خىتاينىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئۆسۈش مودېلى ۋە ئامېرىكا–خىتاي بىخەتەرلىك تەڭقىسلىقى

2026-يىلى 3-سېنتەبىر

قوش ئايلىنىش، تېخنولوگىيەلىك ئۆزىگە تايىنىش ۋە ئىقتىسادىي قوراللىنىشنىڭ ئىچكى-تاشقى ئاقىۋەتلىرى

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

قىسقىچە مەزمۇن: خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «ئېكسپورتقا تايانغان ئۆسۈش» ياكى «دۆلەت باشچىلىقىدىكى مەبلەغ سېلىش» ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ئىلمىي ساھەدە ئادەتكە ئايلانغان. ئەمما يې لىڭتەننىڭ نىڭ 2026-يىلى ئاۋغۇستتا پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى (PIIE) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتى بۇ ئىككى رامكىنىڭ بۈگۈنكى خىتاي ئىقتىسادىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى تولۇق چۈشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دوكلاتنىڭ مەركىزىي قارىشى شۇكى، خىتاي ئىقتىسادىي سىياسىتىدە دۆلەت بىخەتەرلىكى بارغانسېرى ئادەتتىكى بازار ئۈنۈمى، ئېكسپورت ياكى مەبلەغ سېلىشتىنمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى يېتەكچى لوگىكىغا ئايلانماقتا. [1–3-بەتلەر]

بۇ يېڭى مودېل ئۈچ تۈۋرۈككە تايىنىدۇ، ئىچكى ۋە تاشقى بازارنى قايتا تەڭشەشنى نىشان قىلغان «قوش ئايلىنىش»؛ ئىلغار تېخنولوگىيەدە ئۆزىگە تايىنىشنى يېڭى ئۆسۈش موتورىغا ئايلاندۇرۇش؛ ھەمدە تاشقى ئىقتىسادىي بېسىمغا قارشى قانۇن، ئېكسپورت كونترولى ۋە تەمىنات زەنجىرى قوراللىرىدىن تەشكىل تاپقان قايتۇرما زەربە سىستېمىسى. بۇ ماقالە دوكلاتنى ئاددىي خۇلاسىلەش بىلەن چەكلەنمەي، ئۇنىڭ جەدۋەل ۋە دىياگراممىلىرىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ، بۇ مودېلنىڭ ئىچكى ئىقتىسادقا ۋە ئامېرىكا–خىتاي بىخەتەرلىك تەڭقىسلىقىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىددىيەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. [4–5-بەتلەر]

ماقالىنىڭ ئاساسىي يەكۈنى شۇكى، خىتاي «يەر شارىلىشىشتىن چېكىنىش»تىن كۆرە، ئۆزئارا بېقىندىلىقنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى نىشانلىماقتا: ئۆزىنىڭ ھالقىلىق چەتئەل ئىمپورتلىرىغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ بازىرى، ياسىمىچىلىقى ۋە بوغما نۇقتا تەمىناتلىرىنىڭ باشقىلار ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ساقلاش. بۇ ئىستراتېگىيە قىسقا مۇددەتتە چىدامچانلىق يارىتىشى مۇمكىن، ئەمما بىخەتەرلىك لوگىكىسى ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىپ كەتسە، مەبلەغ، ئىشەنچ، ئۈنۈم ۋە خەلقئارا ئۇچۇر يوللىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۆزى نىشان قىلغان بىخەتەرلىكنىڭ ئۆزىگە قارشى نەتىجە پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن. [21–23، 29–42-بەتلەر]

كىرىش: تەرەققىياتنىڭ مەركىزىي سوئالى ئۆزگىرىۋاتىدۇ

1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش دەۋرىدە خىتاي ئىقتىسادى ئىككى چوڭ موتورغا تاياندى: دېڭىز بويىدىكى ئېكسپورت ياسىمىچىلىقى ۋە ئىچكى رايونلارغا تېخىمۇ كۆپ تارقالغان ئۆي–مۈلۈك، ئۇل ئەسلىھە ۋە دۆلەت مەبلەغ سېلىشى. ئاسىيا پۇل–مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە 2008-يىللىق دۇنيا پۇل–مۇئامىلە كىرىزىسى قاتارلىق تاشقى زەربىلەر خىتاينى بۇ ئىككى موتور ئارىسىدا قايتا-قايتا تەڭپۇڭلۇق ئىزدەشكە مەجبۇر قىلدى. [2-بەت]

بۈگۈنكى ئۆزگىرىشنىڭ پەرقى شۇكى، بېيجىڭنى سىياسەتنى قايتا تەڭشەشكە مەجبۇر قىلىۋاتقان تاشقى خەتەر ئەمدى پەقەت بازار داۋالغۇشى ئەمەس. COVID-19 دىن كېيىنكى تەمىنات زەنجىرى زەربىسى، 2016-يىلدىن بۇيان كۈچەيگەن ئامېرىكا–خىتاي سودا ۋە تېخنولوگىيە توقۇنۇشى، بولۇپمۇ ZTE ۋە Huawei غا قارىتىلغان چەكلىمىلەر، خىتاي رەھبەرلىكىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىدىكى بېقىندىلىقنى «مەنپەئەت» بىلەن بىرگە «ئاجىزلىق» دەپمۇ قارىشىغا تۈرتكە بولدى. [2، 4-بەتلەر] شۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي باشقۇرۇشتىكى مەركىزىي سوئالنىڭ ئۆزى ئۆزگەردى. ئالدىنقى دەۋردىكى «قانداق قىلغاندا تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىمىز؟» دېگەن سوئالنىڭ يېنىغا، ھەتتا بەزى ساھەلەردە ئۇنىڭ ئۈستىگە، «قانداق تەرەققىيات بىزنى تاشقى بېسىمغا ئاجىز قىلىپ قويمايدۇ؟» دېگەن سوئال كەلدى. دوكلاتنىڭ «ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك تەرەققىيات مودېلى» دېگەن ئۇقۇمى دەل مۇشۇ ئۆزگىرىشنى ئىپادىلەيدۇ. [2–5-بەتلەر]

بۇ ماقالىنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ يېڭى سىياسىتىنى ئاددىي «ئايرىلىش» ياكى «ئۆزىنى تاقىۋېلىش» دەپ ئاتاش توغرا ئەمەس. بېيجىڭ يەنىلا چەتئەل بازىرى، كاپىتال، تېخنولوگىيە ۋە سودا تورىدىن پايدا ئېلىشنى خالايدۇ، بىراق بۇ پايدىنى قوبۇل قىلىشنىڭ شەرتلىرىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بويسۇندۇرۇشنى، خىتايغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھالقىلىق بېقىندىلىقلارنى ئازايتىشنى كۆزلەيدۇ. شۇڭا مەسىلە «يەر شارىلىشىش ياكى يەر شارىلاشماسلىق»تا ئەمەس، ئۆزئارا بېقىندىلىقنىڭ كىمنىڭ قولىدا قانداق كۈچكە ئايلىنىشىدا. [4–5، 29–31-بەتلەر]

1. تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى

2015-يىللىق دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى خىتايدا «ئومۇميۈزلۈك دۆلەت بىخەتەرلىكى» ئۇقۇمىنى رەسمىي قانۇنلاشتۇرۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكنى بىر-بىرىگە باغلانغان بىر پۈتۈن سىستېما دەپ قارىدى. ئەمما 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە بىخەتەرلىك تېخى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى يېتەكلەيدىغان باراۋەر نىشان ياكى قاتتىق چەكلىمە ئەمەس ئىدى، رەسمىي سۆزلەملەردە سانائەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئۆسۈش يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. [3-بەت]

2018-يىلدىن كېيىن بۇ تەڭپۇڭلۇق تېز ئۆزگەردى. ئامېرىكىنىڭ ZTE غا  (رەت بۇيرۇقى)«denial order» قوللىنىشى ۋە Huawei نى چەكلىمە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى بېيجىڭغا خەلقئارا تېخنولوگىيە تورىغا قاتنىشىشنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كۈچ ۋە ئاجىزلىق يارىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. 14-بەش يىللىق پىلاندا تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرلىكتە باشقۇرۇش، تېخنولوگىيەلىك ئۆزىگە تايىنىش ۋە چىدامچانلىق مەركىزىي نىشانغا كۆتۈرۈلدى. [4-بەت]

20-قۇرۇلتايدا خىتاينىڭ تاشقى مۇھىتقا بولغان باھاسىدىمۇ روشەن بۇرۇلۇش كۆرۈلدى، «ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت دەۋرى» دېگەن بۇرۇنقى ئۈمىدۋار رامكا ئورنىنى، پۇرسەت، خەتەر ۋە نامەلۇملۇق بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولغان دەۋر تەسۋىرى ئالدى. 2024-يىللىق مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىن قارارىدا «بىخەتەرلىك» سۆزى 41 قېتىم، 2013-يىلدىكى ئوخشاش خاراكتېردىكى ھۆججەتتە بولسا 24 قېتىم تىلغا ئېلىنغان. سۆز سانى ئۆزىلا نەتىجىنى ئىسپاتلىمايدۇ، بىراق بۇ ئىقتىسادىي باشقۇرۇشقا قايسى كۆزئەينەك ئارقىلىق قارىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم سىگنال. [4-بەت]

دوكلات بۇ يېڭى مودېلنى ئۈچ قۇرۇلما بىلەن چۈشەندۈرىدۇ: قوش ئايلىنىش، تېخنولوگىيەلىك ئۆزىگە تايىنىش، ۋە ئىقتىسادىي قايتۇرما زەربە قوراللىرى. بۇ ئۈچ ساھەنى ئايرىم سىياسەت دەپ كۆرۈشتىن كۆرە، بىرلا گېئوئىقتىسادىي لوگىكىنىڭ ئوخشىمىغان قانىتى دەپ قاراش تېخىمۇ توغرا. خىتاي تاشقى بازار بىلەن ئالاقىنى ساقلايدۇ، ئەمما ھالقىلىق كىرگۈزۈش ۋە تېخنولوگىيەدە مەجبۇرلاشقا ئۇچراش ئىمكانىنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي زەنجىردىكى كۈچىنى قارشى تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. [4–5-بەتلەر]

بۇ يۆنىلىش ئىقتىسادنىڭ مەقسىتىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ. ئىقتىساد ئەمدى پەقەت بايلىق يارىتىدىغان ساھە بولماستىن، دۆلەتنىڭ ھەربىي، تېخنولوگىيەلىك ۋە سىياسىي چىدامچانلىقىنى تەمىنلەيدىغان بىخەتەرلىك ئاساسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئەڭ چوڭ سوئالى: بىخەتەرلىك بىلەن تەرەققىيات بىر-بىرىنى ھەمىشە كۈچەيتەمدۇ ياكى بىخەتەرلىككە بېرىلگەن زىيادە ئەھمىيەت ئۆسۈشنىڭ ئۆزىنى ئاجىزلاشتۇرامدۇ؟ دوكلاتنىڭ كېيىنكى بۆلەكلىرى دەل مۇشۇ زىددىيەتنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. [5، 21–28-بەتلەر]

2. «قوش ئايلىنىش»نىڭ پارادوكسى: بېقىندىلىق ئازايسىمۇ، ئېكسپورت بېسىمى ئاشىدۇ

«قوش ئايلىنىش»نى خىتاينىڭ تاشقى سودىدىن چېكىنىش پىلانى دەپ چۈشەندۈرۈش خاتا. ئۇنىڭ مەقسىتى ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەيتىپ «ئىچكى ئايلىنىش»نى ئۆسۈشنىڭ مۇقىم ئاساسىغا ئايلاندۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارا قىممەت زەنجىرىگە قاتنىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر. بۇ يېڭى ئىستراتېگىيەنىڭ پەرقى شۇكى، بېيجىڭ ئەمدى تاشقى بازارنىڭ داۋالغۇشىدىنلا ئەمەس، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سىياسىي قارارىدىنمۇ قوغدىنىشنى نىشان قىلىدۇ. [5–6-بەتلەر]

1-رەسىم خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا راستتىنلا مۇھىم ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تاۋار سودىسىنىڭ GDP غا نىسبىتى 2006-يىلى %63.6 چوققىغا يەتكەندىن كېيىن، 2025-يىلى %38 كە چۈشكەن؛ ئېكسپورتنىڭ GDP دىكى نىسبىتىمۇ 2006-يىلدىكى %35.5 تىن 2025-يىلى %21.1 كە تۆۋەنلىگەن. بۇ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىقتىسادىنىڭ تاشقى سودىغا سېلىشتۇرغاندا زورايغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما سودا ھەجىمى ياكى خەلقئارا باغلىنىشنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. [6-بەت]

ئامېرىكىنىڭ بىۋاسىتە ئىمپورتلىرىدىكى خىتاينىڭ ئۈلۈشى 2017-يىلدىكى %20 تىن ئارتۇق سەۋىيەدىن 2025-يىلى %9 كە چۈشتى. بىراق دوكلات «ئۇلاش دۆلەتلىرى» ئارقىلىق خىتاي ياسىمىچىلىقىنىڭ بىر قىسمىنىڭ يەنىلا ئامېرىكانىڭ ئاخىرقى ئېھتىياجىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. شۇڭا بىۋاسىتە ئىككى تەرەپنىڭ سودا رەقەملىرى بېقىندىلىقنىڭ ھەقىقىي چوڭقۇرلۇقىنى تولۇق كۆرسەتمەيدۇ. خىتاينىڭ يېڭى ئەركىن سودا كېلىشىملىرى ۋە RCEP غا قاتنىشىشىمۇ بازارنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى كۈچەيتكەن، ئەمما بۇ كۆپ خىللاشتۇرۇش ئامېرىكا ۋە تەرەققىي تاپقان بازارلارنىڭ رولىنى بىر كېچىدىلا يوقاتقان ئەمەس. [6–7-بەتلەر]

قوش ئايلىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقى ئىچكى بازاردا. ئۆي–مۈلۈك بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشى ئائىلىلەرنىڭ بايلىق قوغلىشىش ھەۋىسىنى مەلۇم دەرىجىدە سوۋۇتتى، ئىشلەپچىقارغۇچى باھا كۆرسەتكۈچى 2022-يىلى ئۆكتەبىردىن 2026-يىلى فېۋرالغىچە ئۇدا 41 ئاي تۆۋەنلەش ھالىتىدە بولدى، ئىستېمالچى ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى بولسا 2022-يىلى ئاپرېلدىن بۇيان 100 دىن تۆۋەن تۇردى. ئىچكى ئېھتىياج مۇشۇنداق ئاجىز شارائىتتا، ئېكسپورت قوش ئايلىنىش مودېلىنى قوللاش ئۈچۈن قايتا تەڭشەش تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى. [7-بەت]

ئەمەلىيەتتە، 2024 ۋە 2025-يىللىرىدىكى %5 ئەتراپىدىكى GDP ئۆسۈشىنىڭ ئايرىم-ئايرىم 1.5 ۋە 1.6 پىرسەنت نۇقتىسى ساپ ئېكسپورتتىن كەلگەن. بۇ «ئىچكى ئېھتىياجنى ئاساس قىلىش» بىلەن «ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىشنى تاشقى بازارغا چىقىرىش» ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۆرسىتىدۇ. ئىچكى ئىستېمال يېتەرلىك تېز ئۆسمىسە، سانائەت سىياسىتى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرغانسېرى خىتاي تاشقى بازارغا تېخىمۇ زور تايىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. [7-بەت]

2-رەسىم بۇ زىددىيەتنىڭ خەلقئارا ئاقىۋىتىنى روشەنلەشتۈرىدۇ. 2024-يىلى خىتايغا قارىتىلغان تەخمىنەن 200 سودا تەكشۈرۈشىنىڭ 110 دىن كۆپرەكى تۈركىيە، بىرازىلىيە، ھىندىستان قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر تەرىپىدىن باشلانغان. بۇ سودا توقۇنۇشىنىڭ پەقەت «خىتاي–غەرب» مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ئېكسپورت ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى باشقا سانائەتلەشكۈچى دۆلەتلەرنىڭمۇ قوغدىنىش پوزىتسىيەسىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. [7–8-بەتلەر]

بېيجىڭ بۇ پارادوكسنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئاپتوموبىل يېڭىلاش ياردىمى، خىزمەت ئىستېمالى، «كۈمۈش ئىقتىسادى»، ساياھەت، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئىچكى بازىرى قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى كۈچەيتتى. ئەمما پېنسىيە ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك بېسىم ئائىلىلەرنى زاپاس پۇل ساقلاشقا داۋاملىق ئىتتىرىشى مۇمكىن. دوكلاتتا خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پېنسىيە فوندى جۇغلانما قالدۇقى 2027-يىلى چوققىغا يېتىپ، 2035-يىلى تۈگەش ئېھتىمالى بارلىقى ھەققىدىكى مۆلچەرى تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇڭا ئىچكى ئىستېمالنى ھەقىقىي كۈچەيتىش پەقەت تولۇقلىمىغا ئەمەس، ئائىلىلەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىگە باغلىق. [8–10-بەتلەر]

3. تېخنولوگىيەلىك ئۆزىگە تايىنىش: سانائەت سىياسىتىدىن دەۋر قۇرۇلۇشىغىچە

يېڭى مودېلنىڭ ئىككىنچى تۈۋرۈكى ئۆي–مۈلۈك ۋە قەرزگە تايانغان كونا ئۆسۈش موتورىنىڭ ئورنىغا، يۇقىرى تېخنولوگىيە ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى قويۇش. پەن–تېخنىكا خىتايدا بۇرۇندىنلا ئالدىنقى نۇقتا بولسىمۇ، 2018-يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ سىياسىي مەنىسى ئۆزگەردى، تېخنولوگىيەلىك ئۈستۈنلۈك پەقەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئەمەس، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى مەجبۇرلاشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى دەپ قارىلىشقا باشلىدى. [10–11-بەتلەر]

3-رەسىم بۇ ئىدىيە بۇرۇلۇشىنى رەسمىي سۆز ئىشلىتىشتىن كۆرسىتىدۇ. 2018-يىلغىچە «ئومۇميۈزلۈك دۆلەت بىخەتەرلىكى»نى چۈشەندۈرگەن «خەلق گېزىتى» ماقالىلىرىدە «تېخنولوگىيە» بىخەتەرلىك فورمۇلاسىنىڭ بىر قىسمى ئەمەس ئىدى، 2018-يىلدىن كېيىن تېخنولوگىيە ھەربىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى. 4-رەسىمدە بولسا 2005–2022-يىللىرىدىكى 480 مىڭ پەن–تېخنىكا خەۋىرىدە «ئايرىلىش/بېقىندىلىقنى ئازايتىش» تىلىنىڭ 2018-يىلدىن كېيىن تېز كۆپەيگەنلىكىنى، 2021-يىلى تۇنجى قېتىم تاشقى ئېچىۋېتىشقا دائىر تىلدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. [11–12-بەتلەر]

ئىدىيەگە مەبلەغمۇ ئەگىشىۋاتىدۇ. 5-رەسىمدە ئاساسىي تەتقىقاتنىڭ ئومۇمىي R&D چىقىمىدىكى ئۈلۈشى 2010-يىلدىكى %4.6 تىن 2024-يىلى %6.9 كە كۆتۈرۈلگەن؛ 2020-يىلدىن كېيىن بۇ نىسبەت ئىزچىل يۇقىرىلىغان. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ پەن–تېخنىكا خامچوتى 2024–2025-يىلى %7.13، 2025–2026-يىلى %10 ئاشقان بولۇپ، بۇ ئۆسۈش سۈرئىتى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىك چىقىمىدىكى ئېشىشتىنمۇ يۇقىرى. [12–13-بەتلەر]

بۇ سىياسەتنىڭ چوڭقۇرلۇقى مائارىپتا تېخىمۇ روشەن. 2019–2022-يىللىرى ئارىسىدا 1,422 بەشەرىي پەنلەر پىروگراممىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بەشەرىي پەنلەردىكى ئوقۇغۇچى نىسبىتىنى %30–40 تىن %20 كە چۈشۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى دوكلاتتا كۆرسىتىلىدۇ. 1-جەدۋەلگە قارىغاندا، يېڭى تەستىقلانغان باكلاۋۇرلۇق دەرس پىروگراممىلىرىدا پەن ۋە قۇرۇلۇشنىڭ جەمى ئۈلۈشى 2020-يىلدىكى %51.4 تىن 2024-يىلى %61.6 كە يەتكەن، پەقەت قۇرۇلۇش پىروگراممىلىرىنىڭ ئۆزى 2024-يىلى %51.1 نى ئىگىلىگەن. [14–15-بەتلەر]

قوشۇمچە A.1 جەدۋىلى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ قايسى ساھەلەرگە مەركەزلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 2020–2024-يىللىرى ئەڭ كۆپ يېڭىدىن تەستىقلانغان دەرس پىروگراممىسى سۈنئىي ئەقىل بولۇپ، جەمئىي 406 تەستىققا ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن رەقەملىك ئىقتىساد 295، ئەقلىي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى 238، چوڭ سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش ۋە قوللىنىش 208، روبوت قۇرۇلۇشى 144 قاتارلىق ساھەلەر كېلىدۇ. بۇ سانلار دۆلەتنىڭ تېخنولوگىيە سىياسىتىنى بىر دەۋرنىڭ كەسپىي قۇرۇلمىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. [53–54-بەتلەر]

بۇ يۈزلىنىشنىڭ ئىجابىي تەرىپى ئېنىق. خىتاي غايەت زور STEM ئادەم كۈچى زاپىسى، ئاساسىي تەتقىقات ئىقتىدارى ۋە سانائەت–ئۇنىۋېرسىتېت ئالاقىسىنى كۈچەيتەلەيدۇ. بىراق بىلىم سىستېمىسىنىڭ زىيادە بىر تەرەپلىمە تېخنىكىلىشىشى ئىجتىمائىي پەن، قانۇن، ئىقتىساد، سىياسەت ۋە بەشەرىي پەنلەرنىڭ نىسبەتەن ئاجىزلىشىشىغا ئېلىپ كەلسە، تېخنولوگىيەلىك يېڭىلىق بىلەن تۈزۈلمىۋى ۋە ئىجتىمائىي يېڭىلىق ئارىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن. دوكلات بۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نەتىجىسىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئۆزگىرىشنىڭ «قۇرۇلمىلىق» ۋە «دەۋرلىك» خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. [14-بەت]

4. ئىقتىسادىي قايتۇرما زەربە

خىتاينىڭ يېڭى ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك مودېلىنىڭ ئۈچىنچى تۈۋرۈكى تاشقى مەجبۇرلاشقا قارشى قانۇنىي ۋە نازارەت قوراللىرىدۇر. 2021-يىللىق چەتئەل جازالىرىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى مۈلۈكنى توڭلىتىش ۋە ۋىزا چەكلىمىسى قاتارلىق تەدبىرلەرنى قانۇنلاشتۇردى؛ 2023-يىللىق چەتئەل مۇناسىۋىتى قانۇنى قايتۇرما تەدبىر ۋە جازانى دۆلەت قورالى سۈپىتىدە مۇستەھكەملىدى؛ 2025-يىلى تۈزىتىلگەن چەتئەل سودا قانۇنى «ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىك ياكى تەرەققىيات مەنپەئەتى»گە تەھدىت پەيدا بولغاندا سودا چەكلىمىسى قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. [15–16-بەتلەر]

بۇ قۇرۇلمىغا 2020-يىللىق ئېكسپورت كونترول قانۇنى، «ئىشەنچسىز سۇبيېكتلار تىزىملىكى»، چەتئەل قانۇنلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدا قوللىنىلىشىنى توسۇش قائىدىسى، 2024-يىللىق تاموژنا بېجى قانۇنى ۋە 2026-يىللىق سانائەت–تەمىنات زەنجىرى بىخەتەرلىك نىزامىمۇ قوشۇلدى. قوشۇمچە A.2 جەدۋىلى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەردە كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ سودا، مەبلەغ، تېخنولوگىيە ۋە تەمىنات زەنجىرىنى دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن باغلايدىغان بىر پۈتۈن قانۇنىي قورال ساندۇقى قۇرغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. [16، 55-بەتلەر]

بۇ قوراللارنىڭ دەسلەپكى ئىشلىتىلىشى كۆپىنچە سىمۋوللۇق ئىدى. «ئىشەنچسىز سۇبيېكتلار تىزىملىكى» 2023-يىلغىچە قۇرۇق تۇرۇپ، دەسلەپ Raytheon ۋە Lockheed Martin نىڭ خىتاي بازىرىغا ئاز باغلانغان مۇداپىئە تارماقلىرىنى نىشان قىلدى. بىراق كېيىنكى ئىشلىتىش كۆلىمى تېز كېڭەيدى. 2-جەدۋەلگە قارىغاندا، 2026-يىلى 12-ئىيۇلغىچە «ئىشەنچسىز سۇبيېكتلار تىزىملىكى»دە 72، ئېكسپورت كونترول سۇبيېكت تىزىملىكىدە 139 تۈرلۈك كىرىم بار. بۇ سانلار قوراللارنىڭ تەييار تۇرغان سىمۋوللۇق ۋاسىتىدىن دائىم ئىشلىتىلىدىغان دۆلەت ئىقتىدارىغا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. [17-بەت]

ئىلگىرىكى خىتاي سودا بېسىمى نورۋېگىيە سالمون بېلىقى ياكى ئاۋسترالىيە ئۈزۈم ھارىقى، ئارپا قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا قارىتىلىپ، نىشان دۆلەت باشقا بازار تېپىش ئارقىلىق زىياننى قىسمەن يۇمشىتالايتتى. ھەتتا 2010-يىلدىكى ياپونىيەگە «سىيرەك تۇپراق ئېلېمېنتى جازاسى» ھەققىدىكى ۋەقەنىڭ ئۆزىدە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قەستەن كونترول قىلغان-قىلمىغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان تەتقىقات نەتىجىلىرى بار. بۇ مۈجمەللىك بېيجىڭغا ئىلگىرى «ئىنكار قىلىش ئىمكانى» بەرگەن. [18–19-بەتلەر]

2025-يىلدىن باشلاپ ئەھۋال ئۆزگەردى. خىتاي سىيرەك تۇپراق ئېلېمېنتلىرى، ھالقىلىق مىنېراللار ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنولوگىيەدە ئېكسپورت كونترولنى، شىركەت تىزىملىكى ۋە رىقابەتكە قارشى تەكشۈرۈشلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە باشلىدى. ئۆكتەبىردىكى تەدبىرلەر ھەتتا خىتاي مەنبەلىك كەم ئۇچرايدىغان يەر ماتېرىيالى مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %0.1 ىنى ئىگىلىگەن چەتئەل مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئىجازەت تەلىپى قويىدىغان چېگرا سىرتى تەسىر قائىدىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭنىڭ قايتۇرما زەربىسى نىشان دۆلەتنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشتىن، پۈتۈن دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدىكى بوغما نۇقتىلارنى ئىشلىتىشكە يۆتكەلدى. [20-بەت]

5. بىخەتەرلىك ئۆسۈشنى قوغدامدۇ ياكى ئۇنى بۇزامدۇ؟

يېڭى مودېلنىڭ ئەڭ چوڭ ئىچكى مەسىلىسى تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنىڭ ھەمىشە بىر يۆنىلىشتە ماڭماسلىقىدۇر. ئادەتتىكى ئىقتىسادىي قاراردا مەنپەئەت، چىقىم، ئېھتىماللىق ۋە ئالماشتۇرۇش باھاسىنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن. دۆلەت بىخەتەرلىكىدە بولسا خەۋپنىڭ ئېھتىماللىقى، قارشى تەرەپنىڭ نىيىتى ۋە كەلگۈسىدىكى تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشنى ئېنىق سانغا ئايلاندۇرۇش ناھايىتى قىيىن. شۇڭا بىخەتەرلىك ئىقتىسادىي قارارنىڭ ئالاھىدە مۇستەسناسىغا ئەمەس، بەلكى ھەر ساھەدىكى دائىملىق ئۆلچەمگە ئايلانغاندا، ئەنئەنىۋى چىقىم–مەنپەئەت لوگىكىسىنىڭ ئۆزى ئاجىزلايدۇ. [21–23-بەتلەر]

بۇنداق مۇھىتتا ئەڭ ناچار ئېھتىماللىق كۆپىنچە ئەڭ مۇمكىن ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىغا ئۆتىدۇ. بىر چەتئەل مەبلەغ تۈرىنىڭ بۈگۈن خەتىرى تۆۋەن بولسىمۇ، بەش ياكى ئون يىلدىن كېيىن گېئوپولىتىكىلىق مۇھىت ئۆزگەرگەندە ھالقىلىق ئاجىزلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن، دېگەن پەرەز قارارنى بەلگىلەيدۇ. يېڭى تېخنولوگىيەنىڭ قوش ئىشلىتىلىش خاراكتېرى، مۇرەككەپ تەمىنات زەنجىرى ۋە ئالگورىزىملىق سىستېمىلار بۇ ئېنىقسىزلىقنى تېخىمۇ چوڭايتىدۇ. [22–23-بەتلەر]

دوكلات بۇنىڭ بىرىنچى نەتىجىسىنى «نازارەت تەڭپۇڭسىزلىقى» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. 2019-يىلدىن كېيىن چەتئەل ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدىغان يەتتە چوڭ قانۇننىڭ تۆتى قايتۇرما مەجبۇرلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشكەن، ئىككىسىدە ئېچىۋېتىش بىلەن بىخەتەرلىك بىرلەشتۈرۈلگەن، پەقەت خەينەن ئەركىن سودا پورتى قانۇنى ئاساسلىقى ئېچىۋېتىشكە بېغىشلانغان. بۇ سېلىشتۇرما بىخەتەرلىككە بېرىلگەن نازارەت ئېغىرلىقىنىڭ ئۆسۈش ۋە بازار ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولۇش نىشانىدىن ئېغىر كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. [23–25-بەتلەر]

ئىككىنچى نەتىجە تەۋەككۈلدىن قېچىش. چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ خىتايدىن چىقىشىنى پەقەت تاموژنا بېجى ياكى بازار پايدىسى بىلەنلا چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. دوكلاتتا سىياسىي خەۋپنىڭ كارخانا چېكىنىشىدە چوڭ رول ئويناۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئامېرىكا سودا پالاتاسىنىڭ تەكشۈرۈشىدە سانلىق مەلۇمات يەرلىكلەشتۈرۈش قائىدىسىنىڭ رىقابەت كۈچىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن كارخانىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن، تېخنولوگىيە ۋە R&D ساھەسىدە بۇ نىسبەت %82 كە يەتكەن. 2023-يىلى چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ خىتايدىكى ئىشچى سانىمۇ 10 مىليوندىن تۆۋەنلەپ، 2009-يىل سەۋىيەسىگە يېقىنلاشقان. [25-بەت]

بۇ يەردە بىر مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پارادوكس بار بولۇپ، خىتاي تاشقى مەجبۇرلاشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قانۇن ۋە كونترولنى كۈچەيتكەنسېرى، كارخانىلار خىتايدىكى خەۋپ تەننەرخىنى يۇقىرى باھالاپ، تەمىنات زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا ياكى ئىزىنى كىچىكلىتىشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە خىتاي تېخنولوگىيە، كاپىتال ۋە خەلقئارا سودا تورىدىن ئېرىشىدىغان پايدىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزى ئاجىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن. بۇ بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە ھېسابقا كىرمەيدىغان «پۇرسەت چىقىمى». [25–26، 33–36-بەتلەر]

تېخىمۇ مۇھىمى، كارخانىلارنىڭ چېكىنىشى ئۇچۇر قاناللىرىنىمۇ تارىيتىدۇ. سودا ۋە مەبلەغ دۆلەتلەرگە قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ئىقتىدارى، چىقىمغا چىداشچانلىقى ۋە يەرلىك سىياسەت ئىجراسى ھەققىدە كۈندىلىك ئۇچۇر بېرىدۇ. خىتايغا ئوخشاش يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىجرا رولى چوڭ دۆلەتتە، چەتئەل كارخانىسى ۋە خادىمى ئازايغانسېرى مەركىزىي بايانات بىلەن يەرلىك ئەمەلىيەت ئارىسىدىكى پەرقنى بايقاشمۇ قىيىنلىشىدۇ. بۇ، ئىقتىسادىي (خەۋپنى ئازايتىش) «de-risking»نىڭ ئۆزى ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئىككىلىسىنىڭ خەۋپنى خاتا ھېسابلاپ قويۇش ئېھتىمالىنى ئاشۇرالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. [36–37-بەتلەر]

شۇڭا تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى «ماسلاشتۇرۇش» نىشانىنىڭ ئۆزى توغرا بولسىمۇ، ئۇنىڭ قانداق ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەل قىلغۇچ. بىخەتەرلىك خەۋپىنىڭ ئېھتىماللىقىغا سان بېرىش قىيىن بولغانلىقتىن، نازارەت تەشكىلاتلىرى تەبىئىي ھالدا «ئازراق ئارتۇق قوغدىنىش»نى تاللايدۇ. بۇ پائالىيەت كۆپ ساھەگە كېڭەيگەندە، ئىقتىسادىي سىستېمىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئېچىۋېتىلىشى سىستېمىلىق ھالدا تۆۋەنلىشى مۇمكىن. [22–25-بەتلەر]

6. بايلىقنىڭ خاتا تەقسىملىنىشى ۋە يېڭى ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىش دولقۇنى

دۆلەت بىخەتەرلىكى يۇقىرى تېخنولوگىيەنى «مىللىي ۋەزىپە»گە ئايلاندۇرغاندا، كاپىتال، بانكا قەرزى، يەر، ئۇنىۋېرسىتېت پىروگراممىسى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسى ئوخشاش ساھەلەرگە توپلىنىدۇ. بۇ بېيجىڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ ۋە شېنجېنغا ئوخشاش ئادەم كۈچى ۋە سانائەت مەركەزلەشكەن رايونلاردا ئۈنۈملۈك بولۇشى مۇمكىن، بىراق سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى ئوخشىمايدىغان ئۈچىنچى–تۆتىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەر مەركەزنىڭ سىگنالىغا ئەگىشىپ، ئوخشاش يۇقىرى تېخنولوگىيە تۈرلىرىنى كۆپەيتسە، بايلىقنىڭ خاتا تەقسىملىنىشى ۋە تەكرار مەبلەغ سېلىش پەيدا بولىدۇ. [26–27-بەتلەر]

دوكلات خىتاي سانائەت سىياسىتى ھەققىدىكى چوڭ كۆلەمدىكى تەتقىقاتنى نەقىل قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ بارغانسېرى مەركىزىي ئالدىنقى نۇقتىلارغا ئوخشاپ، يەرلىك بايلىق ۋە ئىقتىدار پەرقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق سىياسىي «ئوخشاشلىشىش» بازار ئېھتىياجىدىن بۇرۇن مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىپ، سىستېمىلىق ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىشقا يول ئېچىشى مۇمكىن. [27-بەت]

سۈنئىي ئەقىل ئۇل ئەسلىھەسى بۇ خەۋپنىڭ دەسلەپكى مىسالى. 2023 ۋە 2024-يىللىرى 500 دىن ئارتۇق يېڭى سانلىق مەلۇمات مەركىزى تۈرى ئېلان قىلىنغان، 2025-يىلنىڭ بېشىغىچە 150 مەركەز پۈتكەن، ئەمما دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان سانغا قارىغاندا، يېڭى قۇرۇلغان ھېسابلاش ئىقتىدارىنىڭ پەقەت %20 ئەتراپى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىلگەن. «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى غەربتە ھېسابلاش» پىلانىدا ئەرزان توك ۋە يەرنىڭ ئەۋزەللىكى بولسىمۇ، كېچىكىش سۈرئىتى ۋە ئېھتىياج–تەمىنات ماس كەلمەسلىكى بىر قىسىم تۈرلەرنىڭ ئۈنۈمىنى چەكلىگەن. [27–28-بەتلەر]

ئادەمسىمان روبوت ساھەسىدىمۇ ئوخشاش بېشارەت كۆرۈلگەن: 2025-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە قىسقا ۋاقىتتا 150 دىن ئارتۇق كارخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەكرار ۋە زىيادە مەبلەغ سېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بېيجىڭ يېڭى ساھەلەردە رىقابەت ۋە يېڭىلىقنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن «مۇۋاپىق دەرىجىدىكى ئىشلەپچىقىرىش زاپىسى»غا يول قويۇشنىمۇ قوللايدۇ. بۇ، دۆلەتنىڭ ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈنلەي سەلبىي ھادىسە دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، بەزى ئىسراپچىلىقنى تېخنولوگىيەلىك ئۆگىنىش ۋە رىقابەتنىڭ تەبىئىي چىقىمى دەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. [28-بەت]

7. ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك تەڭقىسلىقى: قوغدىنىش بىلەن ھۇجۇمنىڭ چېگراسى نېمە؟

خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى بىخەتەرلىك تەڭقىسلىقىنىڭ لوگىكىسى ئاددىي. بىر دۆلەت ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ، قارشى تەرەپ ئۇنى ھۇجۇم تەييارلىقى دەپ چۈشىنىدۇ، قارشى ھەرىكەت قايتا بىرىنچى دۆلەتنىڭ خەۋپ باھاسىنى كۈچەيتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھېچقايسىسى توقۇنۇشنى خالىمىسىمۇ، ھەرىكەت–قارشى ھەرىكەت زەنجىرى ئۇلارنى نامەلۇم بىر كۈچىيىش يولىغا ئېلىپ كىرىشى مۇمكىن. دوكلات بۇ نەزەرىيەنى ھەربىي قورالدىن ئىقتىسادىي قورالغا يۆتكەيدۇ. [29-بەت]

ئىقتىسادىي ساھەدە «مۇداپىئە» بىلەن «ھۇجۇم»نى پەرقلەندۈرۈش تېخىمۇ قىيىن. بىر دۆلەت ھالقىلىق سانائەتكە تولۇقلىما بېرىپ كۈچەيتسە، ئۆزى بۇنى مۇداپىئە دەپ قارايدۇ. رىقابەتچى بولسا ئۇنى بازار ئۈلۈشىنى ئېلىش، دۇنيا باھاسىنى ئۆزگەرتىش ۋە كىرىزىستا باشقىلارنىڭ تەمىناتىغا خەۋپ پەيدا قىلىش قورالى دەپ قارىشى مۇمكىن. زاپاس مال توپلاش، مەبلەغ تەكشۈرۈشى ياكى تېخنولوگىيەنى يەرلىكلەشتۈرۈشمۇ ئوخشاش ئىككى خىل مەنىگە ئىگە. [30-بەت]

ئىقتىسادىي «ھۇجۇم ئۈستۈنلۈكى»نى ئۆلچەشمۇ قىيىن. دوكلات سىيرەك تۇپراق ئېلېمېنتلىرىدىن dysprosium ۋە terbium نى خىمىيەلىك ئايرىش تېخنىكىسىدا خىتاينىڭ %95 تىن ئارتۇق بازار ئۈلۈشىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي بوغما نۇقتىنىڭ مىسالى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ. ئەمما كۆپ مەھسۇلاتتا ئالماشتۇرغۇچى تەمىنات، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ياكى قارشى قايتۇرما زەربە ئىمكانى بار. بېقىندىلىق قايسى نىسبەتتە «ۋاقىتلىق ئۈزۈلۈش»تىن «دۆلەت بىخەتەرلىك ئاجىزلىقى»غا ئايلىنىدۇ؟ بۇنىڭ ئېنىق سانلىق چېكى يوق. [30–31-بەتلەر]

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادىي سىياسەت ھەربىي زەنجىرگە ئوخشاش بىرلا قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىجرا بولمايدۇ. سودا، سانائەت، مالىيە، مەركىزىي بانكا، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە پايدا ئىزدەيدىغان كارخانىلارنىڭ قارارى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئاخىرقى نەتىجە پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا زىيانلىق نەتىجە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قەستەن نىيىتىمۇ، ناچار ماسلاشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ياكى كارخانىلارنىڭ بازار ھەرىكىتىمۇ؟ بۇلارنى ئايرىش قارشى تەرەپ ئۈچۈنمۇ قىيىن. بۇ مۈجمەللىك «يامان نىيەت»نى زىيادە پەرەز قىلىش خەۋپىنى كۈچەيتىدۇ. [31–32-بەتلەر]

بۇ نۇقتا ئامېرىكا–خىتاي رىقابىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن 1980-يىللاردىكى ئامېرىكا–ياپونىيە سودا رىقابىتىگە ئوخشاپ كەتمەيدىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرىدۇ. بۈگۈن ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ سودا ۋە تېخنولوگىيە سىياسىتىنى پەقەت ئىقتىسادىي رىقابەت دەپ ئەمەس، ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر قىلىدىغان دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئادەتتىكى سودا مۇرەسسەسىنىڭ سىياسىي چىقىمى تېخىمۇ يۇقىرى، خاتا چۈشەنچىنىڭ كۈچەيتىش كۈچىمۇ تېخىمۇ چوڭ. [3، 29–32-بەتلەر]

دېمەك، «de-risking» خەۋپنى ئازايتىش ئۈچۈن باشلانغان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ بىرلا ۋاقىتتا زەنجىرنى قېلىنلاشتۇرۇپ، قانۇننى كېڭەيتىپ ۋە زاپاس ئىقتىدار ھازىرلىقىغا كىرىشكەندە، قارشى تەرەپ بۇنىڭ ھەممىسىنى كەلگۈسىدىكى مۇقەررەرلىكنىڭ تەييارلىقى دەپ كۆرۈشى مۇمكىن. ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك تەڭقىسلىقىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك تەرىپى دەل شۇكى، ھەرىكەتنىڭ نىيىتى مۇداپىئە بولسىمۇ، قۇرۇلغان ئىقتىدار ھۇجۇمغىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولغاچقا، قارشى تەرەپ نىيەتكە ئەمەس ئىقتىدارغا قاراپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. [29–32-بەتلەر]

8. سىيرەك تۇپراق سىنىقى: كەسكىن تەھدىت، ئىشەنچسىز كاپالەت ۋە ئۈچىنچى دۆلەتلەر

2025-يىلدىكى سىيرەك تۇپراق ئېلېمېنتلىرى ۋە ماگنىت ئېكسپورت كونتروللىرى خىتاينىڭ يېڭى قوراللىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئاپرېلدىكى كونترولدىن كېيىن ئېكسپورت %76 تۆۋەنلەپ، ياپونىيە، ياۋروپا ۋە ھىندىستاندىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش ياكى ۋاقىتلىق توختىتىشقا مەجبۇر بولدى، زەربە ئاۋىياتسىيە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىگىمۇ ئۇرۇلدى. بۇ بېيجىڭنىڭ تەھدىتىنى «قەغەزدىكى قانۇن»دىن ئەمەلىي چىقىم پەيدا قىلالايدىغان ۋاسىتە قىلىپ كۆرسەتتى. [33-بەت]

بىراق ئىشەنچلىك تەھدىتنىڭ ئۆزى ئىشەنچلىك كاپالەتنى ئاجىزلىتىشى مۇمكىن. خىتاي بىر تەرەپتىن چەتئەل كارخانىلىرىغا مۇقىم، ئادىل ۋە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان سودا مۇھىتى ۋەدە قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن كەم ئۇچرايدىغان يەر، شىركەت تىزىملىكى ۋە ئېكسپورت ئىجازىتى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە تەمىناتنى توسالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دوكلاتنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ۋەدە «قىممەتلىك سىگنال» بىلەن دەستەكلەنمىسە، بازار ئۇنى ئاددىي سۆز دەپ قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. [32–33-بەتلەر]

6-رەسىم بۇ ئىشەنچ مەسىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىدۇ. خىتايغا كىرگەن بىۋاسىتە چەتئەل مەبلىغى 2020–2021-يىللىرىدىكى يۇقىرى سەۋىيەدىن كېيىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، 2023–2025-يىللىرى بەزى پەسىللەردە ساپ ئېقىم مەنپىي ياكى نۆلگە يېقىن بولغان. 2025-يىلى كېيىنكى پەسىلدە قايتا ئۆسۈش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئومۇمىي سەۋىيە 2020–2021 دەۋرىدىن تۆۋەن. دوكلات بۇنى پەقەت خىتاينىڭ نازارەت سىياسىتىگىلا باغلىمايدۇ، ئامېرىكا تاموژنا بېجى، خىتاينىڭ ئاجىز ئىچكى ئېھتىياجى ۋە گېئوپولىتىكىلىق خەۋپمۇ رول ئوينايدۇ. بىراق سانلار چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ خەۋپنى ھەقىقىي مەبلەغ قارارىغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. [33–34-بەتلەر]

سىيرەك تۇپراق كونتروللىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئاقىۋىتى زەربىنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە تارقىلىشىدۇر. ئامېرىكا نىشان قىلىنغان تەدبىر ياۋروپا ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا، ھەتتا ئامېرىكا زاپچاسلىرىدا خىتاي مىنېرالى ئىشلىتىلگەن باشقا زەنجىرلەرگە تەسىر قىلدى. 2025-يىللىق ياۋروپا سودا پالاتاسى تەكشۈرۈشىدە تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم كارخانا خىتاينىڭ ئېكسپورت چەكلىمىسىدىن ئەندىشە قىلىپ، تەمىنات مەنبەسىنى خىتايدىن سىرتقا كۆپ خىللاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. [34–35-بەتلەر]

بۇ يەردە خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك «مۇۋەپپەقىيىتى»نىڭ قارشى تەسىرى كۆرۈلىدۇ: بوغما نۇقتا قورالى قانچە كۈچلۈك ئىسپاتلانسا، باشقا دۆلەتلەر شۇ بوغما نۇقتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شۇنچە زور سىياسىي ۋە كاپىتال مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلىنىدۇ. قىسقا مۇددەتتە قايتۇرما زەربە كۈچى ئاشىدۇ، ئۇزۇن مۇددەتتە بولسا ئالماشتۇرغۇچى تەمىنات، يېڭى مىنېرال ئىشلەپچىقىرىش ۋە (دوست ئالماشتۇرۇش) «friend-shoring» تېزلىشىپ، خىتاينىڭ بوغما نۇقتا ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئۆزىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. دوكلاتتىكى ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ تەھدىت قارىشى ھەققىدىكى سانلار بۇ خەۋپنىڭ ئاللىقاچان باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. [34–35-بەتلەر]

9. ئىچكى ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىش قانداق قىلىپ تاشقى گېئوپولىتىكىلىق سىگنالغا ئايلىنىدۇ؟

خىتاينىڭ ئىچكى سانائەت سىياسىتىدىكى بايلىق خاتا تەقسىماتى تاشقى مۇناسىۋەتتە «يامان نىيەت» پەرەزلىرىنى كۈچەيتەلەيدۇ. پولات، ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدە كۆرۈلگەندەك، ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىش ئېكسپورتنى تېز كۆپەيتىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ سانائەت ۋە ئىش ئورنىغا بېسىم پەيدا قىلىدۇ. قارشى تەرەپ بۇ ئېكسپورت دولقۇنىنى خىتايدىكى يەرلىك رىقابەت ۋە ئېھتىياج–تەمىنات ماس كەلمەسلىكىنىڭ نەتىجىسى دەپ ئەمەس، بازارنى قەستەن ئىگىلەش ئىستراتېگىيەسى دەپ كۆرۈشى مۇمكىن. [37-بەت]

يۇقىرى تېخنولوگىيەدە بۇ مەسىلە تېخىمۇ سەزگۈر. سۈنئىي ئەقىل، رەقەملىك سۇپا، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياكى ئالاقە ئۇل ئەسلىھەسىدىكى بازار ئۈلۈشى پەقەت سودا پايدىسىنىلا ئەمەس، خەلقئارا ئۆلچەم بەلگىلەش، سانلىق مەلۇمات توپلاش، سۇپا ھوقۇقى ۋە كېيىنكى ئەۋلاد تېخنولوگىيەنىڭ قۇرۇلمىسىنىمۇ بەلگىلەيدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ يېڭى تېخنولوگىيە ئېكسپورتى قانچە تېز ئۆسسە، چەتئەل سىياسەتچىلىرى ئۇنى ئادەتتىكى رىقابەتتىن كۆرە «ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈك» دەپ ئوقۇش ئېھتىمالى شۇنچە چوڭ. [37-بەت]

بۇ نىيەت بىلەن نەتىجە ئارىسىدىكى پەرقنى كۆرسىتىدۇ. بېيجىڭنىڭ مەقسىتى ئىچكى ئۆسۈش موتورىنى يارىتىش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەقسىتى ئىش ئورنى ۋە باج، كارخانىنىڭ مەقسىتى بازار ئۈلۈشى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئۈچ ھەرىكەت قوشۇلۇپ پۈتۈن دۇنيا باھاسىنى چۈشۈرگەندە، سىرتقى تاماشىبىن بىر پۈتۈن «خىتاي دۆلەت ئىستراتېگىيەسى»نى كۆرۈشى مۇمكىن. ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك تەڭقىسلىقى دەل بۇنداق سەۋەبلەندۈرۈش خاتالىقىدىنمۇ كۈچ ئالىدۇ. [31–32، 37-بەتلەر]

شۇڭا خىتاي ئۈچۈن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسى پەقەت ماكروئىقتىسادىي ئۈنۈم مەسىلىسى ئەمەس. ئۇ سودا تەكشۈرۈشى، تاموژنا بېجى، مەبلەغ چەكلىمىسى ۋە تېخنولوگىيەلىك توسۇققا ئايلىنىپ قايتىپ كېلىدىغان تاشقى سىياسەت مەسىلىسىدۇر. 2-رەسىمدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سودا تەكشۈرۈشلىرى بىلەن 37-بەتتىكى «يامان گېئوئىقتىسادىي نىيەت» ھەققىدىكى تەھلىلىنى بىرلەشتۈرگەندە، خىتاينىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەيتىش ئىسلاھاتىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى ئېنىق بولىدۇ. [7–8، 37-بەتلەر]

10. چىقىش يولى: تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق، چەك ۋە سودا كاپالىتى

دوكلاتنىڭ سىياسەت تەكلىپلىرى «ئىقتىسادىي قورالدىن ۋاز كېچىش»نى ئەمەس، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىدىكى مۈجمەللىكنى ئازايتىشنى نىشان قىلىدۇ. بىرىنچى تەكلىپ، خىتاي ئېكسپورت ئىجازىتىنىڭ باسقۇچى، تەستىق ياكى رەت قىلىش ئۆلچىمى، قاتناشقان ئىدارىلەر ۋە قارار ۋاقتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ سۈزۈكلۈك يارىتىشى كېرەك. 2025-يىلى ئىجازەتنىڭ كېچىكىشى مەمۇرىي ئىقتىدارنىڭ يېتەرسىزلىكىدىنمۇ ياكى قەستەن بېسىمدىنمۇ؟ دېگەن سوئال ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا خاتا چۈشەنچە كۈچەيگەن. [34–35، 38-بەتلەر]

ئىككىنچىسى، قايسى شارائىتتا ئىقتىسادىي قايتۇرما زەربە قورالى ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ تار ۋە ئېنىق بەلگىلەش. ھازىرقى قانۇنلاردىكى «ئىگىلىك ھوقۇقى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتى» دېگەن كەڭ فورمۇلا دۆلەتكە ئىستراتېگىيەلىك مۈجمەللىك بېرىدۇ، بىراق چەتئەل شىركىتى ۋە ھۆكۈمىتىگە قانداق ھەرىكەتنىڭ جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. «تەرەققىيات مەنپەئەتى»نىڭ ئۆزى ناھايىتى كەڭ بولغاچقا، چەك قويۇلمىغان قانۇن دەل خىتاي ئازايتماقچى بولغان خەۋپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتەلەيدۇ. [38–39-بەتلەر]

ئۈچىنچىسى، سودا قائىدىلىرىنى بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئايلاندۇرۇش. دوكلات GATT نىڭ XIX-ماددىسىدىكى «قوغداش تەدبىرى» پىرىنسىپىغا دىققەت قىلىدۇ، ئىمپورت دولقۇنى زىيان پەيدا قىلغاندا، نىيەتنى ئەيىبلەشتىن كۆرە ۋاقىتلىق قوغداش، تۆلەم ياكى ئىختىيارىي ئېكسپورت چەكلىمىسى ئارقىلىق مەسىلىنى باشقۇرۇش. بۇ خىل مېخانىزم «سېنىڭ نىيىتىڭ يامان» دېگەن سىياسىي تالاشنى «زىياننى قانداق باشقۇرىمىز؟» دېگەن ئۆلچىگىلى بولىدىغان سودا سۆھبىتىگە يۆتكەش ئىمكانى بېرىدۇ. [40-بەت]

دوكلات GATT XI:1 نىڭ ئېكسپورتنىڭ ئەركىن ئېقىشىغا دائىر پىرىنسىپى ۋە 2026-يىللىق سىنگاپور–يېڭى زېلاندىيە مۇھىم تەمىنات سودا كېلىشىمىنىمۇ مىسال قىلىدۇ. ئىككى چوڭ دۆلەت كىرىزىس مەزگىلىدىمۇ يېمەكلىك، دورا، پۇقراۋى قاتناش ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش چەكلىك تۈرلەرنى «چەكلىمە سىرتىدىكى مۇقىم يول» قىلىپ بەلگىلىسە، ئۆزئارا نىيەت ھەققىدىكى ئەڭ ناچار پەرەزلەرنى ئازراق بولسىمۇ تۆۋەنلىتەلەيدۇ. بۇ چوڭ كېلىشىم ئەمەس، بىراق بىخەتەرلىك تەڭقىسلىقىدا كىچىك، ئىشەنچلىك كاپالەتنىڭ قىممىتى زور بولۇشى مۇمكىن. [41-بەت]

11. دوكلاتنىڭ كۈچلۈك تەرىپى، چەكلىمىسى ۋە باھا

يې لىڭتەننىڭ دوكلاتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تۆھپىسى خىتاي ئىقتىسادىدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشنى GDP، ئۆي–مۈلۈك كىرىزىسى ياكى ئېكسپورت سانلىرى بىلەنلا چۈشەندۈرمەسلىكىدۇر. ئۇ سودا، تېخنولوگىيە، مائارىپ، قانۇن ۋە كارخانا ھەرىكىتىنى بىرلا «ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك» لوگىكىسىدا باغلايدۇ. 1–6-رەسىملەر ۋە 1–2، A.1–A.2 جەدۋەللىرى سۆز ئىشلىتىشتىن تارتىپ R&D چىقىمى، كەسىپ تەستىقى، تىزىملىك ئىشلىتىش ۋە FDI غىچە بولغان كۆپ قاتلاملىق دەلىلنى بىر يەرگە توپلايدۇ. [6، 8، 11–17، 34، 53–55-بەتلەر]

ئىككىنچى كۈچلۈك نۇقتا، دوكلات بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ ئۆزىنى «ياخشى» ياكى «يامان» دەپ ئاددىي باھالىمايدۇ. خىتاينىڭ تاشقى تېخنولوگىيە چەكلىمىسىگە قارشى چىدامچانلىق قۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقىي سەۋەبى بارلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىخەتەرلىك لوگىكىسى ھەممە ساھەگە كېڭەيگەندە بايلىق تەقسىماتى، تاشقى مەبلەغ ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا قارشى سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەڭپۇڭ رامكا دوكلاتنى ئاددىي «خىتاي تەھدىتى» سۆزلەملىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ. [21–28، 38-بەتلەر]

لېكىن بىرىنچى چەكلىمە، دوكلات ئامېرىكا–خىتاي ھەرىكەت–قارشى ھەرىكەت زەنجىرىنىڭ ئاساسلىقى خىتاي قانىتىنى تەھلىل قىلىدۇ. ئاپتور بۇنى ئۆزى ئېنىق ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئامېرىكىنىڭمۇ ئىقتىسادىي ئۆزئارا بېقىندىلىقنى مەجبۇرلاش قورالىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇڭا دوكلاتنى «بىخەتەرلىك تەڭقىسلىقىنى خىتاي ياراتتى» دېگەن بىر تەرەپلىك ھۆكۈمگە ئايلاندۇرۇش ئۇنىڭ ئۆز رامكىسىغىمۇ زىت. [2–3، 38-بەتلەر]

ئىككىنچى چەكلىمە، رەسمىي سۆزلەردىكى «بىخەتەرلىك»، «تېخنولوگىيە» ياكى «ئايرىلىش» قېتىم سانى بىلەن ئەمەلىي سىياسەت نەتىجىسى ئارىسىدا بىۋاسىتە سەۋەب–نەتىجە باغلىنىشى ھەر ۋاقىت بولمايدۇ. بۇ كۆرسەتكۈچلەرنى يالغۇز ئىشلەتكەندە ئۇلار پەقەت سىياسىي ئالدىنقى نۇقتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار R&D، قانۇن، مائارىپ ۋە كارخانا قارارلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆرۈلگەندە ئاندىن كۈچلۈك قۇرۇلمىلىق دەلىلگە ئايلىنىدۇ. دوكلاتنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە مۇشۇ كۆپ قاتلاملىق باغلاش ئارقىلىق بۇ ئاجىزلىقنى بىر قەدەر تولۇقلىغان. [4، 11–15-بەتلەر]

ئۈچىنچى چەكلىمە، «ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىش» بىلەن «ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ئىقتىدار» ئارىسىدىكى چېگرا ھەقىقەتەنمۇ تۇتۇق. تېخنولوگىيە تارىخىدا دۆلەت مەبلەغ سېلىشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتا ئۈنۈمسىز، تەكرار ۋە قىممەت كۆرۈنگەن، بىراق كېيىن ئاساسىي ئىقتىدار ياراتقان مىساللىرى كۆپ. خىتاينىڭ ئۆزىمۇ يېڭى ساھەلەردە مەلۇم «ئىشلەپچىقىرىش زاپىسى»نى يېڭىلىق ۋە رىقابەت ئۈچۈن قوبۇل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇڭا مەسىلە زاپاس ئىقتىدارنىڭ بار-يوقلۇقىدىن كۆرە، بازار سىگنالىغا قاچان قايتىش، زىيانلىق تۈرنى قاچان توختىتىش ۋە تولۇقلىمىنى قاچان تارتىۋېلىش مېخانىزمىدا. [27–28-بەتلەر]

بۇ ماقالىنىڭ قوشۇمچە باھاسىچە، خىتاينىڭ يېڭى مودېلى «ئۆزىگە تايىنىش» بىلەن «باشقىلارنى ئۆزىگە تاياندۇرۇش»نى بىرلا ۋاقىتتا ئىزدەيدۇ. قوش ئايلىنىش ئىمپورت ئاجىزلىقىنى ئازايتىدۇ. تېخنولوگىيە سىياسىتى بوغما نۇقتىلارنى يەرلىكلەشتۈرىدۇ، قايتۇرما زەربە قانۇنلىرى خىتاينىڭ ئۆزى كونترول قىلغان بوغما نۇقتىنى تاشقى سىياسەت كۈچىگە ئايلاندۇرىدۇ. دەل مۇشۇ ئاسىممېتىرىيەلىك نىشان – «مەن ساڭا ئازراق تايىنىمەن، سەن ماڭا كۆپرەك تايىنىسەن» – كەلگۈسى گېئوئىقتىسادىي رىقابەتنىڭ مەركىزى بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەكۈن دوكلاتتىكى قوش ئايلىنىش ۋە بوغما نۇقتا تەھلىلىدىن چىقىرىلغان مۇستەقىل خۇلاسىدۇر. [5–7، 20، 30–35-بەتلەر]

ئاخىرىدا، دوكلاتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئاگاھلاندۇرۇشى «بىخەتەرلىك»نىڭ ئۆزى ھەققىدىدۇر. ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت قانچە قوراللاشتۇرۇلسا، دۆلەتلەر شۇنچە كۆپ چىدامچانلىق قۇرۇشقا تىرىشىدۇ، چىدامچانلىق قانچە كۆپ قۇرۇلسا، قارشى تەرەپ ئۇنى شۇنچە كۆپ كەلگۈسىدىكى مەجبۇرلاش ئىقتىدارى دەپ كۆرىدۇ. شۇڭا بىخەتەرلىكنى كۆپەيتىش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزى بىخەتەرلىك تەڭقىسلىقىنى كۆپەيتىدىغان بىر ئۆز-ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان سىستېمىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. [29–42-بەتلەر]

خۇلاسە: خىتاي «ئازراق يەر شارىلىشىش»نى ئەمەس، «باشقىچە يەر شارىلىشىش»نى ئىزدەۋاتىدۇ

خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسىنى «دۇنيادىن ئايرىلىش» دەپ تەسۋىرلەش يېتەرلىك ئەمەس. خىتاي يەنىلا تاشقى بازار، چەتئەل مەبلەغ سېلىشى، خەلقئارا تېخنولوگىيە ۋە سودا تورىدىن زور پايدا ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى بۇ باغلىنىشلارنى يوقىتىش ئەمەس، بەلكى خىتايغا قارشى ئىشلىتىلىدىغان بېقىندىلىقنى ئازايتىپ، خىتاينىڭ ئۆزىگە سۆھبەت كۈچى بېرىدىغان بازار، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنات ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاشتىن ئىبارەت. [5–7، 15–20-بەتلەر]

بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ كۈچلۈك تەرىپى خىتاينىڭ غايەت زور بازار ۋە ياسىمىچىلىق كۆلىمى، دۆلەت مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارى، STEM ئادەم كۈچى ۋە بەزى ھالقىلىق تەمىنات زەنجىرىدىكى ئۈستۈنلۈكىدۇر. تۇپراق ئېلېمېنتلىرىدا كۆرۈلگەندەك، بېيجىڭنىڭ قايتۇرما زەربە ئىقتىدارى ئىلگىرىكىدىن روشەن كۈچەيگەن. بىراق بۇ كۈچنى كۆپ ئىشلىتىشنىڭ ئۆزى ئالماشتۇرغۇچى تەمىنات، دوست دۆلەت زەنجىرى ۋە خىتايدىن خەۋپنى ئازايتىش سىياسىتىنى تېزلىتىشى مۇمكىن. [20، 33–35-بەتلەر]

ئەڭ چوڭ ئىچكى خەۋپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ھەممە ئىقتىسادىي قارارنىڭ ئۈستۈن ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرغاندا، خىتاينىڭ ئۆزىگە لازىم بولغان تاشقى مەبلەغ، بازار ئىشەنچى، خەلقئارا ئۇچۇر ۋە ئۈنۈملۈك بايلىق تەقسىماتىنىڭ ئاجىزلىشىشىدۇر. چىدامچانلىق ئۈچۈن تۈزۈلگەن سىياسەت ھەددىدىن زىيادە كېڭەيسە، تېخىمۇ بىخەتەر ئىقتىساد ئەمەس، تېخىمۇ قىممەت، تېخىمۇ مۈجمەل ۋە تېخىمۇ يېپىق ئىقتىسادىي مۇھىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن. [21–28، 33–37-بەتلەر]

شۇڭا كەلگۈسىدىكى ئاساسىي سوئال «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئۆزئارا بېقىندىلىقتىن قۇتۇلالامدۇ؟» ئەمەس. ئىككىسىدەك چوڭ ئىقتىسادنىڭ تولۇق ئايرىلىشىنىڭ بەدىلى ناھايىتى ئېغىر ۋە ئەمەلىيەتتە مۈشكۈل. ھەقىقىي سوئال شۇكى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا بېقىندىلىقنىڭ قورالغا ئايلىنىشىنى چەكلەيدىغان ئىشەنچلىك قائىدە، چەك ۋە كاپالەتلەرنى قۇرالامدۇ؟ ئەگەر بۇ قۇرۇلمىلار قۇرۇلمىسا، ھەر بىر يېڭى «بىخەتەرلىك» تەدبىرى كېيىنكى تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرنىڭ سەۋەبىگە ئايلىنىپ، ئىقتىسادىي رىقابەتنى بىخەتەرلىك تەڭقىسلىقىنىڭ مۇقىم بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن. [38–42-بەتلەر]

مەنبە

Tan, Yeling. 2026. “China’s Economic Security Growth Model and Implications for the US-China Security Dilemma.” Working Paper 26-15. Washington, DC: Peterson Institute for International Economics, August 2026.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*