ھەمكارلىشىپ ياشاشمۇ ياكى ھۆكۈمرانلىق خاراكتېرىدىكى ئاسسىمىلياتسىيەمۇ؟ خىتاينىڭ رەسمىي تارىخ بايانلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىتى

2025-يىلى 29-دېكابىر

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار

قىسقىچە مەزمۇنى

بۇ ماقالىدە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ما روڭنىڭ (马戎) خىتاي تارىخىدىكى ئېتنىك بىرلىشىش جەريانىغا ۋە زامانىۋى «1644 تارىخ قارىشى» غا ئوخشاش يېڭىلىقچى ئېقىملارغا قاراتقان نۇقتىنەزەرلىرى ئانالىز قىلىنىدۇ. ماقالىنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى، غەرب مەركەزلىك «دۆلەت-مىللەت» (nation-state) ۋە «مىللەتچىلىك»(nationalism) ئۇقۇملىرىنىڭ خىتاينىڭ تارىخىي «تيەنشيا» (ئاسمان ئاستى/يەر يۈزى) سىستېمىسى بىلەن بولغان ئېپىستېمولوگىيەلىك ماسلاشماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. ما روڭ فېي شياۋتۇڭنىڭ «كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلىشىش» نەزىرىيەسىنى ئاساس قىلىپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى «سىياسىيلاشتۇرۇشتىن» خالىي بولغان مەدەنىيەت  جەھەتتىكى ھەمكارلىشىپ ياشاش دەپ تەرىپلەيدۇ. ئەمما، بۇ ماقالىمىز مەزكۇر تېزىسنى يەنى  پىروفېسسور ما روڭنىڭ ئىددىئاسىنى ،  كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقى نۇقتىسىدىن، تېلېئولوگىيەلىك (مەقسەتچىلىك)[1] تارىخ يېزىقچىلىقى نۇقتىسىدىن  «يېڭى چىڭ تارىخى» ئېقىمى  ئانالىزى ئاساسىدا ئىلمىي تەنقىد قىلىدۇ. ئاخىرقى بۆلۈمدە، بۇ نەزىرىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر سىياسەتلىرىدىكى ئەكس ئېتىشىگە قاراپ چىقىلىدۇ؛ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «مەدەنىيەتلەشتۈرۈش» شوئارى بىلەن رىئاللىقتىكى ئىلمىي ساھەلەردىكى «ھۆكۈمرانلىق خاراكتېرلىك ئاسسىمىلياتسىيە» ۋە «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى»   ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

كىرىش سۆز

خىتاينىڭ بەش مىڭ يىللىق خىتاي  مەدەنىيىتى بايانلىرى، زامانىۋى دەۋردە غەرب مەنبەلىك سىياسىي تېرمىنولوگىيەنىڭ تەسىرى بىلەن چوڭقۇر بىر مۇنازىرە  تېمىسىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا رەقەملىك سۇپىلاردا ئەۋج ئالغان ۋە 1644-يىلى مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ باشلىنىشىنى «خۇاشيا مەدەنىيىتىنىڭ خاراب بولۇشى» دەپ قارايدىغان «مىڭ سۇلالىسىگە مەرسىيە» قاراشلىرى، خىتاي ئاكادېمىيە ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاسقا دۇچ كەلدى. بۇ مۇنازىرىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان پىروفېسسور ما روڭ، تارىخنى «نەتىجىدىن ئارقىغا قاراپ» كۆرسىتىدىغان تېلېئولوگىيەلىك قاراشلارغا ۋە غەربچە «مىللەت» ئۇقۇمىنىڭ قەدىمكى مىللەتلەرگە مەجبۇرىي تېڭىلىشىغا قارشى بىر ئىلمىي مۇداپىئە سېپى قۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

ما روڭ ئىەىتى سۈرگەن ئىددىئا شۇكى، خىتاي تارىخىدىكى مىللەتلەر ئارا ئالاقىلەر بىر «بېسىۋېلىش» ياكى «ياتلىشىش» ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزئارا بېقىنىشقا تايانغان تەبىئىي بىر بىرلىشىش جەريانىدۇر. ئەمما، ئىلمىي خۇلاسە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ بايانلارنىڭ « خىتاي تىنچلىقى» (Pax Sinica) غايىسى يولىدا تارىخىي زورلۇق-زومبۇلۇقنى، مەجبۇرىي ئاسسىملاتسىيەنى ۋە كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقان-سالمىغانلىقى مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ماقالە بىر تەرەپتىن ما روڭنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ رەسمىي تارىخ بايانلىرىنى يوللۇقلاشتۇرىدىغان «كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلىشىش» ئىددىئاسىنى ئوتتۇرىغا قويسا، يەنە بىر تەرەپتىن جېيمىس لېيبولد [2]، مارك ئېللىئوت [3] ۋە پرازېنجىت دۇئارا [4] غا ئوخشاش ئىسىملار ۋەكىللىك قىلىدىغان تەنقىدىي ئېقىمىلار ئارقىلىق، بۇ نۇقتىنەزەرنىڭ مېتودولوگىيەلىك كەمتۈكلىكلىرىگە قاراپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئۆرنەك سۈپىتىدە كۆرسەتكەندە، «سىياسىي ھوقۇقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» نىيىتى بىلەن سۇنۇلغان «مەدەنىيەتلەشتۈرۈش» ئەندىزىسىنىڭ، ئىلمىي نۇقتىدىن دۆلەتنىڭ بىر ئاسسىمىلياتسىيە قورالىغا ئايلىنىپ قالغان-قالمىغانلىقى ئانالىز قىلىنىدۇ.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ما روڭ تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتاي تارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىنى توغرا چۈشىنىش» ناملىق ماقالىدە،[5] يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن «1644 تارىخ قارىشى» ياكى «مىڭ سۇلالىسىگە مەرسىيە» دەپ ئاتالغان تارىخىي يېڭىلىقچىلىق ئېقىمىغا قارشى ئەتراپلىق بىر تەنقىد ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.ماروڭنىڭ ماقالىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  1. زامانىۋى ئۇقۇملارنىڭ تارىخقا خاتا تەتبىقلىنىشى

يازغۇچى، غەرب مەنبەلىك «دۆلەت-مىللەت» (nation-state) ۋە «مىللەتچىلىك» (nationalism) ئۇقۇملىرىنىڭ قەدىمكى خىتايدىكى سۇلالە ئالمىشىشلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىنى تۈپ خاتالىق دەپ قارايدۇ.

تېرمىنولوگىيە مەسىلىسى: غەرب تىللىرىدىكى  (مىللەت ياكى ئۇلۇس)«nation» ئۇقۇمى 17-ئەسىردىكى ياۋروپا قىتئەسىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىتاي تارىخىدا بولسا مىللەتلەر قانداشلىق ياكى تىلداشلىقتىن بەكرەك، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت (كۇڭزى تەلىماتى) مۇناسىۋىتى ئەتراپىدا بىرلەشكەن.

خەلق ياكى مىللەت (People – Nation): غەرب ئالىملىرىنىڭ (مەسىلەن: جون كىڭ فايىربانك) موڭغۇللار ياكى مانجۇلار ئۈچۈن ئىشلەتكەن «people» (خەلق) سۆزىنىڭ خىتايچىغا «minzu» (مىللەت/ئېتنىك گۇرۇپپا) دەپ تەرجىمە قىلىنىشى ئۇقۇم جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

2.«كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلىشىش» (Plurality and Unity) نەزىرىيەسى

ما روڭ مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس فېي شياۋتۇڭنىڭ «خىتاي مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلىك قۇرۇلمىسى» نەزىرىيەسىنى تىلغا ئالىدۇ:

ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزئارا بېقىنىش:يەرلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىدىغانلار بىلەن كۆچمەن/ئوۋچى،چارۋىچىلار ئوتتۇرىسىدىكى «چاي-ئات سودىسى» غا ئوخشاش ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنىڭ، گۇرۇپپىلارنى بىر-بىرىگە تايىنىدىغان قىلىپ قويغانلىقىنى ۋە تەبىئىي بىر بىرلىشىش جەريانىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ھەمكارلىققا تايانغان مۇناسىۋەت:  خىتايدىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چېگرالارنىڭ ئېلاستىكىلىققا ئىگە ۋە ئۆتكۈزۈشچان ئىكەنلىكىنى، «سېنىڭ ئىچىڭدە مەن، مېنىڭ ئىچىمدە سەن»  (symbiosis) تەرىقىسىدە بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

3.«1644 تارىخ قارىشى» ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ قانۇنىيلىقى

ماقالە، 1644-يىلى چىڭ (مانجۇ) سۇلالىسىنىڭ تەختكە چىقىشىنى «خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى» دەپ قارايدىغان ئىددىئالارنى قاتتىق رەت قىلىدۇ:

مانجۇ-خەن بىرلىشىشى: چىڭ قوشۇنىنىڭ (سەككىز تۇغلۇق قوشۇن) كۆپىنچىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايلاردىن تەركىب تاپقانلىقىنى (1648-يىللىق سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا تۆتتىن ئۈچ قىسمى خىتايلار) كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.

مەدەنىيەت سىجىللىقى:  چىڭ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن كۇڭزى تەلىماتىنى قوبۇل قىلىشى،كۇڭزىنىڭ ئىمتىھان سىستېمىسىنى (كېجۈ) داۋاملاشتۇرۇشى ۋە ئۆزلىرىنى قانۇنلۇق خىتاي سۇلالىسى دەپ ئاتىشى، «بېسىۋېلىنىش» ئەمەس، بەلكى بىر «سىياسىي ھۆكۈمدار ئالمىشىش» دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.

چېگرالارنىڭ كېڭىيىشى: چىڭ دەۋرىنىڭ بۈگۈنكى زامانىۋى خىتاي چېگرالىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ چوڭقۇر بىرلىشىشىدە ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

4.تاشقى مەنبەلىك پارچىلاش خاراكتېرلىك بايانلارغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش

يازغۇچى «يېڭى چىڭ تارىخى»  (New Qing History) غا ئوخشاش غەرب ئاكادېمىك قاراشلىرىنىڭ ۋە ئۆتمۈشتە ياپونىيە ئوتتۇرىغا قويغان «مانجۇرىيە ۋە موڭغۇلىيە خىتاي ئەمەس» دېگەن «سۆز-چۆچەكلەر»نىڭ خىتاينىڭ پۈتۈنلۈكىنى پارچىلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ:

سىياسىي مونوپۇللۇق: بۇ خىل تارىخىي تەرجىمىلەرنىڭ خىتاي خەلقى ئارىسىدا مىللەت ئايرىمچىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە مىللىي بىرلىكنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت تارتىدۇ.

تارىخىي رېئاللىق: خىتاي تارىخىنى پەقەت بىرلا مىللەت ئەمەس، بەلكى بۇ زېمىندا ياشايدىغان بارلىق مىللەتلەر ئورتاق ياراتقانلىقىنى  بايان قىلىدۇ.

ماقالىنىڭ خۇلاسە بۆلۈمىدە، خىتاي مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تاق تەرەپلىمىلىك بىر «ئاسسىمىلياتسىيە» ئەمەس، بەلكى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر «بىرلىشىش» جەريانى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ:

ئورتاق تەقدىر:  خىتايدىكى مىللەتلەر زامانىۋى دەۋردە ئىمپېرىيالىزمغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر جەريانىدا ئورتاق بىر سىياسىي گەۋدىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دۆلەت بىخەتەرلىكى: تارىخنى توغرا چۈشىنىشنىڭ پەقەت ئاكادېمىك مەسىلە ئەمەس؛ بەلكى مىللىي بىرلىكنى قوغداش، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە «بىر جوڭخۇا مىللىتى گەۋدىسى ئېڭى»نى (Zhonghua Minzu Gongtongti Yishi) كۈچەيتىش ئۈچۈن ھالقىلىق ئاساس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، ما روڭ خىتاي تارىخىنى زامانىۋى غەربچە مىللەتچىلىك قېلىپلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، چىڭ(مانجۇ) ۋە يۈەن (موڭغۇل)سۇلالىسىگە ئوخشاش سۇلالىلەرنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە تارىخنى پۈتۈنلۈك نۇقتىسىدىن «كۆپ مەنبەلىك، ئەمما بىر گەۋدە» دەپ باھالاش كېرەكلىكىنى ياقىلايدۇ.

پىروفېسسور ما روڭنىڭ ماقالىسى خىتاينىڭ رەسمىي «مىللىي بىرلىك»  (جوڭخۇا مىللىتى) رامكىسىدا ئىنتايىن كۈچلۈك بىر مۇداپىئە قۇرۇپ چىققان. ئەمما ئىلمىي نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ خىل ماقالە ھەم مېتودولوگىيەلىك ھەم ئۇقۇم جەھەتتىن چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىشقا تېگىشلىك.

1. خىتاي تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىدە كىملىك قۇرۇلۇشى: «مىللەت/خەلق» ۋە «مەدەنىيەت/سىياسىي» پارادىگمىسى
بۇ بۆلۈمدە خىتاي تارىخىدا تىلغا ئېلىنغان مىللەتلەرنىڭ زامانىۋى «مىللەت» (nation) ئۇقۇمىنىڭ ئورنىغا «خەلق»(people) ياكى «ئېتنىك گۇرۇپپا» دەپ ئاتىلىشىنىڭ ئىلمىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىكى نەتىجىلىرى ئانالىز قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، «خۇا-يې» (خىتاي-ياۋايى) ئايرىمىسىنىڭ  ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىددىئالىرى بىلەن سىياسىي چەتكە قېقىش ئەمەلىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. 

«Nation».1. 1 (مىللەت) ۋە «People» (خەلق) ئايرىمىسى: ھەق-ھوقۇقلارنىڭ كۆرۈنمەسلىكىمۇ ياكى كونتېكىستمۇ ؟

ما روڭنىڭ «nation» ئۇقۇمىنى خىتاي تارىخىغا تەتبىقلاشنى رەت قىلىشى، ئەمەلىيەتتە ياۋروپا مەركەزلىك «ۋېستفالىيە ئىگىلىك ھوقۇق مودېلى»نىڭ خىتاينىڭ «تيەنشيا» (ئاسمان ئاستىدىكى ھەممە نەرسە) سىستېمىسى بىلەن بولغان  ماسلاشماسلىقىدىن چىققان. زامانىۋى خەلقئارا قانۇندا، «nation» بىر توپلۇقنىڭ ياكى گۇرۇپپىنىڭ مىللەت سالاھىيىتى  بولغاندا ئاندىن «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» (self-determination) غا ئىگە بولالايدۇ. ئادەتتە. ئەمما تارىخىي جەرياندا خىتاينىڭ موڭغۇل ياكى مانجۇلارنى «مىللەت» دەپ ئاتىماي «خەلق/توپلۇق» دەپ ئاتىلىشى ئۇلارنىڭ  مىللەت ئىكەنلىكىنى ۋە ھوقۇقىنى يوققا چىقارمايدۇ؛ ئەكسىچە بۇ ھەق- ھوقۇقلارنى « كۆپ مىللەتلىك دۆلەت»مودېلى ئىچىگە جايلاشتۇرىدۇ.

بېنېدىكت ئاندېرسون[6] مىللەتنى «تەسەۋۋۇر قىلىنغان بىر جەمئىيەت» دەپ تەرىپلەپ، بۇنىڭ 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى بىر ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. خىتاي نۇقتىسىدىن قارىغاندا، موڭغۇل ياكى مانجۇ كىملىكلىرى سىياسىي بىر ئىگىلىك ھوقۇق بىرلىكى (دۆلەت-مىللەت) ئەمەس، مەدەنىيەت ۋە مەمۇرىي بىر «سالاھىيەت گۇرۇپپىسى»دۇر. 1912-يىلى چىڭ سۇلالىسى گۇمران بولغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغان «بەش مىللەت بىرلىكى»(Wuzu Gonghe) )(خەن،مانجۇ،موڭغۇل،تىبەت،خۇي)مودېلى، بۇ مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئايرىم-ئايرىم دۆلەت-مىللەت سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى يېڭى قۇرۇلغان خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى ئامىللىرى سۈپىتىدە قارىغان(جاۋ، 2004).   

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك خەلقلەر ھوقۇقى خىتابنامىسى (UNDRIP)، «peoples» (خەلقلەر) تېرمىنولوگىيەسىنى ئىشلىتىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش شەرتى يوقلارنىڭ مەدەنىيەت ئاپتونومىيەسى ۋە قوغدىنىش ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇڭا ما روڭنىڭ بۇ خىل تېرمىنولوگىيەلىك تاللىشىدىكى مەقسىتى ، بۇ مىللەتلەرنىڭ «ھەق-ھوقۇقلىرىنى» يوققا چىقىرىش ئەمەس، بەلكى بۇ ھەق- ھوقۇقلارنى ئىزدەيدىغان ئاساسنى «ئايرىمچىلىقنى تەرغىب قىلىدىغان مىللەتچىلىكتىن» «بىر گەۋدىلەشكەن پۇقرالىققا» يۆتكەشتىن ئىبارەتتۇر.

2.1. مەدەنىيەت كىملىكى بىلەن سىياسىي كىملىك: «خىتاي-ياۋايى» ئايرىمىسىنىڭ چېگرالىرى

ماقالىنىڭ «خۇا-يې» (خىتاي-ياۋايى) ئايرىمىسىنى پەقەتلا بىر مەدەنىيەت ئاساسىدىكى  سالاھىيەت دەپ كۆرسىتىشى، تارىخىي جەمئىيەتشۇناسلىق سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن سىنىلىشى كېرەك. تارىخىي ماتېرىياللار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، مىللەتلەر كۇڭزى تەلىماتىنى قوبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ، بىئولوگىيەلىك ياكى جۇغراپىيەلىك كېلىپ چىقىشى سەۋەبلىك چەتكە قېقىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يولغا قويۇلغان «سەككىز تۇغ» (Eight Banners) سىستېمىسى، مانجۇلار مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايلىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، سىياسىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن خىتايلاردىن ئايرىم تۇتۇلغان مىللەت ئىدى (ئېللىيوت، 2001).


يۇقىرىدىكى تارىخىي لوگىكا ۋە پىروفېسسور ما روڭنىڭ تېزىسلىرىغا قارىتا قىلىنغان تەنقىدلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىتىنى «سىياسىي ھوقۇق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە» نۇقتىسىدىن تۆۋەندىكىدەك تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ:  چىڭ سۇلالىسىدىكى «سەككىز تۇغ» سىستېمىسى بىزگە شۇنى ئۆگەتتىكى، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ھۆكۈمران قاتلامغا ئوخشاپ قېلىشى (خىتايلىشىشى) ئۇنىڭغا ئاپتوماتىك ھالدا سىياسىي ھوقۇق ياكى باراۋەرلىك ئېلىپ كەلمەيدۇ. بۇ لوگىكىنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر سىياسىتىگە تەتبىقلىغاندا، تۆۋەندىكىدەك رېئاللىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ:

ما روڭنىڭ «مەدەنىيەتلەشتۈرۈش» ئىددىئالىرى ئۇيغۇرلارغا «ئەگەر تىلىڭلارنى، دىنىڭلارنى ۋە كىملىكىڭلارنى تاشلاپ خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلساڭلار، جەمئىيەتنىڭ تولۇق ئەزاسى بولالايسىلەر» دېگەن بىر يالغان ۋەدىنى سۇنىدۇ. ئەمما تارىخىي جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلىشىشىنى ئۇلارغا سىياسىي ھوقۇق بېرىشنىڭ شەرتى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىرادىسىنى يوقىتىشنىڭ يولى سۈپىتىدە كۆرىدۇ. يەنى، بىر ئۇيغۇر خىتاي تىلىنى مۇكەممەل بىلىپ، خىتايدەك ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ پەقەت «بويسۇنغۇچى پۇقرا» سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ «قارار چىقارغۇچى بىر سىياسىي ئاكتىيور» غا ئايلىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

چىڭ سۇلالىسىدە سىياسىي ھوقۇق مانجۇ ئېسىلزادىلىرىنىڭ قولىدا بولغىنىدەك، بۈگۈنكى خىتاي سىستېمىسىدا سىياسىي ھوقۇق خىتاي مەركەزلىك پارتىيە  يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ مونوپوللۇقىدا. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ يۇقىرى سىياسىي مەنسەپ بولغان «پارتكوم سېكرېتارلىقى» نىڭ ھەرگىزمۇ بىر ئۇيغۇرغا بېرىلمەسلىكى بۇنىڭ ئەڭ ئېنىق ئىسپاتىدۇر. ئۇيغۇرلار مەيلى قانچىلىك «خىتايلىشىپ كەتسۇن»، ئۇلارنىڭ ئالدىدا سۈزۈك بىر «ئەينەك تورۇس»(glass ceiling) بار. بۇ تورۇس ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى (بىئولوگىيەلىك ۋە جۇغراپىيەلىك كىملىكى) سەۋەبلىك، ئۇلارنى دائىم «شەرتكە باغلىق پۇقرا» قاتلىمىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ. خىتاي دۆلەت ئاپپاراتى ئۇيغۇر كىملىكىنى (مەيلى ئۇ مەدەنىيەتلىك ياكى زامانىۋىلاشقان بولسۇن) دۆلەتكە نىسبەتەن يوشۇرۇن  ۋە كۈچلۈك «تەھدىت » دەپ  كودلىغان. بۇ خىل قاراشتا، بىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەھەتتە پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ «ئېتنىك يىلتىزى» ئۇنى سىياسىي جەھەتتىن ھەمىشە گۇمانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش سىياسىي ھوقۇققا ئېرىشىشنىڭ يولى ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىر تۈرلۈك «بېجى» غا ئايلىنىپ قالغان.

ما روڭنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى سىياسىي بىر تەلەپتىن  بىر «بېزەك»كە ئايلاندۇرۇلماقتا. بۇ يەردىكى تۈپ نىشان شۇكى: ئۇيغۇرلار خىتايلىشىپ كەتسۇن، ئەمما خىتاي دۆلىتىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان سىياسىي كۈچكە ئايلانمىسۇن. بۈگۈنكى سىياسەت بويىچە، ئاسسىمىلياتسىيە بولغان ئۇيغۇر پەقەت خىتاي تىلىدا پارتىيەگە مەدھىيە ئوقۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ۋە زېمىنىنىڭ سىياسىي كەلگۈسى ھەققىدە سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ.

تارىخىي نۇقتىدىن «خىتاي-ياۋايى » ئايرىمىسى بۈگۈنكى كۈندە «جوڭخۇا مىللىتى» نامى ئاستىدا قايتىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا سۇنۇلغان تاللاش شۇكى: يا مەدەنىيىتىڭنى تاشلاپ «بويسۇنغۇچى پۇقرا» بول، ياكى مەدەنىيىتىڭنى ساقلاپ «دۆلەت دۈشمىنى» بول. ئەمما ھەر ئىككى تاللاشتا سىياسىي ھوقۇق بېرىلمەيدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى بىر باراۋەرلىك پىلانى ئەمەس، بەلكى كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقىنى مۇستەھكەملەيدىغان، ئۇيغۇرنى سىياسىي جەھەتتىن كۈچسىز قالدۇرۇشنى نىشانلىغان ھۆكۈمرانلىق خاراكتېرلىك بىر ئاسسىمىلياتسىيە جەريانىدۇر. سىياسىي ھوقۇقنى بۆلۈشۈش خىتاي دۆلەت سىستېمىسىنىڭ قىزىل سىزىقىدۇر.

نىكاھ چەكلىمىسى ۋە ئولتۇراقلىشىش:  چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مانجۇلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا نىكاھلىنىش چەكلەنگەن ۋە مانجۇرىيە رايونى خىتايلارنىڭ كۆچۈپ كىرىشىگە تاقالغان. بۇ تارىخىي ئەھۋال ما روڭنىڭ «پەقەت مەدەنىيەتلا بەلگىلىگۈچى ئامىلدۇر» دېگەن ئىددىئاسىنى ئاجىزلىتىدۇ. مارك ئېللىئوت بۇ ئەھۋالنى «مىللەت ھۆكۈمرانلىقى»دەپ ئاتايدۇ. يەنى، چىڭ ئىمپېراتورلىرى كۇڭزىچە « تەڭرىنىڭ ئوغلى» رولىنى ئويناش بىلەن بىرگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مانجۇ كىملىكىنى ھەربىي بىر كاتېگورىيە سۈپىتىدە قوغداپ قالغان.

ھەمكارلىشىپ ياشاشنىڭ چېگرالىرى: «خىتاي-ياۋايى» ئايرىمىسى نەزەرىيەدە مەدەنىيەت خاراكتېرلىكتۇر ، ئەمما ئەمەلىيەتتە سىياسىي سادىقلىق ۋە تەبىقە سالاھىيىتى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. جېيمىس لېيبولد [7]خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ تارىخ بويىچە «ياۋايىلارنى» مەدەنىيەتلەشتۈرۈش (jiaohua) سۆزىنى، ئەمەلىيەتتە بىر خىل سىياسىي كونترول قىلىش مېخانىزمى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ما روڭنىڭ ئىددىئالىرى فېي شياۋتۇڭنىڭ (1989) «كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلىشىش»(Duoyuan Yiti) نەزەرىيەسىنىڭ زامانىۋى ۋارىيانتىدۇر. بۇ نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى مىللەتلەر تارىخىي جەرياندا «ئەسلىدىلا بار بولغان ئاڭسىز بىر توپلۇقتىن، ئاڭلىق بىر مىللەتكە» تەرەققىي قىلغان.

«Nation»(مىللەت) ئۇقۇمىنى رەت قىلىش،بۆلگۈنچى  مىللەتچىلىكنىڭ تارىخىي  ۋە سىياسىي قانۇنىيلىقىنى چەكلەشكە قارىتىلغان سىياسىي-ئاكادېمىك بىر تاللاشتۇر  (ما، 2014).

مەدەنىيەت جەھەتتىكى كېلىشىپ ئۆتۈش ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆتۈشۈشى رېئاللىقتۇر.  ئەمما بۇ جەريان ھەمىشە تىنچ ياكى باراۋەر بولمىغان. تۈزۈلمە خاراكتېرلىك ئايرىمچىلىقلار (چىڭ سۇلالىسىنىڭ مانجۇ-خىتاي قوش قاتلاملىق تۈزۈمىگە ئوخشاش)، مەدەنىيەت جەھەتتە نمۇ كېلىشىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە سىياسىي «باشقۇرۇش تېخنىكىسى» سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن.

  • مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيە ۋە كۆپ تىللىق ئارخىپلار: خىتاي تارىخ يېزىقچىلىقىدىكى مېتودولوگىيەلىك توقۇنۇشلار

بۇ بۆلۈمدە، خىتاي تارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىش ياكى قوشۇلۇپ كېتىش جەريانىنىڭ «تەبىئىي» ۋە «تىنچ» بولغانلىقى ھەققىدىكى ئىددىئالار، بېسىۋېلىشلار ۋە ئىشغالىيەتلەر پەيدا قىلغان پاجىئەلەر ۋە مانجۇ تىلىدىكى بىرىنچى قول مەنبەلەر سۇنغان «پەرقلەر» نۇقتىنەزىرى بىلەن سېلىشتۇرما خاراكتېرلىك تەھلىل قىلىنىدۇ.

1.2. زورلۇق-زومبۇلۇق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە تەڭپۇڭلۇقى: «تەبىئىي جەريان»مۇ ياكى «دۆلەت قۇرۇش زورلۇقى»مۇ؟

ما روڭ مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى «ئىقتىسادىي ئۆزئارا تولۇقلاش» ۋە «مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرلىشىشى» ئارقىلىق تەرىپلەيدۇ. ئەمما بۇ يۆنىلىش،  «مەجبۇرىي بىرلىشىش» بولۇپ ، ماروڭ بۇ مەجبۇرىيلىق  ھادىسىسىنى  پەردىلەپ ئىپادىلەيدۇ .

بېسىۋېلىش ۋە سىياسىي مۇستەھكەملىنىش:  چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلۇش جەريانىدا يۈز بەرگەن «ياڭجۇدىكى ئون كۈن» ياكى «جىيادىڭ قىرغىنچىلىقى»غا ئوخشاش ۋەقەلەر تارىخىي ئەسلىمىلەردە چوڭقۇر جاراھەتلەرنى قالدۇرغان. ئىلمىي نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ زورلۇق-زومبۇلۇق مەجبۇرى بىرلەشتۈرۈشنىڭ «قورالى» سۈپىتىدە ئانالىز قىلىنىشى كېرەك. چارلېس تىللىنىڭ  (1990) «ئۇرۇش دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، دۆلەت ئۇرۇشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ» دېگەن نەزىرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، چىڭ ۋە يۈەن ئىشغالىيەتلىرى ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلىك رايونلارنى مەركىزىي بيۇروكراتىيەگە مەجبۇرىي باغلىغان. ما روڭ «تەبىئىي بىرلىشىش» ئىددىئالىرى ئارقىلىق، زورلۇق-زومبۇلۇق  بىلەن شەكىللەندۈرگەن «سىياسىي بىر تۇتاشلاشتۇرۇش، مەركەزگە مەجبۇرى باغلاش»نى مېتودولوگىيەلىك جەھەتتىن «ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش» دېگەن تېرمىنى بىلەن  ئاستىدا نورماللاشتۇرماقچى بولغان.

بىرلىشىشنىڭ بەدىلى: تارىخىي جەمئىيەتشۇناسلىق شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق (Pax Sinica) ئادەتتە قىسقا مۇددەتلىك كۈچلۈك زورلۇق-زومبۇلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان. ما روڭنىڭ قارىشى نەتىجىنى (بىرلىشىش) جەرياندىن (بېسىۋېلىش ياكى ئىشغالىيەت) ئۈستۈن قويىدۇ، شۇڭلاشقا «پاجىئەلىك تەرەپلەرنى» بىر خىل « ئۆتۈش باسقۇچى» سۈپىتىدە تەرىپلەيدۇ. بۇ ئەھۋال، قۇربانلارنى مەركەز قىلغان تارىخ چۈشەنچىسىنى«سۈنئىي» دەپ قاراپ، دۆلەتنى مەركەز قىلغان تارىخ چۈشەنچىسىنى «ئوبيېكتىپ» دەپ قوبۇل قىلىشقا مايىلدۇر.

  • «يېڭى چىڭ تارىخى» ۋە مەنبە مەسىلىسى: مانجۇچە ئارخىپلارنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشى

ما روڭ «يېڭى چىڭ تارىخى» ئېقىمىنى غەرب مەركەزلىك بىر پارچىلاش (deconstruction) ئۇرۇنۇشى دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ ئېقىمنىڭ ئىددىئالىرى سىياسىي ئەمەس، بەلكى فىلولوگىيەلىك ۋە ئارخىپشۇناسلىق ئاساسىغا تايىنىدۇ.

مانجۇ خانىمۇ ياكى خىتاي ئىمپېراتورىمۇ؟ ئېۋېلىن راۋسكى[8]  ۋە مارك ئېللىئوتغا ئوخشاش ئىسىملار ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ يېڭى چىڭ تارىخى ئېقىمى، چىڭ ئىمپېراتورلىرىنىڭ خىتايچىدىن باشقا  مانجۇچە، موڭغۇلچە ۋە تىبەتچە يازمىلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن:

ئۇنىۋېرسال ھۆكۈمرانلىق (Universal Kingship):  چىڭ ئىمپېراتورى خىتايلار ئۈچۈن «كۇڭزىچە ئىمپېراتور» (خۇاڭدى)، موڭغۇللار ئۈچۈن «بۈيۈك خان»، تىبەتلەر ئۈچۈن بولسا « دالاي لاما» رولىنى ئوينىغان. ما روڭ ئىمپېراتورنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشىنى «خىتاي بولغانلىقنىڭ» ئىسپاتى دەپ قارىسا؛ «يېڭى چىڭ تارىخى» ئېقىمىنىڭ ياقلىغۇچىلىرى بۇنىڭ پەقەت كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئىمپېراتورلارنىڭ مانجۇ كىملىكىنى (ئوقيا ئېتىش، تىل، شامانلىق) «ئىچكى دۇنياسىدا» قوغداپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ  (ئېۋېلىن، 2000)

مەخپىي يوللانمىلار: مانجۇچە ھەربىي دوكلاتلار (Secret Memorials) ئادەتتە خىتايچە تەرجىمىلىرىدىن پەرقلىنىدۇ ۋە مانجۇ سەرخىللىرى ئارىسىدا «بىز ۋە ئۇلار» (خىتايلار) ئايرىمىسىنىڭ داۋاملاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ماروڭ «تېلېئولوگىيەلىك تارىخچىلىق» مىتودى ئارقىلىق   بۇ نۇقتىنەزەرنى رەت قىلىدۇ. يەنى ئۇ ئاخىرقى ھېساپتا (زامانىۋى خىتاينىڭ شەكىللىنىشىدە) مانجۇ كىملىكىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى ئىچىدە ئېرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەسلەپتىكى «ئايرىمچى» سىياسەتلەرنى ئۆتكۈنچى ياكى ئەھمىيەتسىز دەپ ھېسابلايدۇ.

3.2. ئىلمىي رەت قىلىش ۋە قارشى ئىددىئا ئانالىزى

ما روڭنىڭ «يېڭى چىڭ تارىخى» ئېقىمىنى ياقلىغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان بىرىنچى قول مەنبەلەرنى ئىلمىي جەھەتتىن تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن رەت قىلىشقا قىلىشقا تىرىشىدۇ:

فۇنكسىيەلىك بىرلىشىش: ما روڭ مانجۇ تىلىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئەسلا تانمايدۇ، ئەمما بۇ ھۆججەتلەر تۈزۈلگەن چاغدىكى مەمۇرىي سىستېمىنىڭ خىزمەت تىلىنىڭ خىتايچە ئىكەنلىكىنى ياقىلايدۇ. ئۇنىڭچە، بىر ئورگاننىڭ ئىسمى مانجۇچە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىش جەريانى (ئىمتىھان سىستېمىسى، باج سىياسىتى) خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ داۋامىدۇر.

سىياسىي ئىزچىللىق: يازغۇچى چىڭ سۇلالىسىنىڭ «مىڭ تارىخى» نى يازدۇرۇشىنى ۋە ئۆزىنىڭ قانۇنىيلىقىنى يەنى رەسمىيلىكىنى مىڭ سۇلالىسىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە كۆرسىتىشىنى مانجۇ كىملىكىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر «سىياسىي ئىرادە» دەپ قارايدۇ:

زامانىۋى كونتېكىستما روڭنىڭ ئەڭ كۈچلۈك (شۇنداقلا سىياسىي تۈس ئالغان) ئىددىئاسى:«  جەمئىيەت بىرلىكىنى ، مەنپەئەتدارلىقنى  كۆزدە تۇتۇش  ئەڭ مۇھىم   ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك  تۇرسا ، «يېڭى چىڭ تارىخى» ئېقىمى 18-ئەسىردىكى «ئېتنىك پەرقلەر» نى زىيادە كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى 1.4 مىليارد كىشىنىڭ تارىخىي بىرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ».

ما روڭنىڭ ئىددىئالىرى «مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايلىشىش» (Sinicization) مودېلىنى ئاساس قىلسا، ئۇ تەنقىد قىلغان «يېڭى چىڭ تارىخى» ئېقىمى «ئېتنىك ھۆكۈمرانلىق» (مانجۇ كىملىكىنى ساقلاش) مودېلىنى ئاساس قىلىدۇ. ئىلمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئىككى ئېقىم ئوخشاش بىر ئارخىپتىكى ئوخشىمىغان تىللارغا (خىتايچە ۋە مانجۇچە مەنبەلەرگە) دىققەت تارتىدۇ.

ما روڭنىڭ مېتودولوگىيەلىك خاتالىقى —  ئاڭلىق تاللىشى — شۇ يەردىكى؛ ئۇ تارىخىي توقۇنۇش، زورلۇق-زومبۇلۇق ۋە ئېتنىك ئايرىمچىلىقنى «تاسادىپىي ياكى سۈنئىي» دەپ تەرىپلەيدۇ، ھەمدە «بىرلىك» ۋە «ماسلىشىش» بايانىنى تارىخنىڭ «مەركىزىي ۋە تەبىئىي» ئېقىمى سۈپىتىدە قايتىدىن توقۇپ چىقىدۇ.

3. تارىخنىڭ ھازىرقى زامانغا خىزمەت قىلدۇرۇلۇشى: خىتاي مىللىي بايانىدا تېلېئولوگىيە ۋە ئاناكرونىزم مەسىلىسى
بۇ بۆلۈمدە، ئۆتمۈشنى بۈگۈنكى سىياسىي مەنپەئەتلەرگە ماسلاشتۇرۇپ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى تەنقىد قىلىدىغان «مىللەتنى تارىختىن قۇتۇلدۇرۇش» كۆز قارىشى يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. شۇنداقلا، ما روڭنىڭ «بەش مىڭ يىللىق ئۈزۈلۈپ قالمىغان جەريان» ۋە «ئېلاستىكىلىق چېگرالار» ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتى بىلەن ئىدېئولوگىيەلىك مەقسىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار ئانالىز قىلىنىدۇ.

1.3. تېلېئولوگىيەلىك تارىخ يېزىقچىلىقى: مۇقەررەر بىر نەتىجە سۈپىتىدە «جوڭخۇا مىللىتى»

ما روڭنىڭ بايانلىرى تارىخنىڭ ئېقىشىنى ياكى يۆنىلىشىنى بۈگۈنكى «جوڭخۇا مىللىتى ئېڭى» غا  بىۋاستە تۇتاشتۇرىدىغان تۈز سىزىقلىق ۋە مۇقەررەر بىر يول سۈپىتىدە تەرىپلەيدۇ. ئىلمىي تارىخچىلىقتا بۇ يۆنىلىش «ۋىگچە تارىخ يېزىقچىلىقى» (Whig Historiography) ياكى «تېلېئولوگىيەلىك بايان» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئوبيېكتىپلىقنىڭ يوقىلىشى: پرازېنجىت دۇئارا [9](1995) ئۆزىنىڭ «مىللەتنى تارىختىن قۇتۇلدۇرۇش» [10]ناملىق ئەسىرىدە، دۆلەت-مىللەتلەرنىڭ تارىخنى «تۈز سىزىقلىق بىر تەرەققىيات» قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆتمۈشتىكى باشقا ئېھتىماللىقلارنى قانداق بېسىپ تاشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ما روڭنىڭ بايانىدا، مەسىلەن موڭغۇل ياكى مانجۇ ئىشغالىيەتلىرى «خىتاي مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەر» سۈپىتىدە سۇنۇلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئىشغالىيەتلەر يۈز بېرىۋاتقان مەزگىلدە تەرەپلەرنىڭ مەقسىتى «بىر تۇتاش خىتاي مىللىتى يارىتىش» ئەمەس، بەلكى ئۆز سۇلالىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئىدى.

ئىلمىي ئوبيېكتىپلىق مەسىلىسى: تارىخ پېنىنىڭ ئوبيېكتىپلىقى، ۋەقەلەرنى ئۆز ئارقا كۆرۈنۈشىدە، نەتىجىنى بىلمەيدىغان بىر  بىتەرەپ كۆزەتكۈچىدەك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىكى چېگرالارنى ۋە كىملىكنى « ئۆتمۈشتىكى تارىخنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى» قىلىپ بېكىتىش، پاكىتلارنى مۇشۇ مەقسەتكە خىزمەت قىلىدىغان شەكىلدە تاللاپ سۈزۈش (cherry-picking) تىن باشقا ئىش ئەمەس بولۇپ بۇ ئەھۋال تارىخ بىلىمىنى بىر ئىجتىمائىي پەن بولۇشتىن توختىتىپ، بىر «مىللىي ئەپسانە» قورالىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقتۇر.

  • ئاناكرونىزم (زامان خاتالىقى) خەۋپى: زامانىۋى ئۇقۇملارنىڭ ئۆتمۈشكە تېڭىلىشى

ما روڭ ماقالىسىدە، تور ئىشلەتكۈچىلىرىنى زامانىۋى مىللەتچىلىكنى ئۆتمۈشكە تاڭدى (1644 مۇنازىرىسى) دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىرگە؛ زىددىيەتلىك ھالدا  ئۆزىمۇ زامانىۋى «بىر تۇتاش دۆلەت» ۋە «زېمىن پۈتۈنلىكى» ئۇقۇملارنى قەدىمكى دەۋرلەرگە تاڭىدۇ.

«ئېلاستىكىلىق چېگرالار» ۋە زامانىۋى ئىگىلىك ھوقۇق:  ما روڭ قەدىمكى دەۋردىكى «چېگرالارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى» ۋە مىللەتلەر ئارا تەسىر كۆرسىتىشنى بۈگۈنكى كۆپ مىللەتلىك قۇرۇلمىنىڭ ئاساسى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەمما «چېگرا» (border) ئۇقۇمى زامانىۋى ۋېستفالىيە سىستېمىسىغا تەۋەدۇر. قەدىمكى دەۋردە چېگرالار «ئېلاستىكىلىق» بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەركىزىي دۆلەتنىڭ چەت رايونلار ئۈستىدە زامانىۋى مەنىدىكى بىر «ئىگىلىك ھوقۇق» قۇرۇش ئىقتىدارى ۋە نىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن  ئوچۇق ۋە ئۆتكۈزۈشچان ئىدى.

سىياسىي ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئانالىز قىلىش:  ئېرىك خوبسباۋم[11] (1983) ئۆزىنىڭ «ئەنئەنىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقىرىلىشى» [12] ناملىق ئەسىرىدە، زامانىۋى دۆلەتلەرنىڭ قەدىمكى پائالىيەتلەر ۋە ھەرىكەتلەرنى بۈگۈنكى ئېھتىياجىغا قاراپ قانداق قايتىدىن يېڭىدىن تەبىرلەپ چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ما روڭنىڭ «تارىخىي بىرلىشىش» ئىبارىسى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۈگۈنكى تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق رايونلاردىكى باشقۇرۇش سىياسەتلىرىگە تارىخىي بىر قانۇنىيلىق ياكى رەسمىيلىك يارىتىپ بېرىش، ئۆز ھەرىكىتىنى ئاقلاش ئۇرۇنۇشىدۇر. بۇ، ئاكادېمىك بىر بايقاش ئەمەس بەلكى، «ئاناكرونىستىك بىر قانۇنلاشتۇرۇش»  (ۋاقىتنى خاتا تېڭىش ئارقىلىق ئاقلاش) تۇر.
3.3. ئىلمىي سوئاللارغا جاۋاب ۋە بىرلەشتۈرۈش

تېلېئولوگىيەلىك قۇرۇلما ئوبيېكتىپلىق بىلەن ماسلىشامدۇ؟

ئۇنداق ئەمەس. ئىلمىي تارىخ يېزىقچىلىقى «نېمە ئىش يۈز بەردى؟» دېگەن سوئالغا مەركەزلەشسە، تېلېئولوگىيەلىك «بۈگۈنكى ھالەتكە قانداق كەلدۇق؟» دېگەن سوئالغا دىققەت قىلىدۇ ۋە بۈگۈنكى نەتىجىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بارلىق تارىخىي ئېغىشلارنى (مەسىلەن، ئايرىمچىلىق ھەرىكەتلىرى ياكى مەغلۇپ بولغان سۇلالە ھەرىكەتلىرىنى) «نورمالسىزلىق» ياكى «تاشقى تەسىر» دەپ قارايدۇ. بۇ تېلېئولوگىيەلىك  تارىخ يېزىقچىلىقى تارىخنىڭ كۆپ سادالىق ۋە تاسادىپىيلىق خۇسۇسىيىتىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ.

ماقالە ئۆز ئىچىدە بىر ئاناكرونىزم (زامان خاتالىقى) نى ساقلاۋاتامدۇ؟

شۇنداق. ما روڭ زامانىۋى مىللەتچىلىكنى «خاتا بىر نۇقتىنەزەر» دەپ چەتكە قاقىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزى زامانىۋى دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشقا قارىتىلغان «بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈك» ئۇقۇملىرىنى تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا (تاڭ سۇلالىسى، يۈەن سۇلالىسى قاتارلىقلارغا) تاڭىدۇ. قەدىمكى دۇنيادىكى پراگماتىك (ئەمەلىيەتچىل) ئىتتىپاقلارنى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى زامانىۋى دەۋردە  « بىر جۇڭخۇا  مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» (nation-building) پىلانىنىڭ بىر پارچىسىدەك كۆرسىتىش كىلاسسىك بىر ئاناكرونىزم مىسالىدۇر.

 شۇڭلاشقا، ما روڭنىڭ ماقالىسى ئىلمىي تارىخ تەتقىقاتى ئەمەس، بەلكى ئاتالمىش«مىللىي بىر گەۋدىلىشىش جەمئىيەتشۇناسلىقى»نىڭ تارىخىيلاشتۇرۇلغان بىر نۇسخىسىدۇر. ئىلمىي نۇقتىدىن «ئوبيېكتىپلىق» ئۆلچىمىنى دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە  جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئۆلچىمىگە قۇربان قىلماقتا. بۇ خىل تاكتىكىلار  جەمئىيەتلەرنى بىر يەردە تۇتۇپ تۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۆتمۈشنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ۋە تارىخىي ئاكتىيورلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس بولغان ھەقىقىي مەقسەتلىرىنى چۈشىنىش مەسىلىسىدە مېتودولوگىيەلىك جەھەتتىن چەكلىمىلىككە ئىگە.

4.كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ئاكادېمىك نەتىجىنىڭ  تاشقى تەھدىت سۈپىتىدە  كۆرۈلۈشى: خىتاي ئېتنىك جەمئىيەتشۇناسلىقىدا ھەمكارلىشىپ ياشاش ۋە تاشقى بايانلار تەنقىدى

بۇ بۆلۈمدە نوپۇس ۋە سىياسىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقى باراۋەر بولمىغان جەمئىيەتلەردە «ئۆزئارا بىرلىشىش» ئىددىئاسىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق جەھەتتىكى چەكلىمىلىرى مۇنازىرە قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئاكادېمىك ئىددىئالارنىڭ «تاشقى تەھدىت» دەپ قارىلىشىنىڭ ئىلمىي ئۆلچەملەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى يورىتىپ بېرىلىدۇ.

1.4. «ئاز سانلىق» ۋە «كۆپ سانلىق» مۇناسىۋىتى: ھەمكارلىشىپ ياشاشمۇ ياكى ھۆكۈمرانلىق خاراكتېرىدىكى ئاسسىمىلياتسىيەمۇ؟

ما روڭ خىتاي تارىخىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋەتلىرىنى «سېنىڭ ئىچىڭدە مەن، مېنىڭ ئىچىمدە سەن» (ئىچ ئىچىگە  كىرىشىش) ئوخشىتىشى بىلەن تەرىپلەيدۇ. ئەمما جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن بۇ ئۇقۇمنىڭ تەتبىقلىنىشى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى شەرت قىلىدۇ.

كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ھەمكارلىشىپ ياشاش» پارادوكسى:

ئا. نوپۇس كۈچى: جەمئىيەتشۇناس مىلتون گوردوننىڭ [13](1964) ئاسسىمىلياتسىيە نەزىرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، غايەت زور بىر ئاساسىي گۇرۇپپا (خىتاي) بىلەن كىچىكرەك گۇرۇپپىلار (مانجۇ، موڭغۇل قاتارلىقلار) ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ناھايىتى ئاز شارائىتلاردا باراۋەر بىر بىرلىشىش  ئىپادىسى كۆرسىتىدۇ. %90 ى خىتاي بولغان بىر نوپۇس قۇرۇلمىسىدا «ئۆزئارا تەسىر»، ئەمەلىيەتتە كىچىك گۇرۇپپىنىڭ تىلى، دىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ چوڭ گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدە ئېرىپ كېتىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ب. ئاسسىمىلياتسىيە ۋە بىرلىشىش: ما روڭ ياقىلىغان «بىرلىشىش» (zhenghe) كەلىمىسى، نەزەرىيە جەھەتتىن ئىككىلا تەرەپنىڭ ئۆزگەرگەن جەريانىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما تەنقىدچىلەر، بۇ جەرياننىڭ تارىخىي جەھەتتىن «خىتايلىشىش» (Sinicization/Hanhua) شەكلىدە تاق تەرەپلىمىلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ستېۋان خاررېل [14](1995) خىتاينىڭ چەت رايونلاردىكى بۇ جەريانلىرىنى  «مەدەنىيەتلەشتۈرۈش پىلانلىرى» (Civilizing Projects) دەپ ئاتايدۇ؛ بۇ يەردە مەركەز (خىتاي)، ئەتراپنى (ئاز سانلىق مىللەتلەرنى) ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئۆلچىمىگە توغرىلاپ ئۆزگەرتىدۇ.

ج. ما روڭنىڭ ئىلمىي چېگرىسى:  ما روڭ بىرلىشىش بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانى سىياسىي تەۋەلىك ئارقىلىق سىزىدۇ. ئەگەر بىرتوپلۇق «جوڭخۇا مىللىتى»  كىملىكىنى قوبۇل قىلىپ سىياسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن بولسا، يازغۇچى بۇنى «مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلىشىش» دەپ قارايدۇ. ئەمما جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن، بىر گۇرۇپپىنىڭ تىلىنىڭ خىتايچە بولۇپ كېتىشى  ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلىشىش ئەمەس  (مەسىلەن، مانجۇ تىلىنىڭ يوقىلىشى) بىر مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسىدۇر ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ھەمكارلىقى» دەپ ئاتىلىشى، كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقىنى يوشۇرىدىغان بىر بايان تۈرىدۇر  (لېيبولد، 2007).

2.4. تاشقى تەسىر ئىددىئاسى ۋە ئىلمىي مېتودولوگىيە: بىلىمنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇلۇشى
ما روڭ غەربلىك ياكى ياپونىيەلىك ئاكادېمىكلارنىڭ (مەسىلەن، «يېڭى چىڭ تارىخى» ئېقىمىنىڭ) قاراشلىرىنى «ئايرىمچىلىق مەقسەتلىرىگە خىزمەت قىلىدىغان بىر تاشقى تاكتىكا» دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇ قاراش ئىجتىمائىي پەنلەردە «ئاكادېمىك نەتىجىنىڭ تەھدىت سۈپىتىدە كۆرۈلۈشى»[15] دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىلمىي ئوبيېكتىپلىق ۋە مەنبە خاتالىقى : [16]

ئىددىئاغا قارشى مەقسەت: بىلىم پەلسەپىسىدە بىر ئىددىئانىڭ توغرىلىقى، شۇ ئىددىئانى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىنىڭ كىملىكى ياكى مەقسىتىدىن مۇستەقىل ھالدا باھالىنىشى كېرەك. بىر ئىددىئانىڭ «پارچىلاش نىيىتى بىلەن» ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇشى، شۇ ئىدىئانى سۇنغان ئىلمىي پاكىتلارنىڭ (مەسىلەن، مانجۇچە ئارخىپ ھۆججەتلىرىنىڭ) خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ما روڭنىڭ قارىشى ئىددىئانىڭ مەزمۇنىغا ئەمەس، بەلكى مەنبەسىگە ھۇجۇم قىلىدىغان بىر خىل شەخسكە ھۇجۇم قىلىش (ad hominem) مەنتىقىسىدۇر.

ئاكادېمىك مۇنازىرىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشى: ياپونىيەلىك ئاكادېمىكلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى «مان-مو» (مانجۇرىيە-موڭغۇلىيە) تەتقىقاتلىرىنىڭ ئىمپېرىيالىستىك نىشانلارغا خىزمەت قىلغانلىقى تارىخىي بىر ھەقىقەت. ئەمما زامانىۋى «يېڭى چىڭ تارىخى» تەتقىقاتلىرى مانجۇچە ھۆججەتلەر ئارقىلىق «ئىمپېرىيە كىملىكى» نى ئانالىز قىلىدۇ. ما روڭ بۇ تەتقىقاتلارنى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن رەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى «تاشقى تەھدىت» خالتىسىغا سېلىپ، بىخەتەرلىك مەركەز قىلىنغان بىر باياننى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاكادېمىك مۇستەقىللىقنى ئاجىزلىتىپ، ئىلمىي بىر مۇنازىرىنى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ (گلادنېي، 2004) .

ما روڭ سۇنغان مودېل بىر «ئىجتىمائىي ئىنژېنېرلىق تارىخچىلىقى» مىسالىدۇر. يازغۇچى «ئاز سانلىق» مىللەتلەرنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى ئىچىدە ئېرىپ كېتىشىنى «تەبىئىي بىر مەدەنىيەت ماسلىشىشى» دەپ كۆرسىتىپ، تەڭپۇڭسىز كۈچ مۇناسىۋەتلىرى ياراتقان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك ئاسسىمىلياتسىيەنى كۆرمەسكە سالىدي. ئاكادېمىك ئىددىئالارنى دۆلەت بىخەتەرلىك سۈزگۈچىدىن ئۆتكۈزۈش، خىتاي تارىخ يېزىقچىلىقىنى دۇنياۋى ئىلمىي ئۆلچەملەردىن ئايرىپ، « <قولى ئىچىگە ئېگىلىدىغان>  ۋە مۇداپىئە خاراكتېرلىك» بىر قۇرۇلمىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

5. نەزىرىيەدىن ئەمەلىيەتكە: رەقەملىك دەۋردە فېي شياۋتۇڭنىڭ «كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلىشىش» نەزەرىيەسىنىڭ چېگرالىرى ۋە ئۆزگىرىشى

مەزكۇر بۆلۈمدە، 1988-يىلى شەكىللەنگەن «كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلىك» نەزىرىيەسىنىڭ، بۈگۈنكى رەقەملىك مىللەتچىلىك ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەۋج ئالغان مىكرو كىملىك سىياسەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۈنۈمىگە سوئال قويۇلىدۇ.

1.5. 1980- يىللارنىڭ مىراسى: «كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلىك» نەزىرىيەسى
پروفېسسور فېي شياۋتۇڭ 1988-يىلى تاننېر سۆھبىتىدە بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، خىتاي جەمئىيىتى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ جاراھەتلىرىنى ساقايتىپ، ئىسلاھات دەۋرىنى باشلىغان ئىدى. بۇ نەزىرىيە ئېتنىك كۆپ خىللىق بىلەن سىياسىي بىر گەۋدىلىك ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ئورنىتىشنى، يەنى مىللەتلەرنى ئورتاق بىر قازاندا «يۇمشاق» ئۇسۇل بىلەن بىرىكتۈرۈشنى نىشان قىلغان ئىدى.

2.5.  رەقەملىك دەۋرنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشى: «ئالگورىزىملىق چوڭ مىللەتچىلىك»
فېي شياۋتوڭنىڭ نەزىرىيەسى ئۇچۇر-ئالاقە دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان بىر دۇنيا ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئىدى. بۈگۈنكى رەقەملىك ئېكوسىستېما بۇ قۇرۇلمىنىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىپ قويدى:

مىكرو مىللەتچىلىكنىڭ يۈكسىلىشى:  ئىجتىمائىي تاراتقۇلار (ۋېيبو، دوۋيىن قاتارلىقلار) «خىتاي مىللەتچىلىكى» نى قايتىدىن جانلاندۇردى ۋە بۇ ئەھۋال فېي شياۋتوڭنىڭ «بىر گەۋدىلىك» غايىسىنى «خىتاينى مەركەز قىلغان بىر گەۋدىلىك» كە ئايلاندۇرۇپ قويدى .

ئالگورىزىملىق ئەكس سادا ئۆيلىرى: ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئالگورىزىملىرى ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك ياكى تارىخىي قاراشلىرىغا ئاساسەن تۈركۈملەرگە ئايرىپ «ئەكس سادا ئۆيلىرى» نى يارىتىدۇ. بۇ ئەھۋال «سېنىڭ ئىچىڭدە مەن، مېنىڭ ئىچىمدە سەن» دەيدىغان ماسلىشىپ ياشاش چۈشەنچىسىنىڭ ئەكسىچە، «رەقەملىك چوڭ مىللەتچىلىك» ۋە «بىز ۋە ئۇلار» ئايرىمىسىنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرمەكتە.

3.5. نەزىرىيەۋى يىمىرىلىش: «مەدەنىيەت»تىن «سىياسىي»غا يۆتكىلىش

فېي شياۋتوڭنىڭ ئەسلى نەزىرىيەسىدە «كۆپ مەنبەلىك» بىلەن «بىر گەۋدىلىك» ئوتتۇرىسىدا نازۇك بىر تەڭپۇڭلۇق بار ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى سىياسىي بايانلاردا تەڭپۇڭلۇقنىڭ پۈتۈنلەي «بىر گەۋدىلىك»(Unity/Yiti) تەرەپكە ئېغىپ كەتكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. 2014-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ دۆلەت سىياسىتى «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» نى كۈچەيتتى. بۇ يېڭى ئىدىيە «كۆپ مەنبەلىكلىك» (Duoyuan) ئامىلىنى  بىر «فولكلورلۇق» ئېلېمېنتقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا مايىلدۇر (بۇلاگ، 2021).

فېي شياۋتۇڭنىڭ «كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلىشىش» نەزىرىيەسى بۈگۈنكى كۈندە  سىياسىي بىر نىشانغا ئايلىنىپ قالدى. ما روڭغا ئوخشاش ئاكادېمىكلارنىڭ بۇ نەزىرىيەگە چىڭ يېپىشىۋېلىشىنىڭ سەۋەبى، نەزىرىيەنىڭ ئىلمىي توغرىلىقىدىن بەكرەك ، ئۇ  ياقلىغان «تارىخىي قانۇنىيلىق يەنى مۇقەررەرلىك»تۇر. فېينىڭ قارىشى 1980-يىللاردىكى «داۋالاش» دەۋرىگە ماس كېلىدىغان بىر تېڭىق بولۇپ، 2020-يىللارنىڭ «يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچ ۋە ئىچكى بىخەتەرلىك» دەۋرىدە پەرقلەرنى يوقىتىدىغان بىر «ئاسسىمىلياتسىيە كىيىمى» سۈپىتىدە تەنقىتكە لايىقتۇر.
6

. خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى: ما روڭنىڭ ئىددىئالىرى ۋە ئىلمىي تەنقىدلەر

1.6. ما روڭنىڭ ئىددىئالىرى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر سىياسىتى: «سىياسىي كىملىكتىن مەدەنىيەت تەۋەلىكىگە»
ما روڭ ئۆزىنىڭ ئاكادېمىك ھاياتى بويىچە ياقىلاپ كەلگەن ئەڭ تۈپ قاراشلارنىڭ بىرى، مىللەتلەر مۇناسىۋەتلىرىنى «سىياسىيلاشتۇرۇشتىن» (politicization) خالىي قىلىپ، «مەدەنىيەتلەشتۈرۈشكە» (culturization) يۆتكەشتۇر. پىروفېسسورنىڭ ئىددىئالىرى نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر سىياسەتلىرى تۆۋەندىكىچە :

1.1.6. مىللەت كىملىكىنىڭ «فولكلورلىشىشى» ۋە سىياسىي بىرلىك:  ما روڭ سوۋېت تىپىدىكى « مىللىي ئاپتونومىيە» ۋە «پاسپورتتا  مىللەت كىملىكىنى ئەسكەرتىش» ئەندىزىسىنىڭ (ستالىنچە مودېل) ئايرىمچىلىقنى قوزغاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى؛ مىللەت كىملىكىنى سىياسىي بىر سالاھىيەت بولۇشتىن چىقىرىپ،  پەقەت فولكلور ئامىلىغا  ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشىدۇر. بۇ نۇقتىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ «جوڭخۇا مىللىتى» (خىتاي مىللىتى) يۇقىرى كىملىكىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇشى، ما روڭنىڭ «سىياسىي بىرلىشىش» غايىسىنىڭ  تەلىپىدۇر.

2.1.6. غەربچە «مىللەت» ئۇقۇمىغا قارشى بىر «زەھەر قايتۇرغۇچ»

 « ما روڭ ماقالىسىدە قەيت قىلغاندەك، «nation» (مىللەت) ئۇقۇمى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەتلەرگە تەتبىقلانغاندا، بۇ ئەھۋال «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» تەلەپلىرىنى تۇغدۇرىدۇ. پىروفېسسورنىڭ ئىددىئالىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار بىر «مىللەت» (nation) ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ تارىخىي «تيەنشيا» (ئاسمان ئاستى) سىستېمىسى ئىچىدىكى بىر «خەلق»تۇر (people) خالاس.  شۇڭلاشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل سىياسىي ئىرادە تەلەپ قىلىشى، غەربچە ئۇقۇملارنىڭ خاتا تەتبىقلىنىشىدىن كەلگەن بىر «ئاڭ ئېغىشى»دۇر. دۆلەت يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەر بولسا بۇ ئېغىشنى «داۋالايدىغان» بىرلىشىش ياكى قوشۇلۇش جەريانىدۇر.

3.1.6. ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى

ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان «چاي-ئات سودىسى» مىسالىغا ئوخشاش، ما روڭ مىللەتلەر ئارا بىر-بىرىگە بېقىنىشنى ياقىلايدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى تەرەققىيات پىلانلىرى، «تەربىيەلەش»، «مەدەنىيەتلەشتۈرۈش» ۋە ئەمگەك كۈچى يۆتكەش سىياسەتلىرى پىروفېسسورنىڭ ئىددىئالىرىدا «ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزئارا تولۇقلاش» دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ خىتايلار بىلەن ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە گىرەلىشىپ كېتىشى، ما روڭ ياقىلاۋاتقان «سېنىڭ ئىچىڭدە مەن، مېنىڭ ئىچىمدە سەن» مودېلىنىڭ زامانىۋى بىر ئىجراسىدۇر.

2.6. ئىلمىي ۋە تەنقىدىي نۇقتىنەزەر: بىر ئاسسىمىلياتسىيە قورالى سۈپىتىدە ما روڭنىڭ ئىددىئالىرى

ئىلمىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ما روڭ ئوتتۇرىغا قويغان «مەدەنىيەتلەشتۈرۈش» ۋە «بىر گەۋدىلىشىش» ئۇقۇملىرى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ھۆكۈمرانلىق خاراكتېرىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە» [17] سىياسەتلىرىنى ئاكادېمىك تىل بىلەن نىقابلىماقتا.

كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە «ھەمكارلىشپ ياشاش»نىڭ مۇمكىنسىزلىكى

 ما روڭنىڭ «ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ياشاش» ئىددىئاسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ( ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار) غايەت زور كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كۆرمەسكە سالىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن، %92 ى خىتاي بولغان بىر دۆلەتتە «مەدەنىيەتلەشتۈرۈش» دېمەك، خىتاي مەدەنىيىتىدىن باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ (مەسىلەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى) ھۆكۈمران مەدەنىيەت (خىتاي مەدەنىيىتى) ئىچىدە ئېرىپ كېتىشى دېمەكتۇر. مىلتون گوردوننىڭ (1964) ئاسسىمىلياتسىيە نەزەرىيەسى بويىچە، بۇ بىر «ئۆزئارا بىرلىشىش» ئەمەس، بەلكى «قۇرۇلمىۋى ئاسسىمىلياتسىيە»دۇر. ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتىن چىقىرىۋېتىلىشى، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىنىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بارغانچە يوقلىشىشقا قاراپ مېڭىشى پىروفېسسور ئىددىئا قىلغان «تەبىئىي ھەمكارلىشىپ ياشاش»نىڭ ئەكسىچە، دۆلەت زورلۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تاق تەرەپلىمىلىك ئۆزگەرتىشتۇر.

مەدەنىيەتلەشتۈرۈش» نىقابى ئاستىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى: ما روڭ مىللەت ھوقۇقلىرىنىڭ سىياسىي ساھەدىن چىقىرىۋېتىلىشىنى ياقىلاش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنىڭ ئاكادېمىك ئاساسىنى يوقاتماقتا. جېيمىس لېيبولد (2010) نىڭ پىكرىچە، ما روڭغا ئوخشاش «ئىككىنچى ئەۋلاد ئېتنىك سىياسەت» ياقلىغۇچىلىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى پەقەت بىر «فولكلورلۇق بېزەك»كە چۈشۈرۈپ قويماقتا. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پەقەت ئۇسسۇل ۋە ئاشپەزلىك بىلەنلا چەكلىنىپ؛ تىل، دىن ۋە تارىخ ئېڭىنىڭ باستۇرۇلۇپ قويۇلۇشى ت ئىلمىي جەھەتتىن «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى»دۇر.

«مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە» ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش: ما روڭ ماقالىسىدە بىرلىشىشنىڭ «تەبىئىي بىر جەريان» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت، جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي تىل ئۆگىتىش ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىغا قىلىنغان دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى بۇ جەرياننىڭ «تەبىئىي» ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. چارلېس تىللىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسى بويىچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ قىلىۋاتقىنى بىر «مەجبۇرىي بىر تۇتاشلاشتۇرۇش»تۇر. ما روڭنىڭ ئىددىئالىرى بۇ دۆلەت زورلۇقىنى بىر «تارىخىي زۆرۈرىيەت» ۋە «زامانىۋىلىشىش» دەپ تەرىپلەش ئارقىلىق، ئىلمىي ئوبيېكتىپلىقتىن يىراقلىشىپ، دۆلەت ئىدېئولوگىيەسىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالماقتا.

تېلېئولوگىيەلىك خاتالىق: ئۇيغۇر كىملىكىنى رەت قىلىش: ما روڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ زامانىۋى بىر «ئويدۇرما» ياكى «غەربنىڭ قۇرۇلمىسى» ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئۇيغۇر تارىخىنى «خىتاي مىللىتىنىڭ مۇقەررەر بىر پارچىسى» قىلىپ كۆرسىتىش، تارىخ بىلىمىدىكى «ئاناكرونىزم» ۋە «تېلېئولوگىيە» خاتالىقلىرىغا پېتىپ قېلىشتۇر. بۇ خاھىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي بايانلىرىنى ئىلمىي جەھەتتىن ئىناۋەتسىز قىلىپ، ئۇلارنى تارىخسىز قالدۇرماقتا (دۇئارا، 1955).

ما روڭ نۇقتىسىدىن:  ئۇيغۇر سىياسىتى ئاشقۇنلۇقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، غەربچە پارچىلىغۇچى ئۇقۇملارنى يوقىتىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ چوڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت گەۋدىسىگە قوشىدىغان  «زامانىۋىلىشىش ۋە بىرلىشىش» پىلانىدۇر.

ئىلمىي تەنقىد نۇقتىسىدىن: بۇ سىياسەت «ئىلمىي» نىقاب ئاستىغا يوشۇرۇنغان تۈزۈلمە ئاساسىدىكى بىر ئاسسىمىلياتسىيەدۇر. ما روڭنىڭ ئىددىئالىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى نوپۇس ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتاي كۆپ سانلىقى ئىچىدە ئېرىتىشنى نىشانلىغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ «ئىلمىي» قانۇنىي ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

خۇلاسە

پىروفېسسور ما روڭنىڭ ئىددىئالىرى خىتاينىڭ ئېتنىك كۆپ خىللىقىنى «جوڭخۇا مىللىتى» يۇقىرى كىملىكى ئاستىدا ئېرىتىشنى نىشانلىغان لوگىكىلىق ۋە نەزەرىيەۋى بىر ئاساس سۇنىدۇ. يازغۇچىنىڭ پىكرىچە، تارىخ تاسادىپىيلىقلاردىن بەكرەك مۇقەررەر بىر بىرلىشىش جەريانىدۇر ۋە بۇ جەرياندا مانجۇ ياكى موڭغۇلغا ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەدەنىيەتنىڭ كېڭىيىشىگە خىزمەت قىلغان. ما روڭنىڭ «مەدەنىيەتلەشتۈرۈش» تەۋسىيەسى، مىللەت توقۇنۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نامىدا كىملىكلەرنى سىياسىي سالاھىيەتتىن چىقىرىپ، فولكلورلۇق بىر ئامىلغا چۈشۈرۈپ قويۇشنى ياقىلاش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەركەز قىلىنغان سىياسەتلىرىگە «ئىلمىي» بىر زېمىن ھازىرلاپ بېرىدۇ.

بۇنىڭغا قارشى، ماقالە بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي تەنقىدلەر شۇنى كۆرسەتتىكى؛ ما روڭنىڭ «تەبىئىي ھەمكارلىشىپ ياشاش» ئىددىئاسى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مىسالىدا كۆرۈلگەن يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت، مەجبۇرىي تىل ئۆگىتىش ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرىغا قىلىنغان دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا ئوخشاش ئەمەلىيەتتىكى پاكىتلار بىلەن چوڭقۇر زىددىيەت ئىچىدە تۇرىدۇ. كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقى بۇ قەدەر ئۆتكۈر بولغان بىر قۇرۇلمىدا «ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ ياشاش ۋە ھەمكارلىشىش»تىن سۆز ئېچىش، جەمئىيەتشۇناسلىق جەھەتتە ئاجىز بولغاننىڭ كۈچلۈك بولغاننىڭ ئىچىدە ئېرىپ كېتىشىنى نورماللاشتۇرىدىغان «ھۆكۈمرانلىق خاراكتېرىدىكى بىر ئاسسىمىلياتسىيە» جەريانىنى نىقابلايدۇ.

ئاخىرقى ھېسابتا، ما روڭنىڭ تارىخ يېزىقچىلىقى ئۆتمۈشنى ئوبيېكتىپ بىر شەكىلدە چۈشىنىش ئۇرۇنۇشى دەپ باھالانماي، خىتاي دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشقا قارىتىلغان بىر «ئىجتىمائىي ئىنژېنېرلىق تارىخچىلىقى» دەپ باھالىنىشى كېرەك. فېي شياۋتۇڭنىڭ 1980-يىللاردىكى مۇرەسسەچى «كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلىشىش» نەزىرىيەسى، بۈگۈنكى رەقەملىك دەۋرىدە، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللەت كىملىكلىرىنى ئاممىۋى ساھەدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايدىغان ۋە ئۇلارنى تارىخسىز قالدۇرىدىغان بىر ئاپپاراتقا ئايلىنىپ قالدى. ئىلمىي ۋە توغرا بىر تارىخ نۇقتئىينەزىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن، ما روڭنىڭ  مېتودولوگىيەسىدەك تۈز سىزىقلىق ۋە ماسلىشىشچان بولماسلىقى؛ توقۇنۇشلارنى، پاجىئەلەرنى ۋە ئوخشىمىغان كىملىكلەرنىڭ ئۆزگىچە ئىرادىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ مەنبەلىك بىر مېتودولوگىيەنى قوللانغان بولۇش لازىم .

پايدىلانمىلار:

  • Anderson, B. (1983). Imagined Communities: Reflections on the Origin and Spread of Nationalism. Verso.
  • Bulag, U. E. (2021). «Minority Nationality as an Analytical Category in China». The Journal of Asian Studies.
  • Duara, P. (1995). Rescuing History from the Nation: Questioning Narratives of Modern China. University of Chicago Press.
  • Elliott, M. C. (2001). The Manchu Way: The Eight Banners and Ethnic Identity in Late Imperial China. Stanford University Press.
  • Fei, X. (1989). Zhonghua Minzu de Duoyuan Yiti Geju [Çin Ulusunun Çoğulcu Bütünlük Yapısı]. Peking University Press.
  • Gladney, D. C. (2004). Dislocated Identities: Muslims, Kurds, and Tibetans in Contemporary China. Routledge.
  • Harrell, S. (1995). Cultural Encounters on China’s Ethnic Frontiers. University of Washington Press.
  • Harrison, J. (2001). Modern Chinese Nationalism. Hunter College.
  • Ho, P. T. (1998). «The Significance of the Ch’ing Period in Chinese History». The Journal of Asian Studies.
  • Hobsbawm, E., & Ranger, T. (1983). The Invention of Tradition. Cambridge University Press.
  • Leibold, J. (2007). Reconfiguring Chinese Nationalism. Palgrave Macmillan.
  • Ma, R. (2007). «A New Model for Managing Ethnic Relations: From ›Politicization‹ to ›Culturization'». Journal of Peking University.
  • Ma, R. (2012). Ethnic Relations in China. China Social Sciences Press.
  • Ma, R. (2014). Population and Society in Contemporary Tibet. Hong Kong University Press.
  • Ma, R. (2025, 22 Aralık). 如何正确理解中国历史上的民族融合 [Çin tarihindeki etnik kaynaşmayı doğru anlamak]. Global Times (Huanqiu Shibao)https://m.huanqiu.com/article/4PeWcIwUKnj (Erişim tarihi: 26 Aralık 2025).
  • Mullaney, T. S. (2011). Coming to Terms with the Nation: Ethnic Classification in Modern China. University of California Press.
  • Rawski, E. S. (1996). «Reenvisioning the Qing: The Significance of the Qing Period in Chinese History». The Journal of Asian Studies.
  • Tilly, C. (1990). Coercion, Capital, and European States, AD 990–1990. Blackwell.
  • Wang, Q. E. (2001). Inventing China through History: The Emergence of Modern Historiography. State University of New York Press.
  • Zhao, S. (2004). A Nation-State by Design: Taiwan and the Dual Cross-Strait Legal Systems. Harvard University Press.
  • Zheng, Y. (2019). Contemporary China: A History since 1978. Wiley-Blackwell.

 [1]  تېلېئولوگىيەلىك (ياكى پەلسەپىۋى نامى بىلەن غايىۋىلىك/مەقسەتلىك)، بىر ھادىسە، جەريان ياكى ھەرىكەتنىڭ ئۆتمۈشتىكى سەۋەبلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدىكى بىر غايە ياكى نەتىجە يۆنىلىشىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆز قاراشتۇر.

تېخىمۇ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا: «بىر ئىش مەلۇم بىر نەتىجىگە يېتىش ئۈچۈن يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېگەن لوگىكىدۇر.

بۇ ئۇقۇمنى ئۈچ ئاساسلىق تېما بويىچە چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ:

  1. تارىخ يېزىقچىلىقىدا تېلېئولوگىيە (تېكىستتىكى مەنىسى) تارىخچىلىقتىكى تېلېئولوگىيەلىك يۆنىلىش، ئۆتمۈشنى خۇددى بۈگۈنكى نەتىجە مۇقەررەردەك تەسۋىرلەشتۇر.

مىسال: «تاڭ ئىمپېرىيەسى ئەسلىدىلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەۋجۇت ئىدى» دېيىش تېلېئولوگىيەلىك بىر خاتالىقتۇر. چۈنكى چىڭ دەۋرىدە ياشىغان كىشىلەر كەلگۈسىدە بىر جۇمھۇرىيەت قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى؛ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس مەقسەتلىرى ۋە ئاشۇ چاغدىكى شارائىتلىرى بار ئىدى.

  • تېكىستتىكى ئىشلىتىلىشى: پىروفېسسور ما روڭ خىتاي تارىخىنى بايان قىلغاندا، 5000 يىل ئىلگىرىكى ۋەقەلەرنىڭمۇ بۈگۈنكى «بىر گەۋدىلىك خىتاي مىللىتى»نى يارىتىش ئۈچۈن يۈز بەرگەنلىكىنى ئىددىئاا قىلىدۇ. تەنقىدچىلەر بولسا بۇنى «تېلېئولوگىيەلىك» دەپ ئاتايدۇ؛ يەنى ما روڭ بۈگۈنكى سىياسىي مەنزىرىنى (نەتىجىنى) تارىخنىڭ بىردىنبىر مەقسىتىدەك قىلىپ، ئارقىغا قاراپ قۇراپ چىقىدۇ.

2.سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى

  • Telos: غايە، مەقسەت، ئاخىرقى نىشان.
  • Logos: بىلىم، تەلىمات، سۆز.
  • تېلېئولوگىيە: «غايە بىلىمى» ياكى «مەقسەتچىلىك»

3. ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى مىساللار

  • بىئولوگىيەدە: «زۇراپىلارنىڭ بوينى ئېگىز دەرەخلەرگە يېتىش ئۈچۈن (بىر مەقسەت يۆنىلىشىدە) ئۇزارغان» دېيىش تېلېئولوگىيەلىك بىر قاراشتۇر. (ھالبۇكى، ئېۋوليۇتسىيە بىئولوگىيەسى بۇنىڭ بىر مەقسەت ئەمەس، بەلكى تەبىئىي تاللىنىش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ).
  • كۈندىلىك تۇرمۇشتا: «ھەممە ئىش بىر سەۋەب بىلەن (ئەمەلىيەتتە بىر نەتىجە ئۈچۈن) يۈز بېرىدۇ» دېگەن قاراش تېلېئولوگىيەلىك بىر تەقدىر چۈشەنچىسىدۇر.

خۇلاسىلىگەندە: بىر ۋەقەنى باھالىغاندا «بۇ ۋەقە قايسى مەقسەتكە خىزمەت قىلىدۇ؟» ياكى «بۇ ۋەقە قايسى مۇقەررەر ئاخىرلىشىشقا قاراپ كېتىۋاتىدۇ؟» دەپ سورىسىڭىز، تېلېئولوگىيەلىك بىر تەپەككۇر قۇرۇلمىسىدا تۇرۇۋاتقان بولىسىز. تېكىستتىكى تەنقىد، ما روڭنىڭ خىتاي تارىخىنى ئوبيېكتىپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، بۈگۈنكى دۆلەت قۇرۇلمىسىنى يوللۇقلاشتۇرۇش ئۈچۈن «تارىخنىڭ بىردىنبىر نىشانى مۇشۇ ئىدى» دېگەن شەكىلدە بىر قۇرۇلمىنى (ئويدۇرمىنى) قۇرۇپ چىققانلىقىغا قارىتىلغان.

[2] (James Leibold)

[3] (Mark Elliott)

[4] (Prasenjit Duara)

[5] 马戎:如何正确理解中国历史上的民族融合, https://m.huanqiu.com/article/4PeWcIwUKnj,

[6] (Benedict Anderson, 1983)

[7] (James Leibold, 2007)

[8] (Evelyn Rawski)

[9] Prasenjit Duara

[10] Rescuing History from the Nation

[11] Eric Hobsbawm

[12] The Invention of Tradition

[13] Milton Gordon

[14] Stevan Harrell

[15] Knowledge of Securitization

[16] Genetic Fallacy

[17] Hegemonic Assimilation

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*