كىرىش سۆز
-2026يىلى 21-ئاپرېل كۈنى تەڭرىتاغ تورى شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خۇش پۇراق شىنجاڭ: چوڭقۇر ئوقۇش، شىنجاڭ ئوقۇش دوكلاتى — ئومۇمىي خەلق ئوقۇشىنىڭ سىرىنى يېشىش» ماۋزۇلۇق خەۋەردە،[1] شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوقۇش مەدەنىيىتى ۋە كۇتۇپخانا پائالىيەتلىرىگە ئائىت ستاتىستىكىلىق ئۇچۇرلار بايان قىلىنىدۇ. خەۋەردە يەنە كۇتۇپخانا زىيارەتچىلىرىنىڭ سانىدىن تارتىپ رەقەملىك ئوقۇش سۇپىلىرىنىڭ زىيارەت قىلىنىش كۆرسەتكۈچلىرىگىچە، كىتاب سېتىلىش يۈزلىنىشىدىن ئوقۇش پائالىيەتلىرىگىچە بولغان كەڭ دائىرىلىك بىر سانلىق مەلۇمات توپلىمى ئامما بىلەن ئورتاقلىشىلىدۇ.
نەتىجىدە، بۇ مەنزىرە چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغاندا، يۈزەكى پارقىراق ستاتىستىكىلارنىڭ ئارقىسىدا ئېغىر دەرىجىدىكى ۋەكىللىك يېتەرسىزلىكى، سانلىق مەلۇمات بوشلۇقى ۋە بايانلاردىكى زىددىيەتلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ئاشكارىلىنىدۇ. بۇ ماقالە، مەزكۇر خەۋەرنى ئالتە تېماتىك تۈرگە ئايرىلغان ئون سەككىز تەنقىدىي سوئال ئاساسىدا تەھلىل قىلىدۇ. تەھلىل جەريانىدا تاراتقۇ ئەخلاقى، تىل ھوقۇقى، مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىكى ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى نەزەرىيەلىرى ئاساسىدا، ئىلمىي ۋە ئوبيېكتىپ بىر ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ.
ئا. ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە كۆرۈنۈشچانلىق
خەۋەردە ئورۇن ئالغان ئۈچ پارچە سۈرەت تەھلىل قىلىنغىنىدا تۆۋەندىكى مەنزىرە ئېنىق پەيدا بولىدۇ: بىرىنچىسى، «ئىككىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭ دۆلەتلىك ئوقۇش قۇرۇلتىيى»دىكى كىچىك كىتابخانلارنى كۆرسىتىدىغان سۈرەت؛ ئىككىنچىسى، پايتەخت ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازاردا ئېچىلغان كۇتۇپخانا تارماق نۇقتىسىنى كۆرسىتىدىغان كۆرۈنۈش؛ ئۈچىنچىسى بولسا بىر ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسى. بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ۋىۋىسكىلار، كىتاب مۇقاۋىسىدىكى يېزىقلار ۋە ئورۇن ناملىرى پەقەتلا خىتايچىدۇر. ئۇيغۇر ياكى قازاق كىيىم-كېچەكلىرى، ئەنئەنىۋى نۇسخىلار ياكى باشقا تۈرك خەلقلىرىگە سىمۋول قىلىنغان ھېچقانداق كۆرۈنۈش ئېلېمېنتى مەۋجۇت ئەمەس.[2]
تاراتقۇ ۋەكىللىك نەزەرىيەسىدە ستۇئارت خال (Stuart Hall)، «ۋەكىللىك» ئۇقۇمىنى پەقەت كىمنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى قانداق كۆرسىتىلگەنلىكى ۋە نېمىلەرنىڭ كۆرسىتىلمىگەنلىكى بىلەن بىرگە تەرىپلەيدۇ.[3] نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن يۈزدىن قىرىق پىرسەنتىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر بىلەن تەشكىل قىلىدىغان شەرقىي تۈركىستاندا تەييارلانغان رەسمىي ئوقۇش دوكلاتىنىڭ سۈرەتلىرىدە بۇ خەلقلەرنىڭ ھېچ ئورۇن ئالماسلىقى، خالنىڭ «ۋەكىللىكنىڭ يوقلۇقى» (absence of representation) ئۇقۇمى بىلەن ئىزاھلىنىدىغان بىر ۋەكىللىك كرىزىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
خەۋەردە شەرقىي تۈركىستان «كۆپ خىل مەدەنىيەت ئۇچراشقان ئورۇن» دەپ سۈپەتلىنىدۇ، ئەمما تەمىنلەنگەن مەزمۇن بۇ ئېنىقلىمىنى ئەمەلىيەتتە ئەھمىيەتسىز قىلىپ قويىدۇ. تەۋسىيە قىلىنغان ياكى ئارىيەت ئېلىنغان كىتابلارنىڭ ھەممىسى خىتايچە ئەسەرلەردۇر. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىك ئەسەر ياكى يازغۇچىلىرىنىڭ ناملىرى، قازاق شېئىرىيىتى ياكى رايونغا خاس تۈركچە ئەدەبىي ئىجادىيەتلەر خەۋەردە تىلغا ئېلىنمايدۇ.
«يەرلىك كىملىك»نى تىلغا ئېلىشتىن قېچىشنىڭ، بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان مەدەنىيەتنى بىر خىللاشتۇرۇش سىياسەتلىرى بىلەن ماسلاشقانلىقى كۆرۈلمەكتە. تەتقىقاتچى ژۇرنالىست بېن ماۋك (Ben Mauk) نىڭ يازمىلىرى ۋە داررېن بايلېرنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى، بۇ مەزگىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىپادىلىرىنىڭ ئاممىۋى ساھەدە سىستېمىلىق ھالدا ئاجىزلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.[4]
«مىللىي كىملىكنى نېيتراللاشتۇرۇش» (ethnic neutralization)ئۇقۇمى، دۆلەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۆپ خىللاشقان بىر جەمئىيەتنى ئەكس ئەتتۈرگەندە، قەستەن مەلۇم كىملىكلەرنى جەمئىيەتتە كۆرۈنۈشتىن قالدۇرىدىغان تەھرىرلىك سىياسىتىنى تەرىپلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.[5] بۇ خەۋەردە، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىگە ئوخشاش ئۇيغۇر نوپۇسى زىچ ياشايدىغان شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇش پائالىيەتلىرىنىڭ سۈرەتلىرىدىمۇ، مىللىي كىملىككە ئالاقىدار ھېچقانداق ئامىل ئۇچرىمايدۇ. ئاخباراتچىلىقنىڭ ۋەكىللىك ئەخلاقى، مۇخبىرنىڭ ئۆزى بايان قىلغان جەمئىيەتنىڭ رەسمىي نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشىنى شەرت قىلىدۇ. بۇ قائىدە پەقەت يەككە مۇخبىرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئورگانلىرى باشقۇرۇشىدىكى تاراتقۇ ئورۇنلىرى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك.
ب. تىل سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىشى
خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان بارلىق كىتاب ناملىرى ۋاڭ مېڭنىڭ(ئىلىدا) 《在伊犁》، چيۇ خۇادۇڭنىڭ (قۇرۇق شەھەر خاتىرىسى)《空城纪》، بېي شۇمېينىڭ (كۇئېنلۇندىكى ئەھدە)《昆仑约定》، (قىزىل قىيا)《红岩》، 《(ئاۋىئاماتكا)航空母舰》قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خىتايچە ئەسەرلەردۇر. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كىلاسسىك ياكى ھازىرقى زامان نەمۇنىلىرىگە، قازاقچە ئەسەرلەرگە ياكى تۈركچە مەنبەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىرەرمۇ بېشارەت يوق.[6]
ئەسلىدە ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا ئاسىيا يازما مەدەنىيىتى جەھەتتىن ئەڭ قەدىمىي تىللارنىڭ بىرىدۇر. «قۇتادغۇ بىلىگ»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» غا ئوخشاش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مىراسى بولغان ئەسەرلەر ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بىۋاسىتە يېزىلغان.[7] بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەم ئەرەب ئېلىپبەسىدە، ھەم لاتىن ھەرپلىرىدە ۋە ھەم كىرىل ئېلىپبەسىدە ئىجادىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ تىلنىڭ بىر «رايون خاراكتېرلىك ئوقۇش دوكلاتى» دا ھېچ تىلغا ئېلىنماسلىقى، تەھرىردىكى تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى سىياسىي تاللاش دەپ قارىلىش كېرەك.
يۇنېسكو (UNESCO) نىڭ خەۋپ ئاستىدىكى تىللار رامكىسى بويىچە، رەسمىي بايانات ۋە تاراتقۇلاردا بىر تىلنىڭ كۆرۈنۈشچانلىقىنىڭ ئازىيىشى، ئۇ تىلنىڭ ئىجتىمائىي فونكسىيەسىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنىڭ دەسلەپكى سىگناللىرىنىڭ بىرىدۇر.[8] شەرقىي تۈركىستاندىن خەلقئارالىق سۇپىلاردا دەلىللەنگەن دوكلاتلار ئۇيغۇرچە ئوقۇش-يېزىش مائارىپىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا سىستېمىلىق يوقلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، مەكتەپ سانىنىڭ 2017-يىلىدىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئازايغانلىقىنى ۋە بەزى ناھىيەلەردە ئۇيغۇرچە مائارىپنىڭ پۈتۈنلەي توختىتىلغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.[9]
رەسمىي بىر ئوقۇش دوكلاتىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھېچ ئورۇن ئالماسلىقى، بۇ جەرياننىڭ تاراتقۇلاردىكى ئەكس ئېتىشىدۇر. بۇ ئەھۋال پەقەت بىر تەھرىرىي كەمچىلىكلا بولماي، تىلنىڭ ئاممىۋى ساھەدىكى چېكىنىشىنى خاتىرىلەيدىغان سىمۋوللۇق ئىپادىدۇر.
رەسمىي سەۋىيەدە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە نەشرىياتچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 2021-يىللىق دوكلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تۈرلۈك ھۆججەتلىرى، ئەمەلىيەتتە بۇ نەشرىياتلارنىڭ دائىرىسى ۋە زىيارەت قىلىنىش پۇرسىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى تارايغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.[10]
بولۇپمۇ دىنىي مەزمۇندىكى ئۇيغۇرچە نەشرىياتلار، مەلۇم ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە تارىخىي مەنبەلەر ئۈستىدىكى چەكلىمىلەر، رايوندىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ شاھىتلىق سۆزلىرى ۋە تەتقىقاتچى مۇخبىرلار تەرىپىدىن دەلىللەندى. بۇ نۇقتىدىن خەۋەرنىڭ «كۆپ تىللىق مەنبەلەرگە ئېرىشىش» تەك پوزىتسىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە نېمە ئەھمىيىتى بارلىقى سوئالى جاۋابسىز قالماقتا.
مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى جەھەتتە، بىر مىللەتنىڭ تىلىنىڭ ئاۋۋال ئاممىۋى ساھەدە، ئاندىن مائارىپ سىستېمىسىدا، ئەڭ ئاخىرىدا بولسا تاراتقۇ ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە سىقىپ چىقىرىلىش جەريانى «باسقۇچلۇق ئاسسىمىلياتسىيە» (staged assimilation) دەپ تەرىپلىنىدۇ.[11]
ئۇيغۇرچىنىڭ مائارىپ ۋە ئاممىۋى ساھەدىكى ئورنىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەر بىر قانچە خەلقئارالىق مەنبەلەر تەرىپىدىن ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن. تەتقىقاتچى ئارىئان دۋايېر (Arienne Dwyer)، شەرقىي تۈركىستاندا مائارىپ ۋە تاراتقۇلاردا ئاز سانلىق مىللەت تىلى ساھەلىرىنىڭ سىستېمىلىق تارايتىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىنى تاق تىللىق خىتايچە سىياسىتىنىڭ ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.[12] چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ -2024(RSF)يىللىق دوكلاتىغا ئاساسەن، پەقەت شۇ يىلى «شىنجاڭ» تېلېۋىزىيەسىدە ئىشلەيدىغان ئىككى قازاق مۇخبىر قولغا ئېلىنغان.[12b] يېقىنقى بىر تارىختا، 2025-يىلى دېكابىردا «خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرى»نى مائارىپتا ئوقۇتۇش تىلى قىلىپ ئىشلىتىش ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان؛ 2026-يىلى مارتتا يولغا قويۇلغان مىللىتلار ئىتتىپاقلىقى قانۇنى بولسا خىتايچىنى مەكتەپلەردە، رەسمىي ئىشلاردا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا مەجبۇرىي تىل قىلىپ بەلگىلىگەن.[12c] بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ئالاھىدە مەلۇماتچىسىمۇ 2026-يىلى يانۋاردىكى دوكلاتىدا بۇ تەرەققىياتلارنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىملىكىنى تىل ئارقىلىق ياشاش ھوقۇقىغا قارىتىلغان سىستېمىلىق بىر ئارىلىشىش دەپ سۈپەتلىدى.[12d] بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر ئوقۇش دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىياتلارغا ھېچ ئورۇن بەرمەسلىكى، تاسادىپىي بىر يوقلۇق ئەمەس، بەلكى داۋاملىشىۋاتقان بىر جەرياننىڭ تاراتقۇدىكى ئەكىس ئېتىشى دەپ قارىلىشى كېرەك.
گ. ستاتىستىكا ۋە سانلىق مەلۇمات ئوچۇق-ئاشكارىلىقى
خەۋەردە بېرىلگەن بارلىق ستاتىستىكىلار (2025-يىلى يانۋاردىن 2026-يىلى مارتقىچە بولغان مەزگىلدە سەككىز مىليون 648 مىڭ 300 قېتىملىق كۇتۇپخانا زىيارىتى، ئۈچ مىليون 821 مىڭ 900 پارچە كىتابنى ئارىيەت ئېلىش، 25 مىليون 499 مىڭ 200 قېتىملىق رەقەملىك زىيارەت) رايون بويىچە بېرىلگەن ئومۇمىي رەقەملەردۇر. بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مىللەت ياكى تىل بويىچە بىرەرمۇ تۈرگە ئايرىلىشى كۆرسىتىلمىگەن.
خەلقئارالىق ستاتىستىكا ئۆلچەملىرىدە، نوپۇس قۇرۇلمىسى كۆپ خىللاشقان بىر جەمئىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە ئائىت دوكلاتلارنىڭ مۇمكىنقەدەر ئايرىۋېتىلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى (disaggregated data) بېرىشى كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.[13] ئايرىۋېتىلمىگەن سانلىق مەلۇماتلار، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇلازىمەتلىرىدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىغا باھا بېرىشنى مۇمكىن قىلمايدۇ، تەڭسىزلىكلەرنى يوشۇرۇن قالدۇرىدۇ.
خەۋەرنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ياكى باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئائىت ئوقۇش ئادەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات بەرمەسلىكى، ئۈچ خىل ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈلۈشى مۇمكىن:
بىرىنچىسى، بۇ سانلىق مەلۇماتلار پۈتۈنلەي توپلانمىغان. بۇ ئەھۋالدا ستاتىستىكىلىق پىلانلاش جەھەتتە ئېغىر بىر كەمچىلىك بار، چۈنكى ئاممىۋى مۇلازىمەتلەرنىڭ ئۈنۈمىگە باھا بېرىلگەندە نوپۇسنىڭ پۈتۈن كاتېگورىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايرىۋېتىلگەن مەلۇماتلارغا ئېھتىياج بار.
ئىككىنچىسى، بۇ سانلىق مەلۇماتلار توپلانغان، ئەمما ئاشكارىلانمىغان. بۇ ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىنغان بىر تەھرىرلىك ياكى سىياسىي تاللاش دەپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن، ئەمما سۈزۈكلۈك پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن ئەمەس.
ئۈچىنچىسى، مەزكۇر مەلۇماتلار بار، ئەمما ئۇيغۇر ۋە قازاق مىللەتلىرىگە ئائىت ئوقۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ستاتىستىكىسى ئىجابىي بىر ۋەكىللىك يارىتالمايدىغان سەۋىيەدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئورتاقلىشىلمىغان بولۇش ئېھتىماللىقىدۇر. بۇ ئەڭ ئاخىرقى قاراش، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە مائارىپ ۋە نەشرىياتچىلىقنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە ئائىت دوكلاتلار ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان سېنارىيەنى تەشكىل قىلىدۇ.[14]
خەۋەردە «多语种图书» (كۆپ تىللىق كىتابلار) دېگەن ئىپادە بىر قېتىم ئۇچرايدۇ، ئەمما بۇ كاتېگورىيەدە قايسى تىللارنىڭ بارلىقى، بۇ تىللاردىكى نەشرىياتلارنىڭ ئومۇمىي خەزىنە ئىچىدىكى نىسبىتى ۋە ئۇيغۇرچە ياكى قازاقچىدىكى رەقەملىك زىيارەت سىتاتىستىكىلىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. كۆپ تىللىق بىر كۇتۇپخانا مۇلازىمىتىنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئەڭ ئاساسىي مەلۇمات بولغان «تىل بويىچە ئىشلىتىلىش ستاتىستىكىسى» نىڭ بېرىلمەسلىكى، دوكلاتنىڭ ئانالىز جەھەتتىكى ئىشەنچلىكلىكىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
د. مائارىپ ۋە مەجبۇرىيەت مەسىلىسى
خەۋەردە «جۇڭگو سىياسىي تۈرىدىكى» كىتابلاردا يۈزدىن 205 پىرسەنتلىك، «روھىي ساغلاملىق/كۆڭۈل تەسەللىسى تۈرىدىكى» كىتابلاردا يۈزدىن 184 پىرسەنتلىك ئېشىشنىڭ بولغانلىقى دىققەت قوزغايدىغان شەكىلدە تەكىتلىنىدۇ. بۇ ئېشىشلارنىڭ مەزمۇن بويىچە ئىزاھاتى بېرىلمىگەن.[15]
مائارىپ جەمئىيەتشۇناسلىقىدا، ئاممىۋى ئورگانلاردا، مەكتەپلەردە ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدا مەجبۇرىي ئوقۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ستاتىستىكىلىق جەھەتتە «ئۆزلۈكىدىن ئوقۇش» رەقەملىرىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىدىغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك ئىسپاتلار مەۋجۇت.[16] شەرقىي تۈركىستاندا بولۇپمۇ «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» ئۈچۈن مەجبۇرىيلاشتۇرۇلغان ئوقۇش پائالىيەتلىرىنىڭ، بۇ ستاتىستىكىلارغا قانچىلىك تۆھپە قوشقانلىقى خەۋەردە ھېچ تىلغا ئېلىنمىغان.
بۇ، دوكلاتنىڭ ئەڭ مۇھىم سۈكۈت قىلىنغان نۇقتىسىدۇر. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2019-يىللىق دوكلاتىغا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۇرغۇن ناھىيەلىرىدە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە مائارىپنىڭ ئورنىغا خىتايچە دەسسىتىلگەن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۇيغۇرچە مائارىپ بېرىدىغان مەكتەپلەرگە بەرمەسلىك يۆنىلىشىدە بېسىمغا دۇچ كەلگەن.[17]
بۇ جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە ئوقۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنىڭ ئېشىشى، ھەقىقىي بىر قىزىقىشنىڭ نەتىجىسى بولماستىن، بەلكى ئۆز تىلىدا يېتەرلىك مائارىپ ۋە نەشرىيات ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ئېرىشەلمىگەن بىر مىللەتنىڭ باشقا تاللىشى قالمىغانلىقى ئۈچۈن كۆپ سانلىق مىللەت تىلىغا يۈزلىنىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر. خەۋەرنىڭ بۇ ئېھتىماللىقنى ھېچ ئويلىماسلىقى، بېرىلگەن ستاتىستىكىلارنىڭ تەنقىدىي بىر چۈشەنچىدىن مەھرۇم قېلىشىغا سەۋەب بولغان.
ئې. شوئارۋازلىق ۋە ئىدېئولوگىيە
«全民阅读» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئۇقۇمى، خەۋەردە ھەم بىر سىياسەت نىشانى، ھەم بىر ئۇتۇق ئۆلچىمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇقۇمنىڭ ئۆزى يېپىق كۆرۈنۈش پەيدا قىلىدۇ، ئەمما مەزمۇن ئانالىز قىلىنغىنىدا بۇ يېپىقلىقنىڭ پەقەت تىل سەۋىيەسىدىلا قالغانلىقى كۆرۈلىدۇ.[18]
«ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش» شوئارى، ئەگەر ھەقىقەتەن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىدا ئوقۇش ماتېرىياللىرىغا ئېرىشەلىشىنى، ئۆز تىلىدىكى نەشرىياتلارنىڭ قوللىشىنى ۋە ئوقۇش ستاتىستىكىلىرىنىڭ بۇ كۆپ خىللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەزكۇر خەۋەردە بۇلارنىڭ بىرەرسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مەلۇمات ياكى مىسال يوق.
نورمان فايركلوۋ (Norman Fairclough) نىڭ تەنقىدىي بايان تەھلىلى نۇقتىسىدىن باھا بەرگەندە، خەۋەرنىڭ تىلى بىر قانچە ئىدېئولوگىيەلىك فونكسىيەنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتەيدۇ.[19] بىرىنچىسى، تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىشىش بايانى: رايون، رەسمىي بايانلاردا كۇتۇپخانا زىچلىقى دۆلەت ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۈزدىن يىگىرمە سەككىز يۇقىرى، مەدەنىيەت ساھەسى زىچلىقى بولسا يۈزدىن يەتتمىش ئالتە يۇقىرى بولغان ئىلغار مەدەنىيەت رايونى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ. ئىككىنچىسى، دۆلەت قۇرۇلۇشى بايانى: «شىنجاڭ ئوقۇش دوكلاتى» سۈپىتىدە بېرىلگەن مەزمۇن، ئەسلىدە زور دەرىجىدە «شىنجاڭدىكى خەنزۇچە ئوقۇش دوكلاتى» دۇر. بۇ رامكا، شەرقىي تۈركىستان كىملىكىنى كۆپ مەدەنىيەتلىك بىر پۈتۈنلۈك سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى خىتاي دۆلەت كىملىكىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە قۇرۇپ چىقماقتا.
خەۋەردە رايوننىڭ مىللىي كۆپ خىللىقىغا پەقەت بىر قېتىم ۋە خىرە بولغان بىر ئىپادە بىلەن بېشارەت بېرىلگەن: «各族群众» (ھەر قايسى مىللەت ئاممىسى). بۇ ئىبارە، خەۋەرنىڭ ھېچقانداق يېرىدە كونكىرېت بىر مەزمۇن بىلەن دەلىللەنمىگەن. ئۇيغۇرلارغا، قازاقلارغا، قىرغىزلارغا ياكى باشقا تۈركىي خەلقلەرگە خاس بىرەرمۇ كۇتۇپخانا پائالىيىتى، ئوقۇش پائالىيىتى ياكى نەشرىيات تىلغا ئېلىنمىغان.
بۇ، بېنېدىكت ئاندېرسون (Benedict Anderson) نىڭ «خىيالىي جەمئىيەت» (imagined community) ئۇقۇمىنى ئەسلىتىدىغان بىر سۆز ئەمەلىيىتىدۇر: ئوخشىمىغان مىللەتلەر، تاق بىر دۆلەتلىك ئوقۇش مەدەنىيىتى بايانى ئىچىدە كۆرۈنمەس قىلىنىپ، بىر خىللاشقان بىر پۈتۈنلۈكنىڭ پارچىسىغا ئايلاندۇرۇلماقتا.[20]
ف. ئۇزۇن مەزگىللىك تەسىرلەر
يۇنېسكونىڭ « خەۋپ ئاستىدىكى تىللار» ھۆججىتى، بىر تىلنىڭ خەۋپكە دۇچ كېلىش جەريانىغا باھا بېرىش ئۈچۈن توققۇز كۆرسەتكۈچ بەلگىلىگەن. بۇ كۆرسەتكۈچلەر ئىچىدە «رەسمىي ۋە ئورگان سەۋىيەسىدە تىلنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشى»، «تاراتقۇ ۋە نەشرىياتچىلىقتا كۆرۈنۈشچانلىقنىڭ ئازىيىشى» ۋە «نەسىلدىن-نەسىلگە ئۆتۈشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى» ئەڭ ھالقىلىق بولغانلىرىدۇر.[21]
بۇ كۆرسەتكۈچلەر نۇقتىسىدىن باھا بەرگەندە، مەزكۇر ئوقۇش دوكلاتىدا ئۇيغۇرچىنىڭ ھېچ ئورۇن ئالماسلىقى «رەسمىي ۋە ئورگان سەۋىيەسىدە كۆرۈنمەسلىك» كۆرسەتكۈچىنى كونكىرېتلاشتۇرماقتا. رايوندا ئۇيغۇرچە مائارىپنىڭ تارايتىلغانلىقىغا ئائىت دوكلاتلار «نەسىلدىن-نەسىلگە ئۆتۈش» كۆرسەتكۈچىگە بولغان ئەندىشىلەرنى ئاشۇرماقتا. ئۇيغۇرچە نەشرىياتچىلىقنىڭ چېكىنگەنلىكىگە ئائىت ھۆججەتلەنگەن ئىسپاتلار بولسا «تاراتقۇ كۆرۈنۈشچانلىقى» كۆرسەتكۈچىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ ئۈچ كۆرسەتكۈچنىڭ بىرلا ۋاقىتتا پاسسىپ بىر يۆنىلىشتە مېڭىشى، تىل خەۋپى ساھەسىدە خەتەرلىك بىر بوسۇغىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى، تاراتقۇلاردىكى تىل تاللاشلىرىنىڭ بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلار ئۈستىدە كۈچلۈك «تىل نوپۇزى» تەسىرى يارىتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىر تىلنىڭ تاراتقۇلاردا، ئاممىۋى ساھەدە ۋە رەسمىي باياناتلاردا كۆرۈنۈشتىن قېلىشى شۇ تىلدا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ئۇ تىلنى ئىجتىمائىي جەھەتتىن قىممەتسىز ياكى «قالاق» دەپ ھېس قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.[22] بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ياش ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئوقۇش ئادەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن بىر ئوقۇش دوكلاتىنىڭ، بۇ ئەۋلادنىڭ ئۆز تىلىدا مەزمۇن ئىشلەپ تارقىتىشىنى قوللاش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بۇ يۆنىلىشتە بىرەر تونۇش ھاسىل قىلىشىغىمۇ شارائىت يارىتىپ بەرمىگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. ئەسلىدە ھەقىقىي مەنىدىكى بىر ئوقۇش مەدەنىيىتىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن، كىتابخاننىڭ ئوقۇش پائالىيىتىنى ئۆز كىملىكى بىلەن باغلىيالىشى لازىم.
ئىجتىمائىي ئانتروپولوگىيە ۋە مەدەنىيەت كىملىكى ساھەسىدە بۇ سوئالنىڭ جاۋابى زور دەرىجىدە «شۇنداق» تۇر. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى (ئەدەبىيات، ئاخباراتچىلىق، مائارىپ ماتېرىياللىرى، رەقەملىك مەزمۇنلار) باشقا بىر تىلنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغاندا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆز تىلى مەدەنىيەت يارىتىشنىڭ قورالى بولماستىن، بەلكى پەقەت شەخسىي ئالاقە قورالىغىلا ئايلىنىپ قالىدۇ.[23]
تىل تارىخچىسى داۋىد كىرىستال (David Crystal) نىڭ بايقاشلىرىغا قارىغاندا، بىر تىلنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن ھەم كۈندىلىك سۆزلىشىش تىلىدا، ھەم يازما مەدەنىيەتتە، ھەم ئەنئەنىۋى ۋە رەقەملىك پائالىيەتلەردە جانلىق ئىشلىتىلىشى شەرتتۇر.[24] «شىنجاڭ ئوقۇش دوكلاتى» نىڭ، ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچىنى يازما مەدەنىيەتنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر پارچىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرماسلىقى بۇ تىللارنىڭ ھاياتلىق كۈچىگە ئىگە مەدەنىيەت قوراللىرى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى تارىخنىڭ خارابىلىرى سۈپىتىدە كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
خۇلاسە: رەقەملەرنىڭ دېمىگەنلىرى
بۇ ماقالىدە ئانالىز قىلىنغان «شىنجاڭ ئوقۇش دوكلاتى»، ستاتىستىكا جەھەتتىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان رەقەملەرنى بېرىدۇ. كۇتۇپخانا ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ دۆلەت ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇشى، ئوقۇش پائالىيەتلىرىنىڭ كېڭىيىشى ۋە رەقەملىك ئوقۇش سۇپىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئىجابىي نەتىجە سۈپىتىدە قارىلىشى مۇمكىن. ئەمما تەنقىدىي بىر تەھلىل، بۇ مەنزىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى قۇرۇلمىلىق كەمچىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماقتا. ۋەكىللىك جەھەتتىن، رايوننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر خەۋەرنىڭ سۈرەتلىرىدە، ستاتىستىكىلىرىدا ۋە تەۋسىيە قىلىنغان مەنبەلەر تۈرىدە پۈتۈنلەي كۆرۈنمەس قىلىپ قويۇلغان. تىل سىياسىتى جەھەتتىن، ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە نەشرىياتلارنىڭ، كۇتۇپخانا ماتېرىياللىرىنىڭ ۋە ئوقۇش پائالىيەتلىرىنىڭ خەۋەردە ھېچ تىلغا ئېلىنماسلىقى بۇ تىللارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدىكى رولىنىڭ بارغانسېرى تارايغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. سانلىق مەلۇماتنىڭ سۈزۈكلۈكى جەھەتتىن، مىللىي ياكى تىل بويىچە ئايرىلمىغان ئومۇمىي ستاتىستىكىلار، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ئەھۋالىغا باھا بېرىشنى مۇمكىن قىلمايدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك تەسىرى نۇقتىسىدىن بولسا ئۇيغۇرچىنىڭ تاراتقۇلاردا ۋە رەسمىي باياناتلاردا كۆرۈنمەس قىلىنىشى، بۇ تىلنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر ئاقىۋەتتىن دېرەك بېرىدۇ.
ئاخباراتچىلىقنىڭ ئەڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى، پەقەت بار بولغان رېئاللىقنى يەتكۈزۈشلا ئەمەس، بەلكى بۇ رېئاللىقنىڭ قايسى شارائىتلار ئاستىدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ۋە نېمىلەرنىڭ سىرتتا قالدۇرۇلغانلىقىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ خەۋەردە سىرتتا قالدۇرۇلغان نەرسە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسىرلەرگە تۇتاشقان تىل مىراسىدۇر، ئۇيغۇر ۋە قازاق مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەۋجۇتلىقىدۇر ۋە ئاخىرىدا مىليونلىغان كىشىنىڭ ئۆز كىملىكى بىلەن ئوقۇش ۋە يېزىش ھوقۇقىدۇر.
دىپنوتلار (Footnotes):
[1] 天山网-新疆日报, 2026-04-21.[2] Visual analysis of the news report photos.
[3] Stuart Hall, Representation: Cultural Representations and Signifying Practices, 1997.
[4] Darren Byler, Terror Capitalism, 2022; Ben Mauk, Xinjiang Documentation Project.
[5] Ethnic Neutralization theory in state media studies.
[6] Analysis of internal titles mentioned in the report.
[7] History of Old Uyghur and Middle Turkic literature.
[8] UNESCO, Language Vitality and Endangerment, 2003.
[9] International human rights reports on education in XUAR.
[10] Amnesty International, 2021; Human Rights Watch, 2021.
[11] Cultural assimilation literature (e.g., Kymlicka, 1995).
[12] Arienne Dwyer, The Xinjiang Conflict: Uyghur Identity, Language Policy, and Political Discourse, 2005.
[12b] Reporters Without Borders (RSF), 2024 report.
[12c] Legislative changes in NPC Dec 2025/March 2026.
[12d] UN Special Rapporteur on Minority Issues, Jan 2026 report.
[13] UN Statistical Commission standards for disaggregated data.
[14] Missing data patterns in sensitive regions.
[15] Contextual analysis of book category surges.
[16] Sociology of Education: Compulsory vs Voluntary participation statistics.
[17] Human Rights Watch, «Eradicating Ideological Viruses», 2018/2019.
[18] Analysis of «Quánmín Yuèdú» policy slogans.
[19] Norman Fairclough, Critical Discourse Analysis, 1995.
[20] Benedict Anderson, Imagined Communities, 1983.
[21] UNESCO Language Endangerment Indicators (Indicators 1, 4, and 7).
[22] Sociolinguistics: Language Prestige and Media Influence.
[23] Social Anthropology: Private vs Public domain language shift.
[24] David Crystal, Language Death, 2000.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















