ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا تەرتىپنىڭ سىياسىي ئىقتىسادى ۋە ھۆكۈمرانلىق كىرىزىسى

2025-يىلى 29-نويابىر

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: ئەلانۇر ئەتتار

ئانجېلا شۈ (Angela Xu) تەرىپىدىن 2025-يىلى 27-نويابىردا يېزىلغان «ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا تەرتىپ: تەتقىقاتلارغا ئومۇمىي نەزەر» (The Evolving International Order: A Literature Review) ناملىق ماقالە، يەرشارى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سىستېمىسى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئازابلىق ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى، بۇ دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەتبۇئاتلىرىدىن بولغان «The Economist» ۋە «Financial Times»تا ئېلان قىلىنغان ئالتە پارچە ھالقىلىق ماقالە ئارقىلىق تەھلىل قىلىدۇ. 2025-يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا، يەرشارى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى تەۋرەنگەن، بازارلار ئېنىقسىزلىق ئىچىدە يۆنىلىش ئىزدەۋاتقان ۋە «لىبېرال خەلقئارا تەرتىپ»نىڭ كەلگۈسى سوئال ئاستىغا ئېلىنىۋاتقان بىر مۇھىتتا يېزىلغان بۇ ماقالە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە پايدىلىنىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. شۈنىڭ بۇ ئەمگىكى ئاددىي بىر قىسقارتىلما ئەمەس ، ھۆكۈمرانلىق نەزەرىيەسى، بازار پىسخولوگىيەسى ۋە يەرشارىلىشىشنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ؟  قايتا يەرشارىلىشىش يەر شارىلىشىشنىڭ يېڭىدىن شەكىللىنىشى يەر شارىلىشىشنىڭ يىڭى نۇسخىسى قاتارلىق تېمىلارنى بىر-بىرىگە باغلىغان، ئاكادېمىك چوڭقۇرلۇققا ئىگە ۋەزىيەت ئانالىزىدۇر.

ئاپتور ماقالىدە  تېكىستلەرنى ئىقتىسادىي رامكىنىڭ ئاساسلىرى، بازار ئاكتىيورلىرىنىڭ ئىنكاسى ۋە كەلگۈسىگە دائىر تەسەۋۋۇر دىن ئىبارەت قاتلاملىق بىر قۇرۇلمىدا تەكشۈرگەن. ماقالىنىڭ مۇھىملىقى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاجىزلاشقا باشلىغانلىقىغا دائىر ئالامەتلەر كۆپەيگەن بىر مەزگىلدە، بۇ چېكىنىشنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازارلىرى، گېئو-سىياسىي مۇقىملىق ۋە يەرشارىۋى بايانلارغا بولغان تەسىرىنى بىر پۈتۈن نۇقتىئىنەزەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. شۈ «The Economist»نىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك تەھلىللىرىدىن تىموتىي گارتون ئاشنىڭ (Timothy Garton Ash) گېئو-سىياسىي مۆلچەرلىرىگىچە، جىللىيان تېت (Gillian Tett) ۋە رانا فوروھارنىڭ (Rana Foroohar) بازار كۆزىتىشلىرىدىن لارىي فىنكنىڭ (Larry Fink) ھەل قىلىش تەكلىپلىرىگىچە بولغان كەڭ دائىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئوقۇرمەنلەرگە پارچە-پارچە كۆرۈنگەن يەرشارىۋى پاراكەندىچىلىكنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك سىستېماتىك بىر ئۆزگىرىشنىڭ ئىپادىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، مەزكۇر ماقالە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە سىياسىي ئىقتىساد ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن نۆۋەتتىكى كىرىزىسنىڭ ئانالىزىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئاساسىي ماقالە سۈپىتىدە باھالىنىشى كېرەك.

بىرىنچى بۆلۈم: ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسلىرى ۋە پارچىلىنىش مۇساپىسى

ئانجېلا شۈ تۇنجى بۆلۈمىدە، نۆۋەتتىكى دەۋرنىڭ ئىقتىسادىي رامكىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن «The Economist» ۋە تىموتىي گارتون ئاشنىڭ تەھلىللىرىگە دىققەت مەركەزلەشتۈرىدۇ. بولۇپمۇ «The Economist»نىڭ «بىر ھۆكۈمران يىقىلغاندا نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ» (What Happens When a Hegemon Falls) ناملىق ماقالىسى ئارقىلىق، رەھبەرلىك ئۇقۇمىنى ئىقتىسادىي بىر مودېلغا ئورۇنلاشتۇرۇپ چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. شۈ ھۆكۈمرانلىق كۈچىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى تەمىنلەيدىغان ئامىللارنى «ئۆزئارا مۇناسىۋەت تورى» (reciprocal relationship) دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. بۇ مودېلغا ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمران پەقەت ھەربىي بىر كۈچلا ئەمەس، بەلكى ئوچۇق بازارلارنى مەجبۇرىي يولغا قويىدىغان، ئىقتىسادىي دەۋرىي تەۋرىنىشكە قارشى (countercyclical) ياردەم بېرىدىغان ۋە ئەڭ مۇھىمى پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىساد سىستېمىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئاخىرقى كاپالەتچى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىدىغان ئاكتىيوردۇر.

ماقالە سىستېمىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ھۆكۈمراننىڭ «ئاخىرقى قەرز بەرگۈچى ئاخىرقى چارەلىك رولىنىڭ » (lender of last resort) رولىنىڭ ھاياتىي ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ. شۈ بۇ رولنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى توسۇپ قالىدىغان بىر بىخەتەرلىك كىلاپانى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مېخانىزمىنىڭ مەركىزىدە ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ (Fed) باشقا چوڭ مەركىزىي بانكىلارنى تەمىنلىگەن «swap» (ئالماشتۇرۇش) لىنىيەلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 2008-يىلدىكى يەرشارى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيان تۈزۈملەشكەن بۇ مېخانىزم، يەرشارىۋى نەق پۇل ئوبوروتىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە دوللارنىڭ زاپاس پۇل ئورنىنىڭ قوغدىلىشى جەھەتتىن ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. شۈنىڭ تەھلىلى، بىر پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى ئۈچۈن، ئۇ سىستېمىنىڭ ئارقىسىدا تۇرالايدىغان ۋە كىرىزىس پەيتلىرىدە ئىشقا كىرىشەلەيدىغان ئىناۋىتى يۇقىرى بىر مەركىزىي بانكىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بۇ دائىرىدە، ئامېرىكانىڭ يەرشارىۋى رەھبەرلىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە تەرىپىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن ئىككى تۈپ شەرتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دىققەت تارتىلماقتا: بىرىنچىسى، «ئاخىرقى چارە قەرز بەرگۈچى» رولىدىن چېكىنمەسلىكى؛ ئىككىنچىسى بولسا، بۇ رولنى مۇمكىن قىلىدىغان ساغلام بىر خامچوت قىزىل رەقىمىنى باشقۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشىدۇر. بىراق ماقالىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن خېلېن رېي (Helene Rey)غا ئوخشاش ئىقتىسادشۇناسلار  ئامېرىكانىڭ بۇ قۇرۇلمىنى قوللاشتىن چېكىنىشى مۇمكىنلىكى ۋە ھازىرچە سىستېمىدا ئامېرىكانىڭ ئورنىنى تولدۇرالىغۇدەك كۈچكە ئىگە بىر تاللامنىڭ يوقلۇقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ھۆكۈمرانلىق ئالمىشىش نەزەرىيەلىرى دائىرىسىدە «كىندلېبېرگېر تۇزىقى» (Kindleberger Tuzağı) دەپ بىلىنىدىغان، كونا ھۆكۈمران رەھبەرلىك قىلالمايدىغان، يېڭى كۈچلەرنىڭ بولسا رەھبەرلىك قىلىشنى خالىمايدىغان ياكى قىلالمايدىغان بىر ھوقۇق بوشلۇقى خەۋپىنى ئەسلەتمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، تىموتىي گارتون ئاشنىڭ «چوڭ كۈچلەرنىڭ يۆتكىلىشى باشلانغاچقا، تەرتىپسىزلىككە ھازىرلىنىڭ» (Brace for Disorder as Great Power Shifts Begin) ناملىق ماقالىسى، يەرشارىۋى تەرتىپنىڭ كۆپ ئۆلچەملىك تەبىئىتىنى نامايان قىلىدۇ. شۈ ئاشنىڭ تەھلىللىرى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى تەرتىپنىڭ ئاساسىنىڭ ھەربىي كۈچكە تايىنىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ تېخنىكىلىق تەرەققىياتلار ۋە سىياسىي قارارلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ بىر قۇرۇلمىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاش تەكىتلىگەن تېخنىكىلىق رىقابەت ۋە بۇنىڭ ھەربىي تەسىرلىرى، ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ پەقەت بازار دىنامىكىلىرى بىلەنلا چۈشەندۈرۈلگىلى بولمايدىغانلىقىنى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىقتىسادنىڭ ئالدىغا ئۆتكەن يېڭى بىر دەۋرگە كىرىلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، «The Economist»نىڭ «لىبېرال خەلقئارا تەرتىپ ئاستا-ئاستا پارچىلانماقتا» (The Liberal International Order is Slowly Coming Apart) ناملىق ماقالىسىدە، تەرتىپنىڭ ئىقتىسادىي تەرىپىگە مەركەزلىشىپ ئۆتكەن دەۋرنىڭ ھېساباتىنى قىلىنىدۇ. شۈ لىبېرال تەرتىپنىڭ گەرچە ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولسىمۇ، باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ مۇھىم پايدىلارنى تەمىنلىگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. پاراۋانلىقنىڭ كەڭ دائىرىگە كېڭىيىشى ۋە نامرات دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە يېقىنلىشىشى (convergence)، بۇ تەرتىپنىڭ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ئۇتۇقلىرى قاتارىدا سانىلىدۇ. بىراق ماقالىدە، بۇ ئۇتۇقلارنىڭ ئەمدىلىكتە تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ۋە سىستېمىنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك بىر يىمىرىلىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ھەر ئىككى تەھلىلدىمۇ نۆۋەتتىكى تەرتىپنىڭ دەز كېتىۋاتقانلىقى بېكىتىلمەكتە ۋە بۇ ئەھۋال بىر قاتار ئالامەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەندۈرۈلمەكتە. شۈ بۇ ئالامەتلەرنى ئېمبارگولار، ياردەم پۇلى ئۇرۇشلىرى، مەبلەغ ئېقىملىرىنىڭ پارچىلىنىشى، خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى، ئامېرىكا دوللىرى سىستېمىسىنىڭ قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى (weaponization)، ھەربىي توقۇنۇشلار، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشى، سىياسىي جىددىيچىلىكلەر ۋە رېۋىزىيونىست بايانلارنىڭ ئومۇملىشىشى دەپ تىزىپ چىقىدۇ. بۇ تىزىملىك، يەرشارى سىستېمىسىنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي ئەمەس، بەلكى قانۇنىي ۋە دىپلوماتىك تۈۋرۈكلىرىنىڭمۇ بۇزۇلۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

يەرلىك ئاۋامچىل ھەرىكەتلەرنىڭ ۋە ئېتنىك-مىللەتچى بايانلارنىڭ كۈچىيىشىنىڭ بۇ تىزىملىكتە بىۋاسىتە ئورۇن ئالماسلىقى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئاپتور بۇ ئامىللارنىڭ بەلكىم «ئىچكى سىياسەت» ياكى «مەدەنىيەت-سىياسەت» كاتېگورىيەلىرىدە باھالانغانلىقىنى، ئەمما ماھىيەتتە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك گېئو-سىياسىي كونتېكىستنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتى ياكى داۋامى سۈپىتىدە قارىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ھۆكۈم، ئىچكى سىياسىي دىنامىكىلارنىڭ خەلقئارا سىستېمىدىكى داۋالغۇشلارنىڭ تەسىرىدىن خالى  ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە سىستېمىلىق كىرىزىسنىڭ ئىجتىمائىي ئاساستا پەيدا قىلغان ئىنكاسلىرى ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىدۇ.

بۆلۈمنىڭ ئاخىرىدا شۈ يەرشارى تەرتىپىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىنتايىن ئوبرازلىق بىر ئوخشىتىشنى ئىشلىتىدۇ. تەرتىپنىڭ چېگرالىرىنىڭ ئېنىقسىز، شەكىلسىز ۋە تۇتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاپتور، ۋەزىيەتنى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ۋەيران بولغان بىر بىمارغا ئوخشىتىدۇ. يەرشارىۋى كۆزەتكۈچىلەر، سىستېمىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان كىچىك توسالغۇلارنى، يەرلىك توقۇنۇشلارنى ياكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى (خۇددى بىر بۇرنى ئېقىش، بىر سانجىق ياكى گۇمانلىق بىر يۆتەلگە ئوخشاش)، ئاستىرتتىن  تېخىمۇ ۋەيران قىلغۇچى بىر كېسەللىكنىڭ – مەسىلەن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يوقىتىدىغان ئەيدىز (HIV) ۋىرۇسىغا ئوخشاش بىر ئەھۋالنىڭ – ئالامەتلىرى سۈپىتىدە تەبىرلەشتىن  قورقماقتا. بۇ مېتافورا، خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئۆز ئۆزىنى  ئوڭشاش ۋە كىرىزىسلارنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى (ئىممۇنىتېت كۈچىنى) يوقاتقانلىقى توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئەندىشىنى كونكرېتلاشتۇرماقتا.

ئىككىنچى بۆلۈم: بازار پىسخولوگىيەسى ۋە توقۇنۇشۇۋاتقان بايانلارنىڭ قىسقۇچىدىكى ئىقتىساد

تەتقىقاتنى كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە ئانجېلا شۈ، جىللىيان تېت ۋە رانا فوروھارنىڭ «Financial Times»دىكى ماقالىلىرىگە دىققەت مەركەزلەشتۈرۈپ، بازار كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېنىقسىزلىقلارغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ بۆلۈم ماكرو ئىقتىسادىي ۋە گېئو-سىياسىي تەھلىللەرگە قارىغاندا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى، بازار پىسخولوگىيەسى ۋە ئىقتىسادىي بايانلارنىڭ (narratives) رىقابىتى ئۈستىگە مەركەزلىشىدۇ. شۈ بۇ تەھلىللەرنى، سىستېمىنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتقان بازار ئاكتىيورلىرىنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە تۈرگە ئايرىيدۇ.

جىللىيان تېتنىڭ «بازارلار جىمجىت – بۇ ئەندىشىلىك ئەھۋال» (The Markets are Silent – That is Worrying) ناملىق ماقالىسى، ئامېرىكا ئىقتىسادىي ئۇتۇقلىرىنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكلىرىنىڭ تەۋرەنگەنلىكىگە دائىر كۈچلۈك بىر دەسلەپكى ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۈ تېتنىڭ تەھلىلىدە بۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىق كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى، ئەمما تېكىستنىڭ مەزمۇنىدا بۇ ئاساسلارنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تېت بولۇپمۇ ئامېرىكا بازارلىرىدا كۆزىتىلگەن جىمجىتلىق ۋە پەسىيىپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. يەرشارىۋى خەۋپلەر بۇ دەرىجىدە يۇقىرى بولغان بىر مەزگىلدە بازارلارنىڭ بۇنچىلىك تىنچ تۇرۇشى، ئەقلىي بىر ھەرىكەتتىن بەكرەك، بىر ئىنكار قىلىش ھالىتى ياكى تاللاش يولى  يوقلۇقىدىن كېلىپ چىققان بىر چارىسىزلىق سۈپىتىدە ئىزاھلانماقتا.

شۈ تېتنىڭ نۇقتىئىنەزەرىدىن يولغا چىقىپ، بازارلاردىكى بۇ پەسىيىپ كېتىشنى «مەبلەغ سالغۇچى ھارغىنلىقى»، «توڭلاش» (flight-and-freeze) ياكى «يوق نەرسىدىن ئۈمىد كۈتمەك» (wishful thinking)  دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئەگەر بازارلارنىڭ پەسىيىپ كېتىشى بۇ پىسخولوگىيەلىك ھالەتلەردىن كېلىپ چىققان بولسا، شۈنىڭ يەكۈنىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئەھۋال پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي روھىي ساغلاملىقىنىڭ ۋە كىرىزىس تۇيغۇسىنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئېغىر ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلىشى كېرەك. بۇ ھۆكۈم، ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ سىرتىدا، بازار ئاكتىيورلىرىنىڭ كىرىزىس تۇيغۇسىنىڭ ئاجىزلاپ»كەتكەنلىكى ياكى ئۆزىنى ئالداش مېخانىزملىرىنىڭ زىيادە ئىشلەپ كەتكەنلىكىدەك خەتەرلىك بىر پىسخولوگىيەلىك باسقۇچتىن بىشارەت بېرىدۇ.

رانا فوروھارنىڭ «دۇنيا ئىقتىسادى راشومون ئېففىكتى تەسىرىدىن ئازاب چەكمەكتە» (The Global Economy is Suffering from the Rashomon Effect) ناملىق ماقالىسى بولسا، ئوخشاش ھادىسىنى پەرقلىق بىر ئۇقۇم رامكىسىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. فوروھار بازارلاردىكى بۇ «بىئارام قىلغۇچى تۇرغۇنلۇق»نى (uneasy market stasis)، بىر-بىرى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان كۆپ مەنبەلىك ئىقتىسادىي بايانلارنىڭ ئارىسىدا قىسىلىپ قېلىشنىڭ نەتىجىسى دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. شۈ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان «راشومون ئېففىكتىنىڭ»نىڭ (Rashomon Effect) – يەنى ئوخشاش ۋەقەنىڭ پەرقلىق كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق شەكىللەردە ھېس قىلىنىشى ۋە سۆزلىنىشى ئەھۋالىنىڭ – يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىنى چۈشەندۈرۈشتە نەق چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇ بايانلار ئۇرۇشىدا ئالدىغا چىققان ئەڭ چوڭ رىقابەت، نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت قوللاۋاتقان «ئالدى بىلەن ئامېرىكا = ئامېرىكا ھەر ئىشتا ئۇتۇۋالىدۇ» بايانى بىلەن باشقا كۆز قاراشلار ئارىسىدىكى رىقابەتتۇر. شۈ فوروھارنىڭ تەھلىلىدە يەنە ئىككى ئاساسلىق باياننىڭ گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكىنى  بىلدۈرىدۇ: بىرىنچىسى، «گۈللىنىۋاتقان يەرشارى جەنۇبى» (Global South Rising) بايانىدۇر. بۇ بايان، يەرشارى جەنۇبى دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي باغلىنىشلارنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ۋە ئەنئەنىۋى شىمالنىڭ جەنۇبقا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئازايغانلىقىنى ياقىلايدۇ. ئىككىنچى بايان بولسا، «باراۋەرسىزلىك زىيانلىق ئاۋامچىللىقنى تۇغدۇرىدۇ» (Inequality Breeds Damaging Populism) كۆز قارىشىدۇر؛ بۇ ئىقتىسادىي ئادالەتسىزلىكنىڭ سىياسىي مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شۈ تېت ۋە فوروھارنىڭ بازار كۆزەتكۈچىلىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈملىرىنىڭ دەل ۋاقتىدا ۋە دەل جايىدا بولغانلىقىنى ئالقىشلاش بىلەن بىرگە، بۇ يازمىلارنىڭ بىرىنچى بۆلۈمدە تەكشۈرۈلگەن ماقالىلەردەك كەڭ دائىرىلىك نەزەرىيەۋى ئاساسقا ئىگە ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. «Financial Times»نىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر چەكلىمە سەۋەبلىك بولغان دەپ قارالغان بۇ ئەھۋال، تەھلىللەرنىڭ كۆپرەك شۇ ۋاقىتتىكى بازار كەيپىياتىغا مەركەزلىشىشىگە سەۋەب بولماقتا. شۈ بولۇپمۇ فوروھار ئىما قىلغان، ئەمما تەپسىلىي بايان قىلمىغان «باشقا رىقابەتچى بايانلار»نىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەپ، مەۋجۇت تەتقىقاتنىڭ بۇ جەھەتتىكى ناقىسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ بۆلۈمنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، بازارلارنىڭ ئەقلىي مۆلچەرلەر نەزەرىيەسىدىن يىراقلاشقانلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا تونۇشنى باشقۇرۇش ۋە بايانلارنىڭ كۈچى ھەل قىلغۇچ بولغان بىر دەۋرگە كىرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۈنىڭ تەھلىلى، ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يەككە ھالدا بىر مەنە ئىپادىلىمەيدىغانلىقى، بۇ مەلۇماتلارنىڭ قايسى «بايان» رامكىسىدا سۇنۇلغانلىقىنىڭ بازار يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئەھۋال، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن مۆلچەرلەش مۇمكىنچىلىكىنى ئازايتىدىغان ۋە تەۋرىنىشنى يوشۇرۇن ھالدا ئاشۇرىدىغان بىر ئامىلدۇر.

ئۈچىنچى بۆلۈم: يەرشارىلىشىشنىڭ ئىككىنچى نۇسخىسى ۋە كەلگۈسى نىگاھى

ماقالىنىڭ ئاخىرقى بۆلۈمىدە ئانجېلا شۈ، خۇسۇسىي ساھەنىڭ پېشقەدەم ئەربابلىرىدىن لارىي فىنك قەلەمگە ئالغان «يەرشارىلىشىشنىڭ ئىككىنچى نۇسخىسىنىڭ ۋاقتى كەلدى» (It’s Time for the Second Draft of Globalization) ناملىق ماقالىنى تەھلىل قىلىدۇ. شۈ فىنكنىڭ يازمىسىنى، تەجرىبىلىك بىر دۆلەت ئەربابىنىڭ ۋىدالىشىش نۇتۇقى (quasi-Farewell Address) سالمىقىدا ۋە بىر «دانىشمەن بوۋاي» ئاھاڭىدا يېزىلغان، سىستېمىنىڭ ئىچىدىن كەلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەكلىپ ماقالىسى سۈپىتىدە باھالايدۇ. فىنكنىڭ خۇسۇسىي پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ئۇزۇن يىللىرى، ئۇنىڭ دىياگنوزلىرىغا ۋە ھەل قىلىش تەكلىپلىرىگە ئۆزگىچە بىر سالماق قوشقان.

فىنك نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قارىتا ئومۇم قوبۇل قىلغان بىر دىياگنوزنى قويۇپ، ئۆتكەن ئوتتۇز يىلدا يۈز بەرگەن «بەك تېز» تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن تەڭسىز پايدىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئازاب ۋە سىياسىي ئىنكاسلارغا يول ئاچقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما فىنك، بۇ مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە سۇنۇلغان ئىقتىسادىي مىللەتچىلىككە قايتىشنىڭ قانائەتلىنەرلىك نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى ياقىلايدۇ. شۈ فىنكنىڭ بۇ نۇقتىدا زىيادە يەرشارىلىشىش بىلەن بىكىنىۋېلىش ئارىسىدا بىر «ئوتتۇرا يول» ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

فىنك تەكلىپ قىلغان مودېل، دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغنى مىللىي نىشانلار ۋە ئىشچىلارنىڭ پاراۋانلىقى يۆنىلىشىدە «يېتەكلەيدىغان»  (steering)، ئەمما ئوچۇق بازار پىرىنسىپلىرىدىنمۇ پۈتۈنلەي ۋاز كەچمىگەن بىر قۇرۇلمىدۇر. بۇ يېڭى مودېلدا، توپلانغان مەبلەغنىڭ سېلىنمىغا ئايلاندۇرۇلۇشى ۋە ھەقىقىي پۇل-مۇئامىلە سىغدۇرۇشچانلىقىنى (financial inclusion) ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئارقىلىق زور بىر يوشۇرۇن پايدا يارىتىلىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنمەكتە. شۈ بۇ تەكلىپنىڭ نەزەرىيەۋى جەھەتتىن ناھايىتى مۇۋاپىق ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن بىر ئىلگىرىلەش يولى سۇنغانلىقىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، ھەر دائىم بولغىنىدەك «شەيتاننىڭ تەپسىلاتتا يوشۇرۇنغانلىقىنى» ئەسلىتىدۇ.

شۈنىڭ فىنكنىڭ كۆز قارىشىغا دائىر ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئۆزگىچە باھاسى، بۇ تەكلىپنىڭ ئەمەلىيەتتە رىقابەتچىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرلىرى بىلەن بولغان ئوخشاشلىقىدۇر. شۈ فىنكنىڭ تەكلىپىنىڭ رىقابەتچىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرلىرى بىلەن ئوخشاشلىقىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئۆزگىچە باھالايدۇ. شۈ فىنك تەكلىپ قىلغان «مەبلەغنى مىللىي نىشانلارغا  يېتەكلەش» مودېلىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق» (Strategic Autonomy) تەسەۋۋۇرى ۋە خىتاينىڭ «قوش ئايلانما ئىقتىساد» (Dual-Circulating Economy)  ئىستراتېگىيەسى بىلەن زور دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆزەتمەكتە. ئىنسانلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ۋە توقۇنۇشقا ئۆزىنى زىيادە  ئۇرۇۋاتقانلىقىنى  بىلدۈرگەن شۈ، ئەمەلىيەتتە سۆھبەت ئۈستىلىدىكى ھەل قىلىش تەكلىپلىرىنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىن بىر-بىرىگە نەقەدەر ئوخشايدىغانلىقىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

بۇ ئوخشاشلىقنى بايقاش، ماقالىنىڭ ئەڭ جانلىق يەكۈنلىرىدىن بىرىدۇر. يەرشارىۋى كۈچلەر ئارىسىدا ئىدېئولوگىيەلىك ۋە گېئو-سىياسىي بىر ھاڭ بار دەپ پەرەز قىلىنسىمۇ، ئىقتىسادىي باشقۇرۇش مودېللىرى جەھەتتىن ھەممىسى ئوخشاش بىر نۇقتىغا – يەنى دۆلەتنىڭ بازارنى ئىستراتېگىيەلىك نىشانلار يۆنىلىشىدە تېخىمۇ كۆپ يېتەكلەيدىغان، تېخىمۇ قورۇقچى ئەمما كونتروللۇق بىر سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ياقىلايدىغان بىر مودېلغا – قاراپ ئۆزگەرمەكتە. شۈ بۇ ئەھۋالنى «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتنىڭ كورلۇقى» دەپ ئىزاھلايدۇ ۋە تەرەپلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوخشاش رېتسىپلارنى پەرقلىق ماركىلار بىلەن تەتبىقلاۋاتقانلىقىنى ئىما قىلىدۇ.

خۇلاسە قىلغاندا، ئانجېلا شۈنىڭ تەتقىقاتنى كۆزدىن كەچۈرۈشى، 2025-يىلىدىن كىيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ؛ ھۆكۈمران رەھبەرلىكىنىڭ ئاجىزلىغان، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەر گىرەلىشىپ كەتكەن، بازارلارنىڭ رىقابەتچى بايانلار ئارىسىدا يۆنىلىشىنى يوقاتقان ۋە ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەشلىرىنىڭ – كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان شەكىلدە – يەرشارى مىقياسىدا ئوخشاش دۆلەتچىلىك-بازارچىلىق ئارىلاشما (ھىبرىد) مودېللىرىغا يۈزلەنگەن مۇرەككەپ بىر مەنزىرىسىنى سىزىپ بېرىدۇ. بۇ ماقالە پەقەت نۆۋەتتىكى كىرىزىسقا دىياگنوز قويۇش بىلەنلا قالماي، يەرشارى سىستېمىسىنىڭ كەلگۈسىدە ئالىدىغان شەكلىنىڭ بېشارەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئاكادېمىك ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلانغان بىر سىنتېز خىزمىتىدۇر.

پايدىلانمىلار:

Xu, A. (2025, November 27). The Evolving International Order: A Literature Review. Modern Diplomacy.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*