«خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان»

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئىلىم ئەھلى!

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى 2021 – يىلىدىن باشلاپ «خەلقئارا ۋەزىيەت  ۋە شەرقىي تۈركىستان» نامىدا  سىياسەت، ئىقتىساد، تارىخ ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي پەن  تېمىلىرىنى ئاساس قىلغان  پەسىللىك ئىلمىي ژۇرنال تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى.

ژۇرنىلىمىزنىڭ مەقسىتى – ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتنى سىياسەت، خەلقئارا مۇناسىۋەت، تارىخ، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىقتىساد پەنلىرىدىكى نەزەرىيە، ئىلمىي مېتودلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى ۋە چوڭقۇر يورۇتۇپ بېرىش. سىياسەت ۋە دۇنيا ۋەزىيىتى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىش سەۋىيەمىزنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆزگىرىشلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش شۇنداقلا سىياسىي ئاكتىيورلارنىڭ نەتىجىلىك ۋە ئىلمىي سىياسەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولۇش.

مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئەھمىيىتى بولسا، شەرقىي تۈركسىتانلىق ئاكادېمىكلار ۋە سىياسەتچىلەر ئارىسىدا پىكىر كۆۋرۈكى ھاسىل قىلىش، ئوخشىمىغان مەيدان ۋە كۆز قاراشتىكى ئاكادېمىكلارنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ پىكىر موللىقىنى شەكىللەندۈرۈش، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاكادېمىك تەرەققىياتىغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىشتۇر .

ژۇرنىلىمىز ھەر پەسىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى نەشردىن چىقىدۇ. كەڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ  تۆۋەندىكى شەرت ۋە ئۆلچەملەر بويىچە يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى uti.eser@gmail.com   ئېلخەت ئادرېسىغا ئەۋەتىشىنى سورايمىز.

 

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ژۇرنىلىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ماقالىلەرنىڭ تەلەپلىرى ھەققىدە

ژۇرنىلىمىزغا ئېلان قىلىنىدىغان ماقالىلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە:

  1. قوبۇل قىلىنىدىغان ماقالىلەرنىڭ تىلى پەقەت ئۇيغۇر تىلدا ۋە ئەرەب ھەرپلىرىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر يېزىقىدا بولىدۇ.
  2. قوبۇل قىلىنىدىغان ماقالىلەرنىڭ ساھەسى: سىياسەت، خەلقئارا مۇناسىۋەت، تارىخ، قانۇن، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىقتىساد ۋە مېدىيا ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ماقالىلەر بولۇشى لازىم.  (ئەسكەرتىش. ئەدەبىي تۈس ئالغان ھېكايە ، پوۋېسىت ، شېئىر ، قوشاق ۋە نەسرلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ . توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.)
  1. يۇقىرىقى ساھەلەرگە تەۋە ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتمەكچى بولغانلار چەت ئەل تىلدىكى شۇ ماقالىنى باشتا ژۇرنالنىڭ ئەسەرلەرنى باھالاش ھەيئىتىگە ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن تەرجىمە قىلىپ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەۋەتىشى لازىم.
  2. ماقالىلەرنىڭ چوقۇم ئاستىدا بەلگىلەنگەن ئاكادېمىك مېتود ۋە قېلىپقا چۈشكەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ .
  3. ماقالىنىڭ مەزمۇن ۋە ئىلمىي ئۆلچەم جەھەتلەردىن ژۇرنالغا لايىق بولغان ياكى بولمىغانلىقى باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن قارار قىلىنىدۇ .  لايىق بولمىغانلىرى قايتۇرۇلۇشى ياكى  تۈزىتىلىش ئۈچۈن ئەسەر ئىگىسىگە ئەۋەتىلىدۇ.
  4. ھەر پەسىللىك ساننىڭ بەلگىلىك بەت سانى بولۇپ، ئۆلچەمگە لايىق بولغان، لېكىن ھەجىم سەۋەبلىك شۇ مەزگىللىك سانغا كىرگۈزۈشكە مۇمكىن بولمىغان ماقالىلەر كېيىنكى ساندا ئېلان قىلىنىدۇ . ئەگەر ئەسەر ئىگىسى خالىمىسا باشقا ژۇرناللاردا ئېلان قىلسىمۇ بولىدۇ.
  5. ھەر ساندا ئەھۋالغا قاراپ 2 دىن 5 كىچە كىتاب تونۇشتۇرۇش ماقالىسى (book review) ئېلان قىلىنىدۇ. كىتابنىڭ ساھەسى يۇقىرىدا بەلگىلەنگەن ماقالىنىڭ ساھەسى بىلەن ئوخشاش ساھەگە تەۋە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ . بەت سانى 2 بەتتىن تۆۋەن 5 بەتتىن يۇقىرى بولماسلىقى لازىم. كىتاب تونۇشتۇرۇش ماقالىسى (book review) نىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىغىمۇ ئاكادېمىك ئۆلچەم قويۇلىدىغان بولۇپ قانداق يېزىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان (book review) نى ئۆرنەك قىلسا بولىدۇ.
  6. ماقالە ئەۋەتكۈچىنىڭ سىياسىي مەيدانى، ئىدېئولوگىيەسى ۋە كۆز قاراشلىرىغا چەك قويۇلمايدۇ.

 

ژۇرنىلىمىز قوبۇل قىلدىغان ماقالىنىڭ شەكىل ۋە قېلىپ جەھەتتىكى ئۆلچەملىرى

  1. ماقالىنىڭ ماۋزۇسى : ترامپنىڭ سىياسىي مىراسى
  2. ئاساسى مەزمۇنى (يېرىم بەتتىن كۆپ بىر بەتتىن ئاز بولۇشى لازىم )

ترامپ ئامېرىكا تارىخىدا بۇنىڭدىن كېيىن كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان ۋە تارىخقا  خاتىرىلىنىپ قالىدىغان پىرېزىدېنتتۇر . ئۇ ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىغا  ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرى بىلەن بولسۇن  ياكى غەرب جەمئىيىتى،  بولۇپمۇ ئامېرىكادىكى بىر تۈركۈم پۇقرانىڭ سىياسىي ئارزۇسىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققانلىقىدەك رېئال تەرىپى بىلەن بولسۇن ۋە ياكى خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىغا بولغان  تەھدىتىنى ئەڭ كەسكىن شەكىلدە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان ئىجابىي تەرىپى بىلەن  بولسۇن، كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن ئاسان كۆتۈرۈلۈپ كەتمەيدىغان  رەھبەردۇر. ئۇ دۇنياغا يېڭى بىر سىياسەتنى مىراس قالدۇرۇپ كەتتى. خىتاي ئېكسپورتقا تايانغان ئىقتىساد مودېلىدىن ئىچكى ئىستېمالنى ئاساس قىلغان مودېلغا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى يولغا قويدى. ياۋروپا بولسا مۇداپىئە جەھەتتە ھەددىدىن زىيادە ئامېرىكاغا تايىنۋېلىشتىن «ئويغىنىپ» ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى ۋە ياۋروپا ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىقماقچى بولۇۋاتىدۇ . شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى…   بۇ ماقالىدە ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۆت يىلىدا ئامېرىكا ۋە دۇنياغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ۋە دۇنيانىڭ سىياسىي يۆنىلىشىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى تەھلىل قىلىنىدۇ .

  1. ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ترامپ، ئامېرىكا، خىتاي، ياۋروپا ، شەرقىي تۈركىستان ، يېڭى دۇنيا تەرتىپى —–   (يۇقارقىلار شەكىل جەھەتتىن بىر ئۆرنەك خالاس. )
  2. بۇنىڭدىن كېيىن ماقالىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى يېزىلىدۇ.

 

مەنبە كۆرسىتىش ( دىپنوت ۋە رېفرانس) ھەققىدە

مەنبەلەردە بىردەك  Chicago Manual of Style 17th Edition (full note) قوللىنىلىدۇ .

  1. كىتابلار ئۈچۈن

نورمالدا

Agah Sırrı Levend, Türk Edebiyatı Tarihi (Ankara: AKDTYK TTK Yayınları, 1988), 23.

ئوخشاش كىتابنى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم ئىشلەتكەندە

Levend, Türk Edebiyatı Tarihi, 37.

  1. ماقالىلەر ئۈچۈن

نورمالدا

Kim Chou, “The Strategic Partnership between South Korea and the United Arab Emirates,” Güvenlik Stratejileri Dergisi 17, (Nisan 2013): 132-136.

ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم ئىشلەتكەندە

Kim, “The Strategic Partnership,” 132-136.

  1. ئاپتورى ئېنىق بولمىغان ماقالىلەر ئۈچۈن

نورمالدا

“Balkanlarda Türk Varlığı,” Toplumsal Tarih 7 (Mayıs 1990): 8.

ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم ئىشلەتكەندە

“Balkanlarda Türk Varlığı,” 8.

  1. ئېلېكترونلۇق ژۇرناللاردىكى ماقالىلەر ئۈچۈن

نورمالدا

Dinçer Eşitgin, “Büyüme Romanı (Bildungsroman) Kavramı Etrafında Aşk-ı Memnu ve Roman Kişisi Nihal,” Milli Eğitim Dergisi 162, (2004): 153-168, erişim 5 Nisan 2005, http://yayim.meb.gov.tr/yayimlar/162/esitgin.htm

ئەگەر ماقالىنىڭ DOI  نومۇرى بولسا

Dinçer Eşitgin, “Büyüme Romanı (Bildungsroman) Kavramı Etrafında Aşk-ı Memnu ve Roman Kişisi Nihal,” Milli Eğitim Dergisi 162, (2004): 153-168, erişim 5 Nisan 2005,

https://doi.org/10.1086/599247

ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم ئىشلەتكەندە

Eşitgin, “Büyüme Romanı,” Milli Eğitim Dergisi.

  1. دوكلاتلار Report )) ئۈچۈن

نورمالدا

Fatma Gök, Öğretmen Profili Araştırma Raporu (Ankara: Eğitim Bilim ve Kültür Emekçileri Sendikası Yayınları 1999), 6-25.

ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم ئىشلەتكەندە

Gök, Öğretmen Profili Araştırma Raporu, 6-25

  1. (يۇتىيۇپ ، تۋىتتېر ، فېيسبۇك قاتارلىق ) ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئۈچۈن

نورمالدا

“Is the world ready for singular they? We thought so back in 1993.” youtube, Nisan 2015. https://www.facebook.com/ChicagoManual/posts/is-the-world-ready-for-singular-they-we-thought-so-back-in-1993-when-the-14th-ed/10152906193679151/

ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم ئىشلەتكەندە

“Is the world ready for singular they? We thought so back in 1993.”, Nisan 2015.

  1. كۈندىلىك گېزىت ، ژۇرنال ۋە ياكى تورلاردىكى خەۋەرلەر ئۈچۈن

نورمالدا

Sheryl Gay Stolberg ve Robert Pear, “Wary Centrists Posing Challenge in Health Care Vote,” New York Times, 27 Şubat 2010, erişim 28 Şubat 2010, http://www.nytimes.com/2010/02/28/us/politics/28health.html

ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم ئىشلەتكەندە

Stolberg ve Pear, “Wary Centrists.”

  1. ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىلىرى ئۈچۈن

نورمالدا

Avni Erdemir, “Muslihu’d-din Mustafa İbn Vefâ Hayatı Eserleri Tesirleri ve Manzum Eserlerinin Tenkidli Metni” (Yayımlanmamış Doktora Tezi, Gazi Üniversitesi, 1999), 6-10.

ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم ئىشلەتكەندە

Erdemir, “Muslihu’d-din Mustafa,” 6-10.

  1. ئارخىپلار ئۈچۈن

نورمالدا

Başbakanlık Osmanlı Arşivi (BOA), İrade Mesâil-i Mühimme (İ. Mes. Müh), 2079.

ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم ئىشلەتكەندە

BOA, İ. Mes. Müh., 2079.