ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
تەھرىرى:ئەلانۇر ئەتتار
بۇ ئانالىزدا، جوناتان ئا. كزىن (Jonathan A. Czin) تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە 2025-يىلى 25-نويابىردا دۇنياغا داڭلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ژۇرنىلى «Foreign Affairs» (تاشقى ئىشلار) تا ئېلان قىلىنغان «شى ترامپنى قانداق ئويناتتى: بېيجىڭ تەۋەككۈل قىلدى ۋە ئەمدى ئۇنىڭ ھوسۇلىنى ئېلىۋاتىدۇ» (How Xi Played Trump: Beijing Gambled and Is Now Reaping the Rewards) ناملىق ماقالىنىڭ ئەتراپلىق ئانالىزى ۋە قىسقىچە مەزمۇنىنى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. دونالد ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىق تەختىگە ئولتۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى، بېيجىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتلىرىنى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە قايتۇرغان تۇراقسىز ئىنكاسلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىدۇ. كزىننىڭ قارىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى قاتتىق ۋە جازالاش خاراكتېرلىك بىر ئىقتىسادىي ئۇرۇش باشلاشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي بۇ جەرياننى دىپلوماتىك، ئىستراتېگىيەلىك ۋە تېخنىكىلىق ئۇتۇقلار بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ تەتقىقات، بېيجىڭنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ بېسىملىرىغا بويۇن ئېگىشنىڭ ئورنىغا قانداق تەرىقىدە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ ئىچكى سىياسىي ئاجىزلىقلىرىنى ۋە ترامپنىڭ «كېلىشىم تۈزۈش» كېسىلىنى خىتاينىڭ قانداق قىلىپ ئۆز پايدىسىغا ئىشلەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى جەھەتتىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. مەزكۇر ماقالە، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار ۋە ھازىرقى زامان خىتاي سىياسىتى ساھەسىدىكى ئاكادېمىكلار ۋە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ئۈچۈن نۆۋەتتىكى كۈچ تالىشىش ھەرىكەتلىرىنى چۈشىنىشتە ھالقىلىق بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ.
ئانالىزنىڭ ئاساسىي تېزىسى شۇكى، شى جىنپىڭ بىلەن دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدىكى تۈپ پەلسەپىۋى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پەرقلەر، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئالدىدا ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ترامپنىڭ سىياسىي كىملىكىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان «چوڭ بىر كېلىشتۈرگۈچى بولۇش» ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە، شىنىڭ يىراق كەلگۈسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانلارغا مەركەزلەشكەنلىكى ۋە ۋاقىتنى ئۆز پايدىسىغا ئىشلىتىپ سەۋرچانلىق بىلەن ئويۇن قۇرغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. كزىنغا كۆرە، بېيجىڭ ۋاشىنگتوننى قىرغاقتا قالغان سودا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتكەن بولۇپ، بۇ جەرياندا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىدىكى تېخىمۇ مۈشكۈل ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەردە ئامېرىكا بېسىمىنى قايتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا باجلىرىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىش تەشەببۇسلىرىدىن تارتىپ، بىر قاتار يول قويۇشلار بىلەن بېيجىڭنى تىنچىتىش تىرىشچانلىقلىرىغىچە بولغان ئېگىز -پەس ۋە تۇراقسىز سىياسىتى، ئامېرىكانىڭ قولىدىكى كوزىرلارنى (ياخشى پۇرسەتلەرنى) ئۈنۈمسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان. نەتىجىدە، بېيجىڭ نە قورقۇتۇلمىغان، نە تىنچىتىلمىغان؛ ئەكسىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتلىرى ۋە ۋەدىلىرىدە تۇرمىغانلىقىنى ئۆگىنىۋېلىپ، تېخىمۇ تەمەننا بىلەن قەدەم تاشلىغان. بۇ ئانالىز، ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ قانداق بىر ئىستراتېگىيەلىك قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە بېيجىڭنىڭ بۇ ۋەزىيەتنى ئۆز مەنپەئەتى دائىرىسىدە قانچىلىك ئۇستىلىق بىلەن باشقۇرغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا ئەكىلىدۇ.
ترامپنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى زىددىيەت ۋە بېيجىڭنىڭ قارشىلىقى
ماقالىنىڭ كىرىش قىسمىدا، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىدىكى تۈپ زىددىيەت ۋە بۇ زىددىيەتنىڭ بېيجىڭ تەرىپىدىن قانداق باھالانغانلىقى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ترامپ، پىرېزىدېنتلىققا قايتقاندىن كېيىن خىتايغا قارشى مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئىقتىسادىي ھۇجۇم باشلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، بېيجىڭنىڭ بىر يىل داۋامىدا دىپلوماتىيە سەھنىسىدە خېلىلا كۈچلۈك بىر ئىپادە كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ، بىرىنچى مەزگىلىدىكى سودا ئۇرۇشىنى قايتا جانلاندۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ئارقىلىق بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىش دەۋاسىغا قارىماي، خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدە يەنىلا يالغۇز قالدۇرۇلمىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. ئەكسىچە، شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا ئوخشاش پائالىيەتلەردە نۇرغۇنلىغان چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىشى، بېيجىڭنىڭ دىپلوماتىك يېتىم قالدۇرۇلۇشتىن يىراق ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ. خىتاي، ئامېرىكا تەھدىتلىرى ئالدىدا چېكىنىشنىڭ ئورنىغا، تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە تىغمۇ-تىغ جەڭ ئېلان قىلىدىغان پوزىتسىيە تۇتقان. بۇنىڭ ئەڭ روشەن مىسالى، ترامپ بىلەن جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆرۈشۈشتىن ئاران بىرنەچچە ھەپتە ئىلگىرى، خىتاينىڭ «سىيرەك مەدەنلەر»تەمىنات زەنجىرلىرىگە قارىتا كەڭ دائىرىلىك بىر ئېكسپورتنى چەكلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىدۇر.
كزىن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭنى ئىقتىسادى ساھەسىدە كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلما خاراكتىرلىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلاش تىرىشچانلىقلىرىنىڭمۇ نەتىجىسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شى جىنپىڭ، دەل ئەكسىچە، خىتاينىڭ كېيىنكى بەش يىللىق پىلانى ئۈچۈن تېخنىكا-سانائەت ئىقتىسادىي نىشانلىرىغا تېخىمۇ بەك چىڭ ئېسىلغان. ئانالىزچىلارغا كۆرە بۇ پىلان، خىتاينىڭ يەرشارى ياسىمىچىلىقىدىكى ئۈلۈشىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، يەرشارى سودا تەڭپۇڭسىزلىقلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. ترامپ تاموژنا باجلىرى بىلەن نىشانغا ئالغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى كېلىشىم ئۈستىلىگە يۈگۈرگەن بولسا، خىتاينىڭ دەل ئەكسىچە ئۆز مەۋقەسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەنلىكى ۋە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى كۆرۈلمەكتە ۋە بۇ قارشىلىقنىڭ بېيجىڭغا زىيان كەلتۈرۈشنىڭ ئورنىغا پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. شى، ترامپتىن 2026-يىلى بىرنەچچە قېتىم كۆرۈشۈش ۋەدىسىنى ئېلىشتىن سىرت، تەيۋەن ۋە ئامېرىكا ئىمبارگولىرىغا ئوخشاش ئىنتايىن تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەردە ترامپ ھۆكۈمىتىدىن مۇھىم يول قويۇشلارنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولغان. بۇ لارنىڭ سايىسىدە، خىتاينىڭ بىر يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا دىپلوماتىك، ئىستراتېگىيەلىك ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى بىر ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىق شەكىلدە ئىپادىلەنمەكتە.
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى، بىر تەرەپتىن تاموژنا باجلىرى بىلەن خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېزىش تەشەببۇسلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا بىر قاتار يول قويۇشلار بىلەن بېيجىڭنى تىنچىتىش تىرىشچانلىقلىرى ئارىسىدا پىرىنسىپسىز تەرزدە بولغان. بۇ تۇراقسىزلىق، ئامېرىكانىڭ ئەمەلىي بىر نەتىجە قولغا كەلتۈرەلمەسلىكىگە سەۋەب بولغان.يەنى، بېيجىڭ نە قورقۇتۇلمىغان، نە تىنچىتىلمىغان. ئامېرىكانىڭ خىتاينى توسۇش ئىقتىدارىمۇ ، كاپالەت بېرىش ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلىغانلىقى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بولسا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قانچە پوپۇزا قىلىشلىرىغا قارىماي نە ۋەدىلىرىنى نە تەھدىتلىرىنى ئورۇنلىمايدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇ ئەھۋال، ئامېرىكانىڭ خىتاي قارشىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەسىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يىمىرىلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بېيجىڭنىڭ تەسلىم بولۇشنىڭ ئورنىغا ئۆچ ئېلىش قارارى، شى بىلەن ترامپ ئارىسىدىكى مۇھىم بىر پەرقنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە: شى، چوڭ بىر كېلىشىم – مۇرەسسەگە ئەمەس، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىغا يېتىشكە مەركەزلەشمەكتە
بۇ ئىستراتېگىيەلىك پەرق، بېيجىڭنىڭ سۆھبەت تاكتىكىلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. ۋاشىنگتوننى نىسبەتەن قىرغاقتا قالغان سودا سۆھبەتلىرىگە بەند قىلىپ قويۇپ ۋاقىت قازانغان شى، بۇ جەرياندا ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتنىڭ مەركىزىدىكى تېخىمۇ مۈشكۈل ۋە تۈپ مەسىلىلەردىكى بېسىمىنى ئۈنۈمسىز ھالەتكە كەلتۈرگەن. ۋاشىنگتوننىڭ كۈچىيىۋاتقان بېسىملىرىغا كۆكرەك كەرگەن بېيجىڭ، ئامېرىكانى مۇمكىن بولغان ئىھتىماللىقلار ئىچىدىكى ئەڭ ناچار ئىھتىماللىق بىلەن يالغۇز قالدۇرۇش خەۋپىنى ياراتقان. مەزكۇر سېنارىيە؛ سۈركىلىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئەمما ئىنتىزاملىق بىر رىقابەت ئۇسۇلىدىن مەھرۇم، كاللا قالايمىقان قىلىدىغان بىر خىتاي سىياسىتى؛ بەك ئاز يول قويۇش بېرىش بىلەن بىرگە ترامپنى كونا ھالەتكە (statue quo) قايتۇرغان بىر سۆھبەت شېرىكى؛ ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن ھېچقانداق ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلمىگەن بىر يىللىق سىياسىي تىياتىردىن تەركىب تاپماقتا. ماقالىدە، بۇ ھالەتنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىر مەغلۇبىيىتى ئىكەنلىكىنى ۋە بېيجىڭنىڭ بۇ جەرياندىن پايدا بىلەن چىققانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
يول قويۇشلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە كۈنتەرتىپنى تارايتىش ئىستراتېگىيەسى
ماقالىنىڭ بۇ قىسمىدا، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ قانداق قىلىپ بىر يول قويۇشلار گىرداۋىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ۋە بېيجىڭنىڭ بۇ ئەھۋالنى قانداق ئۆز پايدىسىغا ئىشلەتكەنلىكى تەپسىلىي ئانالىز قىلغان. ئاپتور، ترامپنىڭ ئاق سارايغا قايتىشىدىن بۇيان خىتاي سىياسىتىنىڭ دۈشمەنلىك ۋە مۇداخىلە ئارىسىدا لەپپەڭشىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ترامپ ھۆكۈمىتى، ئاپرېل ئېيىدا «قۇتۇلۇش كۈنى» (Liberation Day) دەپ ئاتىغان ۋە خىتاي ماللىرىغا %145 كە يېتىدىغان جازا خاراكتېرلىك باج قويۇش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئېمبارگو مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان تاموژنا باجلىرىنى ئېلان قىلغان. بىراق، ماي ئېيىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە خىتاينىڭ سودا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش جەھەتتە كېلىشىشىدىن كېيىن ۋاشىنگتون، خىتاي سۇيىئىستېمال قىلغان ئېكسپورت چەكلىمىسىدىكى يوچۇقلارنى تاقىۋېتىشقا ئوخشاش بىرنەچچە ئاددىي قەدەم تاشلىغان. ھالبۇكى، دەرھال ئارقىسىدىنلا ترامپ ھۆكۈمىتى، ئىيۇن ئېيىدىكى سۆھبەتلەردىن كېيىن ئىمبارگونىڭ مۇھىم تەرەپلىرىنى بوشاتقان .
بۇ يول قويۇشلارنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغىنى، ۋاشىنگتوننىڭ ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىلىرىنى بوشىتىشى بولغان. بولۇپمۇ، ئامېرىكا ئېكسپورت چەكلىمىلىرى بوسۇغىسىنىڭ دەل ئاستىدا قالغان «Nvidia» نىڭ H20 ئۆزەكلىرىنى (chips) خىتايغا سېتىش چەكلىمىسى بىكار قىلىنغان. «The Wall Street Journal» گېزىتىنى مەنبە قىلغان ئۇچۇردا، ترامپنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىكى كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى «Nvidia» نىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىسى بولغان «Blackwell» ئۆزەكلىرىنىڭ سېتىلىشىنىمۇ شى بىلەن سۆزلىشىشنى ئويلىغانلىقى، بىراق مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن بۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىكى مەلۇم. بۇ ئەھۋال، ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئەندىشىلىرىنى سودا كېلىشىمى ئۈچۈن نەقەدەر ئاسان نەزەردىن ساقىت قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ يول قويۇش، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ «ئېكسپورت چەكلىمىلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسەتلىك ئىكەنلىكى ۋە بۇ سەۋەبتىن بېيجىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە كېلىشىش تېمىسى قىلىنمايدىغانلىقى» پىرىنسىپىنى كۈچتىن قالدۇرغان ۋە خەتەرلىك بىر ئۈلگە ياراتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە بولغان قوللىشىنىمۇ قايتۇرۇۋالغان، تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې (Lai Ching-te) نىڭ ئامېرىكا ئارقىلىق پىلانلىغان بىر زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ئۈچۈن بېسىم قىلغان ۋە بېيجىڭنىڭ تەيۋەن ئۈستىدىكى بېسىملىرى داۋاملىشىۋاتقاندا ئىنتايىن ئاز مەنىۋى ياردەم كۆرسەتكەن.
ھۆكۈمەتنىڭ پەقەت سودىغىلا ئالدىنقى ئورۇن بېرىشى، باشقا چىگىش دىپلوماتىك ئىختىلاپلارنىڭ پەردازلىنىپ يوشۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان. فىلىپپىن ھەق تەلەپ قىلىۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى رايونلارغا قارىتا خىتاينىڭ كۈچىيىۋاتقان بېسىمى ۋە ئامېرىكانىڭ رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە سىستېمىلىرىغا قارىتىلغان «Salt Typhoon» ۋە «Volt Typhoon» غا ئوخشاش كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇملىرىدەك ئىستراتېگىيەلىك تېمىلار كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قالغان. ئامېرىكانىڭ ئۇزۇندىن بېرى تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم ۋە ئىنسانىي بولمىغان مۇئامىلە، پۈتۈنلەي ئارقا پىلانغا ئىتتىرىۋېتىلگەن. بۇ، بىرىنچى نۆۋەتلىك ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت تارتقان پوزىتسىيەسىدىن روشەن چەتنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى نۆۋەتلىك ترامپ ھۆكۈمىتى، نەقەدەر يۈزەكى، تار ياكى نازۇك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆز-كۆز قىلغۇدەك بىر كېلىشىم تۈزەلەش بەدىلىگە، بېيجىڭنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئاقلاشقىمۇ رازىدەك كۆرۈنمەكتە.
بېيجىڭنىڭ ۋاشىنگتونغا قارىتا تاكتىكىلىق يول قويۇشلىرى بولسا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى پەقەت «قۇتۇلۇش كۈنى» تاموژنا باجلىرى جازاسىدىن بۇرۇنقى ھالەتكىلا قايتۇرغان. بۇ ئەھۋال، بېيجىڭ ئۈچۈن پۈتۈنلەي راھەت بولمىسىمۇ، چىدىغىلى بولىدىغان بىر ۋەزىيەتتۇر. خىتاي، بۇ جەرياندا، يەنى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكسپورتنى چەكلەش ئىمبارگوسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا ئېلاستىكلىق كۆرسەتكەن، ۋاشىنگتون ۋە يەرشارى تەمىنات زەنجىرلىرى ئۈستىدىكى ئۆز رولىنىڭ تولدۇرۇلماس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ ۋە يېڭى ئېكسپورت چەكلىمىلىرىنى يولغا قويۇپ بەك ئاز نەرسە يوقاتقان. بۇئۇتۇقلارغا ئېرىشىشى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلى بولسا نەزەردىن ساقىت قىلغۇدەك دەرىجىدە ئاز بولغان. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ، تىكتوك (TikTok) نىڭ سېتىلىشىنى ياكى چەكلىنىشىنى قانۇنىي بېسىمغا ئىگە قىلىدىغان بىر ئامېرىكا قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كېچىكتۈرۈش ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى سودا سۆھبەتلىرىگە قوشۇش قارارى، بېيجىڭنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدىمى، نەتىجە ئىتىبارى بىلەن ،خىتايغا مەنپەئەتى كۆپ ۋە بەدىلى بەك ئاز بولغان، ئالماشتۇرالايدىغان بىر سودىلىشىش كوزىرى سۇنغانلىق بولغان.
تىكتوك ۋەقەسى، بېيجىڭنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ترامپ ھۆكۈمىتىگە قاراتقان دىپلوماتىك تاكتىكىسىنى يىغىنچاقلاپ بەرمەكتە: سۆھبەتلەرنىڭ دائىرىسىنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۈرىكىدىكى چوڭ ئىستراتېگىيەلىك تېمىلاردىن، رىقابەتنىڭ شاخچىلىرى بولغان، ئەمما ترامپ ھۆكۈمىتى ۋە ھالقىلىق سايلىغۇچىلار توپى ئۈچۈن مۇبالىغىلىك بىر ئەھمىيەتكە ئىگە نىسبەتەن تار سودا تېمىلىرىغا چۈشۈرۈش. يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ، خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان، بازار نى بۇزىدىغان ئادەتلىرى كەبى تۈپ ۋە ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ ئورنىغا خىتاي ئەمەلدارلار بىلەن تىكتوك ئۈستىدە بازارلىشىۋاتقان بولۇشى، بېيجىڭ ئۈچۈن چوڭ بىر دىپلوماتىك غەلىبىدۇر. ئوخشاش لوگىكا، خىتاينىڭ ئامېرىكادىن سېرىق پۇرچاق سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە. سېرىق پۇرچاق ئېكسپورتى يېقىنقى يىللاردا مۇھىم بىر سودا مەسىلىسى بولماسلىقىغا قارىماي، ترامپ بۇ كېلىشىمنى تۈزەلىگىنىنى جەنۇبىي كورېيەدە شىدىن قوپىرىۋالغان مۇھىم بىر يول قويۇش سۈپىتىدە سۇنغان. خىتاي، ۋاشىنگتون بىلەن سۆھبەتلەرنى تار بىر شەكىلدىكى سودا سۆھبەتلىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، ئامېرىكىلىق سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنى بىر «قارىغۇچاشقان ئوۋى» (whack-a-mole – يەنى بىرىنى باسىمەن دېگۈچە يەنە بىرى چىقىدىغان) ئويۇنغا مەشغۇل قىلىپ قويماقتا. بۇ ئويۇندا ۋاشىنگتون، ئوتتۇرىغا چىققان مەلۇم تېمىلاردا بېيجىڭدىن ياردەم تىلەشكە مەجبۇر قالماقتا ۋە «قۇتۇلۇش كۈنى» تاموژنا باجلىرىغا سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاينىڭ ناتوغرا ئىقتىسادىي سىياسىتى ھەققىدىكى ئېغىر مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن يىراقلاشماقتا.
ۋاقىت ئۇتۇش ئويۇنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىقنىڭ كۈچى
بۇ بۆلۈمدە، شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆزدە تۇتقان ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى بىلەن دونالد ترامپنىڭ ۋاقىتلىق ۋە سودا خاراكتېرلىك ئۇسۇلى ئارىسىدىكى تۈپ پەرق، خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئاچقۇچى سۈپىتىدە سۇنۇلغان. ترامپ ئۆزىنى ئۇستا بىر سۆھبەتچى دەپ قارىسا، شىنىڭ رەقىبىگە زەربە بېرەلەيدىغان ۋە نەتىجىلىرىنى كۆرسىتەلەيدىغان توغرا پەيتنى كۈتۈشنى تاللىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. شى، باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى سىيرەك مەدەنلەرگە قارىتا كەڭ دائىرىلىك ئېكسپورت چەكلىمىلىرىنى يولغا قويۇپ ھېسابلىق بىر تەۋەككۈلچىلىك قىلغان. بۇ تەۋەككۇلچىلىككە قارىتا، ترامپنىڭ بىر كېلىشىم تۈزۈشكە بەكلا ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى ۋە شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكانىڭ قاتتىق بىر ئىنكاس قايتۇرمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلغانلىقى ئېنىق . سىيرەك مەدەنلەر ئىمبارگوسى ئارقىلىق دو تىكىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ۋە شىنىڭ ئىستراتېگىيەسىنىڭ كارغا كەلگەنلىكى تەكىتلەنمەكتە. بېيجىڭ، ۋاشىنگتوننى تەھلىل قىلغىنىدا، ئامېرىكانىڭ كوزىرلىرىنىڭ كەمچىللىكىنى ئەمەس، بەلكى ئىچكى سىياسىي پائالىيەتسىزلىكىنى كۆرمەكتە. خىتاي ئانالىزچىلىرى، ۋاشىنگتوننىڭ قولىدا خىتايغا تاقابىلەن ئوينىيالايدىغان كارتىلار (مەسىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكا ئارقىلىق ئۆتىدىغان مۇھىم تەمىنات لىنىيەلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىيالايدىغانلىقى) بارلىقىنى بىلىدۇ. بىراق خىتاي، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئۆچ ئېلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىيىنچىلىقنىڭ ئامېرىكادا يارىتىدىغان ئىچكى سىياسىي ئىنكاسىدىن بەك قورققانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل كارتىلارنى ئوينىمايدىغانلىقىغا ئىشەنمەكتە.
رەھبەرلەرنىڭ سىياسىي ئورۇنلىرى ئارىسىدىكى پەرقمۇ بۇ ھەرىكەتچانلىقنى كۈچەيتمەكتە. شى، نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تازىلاپ ۋە بەش يىللىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىدىكى سىياسىي ھاكىمىيىتىنى ئىسپاتلىغان ھالدا جەنۇبىي كورېيەگە كەلگەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ترامپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىقتىسادىي ئېشىش توختاپ قېلىشىغا رەئىسلىك قىلغان بىر رەھبەر سۈپىتىدە ئۈستەلگە ئولتۇرغان. ماقالىگە ئاساسلانغاندا، بەزى خىتاي ئاكادېمىكلىرى، 2025-يىلىدىكى ئىشتات ۋە يەرلىك سايلاملاردا دېموكراتلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلىرىدىن كېيىن كۈچەيگەن ئىچكى سىياسىي بېسىم ۋە پۇل پاخاللىقىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 2026-يىلى بېيجىڭغا تېخىمۇ كۆپ كوزىر بېرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. بېيجىڭنىڭ، ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىك كۆرۇشۇشلىرىنى كېلەر يىلىدىكى ئارىلىق سايلاملار مەزگىلىگە توغرىلاپ پىلانلاش ئىھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بېيجىڭ، ترامپنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەرنى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سايلام تەشۋىقاتى جەريانىدا ماختىنالايدىغان بىر كېلىشىم تۈزۈشكە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە مۇھىم دىپلوماتىك يول قويۇش ئىپادە قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ھېسابلىماقتا. بۇ ئەھۋال، ترامپنىڭ تۇنجى مەزگىلىدىكى سودا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ۋە زور دەرىجىدە ئىجرا قىلىنمىغان يېتەرسىز «بىرىنچى باسقۇچ» سودا كېلىشىمىنى ئەسلىتىدۇ.
شىنىڭ ئاساسىي نىشانى، ترامپنى ئۆزى قۇرغان «قارىغۇچاشقان ئوۋى» ئويۇنىغا مەشغۇل قىلىپ قويۇشتۇر. بۇنى قىلىۋېتىپ شى، ترامپنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈش ئىشىنىمۇ ئۈستىگە ئالماقتا. پىرېزىدېنتنىڭ غەزەپلىنىپ، ماي ئېيىدىن بۇيان ئاۋازى بېسىقتۇرۇلغان ھۆكۈمەت ئىچىدىكى «خىتاي شۇڭقارلىرى» نى قويۇپ بېرىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. بىراق، بۇ ئېھتىماللىقنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تۆۋەن ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. ترامپنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 2026-يىلى شى بىلەن ئۈچ قېتىم كۆرۈشۈشنى پىلانلىغانلىقىنى جاكارلىشى، ئەڭ مۇھىم سودىلىشىش كوزىرلىرىدىن بىرىنى، يەنى پىرېزىدېنت دەرىجىلىك ئۇچرىشىش ۋەدىسىنى ئالدىن تاپشۇرغاچ تۇرۇشى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال، بېيجىڭنىڭ قولىنى كۈچەيتمەكتە. بېيجىڭ، ئېھتىماللىقى بولغان يول قويۇشلىرىنى ترامپنى ئاللىبۇرۇن ۋەدە قىلغان بۇ كەلگۈسىدىكى كۆرۈشۈشلەرگە باغلاپ تۇرۇش ئۈچۈن زاپاس ساقلاشنى خالايدۇ ۋە ئالدىن ۋەدە بېرىلگىنى ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يول قويۇشقا بەك ئاز مەجبۇر بولىدۇ. بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ۋاقىتچانلىقى، بېيجىڭنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتى بولۇپ، ترامپ بۇ يىغىنلارنى ئاممىغا ۋەدە قىلىش ئارقىلىق شىغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سوۋغا قىلغان.
كېلىشىم خام خىيالى ۋە بېيجىڭ قۇرغان يېڭى تەڭپۇڭلۇق
ماقالىنىڭ خۇلاسە قىسمى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭنى تىنچىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ، «يول قويۇشلارنىڭ بىر يېقىنلىشىش ھەتتا مۇناسىۋەتلەرنى يۇمشىتىش بىلەن تەمىنلەيدىغان ياكى تەمىنلىمەيدىغانلىقى» غا دائىر پايدىلىق بىر تەبىئىي تەجرىبە رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئىسپاتلار، بېيجىڭنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى يۇمشىتىشقا بەك ئاز قىزىقىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ترامپ ھۆكۈمىتى، يېقىنقى ئون يىلدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى جىددىيچىلىكلىرىنىڭ مەركىزىدىكى ئىككى ئاساسلىق تېمىدا – تەيۋەن كىرىزىسى ۋە تېخنىكا چەكلىمىلىرى – ھالقىلىق نۇقتىلاردا يول قويغان بولسىمۇ، بەدىلىگە بېيجىڭدىن ئىنتايىن ئاز نەرسە ئالالىغان. خىتاي، ئامېرىكانىڭ يول قويۇشلىرىنى يانچۇقىغا سالماقتا، ئامېرىكاغا بىسىم قىلالايدىغان يېڭى مەسىلىلەرنى بېكىتمەكتە ۋە ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش تاكتىكىلىرىنى ۋاشىنگتون بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەت ئۈچۈن ئۆزىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئىشلەتمەكتە. مۇناسىۋەتلەرنى يۇمشىتىش بىلەن تىنچىتىش (appeasement) ئارىسىدىكى سىزىقنىڭ ھەر ۋاقىت ئىنچىكە ئىكەنلىكى، ئەمما تىنچىتىش ئىستىراتىگىيەسىنىڭ – پەقەت قارشى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ يول قويۇش تەلىپىنى قويالايدىغان بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ تاجاۋۇزچىلىققا جۈرئەتكار قىلىدىغانلىقى – تەيۋەن كىرزىسى ۋە تېخنىكا چەكلىمىلىرى مىسالىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرماقتا.
ترامپ ھۆكۈمىتى، مۇناسىپ بولمىغان دىپلوماتىيە تەشەببۇسلىرى ۋە پىرىنسىپسىز سىياسەت ئۆزگەرتىشلىرى بىلەن خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى يۇمشىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن يېتەرسىزدەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بىراق ترامپ، بىرىنچى مەزگىلىدە بىۋاسىتە ئۆزى باشلاتقان خىتاي مەسىلىسىدىكى پىكىر بىرلىكىنى، سىياسىي بىر قايتۇرما زەربىگە دۇچ كەلمەستىن بۇزۇش جەھەتتە تەڭداشسىز بىر قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن كۆرسەتكەن. ئەگەر ھەقىقەتەن مۇناسىۋەتلەرنى يۇمشىتىش يولىنى تۇتۇشقا قەتئىي نىيەتكە كەلگەن بولسا ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن سىياسىي دەسمىي خەجلەشكە رازى بولسا ئىدى، ترامپ ئامېرىكا سىياسىتىنى يەنىلا ئۆزگەرتەلەيتتى. ئەمما ماقالىگە كۆرە، تېخىمۇ مەڭگۈلۈك بىر يېقىنلىشىشنىڭ ئالدىدىكى ئاساسلىق توسالغۇ ترامپ ھۆكۈمىتى ئەمەس، بېيجىڭدۇر. شى، چوڭ بىر كېلىشىمگە ياكى مۇناسىۋەتلەرنى يۇمشىتىشقا قىزىقمايدۇ، چۈنكى ۋاقىتنىڭ خىتاينىڭ پايدىسىغا ئىكەنلىكىگە، خىتاينىڭ كەلگۈسى يىللاردا تېخىمۇ كۈچلۈك بىر ئورۇندا بولىدىغانلىقىغا ۋە ھازىر تۈزۈلىدىغان بىر كېلىشىمنىڭ بېيجىڭنىڭ قول-پۇتىنى باغلاپ قويىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭ، ترامپنىڭ تۇنجى مەزگىلىدە قوغلاشقان قوراللارنى تىزگىنلەش سۆھبەتلىرىگە ئوخشاش تېخىمۇ چوڭقۇر بىر مۇناسىۋەتلەرنى يۇمشىتىش ئامىللىرىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. چۈنكى بۇ خىل تەشەببۇسلاردا، ۋاشىنگتوننىڭ «سوغۇق ئۇرۇش» تا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قوللانغان ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ ئوخشىشىنى كۆرۈپ يەتمەكتە. خىتاي رەھبەرلىكىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە مۇقىملىق ئىزدىگەنلىكى پىكرى ۋاشىنگتوندا بىر قېلىپقا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، بۇنداق باھالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئېھتىماللىقتا خاتا، ئەڭ ناچار ئېھتىماللىقتا ئېزىقتۇرغۇچى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەكسىچە، خىتاينىڭ ترامپنىڭ قايتىشىدىن بۇيان تاشلىغان قەدەملىرى، بېيجىڭنىڭ ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى چەكلەشنى خالايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ تۇرماقتا. ئامېرىكانىڭ يەنىلا خىتايغا قارشى ئىشلىتەلەيدىغان كوزىرلىرى بار. بىراق «قۇتۇلۇش كۈنى» تاموژنا باج ئىمبارگوسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۇراقسىزلىقى، ئارقىسىدىن كەلگەن سودا ئۇرۇشىنىڭ پەسەيتىلىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبىي كورېيە يىغىنى ئالدىدا بېيجىڭنى تىنچىتىش تىرىشچانلىقلىرى، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوننىڭ جىددىيچىلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا تەييار ئەمەسلىكى خۇلاسىسىگە كېلىشىگە سەۋەب بولغان.
خۇلاسىلىگەندە، كزىن تەھلىلىدە، خىتاينىڭ مۇقىم بىر تەڭپۇڭلۇق خالىغان تەقدىردە، ئامېرىكانى يېڭى بىر تەڭپۇڭلۇققا كۆندۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە؛ بىراق قۇرۇلىدىغان بۇ تەڭپۇڭلۇق ۋاشىنگتوننىڭ ئەمەس، بېيجىڭنىڭ شەرتلىرىگە كۆرە قۇرۇلۇشى كېرەكلىك شەرتى ئاستىدا. ئىككىنچى نۆۋەتلىك ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىنىشىدىن بىر يىل كېيىن، بېيجىڭنىڭ بۇ نىشانغا قاراپ ھەيران قالارلىق بىر ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈم بىلەن ماقالە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ماقالە، ئامېرىكا ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك بىر ئاگاھلاندۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، خىتاينىڭ يىراقنى كۆزدە تۇتقان پىلانلىرىنىڭ، ئامېرىكانىڭ قىسقا مۇددەتلىك ۋە تۇراقسىز سىياسەتلىرى قارشىسىدا قانداق غالىب كەلگەنلىكىنى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويماقتا.
مەنبە ماقالە:
Czin, Jonathan A. “How Xi Played Trump: Beijing Gambled and Is Now Reaping the Rewards.” Foreign Affairs, 25 November 2025, https://www.foreignaffairs.com/united-states/how-xi-played-trump.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

















