ئ‍اسىيانىڭ گېئوسىياسىي بارومېتىرى: سىنگاپورنىڭ «چوتنى خاتا سوقما» ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە رايوندىكى نازۇك ھالەت

2025-يىلى 27-نويابىر

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنسىتىتۇتى

 تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان گېئوسىياسىيسىدا «بىتەرەپلىك» ۋە «ئەمەلىيەتچىللىك» دېيىلگەندە كىشىنىڭ خىيالىغا كېلىدىغان تۇنجى ئاكتىيور سىنگاپوردۇر. ھالبۇكى، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرقى پەسلىدە، Bloomberg يېڭى ئىقتىساد مۇنبىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دىپلوماتىك ئالاقىلەردە سىنگاپور باش مىنىستىرى لاۋرېنس ۋوڭ (Lawrence Wong) قوللانغان رىتورىك خىتاپ، نورمال دىپلوماتىك رامكىنىڭ سىرتىغا چىققانلىق بولۇپ چوڭقۇر ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. ۋوڭنىڭ خىتاي، ياپونىيە ۋە تەيۋەن ئۈچبۇلۇڭىدىكى جىددىيچىلىككە مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرى پەقەتلا بىر «سەۋر چاقىرىقى» ئەمەس؛ بەلكى بېيجىڭنىڭ رايوندىكى تاجاۋۇزچىلارچە پوزىتسىيەسىگە قارشى دىپلوماتىك تىل بىلەن ئورالغان جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.

بۇ ئانالىزدا سىنگاپورنىڭ خىتاينى«چوتنى خاتا (miscalculation)سوققانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئاستىرتتىن مەنىسى، ياپونىيەنىڭ ئۆزگەرگەن بىخەتەرلىك دوكتىرىنى بىلەن كېسىشىشى ۋە ئاسىيادا خىتاينىڭ «مۇشتۇمزورلۇق» دەپ ئاتاشقا بولىدىغان بېسىملىرىغا قارشى كۆتۈرۈلۈۋاتقان داۋراڭسىز، ئەمما قەتئىي قارشىلىق تەتقىق قىلىنىدۇ.

كىچىك دۆلەتنىڭ چوڭ ئىنكاسى: سىنگاپور نېمىشقا سۆزلەيدۇ؟

 سىنگاپور جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن خەرىتىدە كىچىك («كىچىك قىزىل چېكىت») بولسىمۇ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە ئىقتىسادىي سالمىقى سەۋەبىدىن ئاسىيانىڭ «كاناريا قۇشى» (ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى) رولىنى ئوينايدۇ. رايوندىكى ھاۋا بۇلغانغاندا تۇنجى ئاگاھلاندۇرۇشنى كۆپىنچە سىنگاپور بېرىدۇ. باش مىنىستىر ۋوڭنىڭ يېقىنقى بايانلىرى، خىتاينىڭ تەيۋەن ئۈستىدىكى بېسىمىنى ئاشۇرۇشىنىڭ پەقەتلا ئىككى تەرەپكىلا مۇناسىۋەتلىك ئىچكى مەسىلە ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ پۈتۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي تومۇرلىرىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان بىر «رايون مىقياسىدا ئۆلۈۋېلىش» تەشەببۇسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

سىنگاپور بۇ پوزىتسىيەسىدە، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىدە ئىككى ئارىدا قېلىش قورقۇنچىدىن ھالقىپ ئۆتتى. ئەمدى مەسىلە، خەلقئارا قانۇن ۋە مەۋجۇت ھالەتنىڭ رېۋىزىيونىست بىر كۈچ (خىتاي) تەرىپىدىن بىر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىۋېتىلىش خەۋپىدۇر. ۋوڭنىڭ سۆزلىرى بېيجىڭغا شۇ ئۇچۇرنى بەرمەكتە: «چوڭلۇقۇڭغا ئىشىنىپ قىلىدىغان بىر ھەرىكىتىڭ (خاتالىقىڭ)، پەقەت تەيۋەننىلا ئەمەس، بىزنىڭ پاراۋانلىقىمىزنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز». بۇ، ASEAN (شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى) ئەللىرى ئىچىدە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جازالاش كۈچىدىن ئەندىشە قىلىنغاچقا كۆپىنچە پىچىرلاپلا سۆزلىنىدىغان بىر ھەقىقەتنىڭ سىنگاپور رەھبەرلىكى تەرىپىدىن مۇنبەردە ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر.

« چوتنى خاتا سوقما» رىتورىكىسى ۋە ئاستىرىتتىن خىتايغا قارىتىلغان تەنقىد

 لاۋرېنس ۋوڭنىڭ نۇتۇقىدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ مەنا، تەيۋەن بوغۇزىدىكى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر توقۇنۇشنىڭ «تاسادىپىي» ئەمەس، بەلكى «چوتنى خاتا سوقۇش» بىلەن كېلىپ چىقىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى تەكىتلەش مەنىسىدۇر. دىپلوماتىك ئەدەبىياتتا بۇ ئىبارە، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىتىلغان ئۆتكۈر تەنقىتتۇر.

بۇ يەردە «چوتنى خاتا سوقما» دىيىشتىن كۆزدە تۇتۇلغىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) تەيۋەننى ھەربىي ياكى كۈلرەڭ رايون تاكتىكىلىرى (قامال قىلىش، تور ھۇجۇمى، ساختا ئۇچۇر) ئارقىلىق تىز پۈككۈزەلەيمىز ۋە دۇنيا بۇنىڭغا قاراپ تۇرىدۇ دەپ چوت سوقۇشىدۇر. ۋوڭ ياپونىيە ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالغاندا، ئەمەلىيەتتە بېيجىڭغا شۇ مەنزىرىنى كۆرسەتمەكتە: رايوننىڭ مۇقىملىقىنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلىرىڭ، كۈتكىنىڭنىڭ ئەكسىچە، ئاسىيا ئەللىرىنى بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرماقتا ۋە قارشىڭدا قارشىلىق سېپىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.

سىنگاپور رەھبەرلىكىنىڭ بۇ ئۇسلۇبى، خىتاينىڭ رايوندىكى «تىنچ گۈللىنىش» سۆزلىمىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى يوقاتقانلىقىنىڭ ئەڭ ئېنىق ئىپادىسىدۇر. خىتاي مەنبەلىرى (Guancha قاتارلىقلار) بۇ خىل بايانلارنى كۆپىنچە «چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ تەسىرى» دەپ تەسۋىرلەشكە ئۇرۇنسىمۇ، سىنگاپورغا ئوخشاش خىتاي مەدەنىيىتىگە يېقىن ۋە غەرب بىلەن مۇۋازىنەتلىك بىر دۆلەتنىڭ بۇ تەنقىدى، بېيجىڭنىڭ «ئاسىيانى ئاسىيالىقلار باشقۇرۇشى كېرەك» دېگەن تېزىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە «ئاسىيانى خىتاي باشقۇرۇشى كېرەك» دېگەن مەنىگە كېلىدىغانلىقىنىڭ رايون ئەللىرى تەرىپىدىن ئاللىقاچان چۈشىنىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ۋوڭ رىتورىكى ئارقىلىق، ئىسمىنى ئاتىمىسىمۇ، خىتاينىڭ رايوندىكى بىر تەرەپلىمە ۋە زورلىغۇچى (coercive) سىياسەتلىرىنىڭ ئەمدى «چىدىغىلى بولىدىغان چەك»تىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئىما قىلماقتا.

 توكيودىن چىققان شامال ۋە رايونلۇق ماسلىشىش

 سىنگاپورنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى، ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ «تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكى ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكىدۇر» دوكتىرىنى بىلەن بىرگە ئوقۇش ئىنتايىن مۇھىم. ياپونىيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ئاساسىي قانۇنىنىڭ چېگرالىرىنى بۇزۇپ مۇداپىئە چىقىملىرىنى ئاشۇرۇشى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ئېنىق پوزىتسىيەسى، ئاسىيادىكى باشقا ئاكتيورلارغا جاسارەت بەرمەكتە. ياپونىيە ۋە سىنگاپور ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئىنكاس بىرلىكى تاسادىپىي ئەمەس. ھەر ئىككى دۆلەت خام ئەشيا ۋە ئېنېرگىيە ئىمپورتى ئۈچۈن تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئوچۇق تۇرۇشىغا موھتاج. ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى قاتتىق ئىنكاسلىرىدىن دەرھال كېيىنلا سىنگاپور پىرېزىدېنتى ۋە باش مىنىستىرىنىڭ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى، ئاسىيادا خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىق بېسىمىغا قارشى بىر «تەبىئىي قارشىلىق سېپى»نىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ سەپ، NATO (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى)غا ئوخشاش رەسمىي بىر ئىتتىپاق بولمىسىمۇ، «ھالەتنىڭ كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزگەرتىلىشىگە قارشىمىز» دەيدىغانلار شەكىللەندۈرگەن پىرىنسىپلار بىرلەشمىسىدۇر. سىنگاپور ياپونىيەنىڭ ئاچقان يولىدا ئىلگىرىلەپ، مەسىلىنى پەقەت بىر «بىخەتەرلىك» مەسىلىسى بولۇشتىن چىقىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە رايونلۇق مۇقىملىقنىڭ «ھايات-مامات» مەسىلىسى سۈپىتىدە پوزىتسىيە تۇتماقتا

. سۈكۈتنىڭ ئاخىرى ۋە ئاسىيانىڭ يېڭى ھەقىقىتى

 لاۋرېنس ۋوڭنىڭ بايانلىرى ۋە ئاسىيا مىقياسىدىكى ئىنكاسلىرى، رايوندا يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى بىر توقماق قىلىپ ئىشلىتىپ قوشنىلىرىنى بوزەك قىلىش سىياسىتى (مۇشتۇمزورلۇق)، ئەمدى ئەكس تەسىر بېرىشكە باشلىدى. سىنگاپورغا ئوخشاش ئېھتىياتچان بىر ئاكتيورنىڭمۇ، دىپلوماتىك چەك-چېگرا ئىچىدە بولسىمۇ خىتاينى «خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىك» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشى، قورقۇنچ سېپىلىنىڭ ئۆرۈلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. قىسقىسى، ئاسىيادا ئەمدى پەقەت خىتاينىڭلا ئاۋازى ياڭرىمايدۇ. ياپونىيەنىڭ قەتئىيلىكى، تەيۋەننىڭ دېموكراتىك قارشىلىقى ۋە سىنگاپورنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەقلى، رايوندا يېگانە بىر كۈچنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى، كۆپ ئاۋازلىق ۋە قانۇنلۇقلۇقىنى خەلقئارا قانۇندىن ئالغان بىر «مۇشتۇمزورلۇقتىن توختا» سېپى شەكىللەندۈرمەكتە. بۇ، خىتاينى خوشنىلىرىنىڭ ھەربىي زامانىۋىلىشىشىدىنمۇ بەكرەك قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرىدىغان بىر دىپلوماتىك قورشاۋدۇر.

پايدىلانغان مەنبەلەر: South China Morning Post (SCMP). (25 Nov. 2025). Singapore PM hopes China, Japan find ways to resolve Taiwan Strait row. 2. Prime Minister’s Office Singapore (PMO). (25 Nov. 2025). PM Lawrence Wong at the Bloomberg New Economy Forum Gala Dinner 2025. 3. Guancha (Observer Network). (25 Nov. 2025). 雁默:新加坡为何敢对中日争端指手画脚? 4. Business Today Taiwan. (23 Nov. 2025). 新加坡總理黃循財表態挺日本,暗示中國「放下歷史成見」…台海戰爭機率不高「除非1事發生」

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*