ئىسلامئابادتىن بېيجىڭغىچە: خىتاينىڭ ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىدىكى ۋاسىتىچىلىكى ۋە يېڭى گېئوپولتىكىلىق شاھمات تاختىسى

2026-يىلى 14-ئاپرېل

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

21-ئەسىرنىڭ يېڭى گىئوپولىتىكىلىق كۈچ تەڭپۇڭلۇقى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ھەربىي كۈچنىڭ ئورنىنى بارغانسېرى ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك تەسىر كۈچىنىڭ ئىگىلەۋاتقانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي جىددىيلىكنىڭ يېقىندا كۈتۈلمىگەن ھالدا «ۋاقىتلىق توختاش» باسقۇچىغا كېلىشى بۇ يېڭى سىياسىي رېئاللىقنىڭ ئەڭ تىپىك نامايەندىسىدۇر. دەسلەپتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننى تەلتۆكۈس يوقىتىش بىلەن ئاشكارا تەھدىت سالغان بولسىمۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ چېكىدىن ئاشقان جىددىيلىك تۇيۇقسىز پەسەيدى [1]. بۇ ھالەت نۇرغۇنلىغان سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ سىرلىق پەردىسى ئارقىسىدا ئاددىي بىر توقۇنۇشنى توختىتىش ئەمەس، بەلكى يەرشارىۋى مىقياستىكى مۇرەككەپ مەنپەئەتلەر ئويۇنى يوشۇرۇنغان ئىدى. بۇ كىرىزىسنى پەسەيتىشتە ئەڭ ھەل قىلغۇچ، ئەمما ئارقا كۆرۈنۈشتە تۇرغان كۈچ خىتاي بولدى، ھەتتا پىرېزىدېنت ترامپمۇ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئىراننى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىشتىكى ھالقىلىق رولىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى [2],[3]. خىتاينىڭ بۇ كىرىزىسكە ئارىلىشىشىدىكى ئاساسلىق مەقسەت دۇنياۋى تىنچلىقنى سۆيگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادى يەرشارى ئېكسپورتىغا قاتتىق بېقىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرق كىرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دۇنياۋى ئىقتىسادىي چېكىنىش خىتاينىڭ سىياسىي مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كېلەتتى [4].

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى ئارىلىشىشنى ترامپ بىلەن بولىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ئالدىدىكى زور بىر دىپلوماتىك كوزىر سۈپىتىدە كۆردى [5]. خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ ئامېرىكاغا مۇشۇنداق بىر دىپلوماتىك ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق، يېقىنلىشىپ قالغان باشلىقلار سۆھبىتىدە تاموژنا بېجى ۋە تېخنىكا ئېمبارگوسى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنى، ھەتتا تەيۋەن مەسىلىسىدە يول قويۇشنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى [5]. بۇ ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، خىتاي بىۋاسىتە ۋە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقماي، ئۆزىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى پاكىستاننى مۇستەھكەم سۇپا قىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلدى. پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىنى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت مەركىزى قىلىپ تاللاش ئارقىلىق، خىتاي ئۆزىنى رەسمىي كېپىللىك جاۋابكارلىقىدىن قاچۇرۇپ، سەھنە ئارقىسىدىن ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى [6]. نەتىجىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت ئىچىدىكى پۇل پاخاللىقى ۋە يېقىلغۇ باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى قاتارلىق سىياسىي بېسىملار ئاستىدا، بۇ دىپلوماتىك «تۇزاق»قا كىرىشكە مەجبۇر بولۇپ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىنىڭ ھەربىي كۈچ ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان يېڭى بىر ھۆكۈمرانلىق دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھېساباتى

بۇ يېڭى دىپلوماتىك ئويۇننىڭ يادروسى خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئېنېرگىيە زەنجىرىگە، بولۇپمۇ يەرشارى نېفىت تەمىناتىنىڭ بەشتىن بىر قىسمى توشۇلىدىغان ھورمۇز بوغۇزىغا بولغان يۈكسەك بېقىنىشچانلىقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ [4].گەرچە ئىران نېفىتى خىتاينىڭ ئومۇمىي ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ پەقەتلا 6.6 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولسىمۇ[4]، ئۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان يەرشارى ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى ئومۇمىي ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان خىتاي ئېكسپورت ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئەجەللىك خەۋپ ئېلىپ كېلەتتى [4],[7]. ئەمەلىيەتتىمۇ كىرىزىس پەيدا قىلغان ۋەھىمە سەۋەبىدىن، خىتاي ئىچىدىكى بېنزىن باھاسى پەقەتلا مارت ئېيىنىڭ ئۆزىدە 11 پىرسەنت ئۆرلىگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت ئالتە ھەپتە ئىچىدە يېقىلغۇ باھاسىنى ئىككى قېتىم تەڭشەشكە مەجبۇر بولدى ۋە بۇ پۈتكۈل دۆلەت ئىچىدىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى غايەت زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتتى [4]. خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي ئېشىشى مانا مۇشۇ تەمىنات زەنجىرىگە تايىنىدىغان بولغاچقا، بېيجىڭ ئۈچۈن ئىران كىرىزىسىنى تەخىرسىز تۈردە ھەل قىلىش ۋە سىرتقى دىپلوماتىيەنى ئىچكى مەنپەئەتكە بويسۇندۇرۇش بىردىنبىر تاللاش بولۇپ قالدى [3].

شۇ ۋەجىدىن، خىتاي «ئالتۇن نۇقتا» (Goldilocks window) دەپ ئاتالغان ئىنتايىن ئېھتىياتچان تاكتىكىنى قوللىنىپ، بىر تەرەپتىن خەلقئارا تىنچلىقنىڭ ۋاستىچىسى سۈپىتىدە نام چىقىرىشقا، يەنە بىر تەرەپتىن كىرىزىسنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھېچقانداق رەۋىشتە ئۆز ئۈستىگە ئالماسلىققا تىرىشتى [5]. گەرچە ئىران تەرەپ بىۋاسىتە تەلەپ قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رەسمىي «كېپىللىك قىلغۇچى» دۆلەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە ھەربىي توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق كېلىشىمدىن قەتئىي ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بۇ مەسئۇلىيەتنى ئاشكارا ئۈستىگە ئېلىشتىن باش تارتتى [5],[7]. بۇ خەتەردىن قېچىش پىرىنسىپى ئاساسىدا، خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ھورمۇز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشنى نىشان قىلغان لايىھەگىمۇ قارشى بېلەت تاشلىدى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «تىياتىر دىپلوماتىيە»سىنى نامايان قىلدى [5]. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خەلقئارادىكى تەڭداشلىرى بىلەن 26 قېتىم تېلېفونلىشىپ، خىتاينى كۆرۈنۈشتە ئاكتىپ مۇرەسسەچى قىلىپ كۆرسىتىش بىلەن بىللە، دىپلوماتىيەنى تىجارەت بىلەن مۇكەممەل بىرلەشتۈرگەن يۈكسەك تاكتىكا ئارقىلىق باشقىلارنى ئالدىنقى سەپكە ئىتتىرىپ قويدى [4],[6].

ئامېرىكانىڭ ئاجىزلىقى ۋە مۇرەسسە قەدەملىرى

خىتاينىڭ بۇ دىپلوماتىك مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت ئۆزىنىڭ سەھنە ئارقىسىدىكى ماھارىتىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئاجىزلىقلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشىنىڭ تىپىك نەتىجىسىدۇر. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق ھەربىي ئەۋزەللىكى دۆلەت ئىچىدىكى ماكرولۇق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ شىددەت بىلەن يامانلىشىشى ئالدىدا ئۆز قىممىتىنى تېز سۈرئەتتە يوقىتىپ، ئامېرىكانى ئىمكانىيەتسىز دەپ قارالغان مۇرەسسە قەدەملىرىنى تاشلاشقا مەجبۇر قىلدى. رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نېفىت تەمىناتىدىكى ئۈزۈلۈش سەۋەبىدىن ئامېرىكادا پەقەت مارت ئېيىدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى 0.9 پىرسەنت ئۆرلىگەن، يىللىق ئوتتۇرىچە پۇل پاخاللىقى نىسبىتى بولسا ترامپ ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەك بولغان 3.3 پىرسەنتكە يەتكەن ئىدى [1].بىر ئاي ئىچىدىلا بېنزىن باھاسىنىڭ يېڭى رېكورت يارىتىپ 21.2 پىرسەنت ئۆرلىشى ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا غايەت زور يۈك بولۇپ، مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى 1952-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى [1].يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان نويابىر ئېيىدىكى دۆلەت مەجلىسى سايلىمىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، پۇل پاخاللىقى سايلىغۇچىلارنىڭ ئەڭ سەزگۈر ئىقتىسادىي تومۇرىغا ئايلىنىپ، ئۇرۇشنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە خەلقنىڭ قارشىلىقىنى پەسەيتىش ئاقساراي ئۈچۈن بىردىنبىر سىياسىي چىقىش يولى بولۇپ قالدى [1].

ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكانىڭ بۇنداق ئىقتىسادىي ئاجىزلىقى ۋە چېكىنىشى خىتاي ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس بولۇپ، ئىلگىرى سىياسىي ساھەدە «بۇسان توڭلىتىشى» (Busan Freeze) دەپ ئاتالغان ۋەقە ئامېرىكانىڭ خىتاي ئالدىدا قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئالدىن ئاشكارىلاپ قويغان ئىدى [8].ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە بۇساندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئامېرىكانىڭ قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ تۇيۇقسىز مۇزلىتىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان سىيرەك ئېلېمېنتلار ئېمبارگوسى ئىدى [8]. خىتاي يۇقىرى تېخنىكا ۋە ھەربىي سانائەتتە كەم بولسا بولمايدىغان بۇ مىنېراللارنىڭ ئېكسپورتىنى توختىتىپ قويغاندا، ئامېرىكانىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە كۈرەشچى ئايروپىلان قاتارلىق مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئېغىر خەۋپكە دۇچ كېلىپ سىلكىنىپ كەتكەن ئىدى [8].بۇ خەتەر ئالدىدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىكوت بېسسېنت (Scott Bessent) غا ئوخشاش ئەمەلدارلار دەرھال تاموژنا سىياسىتىدىن چېكىنىشكە دەۋەت قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى خىتايغا قارشى قاتتىق قول مەسلىھەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا، ھەمدە تەكشۈرۈش تۈرلىرىنىڭ پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى [8]. مۇشۇنداق بىر قاتار ئېغىر ئىقتىسادىي چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىران مەسىلىسىدىمۇ خۇددى خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىدىكىگە ئوخشاشلا تېز سۈرئەتتە مۇرەسسەگە يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولدى [8].

پاكىستاننىڭ ۋاسىتىچىلىك رولى ۋە سۆھبەت خىرىسلىرى

ئامېرىكانىڭ بۇنداق ئاجىز ۋە جىددىيلىشىش ھالىتى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، بېيجىڭ كىرىزىسنى دىپلوماتىك ئارقا سەھنىدىن تېخىمۇ بىخەتەر كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى پاكىستاننى رەسمىي سۆھبەت مۇھىتى يارىتىشقا ئورۇنلاشتۇردى [2],[9]. ئىران بىلەن تارىخىي ۋە جۇغراپىيەلىك قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئاباد، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا يۇقىرى دەرىجىلىك «سېرېنا» (Serena) مېھمانخانىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان گېئوپولىتىكىلىق مەركەزگە ئايلاندى، ھەمدە دۆلەت بويىچە ئىككى كۈنلۈك ئارام كۈنى ئېلان قىلىنىپ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۆرۈلدى [9]. سۆھبەتكە ئامېرىكا تەرەپتىن مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ج.د ۋېنس (J.D. Vance) ۋە پىرېزىدېنتنىڭ كۈيئوغلى جارېد كۇشنېر يېتەكچىلىكىدىكى ئۆمەك قاتناشسا، ئىران تەرەپتىن دۆلەت مەجلىسى رەئىسى مۇھەممەد باقىر قالىباف يېتەكچىلىكىدىكى ۋەكىللەر كەلدى [9]. دىققەتنى تارتىدىغان يېرى شۇكى، ئامېرىكا كېلىشىمگە قانچىلىك تەشنا ۋە جىددىي بولسا، ئىران تەرەپ ئامېرىكاغا قىلچە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ۋە مەقسىتىنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى ئەۋزەللىكىنى سىياسىي پايدىغا ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى شۇنچىلىك كۆرەڭلىك بىلەن ئىپادە قىلدى[1],[9]. ئىشەنچ كىرىزىسى تۈپەيلىدىن ئىران ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك خەلقئارالىق كېپىل تەلەپ قىلغاندا، گەرچە بېيجىڭ ئاشكارا جاۋابكارلىقتىن قاچقان بولسىمۇ، غەرب مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ پەردە ئارقىسىدا كېپىل بولۇپ، ئىران رەھبەرلىرىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىماسلىقىغا ئاستىرتتىن ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى [3].

بۇ غايەت زور ئىشەنچ كىرىزىسىدىن سىرت، مەيداندىكى رېئال ھەربىي ھەرىكەتلەرمۇ سۆھبەتكە ئەجەللىك خىرىس ۋە توسالغۇلارنى پەيدا قىلدى. سۆھبەت باشلىنىش ئالدىدا ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ قوراللىقلىرىغا قىلغان زەربىسى توختىمىغان بولۇپ، ئىران ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قىلىنغان ئاشكارا ۋە قوپال خىلاپلىق قىلىش دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى [1]. لىۋان مەسىلىسى سەۋەبىدىن سۆھبەت ئۈستىلى ئۆرۈلۈپ كېتىشكە ئاز قالغاندا، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ج.د ۋېنس بۇنى پەقەتلا بىر تەرەپلەر ئارا «ئۇقۇشماسلىق» دەپ يېنىكلىتىشكە ۋە ۋەزىيەتنى يۇمشىتىشقا ئۇرۇنۇپ، خۇددى يالۋۇرغاندەك ھالەتكە چۈشۈپ قالدى [1]. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىران ئۆز قولىدىكى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك كوزىر بولغان ھورمۇز بوغۇزىنى داۋاملىق تاقاپ، ئامېرىكاغا قاراتقان ئىقتىسادىي قىسقۇچىنى ئەسلا بوشاتمىدى [1]. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا بۇنداق ئاشكارا خىلاپلىق قىلىشلار ئالدىدىمۇ ئىلگىرىكىدەك ھەربىي تەھدىت سالالماي، ئاقساراي باياناتچىسى ئارقىلىق پاراخوتلارنىڭ ئۆتۈشىگە «ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى» باھانە قىلىپ مەسىلىنى يوشۇرۇشقا ۋە تىۋىتتېردا ھاقارەتلەش بىلەنلا كۇپايىلىنىشكە مەجبۇر بولدى [1].  بۇ ۋەزىيەت تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئەمەس، بەلكى خىتاي سەھنە ئارقىسىدىن قوللاۋاتقان ئىراننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى [10].

مۇھىم نۇقتا: سىياسىي تەسىر كۈچىنىڭ غالىبىيىتى

ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسى ۋە ئىسلامئاباد سۆھبىتىنىڭ قۇرۇلمىلىق جەريانىنى جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلغاندا، بۇ ۋەقە نوقۇل بىر ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى بولماستىن، بەلكى 21-ئەسىردىكى يەرشارىۋى گېئوپولىتىكىلىق كۈچ مۇۋازىنىتىنىڭ تەلتۆكۈس ئۆزگىرىشىنى جاكارلىغانلىق ھېسابلىنىدۇ. تارىختىن بۇيان ئامېرىكانىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك ھۆكۈمرانلىقى ئۈن-تۈنسىز قوبۇل قىلىنغان ھەربىي ئۈستۈنلۈككە ۋە دېڭىز ئارمىيەسىگە تايىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ كىرىزىستە يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللارنىڭ يەرشارىۋى ئىقتىسادىي كاناي نۇقتىلىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەر ئالدىدا ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرالمايدىغانلىقى ئېنىق كۆرۈلدى. ھورمۇز بوغۇزىنىڭ مەقسەتلىك تاقىلىشى يەرشارى كاپىتالىزمىنىڭ قان تومۇرىنى بوغۇپ، ئامېرىكانىڭ كۈندىلىك ئىستېمال بازىرى، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سايلام بېلىتىنى بىۋاسىتە گۆرۈگە ئالدى [1].بۇ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەربىي قۇدرىتىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى قوغداشتا ۋە ئىقتىسادىي زەربىلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ئاجىز كېلىدىغانلىقىدەك رەھىمسىز ئىجتىمائىي رېئاللىق پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلاندى.

دەل مۇشۇ قۇرۇلمىلىق ۋە تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا خىتاينىڭ يېڭىچە «يۇمشاق كۈچ» ئىستراتېگىيەسى مۇتلەق غالىب كەلدى. خىتاي زەربىدار ھەربىي كۈچ ياكى ئاۋىئ‍اماتكىلارنى ئىشلەتمەي، ئۆزىنىڭ سىيرەك مېتاللىرىغا ۋە غايەت زور ئىستېمال بازىرىغا بولغان دۇنيانىڭ بېقىنىشچانلىقىنى ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي قورالغا ئايلاندۇردى [8]. پاكىستانغا ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك دوست دۆلەتلەرنى سەھنىگە چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى بىۋاسىتە سۈركىلىشتىن قاچۇرغان خىتاي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سەۋەبلىك ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىزچىل سىياسەت يۈرگۈزەلمەيدىغان دېموكراتىك ئامېرىكانى ئامالسىز مۇرەسسەگە مەجبۇرلىدى. «ئۇرۇشماي تۇرۇپ غەلىبە قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ قەدىمكى شەرق ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق، خىتاي ئامېرىكانى ئۆزىگە قەرزدار قىلىپ قويۇپ، تەيۋەن قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەتلىرىدە ئامېرىكادىن ئورۇن بوشىتىشنى تەلەپ قىلىشقا كەڭتاشا يول ئاچتى [5]. ئومۇمەن يەكۈنلىگەندە، ئىسلامئابادتىن بېيجىڭغىچە سوزۇلغان بۇ يېڭى دىپلوماتىك قۇتۇپ پەقەتلا بىر قوراللىق توقۇنۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئەمەس، بەلكى دۇنيا سىياسىي ساھەسىدىكى مەركىزىي كۈچنىڭ غەربتىن شەرققە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنىڭ ۋە ھەربىي قوراللار ئەمەس، بەلكى سودا ۋە تەمىنات زەنجىرى باشقۇرىدىغان يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ روشەن نامايەندىسى بولۇپ قالدى.

مەنبەلەر:

1        Aaron Blake. «Grim new economic numbers highlight how Trump is losing leverage against Iran«,CNN,April 10,2026.

2        Didi Tang,Aamer Madhani,Farnoush Amiri. «Beijing calculates its next steps in Iran ceasefire ahead of Trump’s trip to China«,AP News,April 10,2026.

3        Bloomberg News. «Xi Helps Trump on Iran War as China Assists in Ceasefire Bid«,Bloomberg,April 9,2026.

4        Evelyn Cheng. «Behind China’s ›active efforts‹ for an Iran ceasefire: Business trumps politics«,CNBC,April 10,2026.

5        Lingling Wei. «China Gains Favor With Trump by Dipping Into Iran Diplomacy«,Wall Street Journal,April 9,2026.

6        Al Jazeera. «كيف اضطلعت الصين بدور حاسم في الهدنة بين طهران وواشنطن؟«,Al Jazeera,April 10,2026.

7        Amy Hawkins. «Who can claim victory if Iran ceasefire holds? An early winner is China«,The Guardian,April 9,2026.

8        Heather Somerville,Alexander Ward,Gavin Bade. «Trump Quietly Scraps His Own Playbook on China«,Wall Street Journal,April 9,2026.

9        Al Jazeera. «هكذا تنظر الصين إلى مفاوضات باكستان بشأن حرب إيران«,Al Jazeera,April 10,2026.

10      Arabella Bennett. «China emerges as unexpected player in Trump’s Iran diplomacy push«,FOX Business,April 10,2026.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*