ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى نىزامنامىسى
بىرىنچى باب، ئومۇمىي پىرىنسىپ
1. ماددا: ئىسمى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى بولۇپ، تۈركچە Uygur Araştırma Enistitüsu، ئىنگلىزچە: Uyghur research inititute قىلىپ يېزىلىدۇ، قىسقىچە نامى ” UTI”.
2. ماددا: خاراكتېرى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2018-يىلى 1-ئاپرېلدا قۇرۇلغان بولۇپ كىرىم قىلمايدىغان، شەرقىي تۈركىستانغا دائىر خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك تېمىلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئورگاندۇر.
3. ماددا: مەقسىتى، شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، خەلقئارا كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى پايدا-مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
4. ماددا: نىشانى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەسىلىلەرنى بىلىم بىلەن ھەل قىلىدىغان ئاڭ شەكىللەندۈرۈشتۇر.
5. ماددا: غايىسى، بىلىم ئومۇملاشقان جەمئىيەت بەرپا قىلىشتۇر.
6. ماددا: ئىنستىتۇت تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىدۇ.
ئىككىنچى باب، پائالىيەت دائىرىسى
7. ماددا: ئىنستىتۇت مەقسىتىگە ماس كېلىدىغان پىروجەكىت تەييارلايدۇ، تەييارلاتقۇزىدۇ ۋە بۇ لايىھەلەرنى ئىنستىتۇت خادىملىرى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ياكى باشقا ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ . ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، كۇرس ۋە لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئىنستىتۇت مەقسىتىگە ماس ھالدا قۇرۇپ چىققان كېڭەش، تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئىلمىي سەۋىيەدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. بۇ دائىرىدىكى پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، قوللاش ۋە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ھەر قايسى ئەللەردىكى مائارىپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى، شەخسىي ۋە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كۇتۇپخانىلار، تەتقىقات، ئارخىپ-ماتېرىياللار مەركەزلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ. تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئالاقىدار ئورگان ۋە ئورۇنلارنىڭ پايدىلىنىشىغا تەقدىم قىلىدۇ. ئىنستىتۇت مەقسىتىگە مۇۋاپىق ھالدا قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە بەدەل ۋە بەدەلسىز نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەمەلگە ئاشقان پىروجەكىتلەرنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىلمىي دوكلات تەرىقىسىدە ئېلان قىلىدۇ.
ئۇچۇر – ئاخباراتلارنى رەتلەپ ئارخىپلاشتۇرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېزىلغان ماقالە، ئوبزور ۋە خەۋەرلەرنى كۈندىلىك توپلاپ ئارخىپلاشتۇرىدۇ، ئايدا بىر خۇلاسە قىلىپ دوكلات ھازىرلايدۇ. يىللىق خۇلاسە ئېلان قىلىپ ئوبزور ئېلان قىلىپ قەرەللىك ئانالىزلارنى ئېلىپ بېرىپ، ماقالە ئېلان قىلىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەر، مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلارنى تىۋىتتېر ، توربەت ۋە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئەرەبچە، ئىنگلىزچە ، خىتايچە ۋە تۈركچە تۆت تىلدا تارقىتىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر، ماقالە ۋە ئوبزورلارنى يېزىۋاتقان مۇخبىرلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلارنى ماتېرىيال ، زىيارەت ئوبيېكتى ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ژۇرنالىستلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن تەرجىمە، مۇلاقات ۋە ئانكىت ئىشلىرىغا ياردەم قىلىدۇ.
ھەر خىل شەكىلدىكى تەلىم – تەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
ئەدەبىيات، دىن، تارىخ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش، ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە تور دەرسى ئۆتەيدۇ.
ئىزباسار ئىستۇدېنتلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ، ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كېلەچەكتىكى ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيەلەپ چىقىدۇ.
ئۈچىنچى باب، ئەزالىق تۈزۈمى
8. ماددا: ئىنستىتۇتتا ئەزالىق تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
9. ماددا: ئىنستىتۇتقا قاتناشماقچى بولغانلار تۆۋەندىكى شەرتلەر بىلەن ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىدۇ:
1) ئىنستىتۇتقا كىرىشنى ئۆزى خالاپ ئىلتىماس قىلغان بولۇش؛
2) ئەڭ ئاز باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇش؛
3) ئىنستىتۇتتىن ئەڭ ئاز دېگەندە بىر ئەزا تونۇشتۇرغان بولۇش؛
10. ماددا: ئىنستىتۇتقا ئەزا بولۇش تەرتىپى:
1) ئىلتىماس قىلىش؛
2) كونا ئەزالار تونۇشتۇرۇش؛
3) ئىنستىتۇت ھەيئىتى مۇزاكىرە قىلىش؛
4) ئىنستىتۇت مۇدىرى تەستىقلاش؛
11. ماددا: ئىنستىتۇت ئەزالىرى تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:
1) مۇدىر ۋە ھەيئەت ئەزالارنى سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى؛
2) سايلامنىڭ ئادىل ۋە دېموكراتىك يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش؛
3) ئىنستىتۇت نامىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش؛
4) ئىنستىتۇتقا ئالاقىدار ھەر تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن بەھرىمەن بولۇش؛
5) ئىنستىتۇتقا پىكىر-تەكلىپ بېرىش؛
6) ئىنستىتۇتتىن چېكىنىش؛
12. ماددا: ئىنستىتۇت ئەزالىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ:
1) مەزكۇر نىزامنامىگە رىئايە قىلىش؛
2) ئىنستىتۇتنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش؛
3) ئىنستىتۇتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش؛
4) ئىنستىتۇت تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش؛
5) ئىنستىتۇتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش؛
6) بەلگىلەنگەن ئەزالىق بەدەل پۇلىنى تاپشۇرۇش؛
7) ئىنستىتۇتنىڭ يىغىنلىرىغا قاتنىشىش؛
13. ماددا: يۇقىرىقى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلمىغان ئەزا ئىنستىتۇت ھەيئىتىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن ئەزالىقتىن مەجبۇرىي چېكىندۈرۈلىدۇ؛
14. ماددا: ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چېكىنمەكچى بولغان ئەزا چېكىنىش قارارىنى مۇدىرغا يازما شەكىلدە مەلۇم قىلىدۇ؛
تۆتىنچى باب، ئىنستىتۇتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش قائىدىلىرى
14. ماددا: ئىنستىتۇتنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى مۇدىر، تەشكىلىي ھەيئەت ۋە ئەزالىقتىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن تۈزۈلىدۇ.
15. ئىنستىتۇت تەشكىلىي ھەيئىتى ئىنستىتۇتنىڭ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بولۇپ، ئەزالىرى ئەزالار يىغىنىدا سايلىنىدۇ. ھەيئەت يەتتە نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ.
16. ماددا: تەشكىلىي ھەيئەت تۆۋەندىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ:
1) ئىنستىتۇتنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىنى قارار قىلىش؛
2) مۇدىر سايلاش ۋە ئالماشتۇرۇش ؛
3) ئىنستىتۇتنىڭ يىللىق خام چوت لايىھەسى ۋە نەقچوت لايىھەسىنى كۆرۈپ چىقىش ۋە تەستىقلاش؛
4) مۇدىر ۋە ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ۋە باھالاش؛
5) ئىنستىتۇتنىڭ ئەزالىق بەدەل پۇلىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش ھەققىدە قارار چىقىرىش؛
6) پىكىر-تەكلىپلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش؛
7) خالىغان ۋاقىتتا ئىنستىتۇتنىڭ مالىيەسىنى تەكشۈرۈش؛
8) مۇدىر ۋە تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالارنىڭ ئىنستىتۇتتا ۋەزىپە ئۆتەش داۋامىدا ئىنستىتۇتنىڭ نىزامنامىسىگە ياكى قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى نازارەت قىلىش؛
9) مۇدىر ۋە تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالارنىڭ ھەرىكىتى ئىنستىتۇتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەندە، ئۇلاردىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىش، ئەگەر تۈزەتمىسە، ئۆز ئالدىغا ئەزالار يىغىنى چاقىرىپ، ئەزالارنى خەۋەرلەندۈرۈش؛
10) ئىنستىتۇتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىپ تەسىس قىلىش، ئىنستىتۇت شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىنستىتۇتنى تارقىتىۋېتىش ۋە ئىنستىتۇتنى ئېنىقلاش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقىرىش؛
11) ئىنستىتۇت نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش.
17. ماددا: تەشكىلىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ. ۋەزىپە مۇددىتى توشقاندا قايتا سايلانسا، يەنە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.
18. ماددا: تەشكىلىي ھەيئەت يىغىنى قەرەللىك يىغىن ۋە قەرەلسىز يىغىن دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ھەرئىككىسىنى مۇدىر ئاچىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مۇدىر ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى يۈرگۈزەلمىگەندە، مۇدىر كۆرسەتكەن بىر ھەيئەت ئەزا يىغىن چاقىرىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ھەيئەتنىڭ قەرەللىك يىغىنى ھەرھەپتىدە بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ. ئىنستىتۇت جىددىي مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن چاغدا، مۇدىرنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن قەرەلسىز يىغىن ئېچىشقا بولىدۇ.
19. ماددا: ھەيئەت يىغىنىدا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىنىپ قارار چىقىرىلىدۇ. قارار كۆپ سانلىق تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتسە ماقۇللانغان ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئىنستىتۇتنىڭ ئەزالىق بەدەل پۇلىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش، ئەزا كۆپەيتىش ياكى قالدۇرۇش، مۇدىرنى سايلاش ياكى ئالماشتۇرۇپ سايلاش، ئىنستىتۇتنى ئايرىپ تەسىس قىلىش، قوشۇۋېتىش، تارقىتىۋېتىش ياكى ئىنستىتۇت شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىنستىتۇت نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، 10000 (مىڭ تۈرك لىراسى) لىرادىن يۇقىرى چىقىم قىلىش توغرىسىدا چىقىرىلغان قارارلار تۆتتىن كۆپ ھەيئەت ئەزانىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ماقۇللىنىدۇ. ھەيئەت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان ئىشلار ۋە چىقىرىلغان قارارلار توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرۇش، يىغىنغا قاتناشقان ئەزالار بۇ خاتىرىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.
20. تەشكىلىي ھەيئەت يىغىنىغا بىر يىل ئىچىدە بىر قېتىم قاتناشمىغان ئەزالارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، ئىككى قېتىمغا يەتسە تەدبىر قوللىنىلىدۇ؛
21. ماددا: ھەر ئۈچ يىلدا بىر مۇدىر ۋە تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالىرىنى سايلاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ، مۇدىر تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالىرى تەرىپىدىن سايلىنىدۇ، تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالىرى بولسا ئەزالار تەرىپىدىن سايلىنىدۇ؛
22. ماددا: مۇدىر تۆۋەندىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ:
1) ئىنستىتۇتنىڭ نىزامنامىسىنى تۈزۈش، يېڭىلاش ۋە ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى تۈزۈش؛
2) ئىنستىتۇتنىڭ تەتقىقات، زىيارەت، تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىش قاتارلىق تۈرلۈك پىلان-لايىھەلىرىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش؛
3) ئىنستىتۇت ئەزالىرىنى كۆپەيتىش ۋە قالدۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈش؛
4) ئىنستىتۇتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى تۈزۈش، يېڭىلاش ۋە ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش؛
5) قارار ۋە خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىش؛
6) خىزمەتلەردىن خۇلاسە ماتېرىيالى تەييارلاپ ھەيئەتكە تەستىقلىتىش؛
7) ئەزالار ۋە جەمئىيەتنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى توپلاش ۋە ھەيئەتكە يەتكۈزۈش؛
8) باشقا ئورگانلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش؛
9) ئىنستىتۇتنىڭ دوكلات، قارار، پىلان، خۇلاسە، يىغىن خاتىرىسى قاتارلىق ماتېرىياللىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇش؛
10) ئىنستىتۇتقا ئالاقىدار قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ۋە يېڭىلاش؛
23. ماددا: مۇدىرنىڭ ھەر قارارلىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ، ۋەزىپە مۇددىتى توشقاندا قايتا سايلانسا، يەنە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ، مۇدىر ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىيەلمەيدۇ؛
24. ماددا: ئەزالارنىڭ يىغىنى قەرەللىك يىغىن ۋە قەرەلسىز يىغىن دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ھەرئىككىسىنى مۇدىر ئاچىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مۇدىر ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى يۈرگۈزەلمىگەندە، مۇدىر كۆرسەتكەن بىر ھەيئەت ئەزا يىغىن چاقىرىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئەزالارنىڭ قەرەللىك يىغىنى يىلدا 12 قېتىم چاقىرىلىدۇ. ئىنستىتۇت چوڭ مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن چاغدا، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەزالارنىڭ %50تىن ئارتۇقراقىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن قەرەلسىز يىغىن ئېچىشقا بولىدۇ.
بەشىنچى باب، ئىنستىتۇتنى تارقىتىۋېتىش ۋە ئېنىقلاش چارىسى
25. ماددا: تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە ئىنستىتۇت تارقىتىۋېتىلىدۇ:
1) ھەيئەت يىغىنى ئىنستىتۇتنى تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلغاندا؛
2) قوشۇۋېتىش ياكى ئايرىپ تەسىس قىلىش زۆرۈرىيىتى تۈپەيلىدىن تارقىتىۋېتىشكە توغرا كەلگەندە؛
3) دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقتىن، قانۇن بويىچە تارقىتىۋېتىشكە بۇيرۇلغاندا؛
26. ماددا: ئىنستىتۇت يۇقىرىقى ماددىنىڭ 1)،2) تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تارقىتىلماقچى بولسا، 15 كۈن ئىچىدە ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىلىدۇ، ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەيئەت يىغىنىدا بېكىتىلىدۇ. يۇقىرىقى ماددىنىڭ 3) تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تارقىتىلماقچى بولغاندا، ئالاقىدار ئورگان ئۆزىنىڭ خادىملىرىدىن ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىپ ئېنىقلاش ئېلىپ بارىدۇ.
27. ماددا: ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى ئېنىقلاش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ:
(1 ئىنستىتۇتنىڭ مالىيەسى ۋە مۈلكىنى ئېنىقلاپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەبلەغ، قەرز مەلۇمات جەدۋىلى ۋە مال-مۈلۈك تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛
2) ئۇقتۇرۇش قىلىش ياكى ئېلان بېرىش ئارقىلىق قەرز ئىگىلىرىنى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىدۇ؛
3) ئىنستىتۇتنىڭ ئېنىقلاش بىلەن ئالاقىدار بولغان، چالا قالغان كەسپىي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
4) تاپشۇرۇلماي قالغان باجنى ئېنىقلاپ تاپشۇرىدۇ.
5) ئېلىشقا ۋە بېرىشكە تېگىشلىك قەرزلىرىنى ئېنىقلايدۇ.
6) ئىنستىتۇتنىڭ تۆلەشكە تېگىشلىك قەرزلىرىنى قايتۇرغاندىن ئېشىپ قالغان مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
7) ئىنستىتۇتقا ۋاكالىتەن ھەق-تەلەپ دەۋا پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.
8)ئىنستىتۇتنىڭ تەشكلىي ھەيئەت ئەزالىرىغا 3 ئاي ئىچىدە ئىنىستىتۇتنى تارقىتىۋېتىش مەسىلىسى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش مۆھلىتى بەرسە بولىدۇ.
ئالتىنچى باب، مالىيە تۈزۈمى
28. ماددا: ئىنستىتۇت ئالاقىدار ماتېرىياللار ۋە تەلەپلەرگە ئاساسەن ئىنستىتۇتنىڭ مالىيە بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
29. ماددا: ئىنستىتۇت ھەربىر بوغالتىرلىق ئېيى ئاخىرلاشقاندا تۈزۈم بويىچە مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى تۈزۈپ چىقىپ ئەزالارغا يوللايدۇ. يىلدا بىر قېتىم مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى تەييارلاپ، 15 كۈن ئىچىدە ئىنستىتۇتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىغا يوللايدۇ ۋە ھەيئەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يەتتىنچى باب، ئىنستىتۇتنىڭ قۇرۇلمىسى
30 – ماددا: ئىنستىتۇت جەمئىي ئون مۇئەسسەسەدىن تەشكىل تاپىدۇ.
(1) تەشكىلىي ھەيئەت كېڭىشى: ئىنستىتۇتنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.
(2) مالىيە بۆلۈمى: ئىنستىتۇتنىڭ كىرىم چىقىم ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.
(3) پىروجەكىت بۆلۈمى: ئىنستىتۇتنىڭ پىلان-لايىھەلىرىنى تۈزەش، ئىجرا قىلىش ۋە تاماملاشقا مەسئۇل بولىدۇ.
(4) نازارەت بۆلۈمى: ئىنستىتۇتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى نازارەت قىلىدۇ.
(5) تەتقىقات بۆلۈمى: ئىنستىتۇتنىڭ تەتقىقات خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.
(6) تەلىم-تەربىيە بۆلۈمى: ئىنستىتۇتنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى تەشكىللەيدۇ.
(7) كوردىناتسىيە بۆلۈمى: ئىنستىتۇتقا ۋاكالىتەن باشقا ئورگانلار بىلەن بولغان ئالاقە ئورنىتىپ ئىش بېجىرىدۇ.
(8) ئاخبارات بۆلۈمى: ئىنستىتۇتنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.
(9)نەشرىيات بۆلۈمى: ئىنستىتۇتنىڭ نەشرىيات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.
(10) تېخنىكا بۆلۈمى: ئىنستىتۇتنىڭ بارلىق تېخنىكا ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.
سەككىزىنچى باب، قوشۇمچە پىرىنسىپ
31. ماددا: نىزامنامىگە ئېھتىياج تۇغۇلغاندا قايتىدىن قاراپ چىقىلىدۇ؛
32. ماددا: نىزامنامە ئەزالار پىكىر-تەكلىپ بېرىش، مۇدىر لايىھە تۈزۈش، لايىھەنى ھەيئەت يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ قارار قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە تۈزىتىلىدۇ؛
33.ماددا: مەزكۇر نىزامنامە مۇدىر ۋە تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالىرى ئىمزا قويغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛
34.ماددا: ئەزالىق بەدىلىنىڭ ئۆلچىمى: ئەزالىق ئايلىق بەدەل پۇلى تۈركىيەدىكىلەر ئۈچۈن 30 تۈرك لىراسى، ياۋروپادىكىلەر ئۈچۈن 30 ياۋرو، دوللار ئىشلىتىلىدىغان دۆلەتلەردىكىلەر ئۈچۈن 30 دوللاردۇر.
35. ماددا: ئەزالارنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرى ھەر قانداق ئەھۋالدا شۇ ئەزانىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ ئاشكارىلانمايدۇ ۋە مەخپىي تۇتۇلىدۇ. شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوللىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، شۇ ئەزانىڭ رۇخسىتىگە مۇراجىئەت قىلىنىدۇ.
2018-يىلى 3 -ئاينىڭ 20 -كۈنى
تور بەت ئادرېسىمىز :
https://www.uysi.org/ug/
ئىلخەت ئادرېسىمىز : editor@uysi.org
ئالاقىلىشىش ئادرېسى : İzmir 1.Cad. 33/27 Kızılay-Çankaya,ANKARA/TÜRKİYE