خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتى ۋە ئىشسىزلىق خىرىسى

2025-يىلى 6-دېكابىر

خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتى ۋە ئىشسىزلىق خىرىسى

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر  ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچى مارىئاننې لۇ (Marianne Lu) نىڭ «خىتاي سۈنئىي ئەقىل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىشسىزلىقتىن ئەنسىرەۋاتىدۇ» (China Is Worried About AI Job Losses) ناملىق مەزكۇر ئىلمىي ئانالىز ماقالىسى، دەسلەپتە ئامېرىكادا تەسىرى كۈچلۈك بولغان «تاشقى سىياسەت» (Foreign Policy) ژۇرنىلىنىڭ 2025-يىلى 20-نويابىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە تەھلىلىنىڭ چوڭقۇرلۇقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئاقىللار ئامبارلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكا راند تەتقىقات ئورنى (RAND Corporation) تەرىپىدىن 2025-يىلى 1-دېكابىردا قايتا ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە نۆۋەتتە خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان قۇرۇلمىۋىي ئىقتىسادىي كىرىزىس، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدىكى ئېغىر ئىشسىزلىق مەسىلىسى بىلەن سۈنئىي ئەقىل (AI)  تېخنىكىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلىك مۇناسىۋەت ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنغان. مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىدا دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىقنى قوغلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتەك قوش ۋەزىپىنى قانداق ئىستراتېگىيەلەر ئارقىلىق باشقۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى سىستېمىلىق يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ كەلگۈسى ئىجتىمائىي-سىياسىي يۆنىلىشىنى چۈشىنىشتە يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

ئاپتور بۇ ماقالىدە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدىكى ئاجىزلىقلار، بولۇپمۇ ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە تېخنىكا شىركەتلىرىگە قىلىنغان بېسىم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشى بىلەن تېخىمۇ ئېغىرلىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلغان. ماقالىنىڭ ئىلمىي قىممىتى شۇ يەردىكى، ئاپتور پەقەتلا تېخنىكىلىق تەرەققىياتنى بايان قىلىش بىلەن چەكلەنمەستىن، بەلكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاش بىلەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك تەڭپۇڭلۇقنى قانداق تەڭشەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ «ئورتاق بېيىش» شوئارى ئاستىدىكى ئىجتىمائىي كونتروللۇق ئىستراتېگىيەسىنىڭ سۈنئىي ئەقىل سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى سىستېمىلىق تەھلىل قىلغان. بۇ ماقالە خىتاينىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ماقالە خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىكى ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلگەن ئىككى پەرقلىق ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ تەسۋىرى بىلەن باشلىنىدۇ. شاڭخەيگە ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە، يۇقىرى مەلۇماتلىق ئەمما ئىشسىز قالغان ياش كەسپىي خادىملار  ئۆزلىرىنى خىزمىتى باردەك ھېس قىلالش ئۈچۈن ، كۈنىگە بەش دوللار تۆلەپ، «خىزمەت قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈش شىركىتى» (Pretend to Work Co) دەپ ئاتالغان ساختا ئىشخانىلاردا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا. بۇ يەرلەردە ئۇلار Wi-Fi ۋە قەھۋە بىلەن تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ چەتكە قېقىشى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇلار مۇشۇنداق  ۋاقىت ئۆتكۈزمەكتە. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بىر قانچە كوچا نېرىسىدا، يېزىلاردىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ  بىر خىزمەت ئورنىدا  نۆۋەتلىشىپ ئىشلەپ، تار ياتاقلاردا نۆۋەتلىشىپ ئۇخلاۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق مەنزىرە مەۋجۇت. ئاپتور بۇ ئىككى كۆرۈنۈشنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك كىرىزىسىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن.

بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ھەر ئىككىلىسى خىتاي ئىقتىسادىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك بوران-چاپقۇنلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماقتا. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشى ۋە قۇرۇلمىۋىي ئۆزگىرىشلەر، جۈملىدىن ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە تېخنىكا ساھەسىگە قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇشلار، مەۋجۇت خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ كەسكىن ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان  مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئىش ئىزدىگۈچىلەر سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىدەك سۈنئىي تەھدىتكە دۇچ كەلدى.  

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىقتىسادنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىشىنى تېزلىتىشكە بەل باغلىغان كۆرۈنىدۇ. ئاۋغۇست ئېيىدا ئېلان قىلىنغان «سۈنئىي ئەقىل+» (AI+)  پىلانىدا ناھايىتى يۇقىرى  نىشانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، سۈنئىي ئەقىل ئۈسكۈنىلىرى، ۋاكالەتچى سىستېمىلىرى ۋە ئەپلىرىنىڭ 2027-يىلغىچە جەمئىيەتنىڭ %70 دىن كۆپرەكىنى، 2030-يىلغىچە %90 نى قاپلىشى مۆلچەرلەنگەن. ۋاشىنگتوندىكى كۆزەتكۈچىلەر  بۇ پىلاننى بېيجىڭنىڭ ھەر قانداق بەدەل تۆلەش بەدىلىگە سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتى ۋە قوللىنىلىشىدا دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئىگىلەشكە بەل باغلىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارىماقتا.

بىراق، رېئاللىق تېخىمۇ مۇرەككەپتۇر. بېيجىڭ سۈنئىي ئەقىلنىڭ خىتاينىڭ ئاللىبۇرۇن نازۇك بولغان ئەمگەك بازىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان بېسىمىنى تولۇق چۈشىنىدۇ ۋە سۈنئىي ئەقىلنى ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا ئىشسىزلىقنى ئازايتىش ھەمدە ھەر قانداق ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كونتروللۇقنى كۈچەيتىشكە تەييار تۇرماقتا. يەنى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياۋىي سۈنئىي ئەقىل مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلىش بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش ئوتتۇرىسىدا بىرىنى تاللاپ يەنە بىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولىدىغان «نۆل يىغىندىلىق ئويۇن» مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىمايدۇ. بېيجىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىككىسى بىر تەڭگىنىڭ ئىككى تەرىپىدۇر؛ يەنى سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتى مۇقىملىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇشى كېرەك.

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەمىشە ئىشەنچسىز سانلىق مەلۇماتلار ۋە سىياسىي تۇتۇقلۇق تۈپەيلىدىن تالاش-تارتىش تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە. شۇنداقتىمۇ، كۆپلىگەن كۆرسەتكۈچلەردىن ئىككى خىل ئېنىق يۈزلىنىشنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بىرىنچىسى، ياشلار ئارىسىدىكى يۇقىرى ئىشسىزلىق نىسبىتى. خىتاينىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەكتەپتە ئوقۇمايۋاتقان 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى ئاۋغۇست ئېيىدا %18.9 كە ئۆرلىگەن.

بۇ ساننىڭ ئارقىسىدا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ماس كەلمەسلىك مەسىلىسى ياتماقتا: مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەمدىكى ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەنلىرى ئەمگەك بازىرىغا كىرىۋاتىدۇ، ئەمما ئىلگىرى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى قوبۇل قىلىدىغان ئۆي-مۈلۈك، پۇل-مۇئامىلە ۋە تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەر ھازىر چېكىنىش ھالىتىدە بولۇپ،بۇ ساھەلەر خىتاينىڭ يېقىنقى ئىقتىسادىي ۋە سىياسەت ئۆزگىرىشلىرىنىڭ كۈچلۈك زەربىسىگە ئۇچرىغان. بۇ ساھەلەردىكى كىچىكلەش يۇقىرى مەلۇماتلىق ياشلار ئۈچۈن خىزمەت پۇرسىتىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئىككىنچى ئىقتىسادىي يۈزلىنىش بولسا، خىتاينىڭ غايەت زور كۆلەمدىكى تۆۋەن ماھارەتلىك ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ — يەنى شەھەرلەردە ئىشلەپ جان باقىدىغان يۈز مىليونلىغان يېزا ئاھالىسىنىڭ — بارغانسېرى خەتەرلىك ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە تۆۋەن ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ چەتئەللەرگە كۆچۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئىشسىز قالغان. ئۇلارنىڭ كۆپىيىۋاتقان بىر قىسمى ھازىر خىتاينىڭ ئاللىبۇرۇن تويۇنغان«ئەركىن كەسىپ ئىقتىسادى» (Gig Economy) غا تايىنىپ قالغان بولۇپ، تاكسى  ياكى تېز يەتكۈزۈش سۇپىلىرىدا شوپۇرلۇق قىلماقتا؛ بۇ سۇپىلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جەھەتتە ئاساسەن ھېچقانداق كاپالەت بەرمەيدۇ. بەزىلىرى ھەتتا يېزىلارغا قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

يېقىندا ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ۋە تۆۋەن ماھارەتلىك ئىشچىلار ئاللىبۇرۇنلا قىيىن ئەھۋالدا  بولۇپ،  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار سۈنئىي ئەقىلنىڭ زەربىسىگە ئەڭ ئاسان ئۇچرايدىغان قاتلام ھېسابلىنىدۇ. سۈنئىي ئەقىلنىڭ دەسلەپكى قالايمىقانچىلىقلىرى ئاساسلىقى تۆۋەن  دەرىجىلىك ئىشخانا خىزمەتلىرى ۋە تەكرارلىنىدىغان جىسمانىي ئەمگەكلەرنى نىشان قىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىغا قارىغاندا، 2022-يىلى نويابىردا ChatGPT ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرايدىغان خىزمەتلەردىكى ياش ئىشچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىدە %13 تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. خىتايدا بۇنىڭغا ئوخشاش سېلىشتۇرما سانلىق مەلۇماتلار كەمچىل بولسىمۇ، لېكىن بىر چوڭ خىزمەت ئىزدەش تور بېكىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان خىزمەت ئورۇنلىرى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %22 ئازايغان.

خىتاينىڭ تۆۋەن ماھارەتلىك ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ قاراڭغۇ كۆرۈنمەكتە. تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ماشىنا ئادەمدىن تارتىپ ئاپتوماتىك شوپۇرسىز ئاپتوموبىللارغىچە بولغان «جىسىملاشقان سۈنئىي ئەقىل»نىڭ (Embodied AI) ئادەتتىكى قول ئەمگىكىنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، بۇ يۈزلىنىش تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئىشچىلارغا ئەڭ ئېغىر زەربە پەيدا قىلىدۇ. بۇ ھەرىكەتچانلىق ئاللىبۇرۇن خىتايدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، تېز يەتكۈزۈش ئۇچقۇلىرى (drones) ۋە شوپۇرسىز تاكسىلار چوڭ شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىنى (ۋە ئاسمىنىنى) ئىگىلىمەكتە. گەرچە ئەركىن كەسىپ ئىشچىلىرىغا بولغان ئىقتىسادىي زەربە  سان جەھەتتىن  تېخى تولۇق ھېسابلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشسىزلىققا بولغان ئاممىۋى ئەندىشە كۈچەيمەكتە. مەسىلەن، ئۆتكەن يىلى ۋۇخەندە شوپۇرلارنىڭ بەيدۇ (Baidu) شىركىتىنىڭ ماشىنا ئادەم تاكسىلىرىغا (Robotaxis) قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى سۈنئىي ئەقىل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خىزمەت ئورنىنىڭ ئازىيىش تەھدىتىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ بىر تەرەپتىن، خىتاي تەرەققىياتنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە قىسقا مۇددەتلىك ئىشسىزلىقنى قوبۇل قىلىشقا رازى بولۇشى مۇمكىن. بېيجىڭ سۈنئىي ئەقىلنى ئىستراتېگىيەلىك ھالقىلىق تېخنىكا دەپ قارايدۇ — بۇ خىل قاراش «سۈنئىي ئەقىل+» تەشەببۇسىدا ئەكس ئەتكەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يىلتىزى 2017-يىلدىكى «سۈنئىي ئەقىل تەرەققىيات پىلانى» غا تۇتۇشىدۇ .

خىتاي ھۆكۈمىتى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق نوپۇسنىڭ قېرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياشانغانلارنى بېقىش يۈكىدىن تارتىپ، شەھەر ۋە يېزىلار ئارىسىدىكى مائارىپ پەرقىگىچە بولغان  دۆلەت ئىچىدىكى بىر قاتار خىرىسلارنى ھەل قىلغىلى ۋە ئاخىرىدا يېڭى خىزمەت شەكىللىرىنى ياراتقىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. (خىتاينىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئاللىبۇرۇن سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتىدىن بارلىققا كەلگەن بىر قانچە يېڭى كەسىپنى ئېتىراپ قىلدى). ئۇنىڭ ئۈستىگە، پارتىيە ئىلگىرىكى ئىسلاھاتلىرىدىمۇ  ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قۇربان قىلغان بولۇپ، 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي  دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كادىر-ئىشچىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىش كاپالىتى بولغان «تۆمۈر تاۋاق»[1] تۈزۈمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈنۈمسىز دۆلەت ئىگىلىكىنى ئىخچاملاش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن مىليونلىغان كىشىلەرنى ئىشسىز قالدۇرغان ئىدى.

قانداقلا بولمىسۇن، بېيجىڭنىڭ سۈنئىي ئەقىل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىشسىزلىقنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ھەتتا سۈنئىي ئەقىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى باشقۇرۇش بەدىلىگە بولسىمۇ، بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىغا دائىر ئالامەتلەر بار.

بۇنىڭ بىر سەۋەبى شۇكى، 2025-يىلىدىكى خىتاي 1990-يىللاردىكى خىتاي ئەمەس. ئۇ چاغلاردا، دۆلەت ئىقتىسادى قوش خانىلىق سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان بولۇپ، مىليونلىغان كىشىلەر ئىچكى ئۆلكىلەردىن دېڭىز بويىدىكى مەركەزلەرگە كۆچكەندە، كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىق ناھايىتى تېزلا ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىككە ئايلانغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاۋاتقان ۋە سۈنئىي ئەقىل تۈرتكىسىدىكى خىزمەت ئورنى  يارىتىش جەريانى ئاستا قەدەمدە ئىلگىرىلەۋاتقان بىر شارائىتتا، ئىشسىزلىقنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش تېخىمۇ قىيىنغا توختايدۇ.

بۇ سۈنئىي ئەقىلگە مۇناسىۋەتلىك كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىق كىشىلەرنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. (بەزىلەر رەقەملىك ھايات، جۈملىدىن سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئۆزى ياش ئىشچىلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ). ئەمما، ھەر قانداق ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق ئېھتىماللىقى مۇقىملىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن ئەندىشىلىكتۇر. مەسىلەن، ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن بىر قاتار زوراۋانلىق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، بېيجىڭ كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كېڭەيتتى ۋە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ساغلاملىقى ھەققىدىكى تەنقىدىي مۇلاھىزىلەرنى باستۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۈنئىي ئەقىل سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىشسىزلىقنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ يوشۇرۇن، ئەمما ئوخشاشلا ئەندىشىلىك شەكىللەردە كۆرۈلۈشى مۇمكىن: ئىستېمالنىڭ چېكىنىشى، پاراۋانلىق يۈكىنىڭ ئېشىشى ۋە كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىش ئېھتىماللىقى قاتارلىقلار.

شى جىنپىڭ پارتىيە رەھبەرلىرى ئىچىدە پەرقلىق بىر تىپقا مەنسۇپ. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىلار تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن خىزمەت بىخەتەرلىكى، پاراۋانلىق ۋە ئىشچىلارنى قوغداش تۈزۈملىرىدىن ۋاز كەچكەن بولسا، شى جىنپىڭ ئەكسىچە يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلماقتا. «ئورتاق بېيىش» بايرىقى ئاستىدا، ئۇ ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكنى ئازايتىش ۋە ئىجتىمائىي زىيانلارغا تاقابىل تۇرۇش نامىدا، تېخنىكا ۋە مائارىپتىن تارتىپ پۇل-مۇئامىلىگىچە بولغان خىتاينىڭ ئەڭ كىرىملىك ساھەلىرىنىمۇ تىزگىنلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. مەسىلەن، 2021-يىلىدىكى تەۋسىيە ئالگورىزملىرىغا ئائىت بەلگىلىمە  تېز يەتكۈزۈش شوپۇرلىرى دۇچ كەلگەن ناچار خىزمەت شارائىتىغا بولغان ئاممىۋى غەزەپكە جاۋابەن قىسمەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇ شوپۇرلارنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ۋە كىرىمى خىتاي شەھەرلىرىدىكى قاتناش رېئاللىقىنى كۆزدە تۇتمايدىغان قاتتىق ئالگورىزىملار تەرىپىدىن كونترول قىلىناتتى. مەزكۇر بەلگىلىمىدە سۇپىلارنىڭ زاكازلارنى تەقسىملەش ۋە باھالاشتا «ئەڭ قاتتىق ئالگورىزىم» نى ئىشلەتمەي، ئەكسىچە ۋاقىت بېسىمىنى يېنىكلىتىدىغان «مۆتىدىل ئالگورىزىم» نى قوللىنىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە بېيجىڭنىڭ سۈنئىي ئەقىل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خىزمەت قالايمىقانچىلىقىغا بولغان ئىنكاسىنىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر تۇيغۇ شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرى ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقتى. گەرچە «سۈنئىي ئەقىل+» پىلانى ئاساسلىقى سۈنئىي ئەقىلنىڭ تارقىلىشىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنىلا «ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان تەسىرنى ئازايتىش» تەدبىرلىرىنى قوللىنىش چاقىرىقى بار ئىدى. بۇ يىللىق «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، بىر ئەمەلدار «سۈنئىي ئەقىل + ئىشقا ئورۇنلىشىش» رامكىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ بۇ رامكا باج ئېتىبارى، مائاش تولۇقلىمىسى، قايتا تەربىيەلەش پىروگراممىلىرى، ھەتتا تېخنىكىنىڭ بەزى خىزمەتلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا چەكلىمە قويۇشنى  ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شەخسىي ئىگىلىك ساھەسىمۇ ئوخشاش ئەندىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. خىتاينىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سۈنئىي ئەقىل شىركىتى بولغان DeepSeek[2] نىڭ ۋەكىلى بۇ ئاي بىر كەسىپ مۇنبىرىدە خىتايدا  ئاز ئۇچرايدىغان ئاشكارا تەرزدە سۆز قىلىپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ قالايمىقانچىلىقى ئەمگەك كىرىزىسىنى قوزغىشى ۋە ئاخىرىدا بارلىق خىزمەتلەرنى ئاپتوماتلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ جەرياننىڭ «جەمئىيەتنى تۈپ يىلتىزىدىن تەۋرىتىۋېتىشى» مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

شى جىنپىڭ سۈنئىي ئەقىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىشسىزلىقنى باشقۇرۇشنى بىر-بىرىگە زىددىيەتلىك دەپ قارايدۇ دەپ پەرەز قىلىش خاتالىق بولىدۇ. ئامېرىكىدا سۈنئىي ئەقىل سىياسەتلىرى« خىتايغا قارشى سۈنئىي ئەقىل مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلىش» رامكىسى ئىچىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ پاسسىپ تەرەپلىرى ياكى ئۇنىڭ تارقىلىشىنى تەرتىپكە سېلىش  چوڭ بىر گېئوسىياسىي رىقابەتتىكى توسالغۇلار دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، خىتاينىڭ سىياسەت ھۆججەتلىرىدە يەرشارىۋى «سۈنئىي ئەقىل مۇسابىقىسى» دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنمايدۇ.

بۇ سۆزنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى گېئوسىياسىي رىقابەتكە پەرۋاسىزلىق قىلغانلىق ئەمەس؛ ئەكسىچە، بۇ بېيجىڭنىڭ سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئاساسلىق قىممىتى دۆلەت ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش ۋە ئىچكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بېيجىڭنىڭ نۇقتىنەزەرىدىن ئېيتقاندا، ھەقىقىي غەلىبە سۈنئىي ئەقىلنىڭ تارقىلىشىنى شۇنداق باشقۇرۇشقا باغلىقكى، سۈنئىي ئەقىل خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى تەۋرىتىپ قويماسلىقى كېرەك. يەنى، خىتاي ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى تاشقى رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشلا ئەمەس، بەلكى ئىچكى قىسىمدىكى مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي قۇۋۋەتنى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتۇر.


ئىزاھاتلار:

[1] «تۆمۈر تاۋاق»(Iron Rice Bowl): خىتايدا پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىڭ خىزمەت ئورنى، مائاشى ۋە پاراۋانلىقىنىڭ ئۆمۈرلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىنىش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۈزۈم 1990-يىللاردىكى ئىسلاھاتتا بىكار قىلىنغان.

[2] DeepSeek: خىتايدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ۋە تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان سۈنئىي ئەقىل تەتقىقات شىركىتى بولۇپ، چوڭ تىل مودېللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

مەنبە ئەسەر :

Lu, Marianne. «China Is Worried About AI Job Losses.» RAND Corporation, December 1, 2025. https://www.rand.org/pubs/commentary/2025/12/china-is-worried-about-ai-job-losses.html. (Originally published by Foreign Policy on November 20, 2025).

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*