مۇستەملىكە ئىقتىسادىنىڭ يېڭى نامى: «ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى»

2026-يىلى 21-ئاپرېل

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2026-يىلى 14-ئاپرېلدىكى «دۆلەتلىك ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسىنى قۇرۇپ چىقىش» سەرلەۋھىلىك ماقالە[1] ، بىر قاراشتا ئادەتتىكى بىر تەرەققىيات سىياسىتى ماقالىسىدەك تەسىر بەرسىمۇ، ئەمما قۇر ئارىلىرىغا ئەستايىدىل سەپسالغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنىڭ سىستېمىلىق رەۋىشتە خىتاينىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە قانداق سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىنتايىن ئېنىق دەلىل ھېسابلىنىدۇ.

«شىنجاڭ خىتايچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ماقالىگە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئوسمان ئۆمەر ۋە زۇلھاياتلارمۇ قەلەم تەۋرەتكەن. ئاپتورلار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رايونغا قارىتا يولغا قويغان (三基地一通道) (ئۈچ بازا بىر كارىدور) ئىستراتېگىيەلىك رامكىسىنى نەزەرىيەۋى جەھەتتىن ئاقلايدۇ، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە زاپاسلىرىنى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسمى دەپ تەرىپلەيدۇ.

ماقالىنىڭ نەزەرىيەۋى رامكىسىنى، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 10-نۆۋەتلىك 15-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارلىرىغا ئاساسلانغان (国家所需、新疆所能) (دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ قىلالايدىغىنى) پىرىنسىپى تەشكىل قىلىدۇ. ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، رايوننىڭ «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» نىشانى، پەقەت مۇشۇ پىرىنسىپ ئاساسىدا، يەنى بېيجىڭ بەلگىلىگەن مۇھىم نۇقتىلارغا بېقىنىدىغان بىر ئىقتىسادىي ئۆزگىرىش رامكىسى ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىن. ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشنى نېفىت خىمىيە، يېڭى ماتېرىياللار ۋە ھىدروگېن ئىقتىسادى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش بولسا «15-بەش يىللىق پىلان» نىشانلىرى بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلىدۇ.

ماقالىدە دىققەتنى تارتىدىغان بىر زىددىيەت كۆزگە چېلىقىدۇ: ماقالە «ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ۋە «يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق ئۆزگىرىش» ئىبارىسىنى، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ۋە گاز ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئىچكى زىددىيەت، تېكىستنىڭ بىر تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىدىن بەكرەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر بۇيرۇقىنى رايون خاراكتېرلىك ئاقلاش قورالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلدۇرغانلىقىنىڭ كۆرسەتكۈچىدۇر.

تېخىمۇ مۇھىمى، «ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى» ئۇقۇمىنىڭ مەڭگۈلۈك بىر سىياسەت رامكىسىغا ئايلىنىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى چوڭقۇر بىر سىياسىي ئانالىز يۈرگۈزۈشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى بايلىقلارنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ رامكا، يەرلىك ئىقتىسادىي قارار چىقىرىش جەريانلىرىنى مەركەزگە بېقىنىدىغان قىلىپ قويغاندا، رايون نوپۇسىنىڭ ئۆز زېمىنىنىڭ بايلىقلىرىنى باشقۇرۇشتا تەشەببۇسكار سۇبيېكت ئەمەس، بەلكى بىر ۋاسىتە ئورنىغا چۈشۈپ قېلىش خەۋپىنى بىللە ئېلىپ كېلىدۇ.

  1. «ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى» ئۇقۇمىنىڭ ئاناتومىيەسى

ماقالىنىڭ ماۋزۇسىدا يەر ئالغان (全国能源资源的战略保障基地) (مەملىكەتلىك ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى) ئىپادىسى، تاسادىپىي تاللانغان بىر سۆز ئەمەس. بۇ ئۇقۇم خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يۈكلىگەن رولىنى بىر جۈملە بىلەن يەكۈنلەيدۇ: شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) نىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەھمىيىتى پەقەت ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش ۋە ساقلاش بازىسى بولۇش، شۇنداقلا مەزكۇر رايوننىڭ ئۆز ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى» نامىدا مەۋجۇت بولۇشىدۇر.

بۇ ئۇقۇمنىڭ سىياسىي رولى ئۈچ قاتلاملىقتۇر. بىرىنچىسى، نورماللاشتۇرۇش رولى: شەرقىي تۈركىستان بايلىقلىرىنىڭ بېيجىڭغا خىزمەت قىلىشى بىر سىياسىي تاللاش ئەمەس، بەلكى ئوبيېكتىپ بىر مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە سۇنۇلىدۇ. ئىككىنچىسى، ئاقلاش يەنى ھەقلىقلەشتۈرۈش رولى: «دۆلەت بىخەتەرلىكى» بايانى، بايلىق يۆتكەشنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن سوئال قويۇلۇشىنى توسىدۇ. ئۈچىنچىسى، تۈزۈملەشتۈرۈش رولى: بۇ ئۇقۇم بىر قېتىم رەسمىي ھۆججەتلەرگە ۋە نەزەرىيەۋى رامكىلارغا كىرگەندىن كېيىن، بىيۇروكراتىك ئادەتكە ئايلىنىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش بارغانسېرى قىيىنلىشىدۇ.

تېكىستتە پات-پات تەكرارلانغان (国家所需、新疆所能) «دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ قىلالايدىغىنى» — جۈملىسى بۇ نۇقتىدىن ئالاھىدە يورۇتۇش خاراكتېرلىكتۇر. گرامماتىكا قۇرۇلمىسى تەكشۈرۈلگەندە، ئىگىنىڭ ھەمىشە دۆلەت ئىكەنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دائىم خەۋەر ئورنىدا قالغانلىقى كۆرۈلىدۇ، يەنى، ئېھتىياجلىق بولغۇچى بېيجىڭدۇر، قامدىغۇچى شەرقىي تۈركىستاندۇر. بۇ تىل قۇرۇلمىسى رايون خەلقىنى بايان جەھەتتىن يوقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىر ئىقتىدار ۋە رول سۈپىتىدە ئابستراكت بىر جۇغراپىيەنى، يەنى «شىنجاڭ» نى قويىدۇ.

سىياسىي پەنلەردە بۇ خىل قۇرۇلما، بايلىق تەقسىملەشنىڭ ئەتراپنىڭ مەنپەئەتىگە ئەمەس، بەلكى مەركەزنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان نەپ يۆتكەش مودېلى دەپ ئېنىقلىنىدۇ.  (كورونىل 1997: 2-5)، نېفىت دۆلەتلىرىنى تەتقىق قىلغاندا دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىقلار ئارقىلىق قانداق سېھىرلىك بىر قانۇنىيەت قۇرغانلىقىنى ئانالىز قىلغان. ۋاتس (2001: 189–212) بولسا نىگېرىيە مىسالىدا بايلىق موللۇقىنىڭ يەرلىك خەلقلەر ئۈچۈن قانداق زوراۋانلىق ۋە نامراتلىق پاتقىقىغا ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. شەرقىي تۈركىستانغا بۇ دەلىللەر بىلەن بىرلىكتە قارالغىنىدا، رايوننىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بىر مىسال ئەمەسلىكى، ئەكسىچە تارىخىي ۋە سېلىشتۇرمىلىق جەھەتتىن ئىنتايىن تونۇش بولغان بىر قۇرۇلمىنى قايتىدىن ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس.

  • رەقەملەر: بايلىق ۋە يوقسۇللۇق پارادوكسى

ماقالىدە كۆرسىتىلگەن  شەرقىي تۈركىستانغا سانلىق مەلۇماتلار ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ:
 كۆمۈر مۆلچەر زاپىسى 2.19 تىرىليون توننا بولۇپ خىتاي ئومۇمىي مىقدارىنىڭ قىرىق پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ،
 نېفىت مۆلچەر زاپىسى بولسا 23 مىليارد توننا بولۇپ خىتايدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
تەبىئىي گاز مۆلچەر زاپىسى 17.5 تىرىليون كۇب مېتىر بولۇپ خىتايدا بىرىنچى ئورۇندا، ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ يىللاردىن بۇيان بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
 خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ دۆلەت مىقياسىدىكى ئۈلۈشى ئون بەش پىرسەنت.
 قۇياش ئېنېرگىيەسى تېخنىكىلىق تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغان سىغىمى تەخمىنەن 4.2 مىليارد كىلوۋات بولۇپ خىتايدا بىرىنچى ئورۇندا.
شامال ئېنېرگىيەسىنىڭ تېخنىكىلىق تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغان سىغىمى تەخمىنەن 1 مىليارد كىلوۋات بولۇپ، خىتايدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

بۇ رەقەملەر ئىككى ئاساسلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ. بىرىنچىسى، شەرقىي تۈركىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە زاپاسلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. ئىككىنچىسى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ بايلىقلار ئۈستىدىكى كونترول قىلىش ئىقتىدارى سىستېمىلىق رەۋىشتە چەكلەنگەن .

بۇ يەردە ھالقىلىق بىر ئىقتىسادىي سوئالنى سوراش زۆرۈر: نېفىت ئېكسپورتىدىن ئېرىشىلگەن كىرىملەر نەگە كېتىۋاتىدۇ؟ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەلىرى ياراتقان ئىقتىسادىي قىممەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قانداق ئەكس ئېتىۋاتىدۇ؟ كۆمۈر سېتىشتىن ئېرىشىلگەن باج كىرىملىرى رايوندا قالامدۇ ياكى مەركىزىي خامچوتقا يۆتكىلەمدۇ؟

ماقالە بۇ سوئاللارنى ھېچ سورىمايدۇ. چۈنكى مۇستەملىكە ئىقتىسادلىرىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى دەل مۇشۇ سۈكۈتتۇر: بايلىق يۆتكەش ياكى تالان، تەرەققىيات بايانى بىلەن پەردىلىنىپ كۆرۈنمەس قىلىنىدۇ. ئىقتىساد ئىلمىي ساھەسىدە بۇ ئەھۋال «بايلىق لەنىتى» ئۇقۇمى بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ. ساكىس ۋە ۋارنېر (1995:18-21) تەتقىقاتلىرى، مول تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە رايونلارنىڭ پارادوكس خاراكتېرلىك رەۋىشتە تېخىمۇ تۆۋەن تەرەققىيات كۆرسەتكۈچلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەرەققىيات ستاتىستىكىلىرىغا قارىغاندا — بولۇپمۇ،  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى، مائارىپقا ئېرىشىش ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتى قارالغاندا — بۇ پارادوكسنىڭ رايوندا مەۋجۇت ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ (خاۋېل ۋە فەن، 2011: 130-135).

تېخىمۇ كونكرېت بىر مىسال بەرسەك، غەربتىن شەرققە سوزۇلغان گاز تۇرۇبا لىنىيەلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىن توشۇلغان تەبىئىي گازنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ئون نەچچە مىليارد دوللار ئەتراپىدىدۇر. بۇ تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى قۇرغان شىركەتلەر ئاساسلىقى خىتاينىڭ شەرق قىسمىنى مەركەز قىلغان. تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان. باج ۋە ھوقۇق كىرىملىرى مەركىزىي فوندلارغا ئېقىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تېگىدىغان ئۈلۈش بولسا بۇ چوڭ تەڭلىمىنىڭ ئىنتايىن كىچىك بىر پارچىسى بىلەن چەكلىنىپ قالماقتا.

  • «ئۈچ بازا، بىر كارىدور» ۋە مۇستەملىكە جۇغراپىيەنىڭ قۇرۇلۇشى

ماقالە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ (三基地一通道) — ئۈچ بازا، بىر كارىدور — دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ رامكا 2014-يىلى مەركەز تەرىپىدىن بېكىتىلىپ رايونغا تېڭىلغان بولۇپ، تۆت تەركىبتىن تەشكىل تاپىدۇ: ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئېنېرگىيە ساقلاش ۋە يۆتكەش بازىسى، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە تەرەققىيات بازىسى ۋە ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش كارىدورى.[2]

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، بۇ تۆت ئېنىقلىمىنىڭ ھەممىسى رايوننىڭ باشقىلار ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. رايوننىڭ ئۆز كىشىلىرى ئۈچۈن نېمە ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقى، نېمە ئىستېمال قىلالايدىغانلىقى، قانداق بىر ئىقتىسادىي تەسەۋۋۇر يېتىشتۈرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بەلگىلىمە يوق.

جۇغراپىيەلىك سىياسەت ساھەسىدە  بۇ خىل مەركەز-ئەتراپ مۇناسىۋەتلىرى، ۋاللېرستايننىڭ دۇنيا سىستېمىلىرى نەزەرىيەسى دائىرىسىدە تەھلىل قىلىنغان. ئەتراپ ئورنىدىكى رايونلار خام ئەشيا ئېكسپورت قىلىش بىلەن بىرگە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ماللارنى ئىمپورت قىلىدۇ. بۇ قۇرۇلما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دائىملىق بىر بېقىنىش مۇناسىۋىتىنى پەيدا قىلىدۇ. فرانك (1966:18-20) بۇنى «تەرەققىي قىلمىغانلىقنىڭ تەرەققىياتى» دەپ ئاتىغان، بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئەتراپ رايونلار تاسادىپىي ئەمەس، دەل سىستېمىلىق بىر گەۋدىلىشىش جەريانلىرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئارقىدا قالىدۇ.

جۇغراپىيەۋى تەرەپنىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. تۇرۇبا لىنىيەلىرى، ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش لىنىيەلىرى ۋە قاتناش تورلىرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايغا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بۇ ئۇل ئەسلىھەنىڭ لوگىكىسى رايوننى ئىچكى ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىشكە ئەمەس، بەلكى سىرتقا ئېكسپورت قىلىشقا يۈزلەندۈرمەكتە. ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ جۇغراپىيەۋى يۆنىلىشى، ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىشنىڭ كىمنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ماددىي قاتلامدا كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

  • يېشىل نىقابلىنىش ۋە «ئېكولوگىيە باشتا» بايانىنىڭ زىددىيەتلىرى

تېكىستنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە پات-پات تەكىتلەنگەن (生态优先、绿色低碳) — ئېكولوگىيەنى باشقا قويۇش، يېشىل ۋە تۆۋەن كاربونلۇق — سۆزى ئالاھىدە دىققەت تەلەپ قىلىدۇ. ماقالە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە ئۆتۈشنى، كاربون چىقىرىشنى ئازايتىشنى ۋە پاكىز ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى قۇرۇشنى يۇقىرى مەدھىيە بىلەن سۇنماقتا.

نەتىجىدە، بۇ باياننى بىر قانچە ھالقىلىق ھەقىقەت بىلەن بىرگە باھالاش زۆرۈردۇر.

بىرىنچىسى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى، جۈملىدىن كۆپ كىرىستاللىق كرېمنىي ئىشلەپچىقىرىشى، خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قارالغان ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىمپورت چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان. شېففىلد خاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2021-يىلىدىكى «كۈندۈزنىڭ يورۇقىدا» ناملىق تەتقىقاتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆپ كىرىستاللىق كرېمنىي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ دۇنياۋى قۇياش ئېنېرگىيەسى تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن قانداق زىچ باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويغان (مۇرفىي ۋە ئېلىما: 6-8). قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ «پاكىز» بولۇشى، ئۇنى ئىشلەپچىقارغان ئەمگەكنىڭ پاكىز ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

ئىككىنچىسى، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بايانىنى بىر تېكىستتە بىللە ئوتتۇرىغا قويۇش، مەنتىقسىز بىر «يېشىل» ھېكايە پەيدا قىلىدۇ. ماقالە كۆمۈرنى يەنىلا «ئاساس» دەپ ئاتايدۇ ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەكىتلەيدۇ. 2.19 تىرىليون توننىلىق كۆمۈر زاپىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشانلىغان بىر سىياسەت ھۆججىتى، ئوخشاش ۋاقىتتا كىلىمات رەھبەرلىكى ئىددىئاسىدا بولالمايدۇ. بۇ تولىمۇ مەنتىقە ۋە ئەقىلدىن خالىي ئىددىئادۇر.

ئۈچىنچىسى، كەڭ كۆلەملىك شامال ۋە قۇياش ئېلېكتر ئىستانسىلىرى، يەرلىك ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا ۋە چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاقلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەر، قازاق ۋە موڭغۇل جەمئىيەتلىرىگە ئوخشاش چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان مىللەتلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت بېسىمى پەيدا قىلىدۇ. ئەنئەنىۋى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى باھانىسى مۇسادىرە قىلىنىشى، «يېشىل ئۆزگىرىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلغان يېڭى بىر مۈلكسىزلەشتۈرۈش دولقۇنىدۇر.

بۇ زىددىيەت، ئەمەلىيەتتە بىر تەبىئىي مۇقەررەر زىتلىق ئەمەس، بەلكى قەستەن لايىھەلەنگەن بىر بايان ئىستراتېگىيەسىدۇر. خەلقئارالىق كىلىمات ئەندىشىلىرىگە جاۋاب بېرىدىغان  بۇنداق بىر تىل ئۇسلۇبى، ئوخشاش ۋاقىتتا ئىچكى قارشىلىقنى بوغىدىغان بىر قورال سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.

  • «پارتىيەنىڭ ۋەزىپىسى» بايانى ۋە ئاپتونومىيەنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاخىرلىشىشى

ماقالىدىكى بەلكىم ئەڭ ئېنىق ئىپادە شۇدۇر: (党中央赋予新疆的职责使命) — پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «شىنجاڭ» غا يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ. بۇ جۈملە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1955-يىلى قۇرۇلغان «ئاپتونوم رايون» سالاھىيىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى يەكۈنلەيدۇ.

ھەقىقىي بىر ئاپتونومىيە، رايوننىڭ ئۆز بايلىقلىرىنى ئۆز شارائىتىغا ئاساسەن باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى ماقالىدە رايونغا بېرىلگەن رول، پۈتۈنلەي بېيجىڭ بەلگىلىگەن نىشانلارغا خىزمەت قىلىشتۇر. بايلىقلارغا ئائىت قارارلار، ئىشلەپچىقىرىش نىشانلىرى ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىم نۇقتىلىرى بىيجىڭدىن «شىنجاڭ»غا تېڭىلماقتا. شۇڭا «شىنجاڭ» رەھبەرلىرىنىڭ رولى سىياسەت تۈزۈش ئەمەس، بەلكى بېيجىڭنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشتۇر.

-1966يىلى ب د ت دائىرىسىدە قوبۇل قىلىنغان خەلقئارا پۇقرالىق ۋە سىياسىي ھوقۇقلار ئەھدىنامىسىنىڭ 1-ماددىسى، خەلقلەرنىڭ ئۆز تەبىئىي بايلىقلىرى ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن بىرى دەپ بېكىتكەن. خىتاي بۇ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان، ئەمما تەستىقلىمىغان. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ پىرىنسىپنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئېنېرگىيە سىياسىتىنىڭ قايسى خەلقئارالىق ئۆلچەم دائىرىسىدە مۇنازىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

6. «ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى»:  خىتاي زۇلۇمىنىڭ كەلگۈسىگە ئائىت سېنارىيەلەر

بۇ يەرگىچە ئانالىز قىلغانلىرىمىز، بۈگۈنكى ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قوىدۇ. ئەمما ئەسلى سوئال شۇكى، بۇ ئۇقۇم تۈزۈم خاراكتېرلىك بىر ئاساسقا ئىگە بولسا، شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ؟ زۇلۇم داۋاملىشامدۇ؟ شەكىل ئۆزگەرتەمدۇ ياكى پۈتۈنلەي باشقىچە بىر تۈسكە كىرەمدۇ؟

ئۈچ ئاساسلىق سېنارىيەنى ئانالىز قىلىش مۇمكىن:

ئا ئېھتىماللىق: چوڭقۇرلاشقان بىر گەۋدىلىشىش «ئىقتىسادىي ئاسسىمىلياتسىيە» مودېلى

بۇ سېنارىيەدە «ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى» ئۇقۇمى تولۇق مەنىسى بىلەن ئومۇملىشىدۇ ۋە رايون سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق ئوقىغا ئايلىنىدۇ. بىۋاسىتە سىياسىي بېسىم سەل ئازىيىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا قارىتا ئىقتىسادىي ئاسسىمىلياتسىيە تېخىمۇ سىستېمىلىق بىر ھالغا كېلىدۇ.

بۇ مودېلدا نېمە بولىدۇ؟ نىفېت خىمىيە، يېڭى ماتېرىياللار ۋە ھىدروگېن ئىقتىسادىغا ئوخشاش ساھەلەردە چوڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىنىدۇ. ئەمما بۇ مەبلەغلەرنىڭ باشقۇرۇلۇشى، ئىشچى كۈچى ۋە سەرمايىسى ئاساسلىقى خىتاينىڭ شەرق قىسمىدىن كەلگەن خىتايلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.  شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ئۆز زېمىنىدىكى بۇ ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ سىرتىدا قالىدۇ. ئىشچى كۈچى سىياسەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرى تۆۋەن سەۋىيەلىك خىزمەتلەرگە مەجبۇر قىلىنسا، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش كادىرلىرى سىرتتىن كەلتۈرۈلىدۇ.

نوپۇس جەھەتتىن، ئىقتىسادىي جەلپ قىلىش مەركىزى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن شەرقىي تۈركىستان، نوپۇس كۆچۈرۈشنى تېزلىتىدۇ. خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى رايوننىڭ ئېتنىك تەركىبىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىدۇ. مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيە بېسىملىرى داۋاملىشىدۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى سەۋەب بىخەتەرلىك ئەمەس، بەلكى «ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش» ۋە «زامانىۋىلىشىش» بولۇشى مۇمكىن.

كىلاسسىك مۇستەملىكىچىلىك نەزەرىيەچىسى فانوننىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ زوراۋانلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىقنىڭ ئىقتىسادىي بىر تىلغا تەرجىمە قىلىنىشىدۇر (1961:95-105). بۇ تېخىمۇ ئاز كۆرۈنىدىغان، خەلقئارالىق ئىنكاسلارنى تېخىمۇ ئاز قوزغايدىغان، ئەمما قۇرۇلمىلىق تەسىرى جەھەتتىن ئالدىنقىلاردىن قېلىشمايدىغان چوڭقۇر بىر ئاسسىمىلياتسىيە جەريانىدۇر.

ئېھتىماللىق نىسبىتى: خىتاينىڭ خەلقئارا بېسىمدىن قېچىش مەقسىتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ھاكىمىيىتىنى قانۇنىيلاشتۇرۇش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىش مەيلىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ سېنارىيە ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىلدە ئەڭ مۇمكىن بولغان يۆنىلىشتۇر.

ب ئېھتىماللىق: بىخەتەرلىككە باغلاشنىڭ داۋاملىشىشى«كونتروللۇق مۇقىملىق» مودېلى

ئىككىنچى سېنارىيەدەخىتاي ھۆكۈمىتى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى سىياسىي بىخەتەرلىكتىن ئايرىپ قاراشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە رايوندىكى كونترول مېخانىزملىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. بۇ، نۆۋەتتىكى سىياسەتنىڭ ماھىيەتتە ئۆزگەرمىگەنلىكى، پەقەت بايان شەكلىنىڭ يېڭىلىنىپ ئېنېرگىيە تەرىپىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىرىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ مودېلنىڭ لوگىكىسى شۇنداق: ئېنېرگىيە زاپاسلىرىغا يېقىن بولۇش، شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىن باشقۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر سەۋەب سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. «ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى»، نۆۋەتتىكى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ھەقلىقلەشتۈرۈش ۋە يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان باھانىلار قاتارىغا كىرىدۇ. تۈركۈملەپ نازارەت قىلىش سىستېمىلىرى، «ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى قوغداش» بايانى بىلەن قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

بۇ سېنارىيەدە بېسىمنىڭ شەكلى ئۆزگەرمەيدۇ، پەقەت سەۋەبى يېڭىلىنىدۇ. بىخەتەرلىك بايانى، ئېنېرگىيە بايانى بىلەن بىرلىشىپ كېتىدۇ ۋە يېڭى بىر ھەقلىقلەشتۈرۈش سەۋىيەسىگە ئىگە بولىدۇ. خەلقئارا سەھنىدە بۇ تىل ئۆزگىرىشى، خىتاينىڭ ئۆز مەيدانىنى ئاقلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ: ئەمدى «ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى» ئەمەس، بەلكى «ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىكى» سۆزلىنىشكە باشلايدۇ.

دەرۋەقە ماقالە، تۇرۇبا لىنىيەلىرىنىڭ ۋە ئېنېرگىيە يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئوچۇق تەكىتلەيدۇ؛ (能源战略通道安全畅通) — «ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك يولىنىڭ بىخەتەر ۋە راۋان بولۇشى» — ئىبارىسىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ئىبارە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىخەتەرلىك باھانىسى بىلەن باشقۇرۇلۇشىغا خىزمەت قىلىدىغان ئۇقۇم ئاساسىنى ئاللىبۇرۇن سېلىپ بولغان.

ئېھتىماللىق نىسبىتى: شى جىنپىڭ دەۋرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بىخەتەرلىككە باغلاش خاھىشى ۋە بىيۇروكراتلىقنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك ئادىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ سېنارىيە قىسقا ۋە ئوتتۇرا مەزگىلدە يۇقىرى ئېھتىماللىققا ئىگە.

 س ئېھتىماللىق: خەلقئارا بېسىم ۋە چەكلىك ئىسلاھات «بايان مانېۋىرى» مودېلى

ئۈچىنچى سېنارىيەدە دۇنياۋى كىلىمات سىياسەتلىرى، تەمىنلەش زەنجىرى تەكشۈرۈشلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئەندىشىلىرى، خىتاينى ئۆز سىياسەتلىرىنى ھېچ بولمىغاندا كۆرۈنۈشتە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. بۇ سېنارىيە قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشنى ئەمەس، بەلكى باشقۇرۇش جەھەتتىكى ماسلىشىشنى ئىپادىلەيدۇ.

قانداق قەدەملەر ئېلىنىشى مۇمكىن؟ شەرقىي تۈركىستاندىكى بەزى چەكلىمىلەر سىمۋوللۇق سەۋىيەدە بوشىتىلىشى مۇمكىن. يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە مەبلەغلىرىدە خەلقئارالىق ئوچۇق-ئاشكارا مېخانىزملارغا قىسمەن يول قويۇلۇشى مۇمكىن. مەجبۇرىي ئەمگەك ئىددىئالىرىغا جاۋاب بېرىش مەقسىتىدە گۇۋاھنامە ياكى تەكشۈرۈش پىلانلىرى تۈزۈلۈشى مۇمكىن. بىراق بۇ قەدەملەر قۇرۇلمىلىق بىر ئۆزگىرىشنى ئەمەس، خەلقئارالىق بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بايلىقلار ئۈستىدىكى كونترول ئۆزگەرمەيدۇ، بايان ئۆزگىرىدۇ، خالاس.  بۇ، خىتاينىڭ «شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» ھېكايىسىنى خەلقئارالىق ئېنېرگىيە ئۆزگىرىشى بايانى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر ھەقلىقلەشتۈرۈش رامكىسى پەيدا قىلىدىغان جەرياندۇر.

بۇ سېنارىيەنىڭ كونكرېت بىر كۆرۈنۈشى ئاللىبۇرۇن مەلۇم بولماقتا: خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئېنېرگىيە شىركەتلىرى، كىلىمات نىشانلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ئىقتىدارىغا قىزىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئىنسان ھەقلىرى ئەندىشىلىرى بىلەنمۇ يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولماقتا. بۇ جىددىي ۋەزىيەت خىتاي ئۈچۈن دىپلوماتىك بىر مانېۋىر بوشلۇقى ياراتماقتا.

ئېھتىماللىق نىسبىتى: ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىنىڭ ۋە ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى پەيدا قىلغان بېسىم مۇھىتىدا، بۇ سېنارىيە تاللانغان ۋە تاكتىكىلىق رەۋىشتە ئىشلىتىلىدۇ.

7.  ئۈچ سېنارىيەنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى: قۇرۇلمىلىق داۋاملىشىش

بۇ ئۈچ سېنارىيە بىر-بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلار بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋە بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان جەريانلاردۇر. ئىقتىسادىي ئاسسىمىلياتسىيە چوڭقۇرلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى بىخەتەرلىككە باغلاش مېخانىزملىرى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدۇ، خەلقئارا بېسىم بولسا ھەر ئىككى جەرياننىڭ بايان شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ.

ئۈچ سېنارىيەنىڭ ئورتاق نۇقتىسى شۇكى، «ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى» ئۇقۇمى مەڭگۈلۈك بولسا، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز زېمىنى ۋە بايلىقلىرى ئۈستىدىكى تەسىرى يوق دېيەرلىك دەرىجىدە چەكلىك ھالدا قېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بېسىمنىڭ شەكلى ئۆزگەرسىمۇ، رولى ئۆزگەرمەيدۇ.

تارىخىي سېلىشتۇرمىلار بۇ نۇقتىدا مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. نىگېرىيەنىڭ نىگېر دېلتاسى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت زاپاسلىرىنىڭ بەزىلىرىگە ساھىبخانلىق قىلسىمۇ، دېلتا خەلقلىرى نىگېرىيەنىڭ ئەڭ نامرات ئىنسانلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان (ئايكىن: 1990: 35-50). قازاقىستاننىڭ سوۋېت دەۋرىدىكى بايلىق سىياسەتلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر يۆتكەش لوگىكىسى بىلەن باشقۇرۇلغان (ئولكوت، م. ب، 1995: 157-160). بۇ تارىخىي مىساللار، «بايلىق بازىسى» سۈپىتىدە بېكىتىلگەن رايونلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات جەھەتتىن ئىنتايىن ئاجىز بىر ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

يەكۈن: بىر ئۇقۇم، بىر تەقدىرمۇ؟

«شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان  بۇ خىتايچە ماقالە، بىر نەزەرىيەۋى يازما نىقابى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە ئىقتىسادى رامكىسىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنىڭ رەسمىي ھۆججىتىدۇر. ئىشلىتىلگەن تېرمىنولوگىيە قانچىلىك تېخنىكىلىق ۋە زامانىۋى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قۇرۇلمىنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ:  شەرقىي تۈركىستاندىكى بايلىقلار، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ  ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرى دائىرىسىدە سەپەرۋەر قىلىنماقتا. «ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى» ئىبارىسى، پەقەت بىر ئىقتىسادىي نىشاننىلا ئەمەس؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستانغا بېرىلگەن بىر سالاھىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. رايون بولۇش ئەمەس، بەلكى ۋاسىتە بولۇش سالاھىيىتى. ئۈچ سېنارىيە ئانالىزى شۇنى كۆرسەتتىكى، زۇلۇم تۈگىمەيدۇ، پەقەت ئۆزگىرىدۇ. ئىقتىسادىي ئاسسىمىلياتسىيە چوڭقۇرلىشىدۇ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى بىخەتەرلىككە باغلاش مېخانىزملىرى «ئۇل ئەسلىھە قوغداش» تىلى بىلەن قايتىدىن رامكىغا ئېلىنىدۇ ۋە خەلقئارا بېسىم تاكتىكىلىق ماسلىشىشلارنى قوزغىتىدۇ. ئەمما بۇ بارلىق ئۆزگىرىشلەر، ئاساسىي قۇرۇلمىنى — بايلىقلار ئۈستىدىكى كونترولنىڭ  خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چاڭگىلىدا قېلىشىنى — ئۆزگەرتمەيدۇ.

مەنبەلەر

Coronil, F. (1997). The Magical State: Nature, Money, and Modernity in Venezuela. University of Chicago Press.

Fanon, F. (1961). Les Damnés de la Terre. (Türkçe çev.: Yeryüzünün Lanetlileri). Versus Kitap.

Frank, A. G. (1966). The development of underdevelopment. Monthly Review, 18(4), 17–31.

Howell, A., & Fan, C. C. (2011). Migration and inequality in Xinjiang: A survey of Han and Uyghur communities in Urumqi. Eurasian Geography and Economics, 52(1).

Ikein, A. A. (1990). The Impact of Oil on a Developing Country: The Case of Nigeria. Praeger Publishers.

Murphy, L. T., & Elimä, N. (2021, Mayıs). In broad daylight: Uyghur forced labour and global solar supply chains. Sheffield Hallam University.

Olcott, M. B. (1995). The Kazakhs. Hoover Institution Press.

Sachs, J. D., & Warner, A. M. (1995). Natural resource abundance and economic growth (NBER Working Paper No. 5398). National Bureau of Economic Research.

Watts, M. (2001). Petro-violence: Community, extraction, and political ecology of a mythic commodity. İçinde N. L. Peluso & M. Watts (Ed.), Violent Environments (ss. 189–212). Cornell University Press.

新华网. (2014, 29 Haziran). 新疆积极探索构建»丝绸之路经济带核心区». https://www.xinhuanet.com//world/2014-06/29/c_1111365955.htm

Wúsīmàn, W., & Zīliè, M. (2026, 14 Nisan). 打造全国能源资源的战略保障基地 [Ulusal enerji kaynaklarının stratejik güvence üssünü inşa etmek]. 新疆日报 (Xinjiang Rìbào), A05.


[1] Wúsīmàn, W. ve Zīliè, M., “打造全国能源资源的战略保障基地 [Ulusal enerji kaynaklarının stratejik güvence üssünü inşa etmek]”, 新疆日报 (Xinjiang Ribao), 14 Nisan 2026, s. A05, https://xjrb.ts.cn/xjrb/20260414/256521.html.

[2] 新疆积极探索构建‘丝绸之路经济带核心区’”, 新华网 (Xinhua Net), 29 Haziran 2014, https://www.xinhuanet.com

/world/2014-06/29/c_1111365955.htm.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*