خىتايغا قارشى تېخنىكا ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش: «توردىكى تاللاش خاراكتېرلىك بۆسۈش ئىستراتېگىيەسى» ھەققىدە مۇھاكىمە

2026-يىلى 8-يانۋار

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار

ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەسلىھەتچى ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا تەتقىقات ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى (RAND Corporation) نىڭ ئالىي سىياسىي تەتقىقاتچىسى، سىياسەت ئانالىزچىسى مايكىل ج. مازار (Michael J. Mazarr) تەرىپىدىن يېزىلغان «تېخنىكا ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن توردىكى تاللاش خاراكتېرلىك بۆسۈش ئىستراتېگىيەسى» (A Networked Leapfrog Strategy to Recapture Technology Leadership) ناملىق دوكلات، 2026-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلىندى. بۇ دوكلات بۈگۈنكى كۈندىكى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى پەن-تېخنىكا رىقابىتى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن بىر تارىخىي شارائىتتا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، خەلقئارالىق تېخنىكا سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا ئىلمىي ئاساس يارىتىپ بېرىش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتور ماقالىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى تېخنىكا سىياسەتلىرىگە تەنقىدىي نەزەر بىلەن قاراپ، كەلگۈسىدىكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «بۆسۈش خاراكتىرلىك ئىلگىرلەش» (Leapfrogging) ۋە «تورلاشقان ھەمكارلىق» نى ئاساس قىلغان يېڭىچە بىر ئىستراتېگىيەلىك رامكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ[1].

1. خىتاينىڭ تېخنىكا كېڭەيمىچىلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئويغىنىشى

مازارنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەت مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى دۇنيا تەرتىپىنىڭ تېخنىكا ئۆلچەملىرىنى كىم بەلگىلەيدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ھايات-ماماتلىق كۈرەشتۇر. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكى پەن-تېخنىكىنى «دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى» نىڭ ئاساسلىق موتورى دەپ قاراپ، بۇ ساھەگە دۆلەت كاپىتالىزمى مودېلى بويىچە غايەت زور مەبلەغ سالماقتا. ئامېرىكا گەرچە ئۇزۇن يىللار تېخنىكا رىقابىتىگە ھۆكۈمەت سەۋىيەسىدە ئانچە ئارىلىشىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ سىستېمىلىق تەھدىتىنى ھېس قىلىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە ئېكسپورتنى چەكلەش سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلىدى.

بۇ رىقابەتنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى، دۇنياۋى تېخنىكا تورىدىكى «ئەكس سادا ئېففىكتىدۇر» دۇر. خەۋەرلىشىش، كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتال دەۋرىدىكىگە ئوخشاش، قايسى دۆلەتنىڭ يېڭىلىقلىرى دۇنيادا  سەل، شۇ دۆلەت كەلگۈسىدىكى تېخنىكا قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش ساھەسىدە غايەت زور تەسىر كۈچكە ئىگە بولىدۇ. خىتاي «تېخنىكا ئۆلچىمى 2035» پىلانىدا دەل مۇشۇ نىشاننى كۆزلىگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى پەقەت دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەر شارى ئىقتىسادىي سىستېمىسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى تېخنىكا سىياسەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ قەدىمىگە يېتىش ئىقتىدارى يوق بولۇپ، «قوغلاش» لوگىكىسى ئامېرىكىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان. خىتاي نۇرغۇن ساھەلەردە ئامېرىكىنىڭ كونا تېخنىكىلىرىنى تەكرارلاشنىڭ ئورنىغا، بىۋاسىتە ئىلغار ساھەلەرگە مەبلەغ سالماقتا. شۇڭا، ۋاشىنگتون چوقۇم ئۆزىنىڭ تېخنىكا خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىپ، رىقابەتچىسى كۈتمىگەن يۆنىلىشتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشى، يەنى رەقىبىنى تېخنىكا زەنجىرىنىڭ سىرتىدا قالدۇرالايدىغان بىر خىل «سىستېمىلىق چوڭ  سەكرەش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم.

2.  بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەش (Leapfrogging): رىقابەتچىنى بازاردىن سىقىپ چىقىرىش

دوكلاتتا تەپسىلىي بايان قىلىنغان « بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەش» (Leapfrogging) ئۇقۇمى، نۆۋەتتىكى تېخنىكا باسقۇچىدا خىتاي بىلەن قەدەممۇقەدەم بەسلىشىشنىڭ ئورنىغا، كەلگۈسىدىكى تېخنىكا دەۋرىگە بىۋاسىتە سەكرەپ ئۆتۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا خىتاي ئاللىقاچان مەبلەغ سېلىپ بولغان، جەريانلىرى پىشىپ يېتىلگەن نۆۋەتتىكى تېخنىكا لىنىيەلىرىدە قوغلاپ يېتىش سىياسىتى يۈرگۈزسە، بۇ پەقەت بايلىقنى ئىسراپ قىلىش بولۇپ قالىدۇ. ئەكسىچە يول تۇتقاندا ، ئامېرىكا خىتاينىڭ ھازىرقى ئۈستۈنلۈكىنى «ئىشقا يارىمايدىغان» قىلىپ قويىدىغان يۇقىرى بىر باسقۇچقا ئالدىن بارىدۇ.

مەسىلەن، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدە نۆۋەتتىكى سىلىتسىي ئاساسلىق ئۆزەكلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى قوغداش بىلەنلا چەكلەنمەي، بەلكى كىۋانت ھېسابلاش ياكى نانو تېخنىكىسىغا ئوخشاش تۈپتىن پەرقلىق يېڭى بىر ئەۋلاد تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش نىشان قىلىنىدۇ. بۇ خىل سەكرەش خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سان ۋە كۆلەم جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى بىر كېچىدىلا تەختتىن چۈشۈرۈشى مۇمكىن. مازار بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەتىرى يۇقىرى، ئەمما  پايدىسىمۇ يۇقىرى تەجرىبىلەرگە جۈرئەت بىلەن مەبلەغ سېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ[2].

بۇ خىل بۆسۈش خاراكتېرلىك سىياسەت يەنە ئېنېرگىيە ساھەسىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى كېرەك. خىتاي ھازىر باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كونا تىپتىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە مونوپوللۇق ئورۇنغا ئىگە بولغان بولسا، ئامېرىكا كېيىنكى ئەۋلاد يادرو بىرىكتۈرمە (Fusion) تېخنىكىسى ياكى ئالەم بوشلۇقى ئېنېرگىيە سىستېمىلىرىغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە بولغان بېقىنىشچانلىقىنى ئازايتالايدۇ. بۇ پەقەت تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئۆزگەرتىش ئەمەس، بەلكى گېئو-سىياسىي قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل «ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىك قۇرۇلۇشى» دۇر.

ئۇنىڭدىن باشقا، سۈنئىي ئەقىل (AI) ساھەسىدىكى رىقابەتتە، مازار نوقۇل ھالدا ھېسابلاش كۈچى ياكى سانلىق مەلۇمات مىقدارىدا بەسلىشىشنىڭ خەتەرلىكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. خىتاينىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىككە پەرۋا قىلمايدىغان تۈزۈمى ئۇلارغا زور سانلىق مەلۇمات ئەۋزەللىكى بەرگەن بولسا، ئامېرىكا ئاز مىقداردىكى سانلىق مەلۇمات بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم بېرىدىغان «نېرۋا تۈپ شەكىللىك ھېسابلاش» غا ئوخشاش ساھەلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك. بۇ، رەقىبىنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىكار قىلىدىغان بىر خىل «ئىممۇنىتېت سىستېمىسى» يارىتىشقا ئوخشايدۇ.

ئاخىرىدا، ئاپتور بۇنداق چوڭ سەكرەشنىڭ پەقەت تەتقىقاتخانىلاردىلا ئەمەس، بەلكى بازار ۋە سانائەت قۇرۇلمىسىدىمۇ يۈز بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ھۆكۈمەت پەقەت مەبلەغ سالغۇچى بولۇپلا قالماي، بەلكى يېڭى تېخنىكىلارنىڭ دەسلەپكى سىناق بازىرى ۋە خېرىدارى بولۇش رولىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ «مۇمكىن ئەمەس» دەپ قارىغان لايىھەلىرى رېئاللىققا ئايلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مەڭگۈلۈك ماتورغا ئايلىنىدۇ.

3. تورلاشقان ئىستراتېگىيە: دېموكراتىك ئەللەرنىڭ تېخنىكا ئىتتىپاقى

ئاپتورنىڭ ئەڭ يادرولۇق پىكىرلىرىنىڭ بىرى «تورلاشقان ئىستراتېگىيە» (Networked Strategy) دۇر. مازارنىڭ پىكىرىچە، بۈگۈنكى دۇنيادا تېخنىكا زەنجىرى شۇنچە مۇرەككەپكى، ھېچقانداق دۆلەت يالغۇز ئۆز ئالدىغا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قالالمايدۇ. خىتاي دۆلەت كاپىتالىزمى ئارقىلىق پۈتۈن بىر زەنجىرنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا چوقۇم ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە، كورېيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن تېخنىكا تورى قۇرۇپ چىقىشى لازىم.

بۇ ئىستراتېگىيە ئىچىدە، ھەربىر دۆلەت ئۆزىنىڭ ئەۋزەل ساھەسى بويىچە مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ لايىھەلەشتە ئامېرىكا، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىدە گوللاندىيە، ماتېرىيال تەتقىقاتىدا ياپونىيە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتىدۇ. بۇ خىل تورلاشقان قۇرۇلما خىتاينىڭ زەنجىردىكى مەلۇم بىر نۇقتىنى ئۈزۈۋېتىش ئارقىلىق پۈتۈن سىستېمىنى پارچىلاش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قالقان بولالايدۇ. شۇنداقلا، خەلقئارالىق تېخنىكا ئۆلچەملىرىنى بېكىتىشتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بۇ گۇرۇھنىڭ ئورتاق بىر گەۋدە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، خىتاينىڭ تېخنىكا مونوپوللۇقىغا پۇرسەت بەرمەيدۇ.

مۇھىمى شۇكى، بۇ «تورلاشقان ھەمكارلىق» پەقەت ھۆكۈمەتلەر ئارا بولۇپلا قالماي، بەلكى خۇسۇسىي شىركەتلەر ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كىرىمنىي جىلغىسى (Silicon Valley) دىكى يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سانائەت قۇۋۋىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا، خىتاينىڭ  دۆلەت مەبلەغ سېلىپ، خەتەرنى دۆلەت ئۈستىگە ئالىدىغان  مودېلىدىن ئۈستۈن چىقالايدۇ. بۇ خىل ئەۋرىشىم ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك تور قۇرۇلمىسى بۈگۈنكى جىددىي خەلقئارالىق سىياسىي مۇھىتتا ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا مۇستەقىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.

بۇنىڭدىن باشقا، تورلاشقان ئىستراتېگىيە تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى «ئىختىساسلىقلار كارىدورى» خىتاينىڭ مېڭە ئوغرىلاش پىلانلىرىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر خىل سىستېمىلىق مۇداپىئە ھېسابلىنىدۇ. دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى ئالىملىرى بىلەن ئەركىن، بىخەتەر ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىلغان بىر تور ئىچىدە خىزمەت قىلىش، ئۇلارنى خىتايغا ئوخشاش ئىلمى تەتقىقات ساھەسى سۈزۈك بولمىغان ۋە  ئىلىمغا سىياسەت ئارىلىشىدىغان، بېسىم كۈچلۈك بولغان سىستېمىلاردا خىزمەت قىلىشتىن تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ.

4. سىستېمىلىق ئىسلاھات ۋە قىممەت قاراشلار جېڭى

مازار يەنە ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى تېخنىكا باشقۇرۇش مېخانىزمىدىكى ئاستىلىقنى تەنقىد قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەتقىقات-تەرەققىيات مەبلىغىنى تەقسىملەش سىياسىتى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى كونا ئەندىزىدە قالغان بولۇپ، سۈنئىي ئەقىل ۋە بىيوتېخنىكا  ئوتتۇرىغا چىققان  بۈگۈنكى تېخنىكا دەۋرىگە ماسلىشالمايدۇ. ئاپتور «سۈنئىي ئەقىل دەۋرىدىكى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى» نى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك جىددىي ئىسلاھاتنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىدۇ[3].

بۇ ئىسلاھاتنىڭ يەنە بىر تەرىپى، تېخنىكا رىقابىتىنى بىر قىممەت قاراشلار جېڭى دەپ تونۇشتۇر. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سىناق قىلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرىنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا ئېكسپورت قىلىشى، ئامېرىكاغا  پەقەت  تېخنىكا جەھەتتىن بېسىم ئېلىپ كېلىپلا قالماي ، بەلكى  يەنە لىبېرال دېموكراتىيەگە بولغان تەھدىتتۇر. شۇڭا، ئامېرىكىنىڭ «بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەش » ئىستراتېگىيەسى چوقۇم ئەخلاقىي ئۆلچەم  ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى يادرو قىلغان تېخنىكا  تەرەققىيات ئىستىراتىگىيەسى بولۇشى، دۇنياغا خىتاينىڭ «تېخنىكا دىكتاتۇراسى» غا قارشى تۇرالايدىغان ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىلمىي تاللاش سۇنۇشى شەرت.

ئاخىرىدا، مازار ئامېرىكىنىڭ سىياسىي قارار چىقارغۇچىلىرىنى «ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتۈۋاتقانلىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ. تېخنىكا ساھەسىدىكى غەلىبە پەقەت بۈگۈنكى تېمىلاردا غەلىبە قىلىش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەتە كىمنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر،ئۆزگىچە تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولۇشى ۋە جەسۇرانە قەدەم تاشلىشى  بىلەن بەلگىلىنىدۇ. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كەشپىياتچىلىق روھىنى تورلاشقان ئىتتىپاقلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا، خەلقئارالىق سىياسىي رىقابەتتە يېڭىلمەس ئورۇنغا ئۆتەلەيدۇ.

5. يەكۈن

مايكىل ج. مازارنىڭ بۇ دوكلاتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ ئەنئەنىۋى «قوغلاپ يېتىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئورنىغا، يېڭىلىق ياراتقۇچى  « بۆسۈپ ئېشىپ كېتىش» مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلەن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە پەن-تېخنىكا سىياسىتى ساھەسىدە يېڭى بىر چىغىر يول  ئاچقان. دوكلات خىتاي تەھدىتىنى نوقۇل ھالدا ھەربىي تەھدىت سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق ۋە تورلاشقان بىر تېخنىكا خىرىسى سۈپىتىدە تەھلىل قىلىپ، رېئاللىققا ئۇيغۇن بولغان ھەل قىلىش چارىلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بولۇپمۇ ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىر گەۋدىلىشىش تەۋسىيەسى، ئامېرىكىنىڭ يالغۇزچىلىق خاھىشىغا بېرىلگەن كۈچلۈك بىر ئىستراتېگىيەلىك تۈزىتىشتۇر.

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوكلاتنىڭ بەزى چەكلىمىلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈر. بىرىنچىدىن، « بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەش» ئىستراتېگىيەسى غايەت زور مالىيە مەبلىغى ۋە سىياسىي جۈرئەت تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما دوكلاتتا بۇ مەبلەغنىڭ مەنبەسى ۋە كىرىزىس شارائىتىدا قانداق داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدە يېتەرلىك ئەمەلىي تەپسىلاتلار بېرىلمىگەن. ئىككىنچىدىن، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر تېخنىكا تورىغا قانچىلىك دەرىجىدە سادىق بولىدىغانلىقى مەسىلىسى سەل ئۈمىدۋار  ھالدا بىر تەمە قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ، مەزكۇر دوكلات خىتاينىڭ تېخنىكا كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئاكادېمىك سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى پايدىلىنىش مەنبەسى بولۇپ قالغۇسى.

ئىزاهاتلار:

[1]   Michael J. Mazarr, A Networked Leapfrog Strategy to Recapture Technology Leadership, RAND Corporation, Expert Insights, January 2026.

[2]   ئاپتورنىڭ تەھلىلىچە، كىۋانت تېخنىكىسى ۋە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى بۆسۈشلەر خىتاينىڭ ھازىرقى ئەۋزەللىكىنى تەختتىن چۈشۈرىدىغان ئاساسلىق قوراللاردۇر.

[3]   ئاپتورنىڭ 2025-يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلىنغان سۈنئىي ئەقىل ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك تەتقىقاتىدىن پايدىلىنىلدى.

پايدىلانغان مەنبە:

Mazarr, Michael J., A Networked Leapfrog Strategy to Recapture Technology Leadership. Santa Monica, CA: RAND Corporation, 2026. https://www.rand.org/t/PEA3365-1.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*