ئىقتىسادىي قايتا قۇرۇشمۇ ياكى ئىستراتېگىيەلىك بېقىندىلىقمۇ؟ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئوتتۇرا شەرق ۋە خىتاي مەبلىغى

2026-يىلى 6-ماي

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

2026-يىلى 30-ئاپرېل كۈنى «زامانىۋى دىپلوماتىيە» (Modern Diplomacy) تورىدا مىسىر بەنى سۇۋەيف ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر دوتسېنتى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور نادىيە ھىلمىنىڭ «خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› تەشەببۇسى ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىراننىڭ قايتا گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولالامدۇ؟» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ يەرشارىۋى ۋەزىيەتتە، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىكى ئوتتۇرا شەرق كىرىزىسىدىن كېيىنكى يېڭى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى ئىنچىكە يورۇتۇپ بەرگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە ئالدى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلاردىن كېيىنكى خارابىلىك ھەم ئىقتىسادىي چېكىنىش رېئاللىقىنى ئانالىز قىلىدۇ. كۆپ يىللىق جىددىيچىلىك، ئىچكى ئۇرۇشلار ۋە خەلقئارالىق ئېمبارگولار ئەرەب دۆلەتلىرى شۇنداقلا ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر نۆۋەتتە جىددىي تۈردە غايەت زور مەبلەغكە ۋە قايتا قۇرۇش پىلانلىرىغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ. غەرب دۆلەتلىرى كۆپىنچە ھاللاردا سىياسىي شەرتلەرنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغان بولغاچقا، رايوندىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر يېڭى ئىقتىسادىي ھەمراھ ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى. دەل مۇشۇنداق بىر تارىخىي بوشلۇقتا خىتاي ئۆزىنىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن مەيدانغا چىقتى.

خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى دەسلەپتە پەقەت بىر سودا ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە ئوتتۇرا شەرققە قەدەم قويغان بولسىمۇ، دوكتورە نادىيە ھىلمىنىڭ قارىشىچە، بۇ پىلان نۆۋەتتە پۈتۈنلەي يېڭى بىر گېئوپولىتىكىلىق قورالغا ئايلانغان. بېيجىڭ دائىرىلىرى پەقەت تاشيول ياكى پورت سېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئېنېرگىيە تومۇرىنى كونترول قىلىشقا، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ يەرشارىۋى تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا كۈچ چىقارماقتا. بۇ خىل ئىستراتېگىيە رايوندىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن قىسقا مۇددەتتە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا چوڭقۇر سىياسىي ئاقىۋەتلەرنى يوشۇرۇپ ياتماقتا.

ماقالىنىڭ يادرولۇق نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىراننىڭ ۋەزىيىتى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسىدۇر. ئىران ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان غەربنىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي ئېمبارگوسى ئاستىدا قىينىلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى ئۇرۇشلار ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ۋەيران قىلىش گىردابىغا ئېلىپ باردى. بۇ خىل ئومۇميۈزلۈك يېتىم قالدۇرۇلۇش ۋەزىيىتىدە خىتاي مەبلىغى ئىران ئۈچۈن خۇددى قۇرغاقچىلىقتا ياغقان يامغۇردەك بىر قۇتقۇزۇش پۇرسىتى بولۇپ تۇيۇلماقتا. ئاپتورنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، خىتاي ئىراننى «بىر بەلباغ بىر يول» نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئوتتۇرا شەرققە، ھەتتا ياۋروپاغا سوزۇلىدىغان ھالقىلىق بىر كۆۋرۈكى دەپ قارايدۇ ۋە بۇ دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بۇ نۇقتىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، خىتاي بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان 25 يىللىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر. دوكتور نادىيە ھىلمى كۆرسەتكەندەك، مەزكۇر كېلىشىم دائىرىسىدە خىتاي ئىراننىڭ ئېنېرگىيە، تېلېگراف، پورت ۋە تۆمۈريول قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ھالقىلىق ساھەلىرىگە مىلياردلاپ مەبلەغ سېلىشنى ۋەدە قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاي ئىراننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىغا ئۇزۇن مۇددەتلىق، مۇقىم ھەم ئېتىبار باھادا ئېرىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ سودا مودېلى ئۇرۇشتىن چىققان ئىراننىڭ تېز سۈرەتتە ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر پۇرسەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا (SCO) تولۇق ئەزا بولۇپ كىرىشىمۇ مەزكۇر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئاپتور بۇ ئۆزگىرىشنى ئىراننىڭ خەلقئارالىق سىياسىي سەھنىدە غەربنى چەتكە قېقىپ، پۈتۈنلەي شەرق سىستېمىسىغا سىڭىشىشكە باشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ سۈپەتلەيدۇ. خىتاينىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بۇ خىل سىياسىي ۋە خەۋپسىزلىك رامكىسى ئىچىدە ئىران ئۆزىنى تېخىمۇ بىخەتەر ھېس قىلىدۇ ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى يېتىملىك تۇيغۇسىنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىدۇ. خىتاي بولسا بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ غەربكە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىتتىپاقداشلار لاگېرىنى كېڭەيتىدۇ.

ماقالىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەركىبى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي يۈزلىنىشىگە قارىتىلغان. ئەرەب دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ پارس قولتۇقىدىكى پاراۋان دۆلەتلەر ھازىر تارىخىي بىر تىپ ئۆزگەرتىش مەزگىلىدە تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ نوقۇل ھالدا نېفىتكە تايىنىدىغان ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە ئىنقىلابى يۈزلىنىشى ئاجىزلىقى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «2030-يىللىق تەسەۋۋۇرى» ۋە ەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات پىلانلىرى دەل مۇشۇ كىرىزىس تۇيغۇسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر يۇقىرى تېخنىكا، ياسىمىچىلىق ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەلىرىگە غايەت زور مەبلەغ جەلپ قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا.

دوكتور نادىيە ھىلمى بۇ نۇقتىدا خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە زىچ بىرلەشكەنلىكىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. خىتاي ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ تىپ ئۆزگەرتىش ئېھتىياجىنى ئىنتايىن توغرا مۆلچەرلىگەن بولۇپ، پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەسى، سۈنئىي ئەقىل، 5G تورى ۋە ئالەم قاتنىشى ساھەلىرىدە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشماقتا. بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق ئىلگىرىكىدەك يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بىلەنلا چەكلەنمەي، بەلكى چوڭ تىپتىكى ئورتاق تەتقىقات تۈرلىرىگە يۈزلەنگەن بولۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد دەۋرىگە قەدەم قويۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولماقتا.

جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ماقالىدە مىسىردىكى سۇۋەيىش قانىلى ۋە قولتۇق ئەللىرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پورتلارنىڭ خىتاي ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقى تەھلىل قىلىنغان. خىتاي سۇۋەيىش قانىلى ئىقتىسادىي رايونىغا غايەت زور مەبلەغ سېلىپ، ئۆزىنىڭ ياۋروپا ۋە ئافرىقا بازارلىرىغا كىرىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىنى قۇرۇپ چىقماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ خىتاينىڭ يەرشارىۋى ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ رايونلۇق تىرانسپورت ۋە سودا مەركىزى بولۇشتەك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىران غەربنى ئەمەس، بەلكى خىتاينى تاللايدۇ؟ ئاپتور بۇ مەسىلىگە ناھايىتى ئۆتكۈر پىكىر بىلەن جاۋاب بېرىدۇ: غەرب دۆلەتلىرى كۆپىنچە ھاللاردا ئىقتىسادىي ياردەم ۋە ھەمكارلىقنى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ھەم ئىچكى ئىسلاھاتلار بىلەن باغلايدۇ. ئەمما خىتاينىڭ دىپلوماتىيە لۇغىتىدە «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق» دېگەن سېھرىي كۈچكە ئىگە جۈملە بار. بۇ خىل ئالدىنقى شەرتسىز، سىياسىي بېسىمدىن خالىي بولغان تىپىك سودا مۇناسىۋىتى، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئوتتۇرا شەرق رەھبەرلىرى ئۈچۈن رەت قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى جەلپكارلىققا ئىگە.

گەرچە ۋەزىيەت شۇنچە كۆڭۈلدىكىدەك تەسۋىرلەنسىمۇ، نادىيە ھىلمى ماقالىسىدە رېئاللىقتىكى يوشۇرۇن خىرىسلارنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان. ئۇنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ئوتتۇرا شەرق دۇنيادىكى ئەڭ تۇراقسىز رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسى، ئىران بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى، شۇنداقلا تېررورلۇق تەھدىتلىرى خىتاينىڭ رايوندىكى غايەت زور مەبلىغىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. بىرەر چوڭ رايونلۇق ئۇرۇش پارتلىغان تەقدىردە، خىتاينىڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى زور زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

دەل مۇشۇنداق يۇقىرى خەۋپ-خەتەر ئامىللىرى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بانكىلىرى ۋەدە قىلغان مەبلەغلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىنتايىن ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلمەكتە. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە قەغەز يۈزىدىكى كېلىشىملەر گەرچە ھەيۋەتلىك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن مەبلەغنىڭ ئەمەلىي ئاجرىتىلىش سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن خېلىلا ئاستا بولماقتا. بانكىلار مەبلەغ قايتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە خەۋپسىزلىك كاپالىتىنى قاتتىق تەكشۈرگەچكە، بەزى قايتا قۇرۇش تۈرلىرى ئويلىغاندەك تېز سۈرەتتە ئىلگىرىلىيەلمەيۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭمۇ ئۆز مەنپەئەتىگە كەلگەندە سىياسىي شوئارلاردىن بەكرەك سودا لوگىكىسىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، نادىيە ھىلمىنىڭ بۇ ماقالىسى بىزگە شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، 2026-يىلىغا كەلگەندە ئوتتۇرا شەرق پەقەت ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭلا كۈچ سىنىشىش مەيدانى بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچى ۋە ئىقتىسادىي قوراللىرى بىلەن سىڭىپ كىرىپ، ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان ئەڭ ئاچقۇچلۇق زېمىنغا ئايلاندى. خىتاي ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش نامى ئاستىدا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىغا تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، غەربنىڭ رايوندىكى ئەنئەنىۋى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئاستا-ئاستا تەۋرەتمەكتە. بۇ خىل ئىقتىسادىي بېقىندىلىق كەلگۈسىدە مۇقەررەر ھالدا سىياسىي مايىللىققا ئۆزگىرىدۇ.

ماقالىدە بايان قىلىنغان بۇ خىل رېئاللىق ۋە گېئوپولىتىكىلىق يۈزلىنىشنى ئىنچىكە كۆزەتكەن ھەرقانداق بىر كۆزەتكۈچى ئۈچۈن، بۇ ئەھۋالنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان تېخىمۇ چوڭ ۋە پاجىئەلىك بىر سىياسىي بەدەلنى كۆرۈپ يېتىش تەس ئەمەس. دەل ماقالىدە تەكىتلەنگىنىدەك، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي باغلىنىشنىڭ كۈچىيىشى ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىرانغا نىسبەتەن تەرەققىيات پۇرسىتى بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئەخلاقىي باھاسى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا. ئورتاق دىنىي، مەدەنىيەت ۋە تارىخىي رىشتىگە ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دەل مۇشۇ سودا-سېتىقنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق قۇربانىغا ئايلانماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، لاگېرلارغا سولاش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى جىنايەتلىرى پۈتكۈل دۇنياغا ئاشكارىلاندى ھەمدە نۇرغۇنلىغان دېموكراتىك ئەللەر تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەندى. ھالبۇكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرى دەپ ئاتىلىۋاتقان ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىران، بۇ مەسىلىدە غەيرىي تەبىئىي رەۋىشتە كارى بولماسلىق مەيدانىدا تۇرۇپ كەلدى. ئەگەر دوكتور نادىيە ھىلمى ئانالىز قىلغاندەك بۇ دۆلەتلەرنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ مەبلىغىگە تايىنىپ قالغان تەقدىردە، بۇرۇندىنلا كۆرمەسكە سېلىپ كېلىۋاتقان بۇ سۈكۈت تېخىمۇ ئېغىر بىر شەكىلگە كىرىشى مۇمكىن.

ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇپ قالغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرى پەقەت تىپ-تىنچ سۈكۈتتە تۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىلمىي نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوغدايدىغان بىر قورالغا ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. تارىخ ۋە سىياسەت بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ئىقتىسادىي بېقىندىلىق ھامان بىر كۈنى خەلقئارالىق سەھنىلەردىكى بېلەتكە ۋە سىياسىي قوللاشقا ئالمىشىدۇ. خىتاينىڭ مىلياردلىغان مەبلىغى ئەرەب ۋە ئىران رەھبەرلىرىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپلا قالماي، بەلكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى پەردازلاشقا مەجبۇرلايدۇ.

بۇ خىل ۋەزىيەت ئاخىرى بېرىپ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىراننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە پۈتۈنلەي خىتاينىڭ دېپىنى چېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش بىر قىسىم خەلقئارالىق مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى ئاللىبۇرۇن خىتاينىڭ بۇ خىل ئىقتىسادىي تەسىرى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى تىلغا ئېلىش ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ماختايدىغان باياناتلارنىمۇ ئېلان قىلغانىدى. ئەگەر «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا شەرقنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي خەرىتىسىگە كىرگۈزۈۋالسا، ئۇ چاغدا بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاپ بېرىدىغان ئاساسلىق دىپلوماتىك قالقانغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇقەررەر.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، دوكتور نادىيە ھىلمىنىڭ ماقالىسى خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىقتىسادىي رولىنى توغرا يورۇتۇپ بەرگەن گېئوپولىتىكىلىق ئەسەر بولۇپلا قالماي، بىز ئۈچۈنمۇ بىر ئويغىتىش قوڭغۇرىقىدۇر. خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلىرى گەرچە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ۋاقىتلىق ئۈمىد بېغىشلىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى بېرىۋاتقان ئېغىر بەدەل ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان تىراگېدىيەلىك ھەقىقەتتۇر. ئەگەر بۇ دۆلەتلەر ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئىنسانىي ۋىجداننى چۆرىۋەتسە، ئۇلار كەلگۈسىدە پەقەت تېخىمۇ ئېغىر سۈكۈتكە چۆكۈپلا قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ زومىگەرلىك سىياسىتىنىڭ مەڭگۈلۈك قولچوماقچىسىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*