خىتاينىڭ 2026-يىللىق مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدىكى دىپلوماتىك ھەرىكەتلىرىگە نەزەر

2026-يىلى 15-فېۋرال

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

مەزكۇر ئانالىز ماقالىسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2026-يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلان قىلىنغان بىر يۈرۈش رەسمىي دوكلاتلار، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنىڭ خاتىرىلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ نۇتۇق تېكىستلىرىگە تايانغان. بۇ مەنبەلەر ئاساسلىقى «ئۈچ تەرەپلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى»، «ۋاڭ يىنىڭ مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدىكى نۇتۇقى» ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ [1].

بۇ ماتېرىياللار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ 2026-يىللىق مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى (MSC) دائىرىسىدىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ مۇرەككەپلىشىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتكە، بولۇپمۇ «ئامېرىكا-ياۋروپا-خىتاي» ئۈچبۇلۇڭلۇق مۇناسىۋىتىگە ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتكە نىسبەتەن تۇتقان پوزىتسىيەسىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەنبەلەرنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغانلىقى، بۇ تېكىستلەرنىڭ بېيجىڭنىڭ تاشقى سىياسەت بايانىنى (Narrative) قانداق شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى تەتقىق قىلىشتا بىرىنچى قول ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى سۆزلىرى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتلىرى ئارىسىدىكى باغلىنىشنى كۆرەلەيمىز.

ماقالىمىزدە مۇلاھىزە قىلىنىدىغان مەزمۇنلار، ۋاڭ يىنىڭ «تارىخ كېمىسىنىڭ يۆنىلىشىنى توغرىلاش» ناملىق باش تېمىدىكى نۇتۇقى ۋە ئۇنىڭ يىغىن جەريانىدا ئېلىپ بارغان ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىدىكى سۆزلىرى ئۈستىگە قۇرۇلدى. بۇ ئانالىز خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىدىكى ئىچكى بۆلۈنۈشلەردىن قانداق پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

«تارىخ كېمىسى» مېتافورىسى ۋە يەرشارىۋى باشقۇرۇش تەشەببۇسى

-2026يىللىق مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا، ۋاڭ يىنىڭ ئاساسىي نۇتۇقىنىڭ تېمىسى «تارىخ كېمىسىنىڭ يۆنىلىشىنى قول تۇتۇشۇپ تەڭشەش» بولۇپ، بۇ ماۋزۇ خىتاينىڭ ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتكە بولغان ئىستراتېگىيەلىك باھاسىنى ئىپادىلەيدۇ [2]. ۋاڭ يى نۇتۇقىدا دۇنيانىڭ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغانلىقىنى، «ئورمان قانۇنى» (Law of the Jungle) ۋە «يەكتەرەپلىمىلىك»نىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ بايان غەرب دۇنياسىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىگە قىلىنغان بىۋاسىتە بولمىغان، ئەمما كەسكىن تەنقىدتۇر [2].

بۇ نۇتۇقنىڭ ماھىيىتى شۇكى، خىتاي غەرب باشچىلىقىدىكى دۇنيا تەرتىپىنىڭ يۆنىلىشىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە بۇ «تارىخ كېمىسى»نىڭ رولىنى تۇتۇشتا خىتاينىڭمۇ ھەققى ۋە مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى جاكارلاشتىن ئىبارەتتۇر. خىتاي ئۆزىنى قالايمىقانچىلىق ئىچىدىكى دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ۋاڭ يى نۇتۇقىدا شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «يەرشارىۋى باشقۇرۇش تەشەببۇسى»نى خەلقئارا تەرتىپنىڭ يېڭى يۆنىلىشى سۈپىتىدە كۆرسەتتى. بۇ تەشەببۇسنىڭ يادروسى «ئىگىلىك ھوقۇقى باراۋەرلىكى، خەلقئارا قانۇنچىلىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك» قاتارلىق بەش چوڭ پىرىنسىپنى ئاساس قىلىدۇ [2].

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، خىتاي ئۆزىنى قالايمىقانچىلىق ئىچىدىكى دۇنيانىڭ «مۇقىملىق كۈچى» ۋە «تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش كۈچى» سۈپىتىدە تەسۋىرلەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچ دىپلوماتىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىغا ئايلانغان. خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «يەرشارىۋى باشقۇرۇش» لايىھەسىنى غەربنىڭ «قائىدىنى ئاساس قىلغان تەرتىپ» چۈشەنچىسىگە بىۋاسىتە قارشى قويۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ نەزىرىدە غەربنىڭ قائىدىلىرى پەقەت غەربنىڭ مەنپەئەتىنىلا قوغدايدۇ.

ۋاڭ يىنىڭ نۇتۇقىدا «خىتاي كومپاسى» دېگەن ئىبارىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە. بۇ، خىتاينىڭ دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ۋە لايىھەلىرىنى تەمىنلەيدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ئەمدى غەربكە قاراپ ئەمەس، بەلكى شەرققە، يەنى خىتايغا قاراپ يۆنىلىش بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى ئىما قىلىدۇ [2].

ب د ت نى قوغداش ۋە «ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىك»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزلىرىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ رولىنى قايتا جانلاندۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ۋاڭ يى ب د ت نى «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم نەتىجە» دەپ ئاتىدى [2].

ۋاڭ يىنىڭ ب د ت نىزامنامىسىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىشى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىغا قارشى بىر خىل دىپلوماتىك ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ناتو قاتارلىق ھەربىي ئىتتىپاقلارنى ب د ت نىڭ نوپۇزىنى ئاجىزلاشتۇرغۇچى ئامىل دەپ قارايدۇ. خىتاي نەزىرىدە، ئامېرىكانىڭ «ئىتتىپاقداشلىق سىياسىتى» (Alliance Politics) يەرشارىۋى باشقۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇدۇر. شۇڭا، خىتاي ب د ت نى ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ۋە ئامېرىكانى يەكلەشتىكى ئەڭ مۇھىم قانۇنلۇق سەھنە دەپ قارايدۇ. «ھەممە ئادەم بىر يۈرۈش قائىدىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك» دېگەن سۆز، يوشۇرۇن ھالدا ئامېرىكانىڭ «قوش ئۆلچەم» قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەشنى مەقسەت قىلىدۇ [3]. خىتاي بۇ يەردە ئۆزىنى قائىدىلەرگە ئەمەل قىلغۇچى، ئامېرىكانى بولسا قائىدىلەرنى بۇزغۇچى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.

ۋاڭ يى يەنە «ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىك» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۇقۇم بويىچە، خەلقئارا ئىشلار بىر ياكى بىر قانچە دۆلەت تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەسلىھەتلىشىشى ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەك. بۇ يەردىكى «بارلىق دۆلەتلەر» دېگەن سۆز، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئارقىسىدىكى «يەرشارى جەنۇبى» دۆلەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي بۇ دۆلەتلەرنىڭ سان جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا تەشكىلاتلاردىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشنى كۆزلەۋاتىدۇ.

يەرشارى جەنۇبىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە خىتاينىڭ ۋەكىللىك رولى

ۋاڭ يىنىڭ نۇتۇقىدا «يەرشارى جەنۇبى»نىڭ كوللېكتىپ باش كۆتۈرۈشى بىر تارىخىي ھادىسە سۈپىتىدە تەسۋىرلەندى [4]. خىتاي بۇ دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، غەرب يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىستراتېگىيە، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى «يېزىلار ئارقىلىق شەھەرنى قورشاش» نەزەرىيەسىنىڭ يەرشارىۋى نۇسخىسىدۇر. غەرب دۇنياسىنى «شەھەر»، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى «يېزا» دەپ قارىساق، خىتاي «يېزا»نى ئىگىلەش ئارقىلىق «شەھەر»نى بېسىم ئاستىغا ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ.

ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرىدە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاۋازىنىڭ يەرشارىۋى باشقۇرۇش سىستېمىسىدا يېتەرلىك ئەكس ئەتمەيۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. بۇ، خىتاينىڭ ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكاسى ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاشتىكى ئۈنۈملۈك قورالىدۇر. خىتاي ئۆزىنى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دەپ ئاتاشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ گۇرۇھنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ رەھبەرلىك قىلىش ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. گەرچە خىتاي دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولسىمۇ، سىياسىي سالاھىيەت جەھەتتە ئۆزىنى جەنۇب دۆلەتلىرى قاتارىدا كۆرىدۇ.

خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى «شېرىكچىلىك» ۋە «جۈنزى君子» پەلسەپەسى

ۋاڭ يىنىڭ مىيۇنخېندىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم نىشانى ياۋروپا بولدى. خىتاي، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىشى، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى چوڭ موتورى بولغان بېرلىن ۋە پارىژ بىلەن ئايرىم مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ [5]. ۋاڭ يى ياۋروپاغا قاراتقان سىياسىتىدە «شېرىك» ۋە «رەقىب» ئۇقۇملىرىنى ئېنىق ئايرىشقا تىرىشتى. ئۇ «خىتاي بىلەن ياۋروپا شېرىك، رەقىب ئەمەس» دېگەن قاراشنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى [6]. بۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى «سىستېمىلىق رەقىب‘ (Systemic Rival) دەپ ئېنىقلىما بېرىشىگە قايتۇرۇلغان بىۋاسىتە رەددىيە بولۇپ، خىتاي بۇ ئارقىلىق ياۋروپانىڭ خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيەلىك گۇمانىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىندا دىققەتنى تارتىدىغان يەنە بىر نۇقتا، ۋاڭ يىنىڭ «جۈنزى» (ئالىيجاناب ئىنسان) پەلسەپەسىنى قوللىنىشىدۇر. ئۇ «جۈنزى پەرقنى ساقلاپ قالغان ھالدا ئىناق ئۆتىدۇ» (君子和而不同) دېگەن كۇڭزىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى [6].بۇ مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى ئارقىلىق، خىتاي ئۆزىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمى بىلەن غەربنىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى «مەدەنىيەت پەرقى» دەپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشماقتا. خىتاي بۇ سۆز ئارقىلىق ياۋروپالىقلارغا «بىز ئوخشىمايمىز، ئەمما بۇ بىزنىڭ دۈشمەنلىشىشىمىزگە سەۋەب بولماسلىقى كېرەك» دېگەن ئۇچۇرنى بېرىۋاتىدۇ. بۇ، غەربنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن قوللىنىلغان ئاقىلانە تاكتىكىدۇر.

خىتاي تەرەپنىڭ ياۋروپاغا بېرىدىغان ئاساسلىق سىگنالى ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە مەركەزلەشكەن. ۋاڭ يى «خەتەردىن خالىيلاشتۇرۇش » (De-risking) نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەمكارلىققا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى [5]. ۋاڭ يى «ئۆزئارا تايىنىش»نىڭ خەتەر ئەمەسلىكىنى، بەلكى يەرشارىۋىلىشىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي بازىرىنىڭ ياۋروپا ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

گېرمانىيە: مۇناسىۋەتنىڭ «مۇقىملىق لەڭگىرى»

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېرز (Merz) بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا، ۋاڭ يى گېرمانىيەنى «ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىق لەڭگىرى» بولۇشقا چاقىردى [7]. بۇ، خىتاينىڭ گېرمانىيەگە بولغان ئالاھىدە ئۈمىدىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي گېرمانىيەنىڭ سودا مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى قاتتىق سىياسەتلىرىنى يۇمشىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. گېرمانىيە سانائىتىنىڭ خىتاي بازىرىغا بولغان تايىنىشى، بېيجىڭ ئۈچۈن مۇھىم بىر كوزىردۇر. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋادفۇل (Wadephul) بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا، ۋاڭ يى گېرمانىيە كارخانىلىرىغا خىتاي بازىرىنىڭ ئىشىكىنى چوڭ ئاچىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى[8]. بۇ ۋەدە، ياۋروپادىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان گېرمانىيە ئۈچۈن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. خىتاي يەنە گېرمانىيەنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيە»سىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يەردىكى «ئاپتونومىيە» ئەمەلىيەتتە ياۋروپانىڭ ئامېرىكادىن يىراقلىشىشى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مۇستەقىل سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى كۆزدە تۇتىدۇ. گېرمانىيە تەرەپنىڭ «خىتاي يەرشارىۋى ئىشلاردا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ» دېگەن باھاسى، خىتاينىڭ گېرمانىيەنى ئۆزىگە تارتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

فىرانسىيە : مۇستەقىل دىپلوماتىيەنىڭ شېرىكى

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باروت (Barrot) بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا، خىتاي تەرەپ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنى ئاساسىي تېما قىلدى [9].ۋاڭ يى فىرانسىيەنىڭ «مۇستەقىل چوڭ دۆلەت»لىك سالاھىيىتىنى ئالقىشلاپ، خىتاي بىلەن فىرانسىيەنىڭ دۇنيانىڭ قۇتۇپلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئورتاق مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ، خىتاينىڭ پارىژنى ئامېرىكانىڭ «يەكتەرەپلىمىلىك» سىياسىتىگە قارشى بىر شېرىك سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. فىرانسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى «گوللىزم» (Gaullism) دىپلوماتىيەسى، يەنى ئامېرىكادىن پەرقلىق مۇستەقىل سىياسەت يۈرگۈزۈش ئەنئەنىسى، خىتاي ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

ۋاڭ يى يەنە پىرېزىدېنت ماكروننىڭ خىتاي زىيارىتىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. فىرانسىيە تەرەپنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىشى، خىتاي ئۈچۈن ياۋروپادىكى تەيۋەن مەسىلىسىدىكى بېسىمنى يېنىكلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئامېرىكا بىلەن «يورۇق كېلەچەك» ۋە تىرامپ ئامىلى

-2026يىللىق مىيۇنخېن يىغىنى دائىرىسىدە، ۋاڭ يىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇبىيو (Rubio) بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ئىنتايىن سەزگۈر ۋە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە [10]. مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ يى سۆزىدە « پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ شى جىنپىڭنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى»نى ئالاھىدە تىلغا ئالغان [11]. بۇ شەخسىي مۇناسىۋەتنى تەكىتلەش، خىتاينىڭ دىپلوماتىيەسىدىكى بىر ئالاھىدىلىكتۇر.

خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى ئاساسىي تونى «مۇقىملىق» ۋە «زىددىيەتنى كونترول قىلىش»تىن ئىبارەت بولدى. ۋاڭ يى «ئۆزئارا ھۆرمەت، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش» پىرىنسىپىنى قايتا تەكىتلىدى. ۋاڭ يى 2026-يىلىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ئۈمىدۋارلىقى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا بىلەن بولغان جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئارزۇسىنىڭ ئىپادىسىدۇر. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ۋاڭ يى ئامېرىكا سىياسىتىدىكى «ئىككى خىل كۆرۈنۈش»نى تەسۋىرلىدى: بىرى، ھەمكارلىققا مايىل ئاكتىپ كۈچ (بۇنى تىرامپنىڭ شەخسىيىتى بىلەن باغلىدى)؛ يەنە بىرى، خىتاينى چەكلەشكە ئۇرۇنىدىغان مەنپىي كۈچ [11]. خىتاي بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئوخشىمىغان گۇرۇھلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ۋە ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىش نىيىتىنى ئاشكارىلىدى.

ۋاڭ يىنىڭ «خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق» دېگەن سۆزى، گەرچە دىپلوماتىك ئۈمىدۋارلىق سۈپىتىدە كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەيدۇ. خىتاي ۋاشىنگتوننىڭ بېسىمىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى توختىتىپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ ئاخىرىدا خىتاي بىلەن «تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش»نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئىما قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋاڭ يى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللاشنىڭ قىزىل سىزىقنى دەسسىگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ توقۇنۇشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى [11]. ۋاڭ يى بىلەن رۇبىيونىڭ ئۇچرىشىشىدا يەنە «مەسىلىلەر تىزىملىكىنى قىسقارتىش، ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۇزارتىش» تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ خىتاينىڭ ئەمەلىيەتچىل ئۇسۇلىدۇر.

ياپونىيەگە قارشى تارىخىي ھۇجۇم

ۋاڭ يىنىڭ مىيۇنخېن يىغىنىدىكى ئەڭ كەسكىن ۋە ھۇجۇم خاراكتېرلىك سۆزلىرى ياپونىيەگە قارىتىلدى. ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ «تەيۋەندىكى جىددىي ۋەزىيەت ياپونىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تەھدىت سالىدىغان كىرىزىس» دەپ ئېيتقان سۆزىگە قارىتا، ۋاڭ يى ئىنتايىن قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى [12]. خىتاينىڭ ياپونىيەنى تەنقىد قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ياپونىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەيۋەن مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن بىۋاسىتە باغلىشىدۇر. ۋاڭ يى ياپونىيەنىڭ بۇ مەيدانىنى «خەلقئارا تەرتىپكە جەڭ ئېلان قىلىش» دەپ ئەيىبلىدى.

ۋاڭ يى ياۋروپا سەھنىسىدە تۇرۇپ، گېرمانىيە بىلەن ياپونىيەنى سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ماھىرلىق بىلەن قوللاندى. ئۇ گېرمانىيەنىڭ ناتسىزىمنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلىغانلىقىنى ماختاپ تۇرۇپ، ياپونىيەنىڭ يەنىلا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى «ياسۇكۇنى» ئىبادەتخانىسىدا خاتىرىلەۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى [12]. بۇ سېلىشتۇرما ئارقىلىق، خىتاي ياۋروپالىقلارنىڭ تارىخىي ھېسسىياتىنى قوزغاپ، ياپونىيەنى ئەخلاقىي جەھەتتىن يەكلەش ۋە ئەيىبلەشكە ئۇرۇندى. «بۇنداق ئەھۋال ياۋروپادا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز» دېيىش ئارقىلىق، ياپونىيەنىڭ ھازىرقى سىياسىتىنى «مىلىتارىزم» بىلەن باغلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى «ئاسىيا تىنچلىقىنىڭ تۈۋرۈكى» سۈپىتىدە خىتاينى كۆرسىتىپ، رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ مەنبەسىنى ياپونىيە ۋە ئامېرىكاغا دۆڭگىدى [12]. ۋاڭ يىنىڭ «1.4 مىليارد خىتاي خەلقى بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ» دېگەن سۆزى، خىتاينىڭ مىللەتچىلىك ھېسسىياتىنى قوزغاش ۋە تاشقى دۇنياغا خىتاينىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان كىلاسسىك دىپلوماتىك ئىبارىدۇر. ۋاڭ يى يەنە ياپونىيەنى «ئەگەر قايتا دوغا چۈشسە، تېخىمۇ بەتتەر مەغلۇپ بولىدۇ» دەپ ئوچۇق-ئاشكارا تەھدىت سالدى. بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نەقەدەر جىددىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ [13].

رايونلۇق قىزىق نۇقتىلار ۋە خىتاينىڭ مەيدانى

ۋاڭ يىنىڭ مىيۇنخېن يىغىنىدىكى يەنە بىر مۇھىم تېمىسى ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە باشقا رايونلۇق توقۇنۇشلار بولدى.

خىتاي ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىبىگا (Sybiha) بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىنى تەكىتلىدى [14]. خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، يەنىلا ئۆزىنى «تەرەپسىز مۇرەسسەچى» سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى.  خىتاي «ئوتقا ياغ چېچىش»قا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا قورال ياردىمى بېرىشىنى ۋاسىتىلىك تەنقىد قىلدى [4]. ۋاڭ يى يەنە پەلەستىن مەسىلىسىدە «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ۋە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى تەكىتلىدى [4].بۇ، خىتاينىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە «يەرشارى جەنۇبى»نىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان ئىستراتېگىيەسىدۇر. خىتاي ئۆزىنى ئامېرىكاغا سېلىشتۇرغاندا، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل دوستى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.

خۇلاسە

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ۋاڭ يىنىڭ 2026-يىللىق مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدىكى پائالىيەتلىرى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تاشقى سىياسىتىنىڭ بىر قانچە مۇھىم يۆنىلىشىنى ئاشكارىلىدى.

بىرىنچىدىن، خىتاي «يەرشارى جەنۇبى»نىڭ رەھبىرى ۋە ب د ت نىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ، غەرب يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا تەرتىپكە قارشى تۇرۇش سەھنىسىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكانى ئايرىش ئىستراتېگىيەسى (Wedge Strategy) تېخىمۇ روشەنلىشىۋاتىدۇ. خىتاي ياۋروپاغا «شېرىك»، ئامېرىكاغا «مۇقىملىق ئىزدىگۈچى»، ياپونىيەگە «ئاگاھلاندۇرغۇچى» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، خىتاي تارىخ ۋە ئىدېئولوگىيەنى دىپلوماتىك قورالغا ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ. گېرمانىيە-ياپونىيە سېلىشتۇرمىسى ۋە «جۈنزى» پەلسەپەسى، خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇللىرىدۇر.

تۆتىنچىدىن، خىتاي ئامېرىكادا تىرامپنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي تىرامپنىڭ سودىگەرلىك تەبىئىتىدىن پايدىلىنىپ، سودا مەنپەئەتى بەدىلىگە گېئو-سىياسىي بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

بەشىنچىدىن، تەيۋەن مەسىلىسى يەنىلا خىتاينىڭ دىپلوماتىيەسىدىكى ئەڭ سەزگۈر ۋە ئەڭ خەتەرلىك نۇقتا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ۋاڭ يىنىڭ ياپونىيە ۋە ئامېرىكاغا قاراتقان قاتتىق سۆزلىرى، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشتىنمۇ يانمايدىغانلىقىنىڭ بىر ئىشارىتىدۇر.

ۋاڭ يىنىڭ مىيۇنخېندىكى سۆزلىرى، خىتاينىڭ ئۆز نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ، بەزىدە تېخىمۇ ھۇجۇم خاراكتېرلىك دىپلوماتىيە يۈرگۈزىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاي ئۈچۈن مىيۇنخېننى پەقەت بىر مۇنبەر ئەمەس، بەلكى «تارىخ كېمىسى»نىڭ رولىنى ئۆز قولىغا ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بىر جەڭ مەيدانى بولدى دېيىشكە بولىدۇ.

مەنبەلەر:

  1. 中华人民共和国外交部. (2026年2月14日). 中德法举行三方外长会. 中华人民共和国外交部网站. https://www.mfa.gov.cn/web/wjb_673085/wjbz_673089/Hd/
  2. 中华人民共和国外交部. (2026年2月14日). 携手校准历史巨轮的正确航向——在第62届慕尼黑安全会中国专场上的主旨讲话. 中华人民共和国外交部网站. https://www.mfa.gov.cn/web/wjb_673085/wjbz_673089/Hd/
  3. 中华人民共和国外交部. (2026年2月14日). 王毅:中欧应该行君子之事,走君子之. 中华人民共和国外交部网站. https://www.mfa.gov.cn/web/wjb_673085/wjbz_673089/Hd/
  4. 中华人民共和国外交部. (2026年2月14日). 德国总理默茨会见王. 中华人民共和国外交部网站. https://www.mfa.gov.cn/web/wjb_673085/wjbz_673089/Hd/
  5. 中华人民共和国外交部. (2026年2月14日). 王毅会见德国外长瓦德富. 中华人民共和国外交部网站. https://www.mfa.gov.cn/web/wjb_673085/wjbz_673089/Hd/
  6. 中华人民共和国外交部. (2026年2月14日). 王毅会见法国外长巴罗. 中华人民共和国外交部网站. https://www.mfa.gov.cn/web/wjb_673085/wjbz_673089/Hd/
  7. 中华人民共和国外交部. (2026年2月14日). 王毅会见美国国务卿鲁比奥. 中华人民共和国外交部网站. https://www.mfa.gov.cn/web/wjb_673085/wjbz_673089/Hd/
  8. 中华人民共和国外交部. (2026年2月14日). 王毅:中美关系的前景是光明的. 中华人民共和国外交部网站.  https://www.mfa.gov.cn/web/wjb_673085/wjbz_673089/Hd/
  9. 中华人民共和国外交部. (2026年2月14日). 王毅就中日关系重申严正立场. 中华人民共和国外交部网站. https://www.mfa.gov.cn/web/wjb_673085/wjbz_673089/Hd/
  10. 中华人民共和国外交部. (2026年2月14日). 王毅:携手校准历史巨轮的正确航. 中华人民共和国外交部网站. https://www.mfa.gov.cn/web/wjb_673085/wjbz_673089/Hd/

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*