خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرۈشى بىلەن ئىقتىسادىي رېئاللىقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت

2025-يىلى 22-ئۆكتەبىر

 

گېرمانىيەلىكلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئىككى خىل نۇقتىئىنەزەرى

 

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

بۇ ئانالىز 2025-يىلى 20-ئۆكتەبىردە، گېرمانىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىككى مەتبۇئات ئورگىنى بولغان «Frankfurter Allgemeine Zeitung»  (FAZ) ۋە «Handelsblatt»تا بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان ئىككى مۇھىم ماقالىنى، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ئىككى خىل نۇقتىئىنەزەرىنى ئاساس قىلىدۇ. گۇستاۋ تېئىل (Gustav Theile) تەرىپىدىن FAZ دا يېزىلغان «خىتاي رەھبەرلىكى ھازىر كەلگۈسى يىللارنىڭ ئىستراتېگىيەسىنى تۈزمەكتە»[1] ناملىق ماقالىدە، بېيجىڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ كۈچى ۋە غەربنىڭ بۇ پىلانلارنى چۈشىنىشتىكى خاتالىقلىرى تەكىتلەنسە، مارتېن بېننىڭخوف (Martin Benninghoff) نىڭ «Handelsblatt»تا ئېلان قىلىنغان «بېيجىڭ ئويلىغاندەك ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس»[2] ناملىق ماقالىسىدە بولسا خىتاي ئىقتىسادى دۇچ كېلىۋاتقان ئوبوروت قىسىنچىلىقى (Deflation) ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ كىرىزىسنى باشقۇرۇشتىكى ئوپئوچۇق ئاجىزلىقىغا مەركەزلەشكەن. ئوخشاش بىر كۈندە ئېلان قىلىنغان بۇ ئىككى بىر-بىرىگە زىت نۇقتىئىنەزەر، غەربتە خىتايغا قاراتقان ھازىرقى ئىككىلىنىشنى — بىر تەرەپتىن توختىتىۋالغىلى بولمايدىغان ئىستراتېگىيەلىك رەقىب، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ئىچكى ئاجىزلىقلارغا تولغان بىر گىگانت دېگەن قاراشنى — پۈتۈن ئوچۇقلۇقى بىلەن ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ ماقالىنىڭ مەقسىتى، مەزكۇر ئىككى تېكىستنى  تەھلىل قىلىش ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) بۈيۈك تەسەۋۋۇرى بىلەن بۇ دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي رېئاللىقلار ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى، ئوبيېكتىپ نۇقتىئىنەزەر بىلەن كۆپ قاتلاملىق باھالاش سۈزگۈچىدىن ئۆتكۈزۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت.

 

ئىستراتېگىيەلىك ئۇپۇق ۋە پىلانلاش كۈچى – FAZ نىڭ نۇقتىئىنەزەرى

گۇستاۋ تېئىلنىڭ ئانالىزى، غەرب كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دائىم سادىر قىلىدىغان بىر خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن باشلىنىدۇ: خىتاينىڭ بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى «چۈشىنىش قىيىن بولغان بىيۇروكراتىك ھۆججەتلەر» دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا سەل قاراش. تېئىلنىڭ قارىشىچە، بۇ غەربنىڭ سادىر قىلغان ئېغىر بىر ئىستراتېگىيەلىك خاتالىقىدۇر، چۈنكى خ ك پ بۇ پىلانلار ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە قەيەرگە بارماقچى ئىكەنلىكىنى ۋە قايسى ساھەلەردە دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلىماقتا. ماقالىدە، ئەگەر ياۋروپا ئۆتمۈشتىكى بەش يىللىق پىلانلارنى، بولۇپمۇ «خىتايدا ياسالغان 2025» قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇغان بولسا، خىتاينىڭ ياۋروپا سانائىتىگە كۆرسىتىۋاتقان ھازىرقى ئۆزگەرتكۈچ تەسىرىنى تېخىمۇ بۇرۇن مۆلچەرلىيەلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئاپتوموبىل، خىمىيە ۋە ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر ۋاقىتلاردا گېرمانىيە سانائىتىنىڭ يۈرىكى بولغان ساھەلەرنىڭ، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭمۇ ئاساسلىق سانائەت تۈرلىرىگە ئايلىنىشى، بۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئەڭ كونكرېت ئىسپاتىدۇر. تېئىل، گېرمانىيە باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مابەينىدە خىتاينىڭ ئېلېكتىر ماشىنىلارغا ئۆتۈش پىلانىنى بىر «چاقچاق» دەپ قارىغانلىقىنى ئەسلىتىپ، بۇ كەمسىتىش پوزىتسىيەسىنىڭ بەدىلىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىدۇ.

تېئىل ماقالىسىنىڭ كۈچى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي نىشانلىرىنى ئاددىي رەقەملەر سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ئىرادىسىنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە چۈشىنىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ھەر يىلى تەخمىنەن %5 ئېشىشى، پەقەت بىر ئىقتىسادىي مەلۇمات بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا بېيجىڭنىڭ 2035-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدىكى مۇستەھكەم سىياسىي نىشانىنىڭ نامايەندىسىدۇر. تېئىل، بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنىڭ يىلتىزىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى، دېڭ شياۋپىڭنىڭ 1990-يىللارنىڭ بېشىدىلا يەر شارىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللارنى ئىستراتېگىيەلىك بىر كوزىر سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغانلىقىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال، خىتاينىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانلىرىنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق ھەۋەس ئەمەس، بەلكى ئەۋلادلار ئارا داۋاملىشىش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بېيجىڭنىڭ ئادەتتە نىشانلىرىنى تۆۋەنرەك بېكىتىپ، كېيىن بۇ نىشانلاردىن ئېشىپ كېتىش يۈزلىنىشىمۇ، رېجىمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىمۇ، غەربنى ھەيران قالدۇرۇش ئىقتىدارىنىمۇ نامايان قىلىدۇ.

ماقالە، ئانالىزىنى نۆۋەتتىكى گېئوپولىتىك تالاش-تارتىشلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، تېئىلنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى كۈچلۈك ئورنىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى، خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ بولسا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كۈچ سىنىشىشتا بېيجىڭنىڭ ھازىرچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاجىزلاۋاتقان ئىچكى ئىقتىسادىنى قانداق جانلاندۇرىدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە قايسى سانائەت تۈرلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى دۇنياغا نامايان قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ يېڭى نۇقتىلىق ساھەلەر، غەرب ھېلىھەم ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان سۈنئىي ئىدراك، ئىنسانسىمان ماشىنا ئادەملەر ۋە ئېلېكتىر ئۇچار تاكسىلار قاتارلىق كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن تېخنولوگىيەلەردۇر. تېئىل ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش، بولۇپمۇ «سانائەتسىزلىشىش» خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان گېرمانىيە ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىكتۇر: خىتاينىڭ پىلانلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇش، ئەمدى بىر تاللاش ئەمەس، بەلكى بىر مەجبۇرىيەتتۇر.

 

ئىقتىسادىي رېئاللىق ۋە ئىدارە قىلىشتىكى ئاجىزلىق: Handelsblatt نىڭ نۇقتىئىنەزەرى

گۇستاۋ تېئىل سىزىپ بەرگەن بۈيۈك ئىستراتېگىيەلىك مەنزىرىنىڭ دەل قارشىسىدا، مارتېن بېننىڭخوفنىڭ «Handelsblatt»تىكى كۈلرەڭ ۋە سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان ئانالىزى تۇرىدۇ. بېننىڭخوف، بېيجىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىنىڭ، بارلىق كۈچىگە قارىماي، خىتاي ئىقتىسادىنى بىر قاينام كەبى ئىچىگە تارتىۋاتقان ئوبوروت قىسىنچىلىقى بىلەن كۈرەش قىلىشتا قانچىلىك «ئاجىز» قالغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ. ماقالە، كونكرېت سانلىق مەلۇماتلار بىلەن باشلىنىدۇ: ئىستېمالچىلار باھاسى سېنتەبىردە ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش ئايغا سېلىشتۇرغاندا %0.3، ئىشلەپچىقارغۇچىلار باھاسى بولسا %2.3 تۆۋەنلىگەن. تۇرالغۇ باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى بولسا يېقىنقى بىر يىلدىكى ئەڭ كەسكىن سەۋىيەگە يەتكەن. بۇ ئەھۋال، پەقەت ۋاقىتلىق بىر داۋالغۇش بولماستىن، بەلكى ئايمۇئاي داۋاملىشىۋاتقان ۋە خىتاي ئىقتىسادى ۋە جەمئىيىتى ئۈچۈن گويا «زەھەر» كەبى تەسىر پەيدا قىلىۋاتقان بىر يۈزلىنىشتۇر. بېننىڭخوف، ئۈچىنچى پەسىللىك ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئاجىز بولۇشىنىمۇ بۇ ئومۇمىي ئاجىزلىقنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ.

بېننىڭخوف، مەسىلىنىڭ سەۋەبلىرىنى «مۇرەككەپ ۋە كۆپ تەرەپلىك» دەپ تۈرگە ئايرىپ كۆرسىتىدۇ: سانائەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، كىرىزىس ئىچىدىكى ئۆي-مۈلۈك ساھەسى ۋە تۇرغۇن ئىستېمال. بۇ مەسىلىلەر، مۇشۇ ھەپتە ئېچىلىدىغان كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ مۇھىم يىغىنى ئۈچۈن نۇرغۇن سۆھبەت تېمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئانالىزغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل قارشى تەدبىرلەرنى قوللانغان بولۇپ، بۇ تەدبىرلەر ئايرىم-ئايرىم ئالغاندا مۇۋاپىق. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن شەخسلەرگە تولۇقلىما بېرىش، ياش ئائىلىلەرگە سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياردەم بېرىش قاتارلىق قەدەملەر بېسىلغان. ھۆكۈمەت، ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى باھا چۈشۈرۈشنىڭ پايدا نىسبىتىنى يوققا چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما «تېخىمۇ ياخشى قىلىڭلار» دېگەن چاقىرىق، دۆلەت كونتروللۇقىدىكى بىر ئىقتىسادتىمۇ بازارنىڭ كۈچى ئالدىدا ئۈنۈمسىز قالماقتا.

ماقالە ئۆزىنىڭ مەركىزىگە قويغان ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە بولسا، «ئاپەتنىڭ يىلتىزى» دەپ تەرىپلەنگەن ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسىدۇر. بېننىڭخوفنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ساھەنىڭ سوۋۇشىنىڭ ئاقىۋىتىگە سەل قارىغانلىقىنىڭ بەدىلى ئەمدى تۆلەنمەكتە. ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى سېلىنما ۋە سېتىلىش مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقنىڭ مۇقىم خىزمەت ۋە كىرىمگە بولغان ئىشەنچى تۈپتىن تەۋرىنىپ كەتتى. بۇ ئىشەنچسىزلىك مۇھىتى، ھۆكۈمەتنىڭ باشقا مۇۋاپىق قەدەملىرىنىمۇ ئۈنۈمسىز قىلىۋەتمەكتە. مەسىلەن، پېنسىيە يېشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق ئۆز نۆۋىتىدە توغرا بولغان بىر ئىسلاھات، ئاللىقاچان كاپالەتسىز بولغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى سىستېمىسىغا، دۆلەت تەرىپىدىن قوشۇلغان بىر يۈك دەپ قارىلىپ، كىشىلەرنى ئىستېمال قىلىش ئورنىغا تېخىمۇ كۆپ پۇل تېجەشكە ئۈندىمەكتە. بۇ ئىچكى مەسىلىلەرگە قوشۇلۇپ، خەلقئارالىق داۋالغۇشلار ۋە ئامېرىكا بىلەن داۋاملىشىۋاتقان سودا تالاش-تارتىشلىرى، ئېكسپورت ئىقتىسادىنى تېخىمۇ بېسىم ئاستىدا قويۇپ، ئىسلاھات ئۈچۈن ھەرىكەت بوشلۇقىنى تارايتماقتا.

بېننىڭخوفنىڭ چىقارغان خۇلاسىسى ئېنىقتۇر: بېيجىڭدىكى ئاجىزلىق («Ohnmacht») ئوپئوچۇقتۇر. قوللىنىلغان بارلىق قارشى تەدبىرلەر ئەڭ ياخشى ئەھۋالدا نۇقتىلىق تەسىر پەيدا قىلماقتا، ئەمما، كۆپىنچە ھاللاردا بولسا پۈتۈنلەي تەسىرسىز قالماقتا. ماللاردىكى تەمىنلەشنىڭ ئېشىپ كېتىشى، تۆۋەن ئىستېمال يۈزلىنىشى ۋە ئىقتىسادىي ئېنىقسىزلىق ئالدىدا كۈچىيىۋاتقان پۇل تېجەش يۈزلىنىشى قاتارلىق قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەرنى قىسقا مۇددەتتە ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. شىركەتلەرنىڭ پايدا نىسبىتىنى يوقىتىۋاتقان، سېلىنما ئارزۇسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقان، ئوبوروت قىسىنچىلىقى  داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھۆكۈمەتنىڭ تۈپتىن سىياسەت ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمىغانلىقى — مەسىلەن، ئىشلەۋاتقان ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ كىرىمىدە تۈپتىن ئېشىشلارنى ياكى چوڭ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارمىغانلىقى — كۆرۈلمەكتە. بېننىڭخوفنىڭ قارىشىچە، دۆلەت ئاپپاراتى ئىنكاس قايتۇرماقتا، ئەمما بۇ ئىنكاسلار بىردەك ئەمەس ۋە يېتەرسىز قېلىۋاتىدۇ. كۆرگەزمە تۈرلىرى ياكى خىتاي خەلقىنى كىرىزىسقا بەرداشلىق بېرىشكە قىلىنغان چاقىرىقلار بۇ چوڭقۇر قۇرۇلمىلىق كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا يەتمەيدۇ.

 

ئىككى خىل نۇقتىئىنەزەرگە تەنقىدىي باھا

بۇ ئىككى ماقالىنىڭ ئوخشاش بىر كۈندە ئېلان قىلىنىشى، خىتاينى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر تەرەپلىمىلىك ئۇسۇللارنىڭ قانچىلىك يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىر تەرەپتىن تېئىل تەسۋىرلىگەن، كەلگۈسىدىكى تېخنولوگىيەلەرگە (سۈنئىي ئىدراك، ئۇچار تاكسىلار) ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى پىلانلاۋاتقان، ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىق ۋە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە بىر خىتاي؛ يەنە بىر تەرەپتىن بولسا بېننىڭخوف سىزىپ بەرگەن، ئاساسىي ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنى (باھا، ئىستېمال، ئۆي-مۈلۈك) كونترول قىلىشتا قىينىلىۋاتقان، خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقاتقان ۋە ئاجىز بىر بېيجىڭ ھاكىمىيىتى بار. بۇ ئىككى مەنزىرە بىر-بىرىگە زىتتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئوخشاش بىر تەڭگىنىڭ ئىككى يۈزىدۇر ۋە خىتاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىرلىكتە ئوقۇلۇشى كېرەك.

كۈچلۈك تەرەپلىرى ۋە ئاجىز تەرەپلىرى:

گۇستاۋ تېئىلنىڭ (FAZ) ئانالىزى: ماقالىنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى، غەربنى مەركەز قىلغان كۆز قاراشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كورلۇقىنى ئېچىپ بېرىشىدۇر. خىتاينىڭ پىلانلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىشى ۋە «خىتايدا ياسالغان 2025» قاتارلىق كونكرېت مىساللار بىلەن ئۆز پىكرىنى قوللىشى، ئۇنىڭ ئانالىزىغا تارىخىي چوڭقۇرلۇق بېغىشلايدۇ. ئەمما ماقالىنىڭ يوشۇرۇن بىر ئاجىزلىقى، پىلانلارنىڭ يولغا قويۇلۇشچانلىقىنى ۋە ئىچكى چەكلىمىلەرنى يېتەرلىك دەرىجىدە سوئال ئاستىغا ئالماسلىقىدۇر. پىلانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇلارنىڭ مۇكەممەل بىر شەكىلدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تېئىل، بېيجىڭنىڭ نىيىتى ۋە تەسەۋۋۇرىنى مۇكەممەل شەكىلدە ئانالىز قىلغان بولسىمۇ، بېننىڭخوف كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىچكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرغا قانداق توسقۇنلۇق قىلالايدىغانلىقى مەسىلىسىنى ئاساسەن نەزەردىن ساقىت قىلغان.

مارتېن بېننىڭخوفنىڭ (Handelsblatt) ئانالىزى: بۇ ماقالىنىڭ كۈچى، كونكرېت ۋە يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا تايىنىشى ھەمدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىلىق مەسىلىلىرىنى (ئۆي-مۈلۈك، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، ئىشەنچ كەمچىللىكى) توغرا دىياگنوز قىلىشىدۇر. مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەتنىڭمۇ بازار دىنامىكىسى ۋە ئاممىۋى پىسخولوگىيە ئالدىدىكى چېكىنى ئاشكارىلاپ تاشلىشى، ئۇنىڭ ئانالىزىنى رېئاللىققا ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ. ئەمما بۇ ماقالىنىڭ ئاجىز تەرىپى بولسا، قىسقا مۇددەتلىك كىرىزىسلارغا مەركەزلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك چىدامچانلىقىنى ۋە كىرىزىسلاردىن چىقىش ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلەش ئېھتىماللىقىغا ئىگە بولۇشىدۇر. ئوبوروت قىسىنچىلىقى دەۋرى قانچىلىك خەتەرلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاينىڭ ئون يىللارغا سوزۇلغان ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي سۇغا چىلىشىشىغا سەۋەب بولالامدۇ؟ياق. بۇ ئېنىق ئەمەس. بېننىڭخوف، ھازىرقى «ئاجىزلىق»نى تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە، خ ك پ نىڭ كىرىزىس پەيتلىرىدە تۈپتىن ۋە كۈتۈلمىگەن قەدەملەرنى بېسىش يوشۇرۇن كۈچىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

ھەقىقىي جىددىيچىلىك نۇقتىسى: ئىشەنچ كىرىزىسى

ئىككى ئانالىزنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە، بېننىڭخوف «ئاپەتنىڭ يىلتىزى» دەپ تەرىپلىگەن ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى پەيدا قىلغان ئىشەنچ مەسىلىسىدۇر. تېئىل تىلغا ئالغان چوڭ تېخنولوگىيەلىك بۆسۈشلەر (ئۇچار تاكسىلار، ماشىنا ئادەملەر)، پەقەت مۇقىم بىر ئىقتىسادقا ۋە كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغان بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەگە تايىنىپلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكىنىڭ يېرىلىشى بىلەن يىغقان-تەرگەنلىرىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى كۆرگەن، ئىشسىزلىق قورقۇنچى ئىچىدە ياشاۋاتقان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي باشقۇرۇشىغا بولغان ئىشەنچىنى يوقاتقان بىر خەلق تەۋەككۈل قىلىپ مەبلەغمۇ سالمايدۇ، خاتىرجەم ھالدا ئىستېمالمۇ قىلمايدۇ. بۇ ئەھۋال، خ ك پ نىڭ ئەڭ چوڭ تەڭقىسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا: دۆلەت، بىر تەرەپتىن مەركەزلىك پىلانلاش بىلەن كەلگۈسىدىكى سانائەت تۈرلىرىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغان خەلقنىڭ ئىشەنچىنى ۋە بازار پىسخولوگىيەسىنى كونترول قىلالمايۋاتىدۇ. بۇ، مۇستەبىت پىلانلاش بىلەن ئەركىن بازار روھى ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇلمىلىق توقۇنۇشتۇر.

 

خۇلاسە

يەكۈنلەپ ئېيتقاندا، گۇستاۋ تېئىل ۋە مارتېن بېننىڭخوفنىڭ ئانالىزلىرى، خىتاينىڭ يالغۇز بىر سۈپەت (كۈچلۈك ياكى ئاجىز) بىلەن تەرىپلىگىلى بولمايدىغان مۇرەككەپ ۋە ئىككى ياقىلىمىلىق بىر رېئاللىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. خىتاي، بىرلا ۋاقىتتا ھەم تېئىل تەسۋىرلىگەندەك تېخنولوگىيەلىك ئۈستۈنلۈك ئۈچۈن ئېنىق بىر تەسەۋۋۇرغا ئىگە، غەرب ئۈچۈن سەل قارىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر بىر ئىستراتېگىيەلىك رەقىبتۇر؛ ھەم بېننىڭخوف كۆرسەتكەندەك، ئادەتتىكى سىياسىي ۋاسىتىلەر بىلەن ھەل قىلىش تەس بولغان چوڭقۇر قۇرۇلمىلىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ۋە بىر ئىشەنچ كىرىزىسى بىلەن قىينىلىۋاتقان نازۇك بىر گىگانتتۇر.

داۋىد شامباۋ (David Shambaugh) غا ئوخشاش ئانالىزچىلارمۇ دائىم كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، خىتاينى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى، بۇ زىتتەك كۆرۈنىدىغان دىنامىكىلارنى بىر گەۋدە قىلىپ چۈشىنىشتۇر. غەرب سىياسەتچىلىرى ئۈچۈن ئېلىنىشى كېرەك بولغان ساۋاق شۇدۇر:

پەقەت تەھدىتكىلا مەركەزلىشىش: خىتاينى پەقەت تېئىلنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىنلا ئوقۇش، ئۇنى توسقىلى بولمايدىغان يېگانە كۈچ دەپ قاراشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ، ھەددىدىن زىيادە قورقۇش (پارانويا) سىياسىتىگە ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئاجىزلىقلىرىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان سۆھبەت ياكى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىنىڭ قولدىن كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

پەقەت ئاجىزلىققىلا مەركەزلىشىش: خىتاينى پەقەت بېننىڭخوفنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىنلا ئوقۇش بولسا، ئۇنى «يىمىرىلىش ھارپىسىدا» تۇرۇۋاتىدۇ، دېگەن خاتا قاراشقا بېرىلىپ، غەپلەتكە سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال، غەربنى تەييارلىقسىز ھالەتتە قالدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا (خۇددى ئۆتمۈشتە ئۆي-مۈلۈك ۋە ئاپتوموبىل ساھەلىرىدە بولغىنىدەك) ئىشىك ئېچىپ بېرىدۇ.

ئەڭ توغرا ئۇسۇل، خىتاينىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ نىشانلارغا يېتىش يولىدا دۇچ كەلگەن ۋە كېلىدىغان غايەت زور ئىچكى قىيىنچىلىقلارنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىشتۇر. بېيجىڭنىڭ كەلگۈسىدىكى دۇنياۋى رولى، ئۇنىڭ بۈيۈك تەسەۋۋۇرى بىلەن ئاچچىق رېئاللىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زىددىيەتنى قانداق باشقۇرىدىغانلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. گېرمانىيەنىڭ بۇ ئىككى ماقالىسى، غەربكە بۇ مۇرەككەپ تەڭلىمىنى چۈشىنىش ئۈچۈن قىممەتلىك بىر باشلىنىش نۇقتىسىنى سۇنماقتا.

 

مەنبەلەر:

Theile, Gustav. «Chinas Führung schmiedet jetzt die Strategie für die nächsten Jahre». Frankfurter Allgemeine Zeitung, 20 Ekim 2025. https://www.faz.net/aktuell/wirtschaft/chinas-neuer-fuenf-jahres-plan-so-soll-chinas-wirtschaft-abheben-110741217.html

Benninghoff, Martin. «Peking ist doch nicht so mächtig wie gedacht». Handelsblatt, 20 Ekim 2025. https://www.handelsblatt.com/meinung/kommentare/kommentar-peking-ist-doch-nicht-so-maechtig-wie-gedacht-01/100163764.html

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*