ۋاشىنگتوننىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى  پىكىر بىرلىكىنىڭ پارچىلىنىشى: يېڭى رېئالىزم ۋە زىددىيەتلەر

2025-يىلى 21-دېكابىر

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە يەرشارىۋى سىياسەت تەتقىقاتى ساھەسىدىكى دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە ئاقىللار ئامبىرى ھېسابلىنىدىغان لوۋىي ئىنستىتۇتى (Lowy Institute) نىڭ «تەرجىمان» (The Interpreter) ژۇرنىلىدا، 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالىي تەتقىقاتچى ئالى ۋايىن (Ali Wyne) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ۋاشىنگتوننىڭ خىتاي سىياسىتىگە قارىتا پىكىر بىرلىكى پارچىلانماقتا» ناملىق ماقالە، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك ھۆججەتتۇر. مەزكۇر ماقالە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى خىتاي سىياسىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلىرىنى، بولۇپمۇ ۋاشىنگتوننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن خىتاينى «مەغلۇپ قىلىش» ياكى «تەل-تۆكۈس غەلىبە قىلىش» نىشانىدىن «بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش» تەك رېئالىستىك يولغا قاراپ يۈزلىنىش جەريانىنى چوڭقۇر ۋە سىستېمىلىق تەھلىل قىلغان. ئاپتور بۇ ماقالىسىدە، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى بۇ بۇرۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى، جەريانى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى خىرىسلىرىنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ماقالە خەلقئارا سىياسەت ئانالىزچىلىرى ئۈچۈن نۆۋەتتىكى «پارادىگما ئۆزگىرىشى» نى چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم پايدىلىنىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.[1]

ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىي سۆزلەملىرى (Discourse) ئاستا، ئەمما ھەل قىلغۇچ رەۋىشتە ئۆزگىرىشكە يۈزلەنگەن بولۇپ، بۇ چوڭ بۇرۇلۇش ئاساسلىقى ئىككى مۇھىم قۇرۇلما خاراكتىرلىك ئامىلنىڭ تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلمەكتە. بىرىنچىسى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ تاشقى سىياسەتنى تۈزۈشتىكى شەخسىي تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشى ۋە ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى ۋاشىنگتون سىياسىي قېلىپلىرىنى بۇزۇپ تاشلىشى بولسا؛ ئىككىنچىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ۋەزىپىدىكى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئارىسىدا كۈچىيىۋاتقان  رېئالىستىك ئويغىنىشتۇر. يەنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ تېخنىكىلىق تەرەققىياتىنى پۈتۈنلەي توسۇپ قېلىش ۋە خىتايغا قارشى مۇكەممەل ئىتتىپاقداشلار بىرلەشمىسى تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ ئوبيېكتىپ چەكلىمىسى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇر. ماقالىدە بۇ ئەھۋال سىياسىي ئىلمىدىكى «ئوۋېرتون دېرىزىسى» (Overton Window) ئۇقۇمى بىلەن ئىزاھلانغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە سىياسىي قاتلىمى قوبۇل قىلالايدىغان سىياسىي پىكىرلەر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كېڭىيىش، ئىلگىرىكى ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان «تەلتۆكۈس غەلىبە قىلىش» نىشانىدىن ۋاز كېچىپ، «رېئال كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئاساسىدا بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش» تەك مۇقەررەر رېئاللىققا يۈزلىنىش ئۈچۈن تارىخىي بىر پۇرسەت ياراتماقتا. بىراق، ئاپتور شۇنىمۇ ئەسكەرتىدۇكى، بۇ سىياسىي ئېچىلىش پۇرسىتى ھەر ۋاقىت قايتىدىن يېپىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىغا ئىگە نازۇك بىر تارىخىي لەھزىدۇر.

ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى شۇكى، ئىككىنچى قېتىملىق ترامپ ھاكىمىيىتى، بىرىنچى نۆۋەتلىك ھاكىمىيىتى (2017-2020) دەۋرىدە شەكىللەنگەن خىتايغا قارىتا قاتتىق قول بولۇش «ئورتاق تونۇشى» نى بىكار قىلىشقا باشلىغان. 2017-يىلدىكى ئامېرىكا «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى» (NSS) ۋە 2020-يىلدىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي «ئاساسلىق ئىدېئولوگىيەلىك رىقابەتچى» ۋە «مەۋجۇت خەلقئارا تەرتىپكە تەھدىت» دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ترامپنىڭ شەخسىي دۇنيا قارىشى بۇنىڭدىن پەرقلىق بولۇپ كەلمەكتە. بۇ يەردە بىر خىل «سىياسىي پارادوكس» (Paradox) مەۋجۇت: ترامپنىڭ ياردەمچىلىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى «يىغىندىسى نۆل ئويۇن» (Zero-sum Game) دەپ قارىسىمۇ، ترامپ ئۆزى بۇنى «سودا رىقابىتى» دەپ قارايدۇ. ترامپنىڭ نەزىرىدە، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ خەلقئارا تەرتىپنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان ئىدېئولوگىيەلىك دۈشمەن ئەمەس، بەلكى بىر «كۈچلۈك رىقابەتچى» دۇر. شۇڭا، ترامپ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مۇقىم ئالاقە ئورنىتىش ۋە سودا مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈشنى تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارايدۇ. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ترامپ 2025-يىلى ئۆكتەبىردە كورېيەنىڭ بۇسان شەھىرىدە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، «G2» (چوڭ ئىككى دۆلەت گۇرۇھى) نىڭ يىغىلىشى ھەققىدە سۆز قىلغان. بۇ سۆزى، ترامپتىن ئىلگىرىكى ھېچقانداق ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىغان «خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن تەڭ ئورۇندىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش» نى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا دىپلوماتىيەسىدىكى تۈپ خاراكتېرلىك بۇرۇلۇشتۇر.

بۇ ئىستراتېگىيەلىك بۇرۇلۇش ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى» دىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. يېڭى ھۆججەتتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ «دېگۈدەك تەڭداش كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت» كە ئايلانغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ بايدېن ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى خىتاينى «خەلقئارا تەرتىپنى ئۆزگەرتىش نىيىتى ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە يەككە رىقابەتچى» دەپ تەرىپلەشتىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، گەرچە بۇ خىل يۇمشاق مەيدان ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كۆپىنچە ئەزالىرىنىڭ خىتاينى «ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى» دەپ قارايدىغانلا ئەنئەنىۋى مەيدانىغا زىت بولسىمۇ، ئەمما پارلامېنت ئەزالىرى ترامپنىڭ غايەت زور سىياسىي تەسىرى ۋە ئاممىۋى ئاساسىدىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭغا ئاشكارا قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام دىپلوماتىيەسى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن تېخىمۇ قەرەللىك ۋە مەزمۇنلۇق دىيالوگلارنى ئېلىپ بېرىشىغا سىياسىي مۇھىت يارىتىپ بەرمەكتە. بۇنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە، 2025-يىلى سېنتەبىردە ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىن كەلگەن جۇمھۇرىيەتچى مايكىل بائۇمگارتنېر ۋە دېموكراتچى ئادام سىمىس قاتارلىق ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئادام سىمىسنىڭ «خىتاي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئامېرىكىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن سۆزى، ۋاشىنگتوننىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى رېئاللىققا ماسلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.[2]

بۇ خىل سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي چىدامچانلىقى ۋە ئامېرىكا ئىمبارگولىرىنىڭ ئويلىغاندەك ئۈنۈم بەرمەسلىكىدەك قاتتىق رېئاللىق ياتىدۇ. ماقالىدە خىتاينىڭ ئىچكى قىسىمدا قۇرۇلمىلىق خىرىسلارغا ۋە سىرتتا مۇرەككەپ مۇھىتقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەربىي زامانىۋىلىشىشى، دىپلوماتىك تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشى (بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە) ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ زورىيىشى، خىتاينىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئوينايدىغان رولىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بەزى ئانالىزچىلار ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىندىن ھەمكارلاشسا، خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە «غەلىبە» قىلالايدۇ دەپ قارىسىمۇ، ئەمەلىيەت شۇكى، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگولىرى، تاموژنا بېجى ۋە ئېكسپورت كونتروللۇقىغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگەن. ھەتتا، خىتاي ئامېرىكا ئاپتوموبىل سانائىتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئاساسى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان سىيرەك توپا مېتاللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق ئامېرىكىغا زىيان يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان. ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رايموندو (Gina Raimondo) نىڭ خۇاۋېي شىركىتى ھەققىدىكى «ئۇلار ھەر قاچانقىدىنمۇ كۈچلۈك بولۇپ كەتتى» دېگەن سۆزى ۋە ئالىملاردىن جېننىفېر لىند (Jennifer Lind) بىلەن مايكىل ماستاندۇنو (Michael Mastanduno) نىڭ  ئېمبارگوغا تاقابىلەن  خىتاينىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى تېزلەتكەنلىكى ھەققىدىكى يەكۈنلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىم ئىشلىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ چەكلىمىسىنى ۋە بۇ سىياسەتلەرنىڭ قايتا ئويلىنىشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ  ئىشقا ئېشىش ئېھتىماللىقىمۇ تۆۋەن مۆلچەرلەنمەكتە. گەرچە سانلىق مەلۇمات جەھەتتىن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئومۇمىي مىقدارى خىتايدىن كۆپ چوڭ بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن دۆلەتلەر پەقەت خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇقىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىدىكى مۇقىمسىزلىقتىنمۇ ئەنسىرەپ ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلىماقتا. بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكى «ئامېرىكا بىرىنچى» (America First) قاناتىنىڭ قەرەللىك ھالدا ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىش ئېھتىماللىقى، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە گۇمان تۇغدۇرماقتا. بۇ جەرياندا ئاكادېمىك ساھەدە خىتاينىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئىگىلەپ، خىتاي مەركەزلىك تەرتىپ ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئومۇملاشقان پەرەزگە جەڭ ئېلان قىلىدىغان يېڭى قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي گەرچە ئامېرىكىغا بېقىنىشنى خالىمىسىمۇ، ئەمما قوراللىق توقۇنۇش ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىركىشىشنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتارلىق ئاپپاراتلاردىكى تەسىر كۈچى ئارقىلىق مەۋجۇت خەلقئارا تەرتىپتىن زور مەنپەئەت ئالماقتا، شۇڭا خىتاي مەۋجۇت ۋەزىيەتنى  ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە پايدىلىق شەكىلدە تۈزىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ماقالىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، ئاپتور نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىك تەرەپلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى قاتماللىق بۇزۇلۇپ، يېڭىچە تەپەككۇرغا يول ئېچىلغان بولسىمۇ، بۇ دېرىزىنىڭ قايتا يېپىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ئەگەر خىتاي ئۆزىنىڭ كۈچىگە بەك ئىشىنىپ كېتىپ، تەيۋەنگە قامال قىلىش ياكى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قەدەملەرنى تاشلىسا، ترامپ گەرچە شى جىنپىڭ بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالىسىمۇ، ئىچكى سىياسىي بېسىم ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ تەلىپى سەۋەبىدىن قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ خەتەر شۇكى: ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى ۋە دىپلوماتىيەلىك ھۇجۇملىرى كۈتمىگەن يەردىن شى جىنپىڭغا تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ ئاتا قىلماقتا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ۋاشىنگتونغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا. ئەڭ مۇھىمى، ترامپ كونا «ئورتاق تونۇش» نى بۇزۇپ تاشلىغان بىلەن، ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان يېڭى، سىستېمىلىق بىر پارادىگما (سىياسىي ئەندىزە) تىكلەپ بېرەلمىدى. بۇ خىل «پارادىگما بوشلۇقى» (Paradigmatic vacuum) خىتاينى ۋاشىنگتوننىڭ پەرۋاسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرگە ئۆتۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ھەم پۇرسەت ھەم مەجبۇرىيەت بولۇپ قالماقتا.

مەنبە ماقالىنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە بەزى يېتەرسىزلىكلىرىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز. ماقالىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى  «رېئالىزم» غا ئاساسلانغانلىقىدۇر؛ يەنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق كۈچىگە سوغۇققانلىق بىلەن باھا بېرىشى،جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ ھەمىشە كۈتۈلگەن نەتىجىنى بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلمىي دەلىللەر بىلەن كۆرسىتىشى ۋە ترامپنىڭ شەخسىي خاراكتېرىنىڭ دۆلەت سىستېمىسىغا بولغان تەسىرىنى توغرا ئانالىز قىلىشىدۇر. ھالبۇكى، بۇ ماقالىدە ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنىڭ قايرىپ قويۇلىشىدەك كەمچىلىك مەۋجۇت. ماقالىدە پۈتۈنلەي «رېئال كۈچ» ۋە «سودا مەنپەئەتى» تەكىتلىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئورنى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ، ترامپنىڭ «سودا ئالدىنقى ئورۇندا» دېگەن سىياسىتىنىڭ ئەكس ئېتىشى بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ «قىممەت قاراش دىپلوماتىيەسى» نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا زور چېكىنىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتور خىتاينى پەقەت مەۋجۇت تەرتىپنى «تۈزەتكۈچى» دەپ قاراپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيە يېيىش ئارزۇسىنى ۋە ھاكىممۇتلەق تۈزۈمنى دۇنياغا قوبۇل قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەن مۆلچەرلىگەن.  ئانالىز ئاساسەن ترامپنىڭ نۆۋەتتىكى «مۇقىملىق ئىزدەش» پوزىتسىيەسى ئاساسىدا يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ترامپنىڭ سىياسىتىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى، يەنى ئۇنىڭ قارارلىرىدىكى تۇراقسىزلىقنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتىدىن جىددىيلەشتۈرۈۋېتىش ئېھتىماللىقى  نەزەردە تۇتۇلمىغان.

ئىزاھاتلار:

[1]  2025-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلىنغان مەنبەگە ئاساسەن تەھلىل قىلىندى.

[2] بۇ يەردىكى «ئاۋام پالاتا» ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرى، ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى رېئالىزمچى ئېقىمنىڭ، يەنى خىتاي بىلەن « رېئال كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئاساسىدا بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش » تەرەپدارلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.

پايدىلانغان مەنبە:

Wyne, A. (2025, December 18). Washington’s China consensus is breaking. The Interpreter. Lowy Institute. https://www.lowyinstitute.org/the-interpreter/washington-s-china-consensus-breaking

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*