ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
دۇنيا سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە سەھنىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە كەسكىن سۈركىلىش پەقەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يەككە زىددىيەت بولۇشتىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ، يەرشارى خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك كۈچ سىنىشىشنىڭ يادرولۇق نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇ كىرىزىس نۆۋەتتە پەقەتلا يادرو پىروگراممىسى تالاش-تارتىشىدىنلا ئىبارەت بولماستىن، بەلكى ئوتتۇرا شەرقتىكى زېمىن ۋە تەسىر كۈچ تالىشىش، ھەمدە تۈزۈم ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى قارشىلىشىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاينىڭ بۇ ئويۇنغا پەردە ئارقىسىدىن سىڭىپ كىرىشى، ئوتتۇرا شەرق گېئوپولىتىكىسىغا تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. خىتاي دۆلىتى بىر تەرەپتىن تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچى قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىلغار تېخنىكىلىق جەھەتلەردىن ئىرانغا مۇھىم ھاياتلىق تىرىكى بولۇپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنداق قوش ئۆلچەملىك سىياسەت يەرشارى گېئوپولىتىكا تەڭپۇڭلۇقىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى.
يادرو كىرىزىسى، ھەربىي تەھدىت ۋە تەرەپلەرنىڭ قىزىل سىزىقى
نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش پىروگراممىسىنى دەرھال توختىتىشىنى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇساپىسىنى چەكلەشنى ۋە رايوندىكى ۋاكالەتچى قوراللىق كۈچلىرىگە (مەسىلەن، ئىراق، لىۋان ۋە يەمەندىكى گۇرۇپپىلارغا) ياردەم بېرىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىنقى تەكشۈرۈش مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىران قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور مىقداردا، يەنى 440.9 كىلوگىرام ئاتمىش پىرسەنتلىك دەرىجىدە قويۇلدۇرۇلغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇرانغا ئىگە بولغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەدە قاتتىق ساراسىمە پەيدا قىلدى ھەمدە كەسكىن ھەربىي تەدبىر قوللىنىش تەشەببۇسلىرىنى كۈچەيتتى [1].
ئىران تەرەپ بولسا، ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىنى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تۈزۈمى بىخەتەرلىكىنىڭ يادرولۇق قىزىل سىزىقى دەپ قارايدۇ ۋە بۇ ھەقتە قەتئىي مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ .ئىران ھۆكۈمىتى ئۇران قويۇلدۇرۇش مەسىلىسىدە يول قويۇش (قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننى سۇيۇلدۇرۇش شەرتى بىلەن) ئۈچۈن، غەربنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي جازالىرىنىڭ شەرتسىز ۋە پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بولسا يۇقىرى قويۇلدۇرۇلغان ئۇرانلارنى سىرتقا يۆتكەپ چىقىپ كېتىش، ئىراننىڭ بارلىق ۋاكالەتچى قوراللىق كۈچلىرىنى تارقىتىۋېتىش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇساپىسىنى 300 كىلومېتىردىن ئاشۇرماسلىق قاتارلىق ئەڭ قاتتىق شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى [1].
بۇ زىددىيەتلەر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيتتى . ئامېرىكا «جېرالد ر. فورد» تىپلىق ۋە «ئابراھام لىنكولىن» تىپلىق ئاۋىياماتكا ھۇجۇمچى گۇرۇپپىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور دېڭىز ئارمىيە ئەترىتىنى رايونغا يۆتكىدى، قاتارغا ئىستراتېگىيەلىك ئېغىر بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە رايوندىكى ئون توققۇز ھەربىي بازىغا قىرىق مىڭدىن ئەللىك مىڭغىچە قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە ئەسكىرىنى جەم قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر ئاستى يەر تەۋرەتكۈچى بومبا دەپ ئاتالغان «GBU-57» تىپلىق بومبىلارنى تولۇقلاش توختاملىرى ئىمزالىنىپ، ھەربىي ھەرىكەتكە كۈچلۈك تەييارلىق كۆرۈلدى . ئىرانمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى شۇنداقلا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسىملىرىنى ئەڭ يۇقىرى جەڭگىۋار تەييارلىق ھالىتىگە كەلتۈردى [2].
ئىئوردانىيە بازىسى كىرىزىسى ۋە ئاشكارا ھەربىي تەھدىت
-2026يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئىران مەتبۇئاتلىرى ئىئوردانىيەنىڭ شىمالىدىكى زەرقا رايونىغا جايلاشقان «مۇۋەپپەق سەلتېي» ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى ھەمدە تولۇق كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىغان تەقدىردە بۇ بازىنى تۈپتىن ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئاگاھلاندۇردى . ئىران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەتتا خەلقنى رايوندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئەسىرگە ئېلىشقا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن بۇ ھەربىي بازىلارنى ئىشغال قىلىشقا چاقىردى . ئىران تەرەپنىڭ نەزىرىدە، بۇ بازا ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى ھەرىكەتلىرى، قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىسرائىلىيەنى قوغداش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مەركىزىي تۈگۈندۇر [3].
ئۇچۇر-تېخنىكا ئۇرۇشى ۋە خىتاينىڭ پەردە ئارقىسىدىكى رولى
ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ئىران تەرىپىدىن بۇ قەدەر ئېنىق ئىگىلىنىشىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ تېخنىكىلىق كۆزىتىشى ياتىدۇ . خىتاي سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىلىرى، جۈملىدىن «MizarVision» ئارقىلىق ئىئوردانىيەدىكى ۋە قاتاردىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىدىكى نەق مەيدان ھەرىكەتلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ، بۇ ھالقىلىق ئىستىخبارات مەلۇماتلىرىنى ئىرانغا تەمىنلىگەن . بۇ ئۇچۇرلار ئامېرىكانىڭ «F-35A»، «F-15E» (Strike Eagles) ۋە «A-10C» ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ، شۇنداقلا «THAAD» يۇقىرى بوشلۇقتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ [4].
خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىلىق قوللىشى، ئىرانغا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يۆتكىلىش ئەھۋالىنى دەل ۋاقتىدا ئىگىلەش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى ۋە ئامېرىكانىڭ توسۇقسىز زەربە بېرىش (element of surprise) ئىستراتېگىيەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوققا چىقاردى. خىتاي ھەربىي ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئۇچۇر ئۇرۇشى رايوندىكى توقۇنۇش تەپەككۇرىنى ئەنئەنىۋى ئۇرۇشتىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋە ئۇچۇر ئۇرۇشى مەنزىرىسىگە ئۆزگەرتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ پەقەت ئىقتىسادىي شېرىكلا ئەمەس، بەلكى ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتكۈچى كۈچ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ [5].
دىپلوماتىيە ساھەسىدە بولسا، خىتاينىڭ پوزىتسىيەسى پەۋقۇلئاددە تەمكىن بولدى . خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە كۈچ ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىدا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئاشكارا تەكىتلىدى [6].
«توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش»: خىتاينىڭ يوشۇرۇن ۋە چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك غەرىزى
خىتاي سىرتقا جاكارلىغىنىدەك ھەقىقەتەنمۇ ئوتتۇرا شەرقتە مۇتلەق تىنچلىق بولۇشىنى چىن دىلىدىن خالايدۇمۇ؟ ئامېرىكالىق ئانالىزچى دېرېك گروسماننىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي ماھىيەتتە ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ سۆھبەت ئارقىلىق تولۇق يارىشىپ قېلىشىنىمۇ، شۇنداقلا دەرھال پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغۇچى ئۇرۇشقا پېتىپ قېلىشىنىمۇ ئەڭ ياخشى سېنارىيە دەپ قارىمايدۇ [7]. ئەكسىچە، خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ۋەزىيەت، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان، پات-پات كىچىك تىپتىكى سۈركىلىشلەر ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈشتەك ۋەقەلەر بىلەن تولغان، ئەمما مەلۇم دەرىجىدە كونترول قىلغىلى بولىدىغان «ئوتتۇرھال سۈركىلىش» نىڭ تۇرۇپ قېلىشىدۇر.
بۇ دەل خىتاينىڭ خەلقئارا سىياسەتتىكى «توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش» ئىستراتېگىيەسىدۇر . ئەگەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سىياسىي دىققىتى، غايەت زور ھەربىي بايلىقى ۋە دىپلوماتىك كۈچى ئوتتۇرا شەرققە ئۇزۇن مەزگىللىك تارتىپ تۇرۇلسا، بۇ ئاپتوماتىك ھالدا خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى پۇت-قولىنى بوشىتىدۇ. بولۇپمۇ تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق سەزگۈر نۇقتىلاردا ئامېرىكانىڭ خىتايغا قىلىدىغان بېسىمى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يېنىكلەيدۇ . دۇنيانىڭ دىققىتى تارتىلغان ئوتتۇرا شەرقتىكى توپىلاڭ، خىتاينىڭ ئاسىيادىكى زومىگەرلىك ئورنىنى تىكلەشتەك توقاچنى ئوغرىلىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر ئىران بىلەن ئامېرىكا ھەقىقىي تىنچلىق ئورناتسا، ئىراننىڭ خىتايغا بولغان قاتتىق بېقىندىلىقى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئەگەر ئىران غەربنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلسا، دەرھاللا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يۈزلىنىدۇ – دە، بۇ خىتاينىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ شىددەت بىلەن تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ [8]. شۇڭا، خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئىراننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىن يەكلەنگەن ئايرىمىلىقتا، قاتتىق ئىقتىسادىي جازا ئاستىدا تۇرۇشىنى يوشۇرۇن تەلەپ قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تولۇق كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلاپ قالغان تەقدىردىمۇ، دۇنيا ئىقتىسادىغا ۋە خىتاينىڭ نېفىت ئىمپورتىغا كېلىدىغان قىسقا مەزگىللىك زىيانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇش پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىشى خىتايغا ئۇزۇن مەزگىللىك قىممەتلىك ئىستراتېگىيەلىك بوشلۇق يارىتىپ بېرىدىغان بولغاچقا، خىتاي بۇنىڭغا بەلگىلىك دەرىجىدە چىداشنى تاللىشى مۇمكىن . شۇنداقتىمۇ خىتاي ئاشكارا ھالدا ئامېرىكاغا قارشى ئىرانغا ھەربىي قورال سېتىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، پەقەت قوش ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلار ۋە كۆزىتىش سىستېمىلىرىنى تەمىنلەش بىلەن ياردىمىنى چەكلەپ تۇرماقتا [9]
ئىقتىسادىي قۇتقۇزۇش لىنىيەسى ۋە رەقەملىك ئىستىبداتنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى
-2026يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ماسكاتتا، ھەمدە 17-فېۋرال جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە ماھىيەتلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى . ئامېرىكا پىرېزىدېنتى سۆھبەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بىر ئايلىق قاتتىق مۆھلەت بېكىتكەن بولۇپ، بۇ مۆھلەت توشسا دىپلوماتىيەنىڭ ئورنىنى ئۇرۇش ئېلىشى مۇمكىن [10] ئامېرىكا مەسئۇللىرى ئىراننىڭ يىقىلماي مېڭىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلنىڭ خىتايغا سېتىۋاتقان ئەرزان باھالىق نېفىت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ [11]. نۆۋەتتە ئىراننىڭ يەتمىشتىن سەكسەن پىرسەنتكىچە بولغان نېفىت ئېكسپورتى خىتاي بازىرىغا كىرىدىغان بولۇپ، پىرېزىدېنت ترامپ ئىران بىلەن سودا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە قوشۇمچە باج جازاسى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ بۇنى سايلام مەزگىلىدىكى بىر خىل «قۇرۇق تەھدىت» دەپ قارايدۇ [12]. بۇ سودا ئاساسلىقى مال ئالماشتۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ۋە خىتاينىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرى، ئىلغار تېخنىكا ئەسلىھەلىرى بىلەن نېفىت ئالماشتۇرۇلۇۋاتىدۇ.
ئىقتىسادىي ياردەملەردىن سىرت، خىتاينىڭ ئىرانغا كۆرسىتىۋاتقان تېخنىكىلىق قوللىشى، يەنى دۆلەت ئىچىنى باشقۇرۇشتىكى «رەقەملىك ئىستىبدات تۈزۈمى» نى ئېكسپورت قىلىشى ئەڭ دىققەت تارتىدىغان مەسىلىدۇر« -19ماددا» تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىران نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان يۈز تونۇش تېخنىكىلىرى ۋە خەلقنى كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى خىتاي ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر خەلقىنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەپ سىناق قىلغان تېخنىكىلاردۇر . خىتاي مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغان بۇ «رەقەملىك باستۇرۇش قوللانمىسى» ھازىر ئىرانغا بىۋاسىتە ئېكسپورت قىلىنىپ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىۋاتىدۇ [13].
خىتاينىڭ خۇاۋېي، جۇڭشىڭ ئۇچۇرلىشىش ، تيەندى ۋە خەيكاڭ ۋېيشى (Hikvision) قاتارلىق شىركەتلىرى ئىراننىڭ «مىللىي ئۇچۇر تورى» (NIN) نى قۇرۇپ چىقىشىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بەردى .بۇ تۈر نامايىشلار جەريانىدا تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ۋە ئىجتىمائىي باستۇرۇشقا ئىشلىتىلدى .ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئارقىلىق توپلىشىپ تۇرغان نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش، ۋە يۈز تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلىشتا دەل خىتاي تېخنىكىسى قوللىنىلدى .بۇ ھەمكارلىقلار 2021-يىلى ئىمزالىغان 25 يىللىق ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى بىلەن رەسمىي قانۇنلاشقان ۋە ئىران خىتاينىڭ قوللىشى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ئىدى.
سىياسىي كۆرگەزمە: نخىتاي-رۇسىيە-ئىران بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى
-2026يىلىنىڭ باشلىرىدا، ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن بەندەر ئابباس پورتىدا خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران بىرلىشىپ «دېڭىز بىخەتەرلىك بەلبېغى 2026» ناملىق بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرنى ئۆتكۈزدى .مانېۋىرغا رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرى ۋە ئىراننىڭ دېڭىز قىسىملىرى قاتناشتى . رۇسىيەلىك ئەمەلدار نىكولاي پاترۇشېۋ بۇنى غەرب دۇنياسىغا قارىتىلغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ (BRICS) دېڭىز كۈچى نامايىشى دەپ ئاتىدى .ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى شاھرام ئىرانىمۇ غەربنى كۈچلۈك سۆزلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ بۇ يەردە تۇرۇشىنىڭ ھېچقانداق قانۇنلۇق ئاساسى يوقلۇقىنى جاكارلىدى [14].
يېڭى ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەركىزى (CNAS) تەتقىقاتچىسى توم شۇگارت قاتارلىق ئامېرىكالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئاز ساندىكى پاراخوتلىرى ئامېرىكانىڭ غايەت زور ئاۋىياماتكىلىرىغا ھېچقانداق ھەربىي خىرىس ئېلىپ كېلەلمەيدىغان بولۇپ، بۇ پەقەت سىياسىي كۆرگەزمە ۋە دىپلوماتىك سىگنالدۇر .ئەمما خىتاي ۋە رۇسىيە پاراخوتلىرىنىڭ شۇ يەردە بولۇشى، ئامېرىكا ھۇجۇمى ئۈچۈن توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ، سەۋەبى ئامېرىكا ئارمىيەسى 1987-يىلىدىكى خاتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان «ئىستارك» ئۇرۇش پاراخوتى ۋەقەسىگە ئوخشاش تاسادىپىي ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قاچىدۇ ۋە ئۆز سىگناللىرىنىڭ خىتاي پاراخوتلىرىغا تۇتۇلۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىدۇ. بۇ ئامېرىكانىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە قىسمەن چەكلىمىلەرنى تېڭىپ قويىدۇ [15].
ئۇرۇش ۋە تۈزۈم ئۆزگەرتىشنىڭ كەلگۈسى : ئامېرىكانىڭ تاللىشى ۋە تۆت خىل سېنارىيە
ئەگەر ھەقىقىي ئۇرۇش پارتلىسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاخىرقى پىلانى ھەرگىزمۇ 2003-يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشىدەك پۈتۈن بىر دۆلەتنى بېسىۋېلىپ ئىشغال قىلىش ئەمەس .ئامېرىكانىڭ مەقسىتى بولسا ھاۋا ھۇجۇمى ۋە نۇقتىلىق سۇيىقەستلەر ئارقىلىق ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىنى (خامەنەيى قاتارلىق يادرولۇق شەخسلەرنى) يوقىتىش، رەھبەرلىك مېخانىزمىنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇش ۋە ئاخىرىدا تۈزۈمنىڭ ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىگە سەۋەبچى بولۇشتىن ئىبارەت [16].
ئەگەر ئىران ھاكىمىيىتى ئۆرۈلۈپ چۈشسە، ئانالىزچى مارك لىنچ بۇنىڭغا قارىتا تۆت خىل سېنارىيەنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ .بىرىنچى خىل سېنارىيە، دېموكراتىك ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى بولۇپ، بۇ ئېھتىماللىقى ئەڭ تۆۋەن خىيالىي تاللاشتۇر، چۈنكى ئامېرىكامۇ دۆلەت قۇرۇشقا باشتا ئارىلاشمايدۇ. ئىككىنچى خىل سېنارىيە، سۈرگۈندىكى ئىران شاھى شاھ رىزا پەھلەۋىينىڭ قايتىپ كېلىشى بولۇپ، بۇ خەلق ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشمەيدۇ ۋە سىرتقى كۈچلەرنىڭ قوراللىق ھىمايىسىسىز مۇمكىن ئەمەس. ئۈچىنچى خىل سېنارىيە، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلەي پارچىلىنىشى، مىللىي ۋە مەزھەپ توقۇنۇشلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىپ ئىراننىڭ ئىككىنچى سۈرىيەگە ئايلىنىپ قېلىشى بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ۋە قولتۇق دۆلەتلىرى ئۈچۈن چوڭ ئاپەتتۇر [17].
تۆتىنچى ۋە ئەڭ مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى دەپ قارالغان سېنارىيە بولسا دۆلەت ۋەيران بولغاندىن كېيىن، ئەڭ تەشكىللىك ۋە كۈچلۈك ئاپپارات بولغان «ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى» (IRGC) نىڭ ھوقۇقنى تامامەن ئۆز قولىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشىدۇر .ئەگەر شۇنداق بولسا، ئىران ھاكىمىيىتى دىنىي تۈسنى ئازايتىپ، مىللەتچىلىككە ۋە كۈچلۈك ھەربىي دىكتاتۇرا تۈزۈمىگە ئۆتىدۇ .قىزىق يېرى، بۇ خىل مىللىي ھەربىي ھاكىمىيەت گەرچە ئىچكى قىسىمدا پۇقرالارنى باستۇرسىمۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نۆۋەتتىكى تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان باشقۇرۇۋاتقان تۈزۈلمىگە ئىنتايىن ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا، رايوندىكى سۈننىي دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، رايون بىلەن تېزلا ھەمكارلىققا ئۆتۈشى مۇمكىن [18].
خۇلاسە: ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سىنىقى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاينىڭ بۇ «توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش» ئويۇنىنى بايقاپ يەتكەچكە، كىرىزىسنى ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ يۇقىرى بېسىم ۋە دىپلوماتىيە بىلەن باشقۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا-ئىران سۈركىلىشى يەككە ئىككى دۆلەت مەسىلىسىدىن ھالقىپ، خىتاي باشچىلىقىدىكى يەرشارى مۇستەبىت كۈچلىرى بىلەن ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى غەرب كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلاندى. خىتاي ئىراننى ئۆزىنىڭ تېخنىكىسى بىلەن يۆلەپ، ئامېرىكانىڭ زومىگەرلىكىنى ئوتتۇرا شەرققە پاتۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى كېڭەيمىچىلىكىگە ۋاقىت ئۇتۇپ قالماقچى. كەلگۈسىدە ئىراننىڭ تەقدىرى، مەيلى ۋەيران قىلغۇچ ئۇرۇش ئارقىلىق بولسۇن ياكى جىددىي سۆھبەت ئارقىلىق بولسۇن، ماھىيەتتە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچىنىڭ رىقابەت تەڭپۇڭلۇقىغا بىۋاسىتە باغلىقتۇر.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















