كاۋكازدا يېڭى بىر گېئوپولىتىكىلىق شاھمات: ئامېرىكا ئەزەربەيجان ئارقىلىق خىتاينى توسۇپ قالالامدۇ؟

2025-يىلى 23-ئۆكتەبىر

 

 

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەھرىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

ۋاشىنگتوننى مەركەز قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە، كاۋكازنىڭ گېئوپولىتىكىلىق خەرىتىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرەلەيدىغان دادىل بىر ئىدىيە مۇزاكىرە قىلىنماقتا: ئامېرىكانىڭ ئەزەربەيجاننى ئىستراتېگىيەلىك پىشاڭ قىلىپ ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ رايوندىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەسىرىنى چەكلىشى ۋە ئاخىرىدا ئۇنى رايوندىن قوغلاپ چىقىرىشى. بۇ تەسەۋۋۇر، ۋاشىنگتوندىكى «نيۇ لاينىس (New Lines) ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇدىرلىرىدىن دوكتور كامران بۇخارى تەرىپىدىن يېزىلىپ، 2025-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان «ئەزەربەيجان نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىنىڭ كېيىنكى سېپى بولىدۇ» [1]ناملىق ماقالىسىدە كونكرېت ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بوخارى، ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكى بىلەن ئەزەربەيجان ۋە ئەرمىنىيە ئوتتۇرىسىدا قولغا كەلتۈرۈلدى دەپ پەرەز قىلىنغان تارىخىي تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ يارىتىپ بەرگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، باكۇنى بېيجىڭغا قارشى بىر سەپكە ئايلاندۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل، كاۋكازنى يەرشارىۋى كۈچلەر كۈرىشىنىڭ يېڭى سەھنىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ ۋە ئامېرىكانىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن بىر يول خەرىتىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بوخارى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەنىڭ ئاساسىنى، ئەزەربەيجاننىڭ ئۆزگىچە گېئو-ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە ئۆزگىرىۋاتقان رايونلۇق ۋەزىيەت تەشكىل قىلىدۇ. ھەم رۇسىيە، ھەم ئىران بىلەن چېگرالىنىدىغان بىردىنبىر دۆلەت بولغان ئەزەربەيجان، ۋاشىنگتون ئۈچۈن بۇ ئىككى رەقىب كۈچنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە كونترول ئاستىدا تۇتۇش ئۈچۈن تەبىئىي بىر سۇپا دەپ قارالماقتا. ماقالىدە «خەلقئارا تىنچلىق ۋە گۈللىنىش ئۈچۈن ترامپ لىنىيەسى» (TRIPP) دەپ ئاتالغان ۋە ئەرمىنىيەنىڭ جەنۇبىدىن ئۆتۈشى پىلانلانغان كارىدور، بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئاساسلىق قورالى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. بۇ كارىدور پەقەت رايون تىنچلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپانى ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتاشتۇرىدىغان ۋە «ئوتتۇرا كارىدور» دەپ ئاتالغان تىرانس-كاسپىي خەلقئارا قاتناش لىنىيەسىنىڭ ھالقىلىق بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قىلىش مەقسىتىنى كۆزلەيدۇ. بوخارى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ۋە ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدىن كېيىن رايوندىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى ۋە ئىراننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشىنى، ۋاشىنگتوننىڭ بۇ كۈچ بوشلۇقىنى تولدۇرۇشى ئۈچۈن بىر تارىخىي پۇرسەت دەپ قارايدۇ. بۇ دائىرىدە، ئامېرىكانىڭ ئەزەربەيجانغا بىۋاسىتە ياردەم بېرىشىنى چەكلەيدىغان 1992-يىلدىكى «ئەركىنلىكنى قوللاش قانۇنى» نىڭ 907-ماددىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى، بۇ يېڭى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشتا بېسىلىدىغان تۇنجى ۋە ئەڭ مۇھىم قەدەم سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.

ئەمما، بۇ چوڭ ئىستراتېگىيەنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ۋاشىنگتوننىڭ پىلانلىرىدىن بەكرەك باكۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھېسابلاشلىرىغا ۋە رايونلۇق رېئاللىققا باغلىق. شۈبھىسىزكى، ئەزەربەيجان ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ جەلپ قىلارلىق تەرەپلىرى بار. 907-ماددىنىڭ بىكار قىلىنىشى، باكۇنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئامېرىكا قورال سىستېمىلىرىغا ئېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتەلەيدۇ. غەرب ئورگانلىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىش ئارزۇسى ۋە ئېنېرگىيە تۈرلىرى ئارقىلىق ياۋروپا بازارلىرىغا تېخىمۇ مەھكەم باغلىنىش ئىستىكى، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقلىشىشنى ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر تاللاش قىلىپ كۆرسىتىدۇ. «ئوتتۇرا كارىدور» نىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى، ئەزەربەيجاننىڭ غەربتىن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ۋە سىياسىي ياردەمگە ئېرىشىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت يارىتىدۇ. لېكىن، بۇ يوشۇرۇن پايدىلار، باكۇنىڭ ئون يىللاردىن بۇيان ئېھتىياتچانلىق بىلەن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان «كۆپ لىنىيەلىك» تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا زىت كېلىدۇ.

ئەزەربەيجاننىڭ تاشقى سىياسەت پەلسەپەسى، بىرلا كۈچ مەركىزىگە باغلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، بارلىق ئاساسلىق ئاكتىيورلار — رۇسىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، تۈركىيە، خىتاي ۋە ئىران — بىلەن تەڭپۇڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئاساسلىنىدۇ. بۇ، دۆلەتنىڭ مۇرەككەپ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە قوشنىلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكى نەزەرگە ئېلىنغاندا، ئەقىلگە ئۇيغۇن بىر ھايات قېلىش ئىستراتېگىيەسىدۇر. ۋاشىنگتون تەرەپتە تۇرۇپ، بېيجىڭغا قارشى ئوچۇق-ئاشكارا بىر مەيداندا تۇرۇش، بۇ نازۇك تەڭپۇڭلۇقنى يىلتىزىدىن تەۋرىتىدۇ ۋە باكۇنى مۆلچەرلىگۈسىز خەتەرلەرگە دۇچار قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بوخارىنىڭ ئانالىزىدىكى ئاساسلىق پەرەزلەرنىڭ بىرى — ئەزەربەيجاننىڭ خىتاينى ئامېرىكاغا ئوخشاش بىر گېئوپولىتىكىلىق رەقىب دەپ قارايدىغانلىقى — رېئال ئەھۋالغا ئۇيغۇن ئەمەس. باكۇ بېيجىڭنى بىر تەھدىتتىن بەكرەك، سىياسىي ئالدىنقى شەرتلەرنى قويمىغان ھالدا مەبلەغ سالىدىغان، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن رايونلۇق ئالاقىنى كۈچەيتىۋاتقان مۇھىم بىر ئىقتىسادىي ھەمراھ سۈپىتىدە كۆرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە ۋە ئىران ئامىلىغا سەل قاراش ئىستراتېگىيەلىك بىر خاتالىق بولىدۇ. گەرچە ماقالىدە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كاۋكازدىكى تەسىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغان بىر ئامېرىكا-ئەزەربەيجان ئىتتىپاقىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقى ئېنىق. ئەزەربەيجان زېمىنىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن خىتاينى «قورشاۋغا ئېلىش» بازىسىغا ئايلىنىشى، ھەم موسكۋا، ھەم تېھران تەرىپىدىن بىۋاسىتە بىر دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەھدىتى دەپ قارىلىدۇ. ئىران ئەمەلدارى ئەلى ئەكبەر ۋەلايەتىنىڭ TRIPP كارىدورىنى «ترامپنىڭ ياللانما ئەسكەرلىرى ئۈچۈن بىر قەبرىستانلىق» دەپ تەسۋىرلىشى، بۇ سەزگۈرلۈكنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ئەزەربەيجاننىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم شىمالدىكى، ھەم جەنۇبتىكى قوشنىسىغا قارشى چىقىشى ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر قەدەم بولۇپ قالىدۇ.

ئۇنداقتا، ئەگەر بۇ ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇش بۇنچە تەس بولسا، ئامېرىكادىكى ئىستراتېگىيە مەركەزلىرى نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر سۆزلەمنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇ ئۇسۇلنى بىردىن ئارتۇق مەقسەتكە خىزمەت قىلىدىغان كۆپ يۆنىلىشلىك بىر ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋاسىتىسى دەپ چۈشىنىش كېرەك. بىرىنچىدىن، بۇ، ۋاشىنگتوننىڭ يەرشارىۋى رىقابەتتە قانداق قىلىپ تەشەببۇسكار بولالايدىغانلىقى توغرىسىدا ماكسىمال بىر تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، مۇزاكىرە رامكىسىنى بېكىتىشكە تىرىشىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ، ھەم ئىتتىپاقداشلارغا، ھەم رەقىبلەرگە بېرىلگەن بىر سىگنالدۇر. ئەزەربەيجانغا: «ئەگەر بىز بىلەن تولۇق ماسلاشسىڭىز، 907-ماددىغا ئوخشاش توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلايمىز ۋە سىزگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىمىز» دېگەن سىگنال بېرىلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىرانغا: «كاۋكازنى سىلەرگە تاشلاپ بەرمەيمىز ۋە رايوندىكى پائالىيىتىڭلارنى چەكلەش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشقا تەييارمىز» دېيىش ئارقىلىق، بىر توسۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلمەكتە. ئاخىرىدا، بۇ خىل تەكلىپلەر ئامېرىكا ئىچكى سىياسىتىدە خىتاي بىلەن كەسكىن رىقابەتلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە خىزمەت قىلىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، ئامېرىكانىڭ ئەزەربەيجان ئارقىلىق خىتاينى كاۋكازدىن چىقىرىۋېتىش سېنارىيەسى، ۋاشىنگتوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئارزۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر تەپەككۇر ئۇسۇلى، ئەمما رايونلۇق رېئاللىققا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر سىياسەت ئەمەس. ئەزەربەيجان، يەرشارىۋى كۈچلەرنىڭ كۈرىشىدە بىر پىيادە بولۇشتىن كۆرە، بۇ رىقابەتتىن ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدا ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان مۇستەقىل بىر ئاكتىيوردۇر. باكۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەقلى، بېيجىڭنى چەتكە قېقىشنىڭ ئورنىغا، ھەم ۋاشىنگتون، ھەم بېيجىڭ بىلەن ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيەسىنى ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىشىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. «ئوتتۇرا كارىدور» تۈرى بۇ تەڭپۇڭلۇق سىياسىتىنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالىدۇر، چۈنكى بۇ تۈر بىرلا ۋاقىتتا ھەم غەربنىڭ رۇسىيەگە بېقىنىشچانلىقىنى ئازايتىش نىشانىغا، ھەم خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىگە خىزمەت قىلىدۇ. ئاخىرىدا كاۋكاز، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىر تەرەپلىمە ئىرادىسىنى تاڭىدىغان بىر مەيدان بولۇشتىن چىقىپ، يەرلىك ئاكتىيورلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە ئاساسەن چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۇستىلىق بىلەن مانېۋر قىلىدىغان كۆپ قۇتۇپلۇق بىر شاھمات تاختىسىغا ئايلاندى. بۇ تاختىدا ئەزەربەيجان، ئويۇننىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك بىر ماھىردۇر.

 

مەنبە:

[1] Kamran Bokhari, “Azerbaijan Is the Next Front in the U.S.-China Rivalry,” New Lines Institute for Strategy and Policy, October 8, 2025.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*