خىتايدا ئىقتىساد ۋە سانائەت: تاشقى سودا غەلىبىلىرى ۋە ئىچكى بازارنىڭ ۋەيران بولۇشى
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار
خىتاي ئىقتىسادى 2026-يىلى پەرەزلىرىدە دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىگە ئىشەنگەن بىر دۆلەتنى تەسۋىرلىمەكتە. دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى سۈپىتىدە ۋەزىپە باشلىشى بىلەن قوزغالغان سودا ئۇرۇشلىرىدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تاموژنا باجلىرىغا قارشى ئۈنۈملۈك قارشىلىق كۆرسەتتى ۋە «قۇتۇلۇش كۈنى»دىن بۇيان ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تاشقى دۇنياغا نامايان قىلدى. ۋاشىنگتوننىڭ بېسىملىرىغا قارىماي، خىتاي پەقەتلا پۈت تېرەپ تۇرالاشلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىي سىستېمىسىدىكى سالمىقىنى قوغداپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
بېيجىڭنىڭ بۇ جەرياندىكى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك كوزىرى، سىيرەك مەدەنلەر (REE) ئۈستىدىكى دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىقى بولدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلاردىن تارتىپ جەڭ ئايروپىلانلىرىغىچە بولغان ھەر خىل ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ بايلىقلارنىڭ ئىكىسپورتىنى چەكلەيدىغانلىق تەھدىتى، ئامېرىكانى كېلىشىم ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. بۇ ھەرىكەت، خىتايغا چەت ئەل تېخنىكىسىغا بولغان بېقىنىندىلىقىنى ئازايتىش ۋە ئۆز-ئۆزىگە يېتىش نىشانلىرىغا ئۇلىشىش يولىدا ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتنى قازاندۇردى.
سودا ئۇرۇشىنىڭ شىددىتىگە قارىماي، خىتاينىڭ ئېكسپورت ھەجىمىدە تۆۋەنلەش ئەمەس، ئەكسىچە ئېشىش كۆرۈلدى. دۇنيا بازارلىرىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى، بېيجىڭنىڭ ۋاشىنگتوندىن كەلگەن تاشقى زەربىلەرگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئىسپاتلىدى ۋە خەلقئارا سەھنىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىدى. خىتاي، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «خەۋپ-خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش» (de-risking) كۈنتەرتىپى قاتارلىق ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق تەھدىتكە قارشى، سىيرەك مەدەنلەر كارتىسىنى قايتا ئىشلىتىشتىن يانمايدىغانلىقى ھەققىدە بىشارەت بەرمەكتە.
بىراق، تاشقىرىغا ئاڭلىتىلغان بۇ مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنىڭ ئەكسىچە، ئىچكى بازاردا ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ئەندىشە قىلغۇدەك سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈش مودېلىنىڭ ئاساسىي موتورى بولغان كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش (FAI)، 2025-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا %12 نىسبىتىدە كەسكىن چۈشۈپ كەتتى. يۇقۇم يىللىرى چىقىرىۋېتىلگەندە، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىنغان مەبلەغدىكى بۇ ۋەيران بولۇش، يېقىنقى يىگىرمە يىلنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىنى كۆرسەتمەكتە ۋە ئىقتىسادىي مۆجىزىنىڭ سىجىللىقى توغرىسىدا سوئال بەلگىسى پەيدا قىلماقتا.
مەبلەغ سېلىشتىكى بۇ كەسكىن تۆۋەنلەشنىڭ ئارقىسىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيەسىدە يۈز بەرگەن چوڭقۇر كىرىزىستۇر. تارىختىن بۇيان مەبلەغ سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مالىيەسى، كۆچمەس مۈلۈك كىرىزىسى ۋە ئازايغان يەر سېتىش كىرىملىرى سەۋەبىدىن قۇرۇقدىلىپ قالدى. بانكا ساھەسىدىكى مەسىلىلەر ۋە ئىشلەپچىقىرىش پايدىسىدىكى تۆۋەنلەشمۇ بۇ مالىيە قىيىنچىلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا.
مەۋجۇت قەرز سانلىق مەلۇماتلىرى، كىرىزىسنىڭ كۆلىمىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن تارقىتىلغان زايۇملارنىڭ زور بىر قىسمى يېڭى مەبلەغ سېلىشنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەۋجۇت قەرزلەرنى ئايلاندۇرۇش (قايتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش) مەقسىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. قەرز ئېلىش تەننەرخى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بارغان بۇ مۇھىتتا، كەڭ كۆلەملىك قەرز قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلمىسىلا، مەبلەغ سېلىشنىڭ داۋاملىق ئازلايدىغانلىقى ۋە ئىقتىسادىي ئۆسۈشنىڭ ئاستىلايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
نەتىجىدە بېيجىڭ، 2025-يىلىدا سىرتقا نىسبەتەن ئامېرىكا تاموژنا باجلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرالىغان دۇنياۋى بىر كۈچ سۈپىتىدە ماختانغان بولسىمۇ، ئىچكى جەھەتتە مەبلەغ سېلىش ئازايغان ۋە مالىيە كىرىزىسى بىلەن كۈرىشىۋاتقان زىددىيەتلىك بىر ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى نامايان قىلماقتا. مەبلەغ سېلىش سانلىق مەلۇماتلىرىدىكى بۇ پاسسىپ ئەھۋال، خىتاي ئىقتىسادى دۇچ كېلىۋاتقان قۇرۇلما خاراكتىرلىك قىيىنچىلىقلارنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر: G2 تەڭپۇڭلۇقى ۋە ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك يالغۇزلۇقى
دونالد ترامپنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغان تۇراقسىز سىياسەتلىرى ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۆلچەرلىگىلى بولماسلىق ئەھۋالى، 2026-يىلىدا دۇنيا سىياسىي جۇغراپىيەسىنى «G2» ئوقىغا ئولتۇرغۇزماقتا. شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلغان دىيالوگ ۋە ھاسىل قىلىنغان «ئوق چىقىرىشنى توختىتىش» كېلىشىمى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىستراتېگىيەلىك بىر قىيىنچىلىققا سۆرىمەكتە. ئەگەر بۇ ئىككى تەرەپلىك تىنچلىق داۋاملىق بولسا ۋە يېڭى كېلىشىملەر بىلەن مۇستەھكەملەنسە، بىريۇسسېل، ياۋروپانىڭ مەنپەئەتلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان قارارلار ئېلىنىدىغان ئۈستەلدە ئۆزىگە ئورۇن تاپالماي، چەتكە قېقىلىش خەۋپى بىلەن يۈزلەشمەكتە.
خىتاينىڭ تاشقى سىياسەت نەزەرىيەسىدە ياۋروپانىڭ مۇھىملىقى ۋە سالمىقى بارغانسېرى ئازايماقتا. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، بىريۇسسېلنىڭ تەلەپلىرى ئالدىدا ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە يول قويۇشلارغا قاشتاشلىق قىلىپ، موسكۋا بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بولۇپمۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى دائىرىسىدە خىتاي، رۇسىيەنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە ئادىل بىر تىنچلىق ئۈچۈن بېسىم قىلىشىنىشتىن قېچىپ، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىگە پەرۋا قىلمايۋاتماقتا.
تەيۋەن مەسىلىسىدىمۇ بېيجىڭ، ھەربىي بېسىم ۋە قورقۇتۇش سىياسەتلىرى ئىشلىتىشتىن تارتىنىپ قالمايۋاتىدۇ. سىيرەك مەدەن تەمىنات زەنجىرلىرى ئۈستىدىكى دۇنياۋى تەسىر كۈچىدىن جاسارەت ئالغان خىتاي، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىلىرىنى پەرۋايىغا ئالماستىن ئۆز كۈنتەرتىپىنى ئىجرا قىلماقتا. تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيچىلىك، خىتاينىڭ رايون خوجايىنلىقىنى (ھۆكۈمرانلىقىنى) مۇستەھكەملەش ئارزۇسىنىڭ ئەڭ كونكرېت ئىپادىسى سۈپىتىدە يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.
خىتاي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان دىپلوماتىك بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن دۇنياۋى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. ئامېرىكانىڭ يوھاننىسبۇرگدىكى G20 باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشماسلىقى قاتارلىق پۇرسەتلەرنى قولدىن بەرمىگەن بېيجىڭ، ئۆزىنى ۋاشىنگتوننىڭ ئەكسىچە «مەسئۇلىيەتچان ۋە ئىشەنچلىك بىر چوڭ كۈچ» سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا . BRICS نىڭ كېڭىيىشى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنلىرى بىلەن دىپلوماتىك ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلەۋاتقان خىتاي، «دۇنيا جەنۇبى» (Global South) نەزىرىدىكى جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرماقتا.
ياۋروپا بولسا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئاستىلىغان ئىقتىسادىي ئۆسۈش ۋە سىياسىي پارچىلىنىش قاتارلىق ئىچكى مەسىلىلەر بىلەن ئالدىراش بولۇپ، دۇنياۋى تەسىرىنى يوقاتماقتا. ۋاشىنگتون بىلەن بىر سەپتىن ئورۇن ئېلىشى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى چەكلەيدىغان بىر ئامىل سۈپىتىدە قارالماقتا. ياۋروپا، ئەگەر ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرەلمىسە ۋە كەسكىن قەدەملەرنى ئالالمىسا، 2026-يىلىدا بېيجىڭ سىياسىي جۇغراپىيە ۋە ئىقتىسادىي تەسىر دائىرىسىگە كىرگەن دۆلەتلەر ئالدىدا دۇنياۋى تەسىرىنى قوغداپ قېلىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ.
ئىلىم-پەن، تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىش: سۈنئىي ئەقىل ھەرىكىتى ۋە غەربنىڭ تاملىرى
خىتاي، ئېكسپورتقا تايانغان ئىقتىسادىي مودېلىنى جانلاندۇرۇش ۋە يەر شارى تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە «سۈنئىي ئەقىل پىلوس» (AI+) تەشەببۇسىغا زور ئۈمىد باغلىدى. ئىشلەپچىقىرىش، ئېنېرگىيە، مالىيە ۋە سەھىيە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىل بىلەن بىرىكىشىنى نىشان قىلغان بۇ تەشەببۇس، 2026-يىلىدا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ دېڭىز ھالقىغان بازارلارغا تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىشىنى مەقسەت قىلماقتا. دۆلەت مالىيە سىياسىتىنىڭ دلەت مالىيەسىدىن تولۇقلىما ياردەم بېرىپ رىغبەتلەندۈرۈشلىرىدىن باشقا، خۇسۇسىي ساھەمۇ بېيجىڭنىڭ يەرلىككە قاراتقان بۇ ھەقتىكى بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىپ، بۇ ساھەگە زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سالماقتا.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، تۆۋەن تەننەرخلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى تېخنىكا ئېكسپورتىغا ئۆتۈش ئىستراتېگىيەسىدە مۇھىم مۇساپىنى باستى. ئېلېكتىر سەرپىياتلىق ئاپتوموبىللار، قۇياش ئېنېرگىيەسى ئۈسكۈنىلىرى ۋە لىتىي ئىيونلۇق باتارېيەلەردىكى ئۇتۇقىنى داۋاملاشتۇرغان خىتاي، ئەمدى ئوچۇق مەنبەلىك سۈنئىي ئەقىل مودېللىرى ۋە ماشىنا ئادەم (روبوت) تېخنىكىلىرى ئارقىلىق يېڭى ئېكسپورت تۈرلىرىنى ياراتماقتا. بۇ ئۆزگىرىش، خىتاينىڭ پەقەت بىر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئەمەس، بەلكى بىر يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بولۇش دەۋاسىنى ئەكىس ئەتتۈرمەكتە.
بىراق، خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىلىق كېڭەيمىچىلىك ئىستراتېگىيەسى، ياۋروپادا كۈچىيىپ بارغان بىر قارشىلىق ۋە قورۇق تامغا دۇچ كەلمەكتە. بولۇپمۇ 5G ۋە 6G تورلىرىدا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان زاپچاسلارنىڭ ئىشلىتىلىشى، گېرمانىيە ۋە فىنلاندىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە دۆلەت بىخەتەرلىكى سەۋەبىدىن چەكلەنمەكتە. ھەل قىلغۇچ ئۇل ئەسلىھەلەردە خىتاي تېخنىكىسىغا بولغان بېقىنىندىلىقنى ئازايتىش خاھىشى، خىتاي تېخنىكا ماگناتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىدىكى ھەرىكەت دائىرىسىنى تارايتماقتا.
تور بىخەتەرلىكى ئەندىشىلىرى، خىتاينىڭ بايراقدار ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىدىن بولغان تورغا ئۇلىنىدىغان مەھسۇلاتلار (connected vehicles) ئۈستىدىمۇ قارا كۆلەڭگە پەيدا قىلماقتا. نورۋېگىيەدىكى خىتايدا ياسالغان ئاپتوبۇس ئەترەتلىرىنىڭ رەقەملىك جەھەتتىن ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلۈش ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش خەۋپى بارلىقىنىڭ ئېنىقلىنىشى، تېخنىكىلىق ئىشەنچلىكلىك مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. بۇ خىل بىخەتەرلىك بوشلۇقلىرى، خىتاي تېخنىكىسىنىڭ ئېكسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى چەكلەيدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلانماقتا.
ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى، ئىستراتېگىيەلىك تېخنىكا شىركەتلىرىنى خىتاي مەبلىغىگە قارشى قوغداش مەسىلىسىدە تېخىمۇ ھوشيار ھالەتتىدۇر. گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۆزەك (چىپ) ئىشلەپچىقارغۇچى «Nexperia» غا ئارىلىشىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خىتايغا يۆتكىلىشىنى توسۇشى، بۇ يېڭى قورۇقچىلىق پوزىتسىيەسىنىڭ ئەڭ ئېنىق مىسالىدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى، خىتاي شىركەتلىرىدىن پەقەت قۇراشتۇرۇشلا ئەمەس، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يەرلىك مەھسۇلات نىسبىتىنى قاندۇرۇش شەرتلىرىنى ئورۇنلاشنى تەلەپ قىلىپ، تېخنىكىلىق ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىماقتا.
سىياسەت ۋە جەمئىيەت: پاراۋانلىقنىڭ ئورنىغا سانائەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) تەشۋىقات سەۋىيەسىدىكى «ئاۋۋال خەلق» شوئارىغا قارىماي، 2025-يىلىدىكى سىياسەتلەر ئەمەلىيەتتە سانائەتنىڭ پايدىسىغا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. 15-بەش يىللىق پىلان لايىھەسىدە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنسىمۇ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي دىققىتى ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ياكى پاراۋانلىق سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ئەمەس، ئىستراتېگىيەلىك سانائەتلەرنى قوللاش ۋە ئىكىسپورت زەنجىرىدىكى ھۆكۈمرانلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا قارىتىلغان. بايلىقلارنىڭ تېخنىكىدا ئۆز-ئۆزىگە يېتىش يولىدا سەپەرۋەر قىلىنىشى، پۇقرالارنىڭ پاراۋانلىقىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە ئەمەلگە ئاشماقتا.
ئاددىي خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن 2026-يىلى، ئاستىلىغان ئۆسۈش ۋە قىيىنلاشقان تۇرمۇش شارائىتى دېمەكتۇر. خ ك پ نىڭ «ئورتاق پاراۋانلىق» ۋەدىسى، سانائەت سىياسەتلىرىنىڭ ئۇتۇقىغا باغلىقتۇر. بىراق كۆچمەس مۈلۈك ساھەسىدىكى كىرىزىس، 2021-يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا سىنىپنىڭ بايلىقىنى ئېرىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. مەبلەغلىرىنى قىممىتىنى يوقىتىۋاتقان ئۆيلەرگە مەبلەغ سالغان مىليونلىغان شەھەرلىك ئائىلە، ئېغىر مۇقىم مۈلۈك زىيىنى كۆردى.
ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىدىكى ئەھۋالمۇ بولۇپمۇ ياشلار ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %17 ئەتراپىدا بولۇپ، 2026-يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا 12 مىليوندىن ئارتۇق يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمگەك كۈچىگە قوشۇلۇشى كۈتۈلمەكتە. ئىقتىساد يىلىغا 11 مىليوندىن ئاز يېڭى ئىش ئورنى يارىتىۋاتقان بىر مۇھىتتا، بۇ ئەھۋال قۇرۇلما خاراكتىرلىق بىر ئىشسىزلىق كىرىزىسىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ياشلار ئارىسىدىكى نارازىلىق كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، شەھەرلىك ئەمگەك كۈچىنىڭ %40 نى تەشكىل قىلىدىغان «Gig ئىقتىسادى» (ئەۋرىشىم خىزمەت مودېلى)، خىزمەتچىلەرگە مۇقىملىق ياكى كاپالەت سۇنۇشتىن يىراقتۇر. 200 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كاپالەتسىز خىزمەت ساھەسى، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدىكى ئاجىزلىقنى ئاشۇرماقتا. بېيجىڭنىڭ پاراۋانلىق پىروگراممىلىرى ئورنىغا سانائەت ئىقتىدارىغا مەركەزلىشىشى، بىر «پرېكاريا» (كاپالەتسىز ئىشلىگۈچىلەر) سىنىپىنى ياراتماقتا. پارتىيەنىڭ سانائەت مەركەزلىك ئۆسۈشكە سالغان مەبلىغىنىڭ شەخسىي بايلىق ئارتىشىنى يارىتالماسلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەھدىت سالىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپ ئامىلىدۇر.
پايدىلانمىلار:
MERICS. (2025, November 27). China Essentials: Special Issue – China in 2026. Mercator Institute for China Studies. Berlin. https://merics.org/sites/default/files/2025-11/17%202025_MERICS%20China%20Essentials_China%20in%202026_EN.pdf
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















