تۇرۇبا يولىنىڭ ئىككى ئۇچى: تارىم گازى خىتايغا ئېقىۋاتقاندا، شەرقىي تۈركىستاندا نېمە قالىدۇ؟

2026-يىلى 24-مارت

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

قىسقىچە مەزمۇنى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

بۇ ماقالە، خىتاينىڭ رەسمىي تاراتقۇسى «تەڭرىتاغ تورى — شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2026-يىلى 23-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېلان قىلىنغان تارىم نېفىت مەيدانىنىڭ جەمئىي 5000 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغانلىقىغا دائىر سانلىق مەلۇماتى ئاساسىدا، مەزكۇر ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ستاتىستىكىلىق تەرەپلىرىنى كۆپ قاتلاملىق تەنقىدىي تەھلىل قىلىدۇ. خەۋەر تېكىستىنىڭ بايان قىلىش رامكىسى تەھلىل قىلىنىپ، دۆلەت كونتروللۇقىدىكى شىركەتنىڭ باياناتلىرىدا قايسى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغانلىقى، قايسىلىرىنىڭ سەل قارالغانلىقى ۋە بۇ تاللاشچان تونۇشتۇرۇشنىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتى تەشۋىقاتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىگە سوئال قويۇلىدۇ. ماقالىنىڭ يەكۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى كۆككە كۆتۈرگەن تېخنىكىلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى تەقسىمات ئادالەتسىزلىكى، مۇھىت بوغالتىرلىقى ۋە سۈزۈكلۈك كەمچىللىكىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تارىم ئويمانلىقى، خىتاي ئېنېرگىيە سىياسىتى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى، ئېنېرگىيە گېئوپولىتىكىسى

  1. كىرىش: خەۋەر تېكىستىنىڭ بايان قىلىش رامكىسى

-2026يىلى 23-مارت كۈنى خىتاينىڭ رەسمىي تەشۋىقات ئورگىنى «تەڭرىتاغ تورى — شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، تارىم نېفىت مەيدانىنىڭ 2026-يىلى 3-مارتقىچە بولغان جەمئىي تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 5000 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشقانلىقى جاكارلاندى.[1] خەۋەردە، بۇ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەخمىنەن 6.6 مىليارد توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقى، 7.3 مىليارد توننا كاربون تۆت ئوكسىد (CO2) قويۇپ بېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى ۋە «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى» ئارقىلىق 15 ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايوندىكى تەخمىنەن 500 مىليون كىشىنىڭ تەبىئىي گازدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

رەسمىي بىر مەنبە بولغان خىتاينىڭ مەملىكەتلىك نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتىگە (CNPC) ئائىت بۇ بايانات مۇستەقىل تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكى ئېنىق. [1] بۇ ئەھۋال، خەۋەرنىڭ پەقەتلا ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئەمەس، بەلكى بىر مۇۋەپپەقىيەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش (تەستىقلاش) سۈپىتىدە تەھلىل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خەۋەرنىڭ بايان قىلىش ئۇسلۇبى مۇئەييەن بىر رېتورىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ: دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، مۇھىت دوستى بولغان تەرەققىيات ۋە رايون خاراكتېرلىك پاراۋانلىق. بۇ ئۈچ تېمىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش خىتاينىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىنى چۈشىنىش جەھەتتىن زۆرۈردۇر.

تارىم نېفىت مەيدانى 1989-يىلى قۇرۇلغان. بۇ مەيدان جايلاشقان تارىم ئويمانلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ ھىدروكاربون زاپاس ئامبىرىدۇر. بۇ رايون گېئولوگىيەلىك جەھەتتىن ئىنتايىن مۇرەككەپ شارائىتقا ئىگە بولۇپ، شىمالىدا تىك تاغلار، مەركىزىدە بولسا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ يۆتكىلىشچان قۇملۇق بولغان تەكلىماكان قۇملۇقى جايلاشقان. مەزكۇر پايدىسىز شارائىتلار ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى دۇنياۋى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتكەن. بۇ ماقالىنىڭ قالغان قىسمى تۆت ئاساسىي بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئىقتىسادىي تەھلىل، ئىجتىمائىي تەھلىل، سىياسىي تەھلىل ۋە ستاتىستىكىلىق تەھلىل قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.

2. ئىقتىسادىي جەھەتتىن: تەننەرخ، باھا قويۇش ۋە كىرىم تەقسىماتى

1.2. ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ۋە سېلىشتۇرمىلىق ئۈنۈم

خەۋەر تېكىستىدىكى ئەڭ دىققەت تارتىدىغان تېخنىكىلىق ئىددىئالارنىڭ بىرى شۇ: تارىم ئويمانلىقى دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنغان 13 بۇرغىلاش ۋە قۇدۇق تاماملاش قىيىنچىلىق ئۆلچىمىنىڭ يەتتىسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئىپادە سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر قۇرۇلۇش رېئاللىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىگە ئائىت ھېچقانداق رەقەم خەۋەر تېكىستىدە تىلغا ئېلىنمىغان. مەسىلىگە سېلىشتۇرمىلىق بىر رامكىدىن قارىغاندا، تېيىز دېڭىز قىرغىقىدىكى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئادەتتە 2–5 دوللار ئەتراپىدا بولسا، قۇرۇقلۇقتىكى قېزىش قىيىن زاپاس يېقىلغۇلار ئۈچۈن بۇ رەقەمنىڭ 6–12 دوللارغا چىقىدىغانلىقى مەلۇم. تۈركمەنىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان تۇرۇبا گازىنىڭ خىتايغا يېتىپ بېرىش تەننەرخىمۇ مۇشۇنىڭغا يېقىندۇر. بۇ ئەھۋال، «دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى» باھانىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكى ھەققىدىكى ئىددىئالارنى مۇستەقىل تەننەرخ-پايدا تەھلىلىدىن ئۆتكۈزۈش زۆرۈرىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتايدا تەبىئىي گاز باھاسى 1998-يىلىدىن بۇيان بازار مېخانىزمىنىڭ ئورنىغا «دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى»  (NDRC) تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بىر مەمۇرىي باھا سىستېمىسى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. [2] بۇ قۇرۇلما ئىچىدە «5000 مىليارد كۇب مېتىر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى» سوئالى پەقەت قايسى باھا نۇقتىسىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىق بولغاندىلا مەنىگە ئىگە بولىدۇ: تەڭشەلگەن ئىچكى باھامۇ؟ ياۋروپا بازار باھاسىمۇ ياكى ئاسىيا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) بازار باھاسىمۇ؟ ئېنىق ئەمەس.

2.2 . ئۆلچەملىك كۆمۈرگە ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنىڭ خەلقئارالىق سېلىشتۇرمىسى

خەۋەر تېكىستىدە قوللىنىلغان ئايلاندۇرۇش نىسبىتى تەخمىنەن بىر كۇب مېتىر تەبىئىي گاز = 1.33 كىلوگىرام ئۆلچەملىك كۆمۈر دەپ ھېسابلانغان. بۇ قىممەت خىتاينىڭ GB/T 2589 دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ، يۇقىرى ئىسسىقلىق قىممىتى (HHV) نى ئاساس قىلغان. لېكىن خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى (IEA) ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ستاتىستىكىلىرى كۆپىنچە تۆۋەن ئىسسىقلىق قىممىتى (LHV) نى ئاساس قىلىدۇ؛ ئىككى ئۇسۇل ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تەخمىنەن %10 بولۇپ، بۇ نىسبەت 5000 مىليارد كۇب مېتىردەك چوڭ كۆلەمدە ھېسابلانغان كاربون ئازايتىش مىقدارىدا كۆرۈنەرلىك ئېغىش پەيدا قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئورنىنى بېسىش ھېساباتىدا ئېھتىمال پەقەت گاز بىلەن كۆمۈرنىڭ كۆيۈش جەريانىدىكى پەرقىلا ئاساس قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. بۇرغىلاش، بېسىم بېرىش ۋە توشۇش جەريانىدىكى مېتان گازىنىڭ سىيرىلىپ چىقىشى — ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلارغا ئاساسەن،  ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ %1.5 تىن %3 كىچە بولۇشى مۇمكىن — ھېساباتقا قوشۇلغاندا، ساپ كاربون ئازايتىش ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

3.2. كىرىم تەقسىماتى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۈلۈشى مەسىلىسى

تارىم نېفىت مەيدانى خىتاي مەملىكەتلىك نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ (CNPC) تارماق شىركىتى سۈپىتىدە پائالىيەت قىلىدۇ. بۇ شىركەت پايدا تەقسىمات مېخانىزمى سۈپىتىدە دۆلەت خەزىنىسىگە شىركەت پايدىسىنى ئۆتكۈزىدۇ. يەرلىك باج كىرىملىرى بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھۆكۈمىتىگە قالىدۇ. لېكىن بۇ كىرىملەرنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ ئاخىرقى ئىشلەتكۈچىگە (يەرلىك خەلققە) يەتكەنلىكى ھەققىدە ئاشكارا ۋە مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن دەلىللەنگەن سانلىق مەلۇماتلار يوق. «بايلىق-رايون زىددىيىتى»   دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ قۇرۇلما، ئېنېرگىيە ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن: بايلىقى مول رايونلار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئىشلىتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان ھالدا خام ئەشيا ئېكسپورت قىلىدىغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. [3] شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىغا كەلگەندە، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ چىنلىقى سوئال پەيدا قىلىدۇ؛ چۈنكى خەۋەر پەقەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىلا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىنغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە سەل قارىغان.

3.  ئىجتىمائىي جەھەتتىن: پاراۋانلىق ئىددىئالىرى ۋە ھەقىقىي ئېرىشىش

1.3. «500 مىليون كىشى» ئىبارىسى

خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان تۇرۇبا يولىنىڭ «15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى تەخمىنەن 500 مىليون كىشىگە مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى ئىبارىگە ئېھتىيات بىلەن قاراش كېرەك. بۇ رەقەم پەقەت تۇرۇبا يولى ئۆتكەن جۇغراپىيەلىك رايونلاردىكى تىزىمغا ئېلىنغان ئومۇمىي نوپۇسنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ تەبىئىي گازغا بىۋاسىتە ئابونت بولغانلارنى ياكى ئەمەلىي ئىشلىتىش مىقدارىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ (IEA) خىتاي ئېنېرگىيە دوكلاتىدا، 2000-يىللاردىن بۇيان شەھەرلەردە تەبىئىي گاز ئىشلىتىشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ غەربىدىكى رايونلارنىڭ يېزا رايونلىرىدا دائىمىي گاز ئۇلىنىش نىسبىتى %40 تىن تۆۋەن سەۋىيەدە قالغان. [4] شۇڭا، خەۋەر تېكىستىدىكى رەقەم بىلەن ئەمەلىي ئېرىشىش نىسبىتى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ پەرق، مەزكۇر ئىپادىنىڭ كۆرۈنۈشتىكىدەك ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

2.3.  شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدە تۇرمۇش سۈپىتى: «جەنۇبىي شىنجاڭغا گاز يەتكۈزۈش» پىلانى

خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان 5400 كىلومېتىرلىق تۇرۇبا يولى ئۇل ئەسلىھەسى ۋە 730 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشقان جەمئىي تەمىنات، بىر تىرانسپورت مۇۋەپپەقىيىتىدەك بىلىنىشى مۇمكىن. قاتتىق بىيوماسس (biomass) يېقىلغۇسىدىن تەبىئىي گازغا ئۆتۈش ئۆي ئىچى ھاۋا بۇلغىنىشىنى ئازايتىدۇ، بۇ بولسا ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغان  ياش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۈچۈن، ئۆلچىگىلى بولىدىغان بىر ساغلاملىققا دائىر ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇ سانلىق مەلۇماتلار رەسمىي قاناللار ئارقىلىق سۇنۇلماقتا. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن چەكلىك شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. گازنىڭ ئەمەلىي ئومۇملىشىش نىسبىتى، مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ئېھتىماللىقى ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ يەرلىك ئائىلىلەرنىڭ تۆلەش ئىقتىدارىغا ئۇيغۇنلۇقى قاتارلىق ھالقىلىق سوئاللارغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش بولمىسا جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى ۋە خەلقئارالىق مۇخبىرلار، رايوندىكى «تەرەققىيات» باھانىسىنىڭ بەزىدە مەجبۇرىي ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قورال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. [5] بۇ نۇقتىدا جاۋاب بېرىلىشى كېرەك بولغان ئەڭ ئاساسلىق سوئال شۇ: مەزكۇر ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىلىرىدىن ئەسلى كىم بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمىي خەلقلىرى ۋە ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىزلارمۇ؟ ياكى خىتاي دۆلىتىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كۆچۈرۈش سىياسەتلىرى دائىرىسىدە رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتاي كۆچمەنلىرىمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» پىلانى بىلەن رايونغا يۆتكەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس جەھەتتىن بارغانچە چەتكە قېقىلىشى كۆزدە تۇتۇلغاندا، تەبىئىي گازدەك ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلارنىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقى ۋە ئۇنىڭدىن كەلگەن پاراۋانلىقنىڭ يەرلىك خەلقكە ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا ۋە كۆچمەن نوپۇسقا بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلىش تەس ئەمەس. خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە — كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش جەريانلىرى بىلەن بىرلىكتە قارىغىنىمىزدا، «تەرەققىيات» سۆزىنىڭ ھەقىقىي ئادالەتنى ئەمەس، بەلكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سىستېمىلىق كۆچۈش جەريانىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس.

3.3 .نوپۇس تەسىرى ۋە كۆچۈش ھەرىكەتلىرى

چوڭ كۆلەملىك ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى تارىختا ئەمگەك كۈچى كۆچۈشىنى تېزلەتكەن. 1998-يىلىدىن كېيىن باشلانغان «غەربنى ئېچىش» پىلانى بىلەن بىرلەشكەن بۇ ئېنېرگىيە سېلىنمىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى رىغبەتلەندۈردى. خەۋەر تېكىستى بۇ سىياسەتنى پۈتۈنلەي كۆرمەسكە سالغان. شۇڭا  ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى قانداق ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقى، ئىجتىمائىي ئادالەت نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىشى كېرەك بولغان مۇھىم بىر مەسىلىدۇر.

4.  سىياسىي جەھەتتىن: ئېنېرگىيە تۈرلىرى ۋە رايون خاراكتېرلىك باشقۇرۇش

4.1 «دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى» بايانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولى

دۆلەتنىڭ باياناتلىرىدا «دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى» سۆزى سىستېمىلىق ھالدا تەكرارلىنىدۇ. بۇ باياننىڭ رولى تۆۋەندىكىچە:

  • چوڭ كۆلەملىك دۆلەت سېلىنمىلىرىنى «دۆلەت مەنپەئىتى» بىلەن قانۇنلاشتۇرۇش.
  • يەرلىك نارازىلىقلارنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارشى تۇرۇش» دەپ ئاتاش ئارقىلىق تەنقىدلەرنى بېسىقتۇرۇش.
  • قارار چىقىرىش ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي مەركىزىي ئاپپاراتلارنىڭ ۋە  قولىغا يىغىش.
  • سۈزۈكلۈك تەلىپىنى «بىخەتەرلىك مەسىلىسى» دەپ كۆرسىتىپ رەت قىلىش.

2.4. غەرب-شەرق ئاسىممېترىيەسى ۋە قۇرۇلمىلىق تەڭپۇڭسىزلىق

«غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تۈرى خىتاي تەرەققىيات سىياسىتىنىڭ كۆرگەزمىسى قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى زىددىيەت شۇكى: خام ئەشيا شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىرىلىدۇ، ئەمما ئىقتىسادىي پايدىنىڭ زور قىسمى تۇرۇبا يولىنىڭ شەرق ئۇچىدىكى خىتاي سانائەت ۋە ئىستېمال مەركەزلىرىدە شەكىللىنىدۇ. [6] 2023-يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى  خىتاي مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ ئاران %61 ئەتراپىدىدۇر.

3.4.  سۈزۈكلۈك ۋە ھېساب بېرىش مېخانىزمى

خىتاي مەملىكەتلىك نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتى (CNPC) مۇستەقىل تەكشۈرۈشتىن خالىي بىر دۆلەت شىركىتىدۇر. غەربنىڭ BP، Shell ياكى TotalEnergies غا ئوخشاش شىركەتلىرى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولسىمۇ، CNPC ئۈچۈن مۇنداق بىر مەجبۇرىيەت يوق. خەۋەر تېكىستىنىڭ پەقەت بىرلا ھۆكۈمەت تاراتقۇسىغا تايىنىشى، ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىر تۈزۈلمىۋى تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

5. ستاتىستىكىلىق جەھەتتىن: مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ۋە تونۇشتۇرۇلۇشى

.1.5.  5000مىليارد كۇب مېتىر ئىشلەپچىقىرىش مەلۇماتىنىڭ چىنلىقى

بۇ رەقەم پەقەت CNPC نىڭ ئۆز باياناتىدىن ئېلىنغان. خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى (NBS) ئومۇمىي مىقدارنى خاتىرىلىسىمۇ، لېكىن نەق مەيدان سەۋىيەسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ مۇستەقىل دەلىللەش مېخانىزمى يوق.

2.5. CO₂ قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ھېساباتىدىكى مېتودولوگىيەلىك مەسىلىلەر

خەۋەردىكى 7.3 مىليارد توننا كاربون ئازايتىش ئىددىئاسىدا تۆۋەندىكى بوشلۇقلار بار:

  • ئورنىنى بېسىش پەرەزى:  پۈتۈن گازنىڭ پەقەت كۆمۈرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەنلىكى پەرەز قىلىنغان، ئەمما گاز بەزىدە سۇ ئېلېكتىرى ياكى نېفىتنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، بۇ بولسا كاربون تېجەش مىقدارىنى ئازايتىدۇ.
  • مېتان سىيرىلىپ چىقىشى:  مېتان گازى CO₂ دىن 28 ھەسسە كۈچلۈك پارنىك گازىدۇر. تۇرۇبا يوللىرىدىكى %1.5 لىك بىر ئېقىپ كېتىشمۇ تەبىئىي گازنىڭ «مۇھىتقا پايدىلىق» بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يوققا چىقىرىدۇ.

5.3 « بىر قۇدۇق بىر شەھەرنى قامدايدۇ» ئىددىئاسى

بۇ ئىددىئا ئادەتتە بىر قۇدۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسىنى ئاساس قىلىدۇ، لېكىن دائىمىي ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. سانائەت ئېھتىياجى ۋە پەسىللىك ئۆزگىرىشلەر بۇ ھېساباتتا نەزەرگە ئېلىنمىغان.

4.5.  رامكىلاش يان بېسىشى (Framing Bias) ۋە تاللاشچان تونۇشتۇرۇش

خەۋەر تېكىستىدە پەقەت مۇۋەپپەقىيەت رەقەملىرىلا تاللاپ كۆرسىتىلىپ، خەتەرلەر ۋە تەننەرخ سەل قارالغان.

  • جەدۋەل: سانلىق مەلۇماتلارنىڭ رامكىلاش تەھلىلى
دەۋاخەۋەرنىڭ تونۇشتۇرۇش رامكىسىتەنقىدىي سوئال
CO₂ ئازايتىش7.3 مىليارد توننامېتان سىيرىلىپ چىقىشى ۋە باشقا تەسىرلەر قوشۇلدىمۇ؟
نوپۇس ئېرىشىش~500 مىليون كىشىنەزەرىيەۋى دائىرىمۇ ياكى ئەمەلىي ئابۇنتمۇ؟
قۇدۇق ئۈنۈمى1 قۇدۇق = 1 شەھەرنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىئەڭ يۇقىرى (پىك) ئۈنۈممۇ ياكى ئوتتۇرىچە نىسبەتمۇ؟
رايون تەرەققىياتىجەنۇبىي شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ كېڭىيىشىيەرلىك خەلقنىڭ كىرىم سەۋىيەسىدىكى ئۆزگىرىش قانداق؟

خۇلاسە: تەرەققىيات بايانىنىڭ سىرتىدىكى رېئاللىق

تارىم ئويمانلىقىدىكى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تېخنىكىلىق ئۆلچەملىرى — ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى، ئۇل ئەسلىھە مۇرەككەپلىكى ۋە دۇنيادىكى قىيىن گېئولوگىيەلىك شارائىتلارنىڭ بىرى بولغان تەكلىماكاندا قولغا كەلتۈرۈلگەن قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى — خىتاي دۆلىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات ۋە چۈشەنچىسى تېيىزلارغا نىسبەتەن ھەيران قالارلىق بولۇشى مۇمكىن. بىراق، 2026-يىلى 23-مارتتىكى رەسمىي خەۋەر بۇ تېخنىكىلىق رېئاللىقنى پەقەت خىتاي دۆلىتىنىڭ مەركەزچىل مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان بىر تەرەپلىمە رامكا ئىچىدە سۇنماقتا.

بۇ ماقالىنىڭ تۆت جەھەتتىكى تەھلىلى، تەرەققىيات بايانىنىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇنغان قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەرنى تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلار بىلەن تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ : تارىم گازىنىڭ شەرققە ئېقىشى، كلاسسىك تەرەققىيات ئىقتىسادىدىكى «ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك» ئەندىزىسىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. بايلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ زېمىنىدىن چىقىرىلىدۇ، ئەمما قوشۇلما قىممەت ۋە سانائەت پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانلىرى خىتاينىڭ شەرق قىرغاقلىرىدىكى شاڭخەي، خاڭجۇدەك زامانىۋى مەركەزلەردە ئەمەلگە ئاشىدۇ. يەرلىك خەلق پەقەت بايلىق چىقىرىش جەريانىدىكى مۇھىت يۈكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەمما ئىشلەپچىقىرىلغان بايلىقنىڭ پايدىسىنى تەقسىملەشتە سۆز ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. مۇستەقىل دەلىللىگىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يوقلۇقى، «بايلىق لەنىتى»نىڭ  رايوندا قۇرۇلمىلىق بىر سىياسەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان «500 مىليون كىشى» ئوبرازى، تۇرۇبا يولىنىڭ شەرق ئۇچىدىكى خىتاي نوپۇسىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن تۇرۇبا يولىنىڭ غەرب ئۇچىدا، يەنى شەرقىي تۈركىستاندا بۇ ئېنېرگىيە تۈرلىرى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىر قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. چوڭ تۈرلەر بىلەن بىللە رايونغا كەلگەن خىتاي ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە تېخنىكا خادىملىرى يەرلىك ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتتىكى ئورنىنى بارغانچە تارايتماقتا. «تەرەققىيات» بايانى، ئەمەلىيەتتە يەرلىك خەلقنى ئۆز يۇرتىدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن مارگىناللاشتۇرۇش (چەتكە قېقىش) جەريانىنىڭ ئۈستىنى ياپقان بىر پەردىدۇر.
«دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى» سىياسىي بىر مۇداپىئە قورالى سۈپىتىدە، رايوندىكى ھەرقانداق ھەق-ھوقۇق تەلىپىنى جىمجىت قىلىشقا خىزمەت قىلماقتا. ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش باھانىسى بىلەن، رايوندا يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرى ۋە ھەربىي كونترول كۈچەيتىلگەن. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىپ، قارار چىقىرىش ھوقۇقىنى بېيجىڭدىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ قولىدا تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن. خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان CO2 ئازايتىش ۋە كۈندىلىك ئۈنۈم رەقەملىرى مۇستەقىل خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ نازارىتىدىن ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى پەقەت بىر «تەشۋىقات ستاتىستىكىسى» دەپ قاراشقا بولىدۇ. مۇھىت بوغالتىرلىقىدىكى مېتان سىيرىلىپ چىقىشىغا ئوخشاش سەلبىي ئامىللارنىڭ يوشۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ «يېشىل تەرەققىيات» دەۋاسىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


بۇ خەۋەر تېكىستىنى ئوقۇغاندا قوللىنىلىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق بىلىش (ئېپىستېمىك) پوزىتسىيەسى شۇ بولۇشى كېرەك: تېخنىكىلىق نەتىجە بىر قورال، بايان قىلىش ئۇسلۇبى بولسا بىر سىياسەتتۇر. تۇرۇبا يولىنىڭ بىر ئۇچىدا شەرقنىڭ چىراغلىرى يورۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر ئۇچىدا — شەرقىي تۈركىستاندا — بايلىقى تالان-تاراج قىلىنغان، كىملىكى ۋە جۇغراپىيەسى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلۈشكە مەجبۇرلانغان بىر خەلقنىڭ سۈكۈتى بار. ئېنېرگىيە سىياسىتىنى پەقەت ماتېماتىكىلىق رەقەملەر بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىش، ھەقىقىي بىر ئېنېرگىيە جۇغراپىيەسى تەھلىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتىدۇر. تارىم گازىنىڭ شەرققە ئېقىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇرۇقدىلىشى ۋە سىياسىي جەھەتتىن تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئاستىغا ئېلىنىشى بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىۋاتقان بىر جەرياندۇر. بۇ ئەھۋال «تەرەققىيات كىم ئۈچۈن؟» دېگەن سوئالنى ھەر ۋاقىت كۈنتەرتىپتە تۇتۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

پايدىلانمىلار

[1] Yu Jiangyan & Shou Jixiang. (2026, 23 Mart). Tarim Yutian Leiji Chanqi Chao 5000 Yi Lifangmi [塔里木油田累计产气超5000亿立方米]. Tianshan.net – Xinjiang Ribao. https://www.ts.cn/xwzx/jjxw/202603/t20260323_33604756.shtml

[2] Çin Ulusal Kalkınma ve Reform Komisyonu (NDRC). (2023). Doğal Gaz Fiyatlandırma Reformu Politika Belgesi. Pekin: NDRC Yayınları.

[3] Çin Ulusal İstatistik Bürosu (NBS). (2024). China Energy Statistical Yearbook 2024. Pekin: China Statistics Press.

[4] Uluslararası Enerji Ajansı (IEA). (2024). China 2024 Energy Policy Review. Paris: IEA Publications.

[5] Uluslararası Enerji Ajansı (IEA). (2023). World Energy Outlook 2023. Paris: IEA Publications.

[6] Bradshaw, M. J. (2014). Global Energy Dilemmas: Energy Security, Globalization, and Climate Change. Cambridge: Polity Press.

[7] Bridge, G., & Le Billon, P. (2017). Oil (2nd ed.). Cambridge: Polity Press.

[8] Alvarez, R. A. et al. (2018). Assessment of methane emissions from the U.S. oil and gas supply chain. Science, 361(6398), 186–188.

[9] Xu, Y., & Heller, T. C. (Eds.). (2007). The Political Economy of Energy Infrastructure and Services in China. Stanford: Stanford University Press.

[10] Smil, V. (2017). Energy and Civilization: A History. Cambridge: MIT Press.

[11] Swartz, J. (2021). China’s natural gas development and governance. Energy Research & Social Science, 73, 101922.

[12] Human Rights Watch. (2022). ›Break Their Lineage, Break Their Roots‹: China’s Crimes against Humanity Targeting Uyghurs and Other Turkic Muslims. New York: HRW.

[13] Xu, V., Cave, D., Leibold, J., Munro, K., & Ruser, N. (2020). Uyghurs for Sale: ›Re-education‹, Forced Labour and Surveillance Beyond Xinjiang. Australian Strategic Policy Institute (ASPI).

[14] BP plc. (2025). BP Statistical Review of World Energy 2025. Londra: BP.

[15] Çin Standardizasyon İdaresi. (2008). GB/T 2589-2008: General Principles for Calculation of the Comprehensive Energy Consumption. Pekin.


[1] https://www.ts.cn/xwzx/jjxw/202603/t20260323_33604756.shtml, 塔里木油田累计产气超5000亿立方米

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*