خىتاينىڭ «ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىك» بايانى ۋە خىتاي دۆلەت تېررورىنىڭ تىلشۇناسلىق جەھەتتىن تەھلىل قىلىنىشى

2025-يىلى 11-دېكابىر

 
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار
قىسقىچە مەزمۇنى
بۇ ماقالىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ياكى رەسمىيلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان رەسمىي بايانلىرى «تەنقىدىي دىسكۇرس ئانالىزى« (CDA) ئۇسۇلى ئارقىلىق تەھلىل قىلىنىدۇ. ماقالىنىڭ ئاساسلىق سانلىق مەلۇمات مەنبەسى، رەسمىي تاراتقۇ سۇپىسى «شىنداۋ» (Xindabao) دا 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى لى چاڭلىن (李昌林) تەرىپىدىن يېزىلغان «‹ئۈچ خىل كۈچ› تەھدىتى ئاستىدا شىنجاڭ قانداق قىلىپ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرتىپ ۋە ئەمىنلىكنى ‹بەرپا قىلدى›» ناملىق تەشۋىقات ماقالىسىدۇر.
ئانالىز شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، دۆلەت باياناتىدا مەركىزىي ئورۇن تۇتىدىغان «ئۈچ خىل كۈچ» (تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك، ئاشقۇنلۇق) ئۇقۇمى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېتنىك ۋە دىنىي كىملىكىنى جىنايەتچىلەشتۈرۈشكە خىزمەت قىلىدىغان بىر «قۇرۇق بەلگە» (empty signifier) سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ. بۇ ماقالىدە  لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىدە كۆككە كۆتۈرۈلگەن «ئۇزاق مۇددەتلىك تەرتىپ ۋە ئەمىنلىك» (长治久安) ئۇقۇمىنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە تىنچلىق مۇھىتىنى ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ دىجىتال  نازارەت ۋە ئائىلىلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىش ئارقىلىق غايەت زور بىر «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە»گە ئايلاندۇرۇلۇشىنى يوشۇرىدىغان ئىستراتېگىيىلىك بىر «پەردازلاش» (euphemism / سۆزى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. تىلشۇناسلىق مەلۇماتلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، تېكىستتە «تەھدىت» دەپ  تامغا بېسىلغان ئېلېمېنتلار ئەمەلىيەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردۇر؛ ھەقىقىي «ۋەيران قىلغۇچى كۈچ» بولسا سىستېمىلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى  ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىق، سوتسىز ئىجرا قىلىش ۋە بىيو-سىياسىي كونترول مېخانىزمىنى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ ئۆزىدۇر.
 كىرىش: تىل، ھاكىمىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشى
ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق ساھەسىدە تىل پەقەت بىر ئالاقە قورالىلا ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي رېئاللىق بەرپا قىلىنىدىغان ۋە ھاكىمىيەت مۇناسىۋەتلىرى قايتا شەكىللەندۈرۈلىدىغان بىر ھۆكۈمرانلىق ساھەسىدۇر( 1991بوردىئو).  خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرى تەكشۈرۈلگەندە، جىسمانىي زوراۋانلىقتىن (لاگېرلار، مەجبۇرىي ئەمگەك، قىيىن-قىستاق، ئېتنىك قىرغىنچىلىق) ئاۋۋال، بۇ زوراۋانلىقنى مۇمكىن قىلىدىغان بىر «تىل ئاساسى« (linguistik zemin) قۇرۇلغانلىقى كۆرۈلمەكتە.
جورج ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق رومانىدىكى «يېڭى سۆز» (Newspeak) ئۇقۇمى، ھاكىممۇتلەق رېجىملارنىڭ تىلنى تارايتىش ئارقىلىق تەپەككۇرنى مۇمكىن بولماس ھالەتكە كەلتۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ . ئوخشاشلا، خىتاي دۆلىتىمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى «تەربىيەلەش»، «قانۇن» ۋە «ئەمىنلىك» سۆزلىرى بىلەن نىقابلىماقتا. بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق تېزىسى شۇكى: رەسمىي باياناتلاردا «تېررورىست» ۋە «بۆلگۈنچى» دەپ تامغا قويۇلغان ئۇيغۇرلار ئەمەلىيەتتە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشى قىلىۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردۇر؛ لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىدە ئۆزىنى «قۇتقۇزغۇچى» سۈپىتىدە كۆرسەتكەن خىتاي دۆلىتى بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى بۇزۇۋاتقان،  ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان، ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئائىلە قۇرۇلمىسىنى پارچىلاۋاتقان ھەقىقىي «تېررور» مەنبەسىدۇر.
ئۇقۇم رامكىسى
ئانالىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تەتقىقاتتا قوللىنىلغان ئاساسلىق ئۇقۇملارغا تۆۋەندىكىچە ئېنىقلىما بېرىلدى:
1.2.  تەنقىدىي سۆزلەم ئانالىزى (Critical Discourse Analysis – CDA): تىل ئىشلىتىش بىلەن ئىجتىمائىي كۈچ ۋە تەڭسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى دىئالېكتىكىلىق مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان تەنقىدىي سۆزلەم ئانالىزى (CDA) ئۇسۇلى قوللىنىلدى. بۇ دائىرىدە تىل پەقەت ئالاقە قورالى ئەمەس، بەلكى ھاكىمىيەت ئۆزىنى قايتا شەكىللەندۈرىدىغان، «ھەقىقەت»  پەقەت ھۆكۈمران كۈچ تەرىپىدىن بەرپا قىلىنىدىغان بىر تەھدىت  ساھەسىدۇر  ( تىئۇن ۋان، دىجىك، 1998).  سۆزلەملەرنىڭ قۇتۇپلاشقان قۇرۇلمىسىنى ئانالىز قىلىدىغان «ئىدېئولوگىيەلىك كۋادرات» (Ideological Square) مودېلىغا ئاساسەن، ھەر بىر ھاكىمىيەتنىڭ باياناتلىرى تۆت ئاساسىي ئىستراتېگىيە ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ:

« بىز» نىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى تەكىتلەش.
 «ئۇلار»نىڭ يامان تەرەپلىرىنى تەكىتلەش.
«بىز»نىڭ يامان تەرەپلىرىنى يوشۇرۇش ياكى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىش.
«ئۇلار»نىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى يوشۇرۇش ياكى يوق دەپ قاراش.
بىز تەھلىل قىلغان  لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىدە بۇ مودېل تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنىدۇ:
ئا. «بىز ياخشى سۇنۇمى [1]«قۇتقۇزغۇچى بىز (خىتاي دۆلىتى)
باياناتتا «بىز» ئورنىدىكى خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى؛ ئەقلىيلىك، زامانىۋىلىق، قانۇن ۋە مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنمەكتە. لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنغان «ئۇزاق مۇددەتلىك تەرتىپ ۋە ئەمىنلىك»، «قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى» ۋە «ياردەم تەربىيەسى»گە ئوخشاش ئىبارىلەر، دۆلەت يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىقنى بىر «ياخشىلىق» ۋە «مەدەنىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى» رامكىسىغا كىرگۈزمەكتە. دۆلەت جازالىغۇچى بىر ئورگان بولۇشتىن بەكرەك، «ئالدانغان» پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇۋاتقان شاپائەتچى (پاتېرنالىست دۆلەت) رولىدا كۆرسىتىلمەكتە.
ب.  باشقىلار يامان  سۇنۇمى[2]: «كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئۇلار (ئۇيغۇرلار)
باياناتتا «ئۇلار» سالاھىيىتىدىكى ئۇيغۇر كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە ئېتىقادى بولسا «ئۈچ خىل كۈچ» قالپىقى كىيگۈزۈلۈپ  جىنايەتچىلەشتۈرۈلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەمەلىيەتلىرى «ئاشقۇنلۇق»، مەدەنىيەت خاسلىقى تەلەپلىرى «بۆلگۈنچىلىك»، قارشىلىق كۆرسىتىش رېفلىكىسلىرى بولسا «تېررور» دەپ تامغىلانماقتا. جرىكنىڭ مودېلىغا ماس ھالدا، ئۇيغۇر كىملىكى ئىزچىل تۈردە «قالايمىقانچىلىق»، «جاھالەت»، «قالاقلىق» ۋە «كېسەللىك» (زەھەرلىك ئىدىيەلەر) مېتافورىلىرى بىلەن سۈپەتلەنمەكتە؛ شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار سۇبيېكت (ئىگىلىك) بولۇشتىن چىقىرىلىپ، «ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك بولغان» ئوبيېكتلارغا ئايلاندۇرۇلماقتا.
س. جىنايەتچىنىڭ پەردىلىنىشى ۋە جىنايەتنىڭ باشقىلارغا دۆڭگىلىشى
«ئىدېئولوگىيەلىك كۋادرات» مودېلىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق رولى، «بىز»نىڭ (دۆلەتنىڭ) يامان ھەرىكەتلىرىنىڭ يوشۇرۇلۇشىدۇر. ئىجرا قىلىنىۋاتقان جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە نوپۇس ئىنژېنېرلىقىغا ئوخشاش ئىنسانىيلىققا مۇخالىپ جىنايەتلەر؛ «كەسپىي تەربىيەلەش»، «نامراتلىقنى تۈگىتىش» ۋە «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش»قا ئوخشاش سىپايە سۆزلەر (euphemism) بىلەن كۆرۈنمەس قىلىنماقتا؛ ھەتتا ئۇلار دۇچ كەلگەن بېسىملارنىڭ جاۋابكارى يەنىلا ئۇلارنىڭ ئۆزىدەك كۆرسىتىلىپ (قۇرباننى ئەيىبلەش ئىستراتېگىيەسى)، دۆلەت يۈرگۈزۈۋاتقان تېررور قانۇنلاشتۇرۇلماقتا.
خۇلاسىلىگەندە، لى چاڭلىننىڭ خىتاي دۆلىتىنى مۇتلەق ياخشى ۋە نىزام بېكىتكۈچى، ئۇيغۇر خەلقىنى بولسا بۇ تەرتىپكە ۋە نىزامغا تەھدىت سالىدىغان ئەقىلسىز ۋە خەتەرلىك «ئۆزگىلەر» سۈپىتىدە تامغىلاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي زېمىن تەييارلىماقتا.
2.2. بىيو-سىياسەت (Biopolitics): مىشېل فۇكو (Foucault, 1978) ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئۇقۇم، دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسان بەدىنى ۋە نوپۇس ئۈستىدىكى بىيولوگىيەلىك كونتروللۇقىنى (تۇغۇلۇش نىسبىتى، ئۆمۈر ئۇزۇنلۇقى، ساغلاملىق، تۇغماس قىلىش/پىچىۋېتىش) ئىپادىلەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغماس قىلىش (قىسىرلاشتۇرۇش) سىياسەتلىرى بۇنىڭ ئەڭ روشەن مىسالىدۇر.
3.2.ئۈستى ئوچۇق تۈرمە (Panopticon)جېرېمى بېنتام (Jeremy Bentham) ئوتتۇرىغا قويغان ۋە فۇكو ئۇقۇملاشتۇرغان تۈرمە مودېلىدۇر. نازارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) نازارەت قىلغۇچىلارنى (خىتاي دۆلىتىنى) كۆرمەيدىغان، ئەمما ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغان، شۇڭا ئۆز-ئۆزىنى چەكلەپ تۇرىدىغان (تىزگىنلەيدىغان) بىر ئىنتىزام مېخانىزمىدۇر.
4.2. سىپايە سۆز / پەردازلاش (Euphemism): بىئارام قىلىدىغان، قاتتىق،ھەقسىز ياكى قوبۇل قىلىنمايدىغان رىئاللىقنى  يۇمشىتىش ئۈچۈن  «سىپايە» ياكى «تاكتىكىلىق» سۆزلەرنى ئىشلىتىشتۇر. (مەسىلەن: «جازا لاگېرى» نىڭ ئورنىغا «كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى» دېيىلىشى).
3. سانلىق مەلۇمات مەنبەسى ۋە ئارقا كۆرۈنۈش
بۇ ماقالىدە ئانالىز قىلىنغان لى چاڭلىن تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالە ، خىتاي دۆلىتىنىڭ رەسمىي ئىدېئولوگىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تىپىك بىر تەشۋىقات ئۈلگىسىدۇر. تېكىستنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ماقالە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان. ئاپتور رايوندىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى «تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت» دەپ تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە، بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇنى «ئۈچ خىل كۈچ»» (San Gu Shili) دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ: بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورىزم. ماقالىدە ئاپتور، ئىسلامنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ «يىگانە ۋە تەبىئىي ئېتىقادى ئەمەسلىكى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخنى ئۆزگەرتىپ يېزىشقا (تارىخىي رېۋىزىئونىزمغا) كىرىشىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى «تاشقى كۈچلەرنىڭ قۇترىتىشى» دەپ تەرىپلەيدۇ.
ماقالىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈنكى «ئۇزاق مۇددەتلىك تەرتىپ ۋە ئەمىنلىك» ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە قانۇنىي تەدبىرلىرى سايىسىدا، جاپالىق كۈرەش بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن. ماقالە، «قانۇنسىز» دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىنىشىنى ۋە كىشىلەرنىڭ « ياردەم تەربىيەسى»  ئارقىلىق «زەھەرلىك ئىدىيەلەر»دىن تازىلىنىشىنى ياقىلايدۇ. غەرب دۇنياسىنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك» ۋە «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» تەنقىدلىرىنى بولسا «خىتاينى قورشاش ئىستراتېگىيەسى» دەپ رەت قىلىدۇ. خۇلاسە قىسمىدا، «كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە كەسكىن» ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، رېجىم سىياسەتلىرىنىڭ بوشاشتۇرۇلماي داۋاملاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكى (مەڭگۈلۈك جىددىي ھالەت) تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
4. ئانالىز ۋە نەتىجىلەر
ماقالە، لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىدىكى سۆزلەم  ئىستراتېگىيەلىرىنى تۆت ئاساسىي تېما ئاستىدا يېشىپ بېرىدۇ.
1.4. ئىتتىرىپ قويۇش / دۆڭگەش (Projection) ئىستراتېگىيەسى: ئەسلى رەزىل كۈچ كىم؟
لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىدە، پىسخىكىلىق ئانالىز ئۇقۇمى بولغان «ي»نى سىياسىي بىر ئىستراتېگىيە سۈپىتىدە قوللىنىدۇ. جىنايەتچى (خىتاي دۆلىتى)، ئۆز جىنايەتلىرىنى قۇربانغا (ئۇيغۇرلارغا) دۆڭگەيدۇ.
 «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ «خەلقنىڭ مال-مۈلۈك ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە زىيان سالغانلىقى»نى، «تىنچلىقنى بۇزغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
رېئاللىق (ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق ئانالىزى):  «تېررور» – سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن پۇقرالارغا  زوراۋانلىق قىلىش ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلىشتۇر. شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئىنساننى سوتلىماستىن لاگېرلارغا قامىغان، مەسچىتلەرنى چېقىۋەتكەن، بالىلارنى ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋېتىپ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇۋەتكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان كۈچ — خىتاي كومپارتىيەسىدۇر.
لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» ئېنىقلىمىسى، دۆلەتنىڭ ئۆز تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يوشۇرىدىغان نىقاپ رولىنى ئوينايدۇ. لى چاڭلىن «بۆلگۈنچىلىك»تىن سۆز ئاچقاندا، ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى «پارچىلاش» (ئائىلىلەرنى ئايرىش) ھەرىكىتىنى يوشۇرۇشنى قەستلىمەكتە. شۇڭا، لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىنىڭ لوگىكىلىق قۇرۇلمىسى تەتۈرىسىگە ئايلاندۇرۇلغاندا، ھەقىقىي «رەزىل كۈچ»نىڭ خىتاي دۆلىتى ئىكەنلىكى تىلشۇناسلىق جەھەتتىن ئىسپاتلىنىدۇ.
ئۇزاق مۇددەتلىك تەرتىپ ۋە ئەمىنلىك (长治久安) :  دىجىتال تۇرمە ۋە پاسسىپ تىنچلىقنىڭ  بەرپا قىلىنىشى
لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنىڭ «ئەنگۈشتىرى»  (Holy Grail) سۈپىتىدە سۇنۇلغان «ئۇزاق مۇددەتلىك تەرتىپ ۋە ئەمىنلىك»  بايانى، مەنىۋى ۋە ئەمەلىي تۈزۈلمىدە دېموكراتىك بىر «ھۇزۇر» مۇھىتىنى ئەمەس، ھاكىممۇتلەق كونترول رېجىمىنى ئىپادىلەيدۇ.
1.2.4. پاسسىپ تىنچلىق ۋە «قەبرىستان جىمجىتلىقى»
تىنچلىق تەتقىقاتلىرى ساھەسىدە يوھان گالتۇڭ (Johan Galtung) نىڭ ئايرىمىسىغا ئاساسلانغاندا؛ «ئاكتىپ تىنچلىق» ئادالەت ۋە ئىجتىمائىي رازىمەنلىككە تايانسا، «پاسسىپ تىنچلىق» پەقەتلا توقۇنۇشنىڭ يوقلۇقى بولۇپ، كۆپىنچە بېسىم ئاستىدا شەكىللەندۈرۈلىدۇ. لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىدە «ئەمىنلىك / مۇقىملىق» تەكىتلىمىسى، ئىجتىمائىي رازىمەنلىككە تايانغان بىر ماسلىشىش (harmony) ئەمەس، خىتاي دۆلىتىنىڭ زوراۋانلىق مونوپوللۇقىنى ئىشقا سېلىپ پەيدا قىلغان مۇتلەق بىر جىمجىتلىقتۇر. جەمئىيەتشۇناسلىق جەھەتتىن بۇ ئەھۋال، ئۆكتىچى ئاۋازلار سىمۋوللۇق جەھەتتىن يوقىتىلغان «قەبرىستان جىمجىتلىقى» غا ئوخشايدۇ. لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىدىكى «قانۇن تەربىيەسى» ۋە «خەلقنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈرۈش»كە ئوخشاش ئىبارىلەر، ئەمەلىيەتتە شەخسلەرنىڭ دۆلەت ئىدېئولوگىيەسى سىرتىدا تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى، تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈرۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت بىر ئېپىستېمىك (بىلىش) زوراۋانلىقى جەريانىنى ئىپادىلەيدۇ.
2.2.4. دىجىتال دىكتاتۇرلۇق ۋە «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» قۇرۇلمىسى

«ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك» شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەقەت ئىدېئولوگىيەلىكلا ئەمەس، بەلكى تېخنىكىلىق قامالغا ئېلىنىشىنىڭ مەخپىي كودىدۇر. لى چاڭلىن  بۇ ئەھۋالنى «بىخەتەرلىك» دەپ تەرىپلىسىمۇ،  رېئاللىق مىشېل فۇكونىڭ پانوتىپكون (تۇرمە) مېتافورىسىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەن بىر «دەرىجىدىن تاشقىرى تۇرمە» دۇر.
تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇمات:  شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان «بىرلەشمە ھەرىكەت سۇپىسى» (IJOP) ۋە «تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش» (Grid Management System)، ئىنسانلارنى «كەلگۈسىدىكى جىنايەتچى » دەپ تۈرلەرگە ئايرىيدىغان ئالگورىزىملىق بىر باشقۇرۇش شەكلىدۇر. چىراي تونۇش سىستېمىلىرى، مەجبۇرىي DNA / بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر توپلاش، يان تېلېفونلارغا مەجبۇرىي قاچىلانغان جاسۇسلۇق دېتاللىرى (جىڭۋاڭ) ۋە QR كودلۇق تەكشۈرۈش پونكىتلىرى؛ شەرقىي تۈركىستاننى تاملىرى يوق، ئەمما قېچىش مۇمكىن بولمىغان   «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە»گە ئايلاندۇردى. بۇ يەردە «ئەمىنلىك»، شەخسنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى، ھەتتا يۈز ئىپادىلىرىمۇ دۆلەت ساندانىغا كىرگۈزۈلىدىغان بىر  رېجىمىدۇر.
3.2.4. مەڭگۈلۈك «جىددىي ھالەت»  (State of Exception) ۋە دۈشمەننىڭ ئەبەدىيلەشتۈرۈلۈشى
ئاپتورنىڭ «كۈرەش ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە كەسكىن؛ بوشاشماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشى، گىئورگىيو ئاگامبېن (Giorgio Agamben, 2005) نىڭ «مۇستەسنا ھالەت»  (State of Exception / جىددىي ھالەت) نەزەرىيەسى بىلەن تولۇق ماس كەلمەكتە. ئاگامبېننىڭ قارىشىچە، زامانىۋى ھاكىممۇتلەق رېجىملار قانۇننى ئىجرا قىلماسلىق ئۈچۈن «جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈش»نى مەڭگۈلۈك ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. ماقالىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» (تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك، ئاشقۇنلۇق)،خىتاي دۆلىتىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلماي توختىتىپ قويۇشىنى (لاگېرلار، سوتسىز ئىجرا قىلىشلارنى) قانۇنلاشتۇرىدىغان «پايدىلىنىلىدىغان دۈشمەن» رولىنى ئوينايدۇ. تەھدىتنىڭ «ئۇزاق مۇددەتلىك» ۋە «مۇرەككەپ» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىددىئا، جىددىي ھالەتنىڭ (كوچىغا چىقىش چەكلىمىلىرى، ساياھەت چەكلىمىلىرى، لاگېرلار) ھەرگىز تۈگىمەيدىغانلىقىنىڭ، يەنى جىددىي  ھالەتنىڭ قائىدىگە ئايلانغانلىقىنىڭ ئىقرارىدۇر. دۆلەت مەۈھۇم بىر تەھدىتنى داۋاملىق تىرىك تۇتۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى چەكسىز بىر گۇماندار كاتېگورىيەسىدە («ئىشەنچىسىزلەر») تۇتۇپ تۇرماقتا.
خۇلاسىلىگەندە، لى چاڭلىننىڭ ماقالسىدە كۆككە كۆتۈرۈلگەن «ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىك»، بىر جەمئىيەتنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن قۇرغان تىنچلىق تەرتىپى ئەمەس؛ بەلكى ئالگورىزىملىق كۆزىتىش ياكى نازارەت، بىيو-سىياسىي قىسىرلاشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئاسىمىلياتسىيەسى ئارقىلىق، بىر ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) كوللېكتىپ ئىرادىسى ۋە كېلەچىكىنىڭ توڭلىتىۋېتىلىشىدۇر.
3.4.  سىپايە سۆز / پەردازلاش (Euphemism) ۋە پسخىكىلىق زوراۋانلىق
خىتاي دۆلىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۆزلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، «يېڭى  سۆزلۈكلەر» بەرپا قىلماقتا. تۆۋەندىكى جەدۋەلدە، تېكىستتىكى ئىبارىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق  نۇقتىسىدىن تەرجىمىسى بېرىلگەن:
تېكىستتىكى ئىبارە (رەسمىي بايان)
ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق جەھەتتىكى تەڭدىشى (رېئاللىق / يوشۇرۇن تېكىست)
«ياردەم تەربىيەسى»
جازا لاگېرلىرى: شەخسنىڭ رىزاسىدىن تاشقىرى تۇتۇپ تۇرۇلىدىغان، ئىدېئولوگىيەلىك مېڭە يۇيۇشقا مەجبۇرلىنىدىغان ئورۇنلار. «ياردەم» سۆزى ئارقىلىق قۇربان «كېسەل/موھتاج»، دۆلەت«دوختۇر/ساخاۋەتچى» قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
«نوپۇس ساپاسىنى ئۆستۈرۈش»
ئىرسىي شاللىنىش  (Eugenics) ۋە بىيو-سىياسەت: ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى مەجبۇرىي توسۇش، تۇغماس قىلىش (پىچىۋېتىش) ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش.
«ئىسلام بىردىنبىر ۋە تەبىئىي ئېتىقاد ئەمەس»
مەدەنىيەتنى ئۆچۈرۈش (De-identification): ئۇيغۇر كىملىكىنى ئىسلامدىن ئۈزۈپ تاشلاپ مەنىۋىيىتىنى قۇرۇقدىۋېتىش ۋە  ئىسلام دىنىنى«فولكلور» يادىكارلىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش.
«زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلى»
ئاسىمىلياتسىيە: ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ «قالاقلىق»، خىتاي تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ «مەدەنىيەت» دەپ تەرىپلىنىشى
«توردىن چىقىپ كەتكەن بېلىقلار»
ئىنسانلىقتىن چىقىرىش (Dehumanization): ئىنسانلارنىڭ تۇتۇلىدىغان بىر «نەرسە»گە ئايلاندۇرۇلۇشى.
4.4. «توردىن قېچىپ كەتكەن بېلىقلار» مېتافورىسى: ھايۋان نامى بىلەن ئاتاش ۋە ئىنسان كاتېگورىيەسىدىن چىقىرىپ تاشلاش
لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىدە ئورۇن ئالغان «گەرچە بايقالغانلار جازالانغان بولسىمۇ، تورغا چۈشمىگەن بېلىقلار (قېچىپ كەتكەنلەر) بولۇشى مۇمكىن» دېگەن ئىبارە، گىرېگورىي ستانتون (Gregory Stanton, 1996) نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئون باسقۇچى» ناملىق مودېلىدا ئېنىقلىما بېرىلگەن ۋە  كوللىكتىپچە قىرغىن قىلىشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پىسخىكىلىق بوسۇغىسى بولغان «ئىنسان كاتېگورىيەسىدىن چىقىرىش تاشلاش »  (Dehumanization) باسقۇچىنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىغا كىرگۈزۈشكە تېگىشلىك بىر مىسالىدۇر.
1.4.4. ئونتولوگىيەلىك (مەۋجۇتلۇق) سالاھىيىتىنىڭ يوقىلىشى ۋە زوونىمىك تىل (ھايۋان ئىسمى بىلەن ئاتاش)
ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىقتا «زوونىمىك بەلگە سېلىش» (ئىنسانلارنىڭ ھايۋان ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىشى) دەپ بىلىنىدىغان بۇ ئىستراتېگىيە، نىشان قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي سۈپەتلىرىنى (ئەقىل، ۋىجدان، خاسلىق) سۆز-جۈملىلەر ئارقىلىق يوق كۆرسىتىدۇ. خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى قانۇنىي ھەقلەرگە ئىگە بىرەر «سۇبيېكت» (پۇقرا) ئەمەس، بەلكى ئوۋلىنىشى كېرەك بولغان بىرەر «نەرسە» (بېلىق) سۈپىتىدە تەرىپلەيدۇ.
بېلىق مېتافورىسىنىڭ يوشۇرۇن مەنىسى: بېلىقلار سوغۇق قانلىق بولىدۇ، ئۈنسىز بولىدۇ ۋە توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇلار بىلەن سۆزلىشىلىمەيدۇ، كېلىشىم تۈزۈلمەيدۇ ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىنمايدۇ. بىر ئىنساننى «بېلىق» دەپ تەسۋىرلەش، ئۇنىڭغا قىلىنىدىغان زوراۋانلىقنى ئەخلاقىي بىر مەسىلە بولۇشتىن چىقىرىپ، تېخنىكىلىق بىر «ئوۋچىلىق» ياكى «زىيانداشلارنى تىزگىنلەش» پائالىيىتىدەك كۆرسىتىدۇ.
2.4.4 «تور» مېتافورىسى ۋە« ئاسماندا تور، يەردە قاپقان» تۇرمە دۆلىتى
لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىدە «تور» مېتافورىسى، خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىممۇتلەق نازارەت قۇرۇلمىسىغا (يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش تورى) ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور تاللىغۇچىدۇر ۋە قاپلىغۇچىدۇر؛ مەقسىتى ئىچىدىكى «يات» ياكى «زىيانلىق» ئېلېمېنتلارنى ئايرىپ تاشلاشتۇر.
 خىتاي دۆلىتى  ئۆزىنى «بېلىقچى» (جىنايەتچى/سۇبيېكت)، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى بولسا «دېڭىز/بېلىق توپى» (ئوبيېكت/نەرسە) ئورنىغا قويغاندا، قانۇن دۆلىتى پرىنسىپىغا كېرەك قالمىغان بولىدۇ. بېلىقچىنىڭ بېلىقنى تۇتۇشى ئۈچۈن سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئېھتىياجى يوقتۇر. بۇ مېتافورا، دۆلەتنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە سوتسىز ئىجرا قىلىش ئەمەلىيەتلىرىنى، بىيۇروكراتىك بىر «ئىلغاپ ئايرىش جەريانى» سۈپىتىدە نورماللاشتۇرىدۇ. «توردىن چىقىپ كەتكەن بېلىق» ئىبارىسى، قېچىپ كەتكەن كىشىنىڭ گۇناھسىز بولۇش ئېھتىماللىقىنى نۆلگە چۈشۈرىدۇ؛ ئۇ پەقەت تېخى تۇتۇلمىغان ئوۋدۇر.
3.4.4. بىيو-سىياسەت ۋە «يالىڭاچ ھايات»  (Bare Life)
بۇ بايان، گىئورگىيو ئاگامبېن (Giorgio Agamben) نىڭ «Homo Sacer» ۋە «يالىڭاچ ھايات» ئۇقۇملىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. خىتاي دۆلىتى، ئۇيغۇرلارنى سىياسىي ھەقلەرگە ئىگە پۇقرالار (bios) سالاھىيىتىدىن چىقىرىپ، پەقەتلا بىيولوگىيەلىك بىر گۇرۇپپا سالاھىيىتىگە (zoe) چۈشۈرۈپ قويماقتا.
تازىلىنىدىغان نوپۇس: لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىدە «بېلىقلارنىڭ تازىلىنىشى»، بىر «تىنچلىق» ئىزدەش ئەمەس، بەلكى بىر «تازىلىق» (گىگىيېنا) ۋە «مىكروبسىزلاندۇرۇش» مەسىلىسىدۇر. ناتسىست گېرمانىيەسىدىكى «مىكروب/ۋىرۇس» ياكى رۋاندادىكى «مۇنچا قۇرۇتلىرى» ئوخشىتىشلىرىغا ئوخشاش، خىتاينىڭ «بېلىق/تور» مېتافورىسىمۇ، يوقىتىش ھەرىكىتىنى (قىرغىنچىلىقنى) بىر «ئىجتىمائىي تازىلىق» ۋە «نوپۇس ئىنژېنېرلىقى» مۇۋەپپەقىيىتى سۈپىتىدە تەرىپلەيدۇ.
قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، «توردىن چىقىپ كەتكەن بېلىقلار» ئىبارىسى، پەقەت بىر ئەدەبىي ئوخشىتىش ئەمەس، بەلكى  كوللېكتىپ يوقىتىش ۋە ئاسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتچىلەرنىڭ (ساقچىلارنىڭ، لاگېر خادىملىرىنىڭ) ۋىجدانىي يۈكىنى يېنىكلىتىشنى مەقسەت قىلغان «ئەخلاق بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ رېجىم يۈرگۈزۈش»  (moral disengagement) مېخانىزمىنىڭ تىلدىكى ئىپادىسىدۇر.
5. مۇلاھىزە: مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ گىرامماتىكىسى
لى چاڭلىن يازغان بۇ ماقالە، ئادەتتىكى بىر دۆلەت تەشۋىقاتى بولۇشتىنمۇ ھالقىپ، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق گېنلىرىنى قايتىدىن يېزىشنى نىشان قىلغان بىر «نىيەت باياننامىسى» (statement of intent) دۇر. ماقالە، خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچى مەۋجۇتلۇقىنى بىر «مەدەنىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى»  (civilizing mission) سۈپىتىدە رامكىغا ئالغان بولسا، قۇرلار ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئېپىستېمولوگىيەلىك (بىلىشكە ئائىت) ۋە ئونتولوگىيەلىك (مەۋجۇتلۇققا ئائىت) ئاساسلىرىنى نىشان قىلغان بىر يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىنى قۇرۇپ چىقماقتا.
بۇ ئىستراتېگىيە ئۈچ ئاساسىي سۆزلەم تۈۋرۈكى ئۈستىگە قۇرۇلغان:
1.5.  دىننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇلۇشى (Securitization of Religion) ۋە ئېتىقادنىڭ كېسەللىك دەپ تامغىلىنىشى
كوپېنھاگېن ئېقىمىنىڭ (بارى بۇزان ۋە ئول ۋېۋېر) «بىخەتەرلىكلەشتۈرۈش نەزەرىيەسى»گە ئاساسلانغاندا، دۆلەتلەر نورمال سىياسىي جەريانلار بىلەن ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى «مەۋجۇتلۇق تەھدىتى» دەپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق پەۋقۇلئاددە تەدبىرلەرنى قانۇنلاشتۇرىدۇ. ماقالىدە ئىسلام مۇشۇ كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈلىدۇ.
قانۇنلۇق/قانۇنسىز تۇزىقى: لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىدە دىنىي ئېتىقاد «قانۇنلۇق» ۋە «قانۇنسىز» دەپ ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىدۇ. بىراق ماقالىدىكى«قانۇنلۇق» ساھەنىڭ چېگرالىرى شۇنچىلىك تارايتىلغانكى (ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىبادەت چەكلىمىسى، روزا تۇتۇش چەكلىمىسى، ئىسلامىي ئىسىملارنىڭ چەكلىنىشى، بالىلارغا دىنىي تەربىيە بېرىش چەكلىمىسى)، دىندار بىر ئۇيغۇرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپ «قانۇنسىز» (يەنى دۆلەتنىڭ نەزىرىدە «تېررورىست») ئورنىغا چۈشۈپ قالماسلىقى مۇمكىنسىز ھالغا كەلتۈرۈلگەن.
ئېتىقادنىڭ تىببىيلاشتۇرۇلۇشى (Medicalization):  ماقالىدىكى «داۋالاش»، «تەسىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش» ۋە «ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش»قا ئوخشاش بىيولوگىيەلىك مېتافورىلار، ئىسلام ئېتىقادىنى داۋالىنىشى كېرەك بولغان زېھنىي بىر «ۋىرۇس» ياكى «كېسەللىك» (پاتولوگىيە) سۈپىتىدە تەرىپلەيدۇ. بۇ بايان، ئېتىقاد قىلغان ئىنساننى بىر «پۇقرا» ئەمەس، بەلكى كارانتىنغا ئېلىنىشى كېرەك بولغان بىر «بىمار» سالاھىيىتىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا، پۈتكۈل جەمئىيەت يوشۇرۇن «يۇقۇملانغان» (جىنايەتچى) دەپ ئېلان قىلىنىدۇ.
كوللېكتىپچە خاتىرە قابىلىيىتىنى قىرغىن قىلىش (Memoricide) ۋە تارىخقا «تۈزىتىش كىرگۈزۈش»
جەمئىيەتشۇناس پىئېر نورا (Pierre Nora) نىڭ «خاتىرە ماكانلىرى» ئۇقۇمىدىن قارىغاندا، بىر جەمئىيەتنىڭ كىملىكى تارىخىي بايانلىرىغا سىڭدۈرۈلگەن بولىدۇ. ئاپتورنىڭ «ئىسلام ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغما ياكى بىردىنبىر ئېتىقادى ئەمەس» دېگەن ئىددىئاسى، بىتەرەپ بىر تارىخىي ئانالىز ئەمەس، قەستەن قىلىنغان بىر «خاتىرە قىرغىنچىلىقى» (Memoricide) تەشەببۇسىدۇر.
يىلتىزلارنىڭ كېسىلىشى: بۇ بايان ئۇيغۇرلار 1000 يىللىق ئىسلامىي تارىخىنى «يات»، «كېيىن قوشۇلغان» ۋە «ۋاقىتلىق» بىر ئېغىش دەپ سۈپەتلەيدۇ. مەقسەت، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئەجدادلىرىدىن ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلاش؛ ئۇلارنى تارىخسىز، خاتىرىسىز يىلتىزسىز ۋە شۇ سەۋەبتىن كىملىكسىز بىر توپقا ئايلاندۇرۇشتۇر.
ئېپىستېمىك (بىلىش) قىرغىنچىلىقى (Epistemicide): خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە ئېنىقلىما بېرىش ھوقۇقىنى (self-identification) تارتىۋېلىپ، ئۇلارغا دۆلەت مۇۋاپىق دەپ قارىغان سۈنئىي بىر تارىخنى تېڭىۋاتىدۇ. بۇ، بىر خەلقنىڭ پەقەت جىسمانىي مەۋجۇتلۇقىنىلا ئەمەس،بىلىش يوللىرىنى ۋە ھەقىقەت مەنبەلىرىنى يوقىتىش تەشەببۇسىدۇر.
3.5.   ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىنىڭ قالاقلىقى  ۋە خىتاينىڭ «زامانىۋى» كالتىكى
لى چاڭلىن ماقالىسىدە، «زامانىۋى ئىلىم پەن» ۋە «مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلى» ئۇقۇملىرىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن قارشى قۇتۇپلارغا قويىدۇ. بۇ، كلاسسىك مۇستەملىكىچى  سۆزلەملىرىنىڭ خىتايچە نۇسخىسىدۇر.
مەدەنىيەت جەھەتتىن تۆۋەنلىتىش: لى چاڭلىن ماقالىسىدە ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇيغۇر بولۇشنى «قالاقلىق»، خىتايلىشىشنى بولسا «ئىلغارلىق» بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىدۇ. «ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىك»نىڭ ئالدىنقى شەرتى سۈپىتىدە سۇنۇلغان «زامانىۋى تۇرمۇش»، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ، كىيىم-كېچەك ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ تاشلىنىپ، خىتاي نورمىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدۇر.
ئونتولوگىيەلىك ( مەۋجۇتلۇق) نومۇس: بۇ بايان، ئۇيغۇرلاردا ئۆز كىملىكىگە قارىتا بىر «ئونتولوگىيەلىك (كىملىكىدىن) نومۇس قىلىش» تۇيغۇسى يارىتىشنى نىشان قىلىدۇ. شەخسكە، «بىخەتەر بولۇشنى ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشنى خالىساڭ، ئۆزۈڭ بولۇشتىن ۋاز كېچىشىڭ كېرەك» دېگەن ئۇچۇر بېرىلىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىدىكى تىل قائىدىسى، بىرگە ياشاشنىڭ ئەمەس؛ پەرقلىق بولغاننىڭ «ئاسىمىلياتسىيە قىلىنىپ» ياكى «يوقىتىلىپ» بىر خىللاشتۇرۇلىدىغان بىر قىرغىنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ گىرامماتىكىسىدۇر.
خۇلاسە
لى چاڭلىن قەلەمگە ئالغان ماقالە ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق ئانالىزىدا، تىلنىڭ ھاكىممۇتلەق رېجىملارنىڭ قولىدا قانداق قىلىپ ئەجەللىك بىر قورالغا ئايلانغانلىقىنى كونكرېت مەلۇماتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ماقالە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنىڭ پەقەت جىسمانىي بىر ئىشغالىيەتلا ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر بىر «مەنىۋى ئىشغالىيەت»  (semantic occupation) ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.
ئانالىزدىن ئېرىشىلگەن ئاساسىي نەتىجىلەر تۆت ماددىدا خۇلاسىلىنىشى مۇمكىن:
بىرىنچىسى؛ جىنايەتچى ۋە قۇرباننىڭ بايان ئارقىلىق ئورۇن ئالماشتۇرۇشىدۇر : لى چاڭلىننىڭ ماقالىسى، «ئۈچ خىل كۈچ» (تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك، ئاشقۇنلۇق) ئۇقۇمىنى ئىستراتېگىيەلىك بىر تايانچ نۇقتا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زوراۋانلىقنىڭ مەنبەسىگە تەتۈر سىتىرىلكا قويغان. بايقاشلىرىمىز شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ماقالىدە «ئەمىنلىك تەمىنلىگۈچى» سۈپىتىدە سۇنۇلغان دۆلەت ئاپپاراتى؛ سوتسىز ئىجرا قىلىشلار، جازا لاگېرلىرى ۋە نوپۇس ئىنژېنېرلىقى سىياسەتلىرى بىلەن، بىۋاسىتە ئۆزىنىڭ «تېررور» ئېنىقلىمىسىغا ماس كېلىدىغان  قىلمىشلارنىڭ ھەقىقىي جىنايەتچىسىدۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە، مەۋجۇتلۇق تەھدىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر خەلقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك باياناتلىرى ئىچىدە جىنايەتچىلەشتۈرۈلۈپ، «يوقىتىلىشى كېرەك بولغان ئەھۋال»غا چۈشۈرۈپ قويۇلغان.
ئىككىنچىسى؛ «ئەمىنلىك/مۇقىملىق» ئۇقۇمىنىڭ تۈرمە مېتافورىسىغا ئايلىنىشىدۇر. لى چاڭلىننىڭ ماقالىسىنىڭ ئاساسىي ئومۇرتقىسىنى تەشكىل قىلىدىغان «ئۇزاق مۇددەتلىك تەرتىپ ۋە ئەمىنلىك»  ئۇقۇمى، ئاكتىپ بىر ئىجتىمائىي تىنچلىقنى ئەمەس، تېخنىكىلىق نازارەت ۋە بىيو-سىياسىي تىزگىنلەش بىلەن چېگرالىرى سىزىلغان بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىنى ئىپادىلىمەكتە. بۇ دائىرىدە «ئەمىنلىك»، بىر جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش قابىلىيىتىنىڭ پالەچ قىلىنىشى ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ «قەبرىستان جىمجىتلىقى» بىلەن ئالماشتۇرۇلۇشىدۇر. ئاپتورنىڭ «بوشاشماسلىق» ئاگاھلاندۇرۇشى، بۇ جىددىي ھالەت رېجىمىنىڭ (پانوتىپكوننىڭ)، ئۇيغۇر كىملىكى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلگىچە مەڭگۈلۈك بىر باشقۇرۇش نورمىسى سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنىڭ ئىقرارىدۇر.
ئۈچىنچىسى؛ ئىنسان كاتېگورىيەسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ ھايۋان نامى بىلەن ئاتاش (زوونىمىك بەلگە) دۇر. «توردىن چىقىپ كەتكەن بېلىقلار» مېتافورىسى، قىرغىنچىلىق جەريانىنىڭ پىسخىكىلىق ئۇل قۇرۇلمىسىنى ئاشكارىلىدى. خىتاي دۆلىتى، ئۇيغۇرلارنى قانۇنىي بىرەر سۇبيېكت (ئىنسان) سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئوۋلىنىشى ۋە ئايرىۋېتىلىشى كېرەك بولغان بىيولوگىيەلىك نەرسىلەر (بېلىق/توپ) سۈپىتىدە تامغىلاپ، يولغا قويغان زوراۋانلىقىغا  بىر «تازىلاش مەشغۇلاتى» دەرىجىسىدە  پوزىتسىيە تۇتقان. بۇ مېتافور، جىنايەتچىلەرنىڭ ۋىجدانىي مەسئۇلىيىتىنى يوققا چىقىرىدىغان بىر خىل ئەخلاقىي قارىغۇلۇقنىڭ ئىپادىسىدۇر.
تۆتىنچىسى؛ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئېپىستېمولوگىيەلىك (بىلىش) تەرىپىدۇر. «ئىسلام ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى ئەمەس» ۋە «زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى»غا ئوخشاش بايانلار، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈپ (memoricide)، ئورنىغا  خىتاي دۆلىتى ماقۇللىغان سۈنئىي بىر خاتىرە بەرپا قىلىش تەشەببۇسىدۇر. بۇ، پەقەت بۈگۈننىلا ئەمەس، ئۆتمۈشنىمۇ كونترول ئاستىغا ئېلىشنى نىشان قىلغان ھاكىممۇتلەق بىر تارىخ يېزىش ئۇسۇلىدۇر.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا؛ لى چاڭلىننىڭ  ماقالىسى بىر تىنچلىق خىتابنامىسى ئەمەس، بەلكى بىر مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ جاكارنامىسىدۇر. ماقالە، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرالمىغان، ئەكسىچە قوللانغان سىپايە سۆزلىرى ۋە چەتكە قاققۇچى تىلى بىلەن دۆلەتنىڭ نىيىتىنى (mens rea) ئاشكارىلىغان. «چاڭجى جيۇئەن» (ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىك)، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلىنىڭ، دىنىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ ۋە جىسمىنىڭ ئاممىۋى ۋە شەخسىي ساھەدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈشى كۆزدە تۇتۇلغان بىر «يوقىتىش رېجىمى»دۇر. بۇ ئانالىز ماقالىمىز ، خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا پەقەت تەنلەرنىلا ئەمەس، تۇيغۇلارنى ۋە مەنىلەرنىمۇ تۈرمىگە سولىغانلىقىنى، ھەقىقەتنىڭ ئۈستىنى يېپىۋالغان بۇ «تىل پەردىسى» كۆتۈرۈۋېتىلمەي تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى پاجىئەنىڭ كۆلىمىنىڭ ۋە چوڭقۇرلىقىنىڭ تولۇق چۈشىنىلمەيدىغانلىقىنى خىتاپ قىلىدۇ.
پايدىلانمىلار:
Agamben, G. (2005). State of Exception. University of Chicago Press.
Bourdieu, P. (1991). Language and Symbolic Power. Harvard University Press.
Foucault, M. (1975). Discipline and Punish: The Birth of the Prison. Vintage Books.
Li Changlin. (2025). “三股势力”威胁下,新疆何以“修炼”出长治久安的局面. (İncelenen Ana Metin). https://www.xindb.com/static/content/TGGJ/2025-12-01/1445073153827047977.html. Erişim: 4 Aralık 2025
Orwell, G. (1949). 1984. Secker & Warburg.
Stanton, G. H. (1996). The Ten Stages of Genocide. Genocide Watch.
Van Dijk, T. A. (1998). Ideology: A Multidisciplinary Approach. Sage.
Zenz, A. (2020). Sterilizations, IUDs, and Mandatory Birth Control: The CCP’s Campaign to Suppress Uyghur Birthrates in Xinjiang. Jamestown Foundation.
 
 
 


[1] (Positive Self-Presentation)
[2] (Negative Other-Presentation)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*