ترامپنىڭ كۆلەڭگىسىدىكى تىنچلىق پىلانى ئۇكرائىنا ئۈچۈن بىر ھەل قىلىش چارىسىمۇ ياكى گېئوپولىتىكىلىق بىر دو تىكىشمۇ؟

2025-يىلى 25-نويابىر

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى ئۇكرائىناغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردىكى ئەڭ قانلىق ۋە ئەڭ مۇقىمسىزلىقنى ئۇلغايتقۇچى ئۇرۇشلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىق بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا. بۇ ئىزدىنىشلەر ئادەتتە تەرەپلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەلقئارا قانۇن رامكىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاندا-ساندا ئادەتتىكىدىن ھالقىغان، غەيرىي رەسمىي يوللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھازىرقى ۋەزىيەتنى زىلزىلىگە سېلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە تەشەببۇسلارمۇ مەيدانغا كەلمەكتە. يېقىندا، ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 28 ماددىلىق بىر تىنچلىق پىلانى، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەدە شۇنداقلا غەرب ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ پىلان تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىلا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن مەسلىھەتلىشىلمەستىن ھەم شۇنداقلا رۇسىيە بىلەن غەيرىي رەسمىي يوللار ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى دەۋالار، بۇ تەشەببۇسنىڭ قانۇنلۇقلۇقى ۋە مەقسىتى ھەققىدە شۈبھەگە ۋە چوڭقۇر مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى.

بۇ ماقالىدە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 28 ماددىلىق تىنچلىق پىلانى ھەققىدىكى دەۋانى، تەمىنلەنگەن ئەڭ يېڭى مەنبەلەر ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك سىياسىي تەھلىل قىلىنىدۇ. تەھلىلىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى — پىلاننىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزمۇنى، ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبى ۋە يوشۇرۇن گېئوپولىتىكىلىق ئاقىۋەتلىرىنى كۆپ قاتلاملىق نۇقتىدىن باھالاشتىن ئىبارەت. بۇ دائىرىدە، ئالدى بىلەن پىلاننىڭ مەلۇم بولغان ئاساسلىق تېزىسلىرى ۋە بۇ تېزىسلەرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەمدە ئۇرۇشنىڭ كەلگۈسى توغرىلىق نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى تەكشۈرۈلىدۇ. ئاندىن، بىر تىنچلىق پىلانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىلمەستىن، «ئارقا ئىشىك دىپلوماتىيەسى» ئارقىلىق تەييارلىنىشىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى مەنىسى ۋە دىپلوماتىك قائىدىلەرگە زىت ئىكەنلىكى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. ئامېرىكانىڭ، بولۇپمۇ ترامپ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر قەدەمگە ئۇرۇنغانلىقى ۋە بۇ تەشەببۇسنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي مەقسەتلەرنىڭ نېمە بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى سوئال، ھەم ئىچكى سىياسەت ھەم تاشقى سىياسەت  نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىدۇ. تەرەپلەرنىڭ بۇ پىلانغا كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان ئىنكاسلىرى ۋە قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش سېنارىيەلىرىن پەيدا قىلىشى مۇمكىن بولغان ئاقىۋەتلىرى باھالانغاندىن كېيىن، تەھلىلىمىز تېخىمۇ كەڭ بىر نەزەرىيەۋى رامكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ۋەقەنىڭ «چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىشى» ھادىسىسىنىڭ زامانىۋى بىر ئۆرنىكى ئىكە ۋە كەلگۈسىدە باشقا رايونلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشنىڭ بىر ئۈلگىسى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى  ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن سوراقلىنىدۇ. بۇ سىستېمىلىق تەھلىلدە، بۈگۈنكى خەلقئارا سىياسەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھىم بىر  تەتقىقات ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

1. دەۋالارنىڭ مەركىزىدىكى تىنچلىق پىلانى: ئاساسلىق تېزىسلار ۋە چوڭقۇرلاپ ئېلىپ بېرىلغان تەھلىل

دونالد ترامپنىڭ  تىنچلىق پىلانىنىڭ تولۇق تېكىستى ئاممىغا ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئۇچۇرلار ۋە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر ئارقىلىق مەزكۇر پىلاننىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدىغان بىر قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم. پىلاننىڭ 28 ماددىدىن تەركىب تاپقانلىقى ھەققىدىكى دەۋا، ئۇنىڭغا بىر ئومۇميۈزلۈك رامكا تەمىنلەش تىرىشچانلىقىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر قانچە ئاساسلىق ۋە تالاش-تارتىشلىق پىرىنسىپقا تايىنىدىغانلىقى ئېنىق. «Politico»  ۋە «Axios» قاتارلىق مەنبەلەرگە كۆرە، پىلاننىڭ لايىھەلىگۈچىلىرى ئارىسىدا ترامپقا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان سودىگەر ستېۋ ۋىتكوف (Steve Witkoff) قاتارلىق ئىسىملارنىڭ بولۇشى، بۇ جەرياننىڭ رەسمىي دىپلوماتىك قائىدىلەردىن نەقەدەر يىراق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، پىلاننىڭ مەزمۇنى ئەنئەنىۋى تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ئوخشاش ئەمەس، بەلكى خەلقئارا قانۇن ۋە دىپلوماتىك قائىدىلەرنىڭ مۇرەككەپ قۇرۇلمىسىنى نەزەرگە ئالمايدىغان، پەقەتلا «كېلىشىم ھاسىل قىلىش»نى مەركەز قىلغان بىر سودىگەرلىك لوگىكىسى بىلەن شەكىللەنگەن ۋە توقۇنۇشنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت يىلتىزلىرىنى يوققا چىقىرىپ، مەسىلىگە ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر سودا مەسىلىسى سۈپىتىدە .مۇئامىلە قىلىنغان.

پىلاننىڭ ئەڭ ھالقىلىق ۋە ئەڭ خەتەرلىك ماددىسى — دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىپ، تەرەپلەرنىڭ ھازىرقى سەپ لىنىيەلىرىدە توختىشىدۇر. بۇ، قارىماققا قان تۆكۈلۈشىنى توختىتىدىغان ئىنسانپەرۋەر بىر قەدەمدەك تۇيۇلسىمۇ، گېئوپولىتىكىلىق ۋە قانۇنىي ئاقىۋەتلىرى جەھەتتىن رۇسىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن زېمىنلىرىنى ئەمەلىيەتتە قانۇنلاشتۇرۇش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنداق بىر «تىنچلىق»، رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا «بولغۇلۇق بىزگىلا بولدى» (fait accompli) ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇ رايونلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۇكرائىناغا قايتۇرۇلۇشىنى مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ۋە كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق زېمىن ئىگىلەشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پىرىنسىپقا بىۋاسىتە خىلاپتۇر. تاجاۋۇزچىلىقنىڭ مەڭگۈلۈك بىر غەلىبە سۈپىتىدە  بۇنداق شەكىلدە مۇكاپاتلىنىشى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان ۋە نىسپىي مۇقىملىقنى تەمىنلىگەن خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۇلىغا مىنامىيوت قويۇش بىلەن باراۋەردۇر.

پىلاننىڭ يەنە بىر ئاساسلىق ئۇل تېشى — ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) غا ئەزا بولۇش نىشانىدىن مەڭگۈلۈك ۋاز كېچىپ، ھەربىي بىتەرەپلىك سالاھىيىتىنى قوبۇل قىلىشىدۇر. بۇ ماددا، رۇسىيەنىڭ 2014-يىلىدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2022-يىلقى ئىشغالىيەتتىن بېرى ئەڭ ئاساسلىق بىخەتەرلىك تەلەپلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مەسىلىسىدۇر. ئەمما بۇ تەلەپ، ماھىيەتتە ئۇكرائىنانىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش  ھوقۇقى ۋە ئۆز بىخەتەرلىك ئىتتىپاقلىرىنى تاللاش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئۇكرائىنا ئۈچۈن ناتوغا ئەزا بولۇش، پەقەت بىر ھەربىي ئىتتىپاققا قاتنىشىش مەسىلىىسى بولۇشتىن ھالقىغان، رۇسىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىمپېرىيالىستىك نىشانلىرىغا قارشى ئەڭ كونكرېت ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك توسۇش مېخانىزمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھوقۇقتىن ۋاز كېچىش، ئۇكرائىنانى مەڭگۈلۈك بىر رۇس تەھدىتى ئاستىدىكى، ھەربىي جەھەتتە تېخىمۇ ئاجىز ۋە سىياسىي جەھەتتە يېگانە قالدۇرۇلغان بىر «چىگرا توسۇقىسىز دۆلەت» بولۇشقا مەھكۇم قىلىش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ. مەزكۇر  پىلاننىڭ بۇ ماددىسى، توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرىنى پۈتۈنلەي رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە توغرىلاپ ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئۇكرائىنانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەۋجۇتلۇق بىخەتەرلىكىگە كۆز يۇمغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ تۇرماقتا.

پىلاننىڭ ئىچىدە بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىقتىسادىي رىغبەتلەندۈرۈشلەر، مەسىلەن رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ قەدەم-باسقۇچلۇق شەكىلدە بىكار قىلىنىشى كېرەكلىگى  ۋە ئۇكرائىنانى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىر فوند قۇرۇلۇشى كىرەكلىگى قاتارلىق ماددىلار، سىياسىي يول قويۇشلارنىڭ ئۈستىنى يېپىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن «شىكەر يالاتما»لار دەپ قارىلىشى كېرەك. ئېمبارگولارنىڭ قەدەم-باسقۇچلۇق شەكىلدە بولسىمۇ بىكار قىلىنىشى، رۇسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىنىڭ بەدىلىنى تۆلىمەستىن خەلقئارا سىستېمىغا قايتا سىڭىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇكرائىناغا سۇنۇلىدىغان قايتا قۇرۇش فوندى بولسا، دۆلەتنىڭ رۇسىيە بېسىۋالغان زېمىنلىرى، پىدا قىلغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئون مىڭلىغان پۇقرا بىلەن ئەسكەرنىڭ ھاياتىنىڭ بەدىلى بولالمايدۇ. بۇ، ئۇكرائىناغا «ئىگىلىك ھوقۇقىڭلارنى ۋە زېمىنىڭلارنى سېتىۋالىمىز» دېگەندىن پەرقى يوق، ئىززەت-ھۆرمەتنى ئاياق-ئاستى قىلىدىغان بىر تەكلىپتۇر. بۇ خىل سودىگەرلىك ئۇسۇلى،ئۇرۇشنىڭ ئەخلاقىي ۋە ئېتىكىلىق تەرەپلىرىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلماقتا.

خۇلاسىلىگەندە، بۇ پىلاننىڭ لوگىكىسى ئادالەت ۋە قانۇن پىرىنسىپلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان مەڭگۈلۈك بىر تىنچلىق بەرپا قىلىشتىن كۆرە، توقۇنۇشنى ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى يۆنىلىشىدە تېز بىر شەكىلدە «ئاخىرلاشتۇرۇش» قا مەركەزلەشكەن. پىلان، ئامېرىكا (بولۇپمۇ ترامپنىڭ يېگانە ئامېرىكا كۆز قارىشىدىكى ئامېرىكا)نىڭ ئۈستىدىكى مالىيە ۋە ھەربىي يۈكنى يېنىكلىتىش مەقسىتىنى، ئۇكرائىنانىڭ ئادالەت، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىك ئىزدىنىشىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن ئورۇنغا قويماقتا. «Kyiv Independent»  گېزىتىمۇ تەكىتلىگىنىدەك، بۇ خىلدىكى بىر «تىنچلىق»، ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئادىل بىر ھەل قىلىش چارىسىدىن كۆرە، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش دېگەنلىك بولىدىغان زامانىۋى بىر «مىيۇنخېن كېلىشىمى» خاراكتېرىنى ئېلىشى مۇمكىن. بۇ، ئەمەلىيەتچىللىك نىقابى ئاستىدىكى پىرىنسىپسىز بىر ئۇرۇش توختىتىش ئىستراتېگىيەسىدۇر.

2.  «ئارقا ئىشىك دىپلوماتىيەسى»: ئىتتىپاقداشلار ۋە تەرەپلەرنى يوق ھېسابلاشنىڭ مەنىسى

بىر تىنچلىق پىلانىنىڭ، توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق تەرىپى بولغان ئۇكرائىنا بىلەن مەسلىھەتلىشىلمەستىن ۋە ئامېرىكانىڭ ئۆز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن پېنتاگون قاتارلىق ئورگان قۇرۇلمىلىرىنى چەتكە قېقىپ تەييارلىنىشى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان، مۇقىمسىزلىقنى تېخىمۇ ئۇلغايتقۇچى ۋە خەتەرلىك بىر ئۇسۇلدۇر. بۇ ئەھۋال، دىپلوماتىيەنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى بولغان ئاشكارا بولۇش، ئىشەنچلىك بولۇش، ئورگان خاراكتىرلىك بولۇش ۋە مەسلىھەت ئاساسىدا بولۇش قائىدىسىگە تۈپتىن خىلاپ. ترامپ ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشى، ئالدى بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىغا ۋە خەلقئارا ئورگانلارغا قارىتا  چوڭقۇر بىر ئىشەنمەسلىك تۇتۇمىنى ۋە ئۇلارنى پۇتلىكاشاڭ دەپ قاراشقا مايىل ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەنئەنىۋى دىپلوماتىيە، ئىتتىپاقداشلار بىلەن ئورتاق بىر ئىستراتېگىيە ۋە پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق قارشى تەرەپ ئۈستىدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي بېسىم ھاسىل قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. ھالبۇكى بۇ تۇتۇم،ماھىيەتتە غەرب ئىتتىپاقى ئىچىدە چوڭقۇر يېرىلىشلار پەيدا قىلىش، ئۇكرائىنانى ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە يالغۇز قالدۇرۇش بولۇپ، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك چۈشەنچىسىگە نىسبەتەن  ھەر ۋاقىت پارتىلىشى مۇمكىن بولغان مىنامىيوت خەۋپى  دېگەنلىكتۇر.

ئۇكرائىنا بىلەن مەسلىھەتلىشلمەسلىك — كىيېۋ ھۆكۈمىتى ۋە ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ بىر سۇبيېكت ئەمەس، بەلكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ گېئوپولىتىكىلىق شاھمات تاختىسىدىكى بىر پىچكا سۈپىتىدە كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ ئېنىق ۋە ئەڭ ئاچچىق ئىسپاتىدۇر. بۇ ئۇسۇل، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئوچۇق-ئاشكارا يوققا چىقىرىدۇ. ئايلاردىن بېرى زېمىنىنى قوغداۋاتقان، شەھەرلىرى خارابىگە ئايلانغان، ئون مىڭلىغان پۇقرا ۋە ئەسكىرىدىن ئايرىلغان بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە، شۇ مىللەتنىڭ سايلانغان ۋەكىللىرىنىڭ رازىلىقى ۋە ئىشتىراك قىلىشى بولماستىن بىر پىلان لايىھەلەش، پەقەت كەچۈرگىلى بولمايدىغان بىر دىپلوماتىك خاتالىق بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا چوڭقۇر بىر ئەخلاقىي ۋە ئېتىكىلىق مەسىلىدۇر. ئامېرىكالىق پېنتاگون ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي تېخنىكا ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن رەسمىي زىيارەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە، بۇنداق بىر ئارقا ئىشىك تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئامېرىكا دۆلەت قۇرۇلمىسى ئىچىدىمۇ بىر-بىرىگە تۈپتىن زىت بولغان ئۇسۇللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە بۇنىڭ ئىتتىپاقداشلار ئىچىدىمۇ ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ئېنىقسىزلىق ۋە گاڭگىراش پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ خىلدىكى مەخپىي ۋە غەيرىي رەسمىي يوللار، تەبىئىتى ھالدا ساختا ئۇچۇر، كونترول قىلىش ۋە كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ئوچۇق. بولۇپمۇ رۇسىيەگە ئوخشاش ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنى بىر تاشقى سىياسەت قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغان ئاكتىيورلار، بۇ خىلدىكى يوللارنى غەرب ئىتتىپاقىنى پارچىلاش، ئۇكرائىنانىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى سۇندۇرۇش ۋە ئۆز ئاممىسىغا «غەرب تىنچلىققا تەييار، ئەمما زېلېنىسكىي ھاكىمىيىتى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ» شەكلىدىكى يالغان بىر باياننى يېيىش ئۈچۈن ئۇستىلىق بىلەن ئىشلىتەلەيدۇ. ئاشكارا ۋە رەسمىي دىپلوماتىك يوللارنىڭ ئورنىغا بۇ خىلدىكى ئۇسۇللارنىڭ تاللىنىشى، سۆھبەت جەريانىنىڭ پۈتكۈل ئىشەنچلىكلىكىنى يوق قىلىپ، ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن بولغان بىر كېلىشىمنىڭ قانۇنلۇقلۇقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت قوللىنىشچانلىقىنى ئەڭ بېشىدىنلا خەۋپكە ئىتتىرىدۇ. شۇڭا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنىسكىينىڭ تۈركىيەگە ئوخشاش ئىجابىي ۋە بىتەرەپ مۇرەسسەچى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قانۇنلۇق بىر تىنچلىق زېمىنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلىدە، بۇ پىلاننىڭ ئوتتۇرىغا تاشلىنىشى، بۇ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى بىۋاسىتە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ۋە ئابرۇيىنى تۆكۈش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.

 بۇ ئۇسۇل يەنە، دىپلوماتىيەنى خەلقئارا ئورگانلارنىڭ پائالىيىتى بولۇشتىن چىقىرىپ، شەخسىي پائالىيەتكە ئايلاندۇرۇش خەۋپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەتلەرنىڭ مۇقىم ئورگانلىرى، ئەسلىمىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىكلىرى چەتكە قېقىلغاندا، تاشقى سىياسەت قارارلىرى يەككە بىر رەھبەرنىڭ ياكى كىچىك بىر گۇرۇپپىنىڭ شۇ دەقىقىلىك ھەۋەسلىرى، شەخسىي مۇناسىۋەتلىرى ۋە كۆپىنچە تولۇق بولمىغان ئۇچۇرلىرىغا تايىنىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ، تاشقى سىياسەتتە ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغانلىق ۋە تۇراقلىقلىقنى يوقىتىپ، ھەم دوستلار ھەم دۈشمەنلەر ئۈچۈن ئېنىقسىز ۋە خەتەرلىك بىر خەلقئارا مۇھىت يارىتىدۇ. بۇ ئەھۋال، پەقەت بىر ناچار دىپلوماتىيە ئەمەلىيىتى بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا مىللىي بىخەتەرلىك ۋە يەرشارى مۇقىملىقىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان مەسئۇلىيەتسىز بىر تاشقى سىياسەت چۈشەنچىسىدۇر.

3. ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر ئىشقا ئۇرۇندى؟ ھەقىقىي مەقسەت نېمە بولۇشى مۇمكىن؟

ترامپنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئۇكرائىنادا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ قەدەر تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولىدىغان ۋە ئادەتتىن تاشقىرى بىر يولغا كىرىشىنىڭ ئارقىسىدا تاق بىر سەۋەب ئەمەس، بەلكى بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەم ئىچكى ھەم تاشقى سىياسەتكە قارىتىلغان بىردىن ئارتۇق سەۋەب ياتماقتا. بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئەڭ يۈزەكىسى — دونالد ترامپنىڭ شەخسىي سىياسىي ماركىسى ۋە ئۆزىنى بىر «كېلىشىم ھاسىل قىلغۇچى» (deal maker) سۈپىتىدە  نامايەن قىلىش ئىستراتېگىيەسىدۇر. ترامپ، سىياسىي ھاياتىدا ئەڭ مۇرەككەپ خەلقئارا مەسىلىلەرنىمۇ، ئەنئەنىۋى دىپلوماتلار ۋە بىيۇروكراتلارنىڭ ئەكسىچە، ئۆزىنىڭ شەخسىي سۆھبەتلىشىش ئىقتىدارى ۋە جەزبىدارلىقى بىلەن تېزلىكتە ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى «24 سائەت ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرالايدىغانلىقى» تەرزىدىكى پوپۇلىستىك ۋە رېئاللىقتىن يىراق سۆزلىرى، بۇ كىملىكنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسىدۇر. شۇڭلاشقا بۇ پىلاننى ھەممىدىن ئاۋۋال، ترامپنىڭ  پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش سايلىغۇچىلارغا كۈچلۈك، قەتئىي ۋە نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر رەھبەر ئوبرازىنى سۇنۇش مەقسىتىنى كۆزلىگەن مۇرەككەپ بىر ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە سايلام تۇتۇمنىڭ نەتىجىسى دىيىشكە بولىدۇ.

ئىككىنچى ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىدېئولوگىيەلىك سەۋەب — ترامپىزمنىڭ تاشقى سىياسەت پەلسەپەسى بولغان «ئالدى بىلەن ئامېرىكا» (America First) تەلىماتىنىڭ مۇقەررەر بىر نەتىجىسىدۇر. بۇ تەلىمات، ئامېرىكا يەرشارى رەھبەرلىك مەسئۇلىيەتلىرى، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرى ۋە خەلقئارا قائىدىلەرنى قوغداش ۋەزىپىسىنى، ئامېرىكانىڭ تار ۋە ماددىيەتچىلىك ماھىيىتىدىكى مىللىي مەنپەئەتلىرىدىن كېيىنكى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئارىلىىشىش ئامېرىكا ئۈچۈن قوغدىلىشى كېرەك بولغان بىر دېموكراتىيە سېپى ئەمەس، بەلكى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى زۆرۈر بولغان كېرەكسىز بىر مۇداخىلىدۇر. مىلياردلارچە دوللارلىق ھەربىي ۋە مالىيە ياردىمىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا يۈك بولۇۋاتقانلىقى، پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ۋە بۇ بايلىقلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۇل ئەسلىھە، سەھىيە قاتارلىق مەسىلىلەرگە خەجلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تارتىشمىلار، ترامپنىڭ سىياسىي بازىسىدا خېلىلا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا. بۇ دائىرىدە پىلاننىڭ ھەقىقىي مەقسىتى، ئۇكرائىنادا ئادىل بولغان، دۆلەت شەرىپى قوغدالغان ۋە مەڭگۈلۈك  بىر تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن كۆرە، ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشتىكى مۇداخىلىسىنى نېمە بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر  ئەڭ تېز شەكىلدە ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇكرائىنانىڭ زېمىنلىرى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە كەلگۈسى، بۇ مەقسەتكە يېتىش يولىدا پىدا قىلىشقا بولىدىغان ئامىللار سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە.

ئۈچىنچى بىر ئامىل — يەرشارى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك  شەرتلەرگە مۇناسىۋەتلىك رادىكال بىر رەتلەش تىرىشچانلىقىدۇر. ئەنئەنىۋى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى، ھەم دېموكراتلار ھەم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى قاناتلىرىدا، رۇسىيەنى ياۋروپا بىخەتەرلىكىگە يۆنەلگەن خىرىس ۋە تاجاۋۇزچى بىر تەھدىت دەپ باھالاپ، ئۇنى  توسۇشنى نىشان قىلىدۇ. ئەمما ترامپ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى ئىستراتېگىيەچىلەر، رۇسىيەنى ئۆتمۈشتە قالغان كونا مەسىلە ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك بىر رەقىب دەپ قاراپ، ئامېرىكانىڭ ھەقىقىي ۋە نەق رەقىبىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بۇ ئىستراتېگىيەلىك كۆز قاراشقا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھالىدىن كەتكۈزۈش ئۇرۇشى، ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى، بايلىقلىرىنى ۋە ھەربىي كۈچىنى ھەقىقىي مەركەزلىشىشى كېرەك بولغان ھىندى-تىنچ ئوكياندىن يىراقلاشتۇرماقتا. شۇڭلاشقا، ئۇكرائىنادا رۇسىيەنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى قاندۇرىدىغان تېز بىر كېلىشىم، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ، ياۋروپا دەپتىرىنى تاقاشنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتايغا قارشى تۇرۇشقا مەركەزلىشىشنىڭ بىر قەدىمى سۈپىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ، ئىنتايىن خەتەرلىك بىر «چوڭ ئىستراتېگىيە» قىمارىدۇر.

تۆتىنچىدىن، بۇ تەشەببۇسنىڭ ئارقىسىدا ياۋروپاغا قارىتا چوڭقۇر بىر گۇمانخورلۇق ۋە ئۈمىدسىزلىك ياتماقتا. ترامپنىڭ تەپەككۇر نەزىرىدە ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يېتەرلىك چىقىم قىلمايدىغان، ئامېرىكانىڭ ھەربىي كۈچىدىن ھەقسىز پايدىلىنىدىغان «تۇزكور» ئىتتىپاقداشلاردۇر. ئۇ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپانىڭ ئۆز ئارقا بېغىدىكى بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ ھېساباتىدا تېگىشلىك  ئۈلۈشىنى ياۋروپالىقلارنىڭ تۆلىشى كېرەكلىكىنى ئويلايدۇ. بۇ پىلاننى ئىتتىپاقداشلار بىلەن مەسلىھەتلەشمەستىن ئوتتۇرىغا قويۇشتا،  ئۇلارغا «ئەگەر سىلەر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىساڭلار، مەن بىلگىنىمچە ھەل قىلىمەن ۋە ئاقىۋىتىگە بەرداشلىق بېرىسىلەر» دېگەن سىگنالنى بېرىش مەقسىتىنى كۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ، ترانسئاتلانتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ناتونىڭ كوللېكتىپ قارار چىقىرىش مېخانىزملىرىنى ئابرويسىزلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بىر قەدەمدۇر.

بەشىنچىدىن، ترامپ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ رۇسىيە رەھبىرى ۋىلادىمىر پۇتىننى ۋە رۇس ھاكىمىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى تۈپتىن خاتا چۈشەنگەنلىك ياكى قەستەن ئوخشىمىغان شەكىلدە شەرھلىگەنلىك ئېھتىماللىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. غەرب ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە ئانالىزچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى، پۇتىن ھاكىمىيىتىنى، يول قويغانسېرى تېخىمۇ جاسارەتلىنىدىغان، كېلىشىملەرگە سادىق بولمايدىغان ۋە ئىمپېرىيالىستىك نىشانلىرى بولغان بىر ھاكىمىيەت دەپ قارايدۇ. ئەمما ترامپ، پۇتىننى كۈچلۈك بىر رەھبەر دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن شەخسىي بىر دىيالوگ ئورنىتىش ئارقىلىق ھەممە نەرسىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە ياكى  ئىشەنگەن بولۇۋېلىشقا مايىل. بۇ ساددىلىق ياكى بىلىپ تۇرۇپ بۇرمىلانغان كۆز قاراش، رۇسىيەگە  يول قويۇشلارنىڭ رۇسىيەنى تىنچلاندۇرىدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان بىر ئاكتىيورغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقتىن ئىبارەت خەتەرلىك بىر ئاساسقا  تايىنىدۇ.

ئاخىرىدا، بۇ ھەرىكەتنىڭ پۈتۈنلەي ئىچكى سىياسەتكە يۆنەلگەن بىر تەرىپى بار. ھازىرقى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنا سىياسىتىگە «ئاخىرى چىقماس بىر ئۇرۇش» ۋە «ئامېرىكانىڭ پاتقاققا پاتقانلىق كەچمىشى » دەپ  ماركا چاپلىشى، سايلاملاردا مۇھىم بىر كوزىرغا ئېرىشىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن. بايدىن، ئۆزىنىڭ «تىنچلىق پىلانى»نى سۇنۇش ئارقىلىق، ھازىرقى ھۆكۈمەتنى تىنچلىققا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان «ئۇرۇش بۈركۈتلىرى» سۈپىتىدە كۆرسىتىشنى ۋە ئۆزىنى تىنچلىقنى ئېلىپ كېلىدىغان بىردىنبىر رەھبەر سۈپىتىدە بازارغا سېلىشنى نىشان قىلماقتا. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا پىلان، دىپلوماتىك بىر ھۆججەتتىن كۆرە، سىياسىي بىر خىتابنامىدۇر.

4. تەرەپلەرنىڭ پوزىتسىيەسى: قوبۇل قىلىش، رەت قىلىش ۋە مۇمكىن بولغان سېنارىيەلەر

ئوتتۇرىغا تاشلانغان بۇ تىنچلىق پىلانىنىڭ ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تەرەپلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقى، ھازىرقى ھەربىي ۋە سىياسىي شارائىت ئاستىدا دېگۈدەك مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزىمۇ پىلاننىڭ نەقەدەر رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇكرائىنا ئۈچۈن بۇ پىلان، پەقەت بىر قاتار يول قويۇشلاردىن ئىبارەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە 2014-يىلىدىن بېرى قىلىنغان كۈرەشنىڭ، تۆلەنگەن بەدەللەرنىڭ ۋە مىللىي قارشىلىق روھىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىنكار قىلىنىشى دېگەنلىك بولىدۇ. پىرېزىدېنت زېلېنىسكىي ۋە ئۇكرائىنا خەلقى، قىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1991-يىلىدىكى خەلقئارالىق ئېتىراپ قىلىنغان چېگرالارغا قايتىلماي تۇرۇپ، ئاخىرقى رۇس ئەسكىرى ئۇكرائىنا زېمىنىدىن ئايرىلماي ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئەدلىيە ئالدىغا چىقىرىلماي تۇرۇپ مەڭگۈلۈك بىر تىنچلىقنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئەڭ ئېنىق شەكىلدە ئىپادىلەپ كەلگەن. زېمىنىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىنى ئىشغال ئاستىدا قالدۇرىدىغان، ناتوغا ئەزا بولۇشتەك ھاياتىي مۇھىم بىر بىخەتەرلىك كاپالىتىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ۋە تاجاۋۇزچىنى ئىستراتېگىيەلىك بىر غەلىبە بىلەن مۇكاپاتلايدىغان بىر پىلاننى كىيېۋنىڭ قوبۇل قىلىشى، سىياسىي بىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋە مىللىي بىر خائىنلىق، تەسلىمچىلىك دەپ قارىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇكرائىنانىڭ بۇ پىلانغا رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي بېرىدىغان جاۋابى، قەتئىي ۋە سالا كەتمەيدىغان بىر «رەت قىلىش» بولىدۇ.

رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسى بولسا تېخىمۇ مۇرەككەپ، ۋاسىتىلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھالدا ئىككى يۈزلىمىلىك بىر ئىستراتېگىيەگە تايىنىدۇ. موسكۋا، ئامما ئالدىدا مەزكۇر پىلاننى بىۋاسىتە ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتىن ياكى ئۇنى تولۇق قوللاشتىن  ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، چۈنكى بۇ، باشقا بىر كۈچنىڭ پىلانىغا قەرزدار بولۇپ تۇرۇپ غەلىبە قىلغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئورنىغا، «تەكلىپلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرى» ئەمما «سەھنىدىكى رېئاللىقلارنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەكلىكى» دېگەندەك ئېنىقسىز ئىپادىلەرنى ئىشلىتىشى مۇمكىن. ئەمما پەردە ئارقىسىدا، پىلاننىڭ ئاساسلىق ماددىلىرى (زېمىنغا ئېرىشىشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئېتىراپ قىلىنىشى، ئۇكرائىنانىڭ بىتەرەپلىكى،رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى) رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئېلان قىلغان ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرى بىلەن بىرمۇبىر ماس كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كىرېمىل سارىيى، بۇ پىلاننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بىر تەشۋىقات ۋە دىپلوماتىيە قورالىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. پىلان، رۇسىيەگە خەلقئاراغا، بولۇپمۇ ئۇرۇشقا تېخىمۇ يىراق تۇرىدىغان يەرشارى جەنۇبى دۆلەتلىرىگە«بىز تىنچلىققا تەييار، ئەمما ئۇكرائىنا ۋە ئۇنىڭ غەربتىكى خوجايىنلىرى كېلىشەلمەيدىغان بىر پوزىتسىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن باھانىنى   تارقىتىش پۇرسىتىنى سۇنىدۇ. بۇ، ئۇكرائىنا ئۈستىدىكى خەلقئارالىق بېسىمنى ئاشۇرۇشنى ۋە غەرب ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ئۇرۇش ھارغىنلىقى ۋە پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بىر تاكتىكىدۇر.

پىلاننىڭ تەرەپلەر تەرىپىدىن رەسمىي قوبۇل قىلىنماسلىقى ئەھۋالىدا ( بۇ ئەڭ مۇمكىن بولغان سېنارىيەدۇر)، توقۇنۇش ۋە دىپلوماتىيە باشقىچە بىر باسقۇچقا كىرىشى مۇمكىن. بىرىنچى ۋە ئەڭ خەتەرلىك سېنارىيە — بولۇپمۇ ترامپنىڭ قايتا پىرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى ئەھۋالىدا، پىلاننىڭ رەت قىلىنىشىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان ھەربىي ۋە مالىيە ياردىمىنى پۈتۈنلەي توختىتىش ئۈچۈن بىر باھانە سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىدۇر. چۈنكى «سىلەرگە تارىخىي بىر تىنچلىق پۇرسىتى سۇندۇق، ئەمما سىلەر ئۇرۇشۇشنى تاللىدىڭلار. ئەمدى مەسىلەڭلارنى ئۆزۈڭلار ھەل قىلىڭلار» دېيەلەش، بىر تەرەپلىمىچى  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خوپ مۇكەممەل بىر سەۋەب بولالايدۇ. بۇ ئەھۋال، ئۇكرائىنانى سەپتە يالغۇز قالدۇرۇپ ئۇرۇشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاغدۇرۇپ، ئۇكرائىنانى تېخىمۇ ناچار شارائىتقا قىستاپ، بىر كېلىشىمگە مەجبۇرلىشى مۇمكىن.

ئىككىنچى بىر سېنارىيە — پىلاننىڭ غەرب ئىتتىپاقى ئىچىدە پەيدا قىلىدىغان زەربىسى ۋە قالايمىقانچىلىقىنىڭ، ياۋروپا كۈچلىرىنى ئۆز بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولۇشقا ئىتتىرىشىدۇر. ئامېرىكانىڭ ئىشەنچسىز بىر ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچە كۈچەيسە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە پولشا قاتارلىق دۆلەتلەر، ئۇكرائىناغا بولغان قوللاشنى ئاشۇرۇش ۋە ياۋروپانىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيەسى»نى بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى تېزلىتىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ، ترانسئاتلانتىك مۇناسىۋەتلىرىدە چوڭقۇر بىر پارچىلىنىش بەدىلىگە ئەمەلگە ئاشىدىغان ئازابلىق بىر جەريان بولىدۇ. پىلان، بىرلەشتۈرگۈچى بولۇشتىن كۆرە، غەرب بلوكىنى ئۆز ئىچىدە پارچىلايدىغان بىر سىناق تېشى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ قېلىشى مۇمكىن. ئاخىرىدا، بۇ پىلاننىڭ ئىجراسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسىمۇ، پىلاننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى پەيدا قىلغان دىپلوماتىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك داۋالغۇشلار ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.

5. چوڭ دۆلەتلەر سىياسىتىنىڭ لوگىكىسى ۋە نەتىجىلىرى: «تەقدىر بەلگىلەش» ھوقۇقى ۋە قائىدىلەرگە تايانغان تەرتىپ كىرىزىسى

دونالد ترامپ گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇكرائىنا تىنچلىق پىلانى تەشەببۇسى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ تۈپكى دىنامىكىلارنىڭ بىرىنى، يەنى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىدە كىچىك دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بار كۆرىدىغان يۈزلىنىشىنى، 21-ئەسىردىكى شارائىتتا يېڭىباشتىن ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئەھۋال، ئاددىي بىر مەنپەئەت توقۇنۇشىنىڭ سىرتىدا، كۈچنىڭ ماھىيىتى، ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ مەنىسى ۋە قائىدىلەرگە تايانغان خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئاجىزلىقىغا دائىر ئۆتكۈر سوئاللارنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى. بۇ پىلان، تۇكىدىدىسنىڭ «كۈچلۈكلەر قىلالايدىغان ئىشنى قىلىدۇ، ئاجىز بولسا چىداشقا تېگىشلىككە چىدايدۇ» دېگەن رەھىمسىز تەبىرىنىڭ زامانىۋى ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ھەم بۇ زېھنىيەتنىڭ پەلسەپەۋى ئاساسلىرىنى ھەم ئۇنىڭ پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئۈلگىلىرىنى بىرلىكتە تەھلىل قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

بۇ رېئالىست رامكىنىڭ ئارقىسىدا پەقەت بىر مەنپەئەت تەھلىلىلا ئەمەس، بەلكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىگە يۈكلىگەن رولىغا دائىر چوڭقۇر پەلسەپەۋى پەرەز ياتىدۇ: ئۆزلىرىنى يەرشارى سىستېمىسىنىڭ «ھامىيلىرى» ياكى «باشقۇرغۇچىلىرى» دەپلا قارايدىغان يۈزلىنىش. چوڭ دۆلەتلەرچە، دۇنيا، مۇقىملاشتۇرۇلۇشقا تېگىشلىك قالايمىقان بىر مەيدان بولۇپ، بۇ مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارىغا ۋە «مەسئۇلىيىتىگە» پەقەت ئۇلارلا ئىگە. بۇئۇلارچە بىر «مەسئۇلىيەت ئەخلاقى» ۋە كىچىك دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك توقۇنۇشلىرىنى، تارىخى تەلىپىنى ۋە ئىگىلىك  ھوقۇقىنى،ئاتالمىش تېخىمۇ «ئۇلۇغ» بىر نىشان بولغان يەرشارى سىستېمىسىنىڭ (ئىقتىسادىي بازارلارنىڭ، ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ) مۇقىملىقى ئالدىدا بىر توسقۇنلۇق دەپ كودلايدۇ. بۇ پەلسەپىدە، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىق پىرىنسىپلار، چوڭ دۆلەتنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى يۈكىنى يېنىكلىتىشى ۋە توقۇنۇشنى «ھەل قىلىش» ئارقىلىق مەسىلىنى يوقىتىشى دېگەن تەپسىلاتلار ئالدىدا ئىككىنچى دەرىجىلىك بىر تەپسىلاتقا ئايلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدا «ھەل قىلىش»، ئادالەتنى تۇرغۇزۇش مەنىسىنى ئەمەس، بىزنى بىئارام قىلىدىغان زورلاپ ئىشنى باستۇرىۋېتىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ «ھامىيلىق» رولى، تەبىئىي ھالدا ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىغا  سىممېتىرىك بولمىغان ۋە تەبىقە چۈشەنچىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدۇ. چوڭ دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مۇتلەق، كېلىشىش مۇمكىن بولمايدىغان ۋە مۇقەددەستۇر. لېكىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، چوڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرى بىلەن توقۇنۇشمىغۇچە كۈچكە ئىگە بولغان، نىسپىي، شەرتلىك ۋە كېلىشىشكە ئوچۇق بىر ئىلاستىكىلىق ھوقۇقتۇر. ترامپنىڭ پىلانى، بۇ يوشۇرۇن تەبىقە چۈشەنچىسىنىڭ مۇكەممەل بىر مىسالىدۇر: ئۇكرائىنانىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى كېلىشىش مۇمكىن بىر «مەسىلە» بولسا، ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ بايلىق خەجلىمەسلىك يۆنىلىشىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق قارارى كېلىشىش مۇمكىن بولمىغان بىر «رېئاللىق»تۇر. بۇ ئەھۋال، خەلقئارا قانۇننىڭ ھەممىگە ئورتاق ئىكەنلىكى پىرىنسىپىنى تۈپتىن رەت قىلغانلىق ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا كۈچلۈك تەرەپكە يەڭدەپ كېتىدىغان بىر تەرتىپنى ياقلىغانلىقتۇر.

بۇ زېھنىيەتنىڭ ئەمەلىي ئەكس ئېتىشى ، دۇنياغا «ئەمەلىيەتچىللىك» (transactional) نەزەرى بىلەن قاراشتۇر. چاتام ئۆيى (Chatham House) مۇتەخەسسىسلىرىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، بۇ ئۇسۇل، بىر تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى تارىخىي، ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي ئۆلچەملەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ،  بىر سودا كېلىشىمى مەسىلىسى دەرىجسىگە چۈشۈرگەن.  بۇ ھالدا،زېمىن، بىخەتەرلىك كاپالەتلىرى، ئېمبارگولار ۋە ئىگىلىك ھوقۇق، بىر كېلىشىم ئۈستىلىدە ئېلىپ سېتىشقا بولىدىغان ماددىلارغا ئايلىنىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈرىشى بىلەن بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت ئوپتىمىزاتسىيەسى ئوتتۇرىسىدا ئەخلاقىي بىر تەڭلىك ئورنىتىلىدۇ. بۇ پەلسەپەنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك تەرىپى، كۈچنىڭ پەقەت ھەرىكەتلەرنى بەلگىلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە رېئاللىقنى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ۋە نېمىنىڭ «ئەقىلگە مۇۋاپىق»، نېمىنىڭ «مۇمكىن ئەمەس» ئىكەنلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇقىنىڭمۇ ئۆزىدە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىدۇر.

بۇ زېھنىيەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدىغان ئۈلگە ، پەقەت ئۇكرائىنا ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، يەرشارى ئۆلچىمىدە مۇقىمسىزلىقنى ئۇلغايتقۇچى بىر دومىنو ئېففېكتى پەيدا قىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. تاجاۋۇزچىلىقنى مۇكاپاتلايدىغان بىر «تىنچلىق» كېلىشىمى، كەلگۈسىدىكى  تاجاۋۇزچىلارغا ئاستىرىتتىن بىر يېشىل چىراغ يېقىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر ئامېرىكاغا ئوخشاش، ھازىرقى لىبېرال خەلقئارا تەرتىپنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قوغدىغۇچىسى بولغان بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ، تاجاۋۇزچىلىق يولى بىلەن ئېرىشىلگەن زېمىن غەنىيمەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان بىر كېلىشىمگە يېتەكچىلىك قىلسا، بۇ، دۇنيادىكى باشقا رېۋىزىئونىست ۋە كېڭەيمىچى كۈچلەرگە ئوپ-ئوچۇق بىر <قېنى مەرھەمەت، نۆۋەت سىزنىڭ> دېگەن تەكلىپنامىنى سۇنغانلىق بولىدۇ. بۇ ھەرىكەت، «ئەگەر يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك بولسىڭىز، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق چېگرايىڭىزنى كىڭەيتەلەيسىز ھەمدە كېيىن ئۇنى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن قىلىدىغان بىر كېلىشىم ئارقىلىق مەڭگۈلۈك قىلالايسىز» دېگەن ئۇچۇرنى بېرىدۇ. بۇ ئۇچۇر، دۇنيانىڭ تۆت ئەتراپىدىكى يوشۇرۇن جىددىيچىلىك لىنىيەلىرىدە، بولۇپمۇ كۈچلۈك قوشنىلارغا ئىگە كىچىكرەك ۋە ئاجىز دۆلەتلەردە  مەۋجۇتلۇق خەۋپى پەيدا قىلىدۇ.

ئاخىرىدا، بۇ ئەھۋال، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان «دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى باراۋەرلىكى» پىرىنسىپىنىڭ پۈتۈنلەي بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر بىر كىچىك ياكى ئوتتۇرا چوڭلۇقتىكى دۆلەتنىڭ تەقدىرى، ئۇنىڭ ئىشتىراكىمۇ بولمىغان ئەھۋالدا، يىراق بىر پايتەختتە قىلىنغان بىر تېلېفون سۆھبىتى ياكى بىر يوشۇرۇن كېلىشىم ئارقىلىق بەلگىلىنىدىكەن، ئىگىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى ئەڭ كۈچلۈك بولغانلار ئۈچۈن مۇتلەق، باشقىلار ئۈچۈن بولسا كېلىشىشكە ئوچۇق بىر ئالاھىدە ھوقۇققا ئايلىنىدۇ. بۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كۈللىرىدىن بارلىققا كەلگەن ۋە دۆلەتلەرنىڭ چېگراسىنىڭ كۈچ يولى بىلەن ئۆزگەرتىلمەسلىكى پىرىنسىپىغا تايانغان «قائىدىلەرگە تايانغان خەلقئارا تەرتىپ» نىڭ تۈپتىن تەۋرىنىشىدۇر. مۇنداق بىر تەرەققىيات، ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغانلىقنىڭ ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىنى، ھەر ۋاقىت ھەممە خىل ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن  بولغان خەتەرلىك بىر نامۇقىملىق ئالغان، كۈچ بىردىن-بىر ئۆلچەم بولغان بىر خەلقئارا سىستېمىغا، يەنى «ئورمان قانۇنلىرى»غا قايتىشنىڭ خەۋەرچىسىدۇر. بۇ، پەقەت بىر تاشقى سىياسەت تاللىشىلا ئەمەس، بەلكى يەرشارىۋى بىر ئەخلاقىي چەتنەشنىڭمۇ ئىشىكىنى ئاچىدۇ.

نەتىجە

دونالد ترامپنىڭ گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 28 ماددىلىق تىنچلىق پىلانى، ئىسمىدا «تىنچلىق» سۆزى بولغىنىغا باقماي، ماھىيەتتە ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئادىل ۋە مۇقىم چارىلەرنى ئەمەس، ئامېرىكانىڭ ئىچكى سىياسىي ھېساباتلىرىنى ۋە چوڭ دۆلەتلەر سىياسىتىنىڭ ئەڭ پىراگماتىست، ئەڭ رەھىمسىز رېئاللىقلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر ھۆججەتتۇر. پىلان، قان تۆكۈلۈشنى توختىتىشقا ئوخشاش ئىنسانىي بىر ۋەدىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇپ، تاجاۋۇزچى تەرەپ بولغان رۇسىيەنى ئىستراتېگىيەلىك غەلىبىلەر بىلەن مۇكاپاتلايدىغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپ بولغان ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ھوقۇقىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ ئەڭ تۈپكى پىرىنسىپلىرىنى ئاياق ئاستى قىلىدىغان خەتەرلىك بىر فورمۇلا سۇنىدۇ. پىلاننىڭ، ئۇرۇشنىڭ ئەسلى تەرىپى بولغان ئۇكرائىناغا مەسلىھەت قىلىنماستىن، غەربىي ئىتتىپاقداشلار نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ ۋە رەسمىي بولمىغان «يوشۇرۇن» يوللار ئارقىلىق تەييارلانغان بولۇشى، ئۇنىڭ پەقەت مەزمۇنىدىلا ئەمەس، بەلكى بارلىققا كېلىش شەكلى ۋە نىيىتىدىمۇ ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ پىلان، ئارقىسىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈلگەندە، ترامپنىڭ شەخسىي سىياسىي ئوبرازىنى كۈچەيتىش، «ئالدى بىلەن ئامېرىكا » دوكترىناسى رامكىسىدا ئامېرىكانى چىقىملىق بىر تاشقى يۈكتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە يوشۇرۇن ھالدا يەرشارى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى رۇسىيە بىلەن مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق خىتايغا قارشى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق كۆپ قەۋەتلىك ۋە مۇرەككەپ نىشانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن بۇ نىشانلارنىڭ ھېچقايسىسى، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئادالەت، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە بىخەتەرلىك ئىزدىنىشى بىلەن بىر يەرگە ماس كەلمەيدۇ. بۇ تۈپتىن زىتلىق سەۋەبىدىن، پىلاننىڭ تەرەپلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇنازىرە قىلىنىشىمۇ دىپلوماتىك جەريانلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش، ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدا چوڭقۇر ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلىش ۋە رۇسىيەنى غەربنى بۆلۈشكە كۈشكۈرتۈش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.

ئەڭ كەڭ ۋە ئەڭ تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ ۋەقە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان پىرىنسىپلارغا تايانغان خەلقئارا سىستېمىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەندىشە قىلارلىق بىر سىگنالدۇر. بىر چوڭ دۆلەتنىڭ، ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۆزىدىن كىچىك بىر دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشكە ئۇرۇنۇشى ۋە تاجاۋۇزچىلىقنى  قانۇنلاشتۇرىدىغان خەتەرلىك بىر ئۈلگە پەيدا قىلىش خەۋپى، يەرشارى مىقياسىدىكى بارلىق يوشۇرۇن جىددىيچىلىك نۇقتىلىرى ۋە ئاجىز خەلقلەر ئۈچۈن بىر تەھدىتتۇر. ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت، كۈچلۈكنىڭ گېپى گەپ بولىدىغان  بۇ خىل مۇتىھەملىكلەرگە يول بەرسە، پىرىنسىپلارغا تايانغان تەرتىپنىڭ ئورنىنى نوقۇل كۈچ ۋە مەنپەئەت كېلىشىملىرى ئالغان تېخىمۇ خەتەرلىك ۋە ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان بىر دۇنياغا قايتىش خەۋپى مۇقەررەر بولىدۇ. ھاسىل كالام، بۇ «تىنچلىق پىلانى»، تىنچلىققا بارىدىغان بىر يول خەرىتىسىدىن بەكرەك، ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىنىڭ قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر ئاگاھلاندۇرۇش  ئوقى خاراكتېرىگە ئىگە.

تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار

مەنبەلەر:

BBC News. (2025, November 19). Why Trump’s latest peace plan for Ukraine is different.

CBS News. (2025, November 20). Pentagon officials arrive in Ukraine to discuss military tech, explore peace efforts.

ABC News. (2025, November 21). US revives Ukraine-Russia peace push as Zelenskyy on defensive.

Reuters. (2025, November 19). Ukraine’s Zelenskiy set for talks in Turkey in new peace drive

Associated Press. (2025, November 20). Zelenskyy meets with the U.S. Secretary of the Army.

Politico. (2025, November 19). Witkoff back-channel push on Ukraine alarms allies.

Axios. (2025, November 19). Ukraine peace plan from Trump allies alarms European diplomats.

Axios. (2025, November 20). Trump allies‹ 28-point plan for Ukraine peace revealed.

Kyiv Independent. (2025, November 21). 28 points later: Why Trump’s latest peace plan for Ukraine is different.

Chatham House. (2025, November 22). Trump pressures Ukraine to accept peace deal: Early analysis from Chatham House experts.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*