يېڭى دەۋرنىڭ خەرىتىسى: «ئۇزۇن تېلېگرامما» نىڭ 80 يىللىقى ۋە نۆۋەتتىكى يەرشارىۋى سىياسىي كىرىزىس

2026-يىلى 25-فېۋرال

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان، دۇنيا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۈچكە ئىگە ئاقىللار ئامبىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدىغان ئاتلانتىك كېڭىشى 2026 (Atlantic Council) -يىلى 23-فېۋرال كۈنى دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە دائىر بىر دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ رەئىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان، تەجرىبىلىك سىياسىي ئانالىزچى فرېدېرىك كېمپې (Frederick Kempe) تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان بۇ ماقالە، «ئۇزۇن تېلېگراممىنىڭ 80 يىللىقى توشتى. بىزنىڭ دەۋرىمىز يېڭى بىر تېلېگراممىغا موھتاج» دېگەن جەلپكار ماۋزۇ بىلەن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.

بۇ ماقالە پەقەتلا بىر تارىخىي ۋەقەنى ئەسلەش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى نۆۋەتتە پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا يۈز بېرىۋاتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسلارغا دىياگنوز قويۇشنى مەقسەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، غەرب دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى بىر يۆنىلىشكە قايتىدىن موھتاج ئىكەنلىكىنى لوگىكىلىق ئاساستا ئوتتۇرىغا قويغان. دوكلاتنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا ئاساس سالغان تارىخىي مىراس بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكى كۆپ قۇتۇپلۇق مۇستەبىتلەر خىرىسىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇشقا مەركەزلەشكەن.

ئاپتور بۇ ئانالىز ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئەركىن دۇنيانىڭ نۆۋەتتە يۈزلىنىۋاتقان پارچىلىنىش خەۋپى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى يوشۇرۇن يېرىقلارنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان. شۇڭا، بۇ دوكلاتنى سىياسىي لوگىكا، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسەت نۇقتىسىدىن ئەستايىدىل تەھلىل قىلىش، بۈگۈنكى دۇنيا تەرتىپىنىڭ قەيەرگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشتە يۇقىرى ئىلمىي ۋە رېئال قىممەتكە ئىگە.

يەرشارىۋى داۋالغۇش ۋە كۆپ قاتلاملىق كىرىزىسلارنىڭ كېسىشىشى

خەلقئارا جەمئىيەت نۆۋەتتە تاق يۆنىلىشلىك كىرىزىستىن ھالقىپ، بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە قىتئەدە ئوت ئالىدىغان ۋە بىر-بىرىگە زەنجىرسىمان تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە سىستېمىلىق كىرىزىسلار دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇ خىل سىستېمىلىق خىرىسنىڭ بىرىنچى سېپى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا نامايان بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران ئەتراپىغا غايەت زور ھەربىي فىلوتلىرىنى ۋە قوراللىق قىسىملىرىنى توپلىشى قۇرۇق ھەيۋە بولماستىن، بەلكى رايوندىكى جۇغراپىيەلىك سىياسىي تەڭپۇڭلۇقنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۇرۇنۇشىدۇر.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىراننىڭ دىنىي مۇستەبىت تۈزۈمىگە قاراتقان بىۋاسىتە ۋە قاتتىق تەھدىتلىرى، ۋاشىنگتوننىڭ بۇ رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىقىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنى ۋە يۇقىرى بېسىملىق چەكلەش سىياسىتىگە ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا قىتئەسىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر قانلىق توقۇنۇش ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ. رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئۇكرائىناغا قاراتقان ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئۆزىنىڭ بەشىنچى قىيىن ۋە قانلىق يىلىغا قەدەم قويغان بولۇپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قوشۇنلىرىنىڭ زور تالاپەتلەرگە قارىماي ئالدىنقى سەپتە ھېلىھەم ئىلگىرىلەشكە ئۇرۇنۇشى، مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئىنسان ھاياتى ۋە ئىقتىسادىي بەدەللەر بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان رەھىمسىز ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى.

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە پارتلاش خەۋپى ئەڭ يۇقىرى بولغان جۇغراپىيەلىك نۇقتىغا ئايلاندى. خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەربىي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ۋە پىلانلىق ھالدا سىناق قىلىشى ئاددىي بىر ھەربىي مانېۋىر ئەمەس. بۇ قىلمىشلار ئەمەلىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتكۈل ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىرادىسىگە قىلىۋاتقان ئوچۇق-ئاشكارا خىرىسىدۇر.

بۇ تاشقى خىرىسلار خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى مۇتلەق ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى بىلەن زىچ باغلانغان. ئۇنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتى ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باش قوماندانلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشى ۋە تىزگىنلەش قىيىن بولغان بىر شەخس مەركەز قىلىنغان دىكتاتۇرا تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشى بۇنىڭ يارقىن مىسالىدۇر. بۇ خىل ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈش سىياسىتى پەقەتلا تەيۋەنگە تەھدىت سېلىش بىلەن چەكلەنمەيدۇ. شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ئىدىيەسى شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق رايونلاردا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مىسلىسىز دۆلەت تېررورىزمى، جازا لاگېرلىرى سىستېمىسى ۋە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ چوققىسىغا يەتتى. تېخىمۇ خەتەرلىك بولغىنى شۇكى، بۇ دۇنياۋى كىرىزىسلار پەقەتلا دىكتاتورلارنىڭ قىلمىشلىرىدىنلا كېلىپ چىقمىدى، ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىچىدىكى سىياسىي مۇرەككەپلىكلەرمۇ بۇ كىرىزىسلارنى ئۇلغايتىۋاتىدۇ. ترامپنىڭ ئۆزىنىڭ رادىكال ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى توغرىسىدا ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قارشىلىقىغا ۋە رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق، مۇرەسسە قىلىشنىڭ ئورنىغا باشقا ئىجرائىيە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تاموژنا بېجىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشى ئۆزگىچە بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى. بۇ خىل سىياسەتلەر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپلا قالماي، بەلكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئەنئەنىۋى سودا شېرىكلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ئىشەنچ ئاساسىنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە تەۋرىتىپ قويۇۋاتىدۇ.

بۇ ئەنئەنىۋى توقۇنۇش ۋە سىياسىي كىرىزىسلارنىڭ ئۈستىگە، يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكا ساھەسىدىكى مىسلىسىز رىقابەتمۇ قوشۇلدى. سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىلەرنى، يەنى تېخنىكىلىق قوماندانلىق ئېگىزلىكىنى ئىگىلەش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەش داۋام قىلىۋاتىدۇ. سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى پەقەتلا ئىقتىسادىي ئېشىش قورالى بولماستىن، بەلكى كەلگۈسى ئۇرۇشلارنىڭ شەكلىنى، دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ۋە دۇنياۋى نازارەت تورلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ھەل قىلغۇچ قورالدۇر. شۇڭلاشقا بۇ ساھەدىكى ئارقىدا قېلىش غەرب دۇنياسى ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھايات-ماماتلىق مەسىلىسىگە ئايلاندى.

مۇشۇنداق پۈتۈن قاتلاملار گىرەلىشىپ كەتكەن جىددىي شارائىتتا، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كۈندىلىك خەۋەر ماۋزۇلىرى كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان دەرىجىدە قالايمىقان، تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ يىغىلىپ كېتىشى بولسا چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئېغىر پىسخىكىلىق بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە. خەلقئارا مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىدىغان، يەرشارىۋى ئۇچۇر پارچىلىرىنى بىر-بىرىگە باغلاپ لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ھادىسىلەرنىڭ كەينىدىكى يوشۇرۇن يىپلارنى ۋە ئىچكى قانۇنىيەتلەرنى تېپىپ چىقىش ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە مۇرەككەپ بىر سىناققا ئايلىنىپ قالدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق سودا، قانۇن ئاپپاراتلىرىغا تايىنىدىغان يەرشارىۋى تەرتىپ نۆۋەتتە يىمىرىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى ۋە ئېنىقسىز يۆنىلىشلەرگە قاراپ تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە. بۇ خىل سىستېمىلىق ئۆزگىرىش جەريانىغا يەنە ئۆزىنىڭ قارار چىقىرىشتىكى مۆلچەرلىگۈسىزلىكى بىلەن پەخىرلىنىدىغان، تاشقى سىياسەتتە ئەنئەنىۋى دىپلوماتىيە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمايدىغان بىر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتىنىڭ كۈچلۈك شەخسىي ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىمۇ قوشۇلغانلىقى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئېنىقسىز قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەۋپ-خەتەرلەر كۈنسايىن ئېشىپ، دۇنياۋى ئورتاق مەنپەئەتتىن كۆرە پەقەتلا ئۆز دۆلىتىنىڭ قىسقا مەزگىللىك مەنپەئەتىگىلا مەركەزلەشكەن چوڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كىرىزىسنى كونترول قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى تارىختىكى ئەڭ قاتتىق سىناققا دۇچ كەلمەكتە.

جورج كېننان ۋە «ئۇزۇن تېلېگرامما» نىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي مىراسى

بۈگۈنكى كۈندىكى بۇ تۇمانلىق ۋەزىيەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن، تارىخنىڭ تىۋىشىغا قۇلاق سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن دەل سەكسەن يىل مۇقەددەم، دۇنيانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى بۈگۈنكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىنتايىن قاراڭغۇ، مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان بىر ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەت خۇددى ھازىرقىغا سېلىشتۇرغۇدەك دەرىجىدە تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان مۇھىم تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، دۇنيانىڭ كېيىنكى يېرىم ئەسىرلىك تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان يېڭى بىر ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ئالدىدا تۇرغان ھالقىلىق مىنۇتلار ئىدى.

1946-يىلى 22-فېۋرال كۈنى، جورج كېننان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلومات سۈپىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، تارىخنىڭ ئېقىمىنى ئۆزگەرتكەن ۋە كېيىن دۇنيا تارىخىد ئىز قالدۇرغان سەككىز مىڭ سۆزلۈك، مەزمۇنى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان مەشھۇر «ئۇزۇن تېلېگرامما» سىنى ۋاشىنگتونغا يوللىغان ئىدى. گەرچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەمدىلەتىنلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا فاشىستلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جوسېف ستالىن باشچىلىقىدىكى مۇستەبىت سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋاقىتلىق ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتتە ۋەيران بولغان بولۇپ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى بۇ يېڭى، مۇرەككەپ رېئاللىق ئالدىدا نېمە قىلىشىنى بىلمەي، جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشتە ئىككىلىنىش ئىچىدە قالغان پەيتلەر ئىدى. بۇ ھالقىلىق پەيتتە، جورج كېننان ئۆز دەۋرى ئۈچۈن شۇنداقلا بىزنىڭ بۈگۈنكى دەۋرىمىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن رادىكال، جۈرئەتلىك ۋە يىراقنى كۆرەر بىر قەدەم تاشلىدى. ئۇ ۋاشىنگتوننىڭ كۈندىلىك سىياسىي ھادىسىلەرگىلا مەركەزلىشىپ قالغان ئالدىراش ئىنكاسلىرىدىن ھالقىپ، بىر قەدەم ئارقىغا چېكىنگەن ھالدا پۈتكۈل سىستېمىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ماكرو ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن نەزەر سالدى. ئۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنىڭ يىلتىزىنى تولىمۇ چوڭقۇر ئىلمىي ۋە رېئال شەكىلدە چۈشەندۈردىكى، بۇ رامكا ۋە نەزەرىيە ۋاشىنگتوننىڭ كېيىنكى قىرىق يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى ۋە تاكتىكىسىنى ئۈزۈل-كېسىل بەلگىلەپ بەردى.

ئۇ تېلېگراف دەۋرىنىڭ قىسقا، چەكلىك ۋە ئىخچام تىلى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي پىسخىكىسىنى «ئەقىل-مەنپەئەت لوگىكىسىغا پىسەنت قىلمايدىغان، يەنى نورمال دىپلوماتىك مۇزاكىرىلەرگە قۇلاق سالمايدىغان» دەپ ئىنتايىن دەل جايىدا باھالىدى. ئۇنىڭ قوشۇمچە قىلغان يەنە بىر مۇھىم باھاسى بولسا، سوۋېتنىڭ «كۈچ-قۇۋۋەت لوگىكىسىغا ئىنتايىن سەزگۈر» ئىكەنلىكى ئىدى. يەنى مۇستەبىتلەر پەقەتلا ھەقىقىي كۈچ ۋە تەھدىتنىلا چۈشىنىدۇ، دېگەن رېئالىزم مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ چوڭقۇر سىياسىي تەھلىلى بويىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەتتە داۋاملىق تۈردە رەقىبىنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنى ئىزدەپ پەيت كۈتىدۇ ۋە پۇرسەت تاپسىلا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەمما رەقىبىنىڭ قەتئىي، تەكشى ۋە كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ھامان ئارقىغا چېكىنىدۇ ۋە توختاپ قالىدۇ. بۇ بايقاش كېيىنكى بارلىق مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ ئورتاق پىسخىكىسىنى يورۇتۇپ بەرگەن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئالتۇن قائىدە بولۇپ قالدى. كېيىنچە، 1947-يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئۇ «X» دېگەن يوشۇرۇن تەخەللۇس بىلەن دۇنياغا داڭلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ژۇرنىلى «تاشقى ئىشلار» دا «  سوۋېتنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنىڭ مەنبەلىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ ماقالە ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يوللىغان مەخپىي تېلېگراممىسىنىڭ خەلققە ۋە ئاكادېمىيەگە ئاشكارا قىلىنغان نۇسخىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىگە بەرگەن يادرولۇق كۆرسەتمىسى ئارتۇقچە قوراللىق توقۇنۇش بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇش ياكى سوۋېت كېڭەيمىچىلىكىگە قاراپ تۇرۇپ مۇرەسسە قىلىش ئەمەس ئىدى. بەلكى «رۇسىيەنىڭ خەلقئارالىق كېڭەيمىچىلىك خاھىشلىرىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك، يۇقىرى سەۋرچانلىق بىلەن، ئەمما قەتئىي ۋە ھوشيارلىق بىلەن چەكلەش (Containment)» ئىدى. بۇ نەزەرىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش كېيىنكى بارلىق مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەرگە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قارارلىرىغا ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىنى كۆرسەتتى. 1948-يىلى ئاپرېلدا ياۋروپانى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان غايەت زور كۆلەمدىكى مارشال پىلانى (Marshall Plan) دەل مۇشۇ چەكلەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى سۈپىتىدە بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 1949-يىلى ئاپرېلدا ئەركىن دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلدى ۋە بۇ ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى چەكلەش سىياسىتىنىڭ كۈچلۈك ھەربىي ۋە كوللېكتىپ مۇداپىئە كاپالىتى تولۇق تىكلەندى.

بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ تۇنجى چوڭ سىنىقى بىر ئايدىن كېيىن يۈز بەردى. ئىتتىپاقداش قوشۇنلار ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي بېرلىنغا قاراتقان ئون بىر ئايلىق رەھىمسىز قورشاۋىنى ھاۋا كۆۋرۈكى ئارقىلىق ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇپ تاشلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇ تارىخىي جەرياندا ئىككى مىليون توننىدىن ئارتۇق يېمەكلىك، يېقىلغۇ ۋە ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى ھاۋا ئارقىلىق توشۇش مۆجىزىسى يارىتىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەركىن ياۋروپاغا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا بولغان تەۋرەنمەس ۋەدىسى دۇنياغا ئىسپاتلاندى ۋە سوۋېت تۈزۈمىنىڭ ئاجىزلىقى ئاشكارىلاندى. يەنە مۇشۇ چەكلەش ۋە ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، 1951-يىلى ئاپرېلدا، كېيىنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى ئاساسى ۋە ئۇل تېشى بولغان ياۋروپا كۆمۈر ۋە پولات گەۋدىسى (European Coal and Steel Community) قۇرۇپ چىقىلدى.

خۇلاسىلىگەندە، جورج كېننان ئۆز دەۋرىدىكى سىياسەتچىلەرگە ئىستراتېگىيەلىك بىر تىل ۋە «چەكلەش» تىن ئىبارەت ھەممە ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان، بىرلىككە كەلگەن بىر مەشغۇلات رامكىسىنى تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭ يازغان بۇ «ئۇزۇن تېلېگرامما» سى ۋە ئاكادېمىك ماقالىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەس ئۇل ھۆججەتلىرىگە ئايلىنىپ، ئاخىرىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قان تۆكمەي غەلىبە ئېلىپ كەلگەن سىستېمىلىق ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىققا مۇستەھكەم ئاساس سالدى.

خىتاينىڭ سىستېمىلىق خىرىسى ۋە يېڭى مۇستەبىتلەر تورى

نۆۋەتتە، دۇنيا سىياسىتىدە ۋە غەرب ئىستراتېگىيە تەتقىقات ساھەسىدە ئەڭ كەمچىل بولۇۋاتقىنى، دەل بىز ياشاۋاتقان بۇ سىستېمىسىز ۋە مۇرەككەپ دەۋرنى توغرا يېتەكلەيدىغان، جورج كېنناننىڭكىگە ئوخشاش بىر يېڭى، ماسلىشىشچان ئىستراتېگىيەلىك يول خەرىتىسىنىڭ يوقلۇقىدۇر. بۈگۈنكى كۈندىكى تارىخىي ۋە سىياسىي خەۋپ-خەتەرلەر مىقدار جەھەتتىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەرشارىۋى خەتەرلەر بىلەن ئوخشاشلا غايەت زور، ھەتتا يادرولۇق تەھدىت نۇقتىسىدىن تېخىمۇ ئېغىردۇر. ئەمما، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن خىتاي دۆلىتى پەيدا قىلىۋاتقان، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ۋە كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان خىرىسلار ھەمدە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋاتقان كۆپ خىل ھۆكۈمەتسىز كۈچلەر ۋە تېخنىكىلىق ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن، بۈگۈنكى كىرىزىسلار تېخىمۇ قايمۇقتۇرغۇچى ۋە ئانالىز قىلىش تەسكە توختايدىغان خاراكتېرگە ئىگە بوپقېلىۋاتىدۇ.

جورج كېننان ئەسەر يازغان ئۇ مەزگىلدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇنيادا تەڭداشسىز ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، يەرشارى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيتتى. بۇ خىل قاتتىق كۈچ ئەۋزەللىكى نۆۋەتتىكى ئەمەلىيەتكىمۇ ئومۇمەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. لېكىن شۇنداق كۈچلۈك بولۇشىغا قارىماي، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئىدىيەۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا بىرلىككە كەلگەن مەشغۇلات نەزەرىيەسى ۋە يېتەكچى پىرىنسىپ كەم ئىدى. دەل مۇشۇ نۇقتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سىياسىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بوشلۇقىدۇر. ئەينى ۋاقىتتىكى «موسكۋا نېمىنى خالايدۇ؟ سوۋېت تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭ يەرشارىۋى ئىدىيەۋى تەسىرى قانچىلىك پۇختا؟ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قايسى خىل ھەربىي ۋە دۆلەت باشقۇرۇش قوراللىرىنى ئىشلىتىشى، قايسىلىرىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك؟» دېگەن تارىخىي سوئاللار، بۈگۈنكى كۈندىمۇ بېيجىڭنى مەركەز قىلغان ھالدا يېڭى بىر شەكىلدە دۇنيانىڭ ئالدىغا قويۇلدى.

بۈگۈنكى كۈندە ئەينى تارىخ بىلەن يەنە بىر ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھېلىھەم يەرشارىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان قۇدرەتلىك ھەربىي، ئىقتىسادىي كۈچكە ۋە مىسلىسىز تېخنىكىلىق ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىدۇر. ئەمما ئىككى دەۋر ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرقلىق تەرەپ شۇكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق يەرشارىۋى رەقىبى بولغان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت ئىقتىدارى ۋە ئىقتىسادىي سىڭىپ كىرىش كۈچى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ كۈچەيگەن، ئەڭ شانلىق دەۋرىدىكىدىنمۇ نەچچە ئون ھەسسە قۇدرەتلىك ۋە قورقۇنچلۇقتۇر. خىتاينىڭ بۇ قۇدرىتى يالغۇز ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق خەلقئارا تەرتىپكە قارشى تۇرغۇچى، يادرو قورالىغا ئىگە ياكى يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بار مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ قوللىشى ۋە شېرىكلىكى بىلەن تېخىمۇ كېڭىيىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، خەلقئارا سىياسەت ۋە ئاكادېمىك نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ يېڭى خىل مۇستەبىتلەر ئىتتىپاقىنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتىدەك كۈچلۈك بولغان «مۇستەبىتلەرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» دەپ ئاتاش ئانچە توغرا بولمايدۇ.

چۈنكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدا رەسمىي، كوللېكتىپ قوغدىنىشنى ئاساس قىلغان بىر ھەربىي شەرتنامە ياكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بولغان ئورتاق ئاداۋەتتىن باشقا ئورتاق ئىدىيەۋى ۋە قىممەت قاراش ئاساسى پۈتۈنلەي يوق، ئۇلار پەقەتلا مەنپەئەت ئۈچۈن توپلانغانلار ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ مۇستەبىتلەر ئىتتىپاقى قۇرۇلما ۋە قانۇنىي جەھەتتىن ئانچە مۇستەھكەم بولمىسىمۇ ۋە ئۆزئارا ئىشەنچىسى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ توپلانغان يامان غەرەزلىرى، ئەركىن دۇنياغا قارشى بىرلىشىپ قىلىۋاتقان تور ھۇجۇملىرى ۋە ھەربىي ھەرىكەتلىرى بىرلىشىپ، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن غايەت زور،  كۆپ يۆنىلىشلىك ۋە جۇغلانما خەتەرلەرنى پەيدا قىلماقتا.

جۇغراپىيەلىك سىياسىي تۈگۈنلەر

ياۋروپا قىتئەسىدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى 1945-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆلەملىك، ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ۋە ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن قۇرۇقلۇق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىدى ۋە بۇ غەرب بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئاشكارىلىدى. گەرچە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ نۇقتىنى ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن تېخى ئېنىق، قەتئىي ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش پەقەتلا غەرب دۇنياسى ئۈچۈن ئەخلاقىي جەھەتتىن توغرا تاللاش بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەرشارىۋى قانۇن تەرتىپى ئۈچۈنمۇ ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. ئەگەر ۋىلادىمىر پۇتىن قورال كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ ۋە يادرو تەھدىتى سېلىش ئارقىلىق باشقا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت چېگراسىنى ئۆزگەرتەلىسە ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى سۈكۈت بىلەن قوبۇل قىلسا، ئۇنداقتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىدا ئاساسلانغان قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش پىرىنسىپى پۈتۈنلەي مەنىسىنى يوقىتىدۇ.

بۇ خىل ئەھۋالدا، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تېزلا ئورمان قانۇنىغا، يەنى پەقەتلا كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدىغان، ھەربىي كۈچلا ھەممىنى بەلگىلەيدىغان ياۋايى تەرتىپكە ئالمىشىپ قالىدۇ ۋە بۇ ياۋروپا بىلەنلا چەكلەنمەي، پۈتۈن دۇنياغا يامرايدۇ. ئىلگىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كۈچ دەپلا ئاددىي قارىلىپ كەلگەن خىتاي دۆلىتى، ھازىر تەرەققىياتىنى تاماملاپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاساسلىق سىستېمىلىق رەقىبىگە ئايلاندى. ئۇ ھازىر ئۆز شېرىكلىرى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتە كەم بولسا بولمايدىغان تەمىنات زەنجىرىنىڭ مەركىزىدە تۇرماقتا. خىتاي ئۆزىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان ۋە زامانىۋىلاشقان دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە ھەربىي كۈچى، شۇنداقلا دۇنيادا تېخنىكا جەھەتتە بىرىنچى بولۇشنى نىشان قىلغان رەزىل تېخنىكىلىق ئىشتىھاسى بىلەن يەرشارىۋى تەرتىپكە ئەڭ چوڭ تەھدىت سۈپىتىدە گەۋدىلەنمەكتە.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن بىر قاتاردا، ئاسىيادىكى تەيۋەن مۇ مەسىلىسىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك، ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى سىياسىي ئوت ئالىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ ۋە بۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەمىناتى بىلەن بىۋاسىتە باغلانغان. بۇ جىددىيچىلىك ئەمەلىيەتتە خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەننى مەيلى قايسىلا ئۇسۇل بىلەن بولمىسۇن يۇتۇۋېلىشتىكى قەتئىي نىيىتى، تەيۋەن جەمئىيىتىنىڭ دېموكراتىيەلىشىپ ئۆز چاڭگىلىدىن پۈتۈنلەي سىيرىلىپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىغا بولغان قاتتىق ئەندىشىسنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تېخى تەيۋەننى ھەربىي جەھەتتىن قوغداشقا تولۇق تەييار ئەمەسلىكىگە بولغان خاتا ھۆكۈمى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ بىرلىشىشى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئۇرۇش خەۋپىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرمەكتە.

دېموكراتىك ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قۇۋۋىتى ۋە نازۇكلۇقى

تارىخقا ئوبيېكتىپ نەزەر سالىدىغان بولساق، جورج كېنناننىڭ دۆلەت قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى ئەڭ چوڭقۇر تونۇشى شۇنداقلا بۈگۈنكى يەرشارىلاشقان دەۋرىمىزگە تېخىمۇ بەكرەك ماس كېلىدىغان ۋە قوللىنىشچان بولغان چۈشەنچىسى شۇكى، خەلقئارالىق رىقابەتتە دۆلەتنىڭ كۈچى پەقەتلا قورال بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشى رەقىبى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاجىزلىقلىرى ۋە كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىدىن قايمۇقۇپ قالماي، ئۆزىنىڭ دېموكراتىك ئىچكى قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىگە بىۋاسىتە باغلىق بولغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ قائىدە ئۆزگەرمىدى. ئەڭ مۇھىمى، ئەركىن دۇنيانىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى سادىق ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى تەمىنلىگەن ئورتاق ئىقتىسادىي بىرلىشىش، سىياسىي ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مۇستەبىتلەرگە قارشى ئىشەنچلىك ھەربىي ھۈركۈتۈش ئىقتىدارىغا تايىنىپ ۋۇجۇدقا چىققان.

بۈگۈنكى كۈندىكى دېموكراتىك دۇنيا سىستېمىسىمۇ ئەمەلىيەتتە يەنە بىر قېتىم غەلىبە قىلىشقا كېرەكلىك بولغان بارلىق ئاساسىي ماددىي ۋە مەنىۋى ئەۋزەللىكلەرگە تولۇق ئىگە. گەرچە كىرىزىسلار كۆپ بولسىمۇ، دېموكراتىيەنىڭ ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارى يەنىلا ئەڭ كۈچلۈك قورالدۇر. ئىستاتىستىكىلىق نۇقتىدىن ئالغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئۇنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىرى بىرلىشىپ، دۇنيا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ (GDP) مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ۋە يەرشارى ئىستېمال بازىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى يەنىلا ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇپ تۇرماقتا. بىخەتەرلىك ساھەسىگە قارايدىغانلا بولساق، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە خىراجىتى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۈزلۈكسىز ۋە زور كۆلەمدە ئاشماقتا. ئۇزۇن يىللىق تىنچلىققا كۆنۈپ قالغان ۋە پەرۋاسىزلىق ئىچىدە ياشىغان ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئاخىرى رۇسىيە تەھدىتى ئالدىدا ئويغىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئېنېرگىيە تەمىناتىدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنى ھەل قىلىشقا رەسمىي كىرىشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ياپونىيە، كورېيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ۋە ھەربىي شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيتمەكتە. تېخنىكىلىق رىقابەتتە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىدىن تارتىپ سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتىنىڭ ئالدىنقى سېپىگىچە، يەرشارى كاپىتال بازارلىرىنىڭ باشقۇرۇلۇشىدىن ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشقىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھەل قىلغۇچ يادرولۇق ساھەلەردە يەنىلا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكتە.

قانداقلا بولمىسۇن، غەرب ئانالىزچىلىرى سەل قارىماسلىقى كېرەك بولغان بىر نۇقتا شۇكى، دېموكراتىك ئىتتىپاقنىڭ مەغلۇپ بولۇش خەۋپى ئۇلارنىڭ رەقىبلىرىنىڭ قۇدرىتىدىن كۆرە، كۆپرەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ ئىتتىپاقلىقىدىكى بوشلۇقلاردا يوشۇرۇنغاندۇر. دېموكراتىك دۇنيا نۆۋەتتە مىللەتچىلىك ۋە ئوڭچىل ئېقىملارنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن ئۆزئارا سىستېمىلىق پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچكەلدى. دۆلەتلەر ئۆز ئىچىدىكى قىسقا مەزگىللىك سىياسىي بېلەتلەر ئۈچۈن خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتلەردىن قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىتتىپاقداشلىق ئىستراتېگىيەسىدىن ئاجرىلىپ قالغان ھالدا يۈرگۈزۈلگەن تاق تەرەپلىمە تاموژنا بېجى سىياسەتلىرى ۋە قورۇمىچىلىق، ئەركىن سودا قىممەت قارىشىغا زىت بولۇپلا قالماي، ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدىكى ئىشەنچنى ۋەيران قىلىپ، خىتاي ۋە رۇسىيە ئۈچۈن پايدىلىق بوشلۇق يارىتىپ بېرىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى مۆلچەرلىگۈسىز ئۆزگىرىشچانلىقىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تايانمايدىغان باشقا مۇستەقىل بىخەتەرلىك يوللىرىنى تاللاشقا ۋە خىتاي بىلەن مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتسا، ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي قوغداش ۋەدىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىشەنچلىكلىكىدىن چوڭقۇر گۇمانغا چۈشتى. ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر، دۇنيا سىياسىتىدە بۇ خىل ئىشەنچسىزلىك ۋە گۇمان ئۇرۇقىنى چېچىشنىڭ غەرب دۇنياسىنىڭ كوللېكتىپ مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئېلىپ كېلىدىغان ھەقىقىي ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك خەۋپىنى تېخى تولۇق تونۇپ يېتەلمىدى.

خۇلاسە: مۇستەبىتلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن يىمىرىلىشى

يۇقىرىقى مۇرەككەپ ۋەزىيەتلەر ئالدىدا، جورج كېنناننىڭ ئەسلىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل-پاراسىتىگە قايتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ «X» تەخەللۇسىدىكى ماقالىسىدە، چەكلەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئامىلىنىڭ «تەۋرەنمەي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بىر قاتار جۇغراپىيەلىك ۋە سىياسىي نۇقتىلاردا قارشى تۇرغۇچى كۈچنى ماھىرلىق ۋە ھوشيارلىق بىلەن تەتبىقلاش» ئىكەنلىكىنى ئىنتايىن ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بىز نۆۋەتتە خىتاي دۆلىتى ياكى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ھازىرقى ھەيۋەتلىك ئەمەلىي كۈچىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۆزىمىزنى ئارتۇقچە قورقۇتۇۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ تەشۋىقات ماشىنىلىرى ئۇلارنى قانچىلىك يېڭىلمەس ۋە قۇدرەتلىك قىلىپ كۆرسەتمىسۇن، ئۇلارنىڭ تۈزۈلمىسىگە سىڭىپ كەتكەن ئەجەللىك ۋە سىستېمىلىق زەئىپلىكلىرى ھەر زامان مەۋجۇتتۇر.

خىتاي دۆلىتى نۆۋەتتە ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاستىلىشى، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىشى، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن كېلىپ چىققان غايەت زور نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ چېكىنىشى ۋە قانۇن تەرتىپى بولمىغان مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە خاس بولغان مۇقەررەر بولغان نازۇكلۇق خەۋپىگە چوڭقۇر پېتىپ قالماقتا. بۇ خىل ھەل قىلغۇسىز ئىچكى كىرىزىسلار شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت قاتارلىق مۇستەملىكە قىلىنغان رايونلاردىكى يۇقىرى بېسىملىق جازا لاگېرلىرى ۋە سىستېمىلىق قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، دۆلەت خەزىنىسىنى قۇرۇتۇۋاتقان غايەت زور دۆلەت مۇقىملىق خىراجىتى بىلەنمۇ بىۋاسىتە ۋە ئايرىلماس مۇناسىۋەتلىكتۇر. رۇسىيەنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغانلا بولساق، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقى، تېخنىكىلىق قالاقلىقى شۇ قەدەر ئېغىر بولۇپ، ئەگەر بىرلىككە كەلگەن ۋە ئىرادىسى قەتئىي غەرب دۇنياسىنىڭ كۈچلۈك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قارشىلىقىغا دۇچ كەلسە، بۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرالمايدۇ ۋە ئىچكى قىسىمدىن يىمىرىلىدۇ.

شۇنداقتىمۇ، خەلقئارا تەرتىپ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ خەتەر مۇستەبىتلەرنىڭ كۈچلۈكلۈكىدە ياكى يېڭىلمەسلىكىدە ئەمەس، بەلكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ كىرىزىس ئالدىدا ئۆزلىرىگە، قىممەت قاراشلىرىغا ۋە بىر-بىرىگە بولغان سىياسىي ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويۇپ، ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ كېتىشىدىدۇر. جورج كېننان ئەينى ۋاقىتتا مۇستەبىت سوۋېت تۈزۈمىنىڭ ئىچىدە «ئۆزىنى ھالاك قىلىدىغان ئۇرۇق» نىڭ تەبىئىي ھالدا بارلىقىغا ئىشەنگەن بولۇپ، يېرىم ئەسىرلىك تارىخ كېيىن ئۇنىڭ بۇ ئىلمىي ۋە سىياسىي ھۆكۈمىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئەمما، بۇ مۇستەبىتلىكنى ۋەيران قىلىدىغان ئۇرۇقنىڭ كۆكىرىشى، يېتىلىشى ۋە ئاخىرىدا مېۋە بېرىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىرلا ئالدىنقى شەرت بار ئىدى: ئۇ بولسىمۇ دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆز سىستېمىسىغا ئىشىنىپ، قىيىنچىلىقلار ئالدىدا چۆكۈپ كەتمەي، ئورتاق سەپتە مۇقىم تۇرالىشى ئىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تارىخنىڭ بۇ باسقۇچىدا دۇنياۋى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى ۋە يېگانە ھالەتتە ئۆزىنىلا قوغداپ قالغىلى قەتئىي بولمايدۇ. ئەمما بۇ كەسكىن رىقابەتتە ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەرگىزمۇ ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن يالغۇز قالماسلىقى، يەنى شېرىكلىرىدىن ۋە ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشى ئېلان قىلغان بۇ مۇھىم ماقالە تارىخىي پاراللېللىق يارىتىش، ئۆتمۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىستراتېگىيەلەرنى بۈگۈنكى سىياسىي رېئاللىقنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن كۆۋرۈك قىلىش جەھەتتە ئىنتايىن يۇقىرى ئىلمىي ۋە ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە.

بۇ ماقالىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋە قالايمىقان دۇنيا ۋەزىيىتىنى تارىختىكى «ئۇزۇن تېلېگرامما» نەزەرىيەسى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك سېلىشتۇرۇپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرىگە سوغۇققانلىق بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك، كۆپ قۇتۇپلۇق چەكلەش ئىستراتېگىيەسىنى يېڭىباشتىن بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك لوگىكا بىلەن تەۋسىيە قىلغان. قانداقلا بولمىسۇن، ئىلمىي ۋە تەنقىدىي نۇقتىدىن قارىغاندا بۇ باھالاشنىڭ بەزى ئىچكى كەمچىلىكلىرىمۇ ئېنىق مەۋجۇت. ماقالە گەرچە يەرشارىۋى ئىتتىپاقداشلىقنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەر ئۆزئارا شەكىللەندۈرگەن، ئىقتىسادقا تايانغان يېڭىچە يوشۇرۇن تورغا قانداق تەدبىرلەر بىلەن تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا كونكرېت مېخانىزم ياكى ئىقتىسادىي قوراللىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدە تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويمىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي دۆلىتىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى، يەرشارى ئىقتىسادىغا گىرەلىشىپ كەتكەن سىستېمىلىق رەقىبنى پەقەتلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېپىق ھالەتتىكى تارىخىي ئۆرنىكى ئارقىلىقلا چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇش يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى خىتاي نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا سىستېمىسىغا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن نەچچە ئون ھەسسە چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن، پەقەتلا سىرتقى چەكلەش دىپلوماتىيەسى ئەسلا كۇپايە قىلمايدۇ. بىز خەلقئارا سىياسەتنىڭ تەرەققىياتىدىن، خۇسۇسەن سوۋېت ئىتتىپاقىدەك قۇدرەتلىك مۇستەبىت ئىمپېرىيەلەرنىڭ پارچىلىنىش ۋە ۋەيران بولۇش جەريانىدىن شۇنداق بىر چوڭقۇر ساۋاقنى ئېلىشىمىز كېرەككى، ھەرقانداق مۇستەبىت تۈزۈم تاشقى جەھەتتىن قورال كۈچى ۋە تەشۋىقاتى بىلەن قانچىلىك يېڭىلمەستەك كۆرۈنمىسۇن، ئۇنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولغان.

ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا دېموكراتىك قانۇنىيەت، خەلقنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە ئىرقىي باراۋەرلىكنى ئاساس قىلغان ئادالەت بولمىسا، ھەرقانداق يۇقىرى بېسىملىق سىستېمىلار ئۆزى ياراتقان زىددىيەتلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۆزلۈكىدىن يىمىرىلىشكە مەھكۇمدۇر. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئەركىن دۇنيا پەقەت سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى كونا ئۇسۇلنىلا كۆچۈرۈپ كەلمەستىن، بەلكى بۈگۈنكى يېڭى تېخنىكا ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق سىياسىي تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنىڭ ماھىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەۋرەنمەس دېموكراتىك ئىتتىپاقداشلىق قۇرۇلمىسى بىلەن قارشى تۇرۇشى كېرەك. پەقەتلا مۇشۇنداق ئورتاق ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولغان خەلقئارالىق بىرلىك يارىتىلغاندىلا، ئۇكرائىنا، تەيۋەن ۋە شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق دۇنيا تىنچلىقى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت بىلەن زىچ باغلانغان رايونلاردىكى ئىنسانىي كرىزىسلارنى ئۈزۈل-كېسىل ۋە ئادالەت تارازىسىدا ھەل قىلىشنىڭ مۇستەھكەم سىياسىي ئاساسىي يارىتىلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە:

[1] Kempe, Frederick. «The Long Telegram just turned 80. Our times demand a new one.» Atlantic Council, February 23, 2026.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*