خىتايدىكى  سۇ بايلىقىنىڭ كەلگۈسى : مۇھىم تەدبىرلەر، خىرىسلار ۋە مۇرەسسەلەر

2025-يىلى 15-دېكابىر

راند تەتقىقات ئورگىنىنىڭ شۇ ناملىق دوكلاتىنىڭ خۇلاسىسى

2025-يىلى ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق، پايدا ئالمايدىغان ۋە    تەرەپسىز تەتقىقات ئورگىنى بولغان راند شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ سۇ كەلگۈسى: مۇھىم تەدبىرلەر، خىرىسلار ۋە مۇرەسسەلەر» ناملىق بۇ تەتقىقات دوكلاتى، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى خىتاينىڭ سۇ بايلىقى مەسىلىسىنى كۆپ قاتلاملىق ۋە چوڭقۇر تەھلىل قىلغان مۇھىم ئىلمىي ئەسەردۇر. بۇ دوكلاتقا رېبېككا تىشېرمان (Rebecca Tisherman)، سارا ستۇلكېن (Sara Stullken)، سارا ھيۇگېس (Sara Hughes) قاتارلىق مۇھىت ئىلمى، سىياسەت تەتقىقاتى، ئىنژېنېرلىق ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەر يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ ئەجر سىڭدۈرۈشى نەتىجسىدە  ئىلمىي قىممىتى ۋە ئىشەنچلىكلىكى يۇقىرى دوكلات ئوتتۇرىغا چىققان. دوكلاتتا خىتايدىكى ئېغىر سۇ قىسلىقى، سۇ تەمىناتى ۋە ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان سىياسەتلىرى ۋە بۇ جەرياندا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. تەتقىقاتچىلار سۇ تەمىناتى ۋە ئېھتىياجىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى، خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى سىياسەت ھۆججەتلىرىنى تەھلىل قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، سۇ بايلىقى مەسىلىسىنىڭ ئىقتىساد، گېئوسىياسەت ۋە مۇھىت قاتارلىق باشقا ئىجتىمائىي يۈزلىنىشلەر بىلەن قانداق گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېچىپ بەرگەن.

بۇ دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، تەتقىقاتچىلار پەقەت خىتايدىكى سۇ مەسىلىسىنى  بايان قىلىپلا قالماي، بەلكى بۇ مەسىلىنىڭ خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرى، دۆلەت ئىچى مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر تەسىرىنى ئالدىن پەرەز قىلىشقا ئۇرۇنغان. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كەلگۈسىدىكى تۆت خىل ئوخشىمىغان سېنارىيە (تۇرغۇنلۇقتىكى خىتاي، گۈللەنگەن خىتاي، كىرىزىستىكى خىتاي، يېڭى ئالتۇن دەۋر) ئارقىلىق، ئوخشىمىغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەسىلىسىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش ئېھتىماللىقى پەرەز قىلىنغان. بۇ  دوكلات، ئاقىللار ئامبىرى، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ۋە خىتاي مەسىلىسى تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك پايدىلىنىش مەنبەسى بولالايدۇ. دوكلاتتا خىتاينىڭ سۇ مەسىلىسىنىڭ پەقەت بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس، بەلكى يەر شارى خاراكتېرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، تەمىنات زەنجىرى ۋە رايون مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

I. كىرىش سۆز

دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا، خىتاينىڭ سۇ مەسىلىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك تەسۋىرلەنگەن. گەرچە سۇ قىسلىقى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس بولسىمۇ، خىتاي بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭ چېتىشلىق تەسىرىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. 2020-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى تەخمىنەن 1990 كۇب مېتىر بولۇپ، بۇ دۇنيا  ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ يېرىمىغا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ تۆتتىن بىرىگە يەتمەيدۇ. تېخىمۇ ئەندىشىلىك يېرى، يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ ئازىيىشى ۋە يەر ئاستى سۈيىنىڭ نورمىدىن ئارتۇق قېزىلىشى سەۋەبىدىن، بۇ ئەھۋال بارغانسېرى ناچارلاشماقتا.

خىتايدىكى سۇ قىسلىقىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى  جۇغراپىيەلىك تەقسىماتىنىڭ ئادالەتسىزلىكىدۇر. دۇنيا بايلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ سۇ خەۋپى ئاتلاسىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرىدە سۇ قىسلىقى يىنىكرەك بولسا، شەرقىي شىمالدىكى ئۆلكىلەردە بۇ قىسلىق ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە. تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ شىمالىي رايونلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاتلىق سۇ بايلىقىنىڭ ئاران %10 ىگە ئىگە، ئەمما بۇ رايونلاردا پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %30 ى ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى مەركەزلەشكەن. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مىقدارى 500 كۇب مېتىرغا يەتمەيدىغان بۇ رايونلار مۇتلەق سۇ قىسلىقى ھالىتىدە تۇرماقتا. بۇ رايونلار ئارا  پەرق، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 2003-يىلى يولغا قويۇلغان «جەنۇبتىن شىمالغا سۇ يۆتكەش قۇرۇلۇشى             (SNWD)    » غا ئوخشاش غايەت زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىشىغا تۇرتكە بولغان  ئاساسلىق سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشى بۇ تەڭسىزلىكنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، كەلگۈسىدە بەزى رايونلاردىكى سۇ بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

ھەل قىلىنمىغان سۇ قىسلىقى  بىر قاتار ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دوكلاتتا بۇ ئاقىۋەتلەر قاتارىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشى، ئاممىۋى ساغلاملىقنىڭ  بۇزۇلۇشى ۋە كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ ۋەيران بولۇشى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى، ئىقتىسادنىڭ تۇرغۇنلىشىپ قېلىشى، ھەتتا ئەڭ چېكىگە چىققاندا گېئوسىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە ئۇرۇش قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان. بۇ تەسىرلەرنىڭ بەزىلىرىنى ھازىرمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن ھالقىلىق بولغان يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت ساھەلىرىدە كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. قۇرغاق شىمالىي رايونلاردىكى يېزا ئىگىلىكى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئىشلەتكۈچى ساھە بولۇپ، ئۆزگىرىۋاتقان سانائەت ئېھتىياجى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى سۇ بېسىمىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ ساھەنىڭ سۇ ئىشلىتىشىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ئەھۋال كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك ئىمپورتىغا ياكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كىرىزىسىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2030-يىلغا بارغاندا سۇ قىسلىقى خىتايدا ھەر يىلى 35 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

خىتايدىكى سىياسەتچىلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۇزۇندىن بۇيان سۇ بېسىمى ۋە ئۇنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كەلگۈسىگە كۆرسىتىدىغان يوشۇرۇن تەسىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. لېكىن، مۇرەككەپ ۋە قېيىنچىلىقلار قاپلىشىپ كەتكەن سۇ باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى خىتاي سىياسەتچىلىرىنىڭ بۇ خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ كەلگەن. خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانىدا، مەركىزىي ھۆكۈمەت سۇ بىخەتەرلىكىنى دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە ئېنىق تەكىتلىگەن. بۇنىڭغا سۇ يوللىرىنى مەمۇرىي رايونلار ئارا باشقۇرۇش ۋە قوغداش، يېڭى ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن. بۇ سىياسەتلەر غايەت زور مىقداردىكى دۆلەت مالىيە مەبلىغى بىلەن قوللانغان. 2011يىلىدىن 2030-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي سۇ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە 610 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان، سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى «ئىككى پارتىيە ئۇل ئەسلىھە قانۇنى»دا سۇ قۇرۇلۇشلىرىغا ئاجرىتىلغان مەبلەغ ئاران 50 مىليارد دوللار ئىدى.

گەرچە رايون خاراكتېرلىك سۇ قىسلىقى خىتاي ئۈچۈن يېڭى مەسىلە بولمىسىمۇ (ماۋ زېدوڭ 1952-يىلىلا: «جەنۇبتا سۇ كۆپ، شىمالدا سۇ يوق، ئەگەر مۇمكىن بولسا، نېمىشقا ئازراق ئارىيەت ئالمايمىز؟» دېگەن)، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى ھەر دائىم يېڭى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىپ كەلگەن. بەزى جايلاردا دەريالارنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، زاۋۇتلارنىڭ تاقالغانلىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.  سىياسەت  ۋە مەبلەغ جەھەتتىن  زور كۈچ چىقىرىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، خىتاي يەنىلا سۇ  ساھەسىنى باشقۇرۇشتا قىيىن تاللاشلارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ دوكلاتنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات سوئالىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلىشىدۇ: بىرىنچىدىن، سۇ قىسلىقى بېسىمى خىتايدا قانداق شەكىلدە ئىپادىلەنمەكتە؟ ئىككىنچىدىن، سۇ  قىسلىقى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قارار چىقىرىشىغا قانداق تەسىر كۆرسەتمەكتە؟

مەزكۇر دوكلات، بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق،  خىتاينىڭ سۇ بايلىقى چەكلىمىسىنىڭ ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىغا كۆرسىتىدىغان ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى يوشۇرۇن تەسىرلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

II. خىتايدىكى سۇ بېسىمى: تەمىنات ۋە ئېھتىياجنىڭ ئۆزئارا تەسىرى

خىتايدىكى سۇ بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىشىدىكى جۇغراپىيەلىك تەڭپۇڭسىزلىق، دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان سۇ بېسىمىنىڭ يادرولۇق سەۋەبىدۇر. خىتاينىڭ شىمالىي تۈزلەڭلىكىدە دۆلەت سۇ تەمىناتىنىڭ ئاران %10 ى بولسىمۇ، بۇ يەردە نوپۇسنىڭ %30 ى ياشايدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، دۆلەت سۇ بايلىقىنىڭ %80 ى جەنۇبقا مەركەزلەشكەن. خىتاي سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ھەر يىلى ئون چوڭ سۇ ئويمانلىقى ياكى سۇ رايونىنىڭ تەمىنات ۋە ئېھتىياج سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ دوكلاتتا، ھەر بىر چوڭ سۇ رايونى ۋە ئىشلىتىش ساھەسىنىڭ سۇ تەمىناتى ۋە ئېھتىياجىنى گەۋدندۈرۈىلەندۈرۈش  ئۈچۈن، خىتاي سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ۋە دۇنيا بايلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ سۇ  كۆرسەتكۈچى بىرلەشتۈرۈلگەن. نەتىجىلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، رايونلۇق سۇ  كۆرسەتكۈچى  كىلىمات پەرقى (تېمپېراتۇرا ۋە ھۆل-يېغىن مىقدارىدىكى پەرقلەر) ۋە سۇنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىش تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. قۇرغاق شىمالىي خىتايدا يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاران 340.6 مىللىمېتىر بولۇپ، جەنۇبىي خىتايدىكى 1146 مىللىمېتىردىن %70 تۆۋەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي خىتاي دۆلەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %41 ىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا،  زور مىقداردا يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت سۇيى  ئېھتىياجى بار.

ئەسلىدىكى دوكلاتتىكى 1-رەسىم («چوڭ سۇ رايونلىرىدىكى سۇ تەقسىماتى») خىتايدىكى سۇنىڭ جۇغراپىيەلىك تەقسىملىنىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گەرچە غايەت زور مەبلەغ سېلىنىپ، سۇنى شىمالغا يۆتكەيدىغان چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، خەيخې دەرياسى ئويمانلىقى (بېيجىڭ ۋە تيەنجىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، خۇاڭخې (سېرىق دەريا)، خۇەيخې ۋە لياۋخې ئويمانلىقلىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا سۇ قىسلىقى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر. بۇ رايونلاردا يەر ئاستى سۈيىنى ھەددىدىن زىيادە قېزىش يەر يۈزىنىڭ چۆكۈشى، قۇملىشىش ۋە شورلىشىش قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەسلىدىنلا كەمچىل سۇ سۇ بايلىقىغا تېخىمۇ چوڭ تەھدىت ئېلىپ كەلگەن. بۇ ئەھۋال شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، پەقەت تەمىناتنى كۆپەيتىشلا مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، مۇۋاپىق  تەقسمات ۋە سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم.

سۇ ئىشلىتىش ساھەلىرىگە قارايدىغان بولساق، يېزا ئىگىلىكى خىتايدىكى سۇ سەرپىياتىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئومۇمىي سۇ نىڭ %63 ىنى يېزا ئىگىلىكى سەرپ قىلىدۇ، ئەمما بۇ نىسبەت رايونلارغا قاراپ زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ (2-رەسىم، «چوڭ سۇ رايونلىرىدىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ سۇ سەرپىيات نىسبىتى»). مەسىلەن، خەيخې دەرياسى ئويمانلىقىدا بۇ نىسبەت %50 بولسا، قۇرغاق شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي شىمال رايونىدا %89 گە يېتىدۇ. 2017-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، خىتايدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ تەخمىنەن %50 ى سۇغىرىش سىستېمىسى بىلەن قاپلانغان. لېكىن، قۇرغاق شىمالىي خىتايدا، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ %53 ى يەنىلا يامغۇر سۈيىگە تايىنىپ تېرىلىدۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاي سۇ سەرپىياتى يۇقىرى بولغان زىرائەتلەرنىڭ ئىمپورتىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك سۇ سەرپىياتىنى ئازايتىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ خىل «ئاستىرىتتىن سۇ» سودىسى ئىرانغا ئوخشاش باشقا سۇ قىس دۆلەتلەردىمۇ قوللىنىلىۋاتقان بىر ئىستراتېگىيە ھېسابلىنىدۇ.

قالغان سۇ ئېھتىياجى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى، سانائەت (يادرو سوۋۇتۇش ۋە كانچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش (بۇزۇلغان ئېكولوگىيەلىك رايونلارنى سۇ بىلەن تولۇقلاش) قاتارلىق ساھەلەردىن كېلىدۇ. سانائەت سۇ ئېھتىياجى دۆلەت ئومۇمىي سۇ سەرپىياتىنىڭ %16 ىنى ئىگىلەيدۇ. يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشقا ئوخشاش نۇرغۇن سۇ سەرپىياتى يۇقىرى سانائەتلەر خىتايدا تېز تەرەققىي قىلماقتا. ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇمۇ خىتاي سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ سانائەت كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن، ئەمما بارلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ سۇ سەرپىياتى ئوخشاش ئەمەس. مەسىلەن، خىتاي ھازىرمۇ ئاساسلىقى كۆمۈرگە تايىنىپ توك چىقىرىدۇ، ئەمما ھاۋا ئارقىلىق سوۋۇتۇش تېخنىكىسى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشتىكى سۇ سەرپىياتىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئېھتىياجى %15 نى ئىگىلەيدۇ، ئەمما شيامېن ۋە فۇجوۋغا ئوخشاش نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەر جايلاشقان شەرقىي جەنۇب رايونىدا بۇ نىسبەت %25 كە يېتىدۇ، بۇ شەھەرلىشىشنىڭ سۇ تەمىناتىغا چۈشۈرگەن بېسىمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

كىلىمات ئۆزگىرىشى خىتاينىڭ سۇ بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. ھازىردىن باشلاپ كىلىمات ئۆزگىرىشى خىتايدىكى ھۆل-يېغىن ئەندىزىسى ۋە سۇنىڭ ئىشلىتىشچانلىقىنى ئۆزگەرتىپ، كەلكۈن ۋە قۇرغاقچىلىقنى كۆپەيتىپ، رايونلۇق سۇ تەڭپۇڭسىزلىقىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرمەكتە. 1980-يىللاردىن بۇيان، خىتايدا تېمپېراتۇرا ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن، بولۇپمۇ شىمالىي رايونلاردا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ روشەن. جەنۇبتىكى ياڭزېجىياڭ دەرياسى ۋە مەرۋايىت دەرياسى ئويمانلىقلىرىدا ھۆل-يېغىن ۋە سۇ ئېقىمى كۆپەيگەن بولسا، شىمالدىكى خۇاڭخې ۋە سۇڭخۇا دەرياسى ئويمانلىقلىرىدا ئازايغان. كىلىمات مۆلچەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يۈزلىنىش كەلگۈسىدە داۋاملىشىدۇ. شۇڭا، خۇاڭخې ۋە خەيخې دەرياسى ئويمانلىقلىرىدا قۇرغاقچىلىق ۋە سۇ بېسىمى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، ياڭزېجىياڭ ۋە مەرۋايىت دەرياسى ئويمانلىقلىرىدا بولسا كەلكۈن ئاپىتى تېخىمۇ كۆپ يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۇغىرىش سۈيىگە بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇپ، بۇ رايونلاردىكى سۇسىزلىق  بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. تېخىمۇ ئەندىشىلىك يېرى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2050-يىلغا بارغاندا، خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلاردىكى مۇزلۇقلارنىڭ %25 ى ئېرىپ تۈگەيدۇ، بۇ يەنە بىر تاتلىق سۇ مەنبەسىنىڭ يوقىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

III. خىتاينىڭ سۇ بېسىمىغا قارشى تەدبىرلىرى

خىتاي ئون يىللاردىن بۇيان رايونلار ئارا تەڭپۇڭسىز بولغان سۇ بايلىقىنى تەڭشەپ تەقسىملەش ئۈچۈن ھاكىمىيەت ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى ۋە مەقسەتلىك مەبلەغ سالدى. سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋەزىپە، چۈنكى ئۇ ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىشلىتىش ئېھتىياجى ۋە سۇنىڭ ئىشلىتىشچانلىقىنى بەلگىلەيدىغان مۇرەككەپ سۇ ھادىسىلىرى (ھۆل-يېغىن، دەريا ئېقىمى، يەر ئاستى سۈيى، قار ئېرىشى قاتارلىقلار) بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سۇنى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەشنىڭ مۈشكۇلاتى ۋە يۇقىرى تەننەرخى تەبىئىي سۇ تەمىناتىنى تولۇقلاش يولىدىكى توسقۇندۇر. خىتاي سۇ بايلىقى تەقسىماتىدا دۇچ كېلىۋاتقان داۋاملىق خىرىسلار ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن قوشۇمچە بېسىملارنى كۆزدە تۇتقاندا، خىتاي رەھبەرلىرى بۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق يېڭى سىياسەت ۋە پىلانلارنى تۈزۈشكە مەجبۇر. سۇ قىسلىقىنى كونترول قىلىشتا تەمىناتنى كۆپەيتىش ۋە ئېھتىياجنى ئازايتىتىن ئىبارەت ئىككى يۆنىلىش بويىچە سىياسەت پىلانلىنىدۇ ۋە مەبلەغ سېلىنىدۇ.

A. شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى سۇ سىياسىتى

شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، سۇ خىزمىتى ئىلگىرىكى رەھبەرلەر دەۋرىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇلدى. ئۇ بىر قاتار ھاكىمىيەت ئىسلاھاتى ۋە مەبلەغ سېلىش تەشەببۇسلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، باھا بېكىتىش، يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىش، ھازىرقى ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاش ۋە رېمونت قىلىش، شۇنداقلا رايونلۇق سۇ ساقلاش ۋە يۆتكەش قۇرۇلۇشلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى نىشان قىلدى. شى جىنپىڭ يەنە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئارقىلىق سۇ مەسىلىسىدە مەركەزلەشكەن پىلانلاشنى ۋەسۇ خىزمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى چىڭ تۇتتى، بۇ ئۇنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسى ۋە دۆلەت نىشانلىرىغا ئەمەل قىلىشنى كۈچەيتىش ئۇسۇلىنىڭ  بىر پارچىسىدۇر.

شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئىلگىرى «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە» دەپ قارالغان سۇ تەمىنات مەسىلىسىگە،  «دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى» دەپ قايتا  تەبىر بېرىلدى. 2014-يىلى، شى جىنپىڭ مەركىزىي سۇ تېجەش خىزمىتى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم سۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇ سۇ تېجەش ۋە باشقۇرۇشنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ھالقىلىق تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. سۇ تەمىناتىنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت بىخەتەرلىكى رامكىسىغا كىرگۈزۈلۈشى، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى ھەربىي ئىشلارنىڭ سىرتىدا، نۇرغۇنلىغان ئىچكى ۋە تاشقى تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. بۇ رامكا ئىچىدە، سۇنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى ۋە تەقسىسماتنىڭ مۇۋاپىقلىقى  دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادىي مۇقىملىق، جامائەت سەھىيەسى ۋە سىياسىي مۇقىملىق قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن زىچ باغلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق سۇ باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەلىرىنى «سۇ ئىشلىرى» (水利) دېگەن ئاتالغۇ ئاستىدا بىرلەشتۈرىدۇ. مەركىزىي خامچوتتا، بولۇپمۇ مەركىزىي ۋە غەربىي رايونلاردىكى چوڭ تىپتىكى سۇ ئىشلىرى قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان. 2023-يىلى، سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ داۋشى شۇ يىلىلا سۇ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارغا جەمئىي 525.4 مىليارد يۈەن (تەخمىنەن 732 مىليارد دوللار) مەبلەغ سېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ سانلىق مەلۇمات خىتاينىڭ سۇ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەمما، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك پىلانلاش مېخانىزمىغا قارىماي، دۆلەتلىك سۇ نىشانلىرى بىلەن يەرلىكتىكى ئىجرا قىلىش ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈكلۈكلەر مەۋجۇت. مەركىزىي ھۆكۈمەت سىياسەتنى ئۆزىنىڭ كەڭ دائىرىلىك دۆلەت ئالدىنقى نىشانلىرى ۋە ھۆكۈمران ئىدېئولوگىيەسىگە ئاساسەن تۈزىدۇ، لېكىن ھەر بىر رايوننىڭ كونكرېت ئېھتىياجى مەركىزىي پىلان ھۆججەتلىرىدە ئېنىق بەلگىلەنمەيدۇ.  قارار چىقىرىش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ كۆپ قىسمى يەرلىك رەھبەرلەرگە قالدۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى نىشانلىرى مەركىزىي ھۆكۈمەت ياكى قوشنا سۇ ئويمانلىقلىرى بىلەن ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاي «دەريا ۋە كۆل باشلىقى تۈزۈمى» (河湖长制) نى يولغا قويغان. بۇ تۈزۈمدە، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى «دەريا باشلىقى» ياكى «كۆل باشلىقى» قىلىپ بېكىتىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى سۇ جىسىملىرىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ. گەرچە بۇ تۈزۈم سۇ باشقۇرۇشنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغان بولسىمۇ، ئۇ يەنە مۇھىت ئاسراش ۋە تېخنىكىغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ، باھانىڭ ئۆرلىشى ۋە قەرزنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە زور ئىقتىسادىي يۈك بولغان.

B. تەمىناتنى كۆپەيتىش: كەڭ كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى

خىتاينىڭ قانال ۋە توسما قاتارلىق چوڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ، سۇ قىس رايونلارنىڭ سۇ تەمىناتىنى كۆپەيتىش تارىخى ئالدىنقى  2000 يىلغا قەدەر سوزۇلىدۇ. باش ئىنژېنېر-باش مىنىستىرلار دۆلەتلىك خىرىسلارنى ھەل قىلىشتا ئىنژېنېرلىق چارىلىرىنى قوللىنىشنى قوللاپ كەلگەن. شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى «خىتاي سۇ تورى» دېگەن ئۇقۇم ئاستىدا بىر قانچە چوڭ تىپتىكى سۇ ئىنژېنېرلىق قۇرۇلۇشىنى پىلانلىدى. بۇ قۇرۇلۇش «جەنۇبتىن شىمالغا سۇ يۆتكەش قۇرۇلۇشى» غا ئوخشاش كونا ئۇل ئەسلىھەلەرنى رايونلۇق سىستېمىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. «جەنۇبتىن شىمالغا سۇ يۆتكەش قۇرۇلۇشى» دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇ يۆتكەش قۇرۇلۇشى بولۇپ، ياڭزېجىياڭ، خۇەيخې، خۇاڭخې ۋە خەيخې قاتارلىق تۆت چوڭ دەريا سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، ياڭزېجىياڭ دەرياسى ئويمانلىقىدىن شىمالغا ئىستراتېگىيەلىك سۇ تەمىناتى قانىلى بەرپا قىلىنىدۇ. 14-بەش يىللىق پىلاندا، خىتاي بۇ قۇرۇلۇشنىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا لىنىيەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشكەن.

بۇ غايەت زور قۇرۇلۇشنىڭ بەدىلى ئىنتايىن ئېغىر بولدى. ئۇ يۈز مىڭلىغان كىشىلەرنى يۇرت-ماكانىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلاپ، تەبىئىي سۇ ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى بۇزۇپ، يەرلىك ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا ئېغىر زىيان سالدى. مەسىلەن، «جەنۇبتىن شىمالغا سۇ يۆتكەش قۇرۇلۇشى» نىڭ مەركىزىي لىنىيەسى ئۈچۈن سۇ ساقلاش مىقدارىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە دەن جياڭ كۇ سۇ ئامبىرىنى كېڭەيتىش ئىنشائاتى ئۈچۈن  330,000 دىن ئارتۇق ئادەمنى كۆچۈشكە مەجبۇرلاپ، يەرلىكتە نارازىلىق نامايىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بەزى دېھقانلار كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىگە يېتەرلىك تېرىلغۇ يەر بېرىلمىگەنلىكىدىن شىكايەت ئېيىتقان. بۇ خىل كۆچۈرۈشلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، سۇ قۇرۇلۇشلىرى ئۈچۈن كۆچۈرۈلگەن نۇرغۇن كىشىلەر كۆچكەن يېرىدە ئون يىللاپ ئادەتتىن تاشقىرى نامراتلىق ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا.

خىتاي يەنە دۇنيادىكى ھەر قانداق دۆلەتتىن كۆپ توسما قۇرغان دۆلەت بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولغان ئۈچ بوغۇز توسمىسى گەرچە بىۋاسىتە سۇ قىسلىقى ئۈچۈن قۇرۇلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خىتاينىڭ سۇ تەمىناتى ۋە ئېھتىياجىغا كۆرسىتىدىغان زەنجىرسىمان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. ئۈچ بوغۇز توسمىسى توسمىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى پەسىل خاراكتېرلىك قۇرغاقچىلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، بۇ ئەھۋال كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدە تېخىمۇ ناچارلىشىشى مۇمكىن. خىتاي ھازىر تىبەتتە يېڭى بىر غايەت زور توسما قۇرۇشنى پىلانلىماقتا، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ شۇ جايدىكى سۇنىڭ ئىشلىتىشچانلىقىغا ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇقەررەر. خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توسمىلارنىڭ %40 ىگە ئىگە بولۇپ، 1950-يىلدىن بۇيان 22,000 توسما قۇرغان. بۇ قۇرۇلۇشلار سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارالىق جىددىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، خىتاينىڭ مېكوڭ دەرياسى بويىدىكى توسمىلىرى تۆۋەن ئېقىندىكى دۆلەتلەرنىڭ سۇ ئېقىمىنى چەكلەپ، سۇ تەمىناتىنى ئازايتىپ، دەريا بويىدىكى يېزىلارغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، خىتاي بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈردى.

C. ئېھتىياجنى ئازايتىش

سۇ تەمىناتىنى كۆپەيتىش بىلەن بىرگە، خىتاي ئېھتىياجنى ئازايتىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان تەدبىرلەرنىمۇ يولغا قويدى. ئېھتىياج تەرەپ سىياسەتلىرى باج ئېلىش ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن سۇ تېجەش نىشانلىرىنى تۇرغۇزۇشقا مەركەزلەشكەن. مەسىلەن، سۇ بىخەتەرلىكى بەش يىللىق پىلانىدا سۇ ئىشلىتىش چېكى ۋە سۇ تېجەش ئۆلچىمىنى بېكىتىش ئارقىلىق سانائەتنىڭ سۇ تېجەش نىشانىغا يېتىشىگە ئىلھام بېرىلگەن. خىتاي 2016-يىلى خېبېي ئۆلكىسىدە تۇنجى قېتىم يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى سۈيىدىن سۇ بېجى ئېلىشنى يولغا قويدى. ئىسلاھاتتىن كېيىن، خېبېينىڭ سانائەت سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمى ئۆسكەن، ئەمما سۇ سەرپىياتى يۇقىرى سانائەتلەر ئۈچۈن سۇ تەننەرخى 15 ھەسسە ئۆرلىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ خىل چەكلىمىلەر ئۈنۈمسىز زاۋۇتلارنى تاقاشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن.

2024-يىلى، خىتاي كۈچىيىۋاتقان سۇ بېسىمى ۋە ئىلگىرىكى سۇ ھەققى سىستېمىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، سۇ بېجىنى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتتى. يېڭى سۇ بېجى بويىچە، يەر ئۈستى سۈيى ئۈچۈن ھەر كۇب مېتىرغا 0.014 دوللاردىن 0.22 دوللارغىچە، يەر ئاستى سۈيى ئۈچۈن 0.028 دوللاردىن 0.56 دوللارغىچە باج ئېلىنىدۇ. بۇ باج سىستېمىسىدا مەلۇم چەك ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، شەھەر ئاممىۋى سۇ تەمىناتى ۋە ئېكولوگىيەلىك ئىشلىتىش قاتارلىقلارغا بەزى كەچۈرۈملەر بار. گەرچە بۇ باھا باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تۆۋەن بولسىمۇ (مەسىلەن، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەدە ھەر كۇب مېتىرى 0.12 دوللار ئەتراپىدا)، ئۇ سۇ تېجەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەلۇم رول ئوينايدۇ.

يېزا ئىگىلىكىدىكى سۇ تېجەش جەھەتتە، خىتاي يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىكى سۇغىرىش سىستېمىسىنى ياخشىلاش ۋە چوڭ تىپتىكى مېخانىكىلاشقان دېھقانچىلىققا يۈزلىنىش ئارقىلىق سۇ ئىشلىتىشنى ئازايتىشنى  تەشەببۇس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،   زۆرۈر سۇغىرىش يېڭىلاشلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا قۇربى يېتىدىغانلارغا يەر ئىجارىگە بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇلغان. لېكىن، بۇ تەشەببۇسلار پۈتۈن مەملىكەتتە بىردەك يولغا قويۇلمىغان. مەسىلەن، 2004-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە شىمالىي خىتايدىكى يېزىلاردا قۇدۇق قېزىش ئىجازەتنامىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، قۇرغاق شىمالىي خىتايدىكى ئىجازەتنامىلەر پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي سانىنىڭ ئاران %50 ىدىن سەللا ئاشقان. خېبېي ئۆلكىسىدىكى سىناق تۈرىدە دېھقانلارغا تېخىمۇ يۇقىرى  سۇغىرىش باھاسى بېكىتىپ، ئېشىپ قالغان سۇ ھەققىنى تەڭ تەقسىم قىلغان. گەرچە بۇ تۈر يەر ئاستى سۈيىدە سۇغىرىش مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتقان بولسىمۇ، نازارەت قىلىشنىڭ قىيىنلىقى ۋە قايتا تەقسىملەنگەن تولۇقلىمىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ياردەم پۇلىغا يەتمەسلىكى سەۋەبىدىن بەزى يېزىلار بۇ تۈردىن ۋاز كەچكەن.

IV. ئېنىقسىز كەلگۈسىدىكى خىتاينىڭ سۇ بايلىقى تەدبىرلىرىدىكى مۇرەسسە ۋە خىرىسلار

خىتاينىڭ سۇ سىياسىتى، تەمىناتى ۋە ئېھتىياجىغا ئائىت قارارلىرى سۇ بېسىمىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇ بېسىمىمۇ سۇغا مۇناسىۋەتلىك قارارلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، سۇ بېسىمى بىلەن سۇ بايلىقى قارارلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا قايتما ئىنكاس ھالقىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە كەلگۈسىدىكى سۇ بېسىمىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، سۇ بېسىمىنىڭ يېزا ئىگىلىك، سانائەت ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ئىقتىسادىي ساھەلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشىنى، ئاۋامنىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىنى، ھەمدە خىتاي رەھبەرلىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا سىياسەت ئارقىلىق بۇ ئەھۋالغا قانداق تاقابىل تۇرۇشىنى چۈشىنىش زۆرۈر. بۇ دوكلاتتا، كەلگۈسىدىكى ئوخشىمىغان ئېھتىماللىقلارنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن بىر يۈرۈش سېنارىيەلەر تۈزۈلگەن. بۇ سېنارىيەلەر ئارقىلىق سۇ بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن مۇھىم بولغان ۋە خىتاينىڭ سۇ قىسلىقى بېسىمىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئېنىقلاپ چىقىلغان. ھەر خىل مەۋجۇت ئامىللار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرى، خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى سۇ باشقۇرۇشىغا كۆرسىتىدىغان يوشۇرۇن تەسىرى مۇھاكىمە قىلىنغان:

  • مۇقىم دۆلەت ئىچى سىياسىي شارائىتى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن سۇ باشقۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
  •  ئىقتىسادىي  تەرەققىيات ھالقىلىق سۇ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا كېرەكلىك بايلىقنى يارىتىدۇ.
  • يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇزۇندىن بۇيانقى ئالدىنقى نىشان، ئەمما بۇ ساھە زور مىقداردا سۇ تەمىناتىنى تەلەپ قىلىدۇ.
  • ئېلاستىكىلىق بولغان  ۋە ئىلغار تېخنىكىلىق سۇ باشقۇرۇش  سانائەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
  • دىپلوماتىك سىياسەت دۆلەت ئىچى سۇ باشقۇرۇش سىياسىتى ۋە ئېكسپورتقا مۇناسىۋەتلىك  قارارلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

A. سىياسىي مۇقىملىق ۋە سۇ ئىدارە قىلىش

دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇقىملىقى، يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىلىرىنى قوللىنىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى دەرىجىلىرى ئارىسىدىكى ماسلىشىش خىتاينىڭ سۇ بىخەتەرلىكىنى ياخشىلايدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. مۇقىم سىياسىي شارائىت ۋە ساغلام باشقۇرۇش، سۇ بايلىقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ئۈچۈن رايونلار ئارا ئىنژېنېرلىق ۋە ئۇل ئەسلىھە تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىدۇ. مەسىلەن، «جەنۇبتىن شىمالغا سۇ يۆتكەش قۇرۇلۇشى» غا ئوخشاش دۆلەتلىك تەمىناتنى كۆپەيتىش ئۇل ئەسلىھەلىرى نەچچە ئون يىللىق تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە داۋالغۇپ تۇرىدىغان، ئۆزگىرىشچان رەھبەرلىك ئاستىدا مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ قۇرۇلۇشلار تاماملانغاندىن كېيىن، سۇ تېجەيدىغان ھاجەتخانا ۋە شەھەرلەردە سۇ باھاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈمنى ئۆستۈرىدىغان ئېھتىياجنى ئازايتىش چارىلىرى يولغا قويۇلىدۇ. بۇ پىروگراممىلار ئاۋام قوللىغاندىلا تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.

ئەمما، دۆلەت ئىچىدىكى مالىمانچىلىق، نامۇۋاپىق باشقۇرۇش، چىرىكلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ئىشسىزلىق ۋە بۇلغىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر دائىم نامايىش، سىياسىي زوراۋانلىق ۋە ھۆكۈمەتنىڭ  باستۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق شارائىتتا، ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كۈچىيىدۇ ،نەتىجىدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تېخىمۇ كەڭ نوپۇسقا پايدىلىق بولغان توسما ۋە سۇ يۆتكەش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە ئاسراش مەسئۇلىيىتىگە سەل قارايدۇ. زىيادە مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھوقۇق ۋە سىياسەتنىڭ  نامۇۋاپىق  بولۇشى، سۇ باشقۇرۇش قارارىنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قولىغا قالدۇرىدۇ، ئۇلار دۆلەتنىڭ سۇ ئېھتىياجىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە يەرلىك مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى مۇمكىن. ئۈنۈملۈك سۇ باشقۇرۇش،  پىلانلاپ ئىش قىلالايدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇل ئەسلىھە ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل سىياسەتلەرنى تەلەپ قىلىدۇ.

B. ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ ھالقىلىق سۇ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە سۇ باھاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى  سۇ  ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا كېرەكلىك مالىيە بايلىقىنى يارىتىدۇ، ئىقتىسادى بايلىق يارىتىدىغان ساھەلەر بولسا سۇغا ئىھتىياجلىق . يېقىنقى يىللاردا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ، قەرز  ئاشقان بولسىمۇ، يەنىلا يىللىق 5% لىك GDP ئېشىشىنى ساقلاپ قالدى، بۇ غەرب سانائەت دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى. كۈچلۈك ئىقتىساد رەھبەرلەرگە يېڭى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىلىرىغا مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك، كاپىتالنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان تۈرلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش پۇرسىتى سۇنىدۇ .

خىتاينىڭ سۇ باشقۇرۇش ئۇسۇلى تارىختىن بۇيان غايەت زور ئۇل ئەسلىھەلەرگە تايىنىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ زور مالىيە بايلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر خىتاي كەلگۈسىدە ئاجىزراق ئىقتىسادىي ئىستىقبالغا دۇچ كەلسە، ئۇ سۇ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قەرز خىراجىتى ئارقىلىق، بولۇپمۇ يەرلىك مەبلەغ سالغان تۈرلەر ئارقىلىق تۆلەشكە مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن. گەرچە قىسقا مۇددەتتە سۇ  قىسلىقى بېسىمىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي بېسىم بىلەن بۇنداق زور كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ئېلىپ بېرىلسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتتە ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، كەلگۈسىدە ئىقتىسادىي كىرىزىس خەۋپىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن. چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى سۇ تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، ئىقتىسادنى جانلاندۇرىدۇ، ئەمما ئۇلار يەنە كىشىلەرنى كۆچۈشكە مەجبۇرلاپ، تەبىئىي مۇھىتقا زىيان سالىدۇ. مەسىلەن، «جەنۇبتىن شىمالغا سۇ يۆتكەش قۇرۇلۇشى» قەرەللىك ھالدا جەنۇبىي خىتايدىكى سۇ قەۋىتىدىن ھەددىدىن زىيادە سۇ ئالىدۇ، بۇ شورلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تاتلىق سۇنىڭ تۇزلۇقلىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىستېمالى ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ماسلىشىشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

C. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش

شى جىنپىڭنىڭ نۇتۇقلىرى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت ھۆججەتلىرىدە، خىتاينىڭ ئۆزىنى تەمىنلىشى ۋە دۆلەت ئىچى يېمەكلىك تەمىناتىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئاچارچىلىقنىڭ دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نىشانى ۋە رەھبەرلىك قارارلىرىغا يەنىلا داۋاملىق تەسىرى بار. ئەگەر ئېغىر يېمەكلىك قىسچىلىقى يۈز بەرسە، خىتاي باشقا سانائەت ۋە سىياسەت نىشانلىرىدىن (مەسىلەن، سۇ تېجەش) ۋاز كېچىپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاشقا مايىل بولۇشى مۇمكىن. يېزا ئىگىلىكى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئىشلەتكۈچى ساھە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە سۇنىڭ %63 ىنى، شىمالىي خىتايدا %73 ىنى سەرپ قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىك ساھەسىنى  قوللاپ ،يىمەكلىك بىخەتەرلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە يىمەكلىكتە دۆلەت ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلىشى  ئۈچۈن زور مىقداردىكى سۇ تەمىناتى كېرەك بولىدۇ.

بۇ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نىشانلىرى خىتاينىڭ نوپۇس كۆلىمى، چەكلىك سۇ تەمىناتى ۋە باشقا ئىقتىسادىي نىشانلىرى بىلەن توقۇنۇش ئىچىدە تۇرۇشى مۇمكىن. 2016-يىلدىكى بىر تەتقىقاتتا 2030-يىلغا بارغاندا خىتاينىڭ يېمەكلىك ئىمپورتىنىڭ ئومۇمىي ئىستېمالنىڭ %15 ىدىن %31 ىگە ئۆسىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. كىلىمات ئۆزگىرىشىمۇ  يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نىشانىغا تەھدىت سالىدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك بولغان تېرىقچىلىق مەغلۇبىيىتى خىتاينىڭ يېمەكلىك ۋە سۇ ئىمپورتىغا بولغان تايىنىشىنى ئاشۇرۇپ، يەر شارى باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچى مۇقىمسىزلىقى خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى ناچارلاشتۇرۇشى مۇمكىن. خىتاينىڭ  يېمەكلىكتە ئۆز-ئۆزىنى تولۇق  تەمىنلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. دوكلاتقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر چەكلىك سۇ تەمىناتى، نوپۇس كۆلىمى ۋە زىرائەتنىڭ  تۇپراق تاللىشى سەۋەبىدىن يېمەكلىك ئىمپورتىنىڭ خىتاينىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كەلگۈسىدە زۆرۈر رول ئوينايدىغانلىقىغا قوشۇلدى.

D. سانائەت تەرەققىياتى، خەلقئارا سىياسەت ۋە سۇ باشقۇرۇش

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى سانائەت ساھەلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا باغلىق. ئەگەر سۇ قىسلىقى ھەل قىلىنمىسا ، سانائەتلەر تاقىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، بۇ سەلبىي ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۈچلۈك، ئالدىن كۆرەر مەركىزىي ھۆكۈمەت سۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا سانائەت ۋە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇرۇشى ، يەنە بەك ئىسراپچىل دەپ قارالغان سۇ سەرپىياتى يۇقىرى سانائەتلەرنى كىچىكلىتىش ياكى چەتئەلگە يۆتكەشنى ئويلىشىشى، «بىر بەلباغ، بىر يول» (BRI) تورىدىن پايدىلىنىپ، بۇنداق سانائەتلەر ئۈچۈن يېڭى ئىمپورت مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن.

خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى سىياسەتلىرى ۋە ئالدىنقى نىشانلىرى ئۇنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرى ۋە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. ھىندىستان ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىراخماپۇترا ۋە مېكوڭ دەريالىرىدىكى توسما ياكى سۇ يۆتكەش مەسىلىسىدە توقۇنۇش خەۋپى مەۋجۇت بولۇپ خەلقئارا دەريا ئويمانلىقلىرىنى باشقۇرۇش جىددىيلىكنى پەيدا قىلىپ، دۇنيا مىقياسىدا توقۇنۇشلارنىڭ ئۇچقۇنى بولۇپ كەلگەن. خىتاي ھازىر مېكوڭ دەرياسىنى باشقۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. خىتاي مېكوڭ دەرياسى بويىدا 11 توسمىنى باشقۇرىدۇ ۋە  كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ توسما قۇرۇشنى پىلانلىشى مۇمكىن. بۇ توسمىلارنى باشقۇرۇش تۆۋەن ئېقىندىكى قوشنىلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاش ۋە توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. سۇ سانلىق مەلۇماتلىرىنى قىرغاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئوخشاش ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەتلەر، دەريالاردىن كېلىدىغان سۇ تەمىناتىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇشتا  ئۈنۈملۈك رول ئوينىشى مۇمكىن.

V. يەكۈن، پۇرسەت ۋە خىرىسلار

ئەنگلىيەنىڭ سابىق دىپلوماتى چارلى پارتون: «خىتاي پۇل بېسىپ چىقىرالايدۇ، ئەمما سۇ بېسىپ چىقىرالمايدۇ» دېگەن. سۇ تەمىناتى ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئېھتىياجنى ئازايتىشقا ئىلھام بېرىش تەدبىرلىرى سۇ قىس رايونلارنى ئىزچىل سۇ بىلەن تەمىنلەشكە يەتمەسلىكى مۇمكىن. سۇ بېسىمى شىمالىي خىتايغا جەنۇبىي خىتايغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ئۇ رايوننىڭ قۇرغاق كىلىماتى ۋە ئاھالە، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۇ ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان. شى جىنپىڭنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ، دۆلەت مالىيەسى ياردىمى ۋە ئىسلاھاتلار خىتايدىكى سۇ قىسلىقى ۋە سۇ قىسلىق بېسىمىنى ھەل قىلىشتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىرىسلارغا  دىققەت ۋە  مەبلەغلەرنى جەلب قىلماقتا .

سۇ تەمىناتىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى ھازىرقى رايونلۇق تەڭپۇڭسىزلىقنى ھەل قىلىشقا يەتمەسلىكى مۇمكىن، بولۇپمۇ كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرى كۈچىيىپ، خىتاي سۇ سەرپىياتى يۇقىرى ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرغان ئەھۋال ئاستىدا  تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن .سۇ خىتايدىكى نۇرغۇن سىياسەت تەشەببۇسلىرى ۋە ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش بىلەن زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىشى مۇمكىنكى، ئومۇمىي سۇ ئېھتىياجى، بولۇپمۇ شىمالدا، تەمىناتتىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. خىتاينىڭ سۇ سىياسىتىدە كۆرۈنەرلىك بوشلۇقلار بار، بۇ كەلگۈسىدە سۇ قىسلىقى بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى سۇ، يېمەكلىك ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك قىيىن تاللاشلارغا  مەجبۇرلايدۇ.

گەرچە خىتاينىڭ سۇ باشقۇرۇشى زور خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ يەنە يېڭىلىق يارىتىش، ھەمكارلىشىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.مەۋجۇت ئىلغار تېخنىكا سۇ تەمىناتىنى ئاشۇرۇش ۋە ئېھتىياجنى ئازايتىشتا مۇھىم چارە ۋە خىتاي ئۈچۈن يوشۇرۇن پۇرسەتتۇر. تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەشلەر ئۆتكەن بىر نەچچە ئون يىلدا سانائەت سۇ سەرپىياتىنى ۋە پاسكىنا سۇ چىقىرىشنى ئازايتىشقا ياردەم بەردى. لېكىن،  بىر پۈتۈن، سىستېمىلىق ئۇسۇل بولمىسا، خىتاينىڭ سۇ كىرىزىسىنى تولۇق ھەل قىلالمايدۇ. خىتاينىڭ سۇ قىسلىق بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشتا يېڭىچە تېخنىكىلىق چارىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يولغا قويۇشى ئۈچۈن   مۇتەخەسسىسلەر كېرەك. ئەگەر خىتاي سىياسىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكنى يارىتالمىسا، ئاجىز سانائەت ساھەسى ۋە يۇقىرى ئىشسىزلىق  بىلىملىك كىشىلەرنىڭ سىرتقا ئېقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ۋە نەتىجىدە رايونلۇق تەڭپۇڭسىزلىق تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن، چۈنكى باي دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەر پايدا ئالىدۇ، نامرات ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى رايونلار بولسا ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاستىلىشى، يۇقىرى نامراتلىق نىسبىتى ۋە تۆۋەن سەۋىيەدىكى پاكىز سۇ تەمىناتىغا مەجبۇر بولىدۇ.

VI. كەلگۈسىگە نەزەر: تۆت خىل ئوخشىمىغان سېنارىيە

دوكلاتنىڭ قوشۇمچە قىسمىدا، تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ كەلگۈسىدە دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولغان ئەھۋاللارنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن، ئىككى مۇھىم ئېنىقسىز ئامىلنى ئاساس قىلغان تۆت خىل سېنارىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئىككى ئامىل: سىياسىي مۇقىملىق (مۇقىم ياكى مۇقىمسىز) ۋە ئىقتىسادىي ئىپادە (كۈچلۈك ياكى ئاجىز). بۇ سېنارىيەلەر كەلگۈسىنى پەرەز قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئوخشىمىغان شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ قىسلىقىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.

1سېنارىيە: تۇرغۇنلۇقتىكى خىتاي (سىياسىي مۇقىملىق، ئاجىز ئىقتىساد)

بۇ سېنارىيەدە، خىتاي ئاجىز ئىقتىسادنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدۇ. ھۆكۈمەت كەڭ كۆلەملىك مالىمانچىلىقتىن ئەنسىرەپ، تەرتىپنى ساقلاش ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ھەر قانداق خىرىسنى كونترول قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ.  ھۆكۈمەت سۇ تەمىناتىنىڭ كېمىيىشىگە ئوخشاش ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئەمما يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ھەل قىلىدىغان تەشەببۇسلارنىڭ ئورنىغا، دۆلەت ئىچى تەرتىپىنى ساقلاشقا خىراجەت قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ سېنارىيەدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىش ۋە نوپۇسنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە كەڭ كۆلەمدە چىقىپ كېتىشىدۇر.

  • دۆلەت ئىچى سىياسىتى: ئېشىشنىڭ ئاستىلىشى بىلەن، دۆلەت كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىققا دۇچ كېلىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئاشۇرۇش، يېمەكلىك باھاسىنى كونترول قىلىش ۋە نازارەت ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىراجەتنى كۆپەيتىدۇ، ئەمما بۇ خىراجەتلەر قەرز ئارقىلىق تۆلىنىدۇ.
  • خەلقئارا سىياسەت: خىتاينىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، نۇرغۇن شېرىك دۆلەتلىرى باشقا جايلاردىن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پۇرسىتى ئىزدەشكە باشلايدۇ. خىتاي پەقەت سۇ ھوقۇقىدا يول قويۇش ئارقىلىقلا قوشنىلىرى بىلەن مۇقىم مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالىدۇ.
  • يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەت: ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىغان، ئەمما يېزىلاردا ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان چوڭ كۆلەملىك ئىسلاھاتلاردىن ۋاز كېچىدۇ. سانائەت تەرەققىياتى توختاپ قېلىپ، پاسكىنا كۆمۈر ئېنېرگىيەسىگە تايىنىش داۋاملىشىدۇ، بۇ ھاۋا ۋە سۇ بۇلغىنىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ.
  • ئاقىۋەت: ئاجىز ئىقتىساد بايلىقنى چەكلەپ، مۇقىمسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ھۆكۈمەتنى مۇقىملىقنى ساقلاشقا مەجبۇرلايدۇ، ئەمما بۇ مۇقىملىقنى ساقلاش خامچوتى  سۇ قىسلىقىنى ھەل قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى تۈرلەرگە سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ ئازىيىشى بەدىلىگە كېلىدۇ. نەتىجىدە، ئىسراپچىل، بۇلغىنىشچان ۋە زىيانلىق ئەمەلىيەت  داۋاملىشىپ، خىتاينىڭ سۇ قىسچىلىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

2سېنارىيە: گۈللەنگەن خىتاي (مۇقىم سىياسەت، كۈچلۈك ئىقتىساد)

بۇ سېنارىيەدە، خىتاي ئىقتىسادىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقۇرۇپ، يېڭىلانغان ئىقتىسادىي ئالتۇن دەۋرگە قەدەم قويىدۇ. ساغلام، ئۈنۈملۈك ئېشىش تېخىمۇ زور گۈللىنىشنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھۆكۈمەت يەنە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمىتى ۋە پۇقرالارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، جامائەتنىڭ  ھۆكۈمەتكە بولغان  ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ سېنارىيەدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە بەزى ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پارچىلىنىشىدۇر.

  • دۆلەت ئىچى سىياسىتى: دۆلەت كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئېشىش بىلەن باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. نەتىجىدە تېخىمۇ ئىقتىدارلىق، تېخنىكىنى ئاساس قىلغان ھۆكۈمەت بارلىققا كېلىدۇ. ياخشىلانغان باشقۇرۇش، ئىقتىسادىي پۇرسەت ۋە ئومۇمىي گۈللىنىش مۇقىم ۋە تەرتىپلىك جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
  • خەلقئارا سىياسەت: خىتاي مېكوڭ ۋە بىراخماپۇترا دەريالىرى بويىدا سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ۋە قىرغاقداش دۆلەتلەر بىلەن سۇ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئورتاقلىشىپ، سۇ تەمىناتىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۇزسىزلاشتۇرۇش، سۇنى ساپلاشتۇرۇش ۋە يېشىل ئېنېرگىيەدىكى تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەشلەر بېيجىڭنىڭ  دۇنيادىكى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
  • يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەت: شىمالدىكى سۇ قىسلىقىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ئەمگەك تېجەيدىغان تېخنىكىلارنى يولغا قويىدۇ ۋە ئىشسىز قالغان ئىشچىلارغا ياخشى تولۇقلىما بېرىدۇ. سۇغىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىغان يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ساھەسىنىڭ گۈللەندۈرىدۇ. سانائەت ۋە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
  • ئاقىۋەت: ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي شارائىتتا، خىتاي رەھبەرلىرى سۇ بىخەتەرلىكى خىرىسلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ. مول بايلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىلىرى، يېشىل ئېنېرگىيە ۋە سۇنى قىس رايونلارغا يۆتكەيدىغان چوڭ تىپتىكى تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشقا ئىمكان بېرىدۇ. خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۇنىڭ خەلقئارالىق جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىرىنى كېڭەيتىپ، سۇ قىس دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاللىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

3سېنارىيە: كرىزىستىكى خىتاي (سىياسىي مۇقىمسىزلىق، ئاجىز ئىقتىساد)

بۇ سېنارىيەدە، خىتاي كەڭ كۆلەملىك سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە كىرىزىسقا يۈزلەنگەن ئىقتىساد بىلەن خاراكتېرلەنگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال خىتاي رەھبەرلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا سۇ بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاشنىڭ يولىنى تېپىشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇ سېنارىيەدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش ۋە يەر شارى يېمەكلىك باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىدۇر.

  • دۆلەت ئىچى سىياسىتى: دۆلەت ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىردابىغا كەلگەندە، نۇرغۇن يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئاساسىي باشقۇرۇشقا سەل قاراپ، نېمىنى تۇتالىسا شۇنى تۇتۇپ، پۇرسىتى كەلسە قېچىپ كېتىدۇ. چىرىكلىك، بۇلغىنىش ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئاممىۋى نامايىشلار ئەۋج ئالىدۇ. ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كۈچىيىدۇ.
  • خەلقئارا سىياسەت: خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇقىمسىزلىقى قوشنىلىرى بىلەن بولغان جىددىيلىكنى كۈچەيتىدۇ. ھىندىستان بىلەن بىراخماپۇترا دەرياسىغا ئېرىشىش مەسىلىسىدىكى جىددىيلىك كۈچىيىدۇ، خىتاي ئەمەلدارلىرى قوشنا دۆلەتلەردىن زورلاپ سۇ ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ.
  • يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەت: دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ئۈنۈمسىز ۋە يۇقىرى دەرىجىدە بۇلغانغان ھالەتتە قالىدۇ. ياخشى كونترول قىلىنمىغان سۇ ئىستېمالى قايتا-قايتا تېرىقچىلىق مەغلۇبىيىتى ۋە يەر ئاستى سۈيىنىڭ تۈگىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېكسپورت تۆۋەنلەيدۇ، ئېنېرگىيە ئۆتكۈنچى باسقۇچىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلمىگەن  دۆلەت كۆمۈر، سۇ ئېلېكتىرى ۋە باشقا سۇ سەرپىياتى يۇقىرى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە داۋاملىق تايىنىدۇ.
  • ئاقىۋەت: بايلىق ۋە دىققەتنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك بولىدۇ. سۇ قىسلىقى مەسىلىسى ماسلاشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇن  بولماسلىقى ۋە تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن تېزدىن ناچارلىشىشى مۇمكىن. رەھبەرلىك مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، نامراتلارنىڭ دۆلەتتىن قېچىشىغا رۇخسەت قىلىش ۋە يېمەكلىك ئىمپورتىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئاقىلانە بولمىغان  ۋاقىتلىق تەدبىرلەرگە تايىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

4سېنارىيە: يېڭى ئالتۇن دەۋر (مۇقىمسىز سىياسەت، كۈچلۈك ئىقتىساد)

بۇ سېنارىيەدە، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرگەن جانلىق خىتاي تەسۋىرلىنىدۇ. لېكىن، باشقۇرۇش سىستېمىسى يېتەرلىك زامانىۋىلاشمىغانلىقتىن، سىياسىي مۇقىمسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. بۇ سېنارىيەدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە ئۈزلۈكسىز گۇرۇھ كۈرەشلىرىدىن كېلىپ چىققان ھەربىي ئۆزگىرىش.

  • دۆلەت ئىچى سىياسىتى: رەھبەرلەر ئىقتىسادنى جانلاندۇرىدىغان، ئەمما سىياسىي جەھەتتىن قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدىغان ئىسلاھاتلار  ئېلىپ بارىدۇ. كىچىك دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا قوشۇلۇشى يېزا ئىگىلىك ساھەسىنى كۈچەيتىپ، سۇ تىجەيدۇ، ئەمما كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پوپۇلىست سىياسەتچىلەر بىلەن تېخنوكرات سەرخىللار ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش سەۋەبىدىن سىياسىي جەڭ ۋە توقۇنۇش داۋاملىشىدۇ.
  • خەلقئارا سىياسەت: مۇۋەپپەقىيەتلىك يېڭىلىق يارىتىش ۋە كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئىپادە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» شېرىكلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ. لېكىن، دۆلەتنىڭ دائىملىق سىياسىي مۇقىمسىزلىقى ۋە رەھبەرلىكنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى  دىپلوماتىك پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ.
  • يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەت: ئەمەلدارلار ئەمگەك تېجەيدىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان يېڭى تېخنىكىلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك نازارەت قىلىدۇ، ئەمما بۇ يېزىلاردا ئىشسىزلىقنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلار مەبلەغ، سۇ ۋە باشقا بايلىقلارغا ئالدىنقى قاتاردا ئېرىشەلەيدىغان ئەۋزەللىكىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇ ئاۋام ئارىسىدا نارازىلىق ۋە غەزەپ پەيدا قىلىدۇ.
  • ئاقىۋەت:  رەھبەرلىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى نازارەت قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. بۇ سۇ قىسلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بايلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. لېكىن، ئۈنۈمنىڭ ئېشىشى كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىق ۋە ئاۋامنىڭ نارازىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. رەقىب گۇرۇھلارنىڭ شەكىللىنىشى سىياسىي كۈرەشلەرنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، داۋاملىق مۇقىمسىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ ۋە ھەربىي ئۆزگىرىش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*