېخانىزملىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ سىستېما، كلاسسىك ئولىگارخىيەدىن ھالقىغان، كۆپ قاتلاملىق، تېخنىكا بىلەن قوللانغان ۋە ھاكىممۇتلەق ئىدىيەۋى كونترول بىلەن بىرىككەن بىر قۇرۇلما شەكىللەندۈرىدۇ. مىچېلس نەزەرىيەسى ئولىگارخىيەنىڭ مۇقەررەرلىكىنى تەكىتلىگەن بولسا، شەرقىي تۈركىستان ئۈلگىسى بۇ مۇقەررەرلىكنىڭ دېموكراتىيە بولمىغان ئەھۋالدا قانچىلىك مۇتلەق ھالغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئولىگارخىيەلىك ھوقۇقنىڭ مۇتلەقلىقى ئۇنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەت بېرەلمەيدۇ؛ ئۈزلۈكسىز بېسىم قىلىش ئېھتىياجى، سىستېمىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىنى ۋە ئاجىزلىقلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. نەزەرىيەۋى جەھەتتىن، بۇ ئولىگارخىيە، ھاكىممۇتلەقلىق، بيۇروكراتىيە ۋە زامانىۋى تېخنىكىلىق كونترول كېسىشكەن نۇقتىدىكى ئۆزىگە خاس بىر باشقۇرۇش شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە سىياسەت ، جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.
3.مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى
يېڭى بىر ئۇقۇم خ ك پ نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى (زومىگەرلىكى)مىچېلسنىڭ كلاسسىك ئولىگارخىيە نەزەرىيەسىنى دەلىللەش بىلەن بىرگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۈپەت جەھەتتىن ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتىدۇ. بۇ ھادىسىنى «مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى» دەپ ئۇقۇملاشتۇرۇشقا بولىدۇ ۋە ئۇ 21-ئەسىر مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسلىرىنى قايتىدىن بەلگىلەيدۇ.
1.3. مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى: ئېنىقلىما ۋە نەزەرىيەۋى رامكا
مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى ئۇقۇمى، بېسىۋېلىنغان بىر خەلقنىڭ، بېسىۋالغۇچى كۈچنىڭ ئولىگارخىيەلىك قۇرۇلمىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى سىستېمىلىق، توپلانغان ۋە ئەسلىگە كەلمەيدىغان شەكىلدە يوقىتىش جەريانىنى تەرىپلەيدۇ. بۇ جەريان پەقەت سىياسىي جەھەتتىن چەتكە قېقىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى ئىقتىسادىي سۈمۈرگىچىلىك، مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك يوقىتىش، رەقەملىك نازارەت ۋە جىسمانىي تېرورلۇق قوراللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىرىكىشى ئارقىلىق مۇستەھكەملىنىدۇ، چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ ۋە ئەۋلادلار ئارا مەڭگۈلۈك ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ.
بۇ قانۇنىيەت كلاسسىك ئولىگارخىيەلىك جەريانلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىك شارائىتىدا قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقىنى، رادىكاللىشىدىغانلىقىنى ۋە تېخنىكىلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن يېڭى بىر باسقۇچقا يېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مىچېلسنىڭ تەشكىل ئىچىدىكى دىنامىكىلارغا مەركەزلەشكەن ئۇسۇلى، بۇ يەردە تاشقى بېسىم، سىستېمىلىق زومىگەرلىك مېخانىزملىرى ۋە ھاكىممۇتلەق كونترول تېخنىكىلىرى بىلەن كېڭەيتىلگەن.
مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى ئۈچ نەزەرىيەۋى ئەنئەنىنى بىرلەشتۈرىدۇ:
بىرىنچىسى، روبېرت مىچېلسنىڭ ئولىگارخىيەنىڭ مۇقەررەرلىكى ئىددىئاسى بولۇپ، ئۇ تەشكىلىي قۇرۇلمىلارنىڭ دېموكراتىك غايىلەرگە قارىماي جەزمەن جەمئىيەت سەرخىللىرى باشقۇرۇشىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما مىچېلس بۇ جەرياننى تەشكىل ئىچىدىكى دىنامىكىلار بىلەن چۈشەندۈرسە، مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيە تاشقى زوراۋانلىق ۋە بېسىۋېلىش ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.
ئىككىنچىسى، فىرانتز فانوننىڭ مۇستەملىكىچىلىكنىڭ پىسخىكىلىق ۋە قۇرۇلمىۋى زوراۋانلىق ئانالىزى بولۇپ، ئۇ زومىگەرلىكنىڭ پەقەت سىياسىي ئەمەس، بەلكى ئونتولوگىيەلىك (مەۋجۇتلۇققا ئائىت) بىر ئۆلچىمى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى، بۇ ئونتولوگىيەلىك زومىگەرلىكنىڭ زامانىۋى تېخنىكىلار بىلەن قانداق چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.
ئۈچىنچىسى، مىشېل فۇكونىڭ بىيوسىياسەت (بىيوسىياسەت) ۋە ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلى (باشقۇرۇش سەنئىتى) ئۇقۇملاشتۇرۇشى بولۇپ، ئۇ زامانىۋى ھوقۇقنىڭ بەدەنلەرنى، نوپۇسنى ۋە ھاياتنى قانداق باشقۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مىسالى، بۇ بىيوسىياسىي كونترولنىڭ رەقەملىك پانوپتىكون (رەقەملىك تۇرمە) بىلەن بىرلىشىشىنىڭ يۇقىرى چېكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
2.3. كلاسسىك ئولىگارخىيە ۋە مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيە: سېلىشتۇرما ئانالىز
كلاسسىك ئولىگارخىيە بىلەن مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۈپ پەرقلەر، زومىگەرلىكنىڭ خاراكتېرىنى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى چۈشىنىش جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم. شەكىللىنىش مېخانىزمى جەھەتتىن، كلاسسىك ئولىگارخىيە ئىچكى تەرەققىيات ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؛ تەشكىل ئەزالىرىنىڭ تەبىئىي دىنامىكىلىرىدىن، بيۇروكراتىيەنىڭ مۇقەررەر تەرەققىياتىدىن ۋە كەسپىيلىشىش ئېھتىياجىدىن تۇغۇلىدۇ. مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيە بولسا تېڭىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ؛ ھەربىي بېسىۋېلىش، سىستېمىلىق زوراۋانلىق، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش (نوپۇس قۇرۇلۇشى) ۋە مۇستەملىكىچى زومىگەرلىك ئارقىلىق جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا مەجبۇرىي تېڭىلىدۇ.
نۇپۇس قۇرۇلمىسى ئۆلچىمىدە، كلاسسىك ئولىگارخىيەدە سەرخىللار ۋە ئامما ئوخشاش جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېتنىك ۋە تىل يىلتىزىدىن كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كىملىك جەھەتتىن ئىزچىللىق باردۇر. مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيەدە بولسا سەرخىللار (خىتايلار) بىلەن ئامما (ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركلەر) كەسكىن، سىڭىپ كىرگىلى بولمايدىغان ۋە ئىرقچىلىق-مەدەنىيەت ئايرىمىسى بىلەن بىر-بىرىدىن تۈپتىن ئايرىلىدۇ. بۇ ئېتنىك قاتلامغا ئايرىش سىستېمىسى زومىگەرلىكنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرىدۇر.
ھاكىمىيەت نىشانى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كلاسسىك ئولىگارخىيەنىڭ مەقسىتى تەشكىلنىڭ ئۆزى بېكىتكەن دېموكراتىك ياكى ئىدىيەۋى نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە تەشكىلنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتۇر. مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيەنىڭ مەقسىتى بولسا بايلىق سۈمۈرۈشتۇر؛ يەرلىك تەبىئىي بايلىقلارنى (نېفىت، تەبىئىي گاز، ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مەدەنلەر)، ئەمگەك كۈچىنى، يەر-تۇپراقلارنى ۋە ئىقتىسادىي بايلىقلارنى سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ھالدا مەركەزگە يۆتكەشتۇر.
مەدەنىيەت سىياسىتى جەھەتتىن، كلاسسىك ئولىگارخىيە تەشكىلىي كىملىك ۋە مەدەنىيەت قىممەت قاراشلىرىنى ئاساسەن قوغدايدۇ، ئورتاق سىمۋوللارنى كۈچەيتىدۇ ۋە توپلۇق ئەسلىمىسىنى ساقلايدۇ. مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيە بولسا مەدەنىيەت يوقىتىش (مىللەت يوقىتىش) ئېلىپ بارىدۇ؛ يەرلىك تىلنىڭ چەكلىنىشى، دىننىڭ بېسىقتۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت ئەسلىمىسىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى، تارىخنىڭ قايتىدىن يېزىلىشى ۋە كوللېكتىپ كىملىكنىڭ پىلانلىق، سىستېمىلىق يوقىتىلىشى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.
قانۇنىيلىق مەنبەسى مەسىلىسىدە، كلاسسىك ئولىگارخىيە تەرتىپلىك قانۇنىيەتكە تايىنىدۇ؛ مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيە بولسا مەجبۇرلىغۇچى كونترولغا تايىنىدۇ؛ نازارەت تېخنىكىلىرى، جازا لاگېرلىرى، چىراي تونۇش سىستېمىلىرى، بىيومېتىرىك ئىز قوغلاش، د ن ئا (DNA) مەلۇمات ئامبارلىرى ۋە ئۈزلۈكسىز جىسمانىي تېرورلۇق تەھدىتى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.
قارشىلىق كۆرسىتىش دىنامىكىلىرى جەھەتتىن، كلاسسىك ئولىگارخىيەدە چەكلىك ئۆكتىچىلىك قىلىش مۇمكىن؛ ئىچكى ئىسلاھات تەلىپى، گۇرۇھلار، رىقابەت، تاللاش خاراكتېرلىك رەھبەرلىك ۋە تەشكىلىي كۈرەشلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ ۋە بولۇشى مۇمكىن. مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيەدە بولسا قارشىلىق كۆرسىتىش مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ؛ ھەر تۈرلۈك قارشى پىكىرلەر «تېرورلۇق»، «بۆلگۈنچىلىك» ياكى «دىنىي ئەسەبىيلىك» دەپ تۈرگە ئايرىلىدۇ ۋە جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىلىدۇ.
ۋاقىت دائىرىسى جەھەتتىن، كلاسسىك ئولىگارخىيەلىشىش تەدرىجىي بىر جەرياندۇر؛ يىللار، ئون يىللار ئىچىدە باسقۇچلانغان ھالدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيە بولسا ئىنقىلابىي-توساتتىن بولىدىغان خاراكتېرگە ئىگە؛ ھەربىي بېسىۋېلىش ياكى سىياسىي ئۆزگىرىش بولغان دەقىقىدىن باشلاپ ئولىگارخىيەلىك قۇرۇلما تېڭىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن سىستېمىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانى داۋاملىشىدۇ.
جۇغراپىيەلىك كۆلەم جەھەتتىن، كلاسسىك ئولىگارخىيە چەكلىك-مەركەزلىك بىر قۇرۇلمىغا ئىگە؛ ئولىگارخىيە تەشكىلنىڭ مەركىزىي قۇرۇلمىلىرىدا زىچلىشىدۇ ۋە يەرلىك دىنامىكىلار نىسبەتەن ئاپتونومىيەگە (مۇستەقىللىققا) ئىگە بولالايدۇ. مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيە بولسا ھاكىممۇتلەق بولۇپ -كەڭ دائىرىلىك خاراكتېرگە ئىگە؛ ئولىگارخىيەلىك كونترول پۈتكۈل جۇغراپىيەگە، ھەر بىر يېزا، مەھەللە ۋە ئائىلىگىچە سىڭىپ كىرىدۇ ۋە ھېچقانداق مۇستەقىل ساھە قالدۇرۇلمايدۇ.
باشقۇرۇش قوراللىرى جەھەتتىن، كلاسسىك ئولىگارخىيە ئەنئەنىۋى بيۇروكراتىيەنى ئىشلىتىدۇ؛ ھۆججەت تۇرغۇزۇش، خەت-ئالاقە، قاتلاممۇ-قاتلام ئالاقە ۋە چەكلىك نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيە بولسا رەقەملىك مۇستەبىتلىكنى ئىشلىتىدۇ؛ سۈنئىي ئىدراك، چىراي تونۇش، ئاۋاز ئانالىزى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كۆزىتىش، ئەقلىي تېلېفون نازارىتى ۋە ئالدىن پەرەز قىلىش خاراكتېرلىك ساقچى تېخنىكىلىرىنى ئىشقا سالىدۇ.
بەدەن كونتروللۇقى ئۆلچىمىدە، كلاسسىك ئولىگارخىيەدە بەدەنلەرگە ئارىلىشىش چەكلىك بولۇپ، ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان، ئالاھىدە ئەھۋاللاردا يۈز بېرىدۇ. مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيە بولسا بىيوسىياسىي زومىگەرلىك (بىيو-سىياسىي ھۆكۈمرانلىق) يۈرگۈزىدۇ؛ د ن ئا (DNA) توپلاش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، «تەربىيەلەش لاگېرلىرى»، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئەزالارنى ئوغرىلاش بۇ زومىگەرلىكنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرىدۇر.
3.3. مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆلچەملىرى
مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئەڭ خۇپىيانە ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆلچەملىرىدىن بىرى مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ كىملىكىنىڭ مۇستەملىكىچى كۈچنىڭ ئېپىستېمولوگىيەلىك (بىلىش جەھەتتىكى) ۋە ئونتولوگىيەلىك (مەۋجۇتلۇققا ئائىت) رامكىسىدا قايتىدىن ئېنىقلىنىشىدۇر. بۇ جەريان زىمىنىنى بېسىۋېلىش ۋە ئىقتىسادىي سۈمۈرگىچىلىكتىن تېخىمۇ چوڭقۇر بىر جەرياندۇر؛ بەلكى ئۇنىڭدىن ھالقىغان،مۇستەملىكە ئاستىدىكى كىشىنىڭ ھىس -تۇيغۇلىرىنى، دۇنيانى چۈشىنىش شەكلىنى ۋە مەۋجۇتلۇق كاتېگورىيەلىرىنى تۈپتىن قايتىدىن بەرپا قىلىشتۇر. نېلسون مالدونادو-توررېس بۇ ئەھۋالنى «ئونتولوگىيەلىك پەرق» (ئونتولوگىيەلىك پەرق) ئۇقۇمى بىلەن چۈشەندۈرىدۇ: مۇستەملىكىچى سىستېما مۇستەملىكە ئاستىدىكى كىشىنى ئىنسان ئەمەس، چالا ئىنسان ياكى تېخى تولۇق ئىنسان بولۇپ يېتىلمىگەن مەۋجۇتلۇقلار كاتېگورىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ خىل كاتېگورىيەگە ئايرىش مۇستەملىكىچىلىكنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، چۈنكى ئۇ «تولۇق ئىنسان» بولغانلارنىڭ «تېخى تولۇق ئىنسان بولمىغانلار»غا ئارىلىشىش، ئۇلارنى ئۆزگەرتىش ۋە «مەدەنىيلەشتۈرۈش» ھوقۇقىنى بولۇشقا تېگىشلىك ،ئالقىشلاشقا تېگىشلىك بىر ھادىسىگە ئايلاندۇرىدۇ.
كىملىكنى قايتىدىن ئېنىقلاش جەريانى مۇستەملىكە ئاستىدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تارىخ،ئەسلىمە ۋە بىلىملىرىنىڭ سىستېمىلىق تارتىۋېلىنىشى بىلەن باشلىنىدۇ. مىشېل فۇكونىڭ «ھوقۇق-بىلىم» (ھوقۇق-بىلىم) مۇناسىۋىتى ئانالىزىنى ئاساس قىلغاندا، مۇستەملىكىچى كۈچ «نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى» بەلگىلەش مونوپوللۇقىنى قولغا ئېلىۋېلىپ، مۇستەملىكە ئاستىدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆز تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئەنئەنىلىرى ھەققىدىكى بىلىملىرىنى «ئىناۋەتسىز،» «قالاق» ياكى «خاتا» دەپ كودلايدۇ. مەسىلەن، مۇستەملىكىچىلىكتىن بۇرۇنقى دەۋردە ئۆز ئادالەت سىستېمىسىغا، مائارىپ ئاپپاراتلىرىغا ۋە بىلىم ئىشلەپچىقىرىش مېخانىزملىرىغا ئىگە بولغان بىر جەمئىيەت، مۇستەملىكىچىنىڭ قول سېلىشىدىن كېيىن بۇ سىستېمىلارنىڭ «قانۇن ئەمەس،» «مائارىپ ئەمەس» ۋە «ئىلىم-پەن ئەمەس» ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆز ئۆتمۈشىگە ۋە ھازىرقى مەۋجۇتلۇقىغا مۇستەملىكىچىنىڭ كۆزى بىلەن قاراشقا باشلايدۇ. بۇ جەرياننى گايرى چاكرىۋورتى سپىۋاكنىڭ «ئېپىستېمىك زوراۋانلىق» (بىلىش زوراۋانلىقى) ئۇقۇمى بىلەنمۇ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئېپىستېمىك زوراۋانلىق، مەلۇم بىر بىلىم سىستېمىسى ۋە دۇنيا قارىشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا قويۇلۇپ، باشقا تاللاش بىلىم سىستېمىلىرىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىلىشى ياكى چەتكە قېقىلىشىدۇر. مۇستەملىكىچى كۈچ ئۆزىنىڭ بىلىم ئىشلەپچىقىرىش شەكىللىرىنى ئۇنىۋېرسال ۋە ئوبيېكتىپ تەرزدە سۇنىدۇ ۋە شۈمۈرۈلگەن كىشىنىڭ بىلىم سىستېمىلىرىنى سۇبيېكتىپ، يەرلىك ۋە ئۇنىۋېرسال قىممىتى بولمىغان نەرسىلەر سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ پەقەت زىيالىيلار ئارىسىدىكى بىر ھۆكۈمرانلىق (زومىگەرلىك)لا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئونتولوگىيەلىك بىر زوراۋانلىقتۇر، چۈنكى ئۇ مۇستەملىكە قىلىنغان پۇقرالارنى ئۆز دۇنياسىنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ.
ئونتولوگىيەلىك قايتا قۇرۇپ چىقىش جەريانىنىڭ ھالقىلىق بىر ئۆلچىمى، مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ زامان چۈشەنچىسىنىڭ (ۋاقىت ئېڭىنىڭ) ئۆزگەرتىلىشىدۇر. يوھاننېس فابياننىڭ «ئاللوخرونىزم» (باشقا زامانلىق) ئۇقۇمى بۇ دىنامىكىغا ماس كېلىدۇ: مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بايانلىرىدا مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ «ئۆتمۈشتە ياشايدىغان،» «تېخى زامانىۋىلاشمىغان» ياكى «تەرەققىيات سىزىقىنىڭ ئارقىسىدا قالغان» مەۋجۇتلۇقلار سۈپىتىدە تەرىپلىنىلىدۇ. بۇ چاغداشلىقنى رەت قىلىش (ئوخشاش بىر زاماندا ياشايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىش)، مۇستەملىكە قىلىنغان خەلق بىلەن مۇستەملىكىچىنىڭ ئوخشاش بىر تارىخىي زاماندا، ئوخشاش بىر زامانىۋىلىق ئىچىدە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مۇستەملىكىچى «زامانىۋى» ۋاقىتتا ياشىسا، مۇستەملىكە قىلىنغان خەلق«ئەنئەنىۋى،» «ئىپتىدائىي» ياكى «فېئودال» بىر زاماندا قاپسىلىپ قالغان ھالەتتە تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ تەسۋىر مۇستەملىكىچىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغۇچىلارغا ئارىلىشىشىنى مۇقەررەر بىر «تەرەققىيات» لايىھەسى سۈپىتىدە قانۇنىيلاشتۇرىدۇ: مۇستەملىكە قىلىنغان خەلق پەقەت مۇستەملىكىچىنىڭ يېتەكچىلىكىدىلا «چاغداش» بولالايدۇ. كىملىككە يېڭىدىن ئېنىقلىما بېرىش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ ماكان ۋە يەر تۇيغۇسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېدۋارد سەئىد «شەرقشۇناسلىق» (ئورىيېنتالىزىم) ئانالىزىدا كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك، مۇستەملىكە قىلىنغۇچى جۇغراپىيەلەر «بايقىلىشنى كۈتۈۋاتقان،» «بوش» ياكى «ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلمىگەن» ساھەلەر سۈپىتىدە تەرىپلىنىلىدۇ. يەرلىك خەلقنىڭ بۇ تۇپراقلار بىلەن قۇرغان تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مۇناسىۋەتلىرى كۆرۈنمەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ ياكى «ئىپتىدائىي » دەپ مەنسىتمەسلىككە ئۇچرايدۇ. شەرقىي تۈركىستان مىسالىدا كۆرۈلگىنىدەك، بىر رايوننىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىمۇ (خىتايچە قويۇلغان ئىسىمى«شىنجاڭ» – يېڭى چېگرا ) ماكان كىملىكىنىڭ قانداق قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ رايون ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىمدىكى ئانا ۋەتىنى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ يېڭىدىن بېسىۋالغان بىر «چېگرا رايونى» دەپ ئېنىقلىنىدۇ.
ئونتولوگىيەلىك قايتا قۇرۇپ چىقىشنىڭ يەنە بىر ھالقىلىق ئۆلچىمى مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ بەدىنىنىڭ قايتىدىن ئېنىقلىنىشى يەنى تەبىرلىنىشىدۇر. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بايانلىرى مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ بەدەنلىرىنى «ھۇرۇنلۇققا،» «ئەقىلسىزلىققا» ياكى «كونترول ئاستىغا ئېلىنىشى كېرەك بولغان ئازغۇن ئارزۇلارغا» مايىل دەپ تامغىلايدۇ. بۇ بەدەن ئونتولوگىيەسى، مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ ئىنتىزامغا سېلىنىشى، نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە «تۈزىتىلىشى» كېرەك بولغان ئوبيېكتلار (نىشانلار) دەپ كۆرۈلۈشىنى قانۇنىيلاشتۇرىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى جازا لاگېرلىرى بۇ لوگىكىنىڭ (مەنتىقنىڭ) كونكرېت مىسالىدۇر: ئۇيغۇر لار «ئاشقۇنلۇققا» مايىل، شۇڭلاشقا قايتىدىن تەربىيەلىنىشى كېرەك بولغانلار كاتېگورىيەسىگە ئايرىلىدۇ. تىل بولسا كىملىكنى قايتىدىن ئېنىقلاشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالىدۇر. نگۇگى ۋا تىئونگو كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەسىرى تىلنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىدۇر، چۈنكى تىل پەقەت بىر ئالاقە قورالىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانى ھېس قىلىش، كاتېگورىيەگە ئايرىش ۋە مەنىگە ئىگە قىلىش قورالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ ئانا تىلىنىڭ بېسىقتۇرۇلۇشى ۋە مۇستەملىكىچىنىڭ تىلىنىڭ تېڭىلىشى،يەرلىك خەلقنىڭ دۇنيانى ئۆزىنىڭ ئونتولوگىيەلىك (مەۋجۇتلۇق) كاتېگورىيەلىرىدە ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىچىنىڭ ئونتولوگىيەلىك كاتېگورىيەلىرىدە پىكىر قىلىشىغا يول ئاچىدۇ. ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىدا مائارىپ كۆرۈشى پەقەت تىل جەھەتتىكى بىر ئۆزگىرىشلا ئەمەس؛ بۇ بالىلار دۇنيانى، كىملىكىنى ۋە ئۆزىنى خىتاي تىلىنىڭ ئونتولوگىيەلىك كاتېگورىيەلىرى ئىچىدە چۈشىنىشكە باشلايدۇ. كىملىكنى قايتىدىن ئېنىقلاش جەريانىدا دىن ۋە مەنىۋىيەت مۇھىم بىر نىشان بولىدۇ. مۇستەملىكىچى كۈچ يەرلىك خەلقنىڭ ئېتىقاد سىستېمىلىرىنى ئادەتتە «خۇراپاتلىق،» «قالاقلىق» ياكى زامانىۋىلىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كونىلىق سۈپىتىدە سۈپەتلەيدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىسلام ئېتىقادىنى «ئاشقۇنلۇق» دەپ ئاتىشى، مۇستەملىكىچىلىك تارىخىدا خىرىستىيان مىسسىئونېرلىرىنىڭ يەرلىك دىنلارنى «بۇتپەرەسلىك» دەپ ئېنىقلىشى بىلەن ئوخشاش لوگىكىغا ئىگە. دىن پەقەت بىر ئېتىقاد سىستېمىسىلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر جەمئىيەتنىڭ ياكى بىر خەلقنىڭ دۇنيانى مەنىگە ئىگە قىلىش، ئەخلاقىي قىممەت قاراشلىرىنى بەلگىلەش ۋە كوللېكتىپ كىملىكىنى بەرپا قىلىش ئۇسۇلىدۇر. شۇڭا دىنىي كىملىكنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، ئونتولوگىيەلىك قايتا قۇرۇپ چىقىشنىڭ مەركىزىي تەركىبىي قىسمىدۇر.
ئونتولوگىيەلىك قايتا قۇرۇپ چىقىش جەريانى، مۇستەملىكە قىلىنغان خەلق ياكى مىللەتنىڭ تارىخىي ئەسلىمىسىنىڭ باشقۇرۇلۇشىنىمۇ (مونىپۇلاتسىيە قىلىنىشىنىمۇ) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇستەملىكىچى كۈچ مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ تارىخ بايانلىرىنى «مىتولوگىيە،» «رىۋايەت» ياكى «ئىشەنچسىز گەپلەر» دەپ كودلىسا، ئۆزىنىڭ تارىخ يېزىش ئۇسۇلىنى «ئوبيېكتىپ،» «ئىلمىي» ۋە «ھەقىقەتكە تايانغان» سۈپىتىدە سۇنۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى، قارشىلىقلىرى ۋە دانالىقلىرى كۆرۈنمەس قىلىۋېتىلىدۇ، مۇستەملىكىچىلىكتىن بۇرۇنقى دەۋر بولسا قالايمىقانچىلىق، زۇلۇم ۋە قالاقلىق دەۋرى سۈپىتىدە،مۇستەملىكىچى بولسا قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ خىل تارىخنى قايتىدىن يېزىش، مۇستەملىكىچىنىڭ «قۇتقۇزغۇچى» ۋە «مەدەنىيلەشتۈرگۈچى» رولىنى مۇستەھكەملەيدۇ. كىملىكنى قايتىدىن ئېنىقلاشنىڭ ئەڭ ئېغىر زەخمە (تراۋماتىك) ئۆلچەملىرىدىن بىرى، مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئىچكى ئاۋاز يېتىلدۈرۈشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدۇر. فانوننىڭ «قوش ئاڭ» (ئىككى خىل ئاڭ) ئۇقۇمىغا ئاساسلانغاندا، مۇستەملىكە قىلىنغان پۇقرالار ئۆزىگە ھەم ئۆز كۆزى بىلەن، ھەم مۇستەملىكىچىنىڭ كۆزى بىلەن قاراشقا باشلايدۇ. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مۇستەملىكىچىنىڭ قارىشى شۇنچە سىڭىپ كېتىدۇكى، مۇستەملىكە ئاستىدىكى كىشى ئۆز ئاۋازىنى يوقىتىپ قويىدۇ ۋە ئۆزى ھەققىدىكى بارلىق ھۆكۈملەرنى مۇستەملىكىچىنىڭ كۆزى بىلەن مۇستەملىكىچىگە ياقىدىغان شەكىلدە چىقىرىدۇ. بۇ ئونتولوگىيەلىك ياتلىشىشنىڭ ( مەۋجۇتلۇق جەھەتتىن ئۆز ئۆزىگە يات بولۇپ قېلىشنىڭ) ئەڭ چوڭقۇر شەكلىدۇر.
ئونتولوگىيەلىك قايتا قۇرۇپ چىقىش جەريانى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋەت شەكىللىرىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ. ئەنئەنىۋى جەمئىيەت رىشتىلىرى، ھەمكارلىق مېخانىزملىرى ۋە كوللېكتىپ قارار چىقىرىش جەريانلىرى «ئىپتىدائىي،» «ئۈنۈمسىز» ياكى «زامانىۋى باشقۇرۇش بىلەن سىغىشمايدىغان» دەپ ئېنىقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا، مۇستەملىكىچىنىڭ شەخسىيەتچىلىك چۈشەنچىسى، پىرامىداسىمان باشقۇرۇش قۇرۇلمىلىرى ۋە رىقابەتچى مۇناسىۋەت ئەندىزىلىرى تېڭىلىدۇ. بۇ پەقەت ئىجتىمائىي تەشكىللىنىشنىڭ ئۆزگىرىشىلا ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ «مەن» ۋە «بىز» ئۇقۇملىرىنىڭ قايتىدىن ئېنىقلىنىشىدۇر. بۇ جەرياننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئالدىدا قانداق رول ئوينىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ قارشىلىقى مۇستەملىكىچى نۇتۇقتا «تېررورلۇق،» «ئىسيان،» «ئارقىدا قالغانلىق» ياكى «ئەقىلسىزلىق» دەپ كودلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قانۇنىي ئاپتونومىيە (مۇستەقىللىق) تەلەپلىرى جىنايەتچىگە چىقىرىلىدۇ (قانۇنسىزلاشتۇرۇلىدۇ) ۋە بېسىقتۇرۇلۇشى كېرەك بولغان تەھدىتلەرگە ئايلىنىدۇ. بۇ خىل نام بېرىشلەر قارشىلىقنى ئەقەللىي سىياسىي تەلەپ بولۇشتىن چىقىرىپ،دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلاندۇرىدۇ ۋە مۇستەملىكىچىنىڭ زوراۋانلىق،رېجىم ،باستۇرۇش يولى ئارقىلىق ئارىلىشىشىنى قانۇنىيلاشتۇرىدۇ.
ئونتولوگىيەلىك قايتا قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرى، ئەۋلادلار ئارا روھىي زەخمىنىڭ (تراۋمانىڭ) سىڭىپ كېتىشىدۇر. كىملىكى ئۆزگەرتىلگەن بىر ئەۋلاد، ئۆزىدىن كېيىنكى ئەۋلادقا ئۆزىنىڭ قەلب زەخمىسىنى، ئىچكىرىلەپ كەتكەن ئۆزىدىن خۇدۇكسىرەش ،تۆۋەن كۆرۈش تۇيغۇسىنى ۋە مۇستەملىكىچىنىڭ نۇقتىئىنەزىرىنى مىراس قالدۇرىدۇ. مارىيا يېللوۋ خورۇس براۋ خېرتنىڭ «تارىخىي پاجىئە» (تارىخىي تراۋما) ئۇقۇمى بۇ دىنامىكىنى چۈشەندۈرىدۇ: مۇستەملىكىچىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ، ئونتولوگىيەلىك يارا ئەۋلادلار بويى داۋاملىشىدۇ. مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ ئۆز تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە كىملىكىنى «قىممەتسىز» ياكى «كوناپەرەسلىك» دەپ كۆرۈشى، مۇستەملىكىچى ھوقۇقنىڭ ئەڭ يۈكسەك ،ئەڭ مەڭگۈلۈك غەلىبىلىرىدىن بىرىدۇر. ئەمما ئونتولوگىيەلىك قايتا قۇرۇپ چىقىش ھېچقاچان تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. خومى ك. بابانىڭ (خومى ك. بابا) «تەقلىد قىلىش» (مىمىكرىيە) ۋە «بىرىكمىلىك» (شالغۇتلۇق) ئۇقۇملىرى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، مۇستەملىكە قىلىنغان خەلق مۇستەملىكىچى تېڭىۋاتقان كىملىكنى ھېچقاچان پۈتۈنلەي قوبۇل قىلالمايدۇ. ئارىلىقتا دائىم بىر بوشلۇق، بىر يېرىق قالىدۇ. بۇ يېرىق بولسا قارشىلىقنىڭ ۋە ئونتولوگىيەلىك قۇتۇلۇشنىڭ مۇمكىنچىلىك ساھەسىدۇر. مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ «بولاي دەپ قالغان» مەۋجۇتلۇقلار سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى «ئاللىبۇرۇن بار بولغان» ۋە ئۆز ئونتولوگىيەلىك ئاپتونومىيەسىگە ئىگە مەۋجۇتلۇقلار سۈپىتىدە قايتىدىن بايقىلىشى، مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇشنىڭ (دېكولونىزاتسىيەنىڭ) ئونتولوگىيەلىك ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. خۇلاسە قىلغاندا، مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ كىملىكىنى قايتىدىن ئېنىقلاش ياكى ئونتولوگىيەلىك قايتا قۇرۇپ چىقىش، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ۋە مەڭگۈلۈك نىشانلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ جەريا ن زىمىنىنى بېسىۋېلىش ۋە ئىقتىسادىي سۈمۈرگىچىلىكتىن تېخىمۇ خۇپىيانە بىر مۇستەملىكىدۇر، چۈنكى بۇ جەريان مۇستەملىكە قىلىنغان خەلق مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزىگە، سۇبيېكتىپ تەجرىبىسىگە ۋە دۇنيانى مەنىگە ئىگە قىلىش ئۇسۇلىغا قارىتىلغاندۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى بۇ دىنامىكىنىڭ زامانىۋى بىر ئۈلگىسىدۇر: سىستېمىلىق بىر كىملىك ئۆزگەرتىش لايىھەسى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىغا بولغان مۇستەقىللىقى قولىدىن ئېلىنىۋاتىدۇ ۋە ئورنىغا خىتاي دۆلىتى بەلگىلىگەن بىر ئونتولوگىيەلىك رامكا تېڭىلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياننى چۈشىنىش، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ پەقەت سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىللىي مەۋجۇتلۇققا ئائىت بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ
1.3.4 بىيوسىياسىي كونترول: بەدەنلەرنى ۋە ھاياتنى باشقۇرۇش
مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيە پەقەت سىياسىي ئاپپاراتلارنىلا كونترول قىلىپ قالماي، بەلكى بەدەنلەرنى، نۇپۇسنى، تۇغۇتنى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ شەخسىي ساھەلىرىنى تەرتىپكە سالىدۇ. بۇ، فۇكونىڭ بىيوسىياسەت (بىيوپولىتىكا) ئۇقۇمىنىڭ ئەڭ رادىكال رەۋىشتە قوللىنىلىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. د ن ئا (DNA) مەلۇمات ئامبارلىرى بۇ بىيوسىياسىي كونترولنىڭ ئاساسلىق قوراللىرىنىڭ بىرىدۇر. 12 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان بارلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ بىيومېتىرىك مەلۇماتلىرىنىڭ (د ن ئا، كۆز پەردىسىنى پەرقلەندۈرۈش – ئىرىس سىكانېرلاش، بارماق ئىزى، ئاۋاز خاتىرىلىرى) توپلىنىشى، بەدەنلەرنىڭ رەقەملىك ئارخىپلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مەلۇماتلار پەقەت كىملىك ئېنىقلاش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى نوپۇسنى كۆزىتىش، كونترول قىلىش ۋە يوشۇرۇن «تەھدىت» دەپ كۆرۈلگەنلەرنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، بىيوسىياسىي زومىگەرلىكنىڭ ئەڭ ۋەھشىي شەكىللىرىدىن بىرىدۇر. ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۈركۈملەپ تۇغماس قىلىۋېتىش،بالىياتقۇ ئىچىگە تۇغۇت چەكلەش سايمىنى ئورنىتىش ۋە مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش ئەمەلىيەتلىرى، نوپۇسنى بىئولوگىيەلىك جەھەتتىن كونترول ئاستىغا ئېلىشنىڭ ۋە نەسەبنىڭ داۋاملىشىشنى توسۇشنىڭ قوراللىرىدۇر. بۇ ئەمەلىيەتلەر، بىر خەلقنى نوپۇس جەھەتتىن ئازلىتىش ۋە تەدرىجى يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. بېرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» نىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئاساسلانغاندا، بىر توپلۇقنىڭ تۇغۇتلىرىنى توسۇشقا قارىتىلغان تەدبىرلەر قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنىڭ بىرىدۇر.
جازا لاگېرلىرى، «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامى ئاستىدا بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە كىشىنىڭ بەدەن ۋە زېھىن جەھەتتىن قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلۈش ئۇرۇنۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ لاگېرلار، مۇستەبىت بىيوسىياسەتنىڭ چوققىسىدۇر؛ بۇ يەردە شەخسلەر جىسمانىي ۋە پىسخىكىلىق قىيىن-قىستاقلارغا دۇچار قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىدۇ ۋە خەنزۇ خىتاي ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ (شەرت قويۇلىدۇ). لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، جىنسىي خورلۇق، قىيىن-قىستاق ۋە ئۆلۈملەر، خەلقئارالىق گۇۋاھلىقلار ۋە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر بىلەن ئەتراپلىق ھالدا ئىسپاتلانغان.
بەدەننى كۆزىتىش، «ساغلاملىق تەكشۈرۈش» دېگەن نام ئاستىدا دائىملىق قان ئۆرنىكى توپلاش ۋە باشقا بىيومېتىرىك ئۇچۇرلارنى يېڭىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتلەر بەدەنلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇشىنى ۋە ھەر تۈرلۈك جىسمانىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ خاتىرىلىنىشىنى تەمىنلەيدۇ. بەزى دوكلاتلاردا، بۇ «ساغلاملىق تەكشۈرۈشلىرى»نىڭ ئەزا ئەتكەسچىلىكى ئۈچۈن مەلۇمات توپلاش مەقسىتىنى كۆزلەيدىغانلىقىغا دائىر ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2.3.4. رەقەملىك ئۈستى ئوچۇق تۈرمە: 21-ئەسىر نازارەت رېجىمى
كلاسسىك ئولىگارخىيەلەر چەكلىك نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسا، مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيە پۈتكۈل جەمئىيەتنى تولۇق ۋە چوڭقۇر نازارەت قىلىپ رەقەملىك جەھەتتىن سۈزۈك ھالغا كەلتۈرىدۇ ۋە جېرېمى بېنتامنىڭ پانوپتىكون ( ئۈستى ئوچۇق تۇرمە) ئۇقۇمىنى تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. چىراي تونۇش سىستېمىلىرى، بۇ رەقەملىك ئۈستى ئوچۇق تۇرمىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك يۈزىدۇر. ھەر بىر كوچا بويىغا ئورنىتىلغان كامېرالار، سۈنئىي ئىدراك قوللايدىغان چىراي تونۇش ئارقىلىق شەخسلەرنى دەل ۋاقتىدا ئىز قوغلايدۇ، ھەرىكەتلىرىنى خەرىتىگە چۈشۈرىدۇ ۋە «گۇمانلىق ھەرىكەتلەر»نى ئالدىن پەرەز قىلىدۇ. بۇ سىستېمىلار پەقەت جىنايەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ئېنىقلاش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى جىنايەتتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش ۋە يوشۇرۇن ئۆكتىچىلەرنى بېكىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئەقلىي تېلېفوننى نازارەت قىلىش، شەخسىي ھاياتنىڭ پۈتۈنلەي يوق قىلىنغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئۇيغۇر رايونلىرىدىكى ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا تېلېفونلارنى دائىملىق تەكشۈرۈش، «زىيانلىق مەزمۇنلار»نى سۈزۈش ۋە ئۇچۇرلىشىش ئەپلىرىگە مەجبۇرىي نازارەت يۇمشاق دېتاللىرىنى (مەسىلەن «جىڭۋاڭ» ) قاچىلاش، شەخسلەرنىڭ رەقەملىك ئالاقىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆزىتىلىشىنى تەمىنلەيدۇ. ۋاتسئەپ (WhatsApp)، تېلېگرام (Telegram) غا ئوخشاش شىفىرلانغان ئۇچۇرلىشىش ئەپلىرىنىڭ تېلېفوندا بولۇشىنىڭ ئۆزىلا تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئالاقە ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ ۋە شەخسلەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆز-ئۆزىنى سېنزور قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ.
ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى (ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى)، ھەرىكەت-مىجەزلەرنى رەقەملىك نومۇر قويۇش ئارقىلىق جازالاشنىڭ قورالىدۇر. دىنىي ئىبادەتلەر، مەسچىت زىيارەتلىرى، چەتئەل بىلەن بولغان ئالاقىلەر ۋە «ئىشەنچسىز» ھەرىكەتلەر رەقەملىك سېستىما ئارقىلىق نومۇرغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. نومۇرى تۆۋەنلەش سەپەر قىلىشتىن مەھرۇم قىلىنىش، خىزمىتىدىن ئايرىلىش، بالىلىرىنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنىڭ چەكلىنىشى ۋە ئاخىرىدا تۇتقۇن قىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ سىستېما جەمئىيەتتە سادىقلىقنى (كونفورمىزم – بىر خىللىشىش) ۋە ئىتائەتنى تاڭىدىغان بىر ئىنتىزام مېخانىزمى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.
ئالدىن پەرەز قىلىش خاراكتېرلىك ساقچى پائالىيىتى ئالگورىزىملىرى، «بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بىرلىشىپ مەشغۇلات قىلىش سۇپىسى» (بىر گەۋدىلەشكەن بىرلىشىپ مەشغۇلات قىلىش سۇپىسى – ئى جوپ) ئارقىلىق ئىشلەيدۇ. بۇ سۇپا چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق «يوشۇرۇن تېررورچىلار»نى بېكىتىپ چىقىدۇ ۋە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىشلارغا يول ئاچىدۇ. رەقەملىك سىستېما نومۇر قويۇشقا ئىشلىتىدىغان ئۆلچەملەر ئارىسىدا دىنىي كىتاب ئوقۇش، ناماز ئوقۇش، ياغلىق چىگىش، چەتئەلدە تۇغقانلىرى بولۇش ياكى نورمالدىن ئارتۇق بېنزىن سېتىۋېلىشقا ئوخشاش پۈتۈنلەي قانۇنىي ھەرىكەتلەر باردۇر. بۇ ئالگورىزىملارنىڭ سۈزۈكلۈكتىن ۋە جاۋابكارلىق مېخانىزملىرىدىن مەھرۇم بولۇشى، قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشلارنى نورماللاشتۇرماقتا. بۇ تېخنىكىلىق پانوپتىكون (ئوچۇق تۇرمە)، بېنتام تەسەۋۋۇر قىلغان نازارەت جەمئىيىتىنىڭ چەك-چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتتى. بېنتام ئوتتۇرىغا قويغان پانوپتىكون كۆزىتىلىش ئېھتىماللىقى ياراتقان پىسخىكىلىق بېسىمنى كۆزدە تۇتىدۇ ، رەقەملىك پانوپتىكون ھەقىقىي، ئۈزلۈكسىز ۋە مۇتلەق بىر نازارەتنى تەمىنلەيدۇ. بۇ يەردە كۆزىتىش پەقەت ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالدىن پەرەز قىلىش ۋە ئاپتوماتىك جازالاش ئۈچۈندۇر.
3.3.4. مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ( بىر مىللەتنى يوقىتىش):
مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيەنىڭ كلاسسىك شەكىللەر بىلەن بولغان ئەڭ رادىكال پەرقى كىملىكنىڭ سىستېمىلىق ۋەيران قىلىنىشى ۋە مەدەنىيەت يوقىتىشتۇر. بۇ جەريان جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىش بولمىسىمۇ، بىر خەلقنىڭ كوللېكتىپ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەسلىمىسىنى ۋە ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىدۇر. بۇ رەفائىل لېمكىننىڭ «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئۇقۇمىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر ئۈلگىسىدۇر.
تىل قىرغىنچىلىقى مەدەنىيەت يوقىتىشنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىلىشى ۋە خىتاي تىلىنىڭ بىردىنبىر مائارىپ تىلىغا ئايلاندۇرۇلۇشى، يېڭى ئەۋلادلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى بولماي چوڭ بولۇشىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ جەريان پەقەت ئالاقە قورالىنىڭ ئۆزگىرىشىلا ئەمەس، بەلكى تەپەككۇر قۇرۇلمىسىنىڭ، مەدەنىيەت تايانچ نۇقتىلىرىنىڭ ۋە كوللېكتىپ ئەسلىمىنىڭ ئەۋلادلار ئارا داۋاملىشىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدۇر. ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان تاراتقۇلارنىڭ تاقىلىشى، تىلنىڭ ئاممىۋى ساھەدىن ئۆچۈرۈلۈشىنى تەمىنلەيدۇ. بالىلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ «ياتاقلىق مەكتەپلەردە» خىتاي تىلىغا مەجبۇرلىنىشى، ئائىلە مەكتىپىنى،ئائىلىدىكى مەدەنىيەت ۋە مىھرى-مۇھەببەت ئۆتۈشۈشىنى توسۇپ قويىدۇ. يەرلىك تىلدا سۆزلەشنىڭ «قالاقلىق» دەپ ئەيىبلىنىشى، تىلنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يوقىتىدۇ ۋە ياش ئەۋلادلارنى ئانا تىلىدىن نومۇس قىلىشقا ئىتتىرىدۇ.
دىنىي يوقىتىش بولسا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ تۈپ يادروسى بولغان ئىسلام دىنىنىڭ سىستېمىلىق نىشانغا ئېلىنىشىدۇر. 16,000 دىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ياكى «قايتىدىن فۇنكسىيەلەشتۈرۈلۈشى» (مەيخانا، كارائوكې زالى،بەزمىخانا)، ئىبادەت ئورۇنلىرىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دىندار تاشقى كۆرۈنۈشنىڭ (ساقال، ياغلىق، ھالال يېمەكلىك چۈشەنچىسى ) «ئاشقۇنلۇق ئالامىتى» دەپ قارىلىشى، دىنىي كىملىكنى ئاممىۋى ساھەدىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش ۋە دىنىي ھېيتلارنى تەبرىكلەشنىڭ جازالىنىشى، ئىبادەت ئەركىنلىكىنىڭ پۈتۈنلەي يوق ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ. قۇرئان ۋە دىنىي كىتابلارنىڭ چەكلىنىشى، يىغىۋېلىنىشى ۋە كۆيدۈرۈلۈشى، تارىخنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ دەۋرلىرىدىكى كىتاب كۆيدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى ئەسكە سالىدۇ.
مەدەنىيەت ئەسلىمىسىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى، ئۆتمۈش بىلەن بولغان رىشتىنى ئۈزۈشنى نىشانلايدۇ. تارىخىي ئۇيغۇر قەبرىستانلىقلىرىنىڭ تۈرتۈش ماشىنىسى بىلەن ۋەيران قىلىنىشى (كېرىيە، يېڭىشەھەر ، خوتەندىكى قەبرىستانلىقلار )، ئەجدادلارنىڭ خاتىرىسىنى جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىشتۇر. بۇ ۋەيرانچىلىقلار سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان. ئۇيغۇر مۇزىكىسى، ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىنىڭ «خىتاي ئالاھىدىلىكى» بىلەن قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلۈشى، مەدەنىيەت ئىپادە شەكىللىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشىدۇر. ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر بىناكارلىق مىراسلىرىنىڭ ئورنىنى خەنزۇ ئۇسلۇبىدىكى بىنالارنىڭ ئېلىشى، شەھەر قىياپىتىنىڭ خەنزۇلاشتۇرۇلۇشىدۇر. ئائىلىلەرنىڭ تارىخى ۋە نەسەبنامىلىرىنىڭ (نەسەب دەرەخلىرىنىڭ) ئۆچۈرۈلۈشى، شەخسىي ۋە كوللېكتىپ كىملىكنىڭ يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇشىدۇر.
بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بىر خەلقنى جىسمانىي جەھەتتىن يوقاتماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ كوللېكتىپ كىملىكىنى، تىلىنى، دىنىنى، تارىخىنى ۋە مەدەنىيەت ئەسلىمىسىنى سىستېمىلىق يوقىتىش ئۇرۇنۇشىدۇر. لېمكىننىڭ ئېنىقلىمىسى بىلەن ئېيتقاندا، «بىر گۇرۇپپىنىڭ مىللىي قېلىپىنى يوقىتىش ۋە بېسىۋالغۇچىنىڭ مىللىي قېلىپىنى تېڭىش» تۇر. بۇ جەريان كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى توسۇشنى ۋە ئۇلارنى خەنزۇ خىتاي كىملىكىگە سىڭدۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
4.3.4. ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش پارادوكسى (زىددىيەتلىك ھادىسىسى):
تەرەققىيات ئارقىلىق نامراتلاشتۇرۇش: شەرقىي تۈركىستان، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ھالقىلىق تۈگۈنىدۇر ۋە بۇ رايونغا غايەت زور ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىلىرى سېلىنماقتا. ئەمما بۇ ئىقتىسادىي «تەرەققىيات»، يەرلىك خەلقنىڭ سىستېمىلىق ھالدا چەتكە قېقىلىشى ۋە نامراتلاشتۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ قەدەمدە يۈز بەرمەكتە. بۇ پارادوكسنى (زىددىيەتلىك ھادىسىنى) «تەرەققىيات ئارقىلىق نامراتلاشتۇرۇش» (تەرەققىيات ئارقىلىق نامراتلاشتۇرۇش) دەپ ئۇقۇملاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
بايلىق يۆتكەش، بۇ پارادوكسنىڭ ئاساسلىق مېخانىزمىدۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مول نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە نادىر مېتاللىرى خىتاينىڭ شەرقىي ئۆلكىلىرىگە سىستېمىلىق ھالدا يۆتكىلىدۇ. ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركلەر بۇ بايلىقلاردىن كىرىم قىلالمايدۇ؛ بايلىق قېزىش شىركەتلىرى پۈتۈنلەي خەنزۇلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، پايدا مەركەزگە (مېتروپولغا) يۆتكىلىدۇ. ئېنېرگىيە ئېكسپورتىدىن كەلگەن كىرىم رايوندا قالمايدۇ، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇلىدۇ. بۇ كلاسسىك مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدىكى خام ئەشيا يۆتكەشنىڭ زامانىۋى نۇسخىسىدۇر.
ئەمگەك كۈچى سۈمۈرگىچىلىكى، رايوندىكى ئىقتىسادىي ئۆسۈشنىڭ يەرلىك خەلق ئۈچۈن نامراتلىقتىن دىرەك بېرىشىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدۇر. «كەسپىي تەربىيەلەش» لاگېرلىرىدىن چىققانلار توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىدا ۋە پاختا ئېتىزلىرىدا مەجبۇرىي ھەقسىز ئىشلىتىلىدۇ. خەلقئارالىق ماركىلار (نايك، H&M، يۇنىكلوغا ئوخشاش) ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش قىلىدىغان زاۋۇتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلىشى، مۇستەقىل تەكشۈرۈشلەر ۋە تاراتقۇ دوكلاتلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان. «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇرلار ئۆز تۇپراقلىرىدىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە «ئەمگەك كۈچى يۆتكەش» (ئەمگەك كۈچى يۆتكەش) پىلانلىرى بىلەن ئەۋەتىلىدۇ. بۇ پىلانلار ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشىغا، مەدەنىيەت رىشتىلىرىنىڭ ئۈزۈلۈشىگە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك شارائىتلىرىغا يول ئاچماقتا.
نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش (دېموگرافىك ئىنژېنىرلىق / نوپۇس قۇرۇلۇشى)، رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى خىتايلارنىڭ پايدىسىغا ئۆزگەرتىش ئىستراتېگىيەسىدۇر. خىتاي كۆچمەنلىرى ئولتۇراقلىشىش شارائىتى، باجنى كېمەيتىش ۋە خىزمەت كاپالىتى بىلەن رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. ھۆكۈمەت ساھەسىدىكى خىزمەتلەر ئالدى بىلەن خىتايلارغا بېرىلىدۇ. شەخسىي ساھەدىمۇ خىتاي خوجايىنلارنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى خىزمەتكە ئېلىشتىكى ئىككىلىنىشلىرى ئىقتىسادىي كەمسىتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلار ئۆز تۇپراقلىرىدا ئاز سانلىق ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويۇلدى؛ 1949-يىلى نۇپۇسنىڭ تەخمىنەن %90 نى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بولسا، 2020-يىلىغا كەلگەندە بۇ نىسبەت %45 ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان. بۇ ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش پارادوكسى، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ چەتكە قېقىلىشى بەدىلىگە ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. رايون ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆسۈۋاتقان بولسىمۇ، يەرلىك خەلق بۇ ئۆسۈشتىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ نامراتلىشىدۇ ۋە ئۆز ۋەتىنىدە ياتلىشىدۇ. بۇ دەيۋىد خارۋېينىڭ «مۈلۈكسىز قالدۇرۇش ئارقىلىق كاپىتال توپلاش» ئۇقۇمىنىڭ كونكرېت بىر ئۈلگىسىدۇر.
5.3.4. قانۇنىي بوشلۇق ۋە مۇستەسنا ھالەت
جورجىيو ئاگامبېننىڭ «مۇستەسنا ھالەت» ئۇقۇمى شەرقىي تۈركىستاندا ۋە نورماللىشىپ قالغان ۋە مەڭگۈلۈكلىشىپ كەتكەن. مۇستەسنا ھالەت بولسا، ئادەتتە ۋاقىتلىق يۈرگۈزۈلىدىغان پەۋقۇلئاددە ھالەت (جىددىي ھالەت )يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشى ۋە قانۇننىڭ توختىتىپ قويۇلۇشىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا بۇ ئەھۋال «تېررورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» بايانلىرى بىلەن قانۇنىيلاشتۇرۇلىدۇ.
قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشلار، مۇستەسنا ھالەتنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسىدۇر. شەخسلەر ھېچقانداق ئەيىبلەش، سوتلاش ياكى جىنايەت بېكىتىش بولماستىن «تەربىيەلەش لاگېرلىرى»غا ئەۋەتىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈش، قانۇنىي تەكشۈرۈش ياكى ئەرىز قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. تۇتقۇن قىلىش قارارلىرى ئالگورىزىملىق نومۇر قويۇش ياكى قوشنىلارنىڭ پاش قىلىشىغا ئوخشاش سۈزۈك بولمىغان مېخانىزملار بىلەن چىقىرىلىدۇ. بۇ ئەھۋال گۇناھسىزلىق پەرىزىنى، ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىنى ۋە قانۇنىي بىخەتەرلىكنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ.
كوللېكتىپ جازالاش، بىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ «گۇمانلىق» ھەرىكىتى سەۋەبىدىن پۈتۈن ئائىلىنىڭ جازالىنىشىنى بىلدۈرىدۇ. بىر كىشىنىڭ چەتئەلدە تۇغقىنى بولۇشى، دىنىي كىتاب ئوقۇشى ياكى مەسچىتنى زىيارەت قىلىشى پۈتۈن ئائىلىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا، خىزمىتىدىن ئايرىلىشىغا ياكى تۇتقۇن قىلىنىشىغا يول ئاچىدۇ. بۇ زامانىۋى قانۇن سىستېمىلىرىنىڭ تۈپ پرىنسىپلىرىدىن بىرى بولغان «شەخسىي مەسئۇلىيەت پرىنسىپى»نى ئوچۇق-ئاشكارە دەپسەندە قىلىشتۇر.
ئەسلىگە كەلمەس يوقاپ كېتىشلەر، لاگېرلارغا ئەكىتىلگەندىن كېيىن ھېچقانداق خەۋەر ئالغىلى بولمىغان، «يوقالغان» ئون مىڭلىغان كىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئائىلىلەر يېقىنلىرىنىڭ نەدىلىكىنى، ھايات ياكى ئەمەسلىكىنى، ياكى قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇ ئېنىقسىزلىق پىسخىكىلىق قىيىن-قىستاق سەۋىيەسىدە بىر ئازاب يارىتىدۇ. بەزى يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرىدە، شەخسلەرنىڭ لاگېرلاردا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ياكى ئەزا كۆچۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر ئەندىشىلىك دەۋالار مەۋجۇت.
قانۇنىي يول بىلەن ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇمكىن بولماسلىقى، مۇستەسنا ھالەتنىڭ نەقەدەر ئەتراپلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئادۋوكاتقا ئېرىشىش، ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش، ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ياكى ھەرقانداق بىر قانۇنىي مېخانىزمغا مۇراجىئەت قىلىش ھوقۇقى يوق. خەلقئارا قانۇن مېخانىزملىرىغا (ب د ت، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى) مۇراجىئەت قىلىشمۇ ئەمەلىيەتتە مۇمكىن ئەمەس، ھەم خىتاي بۇ ئورگانلارنىڭ سوت ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.
بۇ مۇستەسنا ھالەت «تېررورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» بايانلىرى بىلەن نورماللاشتۇرۇلىدۇ ۋە قانۇنىيلاشتۇرۇلىدۇ. ھەر تۈرلۈك ئۆكتىچىلىك، مەدەنىيەت ئىپادىلىرى ياكى دىنىي ئەمەلىيەتلەر بۇ كاتېگورىيەلەرگە كىرگۈزۈلۈپ جازالىنىدۇ. بۇ بايانلار ھەم ئىچكى جامائەت پىكىرىدە ھەم خەلقئارا ساھەدە بۇ سىياسەتلەرنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
4.4. نەزەرىيەۋى تۆھپە ۋە ئاكادېمىك ئەھمىيىتى
«مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى» ئۇقۇمى ئولىگارخىيە، مۇستەملىكىچىلىك ۋە توتالىتارىزىم نەزەرىيەلىرىگەھاكىممۇتلەقلىق نەزەرىيەلىرىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە ئەسلىي تۆھپىلەرنى سۇنىدۇ.تەرەپتىن ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ئۇقۇم مەۋجۇت نەزەرىيەلەرنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، 21-ئەسىر مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ئۆزىگە خاسلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يېڭى ئانالىز قوراللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
1.4.4. ئولىگارخىيە نەزەرىيەسىنىڭ كېڭەيتىلىشى
بىرىنچىدىن، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى ئولىگارخىيەلىك جەريانلارنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، مۇستەملىكىچىلىك شارائىتىنىڭ بۇ جەريانلارنى قانداق قىلىپ سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى، شىددەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئەسلىگە كەلمەس ھالغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مىچېلسنىڭ «تۇنچ قانۇنى»، دېموكراتىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئولىگارخىيەلىك قۇرۇلمىلارغا قاراپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئىچكى دىنامىكىلار بىلەن چۈشەندۈرسە، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنيىتىقانۇنىيىتى تاشقى زوراۋانلىق ۋە بېسىۋېلىشنىڭ ئولىگارخىيەنى قانداق قىلىپ توساتتىن ۋە مەجبۇرىي تېڭىدىغانلىقىنىتاڭىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ، ئولىگارخىيە نەزەرىيەسىنىڭ پەقەت ئىچكى دىنامىكىلارغىلادىنامىكىلارنىلا ئەمەس، بەلكى تاشقى ئارىلىشىش ۋە مۇستەملىكىچى زومىگەرلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، ھېسابلاپ چىقىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مىچېلس نەزەرىيەسى ئولىگارخىيەلىشىشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى، ئەمما يەنىلا قىسمەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلسا، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنيىتىقانۇنىيىتى مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىنى، چۈنكى قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنىڭ سىستېمىلىق يوقىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ بولسا ئولىگارخىيەگە قارشى كۈرەش ئىستراتېگىيەلىرىنى قايتىدىن ئويلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
2.4.4. پوست-كولونىيال نەزەرىيە بىلەن دىئالوگ
ئىككىنچىدىن، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى، كلاسسىك ئولىگارخىيە نەزەرىيەسىنىڭ ياۋروپا مەركەزلىك پەرەزلىرىنى گۇمان ئاستىغا ئېلىشقا ۋە مۇستەملىكىدىن كېيىنكى (پوست-كولونىيال) تەجرىبىلەرنى مۇھىم ساناپ نەزەرىيەۋى رامكىغا مەركىزىي ئورۇندا كىرگۈزۈشكە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. ئېدۋارد سەئىدنىڭ شەرقشۇناسلىق (ئورىيېنتالىزىم) تەنقىدى، غەربنىڭ شەرقنى قانداق قىلىپ «باشقىلار» قىلغانلىقىنىئۆزگىلەشتۈرگەنلىكى» ۋە بۇ ئارقىلىق مۇستەملىكىچى زومىگەرلىكنى قانداق ئاقلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ۋەقەسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ «قالاق»، «تېررورچى» ۋە «مەدەنىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك بولغان» جەمئىيەت سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىشى، ئوخشاش بىر شەرقشۇناسلىق نۇتۇقىنىڭ يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
گايرى سپىۋاكنىڭ «تۆۋەن قاتلام» (تۆۋەن قاتلام /ئاۋازىنى ئاڭلىتالمايدىغانلار) ئۇقۇمى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا ساھەدە ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىش كۈرەشلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھالقىلىق بىر رامكا سۇنىدۇ. سپىۋاكنىڭ مەشھۇر سوئالى «ئاستىنقى قاتلام سۆزلىيەلەمدۇ؟» ،شەرقىي تۈركىستان شارائىتىدىكى ئاچچىق بىر رېئاللىققا ئىشارەت قىلىدۇ: ئۇيغۇرلار سۆزلەشكە تىرىشسىمۇ، كۈچلۈك دۆلەت بايانلىرى ۋە تاراتقۇ كونتروللۇقى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ئاۋازى بېسىپ قويۇلىدۇ ياكى بۇرمىلىنىدۇ.
فىرانتز فانوننىڭ مۇستەملىكىچىلىكنىڭ پىسخىكىلىق زوراۋانلىق ئانالىزى، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتىنىڭ ئونتولوگىيەلىك (مەۋجۇتلۇققا ئائىت) ئۆلچىمىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. فانون مۇستەملىكىچىلىكنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي شۈمۈرگىچلىكلاسۈمۈرگىچىلىكلا ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە قىلىنغانلارنىڭ ئۆز قىممىتىنى، كىملىكىنى ۋە ئىنسانلىقىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىدىن نومۇس قىلىشقا ئىتتىرىلىشى، بۇ پىسخىكىلىق زوراۋانلىقنىڭ كونكرېت بىر ئۈلگىسىدۇر.
3.4.4. تېخنىكا ۋە ھوقۇق مۇناسىۋىتىنىڭ قايتىدىن ئۇقۇملاشتۇرۇلۇشى
ئۈچىنچىدىن، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى، زامانىۋى تېخنىكىلارنىڭ (سۈنئىي ئىدراك، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بىيومېتىرىك سىستېمىلار) ئولىگارخىيەلىك كونترولنى قانداق كېڭەيتكەنلىكىنى، چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى ۋە دېگۈدەك مۇتلاقمۇتلەق ھالغا كەلتۈرگەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇقۇملۇقنەزەرىيەۋىي قوراللارنى سۇنىدۇ. بۇ فۇكونىڭ پانوپتىكون (ئۈستى ئوچۇق تۈرمە) ۋە بىيوسىياسەت ئۇقۇملىرىنىڭ 21-ئەسىر شارائىتىدا قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
شوشانا زۇبوفنىڭ «نازارەت كاپىتالىزمى» (نازارەت كاپىتالىزمى) ئانالىزى، تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەتكۈچى مەلۇماتلىرىنى قانداق مالغاتاۋارغا ئايلاندۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ۋەقەسىدە، نازارەت كاپىتالىزمى بىلەن نازارەت توتالىتارىزىمىنىڭھاكىممۇتلەقلىقىنىڭ بىرلىشىپ كەتكەنلىكى كۆرۈلىدۇ؛ بۇ يەردە تېخنىكىلار پەقەت پايدا ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي كونترول ۋە زومىگەرلىك ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. يېۋگېنىي موروزوۋنىڭ «رەقەملىك توتالىتارىزىم» (رەقەملىك توتالىتارىزىم) ئۇقۇملاشتۇرۇشىئۇقۇمى بۇ بىرلىشىشنىبىرلەشتۈرۈلۇشنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھالقىلىقتۇر.يىتەرلىكتۇر. لانگدون ۋىننېرنىڭ «تېخنىكىنىڭ سىياسىتى» (تېخنىكىنىڭ سىياسىتى) ئۇسۇلى، تېخنىكىلارنىڭ بىتەرەپ قوراللار ئەمەسلىكىنى، بەلكى مەلۇم سىياسىي مەقسەتلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلىتىلىۋاتقان چىراي تونۇش سىستېمىلىرى، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سۇپىلىرى ۋە ئالدىن پەرەز قىلىش خاراكتېرلىك ساقچى ئالگورىزىملىرى ئۇيغۇر نۇپۇسىنىنوپۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن ۋە تەڭشەلگەن. بۇ بولسا تېخنىكىنىڭ مۇستەملىكىچى زومىگەرلىكنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
4.4.4. قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە سۇبيېكتلىق نەزەرىيەسى
تۆتىنچىدىن، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى «تەقدىرچى» (دېتېرمىنىستىك) ئەمەس؛ ئەكسىچە قارشىلىق كۆرسىتىش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ قانداق قىلىپ سىستېمىلىق تارايتىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق، كۈرەش ئىستراتېگىيەلىرىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا تۆھپە قوشىدۇ.ئويلىنىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. جېيمىس سى. سكاتنىڭ «يوشۇرۇن تېكىستلەر» (يوشۇرۇن سېنارىيەلەر) ۋە «ئۇل ئەسلىھەلىك قوراللار» (ئۇل ئەسلىھەلىك قوراللار) ئۇقۇملىرى، بۇ تارايتىلغان بوشلۇقتا ھەتتا قارشىلىق شەكىللىرىنىڭ مەۋجۇت بولالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
سكات، ئېزىلگەنلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە قارشىلىق كۆرسىتىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋاللاردا، يوشۇرۇن قارشىلىق شەكىللىرىنى يېتىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛ بۇلار ئارىسىدا مەسخىرە قىلىش، پاسسىپ قارشىلىق، ئىشنى ئاستا قىلىش، غەيۋەت-شىكايەت ۋە ئاممىۋى بايانلارنىڭ ئارقىسىدىكى يوشۇرۇن سۆزلەر باردۇر. شەرقىي تۈركىستاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئەمەلىيەتلىرىنى يوشۇرۇن داۋاملاشتۇرۇشى، ئۆزئارا زىيارەتلىرىدە دىنىي قائىدىلەرنى ھەمبەھىرلىنىشى ياكى بالىلىرىغا يوشۇرۇن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىشى مۇشۇنداق يوشۇرۇن قارشىلىق شەكىللىرىنىڭ ئۈلگىلىرىدۇر. ئەمما رەقەملىك نازارەتنىڭ قويۇقلۇقى، بۇ يوشۇرۇن قارشىلىق ساھەلىرىنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە تارايتماقتا. ئۆي ئىچىگە كامېرالارنىڭ ئورنىتىلىشى، قوشنىلارنى پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۈزلۈكسىز تېلېفون تەكشۈرۈشلەر، ھەتتا «يوشۇرۇن» ئىشلارمۇ مۇمكىن بولمايدىغان بىر مۇھىت ياراتماقتا. بۇ بولسا قارشىلىق نەزەرىيەسىنى رەقەملىك ھاكىممۇتلەقلىق دەۋرىدە قايتىدىن ئويلىنىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مىشېل دې سېرتونىڭ «كۈندىلىك ھايات ئەمەلىيەتلىرى»ئۇسۇلى، شەخسلەرنىڭ زومىگەرلىك قۇرۇلمىلىرى ئىچىدە تۇرۇپمۇ تاكتىكىلىق مانېۋىر بوشلۇقلىرى يارىتالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سىمۋوللىرىنى يوشۇرۇن قوغداش تىرىشچانلىقلىرى مۇشۇنداق تاكتىكىلىق قارشىلىقنىڭ ئۈلگىلىرىدۇر. ئەمما يەنە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، بۇ ساھەلەرمۇ رەھىمسىزلىك بىلەن سىستېمىلىق ھالدا تاقالماقتا.
5.4.4. سېلىشتۇرما قىرغىنچىلىق تەتقىقاتلىرى
بەشىنچىدىن، «مۇستەملىكىچىلىك تۆمۈر قانۇنى» رامكىسى 21-ئەسىر قىرغىنچىلىق ئەمەلىيەتلىرىنىڭ مۇرەككەپ ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك تەبىئىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يېڭى بىر نەزەرىيەۋى زېمىن سۇنىدۇ. رەفائىل لېمكىننىڭ ئەسلىي قىرغىنچىلىق ئۇقۇمى ھەم جىسمانىي ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىن يوقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن گەۋدىلىك بىر ئۇسۇلنى ئېنىقلىغان بولسىمۇ، 1948-يىلىدىكى ب د ت قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى سىياسىي كېلىشىملەر نەتىجىسىدە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئېنىقلىمىنىڭ سىرتىدا قالدۇرغان (لېمكىن، 1944-يىلى؛ نېرسېسسىيان، 2010-يىلى). ئەمما شەرقىي تۈركىستان ۋەقەسى، جىسمانىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئەمەلىيەتلىرىنىڭ تەڭ قەدەمدە ۋە بىر-بىرىنى كۈچەيتىدىغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئارىلاشما قىرغىنچىلىق ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
لوندوندا جەم بولغان ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى 2021-يىلى چىقارغان قارارى، خ ك پ نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمەلىيەتلىرىنىڭ ب د ت قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ بىر قانچە ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ۋە ھەم جىسمانىي ھەم مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى قانۇنىي دەلىللەرگە ئاساسەن بېكىتتى (ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى، 2021-يىلى). سوت كوللىگىيەسى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە تۇغۇت چەكلەش ئەمەلىيەتلىرىنىڭ ئەھدىنامىنىڭ II(d) ماددىسى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا يۈز بەرگەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان شارائىتلار ۋە قىيىن-قىستاقلارنىڭ (II(b) ماددىسى، بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋىتىلىشىنىڭ (II(e) ماددىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ۋە سىستېمىلىق مەدەنىيەت يوقىتىشنىڭ بىرلىكتە يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ بايقاشلار، «مۇستەملىكىچىلىك تۆمۈر قانۇنى»نىڭ پەقەت مەدەنىيەت جەھەتتە قىرغىنچىلىق قىلىپلا قالماي ، بەلكى جىسمانىي قىرغىنچىلىق قوراللىرىنىمۇ ئىشقا سالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مۇستەملىكىچىلىك تۆمۈر قانۇنى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئولىگارخىيەلىك ھوقۇق قۇرۇلمىلىرىنىڭ جەمئىيەت كونتروللۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەم جىسمانىي بېسىم ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىستراتېگىيەلىرىنى تەڭ قەدەمدە قوللانغانلىقى كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋال لېمكىننىڭ ئەسلىي قىرغىنچىلىق ئېنىقلىمىسىنىڭ پۈتۈنلىكىنى قايتىدىن ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىدۇ. لېمكىن (1944-يىلى) قىرغىنچىلىقنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق جەريان ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن: بىرىنچىسى، يەرلىك گۇرۇپپىنىڭ مىللىي قېلىپىنىڭ يوقىتىلىشى؛ ئىككىنچىسى، بېسىۋالغۇچىنىڭ مىللىي قېلىپىنىڭ تېڭىلىشى. شەرقىي تۈركىستاندا بۇ ئىككى باسقۇچ بىرلىكتە يۈرۈۋاتىدۇ ،يەنى، ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ سىستېمىلىق يوقىتىلىشى (تىل، دىن، مەدەنىيەت ئەمەلىيەتلىرى) بىلەن خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ مەجبۇرىي تېڭىلىشى پاراللېل ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ۋە بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى جىسمانىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىش بىلەن پاراللىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇا.
سېلىشتۇرما قىرغىنچىلىق ئەدەبىياتىدا، خولوكوست (يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى)، رۇئاندا ۋە بوسنىيە ۋەقەلىرى ئادەتتە «ئىسسىق قىرغىنچىلىق» (قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق) ئۈلگىلىرى سۈپىتىدە تۈرگە ئايرىلىدۇ؛ بۇ ۋەقەلەردە قىسقا ۋاقىت ئىچىدەكۆپلەپ جىسمانىي يوقىتىش ئېلىپ بېرىلغان (شو، 2007-يىلى؛ ستراۋس، 2015-يىلى). شەرقىي تۈركىستان ۋەقەسى بولسا، ھەم «ئىسسىق» ھەم «سوغۇق» قىرغىنچىلىق جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارىلاشما بىر ئەندىزە سۇنىدۇ. لېمكىن (2005-يىلى) ئەسەرلىرىدە سوۋېت قىرغىنچىلىقىغا ئائىت ئانالىزلىرىدا ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، قىرغىنچىلىق ھەر ۋاقىت بىۋاسىتە تۈركۈملەپ ئۆلتۈرۈش شەكلىدە يۈز بەرمەيدۇ؛ بەزىدە نوپۇسنىڭ سىستېمىلىق يوقۇتىلىشى، كىملىكنىڭ يوقىتىلىشى ۋ ە ئەجدات – ئەۋلادلارنىڭ رىشتىسىنى ئۈزۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بۇ «سوغۇق» ئۇسۇللار، جىسمانىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىشقا ئوخشاش «ئىسسىق» ئامىللار بىلەن بىرىككەندۇر.
فېيېرشتېيننىڭ (2014-يىلى) قىرغىنچىلىقنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتلەر سۈپىتىدە ئۇقۇملاشتۇرۇشى، بۇ ئارىلاشما ئەندىزىنى چۈشىنىش ئۈچۈن پايدىلىق بىر رامكا سۇنىدۇ. فېيېرشتېين قىرغىنچىلىقنىڭ پەقەت بەدەنلەرنىڭ يوقىتىلىشىلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ، كوللېكتىپ ئەسلىمىنىڭ ۋە كىملىك ئېلېمىنتلىرىنىڭ سىستېمىلىق ۋەيران قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى ياقىلايدۇ. مۇستەملىكىچىلىك تۆمۈر قانۇنىنىڭ ئولىگارخىيەلىك مېخانىزملىرى، بۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋەيرانچىلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىدىيەۋى، بيۇروكراتىك ۋە تېخنىكىلىق قوراللارنى سەپەرۋەر قىلىدۇ. يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، پەقەت جىسمانىي تۇتقۇن قىلىش ئورۇنلىرىلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىدىئولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق قايتا قۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك كونترول ئورنىدۇر (زېنز، 2019-يىلى). بۇ لاگېرلاردىن چىققان شەخسلەر، جىسمانىي جەھەتتىن ھايات قالغان تەقدىردىمۇ، روھىي زەخمە، كىملىك مۈجمەللىكى ۋە ئىجتىمائىي رىشتىلەرنىڭ ئۈزۈلۈشى سەۋەبىدىن چوڭقۇر يارىلانغان ھالدا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ۋە تۇغماس قىلىۋېتىش ئەمەلىيەتلىرى، مۇستەملىكىچىلىك تۆمۈر قانۇنىنىڭ نوپۇس ئامىلىدۇر. زېنزنىڭ (2021-يىلى) تەتقىقاتى، شەرقىي تۈركىستاندا 2017-2019-يىللىرى ئارىسىدا تۇغۇت نىسبىتىنىڭ بەزى رايونلاردا %60 تىن ئارتۇق تۆۋەنلىگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ سىستېمىلىق سىياسەتلەرنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، ب د ت قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ II(d) ماددىسىدا ئېنىقلىما بېرىلگەن «بىر گۇرۇپپا ئىچىدە تۇغۇتلارنى توسۇش مەقسىتىدە لايىھەلەنگەن تەدبىرلەر» ئۆلچىمىگە بىۋاسىتە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسىنىڭ بېكىتىشلىرىگە كۆرە، بۇ تەدبىرلەر مەجبۇرىي ۋە سىستېمىلىق شەكىلدە ئىجرا قىلىنماقتا. ئولىگارخىيەلىك كونترول پەقەت ھازىرقى ئەۋلادنىڭ بەدەنلىرى ئۈستىدىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈستىدىمۇ ھۆكۈمرانلىق قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىشى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا «قايتىدىن تەربىيەلىنىشى»، قىرغىنچىلىقنىڭ ئەۋلادلار ئۈستىدىكى تەسىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يېتىمخانىلارغا ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئائىلە رىشتىلىرىنىڭ ئۈزۈلۈشى ۋە ئانا تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ ئۇنتۇلدۇرۇلۇشى سىستېمىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا (زېنز، 2021-يىلى). بۇ ئەمەلىيەت، ب د ت قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ II(e) ماددىسى بولغان «بىر گۇرۇپپىنىڭ بالىلىرىنى مەجبۇرىي باشقا بىر گۇرۇپپىغا يۆتكەش» ئۆلچىمىگە تولۇق ماس كېلىدۇ. مۇستەملىكىچىلىك تۆمۈر قانۇنى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ سىياسەت ئولىگارخىيەنىڭ يېڭى ئەۋلادلارنى باشتىن-ئاخىر ھۆكۈمران مەدەنىيەتنىڭ ئىچىدە يېتىشتۈرۈش ۋە ئەسلى كىملىكلىرىنى يوقىتىش ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ:
سېلىشتۇرما نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ ۋەزىيەت كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكىدىكى يەرلىك بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش ۋەقەلىرى بىلەن ئوخشاشتەك كۆرۈنىدۇ (ۋولفورد، 2015-يىلى). ئەمما 21-ئەسىردە يۈز بېرىشى ۋە زامانىۋى تېخنىكىلىق نازارەت قوراللىرى بىلەن قوللىنىشى جەھەتتىن ئالاھىدە بىر دىققەت تارتىدۇ. نازارەت تېخنىكىلىرى، ئولىگارخىيەنىڭ ھەر بىر شەخسنى كۆزىتىش، تۈرگە ئايرىش ۋە كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى غايەت زور دەرىجىدە ئاشۇردى. چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىزى، بىيومېتىرىك تونۇش ۋە سۈنئىي ئىدراك قوللايدىغان خەتەرنى باھالاش سىستېمىلىرى، ئۆتمۈشتىكى قىرغىنچىلىقلاردا بولمىغان بىر رېجىم سەۋىيەسىنى مۇمكىن قىلماقتا (بايلېر، 2021-يىلى).
مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئەمەلىيەتلىرىمۇ جىسمانىي قىرغىنچىلىق ئەمەلىيەتلىرى بىلەن ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. قەبرىستانلىقلارنىڭ سىستېمىلىق ۋەيران قىلىنىشى، تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، دىنىي ئورۇنلارنىڭ تاقىلىشى ياكى ئۆزگەرتىلىشى، تىلنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىن چىقىرىۋېتىلىشى ۋە مەدەنىيەت ئەمەلىيەتلىرىنىڭ ئەيىبلىنىشى، كوللېكتىپ ئەسلىمە ۋە كىملىكنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىگە قارىتىلغان سېستىمىلىق ھەرىكەتلەر (فىنلېي، 2021-يىلى). بۇ مەدەنىيەت يوقىتىش، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى جىسمانىي قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي دورا بېرىش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان شارائىتلاردىن ئايرىپ قارالمايدۇ. ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسىنىڭ دەلىللىرى، مەدەنىيەت ۋە جىسمانىي يوقىتىشنىڭ بىر-بىرىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان ، تۈرتكە بولىدىغان جەريانلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
جونېسنىڭ (2017-يىلى) قىرغىنچىلىق تىپولوگىيەسى، قىرغىنچىلىقنى«رادىكال» ۋە «قىسمەن» دەپ ئايرىيدۇ. شەرقىي تۈركىستان ۋەقەسى رادىكال قىرغىنچىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر جەرياندۇر. باشلىنىشتا مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى ۋە كونترول قىلىشقا،تالان-تاراج قىلىشقا مەركەزلەشكەن سىياسەتلەر، 2017-يىلىدىن كېيىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق تېخىمۇ رادىكال تەدبىرلەرگە ئايلاندى. بۇ تەرەققىيات، «مۇستەملىكىچىلىك تۆمۈر قانۇنى»نىڭ قارشىلىققا دۇچ كەلگەندە قانداق قىلىپ تېخىمۇ شىددەتلىك قوراللارغا مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئولىگارخىيە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق (زومىگەرلىك)ىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىغىنىدا ، تېخىمۇ بىۋاسىتە ۋە شىددەتلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا يۈزلىنىدۇ.
ستانتوننىڭ (1996-يىلى) «قىرغىنچىلىقنىڭ ئون باسقۇچى» ئەندىزىسى شەرقىي تۈركىستان ۋەقەسىگە تەتبىقلانغاندا، جەرياننىڭ بارلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى كۆرۈلىدۇ: تۈرگە ئايرىش (ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ «خەتەرلىك» دەپ بەلگىلىنىشى)،دىننى سىمۋوللاشتۇرۇش (دىنىي قەدىرىيەتلەررنىڭ چەكلىنىشى)، كەمسىتىش (سىستېمىلىق ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى)، ئىنسانىيەتتىن چىقىرىۋېتىش («ۋىرۇس» ۋە «ئۆسمە» تېرمىنلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى)، تەشكىللىنىش (دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ سەپەرۋەر قىلىنىشى)، قۇتۇپلاشتۇرۇش (خەنزۇ-ئۇيغۇر قارشىلىقىنىڭ كۈشكۈرتۈلۈشى)، تەييارلىق (قانۇنىي رامكىلارنىڭ قۇرۇلۇشى)، زىيانكەشلىك (يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە بېسىم)، يوقىتىش (مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە مەدەنىيەت يوقىتىش) ۋە ئىنكار قىلىش (خەلقئارا تەنقىدلەرگە قارشى رەت قىلىش ئىستراتېگىيەلىرى). بۇ باسقۇچلارنىڭ تاماملىنىشى، قىرغىنچىلىقنىڭ سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق خاراكتېرىنى ئاشكارىلايدۇ.
سېلىشتۇرما قىرغىنچىلىق تەتقىقاتلىرى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقەسىنىڭ 21-ئەسىر قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ يېڭى بىر ئەندىزىسىنى (پروتوتىپىنى) شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ ئەندىزە، ئەنئەنىۋى جىسمانىي قىرغىنچىلىق ئۇسۇللىرىنى زامانىۋى تېخنىكىلىق نازارەت، بيۇروكراتىك تەدبىر ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيە ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ. «مۇستەملىكىچىلىك تۆمۈر قانۇنى» بۇ ئارىلاشما مودېلنىڭ نەزەرىيەۋى رامكىسىنى سۇنىدۇ؛ ئولىگارخىيەلىك ھوقۇق قۇرۇلمىلىرى جىسمانىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى بىرلا ۋاقىتتا ۋە بىر-بىرىنى قوللايدىغان شەكىلدە قوللىنىپ، نىشان قىلىنغان گۇرۇپپىنى ھەم ھازىرقى ئەۋلاد ھەم كەلگۈسى ئەۋلاد سەۋىيەسىدە يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى ئوتتۇرىغا قويغاندەك، بۇ ئىككى جەرياننى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ ۋە ھەر ئىككىلىسى ب د ت قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇر كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، شەرقىي تۈركىستان ۋەقەسى قىرغىنچىلىق تەتقىقاتلىرىدا ھەم جىسمانىي ھەم مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ھالدا دىققەتكە ئېلىنىشى ۋە لېمكىننىڭ ئەسلىي ئۇقۇملاشتۇرۇشىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قايتىدىن باھالىنىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
5.4. مېتودولوگىيەلىك ۋە ئېپىستېمولوگىيەلىك قىيىنچىلىقلار
«مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زومىگەرلىكنىڭ تەبىئىتىدىن ۋە خىتاي دۆلىتى ياراتقان ئۇچۇر كونترول رېجىمى» سەۋەبىدىن ئەمەلىي (ئامپىرىك) سىناش ۋە نەزەرىيەۋى جەھەتتىن تاكامۇللاشتۇرۇش جەھەتتە ئېغىر مېتودولوگىيەلىك قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كىلىدۇ .سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئەڭ ئاساسلىق قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش دېگۈدەك مۇمكىن ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ كىرىشىنى چەكلەيدۇ، رايونغا قاتتىق كونترول قىلىنغان ۋە سېتىۋېلىنغان «تەشۋىقات ساياھەتلىرى»دىن سىرت كىرىش رۇخسىتى بەرمەيدۇ. يەرلىك ئاكادېمىكلار سېنزور ۋە بېسىم ئاستىدا؛ مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش خىزمىتىدىن ئايرىلىش، تۇتقۇن قىلىنىش، ھەتتا «دۆلەت سىرىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال بىرىنچى قول نەق مەيدان تەكشۈرۈشىنى دېگۈدەك مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
گۇۋاھچىلار بايانلىرىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى يەنە بىر مېتودولوگىيەلىك مەسىلىدۇر. قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى ئۇ رايوندىن كەلگەن ئاز ساندىكى بىرىنچى قول ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئەمما روھى زەخمىنىڭ ئوڭشىلىشى، ۋاقىت ۋە تەرجىمە مەسىلىلىرى مېتودولوگىيەلىك ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ. روھى زەخمە ئەسلىمىلەرنىڭ پارچە-پارچە بولۇشىغا ۋە زىددىيەتلەرگە يول ئېچىشى مۇمكىن. ۋاقىت ۋە ۋەقەلەرنىڭ تەرتىپىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. تەرجىمە بولسا، خۇسۇسەن مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى يەتكۈزۈشتە مەلۇم مەنىلەرنىڭ دەل ئىپادىلەنمەي يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. تەتقىقاتچىلار گۇۋاھلىقلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن دەلىللىشى، بىر قانچە مەنبە ئارىسىدا ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشى ۋە روھى زەخمىنىڭ تەسىرىگە سەزگۈر بولغان زىيارەت تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىشى زۆرۈر.
سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى، شەكلىي ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن قىممەتلىك قوراللاردۇر. سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى لاگېر قۇرۇلۇشلىرىنى، مەسچىت ۋەيرانچىلىقلىرىنى ۋە قەبرىستانلىقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ. ئەمما بۇ سۈرەتلەرنى شەرھلەش تەجرىبە ۋە ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدۇ. بىر بىنانىڭ ۋەيران قىلىنىشى جەزمەن دىنىي بېسىمنى كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن؛ ئۇ شەھەرنى يېڭىلاش قۇرۇلۇشىمۇ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ۋە باشقا دەلىل مەنبەلىرى بىلەن تەھقىقلەش لازىم.
رەقەملىك ئىز قوغلاش، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ۋە رەقەملىك ئىز تىراكتۇرلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر توپلاشنى بىلدۈرىدۇ. «قاراقاش تىزىملىكى»، «خىتاي تېلېگراممىلىرى» ۋە باشقا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە دائىر قىممەتلىك چۈشەنچىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمما بۇلارنى دەلىللەش قىيىن. ھۆججەتلەرنىڭ ساختىلىقى، ياكى مەزمۇنىدىن ئۈزۈپ ئېلىنغان-ئېلىنمىغانلىقى ئەستايىدىل باھالىنىشى كېرەك. رەقەملىك جىنايى ئىشلار ئىلمى (رەقەملىك جىنايى ئىشلار ئىلمى) ۋە ھۆججەت دەلىللەش تېخنىكىلىرى بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى كېرەك.
بۇ قىيىنچىلىقلار تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك مەلۇمات مەنبەلىرىنى ئىشلىتىشىنى (ئۈچ تەرەپلىمىلىك دەلىللەش)، ئوخشىمىغان مېتودولوگىيەلەرنى قوللىنىشىنى ۋە ئېپىستېمولوگىيەلىك كەمتەرلىك( كەسكىن ئىددىئالاردىن ساقلىنىش، ئېنىقسىزلىقلارنىڭ مۇقەررەرلىكىنى تەن ئېلىش ۋە بىلىشنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشنى بىلدۈرىدۇ.) ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ مېتودولوگىيەلىك قىيىنچىلىقلارنىڭ تەتقىقاتنى پۈتۈنلەي توسۇپ قويۇشىغىمۇ يول قويۇلماسلىقى كېرەك؛ مەۋجۇت دەلىللەر ئەستايىدىل باھالىنىشى ۋە داۋاملىشىۋاتقان قىرغقنچىلىقنىڭ خاتىرىلىنىشى ئەخلاقىي بىر مەجبۇرىيەت دەپ قارىلىشى كېرەك.
6.4. تىپىك ۋەقە (نەمۇنىلىك ۋەقە) سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستان
«مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى» رامكىسى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقەسىنى يەككە بىر ھادىسە بولۇشتىن ھالقىتىپ، زامانىۋى مۇستەملىكىچىلىك شەكىللىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تىپىك (پارادىگماتىك) بىر ئۈلگە ھالىغا كەلتۈرىدۇ. 21-ئەسىردە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ قانداق يۈرىدىغانلىقىنى، تېخنىكىنىڭ قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنىڭ قانداق سىستېمىلىق يوقىتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر مودېل سۇنىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان ۋەقەسىنىڭ تىپىك خاراكتېرى، ئوخشاش مېخانىزملارنىڭ ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلەردىمۇ كۆرۈلۈشى بىلەن مۇستەھكەملىنىدۇ. تىبەتتىكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئوخشاش مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى، دىنىي بېسىم ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئىستراتېگىيەلىرى، دالاي لامانىڭ سۈرگۈن قىلىنىشى، تىبەت تىلىنىڭ چەتكە قېقىلىشى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋاللار بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. ئاراكاندا (بىرما / ميانمار ) روھىڭگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىق، ئېتنىك تازىلاش، پۇقرالىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قويۇش ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈشمۇ شۇنداق. رەقەملىك نازارەت ۋە تەشۋىقاتنىڭ ئىشلىتىلىشى زامانىۋى مۇستەملىكىچىنىڭ ئورتاق قوراللىرىدۇر.
ھىندىستاننىڭ كەشمىر سىياسەتلىرى يەنى ئالاھىدە سالاھىيەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، ئالاقە چەكلىمىلىرى، تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىش ۋە نۇپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشۆە بولىدۇ، بۇ يەردىمۇ تېخنىكىنىڭ (ئىنتېرنېتنى تاقاش، نازارەت قىلىش) زومىگەرلىك قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكى كۆرۈلىدۇ.
بۇ ۋەقەلەردە ئوخشاش مېخانىزملارنىڭ (رەقەملىك نازارەت، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، مەدەنىيەتنى بېسىقتۇرۇش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەتكە قېقىش) يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى» بۇ ۋەقەلەرنى سېلىشتۇرما ھالدا ئانالىز قىلىش ئۈچۈن بىر نەزەرىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەر بىر ۋەقەدە، يەرلىك ئالاھىدىلىكلەر نەزەرگە ئېلىنىپ، مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيەنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىمى، قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنىڭ قانداق يوقىتىلغانلىقىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى (ياكى قايتۇرمىغانلىقىنى) تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.
بۇ سېلىشتۇرما نۇقتىئىنەزەر، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەلەردە قانداق دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ۋە خەلقئارا قانۇن مېخانىزملىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوخشىمىغان ۋەقەلەردىكى قارشىلىق ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئۆگىنىشى ۋە ھەمكارلىق تورلىرىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن بىر ئاساس يارىتىشى مۇمكىن.
7.4. نەزەرىيەنىڭ نورماتىۋ (ئۆلچەملىك) ئۆلچىمى
مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى» پەقەت چۈشەندۈرگۈچى (تەسۋىر – تەسۋىرلىگۈچى) بولۇپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نورماتىۋ (ئۆلچەم بېكىتكۈچى) بىر ئۇقۇمدۇر. بۇ قانۇننىڭ ماددىلىرىنى چۈشىنىش پەقەت ئاكادېمىك بىر مەشىقلا ئەمەس، بەلكى يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، ئاكادېمىك ساھەنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا قانۇنىي مېخانىزملارنى كۈچەيتىش تولىمۇ زۆرۈردۇر. ب د ت قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىش، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت ھوقۇقىنى ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىۋېرسال سوتلاش پرىنسىپىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش لازىم. شەرقىي تۈركىستان ۋەقەسى مەۋجۇت قانۇنىي قوراللارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئاچچىق بىر شەكىلدە كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
رەقەملىك نازارەت تېخنىكىلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنى تەرتىپكە سېلىش، بۇ تېخنىكىلارنىڭ رېجىم قوراللىرىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھالقىلىقتۇر. چىراي تونۇش سىستېمىلىرى، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سۇپىلىرى ۋە ئالدىن پەرەز قىلىش خاراكتېرلىك ساقچى يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يول ئاچىدىغان رېجىملارغا سېتىلىشىنى مەنئى قىلىش، خەلقئارالىق بىر تەرتىپ رامكىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتى ۋە جاۋابكارلىقى كۈچەيتىلىشى كېرەك. مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى يەر شارى خاراكتېرلىك تەمىنلەش زەنجىرىدىن چىقىرىۋېتىش ئىقتىسادىي بېسىم ئارقىلىق مۇستەملىكىچى سىياسەتلەرنىڭ بەدىلىنى تۆلىتىش ئۈچۈن مۇھىم چارە ھېساپلىنىدۇ . شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغان پاختا، توقۇمىچىلىق ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش، شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى يۈكلەش ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ بايقۇت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈردۇر. ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى) غا ئوخشاش پىلانلار بۇ يۆنىلىشتىكى ئىجابىي قەدەملەردۇر، ئەمما ئۇلار يەر شارى مىقياسىدا كېڭەيتىلىشى كېرەك.
مۇساپىر ۋە پاناھلانغۇچى سالاھىيىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر. نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ بەرمەكتە ياكى ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلىشىنى توسۇۋاتىدۇ. قايتۇرۇۋەتمەسلىك پرىنسىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا خەلقئارالىق قوغداش كاپالىتى بېرىش ئەخلاقىي بىر مەجبۇرىيەتتۇر.
بۇ ئەخلاقىي ئۆلچەم، ئاكادېمىك تەتقىقاتنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىنى ۋە سىياسىي تەسىرىنى تەكىتلەيدۇ. ئاكادېمىكلار پەقەت نەزەرىيەۋى بىلىم ئىشلەپچىقىرىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ بىلىمنى سىياسىي ئۆزگىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىش مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنى «جەمئىيەتكە سىڭىشكەن ئاكادېمىكلىق» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ؛ بۇ يەردە تەتقىقات ئىجتىمائىي ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەش بىلەن ئورگانىك ھالدا باغلىنىدۇ.
«مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى» ئۇقۇمى شەرقىي تۈركىستاندا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەردە داۋاملىشىۋاتقان مۇستەبىتلىكنى چۈشىنىش، خاتىرىلەش ۋە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بىر قورال بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ئاكادېمىك تەتقىقاتنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە مەنىسىدۇر.
خۇلاسە
بۇ ماقالىدە روبېرت مىچېلسنىڭ «ئولىگارخىيەنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى» نەزەرىيەسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ئارقىلىق قايتىدىن شەرھلىنىپ چىقىلدى. ماقالىدە كلاسسىك ئولىگارخىيە نەزەرىيەسىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك شارائىتىدا قانداق رادىكاللاشقانلىقى ۋە 21-ئەسىر تېخنىكىلىرى بىلەن قانداق قىلىپ يېڭى بىر زمۇستەبىتلىك شەكلى ياراتقانلىقى يورۇتۇپ بېرىلدى.
خ ك پ نىڭ ئولىگارخىيەلىك تەرەققىياتى: 1921-يىلىدىن بۈگۈنگىچە خ ك پ لېنىنىزملىق ئىنقىلابىي تەشكىلاتتىن ھاكىممۇتلەق پارتىيە-دۆلەتكە، ئۇنىڭدىن ھاكىممۇتلەق كاپىتالىزمغا ۋە ئاخىرىدا يېڭىچە رەقەملىك مۇستەبىتلىككە تەرەققىي قىلدى. بۇ جەريان مىچېلس ئالدىن مۆلچەرلىگەن ئولىگارخىيەلىشىش جەريانىنىڭ ئەڭ ئۇچىغا چىققان ئۈلگىسىدۇر.
مىچېلسنىڭ نەزەرىيەسى ج ك پ نىڭ ئەمەلىيىتىدە ئولىگارخىيەنىڭ مۇقەررەرلىكى، تېخنىكىلىق بىلىم مونوپوللۇقى ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغانلىقى ئىددىئاسىنى دەلىللىسە، ئاممىنىڭ پاسسىپلىقى ھەققىدىكى پەرەزنى رەت قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئامما ھېچقاچان پاسسىپ بولمىغان، ئەمما ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.
مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى: ماقالىنىڭ ئەسلى تۆھپىسى بولغان بۇ ئۇقۇم كلاسسىك ئولىگارخىيە نەزەرىيەسىگە بەش ھالقىلىق ئۆلچەمنى قوشىدۇ: (1) ئونتولوگىيەلىك قايتا ئېنىقلىما بېرىش (مەۋجۇتلۇققا قايتا ئېنىقلىما بېرىش): مۇستەملىكىچى ئولىگارخىيە نىشان قىلىنغان جەمئىيەتنىڭ كىملىكىنى ۋە ئونتولوگىيەلىك مەۋجۇتلۇقىنى سىستېمىلىق ھالدا قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ؛ (2) ت تېڭىش – ئولىگارخىيەلىك قۇرۇلما ھەربىي بېسىۋېلىش ئارقىلىق مەجبۇرىي تېڭىلىدۇ؛ (3) ئېتنىك تەبىقىمۇ-تەبىقە ئايرىش – تاللانغانلار بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدا سىڭىپ كىرگىلى بولمايدىغان ئېتنو-مەدەنىيەت ئايرىمىسى؛ (4) مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك يوقىتىش – كىملىكنىڭ سىستېمىلىق يوقىتىلىشى؛ (5) رەقەملىك ھاكىممۇتلەقلىق – تېخنىكىلىق نازارەت ئارقىلىق مۇتلەق كونترول قىلىش.
«مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى» ئۇقۇمى ئولىگارخىيە، مۇستەملىكىچىلىك ۋە ھاكىممۇتلەقلىق نەزەرىيەلىرىگە كۆپ تەرەپلىمىلىك تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. بىرىنچىدىن، ئولىگارخىيە نەزەرىيەسىنى پەقەت ئىچكى دىنامىكىلاردىن باشقا تاشقى زومىگەرلىك مېخانىزملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىدۇ. ئىككىنچىدىن، مۇستەملىكىدىن كېيىنكى (پوست-كولونىيال)ۋەزىيەتكە 21-ئەسىر مۇستەملىكىچىلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يېڭى ئانالىز قوراللىرىنى قوشىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تېخنىكا بىلەن ھوقۇق مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئۇقۇملاشتۇرۇپ، رەقەملىك نازارەتنىڭ ھاكىممۇتلەق يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشكارىلايدۇ.
«مۇستەملىكىچىلىك تۆمۈر قانۇنى» ئۇقۇمى شەرقىي تۈركىستان ۋەقەسىنىڭ 20-ئەسىر قىرغىنچىلىق ئەندىزىلىرىدىن (پارادىگمىلىرىدىن) پەرقلىنىدىغان، ئەمما ناھايىتى خەتەرلىك بولغان يېڭى بىر قىرغىنچىلىق مودېلىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسىنىڭ قانۇنىي ھۆكۈملىرى ۋە خەلقئارالىق خاتىرىلەش خىزمەتلىرى خ ك پ نىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ھەم ب د ت قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ بىر قانچە ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ھەم لېمكىننىڭ ئۇقۇملاشتۇرۇشىدىكى جىسمانىي-مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ رامكا ئولىگارخىيەلىك ھوقۇق قۇرۇلمىلىرىنىڭ 21-ئەسىردە رەقەملىك نازارەت، ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش ۋە ئىدىيەۋى مۇستەبىتلىككە ئوخشاش زامانىۋى قوراللارنى ئەنئەنىۋى بېسىم مېخانىزملىرى بىلەن قانداق بىرىكتۈرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا كۆرۈلگەن ئارىلاشما قىرغىنچىلىق مودېلى — جىسمانىي يوقىتىش، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە، رەقەملىك ھاكىممۇتلەقلىق ۋە ئىقتىسادىي سۈمۈرگىچىلىكنىڭ تەڭ قەدەمدە يۈرگۈزۈلۈشى — خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىنى يېڭىلاش ئېھتىياجىغا ئىشارەت قىلىدۇ. مۇستەملىكىچىلىك تۆمۈر قانۇنىيىتى ئانالىزى، قىرغىنچىلىقنىڭ پەقەت تارىخىي بىر ھادىسىلا ئەمەس، بەلكى داۋاملىشىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارىلىشىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مېخانىزملىرىنى بۇ يېڭى رېئاللىققا ماسلاشتۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئاشكارىلايدۇ.
شەرقىي تۈركىستان مىسالى 21-ئەسىر مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ تىپىك (پارادىگماتىك) بىر ئۈلگىسىدۇر. ئوخشاش مېخانىزملار تىبەت، ئاراكان ۋە كەشمىردىمۇ كۆرۈلمەكتە: رەقەملىك نازارەت، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش (دېموگرافىك ئىنژېنىرلىق)، مەدەنىيەتنى بېسىقتۇرۇش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەتكە قېقىش ۋە قانۇندىن مۇستەسنا ھالەت. مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى بۇ ۋەقەلەرنى سېلىشتۇرما ھالدا ئانالىز قىلىش ئۈچۈن نەزەرىيەۋى بىر رامكا سۇنىدۇ.
پايدىلانمىلار:
- Agamben, G. (2005). State of Exception. University of Chicago Press.
- Albertoni, E. A. (1987). Mosca and the Theory of Elitism. Blackwell.
- Amnesty International. (1999). People’s Republic of China: Gross Violations of Human Rights in the Xinjiang Uygur Autonomous Region. Amnesty International.
- Amnesty International. (2021). ›Like We Were Enemies in a War‹: China’s Mass Internment, Torture and Persecution of Muslims in Xinjiang. Amnesty International.
- Apter, D., & Saich, T. (1994). Revolutionary Discourse in Mao’s Republic. Harvard University Press.
- Arendt, H. (1951/1973). The Origins of Totalitarianism. Harcourt Brace Jovanovich.
- Barnett, A. D. (1967). Cadres, Bureaucracy, and Political Power in Communist China. Columbia University Press.
- BBC. (2021). ›Their goal is to destroy everyone‹: Uygur camp detainees allege systematic rape. BBC News, February 2.
- Becquelin, N. (2000). Xinjiang in the nineties. The China Journal, 44, 65-90.
- Becquelin, N. (2004). Staged development in Xinjiang. The China Quarterly, 178, 358-378.
- Beetham, D. (1977). From socialism to fascism: The relation between theory and practice in the work of Robert Michels. Political Studies, 25(1), 3-24.
- Benson, L. (1990). The Ili Rebellion: The Moslem Challenge to Chinese Authority in Xinjiang, 1944-1949. M.E. Sharpe.
- Bo, Z. (2002). Chinese Provincial Leaders: Economic Performance and Political Mobility Since 1949. M.E. Sharpe.
- Bottomore, T. (1993). Elites and Society (2nd ed.). Routledge.
- Bourdieu, P. (1958). Sociologie de l’Algérie. Presses Universitaires de France.
- Bourdieu, P. (1986). The forms of capital. In J. Richardson (Ed.), Handbook of Theory and Research for the Sociology of Education (pp. 241-258). Greenwood.
- Bourdieu, P. (1991). Language and Symbolic Power. Harvard University Press.
- Bovingdon, G. (2010). The Uyghurs: Strangers in Their Own Land. Columbia University Press.
- Burns, J. P. (1989). The Chinese Communist Party’s Nomenklatura System. M.E. Sharpe.
- Byler, D. (2019). Preventative policing as community detention in Northwest China. Made in China Journal, 4(3), 76-81.
- Byler, D. (2021). In the Camps: China’s High-Tech Penal Colony. Columbia Global Reports.
- Byler, D. (2021). Terror Capitalism: Uyghur Dispossession and Masculinity in a Chinese City. Duke University Press.
- Carrère d’Encausse, H. (1992). The Great Challenge: Nationalities and the Bolshevik State, 1917-1930. Holmes & Meier.
- Clarke, M. (2011). Xinjiang and China’s Rise in Central Asia: A History. Routledge.
- Clarke, M. (2017). The Belt and Road Initiative: China’s new grand strategy? Asia Policy, 24(1), 71-79.
- Cliff, T. (2016). Oil and Water: Being Han in Xinjiang. University of Chicago Press.
- Cohn, B. S. (1996). Colonialism and Its Forms of Knowledge: The British in India. Princeton University Press.
- Creemers, R. (2018). China’s social credit system: An evolving practice of control. SSRN Electronic Journal.
- Dahl, R. A. (1971). Polyarchy: Participation and Opposition. Yale University Press.
- Deleuze, G. (1992). Postscript on the societies of control. October, 59, 3-7.
- Dickson, B. J. (2003). Red Capitalists in China: The Party, Private Entrepreneurs, and Prospects for Political Change. Cambridge University Press.
- Dikötter, F. (2010). Mao’s Great Famine: The History of China’s Most Devastating Catastrophe, 1958-1962. Walker & Company.
- Dreyer, J. T. (1976). China’s Forty Millions: Minority Nationalities and National Integration in the PRC. Harvard University Press.
- Fanon, F. (1961/2004). The Wretched of the Earth. Grove Press.
- Feierstein, D. (2014). Genocide as Social Practice: Reorganizing Society under the Nazis and Argentina’s Military Juntas. Rutgers University Press.
- Finley, J. S. (2021). Why scholars and activists increasingly fear a Uyghur genocide in Xinjiang. Journal of Genocide Research, 23(3), 348-370.
- Forbes, A. D. W. (1986). Warlords and Muslims in Chinese Central Asia: A Political History of Republican Sinkiang 1911-1949. Cambridge University Press.
- Foucault, M. (1975). Discipline and Punish: The Birth of the Prison. Vintage Books.
- Friedrich, C. J., & Brzezinski, Z. K. (1965). Totalitarian Dictatorship and Autocracy. Harvard University Press.
- Gladney, D. C. (2004). Dislocating China: Muslims, Minorities, and Other Subaltern Subjects. University of Chicago Press.
- Goodman, D. S. G. (Ed.). (2004). China’s Campaign to ›Open Up the West‹: National, Provincial and Local Perspectives. Cambridge University Press.
- Gouldner, A. W. (1955). Metaphysical pathos and the theory of bureaucracy. American Political Science Review, 49(2), 496-507.
- Gramsci, A. (1971). Selections from the Prison Notebooks. International Publishers.
- Greitens, S. C., Lee, M., & Yazici, E. (2020). Counterterrorism and preventive repression: China’s changing strategy in Xinjiang. International Security, 44(3), 9-47.
- Guillermaz, J. (1972). A History of the Chinese Communist Party 1921-1949. Random House.
- Habermas, J. (1975). Legitimation Crisis. Beacon Press.
- Hands, G. (1971). Roberto Michels and the study of political parties. British Journal of Political Science, 1(2), 155-172.
- Hechter, M. (1975). Internal Colonialism: The Celtic Fringe in British National Development. University of California Press.
- Hillman, B. (2016). Ethnic politics and local political trust in China. Modern China, 42(2), 170-197.
- Hochschild, A. (1998). King Leopold’s Ghost: A Story of Greed, Terror, and Heroism in Colonial Africa. Houghton Mifflin.
- Huang, Y. (2000). Managing Chinese bureaucrats: An institutional economics perspective. Political Studies, 48(2), 282-295.
- Human Rights Watch. (2019). China’s Algorithms of Repression: Reverse Engineering a Xinjiang Police Mass Surveillance App. Human Rights Watch.
- Jones, A. (2017). Genocide: A Comprehensive Introduction (3rd ed.). Routledge.
- King, G., Pan, J., & Roberts, M. E. (2013). How censorship in China allows government criticism but silences collective expression. American Political Science Review, 107(2), 326-343.
- Lam, W. (2015). Chinese Politics in the Era of Xi Jinping: Renaissance, Reform, or Retrogression? Routledge.
- Leibold, J. (2019). The spectre of insecurity: The CCP’s mass internment strategy in Xinjiang. China Leadership Monitor, 59, 1-24.
- Leibold, J. (2020). Surveillance in China’s Xinjiang region. Journal of Contemporary China, 29(121), 46-60.
- Leibold, J., & Chen, Y. (2014). Minority Education in China: Balancing Unity and Diversity in an Era of Critical Pluralism. Hong Kong University Press.
- Lemkin, R. (1944). Axis Rule in Occupied Europe: Laws of Occupation, Analysis of Government, Proposals for Redress. Carnegie Endowment for International Peace.
- Lemkin, R. (2005). Soviet genocide in the Ukraine (Article written in 1953). In S. Totten & W. S. Parsons (Eds.), Century of Genocide: Critical Essays and Eyewitness Accounts (pp. 113-117). Routledge.
- Lenin, V. I. (1902/1969). What is to be done? In Collected Works (Vol. 5). Progress Publishers.
- Li, C., & White, L. (1990). Elite transformation and modern change in Mainland China and Taiwan: Empirical data and the theory of technocracy. The China Quarterly, 121, 1-35.
- Liang, F., et al. (2018). Constructing a data-driven society: China’s social credit system. Policy & Internet, 10(4), 415-453.
- Lieberthal, K. (2004). Governing China: From Revolution Through Reform. W.W. Norton.
- Linz, J. J. (1964). An authoritarian regime: The case of Spain. In E. Allardt & Y. Littunen (Eds.), Cleavages, Ideologies, and Party Systems (pp. 291-341). Academic Bookstore.
- Lipset, S. M. (1962). Introduction. In R. Michels, Political Parties (pp. 15-39). Free Press.
- MacFarquhar, R. (1960). The Hundred Flowers Campaign and the Chinese Intellectuals. Praeger.
- MacFarquhar, R., & Schoenhals, M. (2006). Mao’s Last Revolution. Harvard University Press.
- MacKinnon, R. (2011). China’s ›networked authoritarianism‹. Journal of Democracy, 22(2), 32-46.
- Mackerras, C. (1994). China’s Minorities: Integration and Modernization in the Twentieth Century. Oxford University Press.
- Mann, M. (1986). The Sources of Social Power, Volume 1: A History of Power from the Beginning to AD 1760. Cambridge University Press.
- Manion, M. (1993). Retirement of Revolutionaries in China: Public Policies, Social Norms, Private Interests. Princeton University Press.
- Mao, Z. (1938/1967). Problems of war and strategy. In Selected Works (Vol. 2). Foreign Languages Press.
- Mao, Z. (1943/1967). Some questions concerning methods of leadership. In Selected Works (Vol. 3). Foreign Languages Press.
- Marx, K. (1867). Das Kapital: Kritik der politischen Ökonomie. Verlag von Otto Meissner.
- Meisner, M. (1999). Mao’s China and After: A History of the People’s Republic (3rd ed.). Free Press.
- Michels, R. (1911/1962). Political Parties: A Sociological Study of the Oligarchical Tendencies of Modern Democracy. Free Press.
- Millward, J. A. (2007). Eurasian Crossroads: A History of Xinjiang. Columbia University Press.
- Millward, J. A. (2009). Introduction: Does the 2009 Urumchi violence mark a turning point? Central Asian Survey, 28(4), 347-360.
- Minzner, C. (2018). End of an Era: How China’s Authoritarian Revival is Undermining Its Rise. Oxford University Press.
- Mosca, G. (1896/1939). The Ruling Class. McGraw-Hill.
- Murphy, L., & Elimä, N. (2021). In Broad Daylight: Uyghur Forced Labour and Global Solar Supply Chains. Sheffield Hallam University.
- Nathan, A. J. (2003). Authoritarian resilience. Journal of Democracy, 14(1), 6-17.
- Naughton, B. (2007). The Chinese Economy: Transitions and Growth. MIT Press.
- Nersessian, D. (2010). Genocide and Political Groups. Oxford University Press.
- Novic, E. (2016). The Concept of Cultural Genocide: An International Law Perspective. Oxford University Press.
- Ostrogorski, M. (1902). Democracy and the Organization of Political Parties. Macmillan.
- Panebianco, A. (1988). Political Parties: Organization and Power. Cambridge University Press.
- Pareto, V. (1916/1935). The Mind and Society. Harcourt, Brace.
- Pearson, M. M. (2007). China’s New Business Elite: The Political Consequences of Economic Reform. University of California Press.
- Peerenboom, R. (2002). China’s Long March Toward Rule of Law. Cambridge University Press.
- Perdue, P. C. (2005). China Marches West: The Qing Conquest of Central Eurasia. Harvard University Press.
- Phillipson, R. (1992). Linguistic Imperialism. Oxford University Press.
- Pye, L. W. (1981). The Dynamics of Chinese Politics. Oelgeschlager, Gunn & Hain.
- Qiang, X. (2019). The road to digital unfreedom: President Xi’s surveillance state. Journal of Democracy, 30(1), 53-67.
- Rigby, T. H. (1968). Communist Party Membership in the USSR 1917-1967. Princeton University Press.
- Roberts, M. E. (2018). Censored: Distraction and Diversion Inside China’s Great Firewall. Princeton University Press.
- Roberts, S. R. (2020). The War on the Uyghurs: China’s Internal Campaign Against a Muslim Minority. Princeton University Press.
- Rodney, W. (1972). How Europe Underdeveloped Africa. Bogle-L’Ouverture Publications.
- Rudelson, J. J. (1997). Oasis Identities: Uyghur Nationalism Along China’s Silk Road. Columbia University Press.
- Saich, T., & Van de Ven, H. (Eds.). (1995). New Perspectives on the Chinese Communist Revolution. M.E. Sharpe.
- Said, E. W. (1978). Orientalism. Pantheon Books.
- Schluessel, E. (2007). ›Bilingual‹ education and discontent in Xinjiang. Central Asian Survey, 26(2), 251-267.
- Schram, S. R. (1989). The Thought of Mao Tse-Tung. Cambridge University Press.
- Schurmann, F. (1968). Ideology and Organization in Communist China (2nd ed.). University of Chicago Press.
- Scott, J. C. (1990). Domination and the Arts of Resistance: Hidden Transcripts. Yale University Press.
- Selden, M. (1995). China in Revolution: The Yenan Way Revisited. M.E. Sharpe.
- Seymour, J. D. (2000). Xinjiang’s Production and Construction Corps, and the sinification of Eastern Turkestan. Inner Asia, 2(2), 171-193.
- Shambaugh, D. (2008). China’s Communist Party: Atrophy and Adaptation. University of California Press.
- Shaw, M. (2007). What is Genocide? Polity Press.
- Stanton, G. H. (1996). The 8 stages of genocide. Genocide Watch.
- Starr, S. F. (Ed.). (2004). Xinjiang: China’s Muslim Borderland. M.E. Sharpe.
- Straus, S. (2015). Making and Unmaking Nations: War, Leadership, and Genocide in Modern Africa. Cornell University Press.
- Teiwes, F. C. (1993). Politics and Purges in China: Rectification and the Decline of Party Norms (2nd ed.). M.E. Sharpe.
- Thornton, P. M. (2016). The advance of the party. The China Quarterly, 228, 1012-1032.
- Toops, S. (2004). Demographics and Development in Xinjiang after 1949. East-West Center.
- Toops, S. (2016). Spatial results of the 2010 census in Xinjiang. Asian Ethnicity, 17(1), 1-10.
- Tsai, W. H., & Dean, N. (2013). Lifting the veil of the CCP’s mishu system. China: An International Journal, 11(1), 113-133.
- Tsou, T. (1986). The Cultural Revolution and Post-Mao Reforms: A Historical Perspective. University of Chicago Press.
- UN Genocide Convention. (1948). Convention on the Prevention and Punishment of the Crime of Genocide. United Nations.
- Unger, J. (2002). The Transformation of Rural China. M.E. Sharpe.
- Uyghur Tribunal. (2021). Uyghur Tribunal Judgment. London. https://uyghurtribunal.com/
- Van de Ven, H. (1991). From Friend to Comrade: The Founding of the Chinese Communist Party, 1920-1927. University of California Press.
- Walder, A. G. (1986). Communist Neo-Traditionalism: Work and Authority in Chinese Industry. University of California Press.
- Wallerstein, I. (1974). The Modern World-System I: Capitalist Agriculture and the Origins of the European World-Economy in the Sixteenth Century. Academic Press.
- Weber, M. (1922/1978). Economy and Society: An Outline of Interpretive Sociology. University of California Press.
- Wedeman, A. (2017). Xi Jinping’s tiger hunt: Anti-corruption campaign or factional purge? Modern China Studies, 24(2), 35-94.
- Wolfe, P. (2006). Settler colonialism and the elimination of the native. Journal of Genocide Research, 8(4), 387-409.
- Woolford, A. (2015). This Benevolent Experiment: Indigenous Boarding Schools, Genocide, and Redress in Canada and the United States. University of Nebraska Press.
- Wright, T. (2021). Accepting Authoritarianism: State-Society Relations in China’s Reform Era. Stanford University Press.
- Yang, J. (2012). Tombstone: The Great Chinese Famine, 1958-1962. Farrar, Straus and Giroux.
- Zenz, A. (2018). New evidence for China’s political re-education campaign in Xinjiang. China Brief, 18(10), 10-14.
- Zenz, A. (2019). ›Thoroughly reforming them towards a healthy heart attitude‹: China’s political re-education campaign in Xinjiang. Central Asian Survey, 38(1), 102-128.
- Zenz, A. (2020). Sterilizations, IUDs, and mandatory birth control. The Jamestown Foundation.
- Zenz, A. (2021). Coercive labor and forced displacement in Xinjiang’s cross-regional labor transfer program. The Jamestown Foundation Occasional Paper.
- Zenz, A., & Leibold, J. (2017). Chen Quanguo: The strongman behind Beijing’s securitization strategy in Tibet and Xinjiang. China Brief, 17(12), 16-24.
- Zenz, A., & Leibold, J. (2017). Xinjiang’s bilingual education system. China Brief, 17(17), 17-23.
- Zhao, D. (2009). The mandate of heaven and performance legitimation in historical and contemporary China. American Behavioral Scientist, 53(3), 416-433.
[1] Political Parties: A Sociological Study of the Oligarchical Tendencies of Modern Democracy
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















