خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تاشقى ياردەم ۋە يەرشارىۋى تەسىر يارىتىش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە

2025-يىلى 8-دېكابىر

 ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

ئەلانۇر ئەتتار

2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، يەرشارى سىياسىي سەھنىسىدە غەرب بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت بىلىملىرى دوكتور نامزاتى، 2025-يىللىق «Perry World House-Foreign Affairs» يېڭى تەتقىقاتچىلار مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئالىسىيا ر. چېن (Alicia R. Chen) تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تاشقى ياردەم ۋە يەرشارىۋى تەسىر يارىتىش ئىستراتېگىيەسى» (Foreign Aid With Chinese Characteristics: Where Beijing Is—and Isn’t—Seeking Influence) ناملىق بۇ ماقالىدە، دەل مۇشۇنداق بىر تارىخىي پەيتتە، يەنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى تەرەپلىمە ياردەم پىروگراممىسى بولغان ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقى (USAID) نى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەتتىكى خىتاينىڭ تاشقى ياردەم ئىستراتېگىيەسىنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلىدۇ. ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يادرولۇق قاراش شۇكى، غەرب كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنىڭ ئەكسىچە، خىتاينىڭ تەرەققىيات ياردەملىرى قالايمىقان ياكى ھەممە ساھەنى قاپلىۋالغان ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن ئىنچىكە پىلانلانغان، نىشانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللاشلارغا ئاساسلانغان بىر مېخانىزمدۇر. ئاپتور خىتاينىڭ يەرشارىۋى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشتە، بولۇپمۇ «جەنۇبىي يېرىم شار» دەپ ئاتىلىدىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە، رايونلۇق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى قانداق سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن شەرھلەپ بەرگەن[1].

خىتاي ياردەملىرىنىڭ كۆلىمى ۋە غەربنىڭ خاتا چۈشەنچىسى

ئۆتكەنكى يىگىرمە يىل مابەينىدە، خىتاي ئۆزىنىڭ تاشقى ياردەم سوممىسى ۋە ياردەم تۈرلىرىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتتى. ماقالىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2000-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، يەرشارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورگانلاردىن قەرز ياكى ياردەم ئالمىغان دۆلەتتىن پەقەت 17 سىلا قالغان. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئومۇمىي چىقىمى بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ خىل غايەت زور كۆلەمدىكى مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتى غەرب سىياسەتچىلىرىدە بېيجىڭنىڭ يەرشارىۋى ھۆكۈمرانلىق ئارزۇسىغا نىسبەتەن جىددىي ئەندىشە قوزغىغان بولسىمۇ، كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر بېيجىڭنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمىگەن.

سىرتتىن قارىغاندا، خىتاينىڭ تەرەققىيات پىروگراممىسى ھېچقانداق ئايرىماي، ھەممىلا يەرگە پۇل چېچىۋاتقان بىر مېخانىزمغا ئوخشايدۇ. لېكىن ئاپتورنىڭ تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، خىتاينىڭ غايەت زور مالىيە بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئېنىق بىر «سىياسىي لوگىكا» مەۋجۇت. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەملىرى رايونلۇق تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان (رەئىس دۆلەت بولغان) دۆلەتلەرگە مەركەزلەشكەن. مەسىلەن،مەلۇم دۆلەت شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (ASEAN) ياكى ئافرىقا ئىتتىپاقى (AU) قاتارلىق گۇرۇپپىلارغا رەئىسلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە، شۇ دۆلەتكە بېرىلىدىغان خىتاي ياردىمىدە كەسكىن ئېشىش كۆرۈلگەن. ھالبۇكى، بۇ خىل ئەندىزە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق يەرشارىۋى سۇپىلاردا كۆرۈلمىگەن. دېمەك، خىتاي ھەر بىر مۇنبەردە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان سورۇنلارنى تاللاپ، شۇ يەرلەرگە مەبلەغ سالىدۇ[2].

رايونلۇق تەشكىلاتلارنىڭ «رەئىسى» نى سېتىۋېلىش ئىستراتېگىيەسى

ئاپتورنىڭ 2000-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئەللىرىگە قىلىنغان ئىقتىسادىي ياردەملەرنى تەھلىل قىلىشىچە، بىر دۆلەت ASEAN ياكى AU غا رەئىسلىك قىلغان مەزگىلدە، ئۇ دۆلەت خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن رەئىسلىك قىلمىغان يىللارغا سېلىشتۇرغاندا يەتتە ھەسسە كۆپ مەبلەغكە ئېرىشكەن. بۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 90 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قوشۇمچە مەبلەغ دېمەكتۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە، غەرب دۆلەتلىرى ئادەتتە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ۋاقىتلىق ئەزا بولغان دۆلەتلەرگە ياردەمنى كۆپەيتىدىغان بولسىمۇ،ئەمما خىتاينىڭ ياردىمى بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزگەرمىگەن. بۇ نۇقتا بېيجىڭنىڭ قەستەن رايون خاراكتېرلىك بىر ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ۋاشىنگتوندىكى نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن رايونلۇق تەشكىلاتلار ب د ت كەبى يەرشارىۋى چوڭ تەشكىلاتلارغا سېلىشتۇرغاندا ئەھمىيەتسىز تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما بېيجىڭ بۇ ئورگانلارنى، بولۇپمۇ «جەنۇبىي يېرىم شار»نى دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي ماسلىشىشنىڭ ھالقىلىق سۇپىسى دەپ قارايدۇ. خىتاي ئۆزىنى ئۇزۇندىن بۇيان جەنۇبىي يېرىم شارنىڭ رەھبىرى دەپ كۆرسىتىپ كەلگەن بولۇپ، غەرب يېتەكچىلىكىدىكى تەرتىپنىڭ تەڭسىزلىكىنى پات-پات تەنقىد قىلىپ تۇرىدۇ. خىتاينىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىنىڭ 2016-يىلى تەسۋىرلىگىنىدەك، ئامېرىكا ھۆكۈمرانلىقىدىكى سىستېما خۇددى «بەدەنگە ماس كەلمەيدىغان كاستۇم-بۇرۇلكا» غا ئوخشايدۇ. خىتاي ASEAN ۋە AU غا ئوخشاش رايونلۇق تەشكىلاتلارغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، بۇ كىملىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزىنى يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپىنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە نامايان قىلماقتا.

رايونلۇق مۇنبەرلەردە تەسىر كۈچكە ئېرىشىش ئارقىلىق، خىتاي ئۆزىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى قايتۇرالايدۇ ۋە غەربنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان قىممەت قاراشلىرىغا زىت كېلىدىغان ئۆز نىزاملىرىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. تەشكىلاتنىڭ كۈنتەرتىپىنى بەلگىلەشتە مەركىزىي رول ئوينايدىغان «رەئىس دۆلەت» نى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق، بېيجىڭ رايونلۇق مۇنازىرىلەرنى تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ گېئو-سىياسىي نىشانلىرىغا پايدىلىق تېمىلارغا يېتەكلەيدۇ. مەسىلەن، 2012-يىلى كامبودژا ASEAN غا رەئىسلىك قىلغاندا، جەنۇبىي دېڭىزدىكى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقى تەنقىد قىلىنغان بىر بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە باياناتنىڭ ماقۇللىنىشىنى توسۇپ قالغان. بۇ، ASEAN تارىخىدا تۇنجى قېتىم باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلالمىغانلىقى ئىدى. بۇ ۋەقەدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىنلا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ پىنومپېنغا 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق يېڭى قەرز ۋە ياردەم ۋەدە قىلغان. ھەتتا كامبودژا مالىيە مىنىستىرى كېلىشىمنى ئېلان قىلغاندا، بېيجىڭنىڭ كامبودژانىڭ ASEAN رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «خىتاي ۋە ASEAN ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى ھەمكارلىقنى قوغداش» تىكى رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان[3].

يېقىنقى مىساللاردىن ئالساق، 2024-يىلى ئەددىس ئەبىبەدە ئۆتكۈزۈلگەن AU باشلىقلار يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەر تالاش-تارتىشلىق بولغان ئېشەك تېرىسى سودىسىنى چەكلەشكە قوشۇلغان. ئېشەك تېرىسى خىتاي تېبابىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئېھتىياجى سودىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىغا سەۋەب بولغان ۋە بۇ ئافرىقىدىكى يېزا دېھقانچىلىق رايونلىرىدا قاتناش ئۈچۈن ئېشەككە تايىنىدىغان ئاياللارغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شۇ ۋاقىتتا AU غا رەئىسلىك قىلىۋاتقان ماۋرىتانىيە بۇ مەسىلىدە خىتاينى ئەيىبلەشتىن ساقلىنىپ، چەكلەشنى پەقەت ئافرىقا بايلىقىنى قوغداش دەپلا چۈشەندۈرگەن. شۇ يىلى كېيىنرەك، 2024-يىللىق خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىدا، شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ماۋرىتانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق سەۋىيەسىگە كۆتۈرگەن ۋە پىرېزىدېنت مۇھەممەد ئۇلد غازۇۋانىنى AU نىڭ نۆۋەتچى رەئىسى سۈپىتىدىكى رەھبەرلىكى ئۈچۈن ماختىغان. يىغىن جەريانىدا، خىتاي يەنە ماۋرىتانىيەگە بولغان ئىقتىسادىي ياردىمىنى كېڭەيتىپ، 281 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان.

خىتاي مەبلىغىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى نازۇكلۇق ۋە سىياسىي ئايرىمىچىلىق

ماقالىدە تەكىتلەنگەن يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، خىتاينىڭ رايونلۇق تەشكىلات رەئىسلىرىگە قىلغان ياردىمىدىكى بۇ خىل شىددەتلىك ئېشىش پەقەت «ھۆكۈمەتتىن ھۆكۈمەتكە» بولغان ياردەملەردىلا كۆرۈلگەن. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاينىڭ بارلىق پۇللىرىنىڭ ھەممىسىلا سىياسىي مەقسەتلىك ئەمەس. بۇ بەلكىم بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەيران قالارلىق بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرى ياردەملىرىنى ئاساسلىقى USAID غا ئوخشاش ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئارقىلىق يەتكۈزىدۇ، ئەمما خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن كەلگەن ياردەم ئۇنىڭ ئومۇمىي تاشقى ياردەم سوممىسىنىڭ ئاران ئون پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاينىڭ USAID غا ئەڭ يېقىن ئورگىنى بولغان «خىتاي خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق ئاگېنتلىقى» (CIDCA) ۋە ياردەم يەتكۈزۈشكە قاتناشقان باشقا مىنىستىرلىقلار (بولۇپمۇ سودا مىنىستىرلىقى) نىڭ 2023-يىللىق ئومۇمىي خامچوتى تەخمىنەن 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ USAID نىڭ شۇ يىلدىكى 42 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق خامچوتىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىدۇر.

خىتاي مەبلىغىنىڭ ئاساسلىق قىسمى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سىياسەت بانكىلىرى ۋە سودا بانكىلىرىدىن كېلىدۇ، بۇ بانكىلار ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر بىلەن قەرزنى قايتۇرۇۋېلىش مەجبۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلىشى كېرەك. بۇ بانكىلار دۆلەت ئىگىلىكىدە بولغاچقا، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بارلىق خىتاي مەبلىغى ھۆكۈمەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ دەپ پەرەز قىلىشىدۇ. ئەمما تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خىتاي سىياسەت بانكىلىرى ۋە سودا بانكىلىرىنىڭ قەرزلىرى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئوخشاش ئەندىزىگە ئەگەشمىگەن. خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ياردەمنى گېئو-سىياسىي مەنپەئەت يەتكۈزۈش (مەسىلەن، رايونلۇق قوللاشقا ئېرىشىش) ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بەكرەك مايىل. بۇ سىياسىي سودىلىشىشلار ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئارىسىدا يۈز بېرىدۇ، چۈنكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى رەھبەرلەرگە بۇ مەبلەغلەرنى دىپلوماتىك قوللاش ياكى سىياسىي يول قويۇشلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىشتە تېخىمۇ چوڭ ئەركىنلىك بېرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاينىڭ سىياسەت ۋە سودا بانكىلىرى غەربتىكى بانكىلارغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىپ، قەرز بېرىش قارارىنى ئىناۋەت ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئاساسەن چىقىرىدۇ. خۇلاسىلىگەندە، خىتاي ياردىمىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ مۇھىم شەكىللىرى ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن كېلىدۇ ، بۇ خىتاينىڭ ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىنىلا ئىگىلەيدۇ. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاينىڭ بارلىق مەبلىغى بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىستىراتىگىيەسىنىڭ قورالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلمايدۇ[4].

غەرب دۇنياسى ئۈچۈن ساۋاق ۋە تەۋسىيەلەر

ماقالىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئاپتور ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باشقا لىبېرال دېموكراتىك ئەللەرنىڭ بۇ بايقاشلاردىن ئېلىشقا تېگىشلىك ساۋاقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىرىنچىدىن، ئۇلار گېئو-سىياسىي جەڭ مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. غەرب دۆلەتلىرى يەرشارىۋى ئورگانلاردا (مەسىلەن ب د ت دا) لىبېرال قائىدىلەرنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رايونلۇق گەۋدىلەردە جىمجىت ھالدا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتمەكتە. رايونلۇق تەشكىلاتلار خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم رول ئوينايدۇ: ئۇلار ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات پىلانلىرىنى تۈزۈش ۋە نازارەت قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا كىرىزىسلارنى باشقۇرۇش ۋە توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بارغانسېرى مەركىزىي ئورۇنغا ئۆتمەكتە. بۇ ئورگانلار ھەمىشە نارازىلىقنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنى بايقاپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە خەلقئارالىق ئىنكاسلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان قائىدىلەرنى بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ھەتتا ب د ت مۇ يېقىندا بۇنداق مۇنبەرلەرنىڭ تەرەققىيات ۋە تىنچلىق ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىغا نىسبەتەن «جەنۇبىي يېرىم شار» نىڭ ھەر خىل دۇچ كەلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن غەرب ئەمەلدارلىرى بۇ تەشكىلاتلار بىلەن ئۆزئارا ئىشەنچنى قايتا تۇرغۇزۇش توغرىسىدا ئويلىنىشقا مەجبۇر بولدى.

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،  ئەمدىلىكتە رەھبەرلەرنىڭ رايونلۇق تەشكىلاتلارنى «چەت-ياقا مۇنبەرلەر» دەپ مۇئامىلە قىلىشقا قۇربى يەتمەيدۇ. كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادا، ASEAN، AU ۋە باشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گەۋدىلەر دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي ماسلىشىشنىڭ ھالقىلىق تۈگۈنلىرى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلمەكتە. ئۇلار ۋەكىللىك قىلىدىغان رايونلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ كۆپىيىۋاتقان بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ ۋە سودا ھەمدە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىدە ھەمىشە «پارتلاش نۇقتىسى» بولۇپ قالماقتا. رايونلۇق تەشكىلاتلارنىڭ قارارلىرى سىياسەتچىلەر ئۈچۈن بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا. ، ئۇلارنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ۋە قائىدىگە ئاساسلانغان ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ ئورگانلار بىلەن ئۆز شەرتلىرى ئاساسىدا ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ھەمدە ئىناۋىتىگە مەبلەغ سېلىش زۆرۈردۇر.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ ياردەم پىروگراممىلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكە چۈشىنىش تەرتىپى ئورنىتىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ بارلىق مەبلىغى مەسىلىلىك ئەمەس ياكى بېيجىڭنىڭ ئارىلىشىۋالغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئەمەس، شۇنداقلا بارلىق ياردەملەر سىياسىي ھىيلە-مىكىر ئەمەس. مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە تاپشۇرۇۋالغۇچىلارنىڭ تۈرلىرىنى پەرقلەندۈرۈش، بېيجىڭنىڭ قەيەردە تەسىر كۈچى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ۋە قەيەردە ئىزدىمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ — بۇ سىياسەتچىلەرگە خىتاينىڭ تىرىشچانلىقىغا قەيەردە تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىقىنىڭ قەيەردە يەنىلا مۇمكىنلىكىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.

خۇلاسە

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئامېرىكا تەڭداشسىز ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن دەۋر ئاخىرلاشتى، ئۇنىڭ ئورنىغا يەرشارىۋى رىقابەتنىڭ يېڭى بىر مەزگىلى كەلدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ياردەمدىن چېكىنىۋاتقان، ترامپ ھۆكۈمىتى ئەنئەنىۋى دىپلوماتىيە قوراللىرىنى تاشلاۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىستىراتىگىيەسىنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى چۈشىنىش ھەرۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى. سىياسەتچىلەر خىتاي پۇلىنىڭ قەيەرگە ۋە قانداق ئېقىۋاتقانلىقىنى ئانالىز قىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلىش ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا بېيجىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك فوكۇسى ھەققىدە قىممەتلىك چۈشەنچىلەرگە ئېرىشىشكە ۋە بەلكىم تېخىمۇ نىشانلىق ۋە ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرالىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەسى ھەممىنى قاپلاش ئەمەس، بەلكى «ئاچقۇچ» نى تۇتۇشتۇر. شۇڭا، غەرب دۇنياسىنىڭ جاۋابىمۇ ھېسسىياتقا ئەمەس، بەلكى دەل مۇشۇنداق ئىنچىكە ئانالىز ۋە ئەمەلىيەتكە ئاساسلىنىشى كېرەك.

پايدىلانمىلار:

[1]    Alicia R. Chen, «Foreign Aid With Chinese Characteristics: Where Beijing Is—and Isn’t—Seeking Influence«, Foreign Affairs, 3 Aralık 2025.

[2]      يۇقىرىقى ماقالە، «خىتاينىڭ تەرەققىيات پىروگراممىسى» بۆلىكى.

[3]       يۇقىرىقى ماقالە، «رەئىسنى تەبرىكلەش» (All Hail the Chair) بۆلىكى.

[4]       يۇقىرىقى ماقالە، «پىياز ئاقلاش» (Peeling Back the Onion) بۆلىكى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*