تەسىر ئوربىتىلىرى: بوشلۇق بىخەتەرلىكىدىكى يېڭى تەھدىتلەر ۋە ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى

2026-يىلى 4-ماي

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت                                     

مەزكۇر ماقالە ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى (CSIS) ئاۋىئ‍اماتكا بىخەتەرلىكى پىروگراممىسىنىڭ مۇدىرى كارى ئا. بىڭگېن (Kari A. Bingen) تەرىپىدىن 2026-يىلى 29-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرى تارماق كومىتېتىدا بېرىلگەن «تەسىر ئوربىتىلىرى: ئامېرىكانىڭ بوشلۇق بىخەتەرلىكىگە كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە تاشقى سىياسەتنىڭ تەسىرى» ناملىق گۇۋاھلىق سۆزى ئاساسىدا تەييارلاندى. ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە بوشلۇق ساھەسىگە ئېرىشىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى ئامېرىكا ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەت مەنپەئەتىدۇر. ئامېرىكا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بوشلۇقتىكى ئۈستۈنلۈكىدىن تېخنىكىلىق، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىن غايەت زور نەپكە ئېرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن كارى ئا. بىڭگېن بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەۋزەللىكنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

ئاپتورنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە بوشلۇق ئىقتىدارى زامانىۋى ئۇرۇش، چەكلەش ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ نېگىزلىك ئاساسىدۇر. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چېچىلاڭغۇ قىسىملار ئارىسىدىكى ئالاقىنى ساقلىشى، ئاخبارات توپلىشى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئالدىن سىگنال بېرىشى، نىشاننى توغرا بەلگىلىشى ۋە ھاۋا رايى مەلۇماتىغا ئېرىشىشى دەل مۇشۇ بوشلۇق تېخنىكىلىرىغا تايىنىدۇ. بوشلۇق ساھەسى قوماندانلار ۋە دىپلوماتلارنىڭ قارار چىقىرىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ ئۇلارنى تېخىمۇ بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئېنىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، تاجاۋۇزچىلىقنى توسۇشقا ۋاقىت يارىتىپ بېرىدۇ. ئادمىرال كرىستوفىر گرادى تەكىتلىگەندەك «بوشلۇق بارلىق قۇرۇقلۇقتىكى ئەۋزەللىكلەرنى مۇمكىن قىلىدىغان ھالقىلىق ساھەدۇر».

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بوشلۇق بايلىقلىرىنىڭ ھەربىي جەھەتتە ئاجىز بىر دۆلەتنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى ئورنىنى قانداق ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئۇكرائىنا ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ «Starlink» غا ئوخشاش سىستېمىلار ئارقىلىق ئالاقە ۋە نىشان بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالدى، سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرلىرى بولسا جەڭ مەيدانىنى تونۇش سەۋىيەسىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈردى. ئۇكرائىنانىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوكسانا ماركاروۋانىڭ ئېيتىشىچە، بوشلۇق سىستېمىلىرى دوختۇرخانىلارنى ۋە پۇقرالار جەمئىيىتىنى بىر-بىرىگە باغلاش بىلەن بىرگە ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ھۆججەتلەشتىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.

بوشلۇق ئىقتىدارىنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى رولى كۈچەيگەنسېرى رەقىبلەرنىڭ بۇ ئىقتىدارلارنى بىكار قىلىشقا ئۇرۇنۇشى تەبىئىي بىر ئەھۋالغا ئايلاندى. كارى ئا. بىڭگېن يېقىنقى سەككىز يىللىق «بوشلۇق تەھدىتىنى باھالاش» دوكلاتلىرىغا تايىنىپ، رەقىبلەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھلارغا، ئۇلارنىڭ يەر بىلەن بولغان سىگنال ئالاقىسىگە ۋە يەر يۈزىدىكى ئۈسكۈنىلەرگە تەھدىت سالىدىغان بىر يۈرۈش قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خەتەرنىڭ جىددىيلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ قوراللار سايبىر (تور) ھۇجۇملىرى، سىگنال توسۇش، لازېر نۇرى، سۈنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئوربىتىدا ھەرىكەت قىلىدىغان ھۇجۇم قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ تەھدىتلەر پەقەت نەزەرىيەۋى قاراشلا ئەمەس، بەلكى رېئاللىقتا يۈز بېرىۋاتقان جەرياندۇر. رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشتىن بىر سائەت ئىلگىرى، ئامېرىكانىڭ بىر سودا خاراكتېرلىك سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورىغا سايبىر ھۇجۇمى قوزغاپ، ئۇكرائىنانىڭ قوماندانلىق ۋە كونترول سىستېمىسىنى ئىشتىن چىقىرىشقا پىلانلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇكرائىنا جەڭ مەيدانىدا ۋە شەرقىي ياۋروپا، ئىسكاندىناۋىيە، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى قاتارلىق رايونلاردا GPS سىگنالىنى كەڭ كۆلەملىك توسۇش ۋە قالايمىقانلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلغان.

خىتاي ۋە رۇسىيە ھازىر ھەم فىزىكىلىق، ھەم فىزىكىلىق بولمىغان تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بوشلۇققا تاقابىل تۇرۇش قوراللىرىغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردا خىتاي سۈنئىي ھەمراھلىرى تۆۋەن ئوربىتىدا «Dogfighting» دەپ ئاتىلىدىغان جەڭ مەيدانى مانېۋىرلىرىنى ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا گېئوسىنكرون ئوربىتىدا تۇنجى قېتىم يېقىلغۇ قاچىلاش سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھلىرى بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىغا «سايە» دەك ئەگىشىپ يۈرۈپ كۆزەتمەكتە. تېخىمۇ خەتەرلىك يېرى شۇكى، رۇسىيە بوشلۇقتا يادرولۇق سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قورال تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ قورال پارتلىتىلسا ئوربىتىدىكى بارلىق سۈنئىي ھەمراھلارنى ۋەيران قىلىپ بوشلۇق مۇھىتىنى تامامەن ئىشلىتەلمەس ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

بۇ ئەھۋاللار بوشلۇقنىڭ ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزغا ئوخشاش بىر ھەربىي جەڭ ساھەسىگە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بوشلۇق تەھدىتلىرىگە پەقەت بىر تېخنىكىلىق ئىقتىدارنى ئاجىزلىتىش دەپلا قارىماي، بەلكى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇش، ئىقتىساد ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنى ۋەيران قىلىش ئۇرۇنۇشى دەپ قاراش كېرەك. دەل مۇشۇ جىددىي ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئامېرىكا بوشلۇق ئارمىيەسى (U.S. Space Force) قۇرۇلدى. بۇ ئارمىيە ھازىر بوشلۇق قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ چىداملىق قىلىش، جەڭ تاكتىكىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىر گەۋدىلىشىش ئۈستىدە ئىشلىمەكتە.

بوشلۇق ساھەسىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئۆزگىرىش سودا خاراكتېرلىك بوشلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك رىقابەتنىڭ كۈچىيىشىدۇر. ھازىر ئوربىتىدىكى سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ 80 پىرسەنتىدىن ئارتۇقى سودا خاراكتېرلىك بولۇپ 100 دىن ئارتۇق دۆلەت بوشلۇقتا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئىلگىرى پەقەت ھۆكۈمەتلەرلا قىلالايدۇ دەپ قارالغان تەسۋىر تارتىش، ئوربىتىدا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئادەملىك ئۇچۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەر ھازىر شەخسىي شىركەتلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. تېزلىك، كۆلەم ۋە كۆپ خىللىق بۇ يېڭى مۇھىتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىدۇر.

«SpaceX» شىركىتى بۇ ساھەدە يېتەكچى رول ئويناۋاتقان بولۇپ، مىڭلىغان «Starlink» سۈنئىي ھەمراھىنى ئوربىتىغا چىقاردى ۋە كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى ئاشۇردى. ئىلگىرى بىر سۈنئىي ھەمراھنى ياساشقا 5-10 يىل ۋاقىت ۋە مىلياردلىغان دوللار كېتەتتى، ھازىر بولسا بۇ جەريان تامامەن ئۆزگەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش تەننەرخى 150 مىليون دوللاردىن نەچچە ئون مىليون دوللارغا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن چۈشتى. بۇ ئەھۋال تېخنىكىنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

يەر شارى خاراكتېرلىك رىقابەتنىڭ يەنە بىر مىسالى سودا خاراكتېرلىك يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسىدۇر. كارى ئا. بىڭگېن 2024-يىللىق «Gold Rush» دوكلاتىغا تايىنىپ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ سودا ئىقتىدارىنى تېز سۈرئەتتە كۈچەيتىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئۈستۈن ئورنىغا خىرىس قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. بۇ يېڭى رېئاللىق جەڭ مەيدانىنىڭ بارغانسېرى سۈزۈكلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئوربىتىدىكى توختىماي كۆزىتىپ تۇرىدىغان سۈنئىي ھەمراھلار ھەر قانداق ھەرىكەتنى پاش قىلىپ تاشلايدىغان بولغاچقا، بۇ ئەھۋال ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن يېڭى بىر قىيىنچىلىق ياراتتى.

يېقىندا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۆز قىسىملىرىنى قوغداش ئۈچۈن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى تارقاتمىغان بولسىمۇ، خىتاي شىركەتلىرىگە ئوخشاش چەتئەل تەمىنلىگۈچىلىرى بۇنداق ئۇچۇرلارنى داۋاملىق تەمىنلىگەن. خىتاينىڭ بىر سۈنئىي ئەقىل شىركىتى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق كۆزىتەلەيدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغان. ئىران ۋە رۇسىيەمۇ خىتاينىڭ تەسۋىر سۈنئىي ھەمراھلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ھەرىكەتلىرىنى ماسلاشتۇرغان. بوشلۇق مەشغۇلاتلىرى قوماندانى گېنېرال سالتزمان تەكىتلىگەندەك «بىز دۇنيادىكى بۇ سۈزۈكلۈكنى ئېتىراپ قىلىشىمىز ۋە ئۆزگىرىۋاتقان جەڭ مەيدانىغا ماسلىشىشىمىز كېرەك».

خىتاينىڭ بوشلۇق كېڭەيمىچىلىكى ۋە ئىستراتېگىيەلىك خىرىسلىرى

خىتاي ھازىر بوشلۇق ساھەسىدىكى ئەڭ خەتەرلىك تەھدىت ۋە ئەڭ كۈچلۈك رەقىبتۇر. بېيجىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى بوشلۇق پىروگراممىسى ۋە بارغانسېرى زورىيىۋاتقان سودا سېكتورىدىن پايدىلىنىپ، يەر شارىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشكە، بازارلارنى ئىگىلەشكە ۋە خەلقئارا قائىدىلەرنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بوشلۇق ئارزۇسى» خىتاينى 2049-يىلىغا بارغاندا دۇنيادىكى قۇدرەتلىك بىر بوشلۇق كۈچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. خىتاي قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈزلىگەن سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا چىقاردى، سۈنئىي ھەمراھ ياسايدىغان غايەت زور زاۋۇتلارنى قۇردى ۋە ئۆزىنىڭ تيەنگۇڭ (Tiangong) بوشلۇق پورتىنى بەرپا قىلدى.

خىتاي ھازىر مىڭلىغان تۆۋەن ئوربىتىلىق كەڭ بەلباغلىق سۈنئىي ھەمراھ تورىنى ۋە 500 دىن ئارتۇق ئاخبارات توپلاش سۈنئىي ھەمراھىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي زەربە بېرىش زەنجىرىنى مۇستەھكەملىمەكتە. ئۇلار ئامېرىكا ئاۋىئ‍اماتكىلىرى، ئايرودروملىرى ۋە پورتلىرىغا زەربە بېرىش مانېۋىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بارماقتا. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي بوشلۇقنى دىپلوماتىك قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، ئارگېنتىنا، مىسىر ۋە نامىبىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە بوشلۇق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇردى. خىتاي بوشلۇق مۇلازىمەتلىرىنى بىر يۈرۈش قىلىپ ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۈچۈن تاللاشقا ئەرزىيدىغان ھەمكارلاشقۇچىغا ئايلىنىپ بېيجىڭنىڭ سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى دۇنياغا يايماقتا.

خەلقئارا دىپلوماتىيە مەيدانلىرىدا خىتاي ۋەكىللىرى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلمەكتە. ئۇلار خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى (ITU) ۋە خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى (ISO) غا ئوخشاش ئورۇنلاردا ئۆز ئۆلچەملىرىنى تىكلەش ئۈچۈن زور كۈچ چىقارماقتا. خىتاي يەنە «G-77 + China» گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىشىپ ب د ت دىكى ئاۋازىنى كۈچەيتمەكتە، شۇنداقلا بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئافرىقا (BRICS) قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بوشلۇق ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئامېرىكانىڭ يېتەكچىلىكىگە جەڭ ئېلان قىلماقتا. بۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ئۆزىنىڭ بوشلۇق بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى سىياسەت قوراللىرىنى جىددىي يېڭىلىشى شەرت.

بۇ مەقسەتتە ئاپتور كارى ئا. بىڭگېن بىر يۈرۈش تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق بوشلۇقتىكى ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: بىرىنچىدىن، دۆلەت بىخەتەرلىكى بوشلۇق مەبلىغىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ رەقىبلەرنى چەكلەش ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش لازىم. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سودا خاراكتېرلىك بوشلۇق سېكتورىدىن پايدىلىنىپ «يۇمشاق كۈچ» ىنى نامايان قىلىشى، بولۇپمۇ يەر شارى جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرگە ئەمەلىي مۇلازىمەت تەمىنلەش ئارقىلىق خىتاينىڭ تەسىرىنى سۇسلىتىشى كېرەك. ئۇندىن باشقا، ئېكسپورت كونترول سىياسەتلىرىنى، بولۇپمۇ ITAR چەكلىمىلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش تولىمۇ مۇھىم. كارى ئا. بىڭگېن ئۆزىنىڭ «HawkEye 360» شىركىتىدىكى تەجرىبىسىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق بەزى چەكلىمىلەرنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قانداق قىيىنچىلىق يارىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. شۇنداقلا خىتاي بىلەن كىرىزىسنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە ئالاقە لىنىيەسى قۇرۇش ۋە يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ باشقۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش زۆرۈر.

خۇلاسە قىلغاندا، ئامېرىكا بۈگۈن بوشلۇقتا يېتەكچى ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ ئورۇننىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. بوشلۇق ساھەسىدىكى ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدە جىددىي تەدبىر سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش، سىرتتا بولسا ئىتتىپاقداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ۋە خەلقئارالىق قائىدە-ئۆلچەملەرنى بەلگىلەشتە يېتەكچى رول ئويناش شەرت. بوشلۇقتىكى غەلىبە پەقەت تېخنىكىلىق جەڭ ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك دىپلوماتىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل-پاراسەتنىڭ نەتىجىسىدۇر.

مەنبە ماقالە:

Bingen, Kari A. (2026, April 29). Orbits of Influence: Emerging Threats to U.S. Space Security and Foreign Policy Implications. Statement before the House Foreign Affairs Subcommittee on Europe. Center for Strategic and International Studies (CSIS). [ts260429_Bingen_Orbits_Influence.pdf]

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*