يوشۇرۇن ئۇرۇش: خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ ئىراننى قوللىشى ۋە ئۇنىڭ گېئوپولىتىكىلىق تەسىرى

2026-يىلى 3-ئىيۇن

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

بۇ ماقالە، 2026-يىلى 29-ماي كۈنى ئامېرىكادىكى داڭلىق تەتقىقات ئورگىنى ھۇدسون ئىنستىتۇتى (Hudson Institute) نىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان «يۇقىرى بوشلۇقتىكى ئۇرۇش: خىتاي سۈنئىي ھەمراھلىرى ئىراننى قانداق قوللايدۇ؟» ناملىق مەخسۇس دوكلاتنى خۇلاسىلەش، مۇھاكىمە قىلىش ئاساسىدا يېزىلدى. بۇ تەتقىقاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىلمىي ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇ زامانىۋى سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم بوشلۇقى ئاخبارات تېخنىكىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق گېئوپولىتىكىسىدىكى يېڭىچە رولىنى ئېچىپ بېرىدۇ ھەمدە خىتاينىڭ نامدا خۇسۇسىي بولغان سودا سۈنئىي ھەمراھ شىركەتلىرىنىڭ يوشۇرۇن ھالدا ئىران ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەربىي يوشۇرۇن كۈچىنى قانداق ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

توقۇنۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، « ئاجايىپ غەزەپ ھەرىكىتى» (Operation Epic Fury) جەريانىدا ئىراننىڭ ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي نىشانلىرىغا سىممېتىرىك بولمىغان ئۇسۇلدا زەربە بەرگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. ئاپتور ئىراننىڭ بۇ نىشانلىق ھۇجۇملىرىنىڭ پەقەت بىر تەسادىپىيلىق بولماستىن، بەلكى خىتاينىڭ MizarVision، Earth Eye ۋە Chang Guang قاتارلىق سۈنئىي ھەمراھ شىركەتلىرى تەمىنلىگەن ئالەم بوشلۇقى سۈرەتلىرى ۋە گېئو-ئاخبارات سانلىق مەلۇماتلىرىغا تايانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخنىكىلىق ئۇچۇرنىڭ زامانىۋى ئۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇ دائىرىدە، خىتاينىڭ Chang Guang ۋە MinoSpace غا ئوخشاش سودا سۈنئىي ھەمراھ شىركەتلىرى بىلەن ئىران ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالەتچى خۇسىي قوراللىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ناھايىتى زىچتۇر. ئاپتور بۇ شىركەتلەرنى مۇستەقىل سودا ئورگىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ھەربىي ۋە پۇقراۋى بىرلىشىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەھسۇلى ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ كېڭەيتىلمىسى دەپ ئانالىز قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق، سودا ساھەسىنىڭ يوشۇرۇن ھەربىي قورالغا ئايلىنىش خەۋپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ بۇ توقۇنۇشلاردىن غايەت زور ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. خۇسىيلارنىڭ راكېتا ھۇجۇملىرى خىتاي ئۈچۈن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مۇداپىئە ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان ئىلغار «تەجرىبە مەيدانى»غا ئايلانغان. بۇ جەرياندا ئىراننىڭ ئىنتايىن ئەرزان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار (20-60 مىڭ دوللار) ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ قاتار ۋە ئەسەدى قاتارلىق جايلاردىكى مىليارد دوللارلىق قىممەت باھالىق رادار سىستېمىلىرىغا (مەسىلەن، AN/FPS-132) ۋە AWACS ئايروپىلانلىرىغا دەل زەربە بېرىشىدىكى غايەت زور تەننەرخ پەرقى ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.

خىتاينىڭ بۇ خىل «يوشۇرۇن قوللاش» ئۇسۇلى، ئۇنىڭغا ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە يۈز كۆرۈشمەي تۇرۇپ دىپلوماتىك يوشۇرۇنۇش پۇرسىتى بېرىدۇ. شۇڭا، ئاپتور ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە قارىتا جازانى كېڭەيتىشكە چاقىرىدۇ، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ تەجرىبىلەرنىڭ كەلگۈسىدە تەيۋەن ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يوشۇرۇن توقۇنۇشلار ئۈچۈن كۆرسەتمىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

گەرچە مەزكۇر ماقالە ئامېرىكا-ئىران-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنى ئالەم بوشلۇقى ئاخباراتى نۇقتىسىدىن ناھايىتى ياخشى تەھلىل قىلغان بولسىمۇ، ماقالىنى تېخىمۇ ئىلمىي ۋە ئوبيېكتىپ نۇقتىدىن ئانالىز قىلغىنىمىزدا، بىر قىسىم بىر تەرەپلىمىلىك (سۇبيېكتىپ) قاراشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سېزەلەيمىز. ماقالە پۈتۈنلەي ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ سودا سۈنئىي ھەمراھ شىركەتلىرىنىڭ دۇنياۋى بازاردىكى نورمال سودا پائالىيەتلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىي غەرىزى ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرا ئېنىق ئايرىلمىغان. خەلقئارالىق سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بازىرىدا ھەرقانداق خېرىدار پۇل تۆلەپ سۈرەت سېتىۋالالايدۇ. گەرچە بۇ شىركەتلەر دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ساتقان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ پۈتۈنلەي «مەقسەتلىك تۈزۈلگەن ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق» ئىكەنلىكىنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە بىۋاسىتە ئىسپاتلار كېرەك بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتور ئىران ۋە خۇسىيلارنىڭ ئامېرىكا نىشانلىرىغا قىلغان دەل زەربىلىرىنى ئاساسلىقى خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھ ياردىمىگە باغلىغان. گەرچە تاشقى ياردەمنىڭ رولىنى ئىنكار قىلىشقا بولمىسىمۇ، ئەمما ئىراننىڭ ئۆز ئىچىدە نەچچە ئون يىلدىن بېرى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسى ھەمدە كۆپ يىللىق يەرلىك ئاخبارات تورىنىڭ رولى يېتەرلىك دەرىجىدە نەزەرگە ئېلىنمىغان. بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھۇجۇملارنى تاشقى كۈچنىڭ كۆرسەتمىسگە دۆڭگەش رەقىبىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى خاتا مۆلچەرلەشكە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتور خىتاينىڭ قىزىل دېڭىزدىكى توقۇنۇشلارنى ئامېرىكانىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنى سىنايدىغان «تەجرىبە مەيدانى» قىلىۋالغانلىقىنى ۋە بۇنى كەلگۈسىدىكى ھىندى-تىنچ ئوكيان (تەيۋەن) توقۇنۇشلىرىغا تەييارلىق دەپ قارايدۇ. بۇ بىر ئىستراتېگىيەلىك پەرەز سۈپىتىدە ئەھمىيەتلىك بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىغا نەزەر سالغاندا، ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشنى بىۋاسىتە تەيۋەن مەسىلىسىگە چېتىش سەل يەڭگىللىك بىلەن چىقىرىلغان يەكۈن بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالغا يېقىن.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، بۇ ماقالە زامانىۋى ئۇرۇش ۋە ئاخبارات تېخنىكىسىدىكى يۈزلىنىشلەرنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك مەنبە بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ تېمىغا ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەرشارىلىشىش دەۋرىدىكى پەن-تېخنىكىنىڭ مۇرەككەپ ۋە قوش بىسلىق تەسىرى نۇقتىسىدىنمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمدە ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن قارىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ماقالىدە ئاساس قىلغان دوكلات:

Kasapoğlu, Can. «The War Above the War: How Chinese Satellites Support Iran | MENA Defense Intelligence Digest Special Report.» Hudson Institute, May 29, 2026.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*