يەر شارى گېئو-سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ باشقىچە شەكىللىنىشى: ئامېرىكانىڭ «يېرىم شار ئىستىراتېگىيەسى» ۋە غەرب ئىتتىپاقىدىكى ئىچكى بۆلۈنۈش

2025-يىلى 28-دېكابىر

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار

2025-يىلى خەلقئارا سىياسىي تەرتىپنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان، كونا «يەر شارىلىشىش» ئەندىزىسىنىڭ ئاخىرلىشىپ، «تۈجۈپىلىك رايون خاراكتېرلىك رىقابەت» دەۋرىنىڭ رەسمىي باشلانغان يىلى بولۇپ قالدى. بىز قولىمىزدىكى ماتېرىياللارنى، جۈملىدىن ۋاڭ يىڭلياڭنىڭ ئامېرىكانىڭ «يېرىم شارنى سىزىپ ئىدارە قىلىش» ئىستىراتېگىيەسى ھەققىدىكى ئانالىزى بىلەن خې يۆنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى «ئىككى چوڭ تەرتىپ ئۆزگىرىشى» ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئەمما ئىستىراتېگىيەلىك نىشانلىرى تېخىمۇ ئېنىق بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ يېڭى ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرى بىر تەرەپتىن خىتاينى «تۈزۈلمە خاراكتېرلىك رەقىب» دەپ بېكىتىپ، ئۇنى غەربنىڭ يادرولۇق تېخنىكا ۋە بازارلىرىدىن سىقىپ چىقىرىشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ئىچىدىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي بۆلۈنۈشلەر سەۋەبىدىن بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقىتىش گىردابىغا بېرىپ قالماقتا.

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە « يەر شارىۋى قامال قىلىش» تىن «نىشانلىق، ئېنىق ۋە رايون خاراكتېرلىك چەكلەش» كە بۇرۇلۇش ياسالدى. بۇ ئىستىراتېگىيەلىك بۇرۇلۇش خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ۋە مەبلىغىنىڭ غەربىي يېرىم شار، ياۋروپا ۋە باشقا ئىستىراتېگىيەلىك رايونلاردىن سىستېمىلىق ھالدا تازىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇ جەريان پەقەتلا ئىقتىسادىي جازا ياكى تاموژنا بېجى ئۇرۇشى بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى قانۇنىي، مەمۇرىي ۋە ھەتتا بىۋاسىتە مۈلۈككە دەخلى قىلىش (مۇسادىرە قىلىش) دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ چەت ئەلگە قاراتقان ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكىگە ئەجەللىك زەربە بېرىشى مۇمكىن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەرب ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىدا ئېغىر دەزلەر پەيدا بولدى. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ «تەھدىت» نى تونۇش جەھەتتىكى پەرقلىرى — يەنى ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق دىققىتىنى خىتايغا، ياۋروپانىڭ بولسا رۇسىيەگە قاراتقانلىقى — سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىدەك «ئورتاق دۈشمەن» ئۇقۇمىنى يوققا چىقاردى. بۇنىڭغا قوشۇلغان غەرب جەمئىيىتىدىكى ئىچكى سىياسىي قۇتۇپلىشىش، ئورتاق تونۇش مېخانىزمىنىڭ ۋەيران بولۇشى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى. مەزكۇر ماقالىدە، بۇ ئىككى چوڭ يۈزلىنىشنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى سىياسىي تەرتىپكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

I. ئامېرىكانىڭ يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيەسى: «يەرلىك قورغان» ۋە «يېرىم شارنى سىزىپ ئىدارە قىلىش»

2025-يىلى ئېلان قىلىنغان تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيەسى» دوكلاتى، ۋاشىنگتوننىڭ خىتايغا بولغان سىياسىتىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. ئانالىزچى ۋاڭ يىڭلياڭنىڭ كۆزىتىشىچە، بۇ ئىستىراتېگىيە ئىلگىرىكى «ھەممە تەرەپتىن قورشاش» تىن «ئېنىق نىشانلىق چەكلەش» كە ئۆزگەرگەن. بۇنىڭ يادروسى — ئامېرىكانىڭ ئۆز زېمىنى ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى تەسىر دائىرىسىنى «قورغان» غا ئايلاندۇرۇش (Fortress America) ۋە بۇ دائىرە ئىچىدىكى بارلىق خىتاي ئامىللىرىنى، بولۇپمۇ ھەربىي-خەلق تېخنىكىسىغا چېتىشلىق كارخانا ۋە مەبلەغلەرنى تازىلاشتىن ئىبارەتتۇر.

بۇ ئىستىراتېگىيەنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى ئامېرىكانىڭ لاتىن ئامېرىكاسى ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى باشقا دۆلەتلەرگە بولغان كونتروللۇقىنى قايتىدىن كۈچەيتىشىدە كۆرۈلمەكتە. ئامېرىكا «مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك مۈلۈكلەرنىڭ دۈشمەن كۈچلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا، ئىتتىپاقداشلىرىدىن چەت ئەل مەبلىغىنى تەكشۈرۈش توسۇقلىرىنى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ يەردىكى «دۈشمەن كۈچ» ئېنىقلا خىتاينى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل «يېرىم شارنى سىزىپ ئىدارە قىلىش» ئۇسۇلى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكانىڭ يەر شارىۋى مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىقى ئەمەس، بەلكى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى تەسىر دائىرىسى بولغان ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقى ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش تەدبىرىدۇر.

بۇ سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا، «ئامېرىكا چەت ئەل مەبلىغى كومىتېتى» (CFIUS) نىڭ ھوقۇقى مىسلىسىز دەرىجىدە كېڭەيتىلدى. تەكشۈرۈش دائىرىسى ئەنئەنىۋى دۆلەت مۇداپىئەسىدىن ھالقىپ، سۈنئىي ئىدراك، كۋانت ھېسابلاش، بىيو-تېببىي دورىگەرلىك ۋە سىيرەك توپا مەدەنلەر قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «يادرولۇق بىخەتەرلىك تىزىملىكى» گە كېڭەيدى. بۇ ساھەلەرگە چېتىشلىق ھەر قانداق خىتاي كارخانىسى، مەيلى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا بولسۇن ياكى خۇسۇسىي كارخانا بولسۇن، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا» دەپ قارىلىپ، مەجبۇرىي تەكشۈرۈش ۋە بازاردىن چېكىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

ئامېرىكانىڭ بۇ خىل «تازىلاش» ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ۋەھشىي شەكلى، خىتاي مۈلۈكلىرىنى بىۋاسىتە مۇسادىرە قىلىش ياكى جازالاشتا ئىپادىلەنمەكتە. مەسىلەن، 2025-يىلى 12-ئايدا ۋېنېسۇئېلا دېڭىز تەۋەلىكىدە خىتاينىڭ «ئەسىر» ناملىق نېفىت پاراخوتى ۋە ئۇنىڭغا قاچىلانغان 1 مىليون 800 مىڭ تۇڭ نېفىتنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن  مۇسادىرە قىلىنىشى، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان ئىقتىسادىي زەربىسىنىڭ ئەمدىلىكتە قانۇنىي رامكىدىن ھالقىپ، «يېرىم ھەربىي» تۈس ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ خىل «تارتىۋېلىش خاراكتېرلىك» جازا، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت شەكىللەندۈردى.

II. غەرب ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى پارچىلىنىشى: تەھدىتنى تونۇشتىكى پەرق ۋە جەمئىيەتنىڭ قۇتۇپلىشىشى

بىر تەرەپتىن ئامېرىكا خىتايغا قارشى «قورغان» قۇرۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەرب دۇنياسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئېغىر ئىستىراتېگىيەلىك بۆلۈنۈش يۈز بەرمەكتە. خې يۆنىڭ ئانالىزىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، 2025-يىلىدىكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئەڭ چوڭ قۇرۇلمىۋى ئۆزگىرىشى — غەربنىڭ «ئورتاق دۈشمەن» تونۇشىنىڭ يوقىلىشىدۇر. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى غەرب ئۈچۈن بىردىنبىر ۋە مەۋجۇتلۇق خاراكتېرلىك تەھدىت ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا تەھدىتنى تونۇشتا ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلدى.

ياۋروپا ئۈچۈن ئېيتقاندا، رۇسىيە ھېلىھەم ئەڭ بىۋاسىتە، جىددىي ۋە مەۋجۇتلۇق خاراكتېرلىك تەھدىت ھېسابلىنىدۇ. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ كېڭىيىش ئېھتىماللىقى ياۋروپا ئەللىرىنى رۇسىيەگە قارشى جىددىي ھەربىي ۋە سىياسىي تەييارلىق قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. بىراق، ئامېرىكا ئۈچۈن رۇسىيە پەقەت «بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغان خەۋپ» (Manageable Risk) تىن ئىبارەت خالاس. ۋاشىنگتوننىڭ نەزەرىدە، خىتاي بىردىنبىر ئۇزۇن مۇددەتلىك، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك ۋە ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى رەھبەرلىك ئورنىغا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان رەقىبتۇر. شۇڭا، ئامېرىكانىڭ بارلىق دۆلەت كۈچى ۋە بايلىقى خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتكە مەركەزلەشكەن.

بۇ خىل ئىستىراتېگىيەلىك بىردەكسىزلىك غەرب ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا. ئامېرىكا ياۋروپانى خىتايغا قارشى ئىتتىپاققا سۆرەپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ۋە رۇسىيە تەھدىتى سەۋەبىدىن بۇنىڭغا تولۇق قوشۇلمايۋاتىدۇ ياكى ئىككىلىنىۋاتىدۇ. گەرچە ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) ۋە باشقا قوش تەرەپلىك سودا كېلىشىملىرى ئارقىلىق ياۋروپانىڭ خىتايغا بولغان مەبلەغ سېلىش تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىشىگە بېسىم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي پارچىلىنىش بۇ جەرياننى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، غەرب جەمئىيىتىدىكى «ئورتاق تونۇش ئىشلەپچىقىرىش مېخانىزمى» نىڭ ۋەيران بولۇشىمۇ بىر ھالقىلىق ئامىل. ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ جەمئىيەتتە ئورتاق قىممەت قاراش ۋە ئىستىراتېگىيەلىك تونۇش شەكىللەندۈرۈش ئىقتىدارى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە ئالگورىزىملار تەرىپىدىن ئاجىزلاشتۇرۇلدى. نەتىجىدە، غەرب دۇنياسىدا ئاشقۇن ئوڭچىل كۈچلەر ۋە خەلقچىللىق (Populism) باش كۆتۈرۈپ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ تاشقى سىياسەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇقىم ئىستىراتېگىيە يۈرگۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا. بۇ خىل ئىچكى قالايمىقانچىلىق، گەرچە خىتاي ئۈچۈن بەلگىلىك تىنىۋىلىش پۇرسىتى بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتتىن ئېيتقاندا، خەلقئارا قائىدىلەرنىڭ ئىناۋىتىنى تۆۋەنلىتىپ، دۇنيانى تېخىمۇ چوڭ ئېنىقسىزلىق ئىچىگە سۆرەپ كىرمەكتە.

III. خىتاي كارخانىلىرىنىڭ غەرب بازىرىدىكى تەقدىرى: سىستېمىلىق قوغلاپ چىقىرىلىش ۋە «كىملىك» توسۇقى

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى چوڭ يۈزلىنىشنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى سۈپىتىدە، خىتاي كارخانىلىرى غەرب بازىرىدا «تولۇق زەنجىرسىمان قوغلاپ چىقىرىلىش» خەۋپىگە دۇچ كەلدى. ۋاڭ يىڭلياڭنىڭ ئانالىزىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغىنىدەك، بۇ خىل چەتكە قېقىش بازارغا كىرىش، تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە بازاردىن چېكىنىش مېخانىزمى قاتارلىق بارلىق ھالقىلارنى قاپلىغان.

بىرىنچىدىن، بازارغا كىرىش توسۇقى مىسلىسىز دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، سۈنئىي ئىدراك ۋە سىيرەك توپا مەدەنگە ئالاقىدار كەسىپلەر «قىزىل سىزىق» دەپ بەلگىلىنىپ، خىتاي مەبلىغىنىڭ بۇ ساھەلەرگە كىرىشى «بىر تاياقتا ھەيدەش» ئۇسۇلى بىلەن پۈتۈنلەي چەكلەندى. ياۋروپادىمۇ ئوخشاش ئەھۋال يۈز بەرمەكتە، مەسىلەن 2025-يىلى مەلۇم بىر خىتاي كارخانىسىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئۆزەك لايىھەلەش شىركىتىنى سېتىۋېلىش پىلانى «يوشۇرۇن خەلق-ھەربىي  ئىككى ساھەدە ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقى بار» دېگەن سەۋەب بىلەن رەت قىلىندى.

ئىككىنچىدىن، تىجارەت تەننەرخى ۋە قانۇنىي خەۋپ-خەتەر شىددەت بىلەن ئاشتى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەكشۈرۈش ئورگانلىرى «تېشىپ ئۆتۈپ تەكشۈرۈش» (Penetrative Review) پرىنسىپىنى قوللىنىپ، خىتاي خۇسۇسىي كارخانىلىرىنىمۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوشۇرۇن كونتروللۇقىدا» دەپ پەرەز قىلماقتا. بۇ خىل «گۇمانسىراپ مۇئامىلە قىلىش» (Presumption of Guilt) خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ  ھۆكۈمەتنىڭ يوشۇرۇن كونتروللىقىدىن مۇستەقىللىقىنى ئىسپاتلاش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. بولۇپمۇ، ھەر بىر شىركەت ئىچىدە پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ بولۇشى ياكى ھۆكۈمەت ماددى  تولۇقلىمىسىنى قوبۇل قىلغانلىقى، بىۋاسىتە ھالدا «دۆلەت كونتروللۇقىدىكى» كارخانا دەپ بېكىتىلىشىگە يېتەرلىك سەۋەب بولۇپ قالدى.

ئۈچىنچىدىن، مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە «مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش» خەۋپى كۈچەيدى. ئامېرىكا CFIUS نىڭ يېقىنقى يىللاردىكى قارارلىرىدا، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قولىدىكى پاي چېكىنى مەجبۇرىي سېتىشقا بۇيرۇش ئەھۋاللىرى كۆپەيدى. بۇنىڭغا تىپىك مىسال سۈپىتىدە، مەلۇم بىر خىتاي كارخانىسىنىڭ ئامېرىكادىكى لىتىي كېنى تۈرىدىن «تەمىنات لىنىيەسى بىخەتەرلىكى» باھانىسى بىلەن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلىشىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا، خىتاي كارخانىلىرى مەبلەغ سېلىپلا قالماي، بەلكى سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالماقتا. بۇ، خەلقئارا مەبلەغ سېلىش قائىدىلىرىنىڭ سىياسىيلىشىپ، «مىللەت تەۋەلىكى» نىڭ ئەڭ چوڭ خەۋپ ئامىلىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

IV. ئىستىراتېگىيەلىك خۇلاسە: يەر شارىلىشىشنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە يېڭى «قوش دائىرە» نىڭ شەكىللىنىشى

يۇقىرىقى ئانالىزلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، 2025-يىلى دۇنيا سىياسىيسىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت پۈتۈنلەي يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئامېرىكا ئەمدىلىكتە خىتاي تۈزۈلمىسىنى يەر شارىۋى تۈزۈلمىگە ماس «ئۆزگەرتىش» نى ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۆزىنىڭ يادرولۇق تەسىر دائىرىسىدىن (غەربىي يېرىم شار ۋە ياۋرو-ئاتلانتىك رايونىدىن) «قوغلاپ چىقىرىش» نى ئاساسىي مەقسەت قىلماقتا. بۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ «ئىككى پاراللىل سىستېما» غا بۆلۈنۈشىنى تېزلىتىدۇ.

بۇ ۋەزىيەتتە، خىتاي ئۈچۈن غەرب بازىرىدىكى بوشلۇق كۈنسېرى تارىيىدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ «ئېگىز تام، چوڭقۇر خەندەك» سىياسىتى خىتاينىڭ تېخنىكىغا ئېرىشىش ۋە بازار كېڭەيتىش يوللىرىنى توسۇپ قويىدۇ. شۇڭا، خىتاينىڭ ئىنكاسى مۇقەررەر ھالدا «ئىچكى قىسىم» غا ۋە «يەر شارىنىڭ جەنۇبى» غا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. يەنى، خىتاي ئۆز ئىچىدىكى ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكاسىدىكى (ئامېرىكا تولۇق كونترول قىلالمىغان) دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، غەربنىڭ قامالىنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە تىرىشىدۇ.

ئەمما، خې يۆ كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، غەرب دۇنياسىنىڭ ئىچكى بۆلۈنۈشى بۇ جەرياننىڭ نەتىجىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ. ئامېرىكا خىتاينى يېتىم قالدۇرماقچى بولغان بىلەن، ياۋروپانىڭ ئىككىلىنىشى ۋە غەرب جەمئىيىتىنىڭ قۇتۇپلىشىشى ئامېرىكانىڭ بۇ ئىستىراتېگىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، بىر نۇقتا ئېنىق: خىتاي شىركەتلىرى ئۈچۈن «دېڭىزغا سەكرەش» (چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش) دەۋرىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئاخىرلاشتى.خىتاي بۇنىڭدىن كېيىنكى مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىدە پەقەت ئىقتىسادىي پايدا-زىياننىلا ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن يۇقىرى ئىھتىماللىق ۋە جىددى دەرىجىدىكى گېئو-سىياسىي خەۋپ-خەتەرنىمۇ ھېسابلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

خۇلاسە

2025-يىلى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تارىخىدىكى بىر بۇرۇلۇش يىلى بولۇپ قالدى. ئامېرىكانىڭ «يېرىم شارنى سىزىپ ئىدارە قىلىش» ئىستىراتېگىيەسى ۋە خىتاي كارخانىلىرىغا قاراتقان « زەنجىرسىمان تولۇق تازىلاش» ھەرىكىتى، يەر شارىلىشىش پىرىنسىپىنىڭ  ئورنىغا «بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» (Security First) پرىنسىپىنىڭ دەسسىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. گەرچە غەرب ئىتتىپاقى ئىچكى جەھەتتىن بۆلۈنگەن ۋە ئاجىزلاشقان بولسىمۇ، ئەمما تېخنىكا ۋە بازار جەھەتتىكى «تۆمۈر پەردە» بارغانسېرى قېلىنلاشماقتا. بۇ ۋەزىيەتتە، دۇنياۋى تەمىنات زەنجىرى، بولۇپمۇ سىيرەك  مەدەنلەر، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى رىقابەت،  سودا رىقابىتىلا بولۇپ قالماي، دۆلەت تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئىستىراتېگىيەلىك تىركىشىشكە ئايلانماقتا. كەلگۈسىدە بىز بەلكىم «بىر دۇنيا، ئىككى سىستېما» نىڭ ئەمەلىيەتتە قايسى جەريانلار ئارقىلىق شەكىللىنىدىغانلىقىغا، ۋە بۇ جەرياندا سىياسىي-ئىقتىسادىي قۇربانلىقلارنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولىدىغانلىقىغا شاھىت بولۇشىمىز مۇمكىن.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

  1. Wang, Y. (2025, December 26). US ›Hemispheric Rule‹, Chinese Enterprises Face New Isolation Risk [美国“划半球而治”,中企面临新的孤立与排挤风险]. FT Chinese. https://www.ftchinese.com/story/001108541
  2. He, Y. (2025, December 26). Two Major Changes in International Order in 2025 [2025年国际秩序的两个重大变化]. FT Chinese. https://www.ftchinese.com/story/001108542

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*