خىتاينىڭ «مىللىي بىرلىك» پىلانى ۋە ئېتنىك كىملىكلەرنىڭ يوقىتىلىشى

2026-يىلى 22-ئاپرېل

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئ‍ابدۇرېھىم دۆلەت

ئاپتور لېيلا كنىپپېل (Leila Knüppel) نىڭ 2026-يىلى 19-ئاپرېل گېرمانىيە رادىيوسى (Deutschlandfunk) تورىدا ئېلان قىلىنغان «بېسىم خاراكتېرلىك مىللىي سىياسەت: خىتاينىڭ مىللىي بىرلىك چۈشى» ناملىق ماقالىسىدە، خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ مىللىي ئاز سانلىقلارنى خىتاي مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان سىستېمىلىق ئىستراتېگىيەلىرى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى سىياسىي مەقسەتلەر تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. ماقالىدە بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ قانۇنىي ئارقا كۆرۈنۈشى، تارىخىي يىلتىزى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى تراگېدىيەلىك ئاقىۋەتلىرى ئانالىز قىلىنغان بولۇپ، بېيجىڭنىڭ بۇ خىل سىستېمىلىق بېسىم سىياسىتىنىڭ پەقەت يۈزەكى بىر مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى ئەمەس، بەلكى قانۇنىي، تارىخىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن پۇختا پىلانلانغان بىر ئېتنو-مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. خىتاي دائىرىلىرى رەسمىي تەشۋىقاتلىرىدا دۆلەتتىكى مەدەنىيەت كۆپ خىللىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەرغىب قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ مىللىي ئاز سانلىقلارغا قاراتقان مۇستەبىت چاڭگىلى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە چىڭىماقتا. بولۇپمۇ 2026-يىلى مارت ئېيىدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغان «ئورتاق مىللىي كىملىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» بۇ بېسىمنىڭ يېڭى بىر يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، بۇ قانۇن مىللىي ئاز سانلىقلارنى خىتايلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن جەمئىيەتكە مەجبۇرىي باغلاشنى نىشان قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن بۇ قەدەم ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇستەقىللىقىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىدىغان خەتەرلىك ھەرىكەت دەپ ئەيىبلەنمەكتە.

خىتاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا خىتايلار پۈتۈن نوپۇسنىڭ تەخمىنەن يۈزدە 91 نى ئىگىلىسىمۇ، ئېتىراپ قىلىنغان 55 مىللىي ئاز سان سانلىق ئاران يۈزدە توققۇزنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما بېيجىڭنى ئەندىشىگە سالىدىغان نېگىزلىك نۇقتا بۇ مىللەتلەر ياشايدىغان ئاتالمىش «ئاپتونوم» رايونلارنىڭ دۆلەت زېمىنىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا يېقىن كەڭ دائىرىنى ئىگىلىشىدۇر. بۇ كەڭ تېررىتورىيە، مول تەبىئىي بايلىق ۋە گېئوپولىتىكىلىق ئەھمىيەت بېيجىڭنىڭ مىللىي سىياسەتتە نېمە ئۈچۈن بۇنچە قاتتىق قول ۋە مۇستەبىت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. گەرچە ئاساسىي قانۇندا خىتاينىڭ كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاپتونومىيە ھوقۇقى قۇرۇق بىر قەغەزگە ئايلىنىپ قالدى. يېقىندا ماقۇللانغان «مىللىي بىرلىك ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» خىتاي تىلىنى مائارىپ، مەمۇرىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بىردىنبىر ئۈستۈن تىل سۈپىتىدە مەجبۇرىي تېڭىپ، ئانا تىل مائارىپىنى ئەمەلىيەتتە يوققا چىقاردى. بۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەت مىليونلىغان مەبلەغ ئاجرىتىپ، ناھىيە ۋە كەنتلەردە «بىر تۇتۇش خىتاي مىللىتى» ئېڭىنى سىڭدۈرۈش تۈرلىرىنى يولغا قويماقتا. بۇ خىل تىل ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى قورشاۋ ئاسسىمىلياتسىيە مۇساپىسىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئىستراتېگىيە سۈپىتىدە قوللىنىلماقتا.

بۈگۈنكى خىتايدا مىللىي كۆپ خىللىق رېئال تۇرمۇشتىن ئايرىۋېتىلىپ، پەقەت ساياھەتچىلەرگە كۆرسىتىلىدىغان جانسىز بىر سەھنىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلدى. مىللىي كىيىم-كېچەكلەر ۋە ئۇسسۇللار پەقەت خىتاي مىللىتىنىڭ تىزگىنىدىكى بىر زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە تەقدىم قىلىنىدۇ. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مىللىي مەدەنىيەتلەرنىڭ روھىنى سويۇپ تاشلاپ، ئۇنى قۇرۇق بىر فولكلور سۈپىتىدە دۇنياغا بازارغا سالماقتا. ئۈلگىلىك دەپ بېكىتىلگەن ئىبادەتخانىلار ۋە ساياھەت رايونلىرى بىر سودا مودېلىغا ئايلانغان بولۇپ، يەرلىك خەلق بۇنىڭدىن مەلۇم ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت بوشلۇقى دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن سۈنئىي بىر قېلىپقا كىرىپ قالدى. سىنولوگ (خىتايشۇناس) بژورن ئالپېرماننىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي (خەنزۇ) ئاتالغۇسىنىڭ بىر مىللەتنى كۆرسىتىدىغان ئۇقۇم سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى يېڭى بىر ھادىسە بولۇپ، ئۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى بىر مىللەتچى قورال سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. 1911-يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىنلا، مىللەتچىلەر خىتاي مەركەزچىلىكىنى ئاساس قىلىپ، باشقا مىللەتلەرنى خىتايلارغا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى يىراق نىشان قىلىپ بېكىتكەن. پىروفېسسور توماس خېبېرېرنىڭ باھالىشىچە، گەرچە 1980-يىللاردا بەزى ئاپتونومىيە قانۇنلىرى چىقىرىلغان بولسىمۇ، بۇلار ھەرگىزمۇ مىللىي ئاز سانلىقلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ئېلىپ كەلمىگەن.

بېيجىڭنىڭ مىللىي سىياسەتتە تېخىمۇ جىددىي ۋە ۋەھشىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشىغا 2008-يىلى لىخاسادا ۋە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق ۋەقەلىرى تۈرتكە بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، كوممۇنىستىك پارتىيە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. بۇ مەجبۇرىي ئوخشاشلاشتۇرۇش سىياسىتى پەقەت مىللىي ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى خىتايلارنىڭ ئۆزىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. رايون خاراكتېرلىك كىملىكلەر ۋە يەرلىك شىۋىلەر بېسىم ئاستىدا يوقىتىلىپ، بىر پۈتۈن «خىتاي نەسلى» يارىتىلماقتا. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامىلىشى، سىستېمىلىق قىيناش، تۇغۇت چەكلەش، دىنىي سورۇنلارنى ۋەيران قىلىش ۋە كىملىكنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرى بۈگۈنكى كۈننىڭ ئەڭ ئېغىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستانغا غايەت زور كۆلەمدە خىتاي نوپۇسىنى يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، يەرلىك مىللەتلەرنى ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇپ قويۇش پىلانى تېزلىتىلمەكتە.

ماقالىدە يۈننەن ئۆلكىسىدىكى ۋەزىيەتكە نەزەر سېلىش ئارقىلىق، ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ يوشۇرۇن خەتەرلىرى يەنىمۇ چوڭقۇر يورۇتۇپ بېرىلگەن. گەرچە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدە مەلۇم ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق يەرلىك كىشىلەر تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېغىر يوقىتىشلارنى كۈندىن-كۈنگە ھېس قىلماقتا. نۆۋەتتە خىتايدا مەۋجۇت بولغان 300 گە يېقىن تىل ۋە شىۋە ئېغىر خەۋپ ئاستىدا تۇرماقتا، ياش ئەۋلادلار ئانا تىلىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالماقتا، چۈنكى پەقەت خىتاي تىلىنى بىلىدىغانلارغىلا جان بېقىش يولى ئوچۇق بولماقتا. خۇلاسىلىگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان بۇ «مىللىي بىرلىك» چۈشى، ئەمەلىيەتتە مىللىي ئاز سانلىقلار ئۈچۈن ئۆز كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، تارىخ سەھنىسىدىن سۈرۈلۈپ چىقىشتىن ئىبارەت بىر قاباھەتلىك چۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. لېيلا كنىپپېلنىڭ ماقالىسى دۇنيانى خىتاينىڭ بۇ خەتەرلىك سىياسىي مەقسىتىگە قايتا نەزەر سېلىشقا چاقىرماقتا.

مەنبە ماقالە:

Knüppel, L. (2026, April 19). Repressive Minderheitenpolitik: Chinas Traum von einer ethnischen Einheit. Deutschlandfunk. https://www.deutschlandfunk.de/repressive-minderheitenpolitik-chinas-traum-von-einer-ethnischen-einheit-100.html

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*