ئىستراتېگىيەلىك شاھمات ۋە نازۇك تەڭپۇڭلۇقلار: خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىش ئۇرۇنۇشى

2025-يىلى 24-نويابىر

ئىستراتېگىيەلىك شاھمات ۋە نازۇك تەڭپۇڭلۇقلار: خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىش ئۇرۇنۇشى

«NIDS خىتاي خەۋپسىزلىك دوكلاتى 2026» ناملىق دوكلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

ياپونىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات ئىنستىتۇتى (NIDS) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «NIDS خىتاي خەۋپسىزلىك دوكلاتى 2026: تەڭپۇڭسىز ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى: خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيە» ناملىق بۇ دوكلات، ماسايۇكى ماسۇدا، ھىروشى يامازوئې ۋە ئاساكى ئاسامى قاتارلىق ساھەدىكى مۇتەخەسسىس تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلغان[1-بەت]. دوكلات 2025-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «2026» دېگەن تېما ئارقىلىق كەلگۈسى توغرىسىدىكى بىر مۆلچەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى كەسكىنلەشكەن بىر دەۋردە خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى «تەڭپۇڭسىز ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى»نى  (Imbalanced Partnerships) چوڭقۇر تەھلىل قىلىشتۇر. دوكلات، بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن ئۆزگەرگەن گېئوپولىتىكىلىق ھەرىكەتچانلىقلارنى مەركەز قىلغان ئاساستا، بۇ ئۈچ ئاكتىيور ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك ۋە ئۈچ تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپ قۇرۇلمىسىنى، ئىستراتېگىيەلىك يېقىنلىشىشلىرىنى ۋە تۈپ مەنپەئەت پەرقىنى كۆپ قەۋەتلىك نۇقتىئىنەزەردىن يورۇتۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر بىر دۆلەتنىڭ خاس ئىستراتېگىيەلىك ئالدىنقى شەرتلىرىنى مەركەز قىلغان ئۈچ ئاساسلىق باپتىن تەركىب تاپقان بۇ دوكلات، غەرب مەركەزلىك تەھلىللەرنىڭ ھالقىپ ئۆتۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسىنى بىۋاسىتە شەكىللەندۈرۈۋاتقان بۇ ئاكتىيورلارنىڭ ئۆز ئىچىدىكى  ئىچكى ھەرىكەتچانلىقىنى ۋە بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەتراپلىق ئانالىز بىلەن تەمىنلەيدۇ[3-بەت].

دوكلات، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى بىرلەشكەن بىر گۇرۇھ شەكلىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى سۈرۈشتۈرۈش بىلەن بىرگە، مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈپ ئاساسىدىكى «ئاسسىممېترىكلىك»نى ۋە «تەڭپۇڭسىزلىق»نى تەكىتلەيدۇ. خىتاينىڭ يەرشارىۋى تەرتىپنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش نىشانى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشى قاتارلىق ئوخشىمىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ، بۇ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى قانداق شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ تەتقىقات، پەقەت ھەربىي جەھەتنىلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك تەرەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن ئانالىزدا،ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى خەۋپسىزلىك مۇھىتىغا دائىر قىممەتلىك پەرەزلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

كىرىش سۆز: خىتاينىڭ غەربتىن باشقا دۇنيادا كېڭىيىۋاتقان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى

دوكلاتنىڭ ماسايۇكى ماسۇدا تەرىپىدىن يېزىلغان كىرىش سۆز قىسمىدا، شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاينىڭ يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرغان «يەرشارىۋى ھەمكارلىق تورى» قۇرۇش تىرىشچانلىقىنى تەھلىل قىلىنىدۇ[12-بەت]. 2012-يىلى شى رەھبەرلىك ئورنىغا چىققاندىن بۇيان، خىتاي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ سانى 56 دىن 106 گە يەتكەن. بۇ كېڭىيىش، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر چېكىنگەن بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى ئاساسلىقى رۇسىيە، سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە يەرشارىۋى جەنۇب دەپ ئاتالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قاراتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 2024-يىلغا كەلگەندە، خىتاينىڭ ھەمكارلىق تورىنىڭ پەقەت %15 ىلا غەرب ئەللىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ بېيجىڭنىڭ غەربتىن باشقا  ئۆز ئالدىغا بىر دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلىش ئارزۇسىنى ئوچۇق-ئاشكارا نامايان قىلىدۇ [12-بەت].

بۇ ھەمكارلىق تورىنىڭ چوققىسىدا، «يېڭى دەۋر ئۈچۈن ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش ھەمكارلىقى» دەپ تەرىپلەنگەن رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئورۇن ئالىدۇ[14-بەت]. دوكلاتتا، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ماھىيىتى غەربچە «ئىتتىپاق» (alliance) بىلەن خىتايچە«ھەمكارلىق»  ئۇقۇمى (partnership) ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئاساسىدا ئىزاھلىنىدۇ. خىتاي ئىستراتېگىيەچىلىرىگە كۆرە، بىر ئىتتىپاق، پەرەز قىلىنغان بىر دۈشمەنگە قارشى قۇرۇلىدۇ، ھەربىي ۋاسىتىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ ۋە ئادەتتە قاتلاملىق بىر قۇرۇلمىغا ئىگە بولىدۇ. ھەمكارلىق بولسا، ئۈچىنچى دۆلەتلەرنى چەتكە قاقمايدۇ، سىياسىي ھەمكارلىق ھەم  كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ ھەمدە تەرەپلەر ئارىسىدىكى باراۋەرلىككە تايانغان بىر مۇناسىۋەتنى نىشان قىلىدۇ [15-بەت]. خىتاي، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن باشتىن كەچۈرگەن ئىتتىپاق تەجرىبىسىدىن ساۋاق ئېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقىنى قوغدىيالايدىغان جانلىق ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى قۇرۇشنى تاللىماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ بابتا دوكلاتنىڭ ئاساسلىق تېزىسى بولغان «تەڭپۇڭسىزلىق» ئۇقۇمىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ مۇھىم پەرق ۋە يوشۇرۇن زىددىيەتلەر مەۋجۇت. خىتاي، يەرشارىۋى ھەمكارلىقلىرىنى ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك قاتارلىق كۆپ خىل سىياسەت ۋاسىتىلىرى بىلەن كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيە تېخىمۇ كۆپ «قاتتىق كۈچ» ۋە ھەربىي مەركەزلىك ۋاسىتىلەرگە تايانماقتا. بولۇپمۇ 2023-يىلدىن باشلاپ رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدا تەرەققىي قىلغان ۋە ئەمەلىيەتتە بىر ئىتتىپاق خاراكتېرىنى ئالغان يېقىنلىشىش، ھەم خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ماھىيىتىگە ھەم خىتاينىڭ ھەمكارلىق دىپلوماتىيەسىنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىغا خىرىس ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋال، بېيجىڭنىڭ رايونلۇق مۇقىملىقنى قوغداش نىشانى بىلەن زىددىيەتلىك بىر ھەرىكەتچانلىقنى ياراتماقتا [15-بەت]. بۇ كىرىش سۆز، دوكلاتنىڭ كېيىنكى بابلىرىدا تەھلىل قىلىنىدىغان مۇرەككەپ ۋە زىددىيەتلىك مۇناسىۋەت تورىنىڭ ئاساسلىق رامكىسىنى سىزىپ بېرىدۇ.

1-باب: چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى ئاستىدىكى خىتاينىڭ يەرشارىۋى دىپلوماتىك مەيدانى: ئاسسىممېترىك بىر خىتاي-رۇسىيە «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى»

ماسايۇكى ماسۇدا تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ بابتا، چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن بىرگە خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىدە روشەنلەشكەن ئىككى نۇقتىنى مەركەز قىلىپ، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى بۇ دائىرىدە تەھلىل قىلىنىدۇ. بىرىنچىسى، بېيجىڭنىڭ يەرشارىۋى جەنۇبقا يۆنەلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئۇپۇقلىرىنى كېڭەيتىش تىرىشچانلىقى ۋە غەرب زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەندىزىسىگە بىر ئالتېرناتىپ سۈپىتىدە «ئىنسانىيەت ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئورتاق تەقدىرى» (人类命运共同体) بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقىدۇر [18-بەت]. ئىككىنچىسى بولسا، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى قاتارلىق ئۆز ئەتراپىدىكى «توقۇنۇش نۇقتىلىرى» دا(flashpoints) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىدۇر. دوكلاتتا، خىتاي-رۇسىيە «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى»نىڭ بۇ تىرىشچانلىقلار ۋە مەجبۇرىيەتلەرنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا شەكىللەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

«خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇش» ۋە غەربكە قارشى سۆزلەم

بۇ باب، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاينىڭ، بولۇپمۇ 2022-يىلدىكى 20-قۇرۇلتايدىن كېيىن، غەرب باشچىلىقىدىكى خەلقئارا تەرتىپكە بارغانسېرى خىرىس قىلىدىغان بىر پوزىتسىيەنى قوللانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. «خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇش» (中国式现代化) تېزىسى، غەرب ئەندىزىسىنىڭ «كاپىتالنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان»، «كۈچلۈكنىڭ قانۇنىنى ياقلايدىغان» ۋە «زومىگەرلىك» ماھىيىتىنى تەنقىد قىلىپ،ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يېڭى بىر ئالتېرناتىپ سۇنۇۋاتقانلىق دەۋاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ [19-بەت]. شىنىڭ بۇ سۆزلىمى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ تۇتقان يولىغا بولغان «ئۆزىگە ئىشىنىش» ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ تاشقى سىياسىتىنى تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن شەكىللەندۈرۈشىگە زېمىن ھازىرلىغان بولۇپ، بۇ ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ئارقىسىدا، «شەرقنىڭ گۈللىنىپ، غەربنىڭ زاۋال تېپىشى» ( (东升西降يۆنىلىشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك باھالاش ياتماقتا [21-بەت].

بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى (GDI)، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى (GSI) ۋە يەرشارىۋى مەدەنىيەت تەشەببۇسى (GCI) قاتارلىق «ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇس»نى ئىلگىرى سۈردى. بۇ تەشەببۇسلار، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەر ۋە تەرەققىيات ياردەملىرى ئارقىلىق جەنۇبتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ۋە خەلقئارا سەھنىدە بېيجىڭغا قوللاش توپلاشنى مەقسەت قىلىدۇ [22-بەت]. BRICS  قاتارلىق سۇپىلارنىڭ كېڭەيتىلىشىمۇ بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر. خىتاي، BRICS Plus  مېخانىزمى ئارقىلىق ئەزا دۆلەتلەر سانىنى كۆپەيتىپ، سۇپىنىڭ خەلقئارا سىياسەتتىكى تەسىرى ۋە ۋەكىللىك كۈچىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان ھەمدە بۇ جەرياندا رۇسىيە بىلەنمۇ يېقىن بىر ماسلىشىش ئىچىدە بولغان [23-بەت]. بۇ تىرىشچانلىقلار، خىتاينىڭ  خەلقئارا تەرتىپنى ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئۇزۇن مۇددەتلىك قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش ئارزۇسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خىتاي ئەتراپىدىكى چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى

بىراق، دوكلات بېيجىڭنىڭ بۇ تەشەببۇسكار تەسەۋۋۇرىنىڭ، ئۆز ئەتراپىدىكى گېئوپولىتىكىلىق رېئاللىقلار بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. «شەرقنىڭ گۈللىنىشى» سۆزلىمىگە قارىماي، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدىمۇ «شەرقنىڭ ئاجىز، غەربنىڭ كۈچلۈك » (东弱西强) رېئاللىقىنىڭ  يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا دائىر قاراشلار مەۋجۇت [24-بەت]. بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشى، خىتاي ئەتراپىدىكى ئىستراتېگىيەلىك بېسىمنى ئاشۇردى. QUAD، AUKUS ۋە ئامېرىكا-ياپونىيە-جەنۇبىي كورېيە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى قاتارلىق مېخانىزملار، بېيجىڭ تەرىپىدىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ «ناتولىشىشى» دەپ قارىلىپ، ئېغىر بىر تەھدىت سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە [25-بەت].

بۇ تەھدىت تۇيغۇسى، خىتاينىڭ بولۇپمۇ تەيۋەن ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا تېخىمۇ قەتئىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن بېسىم خاراكتېرلىك پوزىتسىيەدە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2022-يىلى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىدىن بۇيان، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى (PLA) تەيۋەن ئەتراپىدا قەرەللىك ھالدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرلار ئۆتكۈزۈپ، رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى دائىملىق ھالەتكە كەلتۈرمەكتە [25-بەت]. ئوخشاش شەكىلدە، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا فىلىپپىنغا قارىتىلغان بېسىم ئېشىپ، خىتاي دېڭىز ساھىل مۇھاپىزەت قىسىملىرى ۋە دېڭىز خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىك ھەرىكەتلىرى كۈچەيدى [26-بەت]. بۇ ئۆزگىرىشلەر، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن تېخىمۇ بىۋاسىتە بولغان ئۇسۇللارغا ۋە ھەربىي ئۇسۇللارغا مۇراجىئەت قىلىشقا مايىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

چوڭقۇرلىشىۋاتقان خىتاي-رۇسىيە «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى»

خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى بۇ گېئوپولىتىكىلىق بېسىمغا جاۋابەن، رۇسىيە بىلەن بولغان «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق» ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. بۇ ھەمكارلىق، بولۇپمۇ ھەربىي ساھەدە گەۋدىلەنمەكتە. ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى ئارىسىدا 2012-يىلى باشلانغان «دېڭىز بىرلەشمە » (Joint Sea) مانېۋىرلىرى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «ئۇرۇش ھالىتىدىن باشقا ھەربىي ھەرىكەتلەر» (MOOTW) دىن ھالقىپ، ھاۋا مۇداپىئەسى، سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئارالنى ئىگىلەش قاتارلىق تېخىمۇ ئەنئەنىۋى «ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى» (war-fighting operations) غا مەركەزلەشتى [28-بەت]. مانېۋىرلارنىڭ ئاق دېڭىز ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى قاتارلىق گېئوپولىتىكىلىق جەھەتتىن سەزگۈر رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىشى، بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى ئىستراتېگىيەلىك بىر پوپوزا قىلىشنىمۇ  ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ھەربىي ھەمكارلىق، 2019-يىلدىن باشلاپ قەرەللىك ھالغا كەلگەن بىرلەشمە ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان چارلاشلىرى ۋە بىرلەشمە دېڭىز چارلاشلىرى بىلەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى [30-بەت]. بۇ چارلاشلارنىڭ جۇغراپىيەلىك دائىرىسى ۋە ۋاقتى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ياپونىيە دېڭىزى ۋە شەرقىي خىتاي دېڭىزىنىڭ سىرتىغا ھالقىپ، غەربىي تىنچ ئوكيانغا ۋە ھەتتا ئالياسكا دېڭىز تەۋەلىكىگىچە ئۇزارماقتا. دوكلات، بۇ بىرلەشمە ھەرىكەتلەر، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش، ھەربىي ئىقتىدارىنى سىناش ۋە تاشقى دۇنياغا قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىش مەقسىتىنى بىلدۈرىدۇ [31-بەت].

«ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق»نىڭ ئاسسىممېترىك ماھىيىتى

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ باپنىڭ ئەڭ جانلىق نۇقتىسى، بۇ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ «ئاسسىممېترىك» ماھىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر. بىرىنچىدىن، ھەربىي-تېخنىكىلىق ھەمكارلىقنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاساسلىقى رۇسىيە. موسكۋا، خىتايغا S-400 ۋە Su-35 قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلىق قورال سىستېمىلىرىنى تەمىنلەش بىلەن بىرگە، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇشقا ياردەم قىلىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك دەرىجىدىكى ياردەملەرنى سۇندى [34-بەت]. بۇنىڭغا قارىتا، خىتاينىڭ رۇسىيەگە قىلغان ياردىمى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي ساھەگە تېخىمۇ كۆپ مەركەزلەشتى. خىتاينىڭ رۇسىيەگە قىلغان ئېكسپورتى ئېشىپ، غەرب ئېمبارگولىرىنىڭ ئۇكرائىناغا بولغان تەسىرىنى مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلەتتى، ئەمما بېيجىڭ، رۇسىيەنىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي نىشانلىرىغا بىۋاسىتە تۆھپە قوشىدىغان ھەربىي ھەمكارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا [35-بەت].

ئىككىنچىدىن، ھەمكارلىقنىڭ جۇغراپىيەلىك مەركىزىمۇ ئاسسىممېترىك. رۇسىيە، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى (بولۇپمۇ تەيۋەن ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى) ھەربىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى قوللاۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي، رۇسىيەنىڭ ياۋروپادىكى ئۇرۇشىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىشتىن يىراق تۇرماقتا. بۇ ئەھۋال، خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زومىگەرلىكىگە قارشى رۇسىيە بىلەن تەڭپۇڭلۇق قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقاندا، يەنە بىر تەرەپتىن غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ قويۇشتىن ۋە رۇسىيەنىڭ «ۋەيران قىلغۇچى ئاكتىيور» ئوبرازى بىلەن باغلىنىشلىق تەسىر بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاسسىممېترىكلىك، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا سىستېمىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى تۈپ پەرقلىنىشتىن كېلىپ چىقماقتا: خىتاي، ھازىرقى سىستېمىنى ئۆز پايدىسىغا قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بىر «سىستېما تىزگىنىكى» بولسا، رۇسىيە، سىستېمىنى تۈپتىن تەۋرىتىۋاتقان «ۋەيران قىلغۇچى بىر ئاكتىيور» ئورنىدا تۇرماقتا [38-بەت].

يېڭى رۇسىيە-شىمالىي كورېيە مۇناسىۋىتى ۋە خىتاي ئۈچۈن نامەلۇملۇق

بۇ باب ئاخىرىدا، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيە ئارىسىدا 2023-يىلدىن باشلاپ كۈچىيىۋاتقان يېقىنلىشىشنىڭ خىتاي ئۈچۈن ياراتقان يېڭى ئېنىقسىزلىقىغا دىققەتنى ئاغدۇرىدۇ. 2024-يىلى 6-ئايدا ئىمزالانغان ۋە ئەمەلىيەتتە بىر ھەربىي ئىتتىپاق خاراكتېرىنى ئالغان «ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى»، خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە [36-بەت]. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى، بۇ يېقىنلىشىشنىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە-جەنۇبىي كورېيە ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى ۋە رايوندا بىر «گۇرۇھلۇق توقۇنۇش»نى قوزغىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇ ئەھۋال، خىتاينىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدىكى تۈپ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىمۇ قىيىنلاشتۇرماقتا [37-بەت]. خىتاي، بىر تەرەپتە رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيە، يەنە بىر تەرەپتە ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدا نازۇك بىر تەڭپۇڭلۇق قۇرۇشقا تىرىشماقتا، ئەمما بۇ تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى تېپىشنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.

خۇلاسىلىگەندە، بۇ باب خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ تەشەببۇسكار بىر يەرشارىۋى تەسەۋۋۇر بىلەن ئىنكاسچان بىر رايونلۇق خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى ئارىسىدا قىسىلىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. رۇسىيە بىلەن قۇرۇلغان «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق» بۇ ۋەزىيەتنى باشقۇرۇشتىكى ھالقىلىق بىر ۋاسىتە بولسىمۇ، مۇناسىۋەتنىڭ ئاسسىممېترىك ماھىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن قۇرغان يېڭى ئىتتىپاقى، بېيجىڭ ئۈچۈن ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ۋە مۇقىمسىزلاشتۇرغۇچى ئامىللارنى ياراتماقتا [39-بەت].

2-باب: رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشى ۋە خەلقئارا قائىدىلەر: خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە دائىر ئەندىشىلەر

ھىروشى يامازوئې تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ بابتا، رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن كىرىپ قالغان پەۋقۇلئاددە ۋەزىيىتىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق شەكىللەندۈرگەنلىكى رۇسىيە نۇقتىئىنەزىرىدىن تەھلىل قىلىنىدۇ. يامازوئې، رۇسىيەنىڭ بۇ ۋەزىيىتىنى «يېرىم جىددىي ھالەت» (quasi-emergency) دەپ ئۇقۇملاشتۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال،  رۇسىيەدىكى گەرچە تولۇق كۆلەملىك  جىددىي ھالەت سەپەرۋەرلىكى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، دۆلەتنىڭ بارلىق بايلىقلىرى ۋە سىياسەتلىرى ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا بېغىشلانغان، غەرب بىلەن دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلەر ئۈزۈلگەن ۋە خەلقئارا قائىدىلەر سىستېمىلىق ھالدا دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان بىر ۋەزىيەتنى ئىپادىلەيدۇ. [42-بەت].

«يېرىم جىددىي ھالەت» ۋە «قورقۇتۇش كوزىرى»

بۇ باب، رۇسىيەنىڭ بۇ «يېرىم جىددىي ھالەت»تىن چىقىشىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، چۈنكى پۇتىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇشنى نىشانىغا يەتمەي تۇرۇپ ئاخىرلاشتۇرۇشىنىڭ ئۆز قانۇنلۇقلۇقىنى تەۋرىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇرۇشنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى ۋە غەربنىڭ ئۇكرائىناغا بەرگەن ياردىمىنىڭ داۋاملىشىشى، موسكۋانى ئىككى تۈپ ئىستراتېگىيەگە يۈزلەندۈردى. بىرىنچىسى، غەربتىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېمبارگولارنى يېڭىپ، ئۇرۇش ئىقتىسادىنى ساقلاپ قېلىش. ئىككىنچىسى بولسا، غەرب جامائىتىدە قورقۇنچ پەيدا قىلىش ۋە خەلقئارا قائىدىلەرنى يىمىرىش ئارقىلىق ئۇكرائىناغا بېرىلىۋاتقان ياردەمنى ئۈزۈۋېتىش. يامازوئې بۇ ئىككىنچى ئىستراتېگىيەنى «قورقۇتۇش كوزىرى» (cards of fear) دەپ ئاتايدۇ [42-بەت].

بۇ «قورقۇتۇش كوزىرى»، رۇسىيەنىڭ يادرو قورالى ئىشلىتىش تەھدىتلىرى (مەسىلەن، بېلارۇسىيەگە تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارى، يېڭى START كېلىشىمىنى توختىتىپ قويۇشى)، زاپورىژژىيا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئىشغال قىلىپ، بىر يادرو ئاپىتى خەۋپىنى يارىتىشى ۋە ATACMS قاتارلىق ئۇزۇن مۇساپىلىك غەرب قوراللىرىنىڭ رۇسىيە زېمىنىدا ئىشلىتىلىشىگە قارشى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولۇشى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ [46، 48-بەتلەر]. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ مەقسىتى، جىددىي بىر تاكتىكىلىق زۆرۈرىيەتتىن زىيادە، غەربتە جىددىيچىلىكنىڭ خەتەرلىك دەرىجىدە كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىنلىكى ئەندىشىسىنى يارىتىپ، ئۇلارنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشقا مەجبۇرلاشتۇر. دوكلات، بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ غەربنىڭ قارار چىقىرىش جەريانلىرىنى ئاستىلىتىشتا ۋە ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش سۈرئىتىنى ئاجىزلىتىشتا ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئىما قىلىدۇ.

خىتاي بىلەن ماسلىشىش ۋە ماسلاشماسلىق

«يېرىم جىددىي ھالەت»تىكى رۇسىيە ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر جان تومۇرغا ئايلاندى. خىتاي، رۇسىيەنىڭ ياۋروپادىن يوقاتقان ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇردى ۋە رۇسىيە ئېھتىياجلىق بولغان سانائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەمىنلىگۈچى ئورنىغا ئۆتتى [51-بەت]. بۇ ئىقتىسادىي قوللاش، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ماشىنىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلىدى. ھەربىي ساھەدە بولسا، خىتاي بىلەن ھىندى-تىنچ ئوكياندا ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە مانېۋىرلار ۋە چارلاشلار، رۇسىيە ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى ئىشلىتەلەيدىغان يەنە بىر «قورقۇتۇش كوزىرى» ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. بۇ ھەرىكەتلەر، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىش ۋە غەربنىڭ دىققىتىنى بىردىن ئارتۇق سەپكە بۆلۈش ئارقىلىق رۇسىيەگە ئىستراتېگىيەلىك بىر ئەۋزەللىك ئېلىپ كەلمەكتە [52-بەت].

بىراق، بۇ باب بۇ يېقىنلىشىشنىڭ ئىشنىڭ پەقەت بىر يۈزى ئىكەنلىكىنى ۋە مۇناسىۋەتتە ئېغىر «ماسلاشماسلىق» مۇ بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ.مەسىلەن، رۇسىيە، ئۆزىنىڭ جىددىي ئۇرۇش ئېھتىياجلىرىنى بېيجىڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە تېخىمۇ ئېھتىياتچان ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت قىلالايدۇ. بۇنىڭ ئەڭ روشەن مىسالى، خىتاي بىلەن يادرو قوراللىرىنىڭ دۆلەت سىرتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر بىرلەشمە بايانات ئىمزالىغاندىن كېيىن پەقەت تۆت كۈن ئۆتۈپلا بېلارۇس تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىنى ئېلان قىلىشىدۇر [54-بەت]. ئوخشاش شەكىلدە، ئودېسسادا خىتايغا بارىدىغان ئاشلىقلار تۇرغان ئامبارلارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلىشىمۇ، موسكۋانىڭ ئۆز ھەربىي ئالدىنقى شەرتلىرىگە كەلگەندە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ ئەھۋال، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ چېگراسىنى ۋە ئاسسىممېترىك ماھىيىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ.

ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە تەرتىپنى يىمىرىش ئۈچۈن شىمالىي كورېيەنى ئىشلىتىش

بۇ باپنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان تەھلىلى، رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق قىلىپ «يېرىم جىددىي ھالەت»نىڭ بىر زۆرۈرىيىتى سۈپىتىدە قايتىدىن شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈستىدىدۇر. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولىرىنى قوللاپ كەلگەن رۇسىيە، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان غايەت زور مىقداردىكى زەمبىرەك ئوقى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تەمىنلەش ئۈچۈن بۇ ئېمبارگولارغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق خىلاپلىق قىلىشقا باشلىدى [55-بەت]. سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە ئىستىخبارات دوكلاتلىرى، شىمالىي كورېيەنىڭ پورتلىرىدىن رۇسىيەگە ئۈزلۈكسىز بىر ئوق-دورا ئېقىمىنىڭ بارلىقىنى دەلىللىمەكتە. بۇ ھەربىي ياردەم، رۇسىيەنىڭ يۇقىرى زىچلىقتا زەمبىرەككە تايانغان ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى [57-بەت].

بۇ ھەمكارلىق، ئوق-دورا يۆتكەشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 2024-يىلى 6-ئايدا ئىمزالانغان ۋە بىر ھۇجۇم يۈز بەرگەن ئەھۋالدا ئۆزئارا ھەربىي ياردەم بېرىشنى كۆزدە تۇتقان «ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» بىلەن ئەمەلىيەتتە بىر ئىتتىپاققا ئايلاندى. بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئەڭ كونكرېت نەتىجىسى بولسا، شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ كۇرسك رايونىدىكى توقۇنۇشلارغا قاتنىشىشى بولدى [59-بەت]. رۇسىيە، ئۆز زېمىنىغا قارىتىلغان بىر ھۇجۇمنى تارمار قىلىش ئۈچۈن چەت ئەل ئەسكەرلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ھەم ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ تالاپىتىنى ئازايتتى ھەم سەپتە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. بۇ ھەرىكەت، رۇسىيەنىڭ خەلقئارا قائىدىلەرگە قانچىلىك يۇقىرى دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رۇسىيە ئۈچۈن شىمالىي كورېيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى، ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن بىر مەنبەگە ئېرىشىش ۋە يادرو قورالىغا ئىگە بىر دۆلەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق غەربكە قارشى يېڭى بىر «قورقۇتۇش كوزىرى»نى ئويناش مەقسىتىنى بىلدۈرىدۇ [61-بەت].

خۇلاسىلىگەندە، بۇ بابتا «يېرىم جىددىي ھالەت»تىكى رۇسىيەنىڭ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن خەلقئارا قائىدىلەرنى يىمىرىدىغان، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئۆز مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق ئاكتىيورلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق رايوندىكى مۇقىملىقنى خەۋپكە ئىتتىرىۋاتقان ۋەيران قىلغۇچ بىر كۈچكە ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ ئەھۋال،   ئۆز ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرى بىلەن ھەر دائىم ئوخشاش بولمىسىمۇ،خىتاينىڭ  غەرب، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە ئۈچۈن بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر خەۋپسىزلىك ئەندىشىسىنىڭ مەنبەسى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

3-باب: شىمالىي كورېيەنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشى: چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدا قېلىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللاشلار

ئاساكى ئاسامى تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ بابتا، شىمالىي كورېيەنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللاشلىرىنى، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش (regime survival) ئاساسلىق نىشانى ئەتراپىدا شەكىللەنگەن بىر مەۋجۇتلۇق كۈرىشى سۈپىتىدە مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. دوكلاتتا، پيوڭياڭنىڭ چوڭ دۆلەتلەر (ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي، رۇسىيە) ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت مۇھىتىدا ئۆز مۇستەقىللىقىنى قوغداش ۋە ھاكىمىيەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويغان مۇرەككەپ ۋە ئەمەلىيەتچان ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر تەكشۈرۈلىدۇ [64-بەت].

ھايات قېلىش ئىستراتېگىيەسى: جۇچې ۋە يادرو قوراللىرى

بۇ بابتا، شىمالىي كورېيەنىڭ بارلىق ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈپ ئاساسىدا جۇچې (ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش) ئىدىئولوگىيەسى ۋە بۇنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ئەكس ئېتىشى بولغان «مۇداپىئەدە ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش» پىرىنسىپىنىڭ ياتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ[65-بەت]. بۇ پىرىنسىپنىڭ ئەڭ كونكرېت ۋە ۋاز كېچىلمەس ۋاسىتىسى بولسا يادرو قوراللىرىدۇر. پىيوڭياڭ ئۈچۈن يادرو قوراللىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «دۈشمەنلىك سىياسەتلىرى»گە قارشى ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان بىردىنبىر توسۇش كۈچىدۇر. 2018-   19 -يىللىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشلىرىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى، شىمالىي كورېيەنى يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىشنىڭ بىر تاللاش ئەمەسلىكىگە پۈتۈنلەي قايىل قىلدى. بۇ تارىختىن كېيىن پىيوڭياڭ، تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن «بەش يىللىق مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسى ۋە قورال-ياراغ سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى»نى يولغا قويغان ۋە يادرو قوراللىرىنى تۇنجى ئىشلىتىش چېگراسىنى تۆۋەنلەتكەن يېڭى بىر يادرو دوكتىرىناسىنى قوبۇل قىلغان [67-بەت]. بۇ قەدەملەر، شىمالىي كورېيەنىڭ ئۆزىنى ئەمەلىيەتتە بىر «يادرو دۆلىتى» سۈپىتىدە  قوبۇل قىلدۇرۇش ۋە كەلگۈسىدىكى مۇمكىن بولغان سۆھبەتلەرگە بۇ سالاھىيەت بىلەن ئولتۇرۇش قەتئىي ئىرادىسىنى كۆرسىتىدۇ.

خىتاي بىلەن «ئەنئەنىۋى دوستلۇق»: ئىقتىسادىي بېقىندىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يىراقلىشىش

شىمالىي كورېيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، «كالپۇك بىلەن چىش» قا ئوخشاش دەپ ئىپادىلەنگەن «ئەنئەنىۋى بىر دوستلۇق» دەپ تەرىپلەنسىمۇ، بۇ مۇناسىۋەت خېلىلا ئەمەلىيەتچىل ۋە بەزىدە جىددىيچىلىككە تولغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە شىمالىي كورېيە، خەلقئارا ئېمبارگولار ئاستىدا ھايات قالالاش ئۈچۈن خىتايغا زور دەرىجىدە بېقىنىدۇ. سودىسىنىڭ %90 دىن كۆپرەكىنى خىتاي بىلەن قىلىدۇ ۋە ئاساسلىق ئېھتىياجلىق ئەشيالىرىنى خىتايدىن توشۇيدۇ [69-بەت]. ئەمما بۇ ئىقتىسادىي بېقىندىلىق، جۇچې ئىدىيولوگىيەسى بىلەن زىت بولۇپ، پىيوڭياڭ ئۈچۈن بىر ئاجىزلىق نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بولۇپمۇ خىتاينىڭ، يادرو سىناقلىرىغا جاۋابەن ب د ت ئېمبارگولىرىنى قوللىغان مەزگىللەردە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئېغىر دەرىجىدە جىددىيلەشكەن [70-بەت].

دوكلات، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو توسۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغانسېرى، خىتايغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك بېقىندىلىقىنى ئازايتىشقا مايىل ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پىيوڭياڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مەسىلىلىرىنى خىتاينىڭ ۋاسىتىچىلىكىسىز، بىۋاسىتە ۋە بىر «يادرو دۆلىتى» سۈپىتىدە سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇپ ھەل قىلىشنى خالايدۇ. خىتاينىڭ «قوش يول» (dual-track) ياكى «توختىتىشقا قارشى توختىتىش» (suspension-for-suspension) قاتارلىق تەكلىپلىرىدە، يادرو پروگراممىسىنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن،  بۇ تەكلىپلەر شىمالىي كورېيە ئۈچۈن قوبۇل قىلىنماس تەكلىپلەردۇر [74-بەت]. بۇ ئەھۋال، خىتاي-شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئاساسقا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئىستراتېگىيەلىك ۋە سىياسىي ساھەدە پيوڭياڭنىڭ تېخىمۇ مۇستەقىل بىر يول تۇتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىش: ئىستراتېگىيەلىك بىر پۇرسەت

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، شىمالىي كورېيە ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك بىر پۇرسەت دېرىزىسىنى ئاچتى. پىيوڭياڭ، ئۇرۇشنى دەرھال قوللاپ رۇسىيەنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، بۇ قوللاشنىڭ بەدىلىنى كۆپ تەرەپلىمە  ئۆتىدى. بۇ يېقىنلىشىشنىڭ شىمالىي كورېيە ئۈچۈن قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتلىرى بار:

1. قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەتلەر: شىمالىي كورېيە، رۇسىيەگە تەمىنلىگەن غايەت زور مىقداردىكى زەمبىرەك ئوقى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ بەدىلىگە يېمەكلىك، ئېنېرگىيە (بولۇپمۇ نېفىت) ۋە ئىقتىسادىي ياردەم ئالماقتا. رۇسىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئېمبارگونى كۆزىتىش ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنى ۋېتو قىلىشى، پيوڭياڭنىڭ قانۇنسىز تور ھۇجۇمى ۋە ئەتكەسچىلىك پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئەركىن داۋاملاشتۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى [77-بەت]. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلگەن شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرى، زامانىۋى جەڭ مەيدانىدا بىباھا  تەجرىبىلەرگە ئېرىشمەكتە [76-بەت].

2. ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتلەر: ئېرىشكەن ئەڭ مۇھىم نەتىجە بولسا ھەربىي تېخنىكا يۆتكىلىشىدۇر. دوكلات، شىمالىي كورېيەنىڭ مەغلۇپ بولغان ھەربىي رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى سىنىقىدا ئىشلىتىلگەن راكېتا موتورى، «ھائىل» (Haeil) ناملىق يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە سۇ ئاستى ئۇچقۇسى ۋە يېڭىدىن ياسالغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردا رۇسىيە تېخنىكىسىنىڭ ئىشلىتىلگەن بولۇش ئېھتىماللىقىغا دائىر كۈچلۈك گۇمانلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ [76-بەت]. ئۇزۇن مۇددەتتە بولسا ئەڭ چوڭ نىشانى، رۇسىيە تەرىپىدىن ئەمەلىيەتتە بىر «يادرو دۆلىتى» سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشتۇر. رۇسىيەنىڭ كەلگۈسىدە ئېمبارگولارنىڭ قايتا كۆرۈپ چىقىلىشى كېرەكلىكىنى ياقلىشى، بۇ نىشانغا يېتىشتە مۇھىم بىر دىپلوماتىك ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

DPRK-رۇسىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە «ئىتتىپاق» ئۇقۇمى

2024-يىلى 6-ئايدا ئىمزالانغان «ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى»، بۇ يېقىنلىشىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. كېلىشىمنىڭ 4-ماددىسى، بىر ھۇجۇم يۈز بەرگەن ئەھۋالدا تەرەپلەرنىڭ «كېچىكتۈرمەي… قولىدىكى بارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ھەربىي ۋە باشقا ياردەملەرنى بېرىدىغانلىقىنى» بەلگىلىگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۆزلۈكىدىن ئارىلىشىش مەنىسىگە ئىگە[78-بەت]. كىم جوڭ ئۇن بۇ مۇناسىۋەتنى كۆپ قېتىم «ئىتتىپاق» دەپ سۈپەتلىگەن بولسىمۇ، پۇتىننىڭ بۇنىڭغا باقماي تېخىمۇ ئېھتىياتچان بىر تىل ئىشلىتىشى، ئىككى دۆلەتن ھەمكارلىققا يۈكلىگەن مەنىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرسىتىدۇ [79-بەت].

بۇ باب، ستىفېن ۋولتنىڭ «تەھدىت تەڭپۇڭلۇقى» (Balance of Threat) نەزەرىيەسىنى قوللىنىپ، بۇ ئىتتىپاقنىڭ كەلگۈسىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتلەر پەقەت كۈچ تەقسىماتىغا قاراپلا ئەمەس، بەلكى ھېس قىلغان تەھدىتنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ ئىتتىپاق تۈزىدۇ. شىمالىي كورېيە ۋە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ھېس قىلغان تەھدىت دەرىجىسى، بولۇپمۇ جۇغراپىيەلىك يېقىنلىق ۋە ئومۇمىي كۈچ جەھەتتىن ئوخشاش ئەمەس. شۇڭلاشقا، بۇ ئىتتىپاقنىڭ ناتوغا ئوخشاش چوڭقۇر ۋە تەشكىلىي بىر قۇرۇلمىغا ئايلىنىشى ناتايىن [80-بەت]. ئەمما بۇ ئاجىزلىق، ئىتتىپاقنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدا بىر توقۇنۇشنى توسۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىيەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھېچبولمىغاندا، بۇ كېلىشىم شىمالىي كورېيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنى چەكلىمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ئىستراتېگىيەلىك بوشلۇق يارىتىپ بېرىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، بۇ باب شىمالىي كورېيەنىڭ چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىنى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئۇستىلىق بىلەن ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، رۇسىيە بىلەن ھەربىي بىر ئىتتىپاق قۇرۇش ئارقىلىق يادرو سالاھىيىتىنى مۇستەھكەملىمەكتە، ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرماقتا ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كەلگۈسىدىكى مۇمكىن بولغان سۆھبەتلەر ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ئىمكانلىرىنى كېڭەيتمەكتە. بۇ ئەھۋال، شەرقىي ئاسىيادىكى خەۋپسىزلىك تەڭلىمىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەكتە [82-بەت].

خۇلاسە: خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەتەرلىك بىر ھەرىكەتچانلىق

دوكلاتنىڭ ماسايۇكى ماسۇدا تەرىپىدىن يېزىلغان خۇلاسە قىسمى، ئالدىنقى ئۈچ باپنىڭ تەھلىللىرىنى بىرىكتۈرۈپ، خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر شەكىللەندۈرگەن خەتەرلىك ۋە مۇقىمسىز ھەرىكەتچانلىقنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. بۇ بابتا، بۇ ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا پۇختا بىر «ئۈچبۇلۇڭ» ياكى بىر پۈتۈن «گۇرۇھ»نىڭ يوقلۇقى، ئەكسىچە مۇناسىۋەتلەرنىڭ «تەڭپۇڭسىز»، «ئاسسىممېترىك» ۋە ئاساسلىقى ئىككى تەرەپلىك مەنپەئەتكە ئاساسلانغانلىقى تەكىتلىنىدۇ [86-بەت]. بۇ مۇناسىۋەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان ئاساسلىق ئورتاقلىق، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاق سىستېمىسىغا ۋە غەربنىڭ يەرشارىۋى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى بىر تەڭپۇڭلۇق يارىتىش ئارزۇسىدۇر. ئەمما بۇ ئورتاق نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يولغا قويغان ئىستراتېگىيەلىرى، ئىشلەتكەن ۋاسىتىلىرى ۋە ئالدىنقى شەرتلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.

بۇ پەرقلەر، دوكلاتتا «مەركەزگە ئىنتىلگۈچى» (centripetal) ۋە «مەركەزدىن قاچقۇچى» (centrifugal) كۈچلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىشى دەپ تەرىپلىنىدۇ. مەركەزگە ئىنتىلگۈچى كۈچ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى ئۈچ دۆلەتنى بىر يەرگە كەلتۈرگەن ئىستراتېگىيەلىك زۆرۈرىيەتلەردۇر. مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ بولسا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى، ئوخشىمىغان ئىستراتېگىيەلىك مەدەنىيەت ۋە ئالدىنقى شەرتلەردىن كېلىپ چىققان ئايرىغۇچى ئامىللاردۇر [87-بەت]. مەسىلەن، خىتاي، ھازىرقى خەلقئارا سىستېمىنى ئۆز پايدىسىغا ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرگە تايانغان بىر ئىستراتېگىيە يولغا قويسا؛ رۇسىيە، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىرىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدىغان، ھەربىي مەركەزلىك ۋە سىستېمىنى ۋەيران قىلغۇچى بىر ئاكتىيور ئورنىدا تۇرماقتا. شىمالىي كورېيە بولسا، بۇ رىقابەتنى پۈتۈنلەي ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە يادرو كۈچى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىش نىشانى ئۈچۈن بىر پۇرسەت دەپ قارىماقتا.

بۇ ئاسسىممېترىك ھەمكارلىقلارنىڭ ئەڭ خەتەرلىك نەتىجىسى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەۋپسىزلىك مۇھىتىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشىدۇر. دوكلات ئىككى ھالقىلىق خۇلاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ:

1. خىتاي-رۇسىيە «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى»، خىتاينىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. رۇسىيەنىڭ ھەربىي تېخنىكىسى ۋە بىرلەشمە مانېۋىرلاردا ئېرىشكەن تەجرىبىسى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋى جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتمەكتە ۋە تەيۋەن قاتارلىق يوشۇرۇن توقۇنۇش سېنارىيەلىرىدە خىتاينىڭ ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرماقتا.

2. رۇسىيە-شىمالىي كورېيە يېقىنلىشىشى، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتمەكتە. رۇسىيەدىن تەمىنلەنگەن تېخنىكا، ئىقتىسادىي ياردەم ۋە دىپلوماتىك ھىمايە، پيوڭياڭنىڭ يادرو قورال-ياراغ ئامبىرىنى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىك ھالغا كەلتۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە.

خۇلاسىلىگەندە، بۇ ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا قۇرۇلغان ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى، گەرچە بىر-بىرى بىلەن تولۇق ماسلىشىش ئىچىدە بولمىسىمۇ، بىر يەرگە كەلگەندە رايوندىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزگەرتىدىغان ۋە ئېنىقسىزلىقنى ئاشۇرىدىغان بىر تەسىرنى ياراتماقتا. خىتاي، رۇسىيە-شىمالىي كورېيە ئىتتىپاقى ئېلىپ كەلگەن مۇقىمسىزلىق خەۋپىدىن بىئارام بولسىمۇ، رۇسىيە بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى تەڭپۇڭلۇق يارىتىشتىكى ئەھمىيىتى سەۋەبىدىن بۇ ئەھۋالغا قايسى دەرىجىدە يول قويىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. رۇسىيە بولسا، خىتاينىڭ رازىلىقى بولمىسىمۇ ئۆز «قورقۇتۇش كوزىرى»نى ئويناشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ مۇرەككەپ ۋە ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەتچانلىق، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەۋپسىزلىك مۇھىتىنى تېخىمۇ خەتەرلىك بىر ھالەتكە كەلتۈرمەكتە ۋە رايوندىكى بارلىق ئاكتىيورلار ئۈچۈن ئېغىر ئىستراتېگىيەلىك خىرىسلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا [87-بەت].

پايدىلانغان مەنبە:

Masuda, Masayuki, Hiroshi Yamazoe, and Asaki Asami. NIDS China Security Report 2026: Imbalanced Partnerships: China, Russia, and North Korea. Tokyo: National Institute for Defense Studies, 2025.

https://www.nids.mod.go.jp/publication/chinareport/pdf/china_report_EN_web_2026_A01.pdf

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*