ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت
لوندونغا جايلاشقان دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورگىنى خان جەمەتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى (Chatham House) 2026-يىلى 4-ئىيۇن ئۆزىنىڭ ئورگان تور بېتىدە «دۇنيا سودا تەڭپۇڭسىزلىقى 2008-يىلدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيان ئۆزگەردى: ئەمدى ئۇلار يېڭى خەتەرلەرنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە» ناملىق بىر پارچە سىياسىي-ئىقتىسادىي ئانالىز ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ماقالىدە يەر شارى خاراكتېرلىك سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ تارىخىي مۇساپىسى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ يېڭى سانائەت ئىستراتېگىيەسى ۋە ئامېرىكانىڭ مالىيە سىياسىتىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي تەرتىپىگە ئېلىپ كەلگەن تۈپ ئۆزگىرىشلىرى سىستېمىلىق تەھلىل قىلىنغان. ماقالە نۆۋەتتىكى جۇغراپىيەلىك سىياسىي سۈركىلىشلەر، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە يېشىل تېخنىكا رىقابىتى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ ئەمدى پەقەتلا بىر پۇل-مۇئامىلە مەسىلىسى بولۇشتىن قېلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈكنى تالىشىشنىڭ يادرولۇق مەيدانىغا ئايلانغانلىقىنى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن ئىلگىرىكى دۇنيا سودا تەڭپۇڭسىزلىقى ئاساسلىقى ئامېرىكادىكى ئارتۇقچە ئىستېمال ۋە خىتايدىكى يۇقىرى تېجەشچانلىق پەرقىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ چاغلاردا بۇ ئەھۋال سىستېمىلىق پۇل-مۇئامىلە خەۋپى دەپ قارىلاتتى. بىراق بۈگۈنكى كۈندە، بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ خاراكتېرى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، مەبلەغ سېلىشنىڭ يۆنىلىشى ۋە سانائەت سىياسىتىگە مەركەزلەشتى. خىتاي ئىقتىسادى نۆۋەتتە ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىن چېكىنىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىگە غايەت زور مەبلەغ سالماقتا. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ئىچىدىكى ئىستېمالنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىشى، خىتاينى ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى دۇنيا بازىرىغا ئەرزان باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىشقا مەجبۇرلىماقتا.
ماقالىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ۋە دىياگراممىلار خىتاينىڭ «يېڭى ئۈچ تۈر» دەپ ئاتالغان ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل، لىتىي باتارېيەسى ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدىكى ئېكسپورتىنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ ئىستاتىستىكىلىق پاكىتلار خىتاينىڭ دۇنيا بازارلىرىدا «ئارتۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى» (overcapacity) كىرىزىسىنى تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق سىگنالىدۇر. ماقالە ئىلگىرى سۈرگەن نۇقتىلاردىن بىرى شۇكى، خىتاينىڭ بۇ خىل سودا ئېشىنچىسى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز سانائەت ئاساسىنى قوغداش ئۈچۈن قورۇقچىلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارى سودا ئۇرۇشىنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكانىڭ مالىيە سىياسىتى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقان مۇھىم ئامىل سۈپىتىدە باھالانغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى مىقداردىكى مالىيە قىزىل رەقىمى، پۇل پاخاللىقىنى تۆۋەنلىتىش قانۇنى (IRA) غا ئوخشاش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئۆز سانائىتىنى يار-يۆلەكتە قىلىشى، سىرتقى كاپىتالنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئېقىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. دىياگراممىلاردا ئېنىق كۆرۈنگىنىدەك، ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامانەت پۇلىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت قەرزىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە ۋە يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىنى كۈچەيتىشكە ئىشلەتمەكتە. بۇ خىل ئەھۋال ئامېرىكانىڭ سودا قىزىل رەقىمىنى يۇقىرى سەۋىيەدە تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن بىرگە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان بېقىنىشچانلىقىنى سىجىللاشتۇرۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك پۇل-مۇئامىلە يېرىلىش خەۋپىنى شەكىللەندۈرمەكتە.
ماقالىدە يەنە، دۇنيا سودىسىنىڭ «جۇغراپىيەلىك پارچىلىنىش» (fragmentation) باسقۇچىغا كىرگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. سانلىق مەلۇماتلار سودا ئېقىمىنىڭ ئەمدى پەقەت ئىقتىسادىي پايدىنىلا كۆزلىمەي، بەلكى سىياسىي ئىتتىپاقداشلىق ۋە خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىگە (friend-shoring) قاراپ يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت تەمىنلەش زەنجىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشقا مەجبۇرلىماقتا، بۇ بولسا يەر شارى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ئاشۇرۇپ، پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. دوكلات ئىلگىرى سۈرگەن خۇلاسە شۇكى، بۇ خىل پارچىلىنىش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
خۇلاسە قىلغاندا، خان جەمەتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ بۇ تەھلىلى بىزگە 2026-يىلىدىكى دۇنيا سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ ئەمدى پەقەت بىر ئىقتىسادىي ئىستاتىستىكا ئەمەس، بەلكى يېڭى بىر يەر شارى خاراكتېرلىك سىياسىي توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق قورالىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ دۆلەت قوللىغان سانائەت كېڭەيمىچىلىكى بىلەن ئامېرىكانىڭ مالىيە ۋە قورۇقچىلىق ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ چوڭ تەڭپۇڭسىزلىق، خەلقئارا سودا سىستېمىسىنى تېخىمۇ تۇراقسىز ۋە خەتەرلىك بىر يۆنىلىشكە باشلىماقتا. ماقالىدە تەكىتلەنگىنىدەك، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى بىر كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق رامكىسىغا ئېھتىياجلىق، ئەمما نۆۋەتتىكى جىددىي جۇغراپىيەلىك سىياسىي مۇھىتتا مۇنداق بىر پۈتۈنلۈككە ئېرىشىش ئىنتايىن مۈشكۈل كۆرۈنمەكتە.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















