ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
دۇنيانىڭ گېئوپولىتىكىلىق ۋەزىيىتىدە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ، خۇسۇسەن جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ رايوندىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا. مەزكۇر مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقات تور سۇپىسى «The Strategist» («ئىستراتېگىيەچى») دە 2026-يىلى 6-ئىيۇل كۈنى «China’s Pacific ballistic missile test – Views from ASPI analysts» («خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى: ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئانالىزچىلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى») ناملىق يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندا ئېلىپ بارغان سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ تۈپ ماھىيىتى، ئۇنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئەھمىيىتى، شۇنداقلا رايوندىكى بىخەتەرلىك تەڭپۇڭلۇقىغا ئېلىپ كېلىدىغان كۆپ قاتلاملىق ئاقىۋەتلىرىنى مەزكۇر ئىنستىتۇتتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىزلىرى ئارقىلىق سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
مەزكۇر تەتقىقات تېمىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى بىۋاسىتە ئارقا كۆرۈنۈش شۇكى، خىتاي 2026-يىلى 6-ئىيۇل كۈنى ئۆزىنىڭ بىر سۇ ئاستى پاراخوتىدىن تىنچ ئوكيان تەۋەلىكىگە قارىتىپ باللىستىك بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك نۇقتا شۇكى، مەزكۇر سىناق ئاۋسترالىيە بىلەن فىجى جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمى خاراكتېرىدىكى «تىنچلىق ئوكيان ئىتتىپاقى» (ياكى «ۋېيتاتسىنى توختامى») ئىمزالىنىپ ئاران بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان. فىجى جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈزۈلگەن بۇ تارىخىي كېلىشىم ئارقىلىق فىجى جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، يېڭى زېلاندىيە ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىن قالسا ئاۋسترالىيەنىڭ تۆتىنچى تولۇق ئىتتىپاقدىشىغا ئايلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇنداق بىر نازۇك پەيتتە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن يادرو قوراللىرى سىستېمىسىغا تەۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى پۈتكۈل ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا جىددىي ۋەزىيەت ياراتتى.
بۇ ماقالىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات قىممىتى خىتاينىڭ ھەربىي تېخنىكا جەھەتتىكى كۈچ كۆرسىتىشى بىلەن رايوندىكى سىياسىي كېڭەيمىچىلىكىنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تۈرلۈك نۇقتىئىنەزەرلەر بويىچە يېشىپ بېرىشىدە نامايان بولىدۇ. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئادەتتە ھەم ئىستراتېگىيەلىك سىگناللارنى ھەم ھەربىي تەييارلىق ۋە تېخنىكىلىق جەريانلارنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل يۈرگۈزىدۇ. بىز بۇ مۇھاكىمە ماقالىسىدە شۇ بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان يادرولۇق كۆز قاراشلارنى چۆرىدىگەن ھالدا خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى گېئوپولىتىكىلىق تەسىر دائىرىسى، يادرو كېڭەيمىچىلىكى ۋە ئۇنىڭ رايون ئىتتىپاقداشلىرىغا سالغان تەھدىت سىگناللىرىنى شەرھلەپ چىقىمىز.
سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك سىگناللار: بېسىم كۆرسىتىش ۋە بويسۇندۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئانالىزچىسى مالكولم داۋىس (Malcolm Davis) نىڭ كۆرسىتىشىچە ئاۋسترالىيە بىلەن فىجى جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي كېلىشىمگە قويۇلغان ئىمزانىڭ سىياھى تېخى قۇرۇپ كەتمەيلا، بېيجىڭ تەرەپ جەنۇبىي تىنچ ئوكيان تەۋەلىكىگە قارىتىپ سۇ ئاستى پاراخوتىدىن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش ئارقىلىق تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇرغان. يادرو ئۇرۇشى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بۇ قورالنىڭ قويۇپ بېرىلىشى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن فىجى جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىققا قايتۇرغان ئىنتايىن ئوچۇق ۋە كۈچلۈك رەت قىلىش سىگنالىدۇر. بۇ خىلدىكى يادرو سىناقلىرىنى تەييارلاش ئادەتتە ئايلارچە ۋاقىت تەلەپ قىلسىمۇ، سىناقنىڭ دەل مۇشۇ كۈندە ئېلىپ بېرىلىشى ئادەتتىكى تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى بېيجىڭنىڭ سىياسىي جەھەتتە مەقسەتلىك تاللىغان پەيتىدۇر.
يەنە بىر جەھەتتىن، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئىجراچى مۇدىرى جۇستىن باسسى (Justin Bassi) نىڭ باھالىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق سىنىقى ئۇنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە ۋە تېخىمۇ كەڭ بولغان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئېغىر ئىستراتېگىيەلىك سىگنال يوللىغان. خىتاي جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن تىنچ ئوكيان دۆلىتى بولمىسىمۇ، ئوچۇق ھەربىي ھەرىكەتلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەھدىتلىرى ئارقىلىق بۇ رايوندا ئۆز كۈچىنى تىكلەشكە تىرىشماقتا. جۇستىن باسسى بېيجىڭنىڭ دۇنياۋى تەسىرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلگىرى يوشۇرۇن ۋە ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلەش ئىستراتېگىيەسىنى قوللانغان بولسا، ئەمدىلىكتە تىنچ ئوكياندا ئىنتايىن ئوچۇق-ئاشكارا زورلۇق تۈسىنى ئالغان ھەربىي كۈچ كۆرسىتىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك بېسىم ئىشلىتىشكە يۈزلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. رايوندىكى دۆلەتلەر بېيجىڭنى ئۇنىڭ «تىنچلىق ۋە مۇقىملىق» ھەققىدىكى قۇرۇق شوئارلىرىغا ئەمەس، بەلكى كۈچ كۆرسىتىش ۋە زومىگەرلىك خاراكتېرىدىكى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىگە قاراپ باھالىشى لازىم.
سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان بۇ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەرنى ھەربىي بېسىم سىياسىتى بىلەن بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر. خىتاينىڭ ئىلگىرىكى ھەربىي مانېۋىرلىرى جۈملىدىن ئۆتكەن يىللاردا ئاۋسترالىيە ئەتراپىنى چۆرىدەپ، تاسمان دېڭىزىدا ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلماستىن ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مانېۋىرلىرى بېيجىڭنىڭ ئۆز ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچتىن پايدىلىنىشتىن يانمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ ئاخىرقى مەقسىتى جەنۇبىي تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنى بېيجىڭنىڭ تەسىرىگە بويسۇنىدىغان رايونغا ئايلاندۇرۇش بولۇپ، تىنچ ئوكياندا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىملىق سىناق بېيجىڭنىڭ مەزكۇر نىيىتىنىڭ ئەڭ رەھىمسىز ئىپادىسىدۇر.
بۇنداق ئەھۋالدا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى رىچارد گىرېي (Richard Gray) خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ھەرىكىتىنىڭ ھېچقانداق ھەربىي تەھدىت سېلىش ئىقتىدارى بولمىغان، يادرو قورالى يوق كىچىك دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ئوچۇق يادرو كۈچ كۆرسىتىشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. خىتاينىڭ سىناقنى «ئادەتتىكى، دائىملىق پائالىيەت» دەپ چۈشەندۈرۈشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ، رايوندىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ناھايىتى ئوچۇق يادرو تەھدىتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. رىچارد گرېينىڭ قارىشىچە مەزكۇر ۋەقە خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى خاتا مۆلچەرلىشىنىڭ يەنە بىر تىپىك مىسالى بولۇپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتە يالغۇز «مۇقىملىق يارىتىش» سىياسىتىگىلا ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ زادى قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا جىددىي سوئاللارنى تۇغدۇرىدۇ.
ھەربىي زامانىۋىلىشىش، تېخنىكىلىق پارامېتىرلار ۋە يادرو كېڭەيمىچىلىكى
نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تېز سۈرئەتتە زامانىۋىلاشتۇرۇشى رايوندىكى گېئوپولىتىكىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزماقتا. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى مايك خيۇز (Mike Hughes) نىڭ قارىشىچە، سىناقنىڭ فىجى كېلىشىمىگە بىۋاسىتە باغلانغان-باغلانمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، بېيجىڭنىڭ ھەربىي ۋە يادرو قوراللىرى سىستېمىسىنى تېزلىك بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇۋاتقانلىقى يادرولۇق مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ خەلقئارالىق سودا، تېخنىكا، ئىقتىساد، تور بوشلۇقى ۋە ئالەم بوشلۇقى قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە مۇتلەق زومىگەرلىك ئورنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئەمدى سىر ئەمەس. دەل مۇشۇ خىل سىستېمىلىق كېڭەيمىچىلىك ۋە ھەربىي زامانىۋىلىشىش جەريانى فىجى جۇمھۇرىيىتى ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى قاتارلىق كىچىك دۆلەتلەرنى ئاۋسترالىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا مەجبۇرلىماقتا.
تېخنىكىلىق جەھەتتىن قارىغاندا خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق سىنىقى ئالدىنقى سىناقلىرىدىن نىشان ئارىلىقى ۋە ئۇچۇش بۇلۇڭى جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىنۇس كوخېن (Linus Cohen) سۇۋا پورتىدا توختىتىلغان ھەمدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان «يۈەن ۋاڭ 5» (Yuan Wang 5) ناملىق سۈنئىي ھەمراھ كۆزىتىش ۋە تېلېمېتىرىيە پاراخوتىنىڭ رولىغا ئالاھىدە دىققەت تارتىدۇ. لىنۇس كوخېننىڭ بايان قىلىشىچە بۇ قېتىملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى يادرو ئۇرۇشى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئادەتتىكى سىناقلاردىن پەرقلەنگەن ھالدا تىك بۇلۇڭدا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ يانتۇ يەنى رېئال ئۇرۇش شارائىتىغا ئىنتايىن يېقىن كېلىدىغان نورمال بۇلۇڭدا ئۇزۇن ئارىلىققا قويۇپ بېرىلگەن. مەزكۇر ئەھۋال خىتاينىڭ قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ۋە سۇ ئاستى يادرو زەربە بېرىش ئىقتىدارىنىڭ تولۇق پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ھەمدە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى سۇ تەۋەلىكىنىڭ رېئال جەڭ مەيدانى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى ئامبىرىنى چەكلىمىسىز كېڭەيتىشى خەلقئارا تەرتىپكە ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى راجى راجاگوپالان (Raji Rajagopalan) نىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمەستىن يادرو قىسىملىرىنى ئالاھىدە كېڭەيتىشى خەلقئارادىكى «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك شەرتنامىسى» گە ۋە مۇناسىۋەتلىك تىنچلىق تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق كەلتۈرۈۋاتىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى لوپنۇر قاتارلىق قۇرۇقلۇقتىكى ئەنئەنىۋى سىناق مەيدانلىرىدىن ھالقىپ، ئوكيان تەۋەلىكىدە بۇنداق ئىستراتېگىيەلىك يادرو سىناقلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دۆلەتلەرنى يادرو قوراللىرى بەيگىسىگە ئىتتىرمەكتە، بۇ كىرىزىس خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن جىددىي نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك.
رايون خاراكتېرلىك تەسىرلەر، ئىنكاسلار ۋە يوشۇرۇن ئەكس تەسىرلەر
خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى بۇ يادرو ھەرىكىتى رايوندىكى ئوتتۇرا ۋە كىچىك دۆلەتلەر ئارىسىدا ئوخشىمىغان سىياسىي ئىنكاسلارنى پەيدا قىلماقتا. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئانالىزچىسى مادى جونس (Madi Jones) نىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ سىناق نىشانىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقىنى رايون دۆلەتلىرىنىڭ كېيىنكى ئىنكاسلىرى بەلگىلەيدۇ. خىتاينىڭ سىياسىي پىلانى تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىغا زەربە بېرىش، رايوندا بىرخىل سىياسىي پىتنە پەيدا قىلىپ، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىشنى رايوندىكى مۇقىملىققا تاقابىل تۇرغۇچى ئامىل قىلىپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، خىتاي يېقىندا ۋانۇئاتۇ بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرگە ئوچۇق قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، ئۇنى «رايون تىنچلىقىغا زىيان يەتكۈزدى» دەپ تەنقىدلىگەن. ئەمما رېئاللىق شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاينىڭ بۇ خىل ھەربىي كۈچ كۆرسىتىشى رايوندىكى دۆلەتلەرنى قورقۇتۇش ئورنىغا، ئۇلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك كوللېكتىپ بىخەتەرلىك مېخانىزمى ئىزدەشكە ئىتتىرىشى مۇمكىن.
مادى جونس يەنە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى ھازىر ھالقىلىق گېئوپولىتىكىلىق تاللاشلارغا دۇچ كەلمەكتە. سۇلايمان تاقىم ئاراللىرىنىڭ باش مىنىستىرى يېقىندا كوللېكتىپ بىخەتەرلىك بويىچە رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش چاقىرىقى ئېلان قىلغان بولسا، فىجى جۇمھۇرىيىتى ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى تارىخىي كېلىشىم ئىمزالاپ، باشقا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگىمۇ ئىشىكنى ئوچۇق قويغان. خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى سىنىقى رايوندىكى بۇ خىل ھەمكارلىق سۆھبەتلىرىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئىلگىرى فىجى ۋە پالاۋ قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ خىل قوپال ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. شۇڭلاشقا بۇ قېتىملىق سىناق بېيجىڭ كۈتكەن نەتىجىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولۇپ چىقىشى، يەنى تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ بېيجىڭدىن تېخىمۇ يىراقلىشىشىنى تېزلىتىشى مۇمكىن.
بۇ نۇقتىدا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى ئېرىك فرېكون (Eric Frecon) ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى سىناقلار ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ پايدىسىز ئەكس تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. «تىنچ ئوكيان ئاراللىرى مۇنبىرى رەھبەرلىرى يىغىنى» نىڭ ئېچىلىشىغا ئىككى ئايمۇ قالمىغان بىر پەيتتە رايوننىڭ ھەربىيلىشىشى تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى ئەڭ ئەنسىرەيدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك مەسىلىگە ئايلانغان. خىتاينىڭ قوپال ھەربىي قورال سىنىقى ئۇنىڭ رايوندىكى ئوبرازىغا، يەنى ئۆزىنى جەنۇبىي تىنچ ئوكيان خەلقىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ياردەمچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش تەشۋىقاتىغا پۈتۈنلەي زىتتۇر. ھەتتا خىتاينىڭ يېڭى شېرىكلىرىدىن بولغان كىرىباتى قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئىلگىرىكى يادرو سىناقلىرىدىن قاتتىق ئاغرىنغان.
ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن يەنە بىرى خەلقئارادىكى باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ، خۇسۇسەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق سىناققا قايتۇرىدىغان ھەربىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىنكاسىدۇر. ئەگەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ ئۆتكەن يىللاردىكىگە ئوخشاش تىنچ ئوكياندا ئۆزىنىڭ باللىستىك بومبا سىناقلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان بولسا، رايوندىكى سۈركىلىش تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، كىچىك ئارال دۆلەتلىرى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يادرو رىقابىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. مەزكۇر ۋەزىيەت رايون دۆلەتلىرىنىڭ يادرو سىناقلىرى ۋە ھەربىي تەھدىتلەردىن خالىي بولغان «كۆك تىنچ ئوكيان» ئارزۇسىنى يەنە بىر قېتىم خەتەرگە ئىتتىرىدۇ.
ماقالىگە قىسقىچە باھا
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ كوللېكتىپ مۇلاھىزە ماقالىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي ھالدا رايون بىخەتەرلىكى ۋە گېئوپولىتىكىلىق رىقابەتنى كۆپ قىرلىق تەھلىل ئارقىلىق يېشىپ بەرگەن. ماقالىدە دۆلەت بىخەتەرلىك رەھبەرلىرى، ھەربىي ئىستراتېگىيەچىلەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىئىنەزەرلىرىنىڭ مۇجەسسەملىنىشى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ھەم سىياسىي ھەم دىپلوماتىك ھەمدە تېخنىكىلىق جەھەتتىن چۈشىنىشكە كۈچلۈك ئاساس سالىدۇ. بولۇپمۇ «يۈەن ۋاڭ 5» پاراخوتىنىڭ سۇۋا پورتىدا تۇرۇپ كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشىدەك ئىنچىكە پاكىتلار ۋە بۇ قېتىملىق سىناقنىڭ رېئال جەڭگە يېقىن بۇلۇڭ بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى تېخنىكىلىق ئانالىزلار ماقالىنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن.
شۇنداقتىمۇ ماقالىنىڭ بەزى كەمچىلىكلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈردۇر. ماقالىدە كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىرلىرى جەملەنگەن بولسىمۇ، ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر يېتەرلىك دەرىجىدە بىر تەرەپ قىلىنمىغان. مەسىلەن، مالكولم داۋىس سىناقنى دەل فىجى جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق كېلىشىمىگە قارشى قىلىنغان مەقسەتلىك سىياسىي بېسىم دەپ قارىسا، مايك خيۇز بۇ سىناقنىڭ مەزكۇر كېلىشىم بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكىنى، بەلكى خىتاينىڭ ئومۇمىي ھەربىي زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ماقالىدە بۇ ئىككى خىل قارشى پىكىر بىر يەرگە قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ ئىككى جەرياننىڭ گېئوپولىتىكىلىق رېئاللىقتا قانداق كېسىشىدىغانلىقى ۋە بېيجىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت بېكىتىش تۈزۈلمىسىنىڭ قايسى قاراشنى قوللايدىغانلىقى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي سىناق قىلغان سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان باللىستىك بومبىنىڭ كونكرېت تىپى (مەسىلەن، «جۈلاڭ-3» – JL-3) ۋە ئۇنىڭ يادرو سىستېمىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەربىي يۈزلىنىشىگە ئوخشاش زۆرۈر تېخنىكىلىق تەپسىلاتلار يېتەرلىك شەرھلەنمەي قالغان.
خۇلاسە
خۇلاسە قىلغاندا خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان تەۋەلىكىدە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى ئادەتتىكى ھەربىي مانېۋىر بولماستىن، بەلكى بېيجىڭنىڭ رايوندىكى يېڭى بىخەتەرلىك تەرتىپىگە قاراتقان سىستېمىلىق ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈش ۋە سىياسىي جەھەتتىن ھەددىدىن ئېشىش ھەرىكىتىدۇر. مەزكۇر سىناقنىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن فىجى جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا تارىخىي كېلىشىم ئىمزالانغان بىر پەيتكە توغرا كېلىشى بېيجىڭنىڭ تىنچ ئوكياندىكى كوللېكتىپ مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى رەت قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ مۇتلەق زومىگەرلىك ئورنىنى نامايان قىلىش نىيىتىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەردى. خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى جەھەتتىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك كېڭەيمىچىلىكى رايون مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.
بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا ئاۋسترالىيە، فىجى جۇمھۇرىيىتى ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى باشقا ئىتتىپاقداشلار بېيجىڭنىڭ يادرو قورال سىگناللىرى ۋە سىياسىي بېسىم كۆرسىتىش سىياسەتلىرىگە قارىتا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى لازىم. ئۆزئارا ئىشەنچنى چىڭىتىش، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك مېخانىزملىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە خىتاينىڭ رايونغا سوقۇنۇپ كىرىشىگە قارىتا قەتئىي ئورتاق پوزىتسىيەدە بولۇش تىنچ ئوكياننىڭ تىنچ ۋە مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى رايوندىكى بىخەتەرلىك سىياسىتى بەلگىلىگۈچىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مەنبە ماقالە:
ASPI staff. (July 6. 2026). «China’s Pacific ballistic missile test – Views from ASPI analysts». The Strategist, Australian Strategic Policy Institute.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.












