ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
دۇنيانىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇنبەرلىرىدىن بىرى بولغان، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق «تاشقى ئىشلار» (Foreign Affairs) ژۇرنىلىنىڭ 2026-يىلى 15-ئىيۇلدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىلىرى ئېنرىكو فاردېللا (Enrico Fardella) ۋە سېرگېي رادچېنكو (Sergey Radchenko) تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتاي ئۆزىنىڭ يۈكسىلىشىگە شارائىت ياراتقان دۇنيانى ۋەيران قىلماقتا» (China Is Sabotaging the World That Enables Its Rise) تېمىلىق ماقالە، ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر سىستېمىسىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق پارادوكسلارنىڭ بىرىنى سىستېمىلىق ئانالىز قىلىپ بەرگەن. بۇ ئەسەر بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيادا تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقان بىر تەرەپلىمىلىك سانائەت يۈكسىلىشى، دۆلەت ئىچىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىقتىسادىي كىرىزىسلارنى سىرتقا ئېكسپورت قىلىش سىياسىتى ۋە بۇ خىل ئىستراتېگىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى غەرب ئەركىن بازار سىستېمىسى بىلەن بولغان توقۇنۇشىنى ئىلمىي نۇقتىدىن چوڭقۇر يورۇتۇپ بېرىدۇ. ماقالىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ مۇھىم قىممىتى شۇكى، ئۇ خىتاينىڭ بۈگۈنكى قۇدرەتلىك ھالەتكە كېلىشىنىڭ ئەسلىدە غەرب لىبېرال دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئوچۇق بازار شارائىتىغا تايانغانلىقىنى، ئەمما بېيجىڭنىڭ نۆۋەتتىكى تاشقى سىياسىتىنىڭ دەل ئۆزىنى بېقىپ يېتىشتۈرگەن بۇ سىستېمىنىڭ ئۇلىنى چىرىتىۋاتقانلىقىنى ئەتراپلىق پاكىتلار بىلەن دەلىللەيدۇ.
ئاپتورلار ماقالىنىڭ كىرىش قىسمىدا سىياسىي ۋە دىپلوماتىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ خەلقئارالىق تەسىر يارىتىشتىكى سىمۋوللۇق رولى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ. بولۇپمۇ، 2026-يىلى ماي ئېيىدا ئارقا-ئارقىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ خىتايغا قىلغان دۆلەت زىيارەتلىرى غەرب كۆزەتكۈچىلىرى تەرىپىدىن ھېچقانداق ماھىيەتلىك نەتىجە بەرمىگەن دەپ قارالغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي باشقىچە تۈستە تەسۋىرلەندى. بېيجىڭنىڭ سىياسىي ئاڭ قۇرۇلمىسىدا بۇ زىيارەتلەر دۆلەت ئىچى تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىتاينىڭ تارىختىكى ئىمپېراتورلۇق دەۋرىدىكى چەت ئەل ئەلچىلىرىنىڭ كېلىپ «باش ئۇرۇش» كۆرۈنۈشلىرىنى ئەسلىتىدىغان سىمۋوللۇق قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلدى. بۇ جەريان شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە تارقىتىۋاتقان «خىتاي دۇنيانىڭ مەركىزىگە قايتىپ كەلدى، ئۆز رىقابەتچىلىرىدىن ئېشىپ كەتتى» دېگەن مەغرۇرانە مىللەتچىلىك تەسەۋۋۇرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە خىزمەت قىلدى.
بۇ خىل مۇستەبىتلەرچە تەنتەنىنىڭ ئارقىسىدا بېيجىڭنىڭ ئۆزىگە خاس بىر ئىشەنچى يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى سوتسىيالىزمنى خاتا باشقۇرۇپ ۋەيران قىلغان بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كاپىتالىزمنى چىرىتىۋەتكەن، پەقەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىلا مۇستەبىت دۆلەت كۈچى بىلەن بازارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرەلەيدىغان بىر خىل سېھىرلىك فورمۇلانى تاپقان. ئەلۋەتتە، مىللەتچىلىككە يوغۇرۇلغان بۇ ھېكايە تارىخىي ھەقىقەتنى يۆگەيدۇ، چۈنكى خىتاينىڭ يۈكسىلىشى ئۆز رىقابەتچىلىرى ياراتقان دۇنيا سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا ئەمەس، بەلكى بېيجىڭنىڭ شۇ سىستېمىدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. دەسلەپكى ئون يىللاردا خىتاي سوتسىيالىستىك لاگېردىن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ سانائەت ئۇلىنى قۇرغان بولسا، 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى دېڭ شياۋپىڭنىڭ «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» سىياسىتى ئارقىلىق، غەرب ئەركىن بازار دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىپ، بۈگۈنكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچكە ئايلىنىش يولىنى ئاچتى.
تاشقى دۇنيادىن سۈمۈرگەن بايلىق ۋە تېخنىكىنىڭ تۈرتكىسىدە قۇدرەت تاپقان بېيجىڭ دائىرىلىرى، ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ يەنىلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يېتەكچىلىكىدىكى لىبېرال دۇنيا تەرتىپىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تۈپتىن چۈشەنمەيۋاتقاندەك قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردا خىتاي پۈتۈن دۇنيا بويىچە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يادرولۇق قىسىملىرىنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىپ، سودا شېرىكلىرى ئۈستىدىن مىسلىسىز سىياسىي-ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىگە ئېرىشتى. غەرب سانائىتىنى ۋەيران قىلىۋاتقان ئېشىنچا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى تەنقىدلەرگە پىسەنت قىلماي، تېخىمۇ تاجاۋۇزكار سانائەت تەرەققىيات پىلانلىرىنى يولغا قويدى. مەسىلەن، 2026-يىلى ئىيۇندا داليەندە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا، خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ خىتاينىڭ ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، خىتاينىڭ پەقەت تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىشقا سالغان مەبلىغى سەۋەبىدىن تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، غەرب تەرەپنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈردى.
ئۆزئارا بېقىندىلىق ۋە يۈكسىلىش ئىستراتېگىيەسى
خىتاينىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى بارلىق ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، دۆلەتنى سىياسىي جەھەتتىن بۇرۇنقى مەركىزىي ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىشنى ئاساس قىلغان. بېيجىڭنىڭ سىياسىي نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، غەرب ئەللىرىنىڭ دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنى ئۇلارنىڭ مىللىي گۈللىنىش يۈزلىنىشىگە توسالغۇ سۈپىتىدە قارىلىپ كەلدى. شۇڭلاشقا، بېيجىڭ ھازىرقى تۈزۈلمىنى رەت قىلىش سىياسىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن جىمجىت پايدىلىنىش تاكتىكىسى بىلەن ئالغا باستى. ئۇلار بىرىنچى باسقۇچتا بارلىق سودا سىستېمىلىرىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي قۇدرىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قورال قىلدى، كۈچىيىپ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەندىن كېيىن ئاندىن، سىستېمىنىڭ ئىچىدىن تۇرۇپ غەرب ئورناتقان قائىدىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىشقا باشلىدى.
دېڭ شياۋپىڭ يولغا قويغان «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» پىروگراممىسى سىياسىي جەھەتتىن غەرب ئەركىن بازار سىستېمىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش قارارى بولسىمۇ، تۈپ ئىستراتېگىيەدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ مۇستەبىت سىستېمىسىنى غەربنىڭ لىبېرال سىياسىي ئىدىيەلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن قوغداشتا، قوش لىنىيەلىك سىياسىي قالقان تاكتىكىسى تەڭلا يولغا قويۇلدى. 1990-يىللاردىن كېيىن، بېيجىڭ دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان بىرلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، غەرب لىبېرال مودېلىنىڭ پارتىيەنىڭ مۇتلەق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىدى. شۇڭا، ئۇلار ئىقتىسادىي پايدىنى سۈمۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىن غەرب لىبېرال قىممەت قاراشلىرىنى تاشقى دۇنيادىن كەلگەن بىر خىل «سىياسىي زەھەر» دەپ بېكىتىپ كۈرەش قىلدى.
شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ خىل قوش يۈزلۈك سىياسەت تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا تۈس ئالدى. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە 2013-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بېيجىڭ بۇ يوشۇرۇن جۇغراپىيەلىك-ئىقتىسادىي زەنجىر ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە قىسمەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى ئۆز تېخنىكا، تەمىنلەش ۋە پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى بىلەن باغلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مەركىزىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئورناتقان لىبېرال ئورگانلاردىن تارتىپ چىقىرىپ، بېيجىڭغا قاراپ بۇرۇشقا ئۇرۇندى.
بۇ جەرياندا غەرب دۇنياسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى خىتاي رەھبەرلىكىدە غەربنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىغا بولغان تۈپ قاراشنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «شەرق يۈكسىلىپ، غەرب تۆۋەنلىمەكتە» دېگەن شوئار دەل مۇشۇنداق تارىخىي كۆز قاراشلارنىڭ مىسالى بولۇپ، ئۇنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى 2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بولغان دۇنياۋى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدىلا يېتىلىشكە باشلىغان ئىدى. بۇ كىرىزىس بېيجىڭدىكى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارغا غەربنىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە بېيجىڭ مودېلىنىڭ كەلگۈسى قۇدرىتىنى ئىسپاتلايدىغان بىر پۇرسەت بېغىشلىدى.
يېقىنقى مەزگىللەردە، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارقالغان «ئامېرىكانىڭ ھالاكەت سىزىقى» دېگەندەك سىياسىي تەسۋىرلەر، غەرب دۇنياسىنىڭ گۈمۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى دۆلەت ئىچىدىكى ياش ئەۋلادلارغا تەشۋىق قىلىشقا ئىشلىتىلمەكتە. بۇ خىل يۈزلىنىشلەر خىتاي ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ئاستىلاش ۋە ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق بېسىمى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، «خىتاينىڭ مەسىلىلىرى ۋاقىتلىق، غەرب دۇنياسىنىڭ كىرىزىسلىرى بولسا قۇرۇلمىلىق ۋە ئەبەدىي» دېگەن تەسەللى بېرىش تەشۋىقاتى ئارقىلىق، خەلقنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى بېسىقتۇرۇش رولىنى ئوينىدى.
خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئىدېئولوگىيەلىك ۋە سىياسىي تەسىر دائىرىسى
بېيجىڭدىكى جېن جىنروڭ قاتارلىق داڭلىق ئاكادېمىكلار دۇنيانىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان رايونىدىن ئاسىياغا، بولۇپمۇ خىتايغا قاراپ يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. ئۇلارنىڭ تەسۋىرى بويىچە، غەرب لىبېرال قىممەت قاراشلىرى ئەخلاقىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن چىرىپ تۈگىگەن بولۇپ، بېيجىڭ دۇنيادىكى يېڭى مۇقىملىق، تەرتىپ ۋە مەدەنىيەت يۈكسىلىشىنىڭ نۇرىدۇر. بۇ تەشۋىقاتلار پەقەت خىتاي بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدىكى كۆپلىگەن غەرب بىلەن پىكىر ئوخشاشلىقى بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي سەرخىللىرى تەرىپىدىنمۇ ماس قەدەمدە قوبۇل قىلىنىشقا باشلىدى.
مەسىلەن، كامبودژا، زىمبابۋې، ئىران، ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق سىياسىي قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە، غەربنىڭ لىبېرال مودېلىنى بىر خىل سىرتقى بېسىم ياكى ئارىلىشىش دەپ چۈشىنىدىغان رەھبەرلەر، خىتاينى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنىڭ يېڭى بىر ئىشەنچلىك شېرىكى دەپ تونۇشقا مايىل بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ تەمىنلەيدىغان ئىقتىسادىي ياردەملىرى تاشقى سىياسىي شەرتلەرنى ياكى ئىچكى دېموكراتىك كاپالەتلەرنى تەلەپ قىلمايدۇ.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ خىل كۆز قاراش غەرب دۇنياسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر پەيدا قىلدى. ۋېنگىرىيە ۋە سىلوۋاكىيە قاتارلىق شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بېيجىڭ مودېلىنى غەربنىڭ لىبېرال سىستېمىسىغا قارشى بىر سىستېمىلىق تاللاش سۈپىتىدە تىلغا ئالسا، فىرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كۆپلىگەن سودا ۋە سىياسەت گۇرۇپپىلىرى بېيجىڭ بىلەن سودا يېقىنلىقىنى ساقلاشنى ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارايدۇ. ھەتتا گېرمانىيەدە بېيجىڭنى چەكلەش سىياسىتى جەھەتتە كۆپ پىكىر بىرلىكى بولغان تەقدىردىمۇ، دۆلەتنىڭ سانائەت گۇرۇھلىرى يەنىلا خىتاي بازىرى بىلەن توقۇنۇشۇشتىن قورقۇپ، كونا سودا مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش تەرەپتارى بولۇپ قالماقتا.
بېيجىڭنىڭ سىياسىي ھېساباتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن يۈز بېرىدىغان يوشۇرۇن جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش، يەنى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسىدىكى ئاتاقلىق «تۇكىدىدېس قىلتىقى» (Thucydides Trap) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىچكى جەھەتتىن زەئىپلىشىپ بوشاپ كېتىشى بىلەن ئۆزلۈكىدىن يېشىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. يەنى بېيجىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇرۇش قىلماستىن، ئۇنىڭ تۈزۈلمىسىنىڭ قېرىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپ غەلىبە قىلىشنى، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى ئۆز پائالىيەت دائىرىسىگە جەلپ قىلىشنى پىلانلىماقتا. بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىختىكى مەغلۇبىيىتىنى ساۋاق قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم» سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ چىداملىق ۋە ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىق ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قۇرۇلمىلىق كىرىزىس
ھالبۇكى، بۇ ھەشەمەتلىك سىياسىي تەشۋىقات رېئاللىقتىكى غايەت زور بىر ئىقتىسادىي زەئىپلىكنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. خىتاينىڭ يۈكسىلىشى پۈتۈنلەي غەرب ئەركىن بازىرى تەمىنلىگەن تېخنىكا، مەبلەغ ۋە ئەڭ مۇھىمى بازار پۇرسەتلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، بېيجىڭ ھازىرغىچە غەرب بازىرىغا تاقابىل تۇرالايدىغان ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان باشقا بىر تاللاش خاراكتېرلىك (ئالتىرناتىۋ) بازار سىستېمىسىنى يارىتالمىدى. شۇڭلاشقا، بېيجىڭ غەربنىڭ ئەركىن سودا قائىدىسىنى چىرىتكەن ۋە ئۇلارنىڭ بازار مۇقىملىقىنى بۇزغان سېكۇنتتىن باشلاپلا، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئۇلىنىمۇ ئويۇۋاتقان بولىدۇ.
نۆۋەتتە خىتاي ئىچىدىكى ئاۋانگارت ئىقتىسادشۇناسلار ۋە پېنسىيەگە چىققان مەركىزىي بانكا باشقۇرۇغۇچىلىرىمۇ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تۈپ مەسىلىسىنىڭ ئىچكى ئىستېمالنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى يوشۇرالمايدۇ. دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىشنى ئاساس قىلغان تەرەققىيات مودېلى پۇقرالارنىڭ ئامانەت پۇلىنى كۆپەيتىپ، ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكىنى يارىتىپ، ئائىلىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى. ئەمما بۇ خىتاي ئىقتىسادشۇناسلىرى دۆلەتنىڭ تاشقى بازارلارغا بولغان زىيادە بېقىندىلىقى، يەنى غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاينىڭ ئېشىنچا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى تىلغا ئېلىشتىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
غەربتىكى نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار، مەسىلەن بېيجىڭدا ئۇزۇن يىل تۇرۇپ ئىشلىگەن ئىقتىسادشۇناسلار، خىتاينىڭ بۇ خىل تەڭپۇڭسىز ئىقتىسادىنىڭ دۇنياۋى تەسىرىنى شەرھلەپ بېرىۋاتىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى تۆۋەن ئىستېمال خىتاينى پۈتۈن كۈچى بىلەن مال ۋە مەبلەغنى سىرتقا ئېكسپورت قىلىشقا قىستىماقتا. ئىلگىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۆزىنىڭ غايەت زور سودا قىزىل رەقىمى بەدىلىگە خىتاينىڭ بۇ ئېشىنچا كاپىتالىنى سۈمۈرۈپ بەرگەن بولسا، ئەمدى بۇ جەريان پۈتۈنلەي تاقىلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
بۇ ئەھۋال نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى زېمىنىدا ئۆزىنىڭ كۆلەڭگىسىنى تېخىمۇ ئوچۇق كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتايدىن كىرىدىغان ماللارغا قاتتىق چەكلىمە قويغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ئۆزىنىڭ بارلىق ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپا بازىرىغا قاراپ ئېقىتتى. بۇ خىل ئەرزان باھالىق ماللار بىلەن بومباردىمان قىلىش ياۋروپانىڭ يەرلىك سانائەت سىستېمىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ ۋە ئاقىۋەتتە رايوندا مىللەتچى ۋە ئوڭچى رادىكال سىياسىي ئېقىملارنىڭ غەلىبە قىلىشىغا يېقىلغۇ بېرىدۇ.
مۇشۇ سەۋەبتىن، بېيجىڭنىڭ بۇ تاكتىكىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىكتە كۈچلۈك قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سىياسىي جۇغراپىيەسىدە ئىككى پارتىيە بىرلىككە كېلىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنى خىتايدىن يىراقلاشتۇرۇش ۋە خىتاينىڭ دۆلەت تولۇقلىمىسى بېرىلگەن سانائىتىگە قارشى تۇرۇش قارارىنى قەتئىيلەشتۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى سىستېمىلىق ھالدا «سىجىل داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى» بايان قىلدى.
تېخىمۇ مۇھىمى، غەربتىن باشقا يەنە ھىندىستان، بىرازىلىيە، تۈركىيە ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ بېيجىڭنىڭ تۆۋەن باھالىق سانائەت ماللىرىنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوزغاتتى. خىتاينىڭ تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك سانائەت ساھەسىگە بەرگەن دۆلەت ياردەملىرى مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز كۆلىمىدىكى سانائەت قۇرۇلمىلىرىنى چۇۋۇپ تاشلاۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە ۋە بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر نۆۋەتتە خىتاي يۈكلىرىگە قارشى چەتكە قېقىش ياكى تاموژنا بېجىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى تېزلىتىۋاتىدۇ.
ياۋروپانىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاقابىل تۇرۇش قىيىنچىلىقى
گەرچە ۋەزىيەت مۇشۇنداق جىددىي بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە ئورتاق بىر سەپ قۇرۇشى قۇرۇلمىلىق جەھەتتىن ئىنتايىن قىيىن بولماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە گېرمانىيە ۋە گوللاندىيەگە ئوخشاش ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان دۆلەتلەر بىلەن جەنۇبىي ياۋروپادىكى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا مەنپەئەت توقۇنۇشى مەۋجۇت. بېيجىڭ دائىرىلىرى غەرب ئىتتىپاقىنى پارچىلاش ئۈچۈن دەل مۇشۇ يېرىقتىن ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ياۋروپا ئورتاق قوغدىنىش بېجى تەسىس قىلسا، گېرمانىيەنىڭ ماشىنىسازلىق ساھەسىگە، فىرانسىيەنىڭ ھەشەمەتلىك تاۋارلىرىغا ياكى ياۋروپانىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ سىياسىي جەھەتتىن تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بېيجىڭغا قارىتا بىردەك بىر تاشقى ئىقتىساد ئىستراتېگىيەسى تۈزۈپ چىقىشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسالغۇ بولۇپ كەلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۆز دەرۋازىسىنى چىڭ تاقىغان بىر شارائىتتا، ياۋروپا خىتاينىڭ بارلىق ئېشىنچا ماللىرى پاناھلىنىدىغان «ئەڭ ئاخىرقى چوڭ تۆكمە قىلىپ سېتىش مەيدانى»غا ئايلىنىش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇپتۇ. بۇ جەريان داۋاملاشسا، ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تامامەن توختىشى، دۆلەتلەرنىڭ قەرز پاتقىقىغا پېتىشى ۋە رايوندىكى سىياسىي بۆلۈنۈش يۈزلىنىشلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى مۇقەررەر.
بېيجىڭ بۇ كىرىزىسلارنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، دۆلەت ئىچىدە يېنىك دەرىجىدىكى تۈزىتىش سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇ ئىسلاھاتلار تۈپ مەسىلىگە تېگىش قىلالمايۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ سانائەت قۇرۇلۇشلىرىغا پۇل ئاجرىتىشىنى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە بازارنى ئەركىن قويۇۋېتىشتىن كۆرە ئەۋزەل كۆرىدۇ.
ئىقتىسادىي مودېلنى ئۆزگەرتىش ۋە كېلەچەك
ئەگەر غەرب ئەللىرى ئۆزلىرىنىڭ بازار بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا بوشاشماي، تاموژنا توساقلىرىنى تېخىمۇ چىڭىتسا، خىتاي ئەمدى سىرتقى بازار كاپالىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى دۇنيادىكى باشقا ھېچقانداق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ياكى رايون خىتاينىڭ بۇ غايەت زور يىللىق ئېشىنچا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى مالىيە جەھەتتىن سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. بۇ نۇقتىدا بېيجىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تۈپتىن ئىسلاھ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
بۇنىڭ بىردىنبىر يولى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى كارخانىلاردىن پۇقرالارغا قاراپ بۇرۇپ، ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئومۇمىي ئىستېمال بازىرىنى كۈچەيتىشتۇر. يەنى بېيجىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بايلىق تەقسىماتىنى كۆپۈك سانائەت قۇرۇلۇشلىرىغا ئەمەس، پۇقرالارنىڭ داۋالىنىش، ياشانغانلار سۇغۇرتىسى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا يۆتكەپ، دۆلەت بايلىقىنى ھەقىقىي مەنىدىن خەلققە قايتۇرۇشى، يەنى «پاراۋانلىقنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇشى» كېرەك.
ئەمما بۇنداق بىر ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئۆزى قوغداپ كېلىۋاتقان يەرلىك سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ ھەمدە دۆلەت ئىلكىدىكى زەردار مونوپول شىركەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزۈشى كېرەك. بۇ سىياسىي جەھەتتىن ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە مۇرەككەپ كۈرەش بولۇپ، بېيجىڭ رەھبەرلىكى بۇ قەدەمنى بېسىشتا يەنىلا ئىككىلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ يول بېيجىڭنىڭ دۆلەتنى سىياسىي جەھەتتىن مۇتلەق كونترول قىلىش كۈچىنى ئاجىزلىتىپ قويۇشى مۇمكىن.
يىغىپ ئېيتقاندا، دۇنيانىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي-ئىقتىسادىي مۇقىملىقى بېيجىڭنىڭ ئۆز يۈكسىلىش لوگىكىسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشىگە باغلىق بولۇپ قالدى. خىتاي خەلقىنىڭ ئالدىنقى ئەسىردىن بۇيانقى جاپالىق ئەمگىكى ۋە تىرىشچانلىقى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغان بولسىمۇ، تاشقى سىياسەتتىكى تاجاۋۇزكار خاھىشلار ۋە بازار مەنپەئەتچىلىكى ئۇلارنى خەلقئارالىق بىر قورشاۋ سىستېمىسىغا سۆرەپ كىرمەكتە. ئەگەر بېيجىڭ ئۆز مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى دەپ قاراپ، غەربنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلمىسا، تېخىمۇ ئېغىر سودا ئۇرۇشى دۇنيانى ۋەيران قىلىپ، بېيجىڭ ئارزۇ قىلىۋاتقان «خىتاينىڭ مىللىي گۈللىنىش چۈشى»نى كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
پايدىلانغان مەنبە:
Fardella, E., & Radchenko, S. (July 15, 2026). China Is Sabotaging the World That Enables Its Rise. Foreign Affairs.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















