ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
سىنگاپورنى مەركەز قىلغان خىتايچە خەۋەر ئورگىنى «زاۋباۋ» (早报) دا 2026-يىلى 7-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنغان «چەت ئەللىك مۇخبىرلار شىنجاڭغا قايتا كىردى» (外媒记者再进新疆) ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، مۇخبىر لى كاڭ(黎康) خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە ئىككى كۈنلۈك رەسمىي «ئىككى يىغىن» (两会) خەۋىرىدىن كېيىن، رايوندا يەنە ئۈچ كۈن ئەركىن ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ يازما بىر قاراشتا تەجرىبىگە ئاساسلانغان كۆزىتىش خەۋىرىدەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، ئەمما ئەستايىدىل ئوقۇغاندا، تېكىستنىڭ مۇخبىرلىق ئەخلاقى، بايان قۇرۇلمىسى ئىستراتېگىيەسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسەتلىرى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مەسىلىلىك بىر قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىدۇ. بۇ يازما لى كاڭنىڭ تېكىستىنى پەقەت بىر خەۋەر دەپلا ئەمەس، بەلكى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە قۇرۇپ چىقىلغان بىر بايان رامكىسى دەپ قارايدۇ ۋە بۇ رامكىنىڭ ژۇرنالىستلىق ھەم سىياسىي تەشۋىقات نۇقتىسىدىن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى مۇنازىرە قىلىدۇ.
خەۋەر قىسقىچە مەزمۇنى:
«زاۋباۋ» مۇخبىرى لى كاڭ 2026-يىلى يانۋاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان، ئىككى كۈنلۈك رەسمىي يىغىن خەۋىرىدىن كېيىن، ئۈچ كۈن ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئاپتور رايوندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ۋە خىتاي تىلىنىڭ ئومۇملىشىشىنى «تەڭپۇڭ» يەنى بىتەرەپ تەرىقىدە يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۆزىتىشلىرى ئۈرۈمچى ئەتراپى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. تېكىست رەسمىي تەكلىپلىك بىر سەپەر دائىرىسىدە قەلەمگە ئېلىنغان، ئۆكتىچى ئاۋازلارغا ئورۇن بېرىلمىگەن ۋە رەسمىي تەشۋىقات بىلەن قۇرۇلمىلىق ماسلىشىش كۆرسىتىدىغان بىر كۆزىتىش يازمىسى خاراكتېرىگە ئىگە.
1. «يۆنىلىشتىن ئادىشىش» بىلەن باشلاش: ئېرىشىش توسىقى ۋە نەق مەيدان مۇخبىرلىقى پارادوكسى
لى كاڭ يازمىسىنىڭ دەسلەپكى جۈملىلىرىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر ئېتىراپ بىلەن باشلايدۇ: رەسمىي پىلان سىرتىغا چىققاندا «بىر تۇيغۇدا يۆنىلىشىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى» ئېيتىدۇ. بۇ ئىپادە ئاددىيلا بىر روھىي ھالەت بولماستىن، بەلكى تەكلىپلىك ژۇرنالىستلىق ئەندىزىسىنىڭ ئىچكى زىددىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كېسەللىك ئالامىتى خاراكتېرلىك بىر ئېتىراپتۇر. بىر ژۇرنالىست مۇستەقىل خەۋەر قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغاندا ياكى بۇ ئىقتىدارنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىگەندە نېمە بولىدۇ؟ خەۋەر قىممىتى ئەركىن ئايلىنىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئالدىن بەلگىلەنگەن كۈنتەرتىپلەر بىلەن شەكىللىنەمدۇ؟
تەكلىپ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ژۇرنالىستلىق سەپەرلىرى، قارىماققا مۇستەقىلدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، قۇرۇلمىلىق جەھەتتىن چەكلەنگەن بىر خەۋەر ئىشلەش شەكلىدۇر. ساھىبخان تەرەپ بەلگىلىگەن قاتناش، قونالغۇ ۋە رەسمىي ئالاقىلەرگە تايىنىش ژۇرنالىستنىڭ جىسمانىي مەۋجۇتلۇقىنى مۇمكىن قىلغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئەقلىي مۇستەقىللىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. لى كاڭ بۇ سەپەرگە ئۈچىنچى قېتىم قاتناشقان خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ، بۇ ئۇچۇر مەزكۇر تەكلىپ مېخانىزمىنىڭ سىستېمىلىق بىر مەشغۇلاتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ژۇرنالىست دائىرىلەرنىڭ تېمىسى، ئىقتىسادىي مەنبەلىرى ياكى پىلانى قاتارلىقلارغا سوئال قويمىغانلىقى ياكى گۇمان بىلەن قارىمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ ، بۇ ئەھۋالنى بىر ئەركىنلىك بەلگىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ. شەكسىزكى، بۇ تەكىتنىڭ ئۆزى مۇنداق بىر سوئالنى تۇغدۇرىدۇ: ئەگەر بىر سەپەر ھەقىقەتەن مۇستەقىل بولسا، بۇ مۇستەقىللىقنى نېمە ئۈچۈن ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەك بولىدۇ؟
«دائىرىلەرنىڭ مېنى ئىز قوغلىمىغانلىقىنى بايقىدىم» دېگەن بىر ژۇرنالىستنىڭ بۇ كۆزىتىشى بىر بىخەتەرلىك كاپالىتى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىنغان نازارەت ئەندىشىسىنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر. ئىز قوغلىنىش-قوغلانماسلىق مەسىلىسى خەۋەر قىلىش جەريانىنىڭ ئەمەس، بەلكى قانۇنلۇق ياكى يوللۇق كۆرسىتىش ئەندىشىسىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇنىڭ سىرتىدا، كوچىدىكى كۆزىتىش زىيارەتلىرىدە ئۇچۇر مەنبەسىنى تاللاشمۇ بىر مەسىلىنى تۇغدۇرىدۇ. تاسادىپىي تاللانغاندەك كۆرسىتىلگەن زىيارەتلەر — كوچىدىكى بالىلار، كىچىك سودىگەرلەر، بىر چايخانا خوجايىنى — ئەمەلىيەتتە ژۇرنالىستنىڭ ئايلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنغان رايونلارنىڭ ۋە سۆزلىشەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى يېزا-قىشلاقلار، لاگېرلارنىڭ ئەتراپى ياكى ئۇيغۇر دىياسپوراسى كۆرسەتكەن سەزگۈر رايونلار بۇ مەنزىرىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان.
2. بىخەتەرلىكنى نورماللاشتۇرۇش: بايان ئىستراتېگىيەسى سۈپىتىدە «مۇقىملىق»
تېكىستنىڭ ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان تىل ئىستراتېگىيەلىرىدىن بىرى، قويۇق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئادەتتىكى،قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ۋە ھەتتا يوللۇق بىر ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ پارچىسىدەك كۆرسىتىشىدۇر. ئۈرۈمچىدىكى قوراللىق چارلىغۇچىلار، ھەر بۇلۇڭ-پۇچقاقتا كۆرۈنىدىغان ئالاھىدە ساقچىلار ۋە بازار كىرىش ئېغىزلىرىدىكى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى بايان قىلىنغاندا، لى كاڭ بۇ ئامىللارنى بىر-بىرىگە ماس كېلىدىغان ئىككى رامكا ئىچىدە كودلايدۇ: بىخەتەرلىك زۆرۈر، چۈنكى 2009-يىلىدىكى ۋەقەلەرنى ئۇنتۇغىلى بولمايدۇ؛ بىخەتەرلىك ئەمدى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان، چۈنكى كىشىلەر بۇنىڭغا ناتونۇش ئەمەس. بۇ قوش قۇرۇلمىلىق بايان، بىخەتەرلىك تۈزۈمىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماي، ئۇنى تەبىئىي ۋە تالاش-تارتىش قىلىنمايدىغان بىر ھەقىقەت سۈپىتىدە قايتا ئىشلەپچىقىرىدۇ.
ژۇرنالىست نەقىل كەلتۈرگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى «ھاياتنىڭ بىر پارچىسى» غا ئايلانغان ۋە كىشىلەر بۇنى بىخەتەرلىك ئېھتىياجى دەپ قوبۇل قىلىپ بولغان، «چۈنكى شىنجاڭدا كىچىككىنە بىر ئىشمۇ چەكسىز دەرىجىدە چوڭايتىۋېتىلىدۇ». بۇ ئىپادە بىر قاراشتا ئەمەلىيەتچان بىر قوبۇل قىلىشتەك كۆرۈنسىمۇ، تېخىمۇ چوڭقۇر تەھلىل قىلغاندا ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر مەنىنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى سۆزلىگۈچىنىڭ كىم ئىكەنلىكى، قايسى ئىجتىمائىي ئورۇندا تۇرۇپ سۆزلىگەنلىكى ۋە بۇ سۆزلەرنى قانداق بىر مۇھىتتا ئېيتقانلىقى نامەلۇمدۇر. بۇ نامەلۇملۇق، سۆزنىڭ ۋەكىللىك قىلىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇنى تاللانغان بىر تەشۋىقات ئەۋرىشكىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
تېخىمۇ مۇھىمى، بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان شەخسلەرنىڭ بۇ بېسىمنى ئىچكىلەشتۈرۈلگەن بىر تىل بىلەن ئىپادىلىشى، ئۇ بېسىمنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە ساھەسىدە بۇ خىل پوزىتسىيەلەر كۆپىنچە «ئۆگىنىۋېلىنغان چارىسىزلىق»، «ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى» ياكى «ماسلاشقان تاللاش» قاتارلىق ئۇقۇملار بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، كىشىلەر ھەمىشە ئەركىنلىك بىلەن قوشۇلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تاللاش پۇرسەتلىرى تارايغانلىقى ئۈچۈن مەۋجۇت تەرتىپكە ماسلىشىشى مۇمكىن. شۇڭا، بىر ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ ئىچىدىن قوللىنىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشى، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئەركىن رەۋىشتە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەتلىك بېسىمنىڭ ۋە چەكلەنگەن ھەرىكەت دائىرىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ژۇرنالىستنىڭ بۇ خىل ئىپادىنى ھېچقانداق تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولماي تۇرۇپ يەتكۈزۈشى بولسا، تېكىستنىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ يەردە سورىلىشى كېرەك بولغان نېگىزلىك سوئال، بۇ سۆزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېيتىلغانلىقىدەك بەكرەك، نېمە ئۈچۈن سوئال قويۇلماسلىقىدۇر. بىر خەۋەر تېكىستىنىڭ ۋەزىپىسى، پەقەت يەتكۈزۈشلا ئەمەس، بەلكى يەتكۈزۈلگەن سۆزنىڭ قانداق شارائىتتا ئېيتىلغانلىقىنى، نېمىنى كۆرسىتىپ، نېمىنى يوشۇرغانلىقىنىمۇ تەھلىل قىلىشتۇر. بۇ يەردە قىلىنغان ئىش، بىخەتەرلىكنى بىر مەسىلە سۈپىتىدە مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى ھاياتنىڭ تەبىئىي رېتىمىدەك كۆرسىتىشتۇر. نەتىجىدە تېكىست مۇستەقىل كۆزىتىش يازمىسى بولۇشتىن يىراقلىشىپ، رەسمىي تەشۋىقات ئەكىس ئېتىدىغان بىر بايانغا ئايلىنىپ قېلىشىدۇر.
سېلىشتۇرما نۇقتىسىدىن باھالىغاندا، بۇ يەردە تەسۋىرلەنگەن قويۇق بىخەتەرلىك مۇھىتى نۇرغۇن دۆلەتلەردە جىددىي ھالەت تۈزۈمى، بېسىم قۇرۇلمىسى ياكى ئادەتتىن تاشقىرى نازارەت سىستېمىسى سۈپىتىدە قارىلىدىغان ئەھۋالغا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، تېكىست بۇ كۆرۈنۈشنى شەرقىي تۈركىستانغا خاس ئادەتتىكى بىر تەرتىپتەك تەسۋىرلەيدۇ. ئەڭ ھالقىلىق نۇقتىمۇ دەل مۇشۇ يەردە: نېمە ئۈچۈن باشقا شارائىتلاردا بېسىم بىشارەتلىرى دەپ قارىلىدىغان ئامىللار، بۇ يەردە «مۇقىملىق» ۋە «بىخەتەرلىك» ماۋزۇلىرى ئاستىدا ئىجابىي بىر رامكىغا جايلاشتۇرۇلىدۇ؟ بۇ سوئال تېكىستنىڭ قايسى سىياسىي ۋە بايان كونتېكىستىدا يېزىلغانلقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى بىخەتەرلىكنى نورماللاشتۇرۇش پەقەت بىر كۆزىتىش تاللىشىلا ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر سىياسىي تۈزۈمنىڭ قانۇنىيلىقىنى بەرپا قىلىش شەكلىدۇر.
3. تىل سىياسىتى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە: «سىڭىشىش» بىلەن «بېسىم» ئوتتۇرىسىدىكى ئىنچىكە سىزىق
يازمىنىڭ ئەڭ كەڭ بۆلەكلىرىدىن بىرى، خىتايچىنىڭ ئومۇملىشىشىغا بېغىشلانغان. لى كاڭ كوچىدا ئۇچراتقان «ئاز سانلىق مىللەت» پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي تىلىدا ناھايىتى راۋان سۆزلەيدىغانلىقىنى، ھەتتا تور تىللىرىنىمۇ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ھاياجان بىلەن بايان قىلىدۇ. بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ خىتاي تىلىنىمۇ ئۆز ئانا تىلىدەك قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتىشى، تېكىستنىڭ پوزىتسىيە جەھەتتىن ئەڭ ئاكتىپ قىسىملىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما بۇ يەردە بەزى تۈزۈلمىۋى رېئاللىقلارنى كۆزدىن قاچۇرماسلىق كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى سىستېمىلىق ھالدا چەكلىگەن، ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرىنى تاقىغان ۋە ئۇيغۇرچە نەشرىياتچىلىقنى زور دەرىجىدە ئازايتقان. بۇنداق شارائىتتا مىللەت بالىلىرىنىڭ خىتاي تىلىدا راۋان سۆزلىشى، ئىختىيارىي بىر قوش تىللىق مۇساپىنىڭ ئەمەس، بەلكى مەجبۇرىي مائارىپ پروگراممىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر. لى كاڭنىڭ بۇ ئەھۋالنى تىلغا ئالماسلىقى، كۆزىتىشلىرىنى رېئاللىقتىن ئۈزۈپ قويىدۇ ۋە تىل جەھەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيەنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان مەدەنىيەت سىڭىشىشى سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ.
تېكىستتە تەمىنلەنگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا،«2024-يىلىغا قەدەر شىنجاڭ مىقياسىدا خىتاي تىلىنى ئىشلىتىش نىسبىتى %72.2 كە يەتكەن. » ژۇرنالىست بۇ ساننى ئېنىقلا بىر مۇۋەپپەقىيەت بەلگىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ، ئەمما بۇ نىسبەتنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ ئەركىن تاللاش، قانچىلىك قىسمىنىڭ ئورگان بېسىمىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە تېكىستتە ھېچقانداق سوئال يوق.
كۇتۇپخانا كۆزىتىشىمۇ ئوخشاش بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «بەش قەۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ پەقەت بىر بۇلۇڭىدىكى تۆت رېشاتكىدا ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى كىتابلارنىڭ بولۇشى ۋە خىتاي تىلى ئەدەبىياتىنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئورۇننى ئىگىلىشى، ژۇرنالىست تەرىپىدىن تەرەپسىز بىر كۆزىتىش سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ.» ۋەھالەنكى، بۇ مەنزىرە چوڭقۇر بىر مەدەنىيەت سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي ئەكىس ئېتىشىدۇر، ئۇ پەقەتلا كىتابلارنىڭ تارقىلىش مىقدارى ئەمەس. تىلشۇناسلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى تەتقىقاتچىلىرى، بىر ھۆكۈمران دۆلەت تىلىغا تېز سۈرئەتتە ئۆتۈشنى مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقىغا قارىتىلغان قۇرۇلمىلىق بىر تەھدىت دەپ قارايدۇ. يۇنېسكونىڭ (UNESCO) «خەۋپ ئاستىدىكى تىللار» ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، ئورگانلاردا ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ بۇ دەرىجىدە تارايتىلىشى، بىر تىلنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىشىنى جىددىي تۈردە ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇ نەزەرىيەۋى ئارقا كۆرۈنۈش، تېكىست سۇنغان مەنزىرىنىڭ نەقەدەر بىر تەرەپلىمە قالغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە
4. ئىقتىسادىي مەنزىرە: ئادەتتىكى ھېكايىلەر ئارقىلىق تۈزۈلمىۋى تەڭسىزلىكنى يوشۇرۇش
يازما دىققەتنى تارتىدىغان يەنە بىر بۆلۈمى، كۈندىلىك ئىقتىسادىي ھاياتنى بايان قىلىدىغان ئىنسان ھېكايىلىرىدۇر. تېلېفون ئېكرانىغا تىكىلگەن ياش ئۇيغۇر، قاسساپ شاگىرتى، شىمالىي يوللاردا كىيىم-كېچەك ساتىدىغان ئۇيغۇر موماي — بۇلار ئوقۇرمەن بىلەن كۈچلۈك باغلىنىش قۇرالايدىغان جانلىق تەسۋىرلەردۇر. لى كاڭ بۇ نۇقتىدا مۇنداق بىر پوزىتسىيەدە بولىدۇ: نامراتلىق پەقەت شەرقىي تۈركىستانغىلا خاس ئەمەس، بۇ ياشلارنىڭ ئەھۋالىنى مىللىي مەسىلىگە باغلاش توغرا بولمايدۇ.
بۇ قاراش قىسمەن توغرا بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۈزۈلمىۋى تەڭسىزلىك بىلەن شەخسىي تاللاش ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى خىرەلەشتۈرىدۇ. تەتقىقاتچىلار، ئىقتىسادىي پۇرسەت تەڭسىزلىكىنىڭ بىخەتەرلىك تۈزۈمى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئىسپاتلىدى: ھەرىكەت چەكلىمىسى، پاسپورت ئېلىشنىڭ قىيىنلىقى، مەلۇم كەسىپ ساھەلىرىگە كىرىشتىكى توسالغۇلار ۋە ئىجتىمائىي نومۇر سىستېمىسى (social credit) غا ئوخشاش مېخانىزملار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەتچانلىقىنى قۇرۇلمىلىق جەھەتتىن چەكلەيدۇ. بۇ مېخانىزملارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بىر ئىقتىسادىي مەنزىرە، پەقەتلا كەمتۈك بولۇپ قالماستىن، بەلكى قايمۇقتۇرغىچىدۇر.
خوتەندىن كەلگەن 20 ياشلاردىكى ياش، ئايروپىلان بېلىتى ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن 13-14 سائەت پويىز بىلەن ئۆيىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ژۇرنالىست بۇنى بىر سېغىنىش خاراكتېرلىك تەپسىلات سۈپىتىدە يەتكۈزىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ۋە سەپەر ھۆججەتلىرىگە ئېرىشىشىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا چەكلەنگەنلىكىگە ئائىت دەلىللەنگەن پاكىتلار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقا بىر مەنىگە ئىگە بولىدۇ.
5. كەمتۈك ئاۋازلار: تېكىستنىڭ كۆرۈنمەيدىغان ئوبيېكتلىرى
بىر ژۇرنالىستلىق تېكىستىگە باھا بەرگەندە، پەقەت تېكىستتە ئېنىق ئېيتىلغانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئاڭلىق ياكى تۈزۈلمىۋى سەۋەبلەر بىلەن ئېيتىلمىغانلارغىمۇ قاراش كېرەك. چۈنكى بەزىدە بىر خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنىسى، نېمىنى سۆزلىگەنلىكىدىن بەكرەك نېمىنى تاشقىرىدا قالدۇرغانلىقىدا ئاشكارىلىنىدۇ. لى كاڭنىڭ يازمىسىدىمۇ دەل مۇشۇنداق بىر ئەھۋال مەۋجۇت: تېكىست بەزى كۈندىلىك تەپسىلاتلارنى كۆرسەتكىنى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ ئەڭ ھالقىلىق تەرەپلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا كۆرۈنمەس قىلىپ قويىدۇ.
بىرىنچىدىن، 2017–2019-يىللىرى ئارىسىدا مىليونلىغان كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى تەخمىن قىلىنغان قاماق لاگېرلىرىغا ئائىت ھېچقانداق گۇۋاھلىق ياكى بىۋاستە كۆزىتىش يوق. بۇ كەمتۈكلۈك پەقەت بىر خەۋەر بوشلۇقىلا ئەمەس، بەلكى باياننىڭ مەركىزىنى بەلگىلەيدىغان قۇرۇلمىلىق بىر تاللاشتۇر. ئوخشاشلا، ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن، يېقىنلىرىنىڭ تەقدىرىدىن خەۋەر ئالالمىغان ياكى چەت ئەلگە چىقالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاۋازى دۇنياغا يەتمەيۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىمۇ تېكىستنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان. بۇ خىل گۇۋاھلىقلار رايوندىكى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەڭ نېگىزلىك مەنبەلەر ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنچىدىن، رەسمىي تەشۋىقاتقا تەنقىدىي قارايدىغان يەرلىك ئاۋازلارنىڭ پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىلغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. بىر ژۇرنالىستلىق تېكىستىنىڭ كۈچى، پەقەت رەسمىي دائىرىلەرنى ياكى كونترول قىلىنغان مۇھىتنى يەتكۈزۈشىدە ئەمەس، بەلكى ئوخشىمىغان، توقۇنۇش ئىچىدىكى ۋە ھەتتا بىئارام قىلىدىغان ئاۋازلارنى بىر يەرگە ئەكىلەلەيدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما بۇ يەردە ئۆكتىچى قاراشلار، مۇستەقىل پۇقرالارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە باشقا كۆز قاراشلار كۆرۈنمەس قىلىنغان. بۇ ئەھۋال تېكىستنى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر خەۋەر بولۇشتىن يىراقلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپلىمە تەسىرات يازمىسىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ژۇرنالىستنىڭ ئۈرۈمچىدىن باشقا يەرگە بارالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىغانلىقى مۇھىم، ئەمما بۇ چەكلىمىنىڭ خەۋەرنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە يېتەرلىك دەرىجىدە سوئال قويۇلمايدۇ. چۈنكى پەقەت بىر شەھەرنىلا ياكى تار بىر لىنىيەنىلا كۆزىتىپ تۇرۇپ پۈتۈن بىر رايون ھەققىدە ئومۇمىي يەكۈن چىقىرىش، ژۇرنالىستلىق جەھەتتىن ئېغىر بىر مېتودولوگىيەلىك مەسىلىدۇر. بىر رايوننىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن پەقەت جىسمانىي ھەرىكەت دائىرىسىلا ئەمەس، بەلكى تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشنىمۇ نەزەرگە ئېلىش كېرەك.
ئاخىرىدا، شەخسىي پاراڭلاردا قورقۇنچ، تارتىنىش ياكى چەكلىنىش تۇيغۇسىدىن سۆز ئاچىدىغان مەنبەلەرنىڭ تېكىستتە ھېچ ئورۇن ئالماسلىقى ئەڭ چوڭ كەمتۈكلۈكلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇنداق بىر سۈكۈت، ئاددىيلا بىر مەنبە تاللاش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بېسىم مۇھىتىنىڭ يوشۇرۇن شەكىلدە قايتا بەرپا قىلىنىشىدۇر. چۈنكى قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە ھۆكۈمران بولغان جەمئىيەتلەردە، سۈكۈت قىلىش كۆپىنچە قوشۇلغانلىقنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەكسىچە، سۆزلەش خەۋپلىك بولغان بىر تۈزۈمدە سۈكۈت قىلىش بىر خىل ھايات قېلىش ئىستراتېگىيەسىگە ئايلىنىدۇ.
6. تېكىست قانداق تۈردىكى بىر تېكىست؟ كۆزىتىش يازمىسىمۇ، تەسىرات خەۋىرىمۇ ياكى يوشۇرۇن تەشۋىقاتمۇ؟
تەشۋىقات پەقەت ئېنىق يالغان ئۇچۇر ئىشلەپچىقىرىدىغان تېكىستلەردىنلا ئىبارەت ئەمەس. ئۇ بەزىدە تاللانغان« ھەقىقەتلەر»، ئىستراتېگىيەلىك سۈكۈتلەر، ئارقا كۆرۈنۈشنى تارايتىش ۋە مەلۇم بىر رامكىغا خىزمەت قىلىدىغان بايان تاللاشلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، لى كاڭنىڭ تېكىستى قارىماققا بىر كۆزىتىش يازمىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، تۈزۈلمىۋى جەھەتتىن مەلۇم بىر رەسمىي تەشۋىقاتنى قايتا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
بىرىنچىدىن، تېكىست بىخەتەرلىكنى تەبىئىي ۋە قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر ئىجتىمائىي رېئاللىقتەك كۆرسىتىش ئارقىلىق، رەسمىي تەشۋىقاتنى زور دەرىجىدە دەلىللەيدىغان بىر رامكا قۇرىدۇ. «مۇقىملىق»، «نورماللىشىش» ۋە «بىخەتەرلىك» ئۇقۇملىرى تەنقىدىي نۇقتىدىن قارالماستىن، خۇددى ئۆزلۈكىدىنلا يوللۇق دەپ قارالغان ئۇقۇملار سۈپىتىدە بازارغا سېلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال ئوقۇرمەننىڭ رايوننى توقۇنۇشلۇق بىر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھە سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى نىزام ۋە تەرتىپى زور دەرىجىدە ئورنىتىلغان بىر جاي سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، مۇستەقىل ژۇرنالىستلىق بىلەن جەمئىيەت دىپلوماتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى چەك خىرەلەشكەن. رەسمىي تەكلىپ بىلەن بارغان بىر مۇخبىرنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى تەبىئىي ھالدا چەكلىكتۇر. بۇ ئەھۋال سورىلىدىغان سوئاللارنىڭ دائىرىسىنىمۇ تارايتىدۇ. شۇڭا لى كاڭنىڭ تېكىستى مۇستەقىل خەۋەردىن بەكرەك، كونترول ئاستىدا ئىشلەنگەن بىر بايان تەسىراتىنى بېرىدۇ.
7. سېلىشتۇرما: خەلقئارالىق تاراتقۇلار بىلەن خىتاي دۆلەت تەشۋىقاتى ئارىسىدا
BBC، NYT ۋە Guardian غا ئوخشاش خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەۋەرچىلىكى — گەرچە بۇلارمۇ تەنقىدكە ئوچۇق بولسىمۇ — ئادەتتە تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئۇيغۇر دىياسپوراسىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتلىرى، سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرلىرى تەھلىلى ۋە ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن قاماق سانلىق مەلۇماتلىرى. خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ «شىنجاڭ خەۋەرچىلىكى» بولسا ئەكسىچە مۇنۇ ئامىللارنى ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىرىدۇ: تەرەققىيات تۈرلىرى، مەدەنىيەت بايراملىرى، رازىلىق ۋە خۇشاللىق ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ زىيارەتلىرى ۋە بىخەتەرلىكنىڭ مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى.
لى كاڭنىڭ تېكىستى قۇرۇلمىلىق ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئىككىنچى تۈرگە (خىتاي دۆلەت تەشۋىقاتىغا) تېخىمۇ يېقىن تۇرىدۇ، ھالبۇكى بۇ يازما خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىدا ئەمەس، بەلكى سىنگاپوردىكى مۇستەقىل بىر تاراتقۇدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ئەھۋال ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن قايمۇقتۇرغۇچى بىر «مۇستەقىللىق» تۇيغۇسىنى يارىتىشى مۇمكىن. ژۇرنالىستلىقتىكى «ساختا تەڭپۇڭلۇق» (false balance) ئۇقۇمى، ئىككى تەرەپنى تەڭ سالماقتا كۆرسەتكىنى بىلەن، سىستېمىلىق تەڭسىزلىكنى كۆرمەسكە سېلىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىدۇ.
خۇلاسە: تار دېرىزدىن كەڭ مەنزىرە سىزىش
لى كاڭنىڭ يازمىسىنىڭ مەلۇم قىممىتى بار: رەسمىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئەمەس، بىۋاسىتە كوچا كۆزىتىشى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن تەپسىلاتلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن كىچىك بىر پارچە تەمىنلەيدۇ. بالىلارنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتى، ئەۋلادلار ئارىسىدىكى تىل پەرقى، كىچىك سودىگەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي رېئاللىقى قاتارلىقلار ئىنسانىي نۇقتىدىن قىممەتلىك كۆزىتىشلەردۇر. ئەمما بۇ تېكىستنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى بىلىم قۇرۇلمىسى چەكلىمىلىرى بار. پەقەت ئۈرۈمچى ئەتراپىغىلا دىققەت قىلىپ تۇرۇپ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىلغان. مەۋجۇت شەرقىي تۈركىستانغا دائىر ئاكادېمىك ماقالىلەر ۋە ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن پاكىتلارغا پىسەنت قىلىنمىغان. رەسمىي تەكلىپ مېخانىزمى مەنبەلەرگە ئېرىشىشنى قۇرۇلمىلىق جەھەتتىن چەكلىگەن. ئەڭ مۇھىمى، ئۆكتىچى ياكى چەتكە قېقىلغان ئاۋازلار سىستېمىلىق ھالدا سىقىپ چىقىرىلغان.
ژۇرنالىستنىڭ يازمىسىنىڭ ئاخىرىدا «شىنجاڭنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تېخىمۇ كۆپ رايونلارغا بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ چۈشەنگىلى بولىدۇ» دېيىشى بىر خىل ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئۇچقۇنىدۇر. ئەمما بۇ ئۇچقۇن تېكىستنىڭ باشقا قىسىملىرىدىكى قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ. ھەقىقىي بىر چۈشىنىش، پەقەت تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ياكى تېخىمۇ كەڭ جۇغراپىيە بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ چوڭقۇر بىر مېتودولوگىيەلىك سەمىمىيەت بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. بۇ سەمىمىيەت راھەت سەپەرلەردە ئەمەس، بەلكى تەنقىدىي سوئاللارنى سوراشقا جۇرئەت قىلىشتا يوشۇرۇنغان.
خۇلاسە قىلغاندا، بۇ تېكىست بىزنى مۇشۇ سوئالنى سوراشقا ئۈندەيدۇ: بىر ژۇرنالىستنىڭ بىر رايونغا كىرىشى، ئۇ رايوننى ھەقىقەتەن چىن خەۋەر قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ جاۋاب — ھېچ بولمىغاندا بۇ مىسالدا — ياق. شەرقىي تۈركىستاننى چۈشىنىش، پەقەت ئۇ يەرگە بېرىشتىنلا ئەمەس، بەلكى كىمگە قارىيالايدىغانلىقىمىزنى، نېمىنى سورىيالايدىغانلىقىمىزنى ۋە نېمىنىڭ كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى ھېس قىلالىشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك.
Lí Kāng 黎康. «外媒记者再进新疆» [Yabancı Basın Muhabirleri Yeniden Sincan’a Giriyor].
Zaobao (联合早报), 7 Şubat 2026. https://www.zaobao.com.sg/news/china/story20260207-8354801
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















