ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
ئاساسىي مەزمۇنى
بۇ ماقالىدە خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇمۇل ۋىلايىتى ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدە قۇرۇلغان يۇقىرى سىغىملىق بىر ھىدروگېن زاۋۇتىنى مەركەز قىلغان خەۋەر تېكىستى، تەنقىدىي جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىنىدۇ. ماقالىنىڭ مەقسىتى، تېخنىكا ۋە سانائەت تەرەققىياتى سۈپىتىدە سۇنۇلغان بۇ خەۋەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى سىياسىي مەشروئىيەت قۇرۇلۇشىنى، ئېتنىك تەبىقىلىشىشنى ۋە ماكان ئىستراتېگىيەلىرىنى ئاشكارىلاشتۇر. تەنقىدىي بايان (دىسكۇرس) ئانالىزى ۋە ئاكادېمىك مەنبەلەرنى كۆرۈپ چىقىش ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان بۇ ماقالىدە، خەۋەرنىڭ تېكىستى تۆت ئاساسلىق تېما ئاستىدا (ئاتالمىش تەرەققىيات باھانىسى ، يەرلىك جەمئىيەتنىڭ نەزەردە تۇتۇلماسلىقى، تېخنىكا ئارقىلىق تەۋەلىك ۋە سۈكۈت قىلىنغانلار) تەھلىل قىلىنىدۇ.
تەھلىل نەتىجىلىرى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، خەۋەردىكى تېخنىكىلىق تىل ۋە «خەلقئارالىق ئۆلچەمدە ئىشلەپچىقىرىش» تەكىتلىمىسى ئارقىلىق، خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىنى «ئۇتۇق مەشروئىيىتى»[1](ئۇتۇق ئارقىلىق يوللۇق كۆرۈنۈش) ئارقىلىق مۇستەھكەملىمەكچى بولىدۇ. خەۋەر دە ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ئىسمىنىڭ ۋە ۋەكىللىكىنىڭ ئورۇن ئالماسلىقى، «ئېتنىك قاتلاملىق ئەمگەك بازىرى» ۋە « مۇستەملىكىچىلىك» نەزەرىيەلىرى دائىرىسىدە تەھلىل قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كۆمۈردىن ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ «پاكىز ئېنېرگىيە» بايانى ئاستىدا تەرىپلىنىشى( يېشىل نام قويۇپ ئاقلاش)[2] ۋە رايوننىڭ ھىدروگېن ئۇل-ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق دۆلەت مەركىزىگە بىۋاستە باغلىنىشى (ئۇل-ئەسلىھە مىللەتچىلىكى) بولسا خەۋەر تېكىستىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك قاتلاملىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ. خۇلاسىلىگەندە، بۇ ماقالىدە مەزكۇر خەۋەرنىڭ پەقەت بىر خەۋەرلەندۈرۈش رولىلا ئەمەس، ھۆكۈمرانلىق كۈچ مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى تېخنىكىلىق ئۇتۇقلار ئارقىسىغا يوشۇرىدىغان بىر سىياسىي قوراللىق رولىنى ئوينايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شەرقىي تۈركىستان، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، تەرەققىيپەرۋەر دۆلەت، ئۇل-ئەسلىھە مونوپوللىقى ، رەسمىي باياننىڭ مىكرو تەھلىلى
رەسمىي باياننىڭ مىكرو تەھلىلى: قۇمۇل ھىدروگېن زاۋۇتى
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسەتلىرى، يېقىنقى يىللاردا بىخەتەرلىكنى مەركەز قىلغان تەدبىرلەر بىلەن بىرگە غايەت زور ئۇل-ئەسلىھە ۋە سانائەتلىشىش تۈرلىرى بىلەن شەكىللەنمەكتە. رەسمىي باياندا «زامانىۋىلىشىش»، «تەرەققىيات» ۋە «مۇقىملىق» ئۇقۇملىرى بىلەن رامكىلانغان بۇ تۈرلەر، رايوننىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنىڭ بىرىدۇر. دۆلەت تاراتقۇلىرى بۇ ئۆزگىرىشنى يەتكۈزۈشتە ئادەتتە ئىقتىسادىي ئۇتۇقلارغا، رېكورت ياراتقان ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا ۋە تېخنىكىلىق بۆسۈشلەرگە مەركەزلەشكەن بىر تىل ئىشلىتىدۇ. لېكىن جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ «تەرەققىيات خەۋەرلىرى» بىتەرەپ ھالداخەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش ئەمەس، بەلكى خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن « ئالدىن بەلگىلەنگەن بىر رېئاللىق » نىڭ بەرپا قىلىنىش جەريانى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ رازىلىقىنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.
بۇ ماقالە، 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» (新疆日报) دە ئېلان قىلىنغان ۋە قۇمۇل ۋىلايىتى ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدىكى شۈەنلى ھىدروگېن تېخنىكىسى شىركىتىگە تەۋە ساپ ھىدروگېن زاۋۇتىنىڭ ئېچىلىشىنى تېما قىلغان خەۋەر تېكىستىگە ئاساسلىنىپ يېزىلدى .[3] خەۋەر، زاۋۇتنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساپلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى»گە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا ئۆلچەمدە ئىشلەپچىقىرىش قىلىدىغانلىقىنى ۋە تولۇق بىر گەۋدىلەشكەن سانائەت زەنجىرى قۇرغانلىقىنى داۋراڭ قىلىدۇ. لېكىن خەۋەر تېكىستىگە قارىساق، ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا ئېيتمىغانلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى، كۆرۈنگەن ئامىللاردىن كۆرۈنمەس قىلىنغان ئىجتىمائىي قاتلاملارنى تەھلىل قىلالايمىز.
بۇ ماقالىدە مەزكۇر خەۋەر تېكىستى تۆت ئاساسلىق نۇقتىدىن تەھلىل قىلىنىدۇ.
بىرىنچىدىن، «دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭى» ۋە «تېخنىكىلىق بۆسۈش» قاتارلىق ئىپادىلەرنىڭ قانداق بىر ئۇتۇق مەشروئىيىتى ۋە ئانتى-سىياسىي ماشىنا (Anti-politics machine) رولىنى ئوينايدىغانلىقى ، جۇ (2011) ۋە فېرگۇسون (1990) نىڭ ئۇقۇملاشتۇرۇشلىرىدىن پايدىلىنىپ ئانالىز قىلىنىدۇ.
ئىككىنچىدىن، بايلېر (2021) ۋە كىلىف (2016) نىڭ تەتقىقاتلىرىدىن پايدىلىنىپ، قۇمۇلنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىغا تەتۈر تاناسىپ ھالدا ،تېكىستتىكى بارلىق ئاكتىيورلارنىڭ (باشقۇرغۇچى، ئىنژېنېر، شوپۇر) خىتاي بولۇشى مەسىلىسى، قۇمۇلنىڭ جەمئىيىتىنىڭ كۆرۈنمەسلىكى ۋە ئەمگەك بازىرىنىڭ ئېتنىك قاتلاملىشىشى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
ئۈچىنچى نۇقتىدىن، ھىدروگېن ئۇل-ئەسلىھەسىنىڭ قۇمۇلنى بېيجىڭ مەركەزلىك دۆلەت سىستېمىسىغا بىۋاستە باغلايدىغان بىر ئۇل-ئەسلىھە مونوپوللىقى (Bachman, 2004) قورالى سۈپىتىدە قانداق قۇرۇپ چىقىلغانلىقى تەھلىل قىلىنىدۇ.
ئاخىرىدا، كۆمۈرنى ئاساس قىلغان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ «يېشىل ئېنېرگىيە» بايانى بىلەن سۇنۇلۇشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئوخشاش دۇنياۋى ئەندىشىلەرنىڭ تېكىستتە ئورۇن ئالالماسلىقى، سۈكۈتكە مەجبۇرلاش ئۇقۇمى ئارقىلىق ئانالىز قىلىنىدۇ.
بۇ ماقالىدە، مىكرو بىر خەۋەر تېكىستىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ قۇمۇلدىكى ماكرو تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى جەمئىيەتشۇناسلىق فورمۇلالىرى بىلەن يېشىش مەقسەت قىلىنىدۇ.
- تەرەققىيات بايانى ۋە مەشروئىيەت بەرپا قىلىش ئۇرۇنۇشى: تېخنو-مىللەتچىلىك ۋە تىنچلاندۇرۇش قورالى سۈپىتىدە سانائەت
قۇمۇلدىكى ھىدروگېن زاۋۇتىنى تەسۋىرلەشتە ئىشلەتكەن «دۆلەت ئىچىدىكى ھەتتا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساپلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى»[4] ، «تېخنىكا پىشىپ يېتىلدى» ۋە «زور بۆسۈش» [5]قاتارلىق ئىبارىلەر بىلەن يېزىلغان خەۋەر تېكىستىدە ، تۈرنىڭ پەقەت بىر سانائەتكە مەبلەغ سېلىشلا ئەمەسلىكى داۋراڭ قىلىنماقچى بولۇپ، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى (ئەڭ ئۈستۈنلۈكنى بىلدۈرىدىغان) تىل، «تېخنىكىدا يىگانە» ئوبرازى (technological monumentalism) يارىتىدۇ. تېكىستتىكى «دۆلەت ئۆلچىمىگە يېتىش»[6]ۋە «بېيجىڭ بىلەن ماسلىشىش» تەكىتلىمىسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ئەمەس، مەمۇرىي ۋە قائىدە-تۈزۈم جەھەتتىنمۇ مەركەزگە (خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا) تولۇق بىر گەۋدىلىشىشىنىڭ جاكارلىنىشىدۇر. بۇ يەردە ھىدروگېننىڭ ساپلىق دەرىجىسى (99.999%)، خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىمىيىتىنىڭ «مۇتلەقلىقى» ۋە «مۇقەررلىكى» گە سېمۋول قىلىنىدۇ.
ئا. ئۇتۇق مەشروئىيىتى ۋە «ساداقەت-تەرەققىيات» توختامنامىسى:
جەمئىيەتشۇناسلىقتا بۇ ئەھۋال، جۇ (2011) ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇتۇق مەشروئىيىتى» ئۇقۇمى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى (خ ك پ)، ئېتنىك جىددىيچىلىكلەر ۋە مەشروئىيەت كىرىزىسى يۈز بەرگەن چەت رايونلاردا، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئىدېئولوگىيەلىك رازىلىقنىڭ ئورنىغا «كونكرېت تەرەققىيات ئۇتۇقلىرى» ئارقىلىق بەرپا قىلىدۇ. بۇ، دۆلەت بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا يوشۇرۇن بىر توختامنامىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىدۇر: «سىياسىي ساداقەت بەدىلىگە زامانىۋىلىق ۋە پاراۋانلىق.» ھىدروگېن زاۋۇتىغا ئوخشاش چوڭ تۈرلەر، دۆلەتنىڭ «ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك ئاتا» (پاتېرنالىزم) ئوبرازىنى كۈچەيتىدۇ.
ب. بىر «تىنچلاندۇرۇش» (Pacification) قورالى سۈپىتىدىكى تەرەققىيات:
نىكولاس بېكۇلىننىڭ (2004) شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە قىلغان تەھلىللىرىدە كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەسى، رايوندىكى ئېتنىك ۋە سىياسىي قارشىلىقلارنى ئاسسىمىلاتسىيە ياكى يەرلىك ھەق-ھوقۇقنى مەنبە قىلغان مەسىلىلەر ئەمەس، بەلكى «ئىقتىسادىي قالاقلىق» مەسىلىسى سۈپىتىدە سۈپەتلەيدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسلانغاندا؛ نامراتلىق بۆلگۈنچىلىكنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، سانائەتلىشىش بولسا مەدەنىيلەشتۈرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ھىدروگېن زاۋۇتى، جامىس سكوتنىڭ (1998) «يۇقىرى زامانىۋىزم» (High Modernism) دەپ ئاتىغان ئىدېئولوگىيەسىنىڭ بىر نامايەندىسىدۇر. دۆلەت، «ياۋايى» ياكى «قالاق» دەپ قارىغان بىر جۇغراپىيەنى (ۋە ئۇ جۇغراپىيەدىكى خەلقنى)، غايەت زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئارقىلىق ئىنتىزامغا سېلىشقا، ھۆكۈمرانلىقىنى ئىزاھلىغىلى بولىدىغان قىلىشقا ۋە رادىكال بىر تەرتىپكە سېلىشقا تىرىشىدۇ. خىتاي نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، قۇرۇلغان زاۋۇت پەقەت گاز ئىشلەپچىقىرىپلا قالمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رايونغا «سانائەت مەدەنىيىتى» ۋە «خىتايچە زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى» ئېلىپ كېلىدۇ.
س. «ئانتى-سىياسىي ماشىنا» ۋە تېخنىكىچىلىق:
خەۋەر تېكىستىدىكى قويۇق تېخنىكىلىق تىل (توننا مىقدارى، ساپلىق نىسبىتى، ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرى)، جامىس فېرگۇسوننىڭ (1990) «ئانتى-سىياسىي ماشىنا» (The Anti-Politics Machine) ئۇقۇمى بىلەن دەل ماس كېلىدۇ. سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە نوپۇس جەھەتتىن ئىنتايىن سەزگۈر ۋە مۇرەككەپ بىر رايون بولغان شەرقىي تۈركىستان، خەۋەردە پەقەت بىر «مەبلەغ سېلىش مەيدانى»دەك كۆرۈلىدۇ.
- بۇنىڭ ئىشلەش مېخانىزمى شۇنداق: مۇھىم مەسىلىلەر «سىياسىي» بولۇشتىن چىقىرىلىپ «كىچىكلىتىلىدۇ». دىققەت بۇراش ، غاپىل قالدۇرۇش مەقسىتىدە «تېخنىكىلىق» (ھىدروگېننىڭ قانداق ساقلىنىدىغانلىقى، يۈك ماشىنىلىرىنىڭ يۈرۈش مۇساپىسى قاتارلىق) مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز كۈن تەرتىپكە سۇنۇلىدۇ. نەتىجىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى جىنايەتلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرى ياكى مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى سىياسەتلىرى؛ «تەرەققىيات»، «ئۈنۈمدارلىق» ۋە «تېخنىكىلىق بۆسۈش» داۋراڭلىرى بىلەن ئۈستى يېپىلىدۇ ۋە سۈكۈت قىلدۇرۇلىدۇ.
- يەرلىك خەلقنىڭ كۆرۈنمەسلىكى: ئېتنىك قاتلاملىشىش ۋە «ساپا» بايانى
خەۋەردە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر «ۋەكىللىك تەڭپۇڭسىزلىقى» كۆزگە چېلىقىدۇ. مۇخبىردىن (ۋېي يۇڭگۇي) يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىغا (جۇ شىجۈن)، ئوتتۇرا قاتلام باشلىقتىن (مېڭ شياڭجۈن) كۆك ياقىلىق شوپۇرغا (لى پاۋپىڭ) قەدەر ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ھەممە ئادەم خىتايدۇر. ئارا تۈرۈك ۋە قۇمۇل رايونلىرى، نوپۇس جەھەتتىن ئەزەلدىن ئۇيغۇر ۋە قازاق نوپۇسى زىچ بولغان رايونلار بولۇشىغا قارىماي، خەۋەر تېكىستىدە يەرلىك خەلق «يوق» ئورنىدا. بۇ ئەھۋال، يەرلىك خەلقنىڭ پەقەت قارار چىقىرىش ئورۇنلىرىدىنلا ئەمەس، شوپۇرلۇققا ئوخشاش قارا ئىشلاردىنمۇ چەتكە قېقىلغانلىقىنى ياكى بۇ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ پۈتۈنلەي سىرتىدا قالدۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئا. ئېتنىك قاتلاملىق ئەمگەك بازىرى:
بۇ كۆرۈنۈش، جەمئىيەتشۇناسلىقتا «ئېتنىك قاتلاملىق ئەمگەك بازىرى» (ethnically segmented labor market) نەزەرىيەسى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلىدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سانائەتلىشىش سىياسىتى، يەرلىك ئىقتىساد بىلەن بىر گەۋدىلەشمىگەن بىر «يالىتىلغان ئىقتىساد» (Enclave Economy) ياراتماقتا. يۇقىرى تېخنىكا، ئېنېرگىيە ۋە كانچىلىق ساھەلىرى، ئادەتتە خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ياكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىتاي كۆچمەنلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنماقتا. خوۋېل ۋە فەننىڭ (2011) كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، بۇ ساھەلەرگە سېلىنغان مەبلەغ زىچلىقى يۇقىرى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىشى چەكلىكتۇر. ئۇيغۇر/قازاقلار كۆپرەك تۆۋەن كىرىملىك يېزا ئىگىلىكى ياكى مۇلازىمەت ساھەسىگە قامالغان بولسا، ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەر خىتايلارنىڭ مونوپوللۇقىدىدۇر. بۇ ئەھۋال، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئېتنىك تەڭسىزلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرغان بىر «ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك» (internal colonialism) ئەندىزىسىگە ئىشارەت قىلىدۇ (ھېچتېر, 1975)
ب. «ساپا» ئىبارىسى ۋە چەتكە قېقىشنىڭ يوللۇقلاشتۇرۇلۇشى:
شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق زاۋۇتلاردا بولماسلىقى ياكى كۆرۈنمەسلىكى، خىتاي جەمئىيەتشۇناسلىقىدا پات-پات مۇنازىرە قىلىنىدىغان «-素质ئىنسان ساپاسى» دېگەن گېپى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. دۆلەت بايانى، خىتاي كۆچمەنلەرنى «يۇقىرى ساپالىق» ، زامانىۋى ۋە ئىنتىزامچان ئەمگەك كۈچى دەپ تەرىپلىسە؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى «تۆۋەن ساپالىق» ، « تەربىيەلىنىشى كېرەك بولغان » ۋە «زامانىۋى سانائەت مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم مىللەت» دەپ تامغىلايدۇ (ئاناگنوست، 2004). دۆلەت بايانى مۇشۇنداق بولغاچقا،مۇخبىر خەۋەردىكى چەتكە قېقىش ئىبارىسىنى ئىشلىتىشتە ئۆزىنى يوللۇق سانايدۇ ۋە بۇ دۆلەت بايانى يەنە : «بۇ زاۋۇت دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ساپلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسىگە ئىگە بولسا، ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان ‹لاياقەتلىك› خادىملار پەقەت خەنزۇلار بولالايدۇ» دېگەن قاراشنى يارىتىدۇ. نەتىجىدە ئېتنىك چەتكە قېقىش، تېخنىكىلىق بىر ئېھتىياج (لاياقەتلىك) نىقابى ئاستىغا يوشۇرۇلىدۇ.
س. كۆچمەن مۇستەملىكىچىلىكى ۋە (ئىگىسىز تۇپراق) قۇرۇلمىسى:
خەۋەردىكى «ۋەكىللىكنىڭ يوقلۇقى»، توم (2016) تەھلىل قىلغان كۆچمەن مۇستەملىكىچىلىكى نۇقتىسىدىن، ماكاننىڭ «ئىگىسىز/بوش تۇپراق» سۈپىتىدە كۆرسىتىش ئۈچۈندۈر. مۇستەملىكىچى كۆز قارىشىغا ئاساسلانغاندا، بىر تۇپراق پارچىسى ياكى بىر زېمىن پەقەت مۇستەملىكىچىلەر (بۇ يەردە خىتاي كۆچمەن/دۆلەت) ئۇ يەرگە كېلىپ تېخنىكىسىنى قۇرغاندىلا «مەۋجۇت بولىدۇ» ۋە تارىخ سەھنىسىگە چىقىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تارىخىي مەۋجۇتلۇقى، مەدەنىيىتى ۋە زېمىن بىلەن قۇرغان مۇناسىۋىتى ئۆچۈرۈلىدۇ؛ ئورنىغا «بوش، قۇرۇق ۋە ئەجىر سىڭدۈرۈلۈشىنى كۈتۈۋاتقان ۋە پەقەت دۆلەت ئارقىلىقلا قىممەتكە ئىگە بولىدىغان» بىر ئاق يەر دەسسىتىلىدۇ. خەۋەر تېكىستىدە ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ پەقەت بىر «كۆمۈر ۋە ھىدروگېن ئامبىرى» سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىشى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئىنسانىي ئامىلنىڭ قەستەن ئۆچۈرۈلۈپ نەزەردىن قاچۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
- تېخنىكا ئارقىلىق تەۋەلىك بەرپا قىلىش: ئۇل-ئەسلىھە چوڭ مىللەتچىلىكى
خەۋەر تېكىستىدە قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن «ئىشلەپچىقىرىش-ساقلاش- توشۇش-قاچىلاش-باشقۇرۇش»[7]قاتارلىقلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان ھىدروگېننىڭ «دۆلەت ئۆلچىمى»گە ماس كېلىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ سانائەت مېتابولىزمىغا ھەم فۇنكسىيەلىك ھەم سىمۋوللۇق سەۋىيەدە قوشۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر گەۋدىلىشىش شەكلى، شەرقىي تۈركىستاننى پەقەت خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدىغان پاسسىپ بىر «چەت » رايون بولۇشتىن چىقىرىپ، دۆلەت تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ۋە ئىستراتېگىيەلىك بىر ھالقىسى سۈپىتىدە قايتىدىن تەبىرلەپ چىقىدۇ.
دۆلەت ھىدروگېن ئىستراتېگىيەسى دائىرىسىدە ئاراتۈرۈك سانائەت رايونىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە دائىر ئىبارە ئىچىگە كىرگۈزۈلۈشى ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۈملىدىن قۇمۇلنىڭ «مۇقىمسىز چېگرا رايونى» ئوبرازىنىڭ تازىلىنىپ «مەركەزگە بىۋاستە» باغلىنىشىنى نىشان قىلغان سۆزلەم تۈسىدىكى ئەمەلىيەتتۇر. بۇ سۆلەم رامكىسى، قۇمۇلنى ھەم ماددىي (ئۇل-ئەسلىھە، ئىشلەپچىقىرىش، ئەشيا ئوبوروتى) ھەم سىمۋوللۇق (مىللىي ئۆلچەملەر، ئىستراتېگىيەلىك بايلىق) دائىرىسىدە مەركەزگە باغلايدىغان يېڭى بىر تەۋەلىك قۇرۇلمىسى يارىتىدۇ. نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستان، ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت كۆپ خىللىقى بىلەن ئەمەس، ئىلغار تېخنىكا ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدارلىق بىلەن تەرىپلىنىدىغان ماكان ئوبرازى ياراتقان بولىدۇ؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا خاس كىملىكلەر بولسا بۇ زامانىۋىلىشىش ئىبارىلىرى ياكى سۆزلەملىرى ئىچىدە يا كۆرۈنمەسلىشىدۇ ياكى پەقەت بىر ئارقا كۆرۈنۈش ھالىغا كېلىپ قالىدۇ.
ئا. «سىياسىي تېخنىكىلار» بىلەن تەۋەلىك بەرپا قىلىش : ئۇل-ئەسلىھە چوڭ مىللەتچىلىكى
بۇ ھادىسە، جەمئىيەتشۇناسلىقتا «ئۇل-ئەسلىھە مىللەتچىلىكى» (infrastructural nationalism) ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىزاھلىنىشى مۇمكىن. باچمان (2004)، لاركىن (2013) ۋە شۋېنكېل (2015) قاتارلىق نەزەرىيەچىلەرنىڭ تەكىتلىگىنىدەك؛ يوللار، تۇرۇبا لىنىيەلىرى، ئېنېرگىيە ئىستانسىلىرى ۋە رەقەملىك تورلار پەقەت ئەشيا ئوبوروتى ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدۇ. بۇلار، خىتاي دۆلىتىنىڭ ماكان پۈتۈنلۈكىنى، ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە پۇقرالىق تەۋەلىكىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا قايتا ئىشلەپچىقىرىدىغان «سىياسىي تېخنىكىلار»دۇر. شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان بۇ بىر گەۋدىلەشكەن ھىدروگېن تورلىرى، خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى كونكرېتلاشتۇرىدىغان ۋە «خىتاي» مەۋجۇتلۇقىنى ئەبەدىيلەشتۈرىدىغان ھۆكۈمرانلىق پەنجىلىرى سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ.
ب. تېخنو-سىياسىي كىملىك قۇرۇلۇشى ۋە «باشقىلار»نىڭ تەسۋىيە قىلىنىشى:
ھىدروگېن تېخنىكىسىغا ئوخشاش «كەلگۈسىنىڭ تېخنىكىسى» دەپ تونۇشتۇرۇلغان ساھەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، رايونغا «زامانىۋى، يېڭىلىق يارىتىشچان ۋە ئىلغار خىتاي مىللىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» چاپىنىنى كىيگۈزىدۇ. بۇ تېخنو-سىياسىي ئىستراتېگىيە، تىموتىي مىچېل (2002) ۋە ئاندىريۇ گرانتنىڭ (2018) تەھلىللىرىدە كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك ئىككى تەرەپلىمىلىك زىتلىق شەكىللەندۈرىدۇ: «تېخنىكىلىق/زامانىۋى مەركەز» بىلەن «ئەنئەنىۋى/قالاق يەرلىك»نىڭ زىتلىقى . بۇ خىل چۈشەنچە، ئۇيغۇر ۋە قازاق كىملىكلىرىنى يوشۇرۇن ھالدا «دەۋرگە ماس كەلمەيدىغان» ۋە «ئۈنۈمسىز» ئورۇنغا ئىتتىرىپ، قانۇنلۇق پۇقرالىق ۋە تەۋەلىك شەكلىنى تېخنىكىلىق زامانىۋىلىققا ماسلىشىش ئىقتىدارىغا باغلاپ قايتىدىن تەبىرلەيدۇ. تەۋەلىك ئەمدى ئېتنىك-مەدەنىيەت كۆپ خىللىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بىلەن ئەمەس؛ يۇقىرى تېخنىكا تۈرلىرىگە قوشۇلۇش، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇش ۋە «يېشىل ئۆزگىرىش» نىشانلىرى بىلەن ئۆزلىشىش ئارقىلىق بەرپا قىلىنىدۇ .
- سۈكۈتلەرگە ئاساسەن تەھلىل: «پاكىز ئىشلەپچىقىرىش» ئىبارىسى ۋە كۆرۈنمەس قىلىنغان ۋە كۆرمەسكە سېلىنغان بۇلغىنىش
خەۋەر تېكىستىدە، قۇرۇلغان زاۋۇت «ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى» ۋە ئۇقۇملىرى چۆرىدەلگەن ھالدا ئىزاھلانسا، ھىدروگېننىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەنبەسىنىڭ «كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئايلانما ئىقتىساد رايونى»[8]ئىكەنلىكى تېخنىكىلىق ئۇچۇردەك قوشۇمچە تىلغا ئېلىنىدۇ. خەلقئارا ئېنېرگىيە ساھەسىدە، تاشقاتما يېقىلغۇلاردىن (بولۇپمۇ كۆمۈرنى گازلاشتۇرۇش يولى بىلەن) ئېلىنغان بۇ تۈرگە «كۈلرەڭ ھىدروگېن» دېيىلىدۇ ۋە بۇ جەرياندا، قويۇق كاربون قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە يۇقىرى سۇ سەرپىياتى تەلەپ قىلىنىدۇ.
خەۋەر تېكىستى، «ئايلانما ئىقتىساد» (circular economy) رېتورىكىسىنى ئىشلىتىپ، ئەمەلىيەتتە بۇلغىما سانائىتى بولغان كۆمۈر پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىنى «مۇھىت ئاسراش»قا ئائىت بىر ئۇتۇق ھېكايىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. لېكىن بۇ باياندا؛ رايوننىڭ قۇرغاق ئېكولوگىيەسىگە قارىماي سەرپ قىلىنىدىغان سۇ مىقدارى، ياكى زاۋۇت قۇرۇلغان يەرلەرنىڭ ئېلىنىش جەريانلىرى (مۈلۈكسىزلەشتۈرۈش) ھەققىدە چوڭقۇر بىر سۈكۈت ھۆكۈم سۈرىدۇ، يەنى بىر ئېغىزمۇ گەپ يوق.
ئا. يېشىل دەپ يۇيۇش» (Greenwashing) ۋە ئېكولوگىيەلىك زامانىۋىلىشىش خام خىيالى:
تەنقىدىي بايان ئانالىزىدا بۇ ھادىسە، «بايان جەھەتتىن سۈكۈت قىلدۇرۇش» (discursive silencing) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمىلىي يېنىڭ (2009) «خىتاينىڭ غەربىنىڭ يېشىللاشتۇرۇلۇشى» ھەققىدە قىلغان تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك؛ خىتاي دۆلىتى، ئېكولوگىيەلىك زامانىۋىلىشىش (Eco-modernization) بايانىنى ئىشلىتىپ مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىنى تېخنىكىلىق بىر ئىلگىرىلەش ھېكايىسى ئاستىغا يوشۇرىدۇ. «پاكىز ئېنېرگىيە» داۋرىڭى، ئەمەلىيەتتە بۇلغىغۇچى كۆمۈر سانائىتىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە. بۇ ئىستراتېگىيە ئالاقىدار پەنلەردە «يېشىل دەپ يۇيۇش» (Greenwashing) دەپ بىلىنىدۇ؛ئېغىر ئېكولوگىيەلىك كىرىزىس، كاپىتالىستىك ئېشىش ۋە سانائەت كېڭىيىشى ئۈچۈن بىر «پۇرسەت» سۈپىتىدە قايتىدىن« يېشىل » دەپ تەبىرلىنىدۇ (مول، 2006).
ب. «يېشىل تالان» ۋە بايلىق توقۇنۇشلىرى:
قۇمۇلغا ئوخشاش سۇ قىسلىقى بولغان يېرىم قۇرغاق بىر رايوندا، توننىلاپ سۇ سەرپ قىلىدىغان كۆمۈر-ھىدروگېن زاۋۇتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، جىددىي بىر ئېكولوگىيەلىك ئادالەت مەسىلىسىدۇر. خەۋەر تېكىستىنىڭ سۇ ئىشلىتىشتىن ھېچ ئېغىز ئاچمىغانلىقى، يەرلىك دېھقانلارنىڭ سۇ ھوقۇقلىرىنىڭ سانائەتكە ئۆتۈنۈپ بېرىلگەنلىكى ھەقىقىتىنى يېپىش ئۈچۈندۇر.
بۇ ئەھۋال، فەيرخېد قاتارلىقلار (2012) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يېشىل تالان-تاراج» (Green Grabbing) ئۇقۇمى بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ. خىتاي دۆلىتى، «مۇھىت سىجىللىقى» ياكى «پاكىز ئېنېرگىيەگە ئۆتۈش» نامى ئاستىدا، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۇپراقلىرىنى ۋە سۇ بايلىقلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. بۇ مۈلۈكسىزلەشتۈرۈش تەرەققىيات سۆزلەملىرى بىلەن ئۈستى يېپىلىپ، «دۆلەتنىڭ ياخشىلىقى» (كاربوننى ئازايتىش) نامى ئاستىدا يوللۇقلاشتۇرۇلماقتا.
س. ھۆكۈمران كۈچنىڭ رامكىلاش تاكتىكىسى (Hegemonic Framing) ۋە «سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈلگەن» سانائەت ئوبرازى:
شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت تەتقىقاتلاردا ئورۇن ئالغان «مەجبۇرىي ئەمگەك» ۋە «جازا لاگېرلىرى» لارغا دائىر مەلۇماتلار (بايلېر 2020، زېنز 2021 ) ، بۇ خەۋەر تېكىستىدە تىلغا ئېلىنمايدۇ. زاۋۇت، ئىچىدە ھېچقانداق ئىجتىمائىي توقۇنۇش، نارازىلىق ،نۇقسان ، ئىشچى ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى ياكى نازارەت مېخانىزمى بولمىغان «سانائەتتىكى غايىۋى ماكان» سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى، «ھۆكۈمران كۈچنىڭ رامكىلاش تاكتىكىسى»نى ئىپادىلەيدۇ (فايركلوگ 1995). خىتاي دۆلىتىنىڭ بايانلىرى ياكى سۆزلەملىرى، نېمىنىڭ سۆزلىنىپ نېمىنىڭ سۆزلەنمەيدىغانلىقىنى مەجبۇرى بەلگىلەش ئارقىلىق بىر «رېئاللىق» بەرپا قىلىپ چىقىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ياكى ئېكولوگىيەلىك خەتەرلەرگە ئوخشاش «بىئارام قىلغۇچى» ھەقىقەتلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇتۇق باياناتلىرىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇپ سۇسلاشتۇرۇلىدۇ ياكى يوق دەپ قارىلىدۇ.
خۇلاسە
بۇ ماقالىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھىدروگېن زاۋۇتى خەۋىرى تەھلىل قىلىنىش ئارقىلىق، خىتاي دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات بايانلىرى ياكى سۆزلەملەرنى ھەم ماكان ئىگىلىك ھوقۇقى ھەم مىللەت تەڭسىزلىك قاتلىمى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسلىق قورالى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەزكۇر خەۋەر تېكىستىنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق بىر «ئۇچۇر بېرىش» تېكىستى ئەمەس، بەلكى ئۇتۇق مەشروئىيىتى، كۆچمەن مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇل-ئەسلىھە مىللەتچىلىكى يۆنىلىشلىرىدە رول ئوينايدىغان سىياسىي قورال ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
ماقالە، خىتاي رېجىمىنىڭ «دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ساپلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى»، «دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئىشلەپچىقىرىش» ۋە« يۇقىرى ساپلىق دەرىجىسى»گە ئوخشاش كۆپتۈرۈلگەن سۆز-ئىبارىلەر ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىنى «كونكرېت تەرەققىيات نەتىجىلىرى» ئارقىلىق يوللۇقلاشتۇرغانلىقىنى ياكى قانۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىل دۆلەت تىلى، سىياسىي ۋە ئېتنىك زىددىيەتلەرنى كۆرۈنمەس قىلىپ، دۆلەتنى «زامانىۋىلىق ۋە پاراۋانلىق بىلەن تەمىنلەيدىغان» ھۆكۈمران كۈچ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى بولسا ياردەم ئوبيېكتى سۈپىتىدە تەرىپلەيدۇ. نەتىجىدە خەۋەر تېكىستلىرى ئىلغار سانائەتلىشىشنى مەدھىيەلەش ھەم شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تىنچلاندۇرۇش ھەم رازىلىقىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى رولىنى ئوينايدۇ.
خەۋەر تېكىستىدە ئىسمى ئاتالغان بارلىق ئاكتىيورلارنىڭ خىتاي بولۇشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس رېئاللىقى بىلەن كەسكىن بىر قارمۇ-قارشىلىق شەكىللەندۈرۈپ، ئېتنىك قاتلاملىق بىر ئەمگەك بازىرىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ پۈتۈنلەي كۆرۈنمەس قىلىنىشى، يۇقىرى تېخنىكا ساھەلىرى خىتاي كۆچمەنلەر تەرىپىدىن مونوپول قىلىنغان، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بولسا تۆۋەن تېخنىكىلىق ساھەلەرگە ئىتتىرىلگەن بىر ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك ئەندىزىسىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر. خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسى، «ساپا» سۆزلەملىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ چەتكە قېقىلىشىنى «تېخنىكىلىق لاياقەت ياكى قابىلىيەت» سۆزلەملىرى نىقابى ئاستىدا نورماللاشتۇرىدۇ.
«ئىشلەپچىقىرىش-ساقلاش توشۇش-قاچىلاش-باشقۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى» ۋە «دۆلەت ئۆلچىمى»نىڭ ئۈزلۈكسىز تەكىتلىنىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ سانائەت مېتابولىزمىغا كۆمۈلگەن، ئىستراتېگىيەلىك ۋە كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھالقا سۈپىتىدە قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھىدروگېن ئۇل-ئەسلىھەسى، شەرقىي تۈركىستاننى پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ئەمەس سىمۋوللۇق سەۋىيەدىمۇ بېيجىڭ مەركەزلىك دۆلەت لايىھەسىگە باغلايدىغان بىر ئۇل-ئەسلىھە مىللەتچىلىكى قورالى رولىنى ئۆتەيدۇ. نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستان، ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت پەرقى بىلەن ئەمەس، يۇقىرى ئۈنۈمدارلىق ۋە تېخنىكا ئارقىلىق تەبىرلىنىدىغان «كەلگۈسىدىكى ماكان» سۈپىتىدە رامكىلىنىدۇ؛ ئۇيغۇر ۋە قازاق كىملىكلىرى زامانىۋىلىشىش سۆزلەملىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىتتىرىلىپ تەۋەلىك، تېخنىكىلىق زامانىۋىلىققا قوشۇلۇش ئىقتىدارىغا باغلىنىپ قايتىدىن تەبىرلىنىدۇ.
خەۋەردە كۆمۈرنى ئاساس قىلغان ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىشى«ئايلانما ئىقتىساد» ۋە «پاكىز ئېنېرگىيە» رېتورىكىسى بىلەن تەرىپلەنگەندە، سۇ سەرپىياتى، مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى، مۈلۈكسىزلەشتۈرۈش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئوخشاش ھالقىلىق تەرەپلەر پۈتۈنلەي جىمىقتۇرۇلىدۇ ياكى گېپى بولمايدۇ. بۇ ساختا بايان، ئېكولوگىيەلىك زامانىۋىلىشىش بايانى بىلەن بىرلىشىپ ھەم كۆمۈر سانائىتىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ ھەم مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە ئىجتىمائىي بەدەللەرنى كۆرۈنمەس قىلىدىغان بىر يېشىل بىلەن يۇيۇش ئەمەلىيىتى پەيدا قىلىدۇ. خەۋەر تېكىستىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك رىئاللىقىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ رامكىلاش تاكتىكىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى ‹سانائەت جەننىتى› (غايىۋى ماكانى)دەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.
قىسقىسى ماقالە، تەھلىل قىلىنغان خەۋەر تېكىستىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھىدروگېن زاۋۇتىنى بىتەرەپ ھالدا ، تېخنىكىلىق بىر تەرەققىياتنىڭ خەۋىرى سۈپىتىدە يەتكۈزمىگەنلىكىنى؛ ئەكسىچە ئۇتۇق مەشروئىيىتى، مىللەت تەڭسىزلىكى، ئۇل-ئەسلىھە مىللەتچىلىكى ۋە يېشىل بىلەن يۇيۇش جەريانلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىپادىلىگەن كۆپ قاتلاملىق بىر ھاكىمىيەت سۆزلەمى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇ دائىرىدە مەزكۇر تېكىست، خىتاي دۆلىتىنىڭ سانائەت ۋە ئېنېرگىيە سىياسەتلىرىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاننى ھەم ماددىي ھەم سىمۋوللۇق سەۋىيەدە بىۋاستە مەركەزگە باغلايدىغان كۆچمەن مۇستەملىكىچى سىياسىي تۈزۈمنىڭ پارچىسىغا ئايلاندۇرۇشتا رول ئوينايدىغانلىقىنى؛ ئىجتىمائىي ۋە ئېكولوگىيەلىك زىددىيەتلەرنىڭ بولسا دۆلەت ئۇتۇق سۆزلەملىرى ئارقىسىدا ئومۇميۈزلۈك يېپىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
پايدىلانمىلار:
Anagnost, A. (2004). The corporeal politics of quality (Suzhi). Public Culture, 16(2), 189-208.
Bachman, D. (2004). Making Xinjiang safe for the Han? Contradictions and ironies of Chinese governance in China’s northwest. R. Ross & J. Morris (Ed.), Governance in China
Becquelin, N. (2004). Xinjiang in the nineties. The China Journal, (52), 53-78.
Byler, D. (2021). In the camps: China’s high-tech penal colony. Columbia Global Reports.
Cliff, T. (2016). Oil and water: Being Han in Xinjiang. University of Chicago Press.
Fairclough, N. (1995). Critical discourse analysis: The critical study of language. Longman.
Fairhead, J., Leach, M., & Scoones, I. (2012). Green grabbing: A new appropriation of nature? Journal of Peasant Studies, 39(2), 237-261.
Ferguson, J. (1990). The anti-politics machine: «Development,» depoliticization, and bureaucratic power in Lesotho. University of Minnesota Press.
Grant, A. (2018). Hyper-building the Silk Road: The state-building role of infrastructure in China’s western periphery. Eurasian Geography and Economics, 59(3-4), 391-415.
Hechter, M. (1975). Internal colonialism: The Celtic fringe in British national development. University of California Press.
Howell, A., & Fan, C. C. (2011). Migration and inequality in Xinjiang: Structure, strategy, and experience. Eurasian Geography and Economics, 52(2), 119-139.
Mol, A. P. J. (2006). Environment and modernity in transitional China: Frontiers of ecological modernization. Development and Change, 37(1), 29-56.
Scott, J. C. (1998). Seeing like a state: How certain schemes to improve the human condition have failed. Yale University Press.
Wei, Y. (2025, 9 Aralık). Hami jiancheng daxing chunqing shengchanchang [Hami’de büyük ölçekli saf hidrojen üretim tesisi tamamlandı]. Xinjiang Daily. Erişim adresi: https://xjrb.ts.cn/xjrb/20251209/251363.html (Erişim tarihi: 9 Aralık 2025).
Yeh, E. T. (2009). Greening western China: A critical view. Geoforum, 40(5), 884-894.
Zenz, A. (2020). Coercive labor and forced displacement in Xinjiang’s cross-regional labor transfer program. The Jamestown Foundation.
Zhu, Y. (2011). «Performance legitimacy» and China’s political adaptation. Journal of Chinese Political Science, 16(2), 123-140.
[1] (Performance Legitimacy)
[2] )Greenwashing)
[3] 哈密建成大型纯氢生产厂, https://xjrb.ts.cn/xjrb/20251209/251363.html, 2025-يىلى 9-دېكابىر
[4] 国内乃至世界上最大的提纯装置
[5] 重大突破
[6] 达到国标
[7] 生产—储运充装—管理
[8] 煤化工循环经济产业区
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















