خىتاينىڭ يېڭى دەۋردىكى قورال-ياراغلارنى تىزگىنلەش ھەققىدىكى «ئاق تاشلىق كىتاب»ىنىڭ شىفىرلىرى

2025-يىلى 5-دېكابىر

خىتاينىڭ يېڭى دەۋردىكى قورال-ياراغلارنى تىزگىنلەش ھەققىدىكى «ئاق تاشلىق كىتاب»ىنىڭ شىفىرلىرى

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار

ئېلان قىلىنغان پەيتتىن باشلاپ خەلقئارا سىياسىي ساھەدىكىلەر تەرىپىدىن ئەستايىدىل كۆزىتىلىۋاتقان «يېڭى دەۋردىكى خىتاينىڭ قورال-ياراغنى تىزگىنلەش، قورالسىزلىنىش ۋە كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەقەتلا بىر سىياسەت ھۆججىتى بولۇشتىن ھالقىپ، 21-ئەسىر يەرشارى تەرتىپىگە ئائىت كەڭ دائىرىلىك بىر تەسەۋۋۇر ۋە ئىستراتېگىيەلىك نىيەت باياناتىدۇر. بۇ تېكىست، بېيجىڭنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ، يەرشارىۋى بايانلارنى شەكىللەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ۋە ئۆزىنى خەلقئارا سىستېمىنىڭ مەركىزىدە مەسئۇلىيەتچان بىر ئاكتىيور سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارزۇسىنىڭ ئەڭ كونكرېت ئىپادىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ ھۆججەت ماھىيەتتە، خىتاينىڭ ھەم ئىچكى جامائەت پىكىرىگە قارىتىلغان ئۆزىگە ئىشىنىش سىگنالى، ھەم تاشقى دۇنياغا قارىتىلغان نازۇك بىر خەلق دىپلوماتىيەسى قورالى سۈپىتىدە قوش يۆنىلىشلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ تېكىستنى پەقەت سۆزلەرنىڭ يۈزەكى مەنىسى بىلەنلا ئوقۇش، بېيجىڭنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى كۆزدىن قاچۇرۇپ قويغانلىق بولىدۇ.

بۇ ئىلمىي باھالاشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، ئاق تاشلىق كىتابنىڭ قۇرلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئىستراتېگىيەلىك كودلارنى يېشىش، ھۆججەتنىڭ رىتورىك (سۆز سەنئىتى) قۇرۇلمىسى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك رامكىسىنى ئانالىز قىلىش ھەمدە خىتاينىڭ بۇ تېكىست ئارقىلىق يەرشارى خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن قانداق ئېنىقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. ئانالىزىمىز ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنى، خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە قانداق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، دۇنياغا يەتكۈزمەكچى بولغان ئاساسلىق ئۇچۇرلارنى ۋە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئارقىسىدا ياتقان، كۆپىنچە ھاللاردا تىلغا ئېلىنمايدىغان يېتەرسىزلىكلەر ۋە ئېنىق زىددىيەتلەرنى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمىنىڭ ئانالىز قوراللىرى بىلەن چوڭقۇر تەكشۈرىدۇ. بۇ رامكىدا ئاق تاشلىق كىتاب، خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان ۋە غەرب، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى مەركەز قىلغان ھازىرقى خەلقئارا تەرتىپكە نورماتىپ بىر تاللاش (ئالتېرناتىۋ ) سۇنىدىغان خىتابنامە سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

1. كىتابنىڭ كەڭ دائىرىلىك مەزمۇن ئانالىزى: بىر مەسئۇلىيەت ۋە قانۇنلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئاساس بەرپا قىلىنىشى

ئاق تاشلىق كىتاب، خىتاينىڭ يەرشارى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى سىستېمىلىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزۈلگەن. ھۆججەتنىڭ ھەر بىر بۆلۈمى، بىر تەرەپتىن بېيجىڭنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن رەقىبلىرىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەنقىدلەيدىغان ۋە خىتاينىڭ رەھبەرلىك رولىنى كۈچەيتىدىغان بىر دەلىل-ئىسپاتلار توپلىمىدىن ئىبارەت.

ئا. يەرشارى خەۋپسىزلىك مۇھىتىنىڭ تەسۋىرى: ھۆكۈمرانلىق ۋە مۇقىمسىزلىقنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە «باشقا ئامىللار»: ھۆججەتنىڭ كىرىش قىسمى يەرشارى خەۋپسىزلىك مۇھىتىنى قەستەن ھالدا ئۈمىدسىز بىر تۈستە تەسۋىرلەيدۇ. «ھۆكۈمرانلىق»، «كۈچ سىياسىتى»، «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى» ۋە «بىر تەرەپلىمىلىك»كە ئوخشاش ئۇقۇملار گەرچە بىۋاسىتە ئىسىم تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئوقۇرمەننىڭ كاللىسىدا بىردىنبىر ئادرېسنى — ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ رىتورىك رامكا ئىستراتېگىيەلىك بىر مەقسەتكە خىزمەت قىلىدۇ: يەرشارىۋى مۇقىمسىزلىقنىڭ، قوراللىنىش مۇسابىقىسىنىڭ ۋە رايونلۇق توقۇنۇشلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى سۈپىتىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنى كودلاش. خىتاي، بۇ باياندا ئۆزىنى نۆۋەتتىكى كىرىزىسلارنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مەركەز قىلغان كۆپ تەرەپلىمىلىك تەرتىپنىڭ، خەلقئارا قانۇننىڭ ۋە يەرشارىۋى مۇقىملىقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق يەنە، ھۆججەتنىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە  بايان قىلىنغان خىتاينىڭ ئۆز ھەربىي زامانىۋىلىشىشىنى ۋە تاشقى سىياسەت قەدەملىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشى ئۈچۈن  ئەخلاقىي ۋە سىياسىي دەستەك ھازىرلايدۇ.

ب. خىتاينىڭ سىياسىي مەيدانى: «تىنچ قەد كۆتۈرۈش» نەزەرىيەسىنىڭ دىپلوماتىك تىلى: ئىككىنچى بۆلۈم، خىتاينىڭ ئۆزىنى قانداق قارايدىغانلىقى ۋە دۇنيا تەرىپىدىن قانداق كۆرۈلۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان غايىۋى بىر سۈرەتنى سۇنىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان «يەرشارى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى» ۋە «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» تەسەۋۋۇرى، خىتاي سىياسەتلىرىنىڭ ئەخلاقىي ۋە پەلسەپىۋى ئامىلنى چىقىش  قىلىدۇ، دېگەن دەۋا بىلەن سۇنۇلىدۇ. ھۆججەت، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىملىرىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) گە نىسبەتەن «مۇۋاپىق ۋە ئۆلچەملىك» ئىكەنلىكىنى، يادرو قوراللىرىنى تۇنجى بولۇپ ئىشلەتمەسلىك (NFU) ۋەدىسىنىڭ تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى ۋە ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ «ئەسلا ھۆكۈمرانلىق ياكى كېڭەيمىچىلىك مەقسىتىنى كۆزلىمەيدىغانلىقىنى» قايتا-قايتا تەكىتلەيدۇ. بۇ بۆلۈم، بولۇپمۇ خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان قوشنىلىرىغا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا بىر كاپالەت بېرىش تىرىشچانلىقىدۇر. بىراق بۇ كاپالەت، كونكرېت سانلىق مەلۇماتلار ۋە دەلىللىگىلى بولىدىغان ۋەدىلەرنىڭ ئورنىغا، ئومۇمىي ۋە ئابستراكت  ئىچى بوش شۇئارلار بىلەن سۇنۇلماقتا.

ج. ئەنئەنىۋى قوراللارنى تىزگىنلەش: مەجبۇرىيەتلەرگە سادىق بولۇش ۋە قوش ئۆلچەملەرنى ئاشكارىلاش: بۇ بۆلۈمدە خىتاي، يادرو، بىيولوگىيەلىك، خىمىيەلىك ۋە ئادەتتىكى قوراللار قاتارلىق ساھەلەردە خەلقئارا كېلىشىملەرگە ۋە قائىدىلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىدىغان «مەسئۇلىيەتچان تەرەپ» ئوبرازىنى سىزىپ بېرىدۇ. يادرو ساھەسىدە، ئەڭ چوڭ ئامبارلارغا ئىگە بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رۇسىيەنىڭ چوڭقۇر قىسقارتىش ئېلىپ بېرىش جەھەتتىكى «ئالاھىدە ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى مەسئۇلىيىتى»نى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ يادرو زامانىۋىلىشىشىنى بۇ كۈچلەرنىڭ قىسقارتىشتا ھەرىكەتسىزلىكىگە قارىتا بىر ئىنكاس سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ. خىمىيەلىك قوراللار مەسىلىسىدە، ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان خىمىيەلىك قوراللارنى يوقىتىشتىكى ئاستىلىقىغا قارىتىلغان قاتتىق تەكىتلەش، تارىخىي زىيانكەشلىكلەرنى كۈندىلىك دىپلوماتىك كوزىر سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر مىسالىدۇر. ئوخشاشلا، خىتاينىڭ «قورال-ياراغ سودىسى كېلىشىمى»گە قاتنىشىشى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ كېلىشىمنى تەستىقلىمىغانلىقىنى  ئارقىلىق ۋاشىنگتوننىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىگە ئىشارەت قىلىدىغان يوشۇرۇن بىر تەنقىد خاراكتېرىگە ئىگە. بۇ بۆلۈم، خىتاينىڭ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما سىستېمىدىكى باشقا چوڭ كۈچلەرنىڭ قوش ئۆلچەم قوللىنىش ئارقىلىق سىستېمىنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ.

د. يېڭى گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش: قائىدە تۈزگۈچى سۈپىتىدە سەھنىگە چىقىش: ھۆججەتنىڭ تەسەۋۋۇر جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن ئۆزىگە ئىشەنگەن بۆلۈمى   دەل مۇشۇ يەردۇر. ئالەم بوشلۇقى، تور بىخەتەرلىكى ۋە سۈنئىي ئەقىلگە ئوخشاش تېخى خەلقئارا ئۆلچەملەر تولۇق بېكىتىلمىگەن ساھەلەردە خىتاي، ئۆزىنى پاسسىپ بىر قاتناشقۇچى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئاكتىپ بىر «قائىدە تۈزگۈچى» ۋە «كۈنتەرتىپ بەلگىلىگۈچى» سۈپىتىدە كۆرسەتمەكتە. ئالەم بوشلۇقىنىڭ قوراللىنىشىغا قارشى چىقىش بىلەن بىرگە، رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە سۇنغان كېلىشىم لايىھەسىنى ئەسكەرتىشى، بۇ ساھەدىكى دىپلوماتىك رەھبەرلىك دەۋاسىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. تور بىخەتەرلىكىدە «تور ئىگىلىك ھوقۇقى» پىرىنسىپىنى ياقىلىشى، ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆز رەقەملىك بوشلۇقىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ «بۈيۈك بىخەتەرلىك سېپىلى»گە ئوخشاش ئىچكى كونترول مېخانىزمىنى خەلقئارا قانۇن نەزىرىدە قانۇنلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىدۇر. سۈنئىي ئەقىلنىڭ ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىشىدە «ئىنسان كونتروللۇقى» ۋە «ئەخلاقىي پىرىنسىپلار» تەكىتلىمىسى، خىتاينىڭ بۇ ئىنقىلابىي تېخنىكىنىڭ كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرۈش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ، بېيجىڭنىڭ 21-ئەسىرنىڭ تېخنىكىلىق ۋە ھەربىي رىقابىتىدە قائىدىلەرنى  تۈزىدىغان تەرەپ بولۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئوچۇق بىر باياناتىدۇر.

ئى. كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېخنىكىنىڭ تىنچ مەقسەتتە ئىشلىتىلىشى: يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى قوغداش: ئاخىرقى بۆلۈم، خىتاينىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ، يەنى «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ قەھرىمانى سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھۆججەت، كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ تۈزۈملەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن بىر «تېخنىكا قامىلى» قورالىغا ئايلاندۇرۇلۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى، يەنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق تېخنىكىلىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھوقۇقىنى توسۇش ئۈچۈن بىر باھانە سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىگە قاتتىق قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. AUKUS  يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى كېلىشىمى، يادرو تېخنىكىسىنىڭ تاللاش خاراكتېرلىك ھالدا ئىتتىپاقداشلارغا يۆتكىلىشىنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە، غەربنىڭ قوش ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ روشەن ئىسپاتى سۈپىتىدە سۇنۇلماقتا. بۇ دەلىل،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان ئادىل بىر كۈچ سۈپىتىدە خىتاينى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

2. ئاق تاشلىق كىتابنىڭ خىتايغا تەمىنلىگەن ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرى

بۇ ئاق تاشلىق كىتاب، خىتاينىڭ چوڭ ئىستراتېگىيەسىنىڭ نىشانلىرىغا يېتىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان، دىققەت بىلەن لايىھەلەنگەن دىپلوماتىك قورالدۇر. ھۆججەت  ئارقىلىق قولغا كەلگەن مەنپەئەتلەر، نورمال بىر ئوبراز باشقۇرۇشتىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەن.

ئا. نورماتىپ كۈچنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى ۋە يەرشارىۋى باياننىڭ قايتا يېزىلىشى: خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە كۈچ، پەقەت ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئىقتىداردىنلا ئىبارەت ئەمەس. قىممەت قاراشلار، قائىدىلەر ۋە پىرىنسىپلارنى بەلگىلەش ۋە قوبۇل قىلدۇرۇش ئىقتىدارى بولغان «نورماتىپ كۈچ» ئۇزۇن مۇددەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر يارىتىدۇ. بۇ ئاق تاشلىق كىتاب، خىتاينىڭ دەل مۇشۇ كۈچنى بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمىدۇر. بېيجىڭ، «تەڭ پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق»، «تور ئىگىلىك ھوقۇقى»، «ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىك»كە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئۇقۇم رامكىسىنى خەلقئارا باياناتلارغا سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، لىبېرال-دېموكراتىك قىممەت قاراشلارغا ئاساسلانغان غەربنى مەركەز قىلغان دۇنيا قارىشىغا قارشى سىستېمىلىق بىر تاللام سۇنماقتا. بۇ، خىتاينىڭ يەرشارىۋى رەھبەرلىك دەۋاسىنى ھەربىي ياكى ئىقتىسادىي زورلاشقا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ كەڭ قورساق ۋە تېخىمۇ مۇقىم بىر يەرشارى ۋەدىسىگە تايىنىپ قانۇنلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدۇر.

ب. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتىم قالدۇرۇلۇشى ۋە ئىناۋەتسىزلەشتۈرۈلۈشى: ھۆججەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىدىن بىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى خەلقئارا سىستېمىدا «مەسىلە تۇغدۇرغۇچى ئاكتىيور» دەپ كودلاشتۇر. كېلىشىملەردىن بىر تەرەپلىمىلىك چېكىنىدىغان، ئىتتىپاقداشلىرىغا بېسىم قىلىدىغان، ھەربىي چىقىملىرى بىلەن يەرشارىۋى مۇقىملىقنى بۇزىدىغان ۋە قوش ئۆلچەم قوللىنىدىغان بىر ئامېرىكا سۈرىتى سىزىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكى ۋە رەھبەرلىك قانۇنلۇقى ھۇجۇم نىشانى قىلىنماقتا. بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاينى قورشاش ياكى كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرماقچى بولغان خەلقئارا ئىتتىپاقداشلىقلارنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىشتۇر. ئەگەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى  يەرشارىۋى مۇقىمسىزلىقنىڭ مەنبەسى دەپ قارالسا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە خىتايغا قارشى بىرلىشىشى تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ ئۆز ھەربىي ۋە سىياسىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ھەرىكەت بوشلۇقى يارىتىش تىرىشچانلىقىدۇر.

ج. «يەرشارىنىڭ جەنۇبى» بىلەن ھەمكارلىق ۋە يېڭى بىر بىرلەشمىنىڭ قۇرۇلۇشى: ئاق تاشلىق كىتاب، غەربتىن باشقا دۇنياغا، بولۇپمۇ ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىتىلغان كۈچلۈك بىر سىگنالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامى ئاستىدا يۈرگۈزۈلگەن تېخنىكا چەكلىمىلىرىگە ۋە ئىقتىسادىي ئېمبارگولارغا قارشى تۇرۇش، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ئارزۇلىرىغا بىۋاسىتە خىتاب قىلىدۇ. خىتاي، ئۆزىنى بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكىچىلىكتىن كېيىنكى مەزگىلدە ئۇچرىغان ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى تۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ خەلقئارا سىستېمىدىكى ئاۋازىنى ياڭرىتىدىغان بىر شېرىك سۈپىتىدە كۆرسەتمەكتە. بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئوخشاش ئىقتىسادىي تۈرلەرنى تولۇقلايدىغان، خىتاي رەھبەرلىكىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تاللاش (ئالتېرناتىۋ ) بولىدىغان سىياسىي ۋە دىپلوماتىك بىر گۇرۇھنىڭ ئۇلىنى سېلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

د. كەڭ كۆلەملىك ھەربىي زامانىۋىلىشىش جەريانىغا قانۇنلۇق قالقان تەمىنلەش: خىتاي، تارىختىكى ئەڭ تېز ۋە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي زامانىۋىلىشىش پىروگراممىلىرىدىن بىرىنى يۈرگۈزمەكتە. بۇ ئەھۋال، تەبىئىي ھالدا خەلقئارا سەھنىدە ئەندىشە ۋە قارشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا سەۋەب بولماقتا. ئاق تاشلىق كىتاب، بۇ زامانىۋىلىشىشنىڭ «تاجاۋۇزچىلىق» نىيىتى يوقلۇقىغا، پۈتۈنلەي «مۇداپىئە» مەقسەتلىك ئىكەنلىكىگە ۋە خىتاينىڭ قانۇنلۇق خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن «مەجبۇرىي» ئىكەنلىكىگە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىشەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. «ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى توسۇش كۈچى» ۋە «تۇنجى بولۇپ ئىشلەتمەسلىك»كە ئوخشاش دوكترىنانىڭ توختىماي تەكرارلىنىشى، بۇ غايەت زور ھەربىي سېلىنمىنىڭ بىر تەھدىت ئەمەس، ئەكسىچە بىر مۇقىملىق ئامىلى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە قارشى كەڭ بىر ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ شەكىللىنىشىنى كېچىكتۈرۈشنى ياكى توسۇشنى نىشان قىلغان نازۇك بىر ئىستراتېگىيەدۇر.

3. خىتاينىڭ بۇ كىتاب ئارقىلىق دۇنياغا بەرگەن سىگناللىرى: بىر يېڭى تەرتىپ چاقىرىقى

ئاق تاشلىق كىتاب، ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلەردىكى ئوخشىمىغان ئاكتىيورلارغا قارىتىلغان، قاتلاملىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك سىگناللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سىگناللارنىڭ يىغىندىسى، خىتاينىڭ دۇنياغا سۇنغان يېڭى تەرتىپ تەسەۋۋۇرىنى خۇلاسىلەيدۇ.

«بىز، تارىختىكى ئادەتتىكى گۈللىنىۋاتقان كۈچلەرگە ئوخشىمايمىز»: بۇ، خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسلىق قانۇنلۇق بولۇش دەۋاسىدۇر. تارىختىكى گۈللىنىۋاتقان كۈچلەرنىڭ ئادەتتە مەۋجۇت تەرتىپنى ئۇرۇش ئارقىلىق ئۆزگەرتىدىغانلىقى ۋە ھۆكۈمرانلىق قۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشقا قارشى، خىتاي ئۆزىنى «تىنچ تەرەققىيات» يولىنى تاللىغان، مۇستەملىكىچىلىك ئۆتمۈشى بولمىغان ۋە «تەڭ پايدا ئېلىش» پىرىنسىپى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان ئالاھىدە بىر كۈچ سۈپىتىدە كۆرسەتمەكتە. بۇ ئۇچۇر، خەلقئارا سىستېمىغا بىر تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ ئادىل ۋە ھەمكارلىققا ئوچۇق بىر قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىشنى خالايدىغانلىقى دەۋاسىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

«مەۋجۇت يەرشارى خەۋپسىزلىك كىرىزىسىنىڭ مەنبەسى ۋاشىنگتوندۇر»: بۇ، بىۋاسىتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارىتىلغان، ئىنتايىن ئېنىق ۋە ئەيىبلەش خاراكتېرىدىكى ئۇچۇردۇر. خىتايغا نىسبەتەن، دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى — قوراللىنىش مۇسابىقىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچسىزلىك، رايونلۇق جىددىيچىلىكلەر — ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «مۇتلەق خەۋپسىزلىك» ئىزدىنىشىدىن ۋە بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەتلىرىدىن كېلىپ چىقماقتا. بۇ سىگنال، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى، مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا خىتاينى ئەمەس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك بولغان ئاساسلىق ئاكتىيور سۈپىتىدە كۆرۈشكە چاقىرىق قىلىدۇ.

«ئامېرىكا مەركەزلىك ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسى ئەمدىلىكتە كۈچىنى يوقاتتى؛ يېڭى بىر خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسى زۆرۈردۇر»: خىتاي، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىن قالغان، ھەربىي ئىتتىپاقلارغا تايانغان خەۋپسىزلىك قارىشىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلماقتا. بۇنىڭغا تاللاش (ئالتېرناتىۋ ) سۈپىتىدە، ھېچبىر دۆلەت سىرتتا قالدۇرۇلمىغان، ھەر بىر دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى نەزەرگە ئېلىنغان، دىيالوگ ۋە ھەمكارلىققا تايانغان «ئورتاق، كەڭ دائىرىلىك، ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان ۋە سىجىل خەۋپسىزلىك» ئەندىزىسىنى تەۋسىيە قىلماقتا. بۇ، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا قالغان ياكى ئۆزىنى بۇ سىستېما تەرىپىدىن تەھدىت ئاستىدا ھېس قىلغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن جەلپ قىلارلىق بىر تاللاشتۇر.

«تېخنىكىلىق تەرەققىيات ئۇنىۋېرسال بىر ھوقۇق بولۇپ، گېئوسىياسىي رىقابەتكە قۇربان قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ»: بۇ سىگنال، 21-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رىقابەت ساھەسى بولغان تېخنىكىغا مەركەزلەشكەن. خىتاي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆزىگە قارىتا يۈرگۈزگەن ئۆزەك (چىپ) چەكلىمىلىرى ۋە تېخنىكا ئېكسپورتى چەكلىمىلىرىنى، پەقەت ئىككى تەرەپلىك بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئەمەس، پۈتكۈل تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيانىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىغا قارىتىلغان بىر ھۇجۇم سۈپىتىدە رامكىغا ئالماقتا. بۇ ئارقىلىق، تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەش ۋە پاراۋانلىقنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇ سۈپىتىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى كۆرسەتمەكتە ۋە بۇ توسالغۇغا قارشى يەرشارىۋى بىر ھەمكارلىق چاقىرىقى قىلماقتا.

4. سۆز بىلەن ھەرىكەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر ھاڭ

ئاق تاشلىق كىتاب، خىتاينىڭ رەسمىي بايانىنى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بىر شەكىلدە سۇنۇشىغا قارىماي، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئانالىزىنىڭ ئەستايىدىل سۈزگۈچىدىن ئۆتكۈزۈلگەندە، ئېغىر يېتەرسىزلىكلەر، ئىستراتېگىيەلىك سەل قاراشلار ۋە ئېنىق زىددىيەتلەر بىلەن تولغانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇ كەمچىلىكلەر، ھۆججەتنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ۋە قايىل قىلىش كۈچىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرماقتا.

ئىستراتېگىيەلىك غۇۋالىق ۋە دەلىللەش كەمچىللىكى: ھۆججەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئاجىزلىقى، ئاشكارىلىق دەۋاسى بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر ھاڭدۇر. خىتاي، يادرو ئامبىرىنىڭ چوڭلۇقى، زامانىۋىلىشىش سۈرئىتى، ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ (ھىپېرسونىك) سانى ياكى يېڭى ئەۋلاد ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىقتىدارى قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەردە ھېچقانداق كونكرېت، دەلىللىگىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇمات سۇنمىغان. «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن كېرەكلىك ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە»گە ئوخشاش سۈپەت خاراكتېرلىك ئىپادىلەر، خىتاينىڭ ئاساسەن دېگۈدەك چەكسىز بىر ھەربىي توپلىنىش قىلىشىغا ئىمكانىيەت بېرىدىغان، ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن مۈجمەل ۋە مەنىسىز بىر ئېنىقلىمىدۇر. بەشبۇرجەكلىك بىنا (Pentagon) ۋە SIPRI غا ئوخشاش مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ خىتاينىڭ يادرو ئوق بېشى سانىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىغا ئائىت دوكلاتلىرى، ھۆججەتتىكى «ئۆلچەملىك» ۋە «مۇسابىقىگە كىرمەيدىغان» دېگەن سۆزلىرىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقارماقتا. بۇ غۇۋالىق، ئىشەنچسىزلىكنى ئازايتىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

مۇداپىئە خاراكتېرلىك رىتورىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىدىكى گېئوسىياسىي ھەرىكەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىق زىددىيەت: ئاق تاشلىق كىتاب، خىتاينىڭ تىنچ ۋە مۇداپىئە خاراكتېرلىك تەبىئىتىگە ئائىت چىڭ تۇرىدىغان بىر بايان سۇنسىمۇ، خىتاينىڭ يېقىنقى ئون يىلدىكى تاشقى سىياسەت ھەرىكەتلىرى بۇ بايان بىلەن پۈتۈنلەي زىتتۇر. جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ سۈنئىي ئاراللارنى ھەربىيلەشتۈرۈشى، تەيۋەن ئۈستىدىكى ھەربىي مانېۋىرلارنى ۋە ھاۋا بوشلۇقىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى مىسلىسىز بىر سەۋىيەگە چىقىرىشى، ھىندىستان بىلەن ھىمالايا تاغلىرىدا ئۆلۈمچىل چېگرا توقۇنۇشلىرى يۈز بېرىشى ۋە ياپونىيە بىلەن بولغان سېنكاكۇ / دياۋيۈ ئاراللىرى ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى دەۋاسىنى ئۈزلۈكسىز كۈنتەرتىپتە تۇتۇشى، «تىنچ قەد كۆتۈرۈش» سۆزىنىڭ نەق مەيداندىكى رېئاللىق بىلەن نەقەدەر ماسلاشمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ھۆججەت، بۇ كونكرېت ۋە كۆيدۈرگۈچى گېئوسىياسىي مەسىلىلەرنىڭ ھېچبىرىگە چېقىلماي، بىئارام قىلىدىغان ھەقىقەتلەرنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

رايونلۇق خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرىنىڭ ۋە خىتاينىڭ رولىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا نەزەردىن ساقىت قىلىنىشى: ھۆججەت، ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى جىددىيچىلىكنىڭ بىردىنبىر جاۋابكارى سۈپىتىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ۋە «بۆلەك سىياسىتى»نى كۆرسەتمەكتە. بۇ، ئىنتايىن ئاددىيلاشتۇرۇلغان ۋە ئۆزىنى ئاقلايدىغان بىر خىل ئۇسۇلدۇر. ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى رېكورت سەۋىيەدە ئاشۇرۇشى، فىلىپپىننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا يېڭى بازىلار ئېچىپ بېرىشى، جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياپونىيە بىلەن ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ AUKUS كېلىشىمىگە قاتنىشىشى، پەقەتلا ۋاشىنگتوندىن كەلگەن بىر يوليورۇقنىڭ نەتىجىسى ئەمەس. بۇ قەدەملەر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ ۋە تاجاۋۇزچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ پەيدا قىلغان چوڭقۇر خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرىگە بەرگەن بىۋاسىتە جاۋابلىرىدۇر. خىتاينىڭ ئۆز ھەرىكەتلىرىنىڭ قوشنىلىرىدا پەيدا قىلغان «خەۋپسىزلىك دىلەمماسى»نى پۈتۈنلەي كۆرمەسكە سېلىشى، ھۆججەتنىڭ ئانالىز جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى ۋە تەرەپبازلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

دوكتىرىنا جەھەتتىكى مۈجمەللىك: «تۇنجى بولۇپ ئىشلەتمەسلىك» سىياسىتىنىڭ چەكلىرى ۋە مۇستەسنا ئەھۋاللار: خىتاينىڭ يادرو ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۇل تېشى سۈپىتىدە سۇنۇلغان «تۇنجى بولۇپ ئىشلەتمەسلىك» (NFU) ۋەدىسى، ھالقىلىق سېنارىيەلەر ئالدىدا ئېغىر ئېنىقسىزلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، خىتاينىڭ ئادەتتىكى قىسىملىرىنىڭ چوڭ بىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى، ھاكىمىيەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قېلىشى ياكى تەيۋەنگە قارىتىلغان بىر ئارىلىشىش جەريانىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھەربىي ئارىلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللاردا بۇ ۋەدىنىڭ كۈچىنى ساقلاپ قالىدىغان-قالمايدىغانلىقى نامەلۇمدۇر. خىتاي ھەربىي ۋە ئىلمىي ساھەلىرىدە بۇ سىياسەتنىڭ «مۇستەسنا»لىرى بولىدىغانلىقىغا ئائىت ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەر، رەسمىي سىياسەتنىڭ مۇتلەقلىقى ھەققىدە ئېغىر گۇمانلارنى تۇغدۇرماقتا. ئاق تاشلىق كىتاب، بۇ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئېنىقسىزلىقلارنى تۈگىتىشنىڭ ئورنىغا، ئىستراتېگىيەلىك بىر مۈجمەللىكنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىماقتا.

تور ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرىپى: ئاق تاشلىق كىتاب، «تور ئىگىلىك ھوقۇقى» پىرىنسىپىنى، دۆلەتنىڭ تاشقى تور ھۇجۇملىرىغا ۋە ئارىلىشىشلارغا قارشى قانۇنلۇق بىر مۇداپىئە ھوقۇقى سۈپىتىدە سۇنماقتا. بىراق بۇ پىرىنسىپنىڭ مېدالنىڭ يەنە بىر يۈزىگە، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك رەقەملىك كۆزىتىش، سېنزۇرا ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشىغا ھېچ چېقىلمىغان. تور بوشلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكى، پەقەت دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىلا ئەمەس، بەلكى شەخسلەرنىڭ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدۇر. ھۆججەتنىڭ بۇ تەرەپكە پۈتۈنلەي سەل قارىشى، خىتاينىڭ سۇنغان خەۋپسىزلىك تەسەۋۋۇرىنىڭ ماھىيەتتە دۆلەتنى مەركەز قىلغان، دىكتاتور ۋە شەخسىي ھوقۇقلارغا قارىتا ھېسسىياتسىز بىر خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆز ئالدىغا سەرپ بەرمەكتە.

خۇلاسە: ئىستراتېگىيەلىك بىر خىرىس ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى

نەتىجە ئېتىبارى بىلەن، خىتاينىڭ «يېڭى دەۋردىكى خىتاينىڭ قورال-ياراغنى تىزگىنلەش، قورالسىزلىنىش ۋە كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئاق تاشلىق كىتابى، بېيجىڭنىڭ يەرشارى تەرتىپىگە بولغان تەسەۋۋۇرىنى، ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى ۋە بايان بەرپا قىلىش جەھەتتىكى نازۇك ئىقتىدارىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇرۇلۇش نۇقتىسى خاراكتېرىدىكى بىر تېكىستتۇر. بۇ ھۆججەت، خىتاينىڭ ئەمدىلىكتە پەقەت ئىقتىسادىي بىر ماگناتلا ئەمەس، بەلكى يەرشارىۋى قائىدىلەرنى، ئورگانلارنى ۋە خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش دەۋاسىدا بولغان بىر گېئوسىياسىي ئاكتىيور ئىكەنلىكىنىڭ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئېلانىدۇر.

خەلقئارا جەمئىيەت، بۇ ھۆججەتنى بىر ياخشى نىيەت باياناتىدىن زىيادە، ئىستراتېگىيەلىك بىر خىرىس سۈپىتىدە ئوقۇشى كېرەك. خىتاينىڭ تىنچلىق، ھەمكارلىق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك سۆزى ئىجابىيدۇر، ئەمما بۇ سۆزنىڭ نەق مەيداندىكى ھەرىكەتلەر بىلەن قوللىنىشى كېرەك. ھەقىقىي بىر يەرشارىۋى رەھبەرلىك، پەقەت رەقىبلىرىنى تەنقىدلەش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئاشكارىلىق، ھېساب بېرەلەيدىغان بولۇش ۋە ئۆز ھەرىكەتلىرىنىڭ پەيدا قىلغان ئەندىشىلىرىنى تۈگىتىش جەھەتتە كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاش بىلەن مۇمكىندۇر.

بۇ رامكىدا دۇنيا، خىتاينىڭ سۇنغان تەسەۋۋۇرى بىلەن تەنقىدىي بىر دىيالوگ قۇرۇش، سۆز ۋە ھەرىكەت ئوتتۇرىسىدىكى بىردەكلىكنى تەلەپ قىلىش ۋە خەلقئارا قانۇنغا ھەمدە ئۇنىۋېرسال قىممەت قاراشلارغا ئاساسلانغان بىر تەرتىپنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بىلەن يۈز تۇرانە تۇرماقتا. ئاق تاشلىق كىتاب، بىر ئاخىرلىشىش ئەمەس، خىتاي بىلەن دۇنيانىڭ قالغان قىسمى ئوتتۇرىسىدا 21-ئەسىرنىڭ كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل بىر ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگنىڭ پەقەت باشلىنىشىدۇر. بۇ دىيالوگنىڭ نەتىجىسى، كەلگۈسى ئەۋلادلار ياشايدىغان دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ.

پايدىلانمىلار:

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى: «يېڭى دەۋردىكى خىتاينىڭ قورال-ياراغنى تىزگىنلەش، قورالسىزلىنىش ۋە كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» (ئاق تاشلىق كىتاب)، 2025-يىلى 27-نويابىر ئېلان قىلىنغان. تور ئۇلانمىسى:

http://www.scio.gov.cn/zfbps/zfbps_2279/202511/t20251127_940277_m.html

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*