ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار
ئىنسانىيەت تارىخىدا زۇلۇمدىن قېچىپ، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ھۆكۈم سۈرگەن غەرب ئەللىرىگە قەدەم سىغىنغان كىشىلەر، ئادەتتە جۇغراپىيەلىك چېگرالارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان ئەڭ چوڭ قالقان ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ كەلگەن ئىدى. كىشىلەر ياۋروپاغا يېتىپ كەلسىلا، مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ قولى يەتمەيدۇ، دەپ قارايتتى. بىراق، 21-ئەسىر ئاخبارات تېخنىكىسى دەۋرىدە، بۇ ئادەتلەنگەن«بىخەتەر ماكان» چۈشەنچىسى رەھىمسىزلەرچە كۇمپەيكۇم قىلىنماقتا. بۈگۈنكى كۈندە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ بېرن، پارىژ ياكى بېرلىندا بولۇشى، ئۇنىڭ رەقەملىك دۇنيادا تولۇق ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
2025-يىلى 5-ئايدا شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (FIS) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «شىۋېيتسارىيەنىڭ بىخەتەرلىكى – 2025-يىللىق ۋەزىيەت دوكلاتى» ناملىق ئىستراتېگىيەلىك ھۆججەت، بىزگە رېئاللىقنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بەردى. مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاي قاتارلىق مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ ياۋروپا تۇپرىقىدىكى «قانۇنسىز ئىستىخبارات» پائالىيەتلىرىنىڭ يېڭى بىر پەللىگە چىققانلىقى، ئۇلارنىڭ زامانىۋى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەخلى-تەرۈزقىلىش بىلەن بىرگە، بۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۆكتىچىلەر ۋە دىياسپورا ئەزالىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى (شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى) رەقەملىك دۇنيادا قورشىۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى.
چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ۋە «پۈتۈن جەمئىيەتنى قاپلاش» ئىستراتېگىيەسى
شىۋېيتسارىيە ئىستىخبارات دوكلاتىدا ئالاھىدە دىققەت تارتىدىغان بىر ئۇقۇم – «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» (Transnational Repression) بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ نەزىرىدە، چەت ئەلدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر پەقەت ئاددىي بىر كۆچمەن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى «تىنچ قەد كۆتۈرۈش» ھېكايىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئېھتىماللىقى بار يوشۇرۇن تەھدىتتۇر. شۇڭلاشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھاجىرەتتىكىلەرنى نازارەت قىلىش ۋە ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشنى ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ يوشۇرۇن، ئەمما مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغان.
بۇ مەقسەتتە، خىتاي «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان» (Whole-of-Society) دەپ ئاتىلىدىغان ،بۇلۇڭ-پۇچقاققىچە جاسۇسلۇق ئىستراتېگىيەسىنى قوللانماقتا. بۇ دېگەنلىك، خىتاينىڭ ئىستىخبارات توپلاش تورى پەقەت كەسپىي جاسۇسلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ؛ بەلكى خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان يۇمشاق دېتاللار، ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇش نامىدا كەلگەن ئوقۇغۇچىلار، سودىگەرلەر ۋە ھەتتا مەجبۇرلانغان ئاددىي پۇقرالارمۇ بۇ چوڭ تورنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلغان. دوكلاتتا بايان قىلىنغىنىدەك، خىتاي بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك تور ئارقىلىق نىشانلىق ئۇچۇر توپلايدۇ.
بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك. خىتاي ئىستىخباراتى ياۋروپادىكى قانۇنلۇق ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىغا سىڭىپ كىرىش، ئۇلار ئارىسىدا ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلىش ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاش ئارقىلىق، ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتىن پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلماقتا. نەتىجىدە، بىر شەخسنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكى پۈتكۈل جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ قالماقتا.
يانچۇقتىكى جاسۇس – ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنىڭ قوش ۋەزىپىسى
بۇ «رەقەملىك ئۇرۇش»نىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن ئايرىلماس قىسمىغا ئايلانغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىدۇر. WeChat ۋە TikTok قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىگە تەۋە بولغان ئەپلەر، ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قىسمەن ئەھۋاللىرىنى كۆرۈپ يۇرت -قېرىنداش ھەسرىتىنى سەل-پەل بولسىمۇ پەسلىتىشنىڭ بىردىنبىر يولى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى نازارەت قىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالىدۇر. ئىشلەتكۈچىلەر ئەمەلىيەتتە ئۆز يانچۇقىدا خىتاي ساقچىسىنى ئېلىپ يۈرگەندەك بىر ئەھۋالدا ياشىماقتا.
شىۋېيتسارىيە دوكلاتىدا، خىتاينىڭ «تېخنىكا جاسۇسلۇقى» ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى (Big Data) بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق شەخسلەرنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىنى ئانالىز قىلىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان. بىر ئۇيغۇر WeChat نى ئىشلەتكەندە، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ياكى يازمىسىنىلا ئەمەس، بەلكى قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقى (GPS ئورنى)، كىملەر بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقى، قايسى سىياسىي مەزمۇنلارنى كۆرۈۋاتقانلىقى ۋە ھەتتا تېلېفونىدىكى باشقا ئۇچۇرلارنىمۇ خىتاي مۇلازىمېتىرلىرىغا، يەنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولىدۇ.
«APT» ھۇجۇملىرى ۋە رەقەملىك تۇزاقلار
شىۋېيتسارىيە ئىستىخباراتىنىڭ 2025-يىللىق دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر خەتەرلىك يۈزلىنىش – «ئىلغار، داۋاملىشىدىغان تەھدىت» (Advanced Persistent Threat – APT) گۇرۇپپىلىرىنىڭ پائالىيىتىدۇر. بۇ گۇرۇپپىلار خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن مەخسۇس مەبلەغ ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نىشانى ئاددىي خاككېرلىق ئەمەس، بەلكى سىياسىي رولى يۇقىرى شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلاردۇر. ئۇلار دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى ياكى يېتەكچىلىكىدە ھەرىكەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ياۋروپادىكى تەسىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق ھۇجۇم تەشكىللەيدۇ.
بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان شەكلى «نىشانلىق ئالداش» (Spear Phishing) تاكتىكىسىدۇر. مەسىلەن، خىتاي خاككېرلىرى ئۆزىنى غەربتىكى داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خادىمى ياكى بىر ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى دەپ تونۇشتۇرۇپ، «شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مۇھىم دوكلات» ياكى «يىغىن تەكلىپنامىسى» نامىدا ۋىرۇس قاچىلانغان ئېلخەت ياكى ھۆججەتلەرنى ئەۋەتىدۇ. بۇ ھۆججەتلەر ئېچىلغان ھامان، ئىشلەتكۈچىنىڭ كومپيۇتېرى ياكى تېلېفونىغا جاسۇسلۇق دېتالى ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن سىستېمىنى خاككېرلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.
تېخىمۇ ۋەھىمىلىكى، خىتاينىڭ تور ھۇجۇم ئىقتىدارى ھازىر شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئۇلار «نۆۋەتتىكى كۈن» (Zero-day) يوچۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ھېچقانداق ئۇلىنىشنى باسمىسىمۇ (Zero-click attack) تېلېفونلارغا سىڭىپ كىرەلەيدىغان ھالەتكە كەلدى. بۇ دېگەنلىك، سىزنىڭ تېلېفونىڭىزغا بىر ئۇچۇر كېلىدۇ، سىز ئۇنى ئوقۇمىسىڭىزمۇ ياكى ئاچمىسىڭىزمۇ، تېلېفونىڭىز يۇقۇملىنىپ بولىدۇ. بۇ خىل كۆرۈنمەس ھۇجۇملار، ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش، ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنى بىكار قىلىش ۋە ھەتتا ئۇلارنىڭ تور كامېراسى ۋە مىكروفونىنى ئېچىپ، ئۇلارنى ھەر زامان نەق مەيدان تىڭشاش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە.
بۇنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئوغرىلىنىشى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بىر يېتەكچى شەخس ياكى تەشكىلات مەسئۇلىنىڭ تېلېفونىنىڭ خاككېرلىنىشى، پۈتكۈل بىر تورنىڭ، ئالاقىدار بارلىق كىشىلەرنىڭ ۋە مەخپىي پىلانلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا، نەتىجىدە سىياسىي ھەرىكەتنىڭ مەغلۇبىيىتىگە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.
رەقەملىك گۆرۈگە ئېلىش ۋە پىسخىكىلىق زەربە
خىتاينىڭ رەقەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى پەقەت تېخنىكىلىق ھۇجۇم بىلەنلا چەكلەنمەي، بەلكى ئىنتايىن رەزىل پىسخىكىلىق ئۇرۇش شەكلىنى ئالدى. دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان «تەسىر كۆرسىتىش ۋە قورقۇتۇش» مەشغۇلاتلىرى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا «رەقەملىك گۆرۈگە ئېلىش» شەكلىدە نامايان بولماقتا. كۆپىنچە ھاللاردا، ياۋروپادىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ تېلېفونىغا WeChat ئارقىلىق سىنلىق تېلېفون كېلىدۇ؛ ئېكراندا ئۇزۇندىن بېرى كۆرۈشەلمىگەن ئاتا-ئانىسى ياكى قېرىندىشى كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يېنىدا ياكى ئارقىسىدا خىتاي ساقچىلىرى تۇرغان بولىدۇ.
بۇ كۆرۈنۈش، ياۋروپادىكى ئۇيغۇرغا «بىز سېنىڭ ئائىلەڭنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز، ئەگەر سەن ياۋروپادا بىز ياقتۇرمايدىغان ئىشنى قىلساڭ ياكى بىزگە ماسلاشمىساڭ، ئائىلەڭنىڭ ھالىغا ۋاي» دېگەن سىگنالنى بېرىدۇ. بۇ خىل قەبىھ ۋاسىتىلىك تەھدىت، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى سۈكۈت قىلىشقا، سىياسىي پائالىيەتلەردىن يىراقلىشىشقا ياكى ھەتتا مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا ئىستىخبارات بېرىشكە مەجبۇرلىماقتا. بۇ، زامانىۋى تېخنىكىنىڭ ئىنسانىي ھېسسىياتلارغا قارشى قورال قىلىپ ئىشلىتىلىشىنىڭ ئەڭ ۋەھشىي ئۈلگىسىدۇر.
تەمىنلەش زەنجىرىدىكى خەتەر ۋە قاتتىق دېتال تۇزىقى
شىۋېيتسارىيە دوكلاتىنىڭ «ھالقىلىق ئۇل-ئەسلىھەلەر» ۋە «تەمىنلەش زەنجىرى بىخەتەرلىكى» قىسمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا – خىتاي تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكى خەۋپىدۇر. ياۋروپادىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى ياكى ئادەتلىنىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن Xiaomi، Huawei قاتارلىق خىتاي ماركىلىق تېلېفونلارنى ياكى DJI ئۇچقۇلىرىنى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ ئادەتتە تېجەشلىك كۆرۈنسىمۇ، بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۆز ئۆيىگە دۈشمەننىڭ كۆز-قۇلىقىنى ئورۇنلاشتۇرغان بىلەن باراۋەردۇر.
ھالبۇكى، دوكلاتتا ئاگاھلاندۇرۇلغىنىدەك، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان قانۇنىي ۋە مەخپىي باغلىنىشى، بۇ ئۈسكۈنىلەرگە ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدىلا «تىڭشىغۇچ» (Backdoor) ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن، ھەر قانداق خىتاي كارخانىسى دۆلەت تەلەپ قىلغاندا ئىستىخبارات خىزمىتىگە ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ دېگەنلىك، سىز قانچىلىك بىخەتەر ئەپلەرنى ئىشلەتمەڭ، ئەگەر قولىڭىزدىكى تېلېفوننىڭ ئۆزى ئىشەنچسىز بولسا، مەشغۇلات سىستېمىسى ئارقىلىق بارلىق سانلىق مەلۇماتلىرىڭىز، پاراڭلىرىڭىز ۋە رەسىملىرىڭىز خىتايغا يوللىنىشى مۇمكىن.
شۇڭا، ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدىن (قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال) پۈتۈنلەي ۋاز كېچىش بىخەتەرلىكنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ قالدى. شەخسىي «رەقەملىك ئىگىلىك ھوقۇقى»نى تىكلەش ئۈچۈن، قاتتىق دېتال تاللاشتا چوقۇم غەربنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەھسۇلاتلارغا يۈزلىنىش زۆرۈر.
خۇلاسە ۋە تەدبىر
خۇلاسىلىگەندە، «شىۋېتسارىيەنىڭ بىخەتەرلىكى – 2025» دوكلاتى بىزگە ئاچچىق ئەمما زۆرۈر بىر ھەقىقەتنى ئەسكەرتىدۇ: بىزنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ياۋروپادا بولۇشىمىز، رەقەملىك دۇنيادىمۇ ئەركىن ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ. خىتاي ئىبلىس پەنجىسىنى ئوپتىك تالالىق كابېللار ۋە سىمسىز دولقۇنلار ئارقىلىق ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىغا قەدەر ئۇزارتماقتا. ئەگەر بىز بۇ تەھدىتكە سەل قارىساق، پەقەت ئۆزىمىزنىلا ئەمەس، پۈتكۈل مىللەتنىڭ دەۋاسىنى خەتەرگە ئىتتەرگەن بولىمىز.
بۇ ۋەزىيەتتە، ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى «رەقەملىك ساۋاتسىزلىق» ۋە بىپەرۋالىقتىن قۇتۇلۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك «رەقەملىك تازىلىق» ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى شەرت. بۇ جەريان خىتاي ئەپلىرىدىن (WeChat, TikTok) پۈتۈنلەي قۇتۇلۇش، Signal غا ئوخشاش مەخپىيەتلىكى يۇقىرى غەرب ئەپلىرىنى ئىشلىتىش، ئېلخەت ۋە ھېساباتلارغا «ئىككى باسقۇچلوق دەلىللەش» (2FA) ئورنىتىش ۋە تۇنۇمايدىغان ئۇلىنىشلارغا ھەرگىز ئىشەنمەسلىك قاتارلىق ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ بۇ خىل چېگرا ھالقىغان پاراكەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى شىۋېيتسارىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا ئاكتىپ دوكلات قىلىش ئارقىلىق، قانۇنىي قالقاندىنمۇ پايدىلىنىش كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە:
Federal Intelligence Service FIS. (2025). Switzerland’s Security – Situation Report of the Federal Intelligence Service 2025. Bern: Federal Intelligence Service FIS. https://www.vbs.admin.ch/en/fis-switzerlands-security-2025
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















